قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7877|ئىنكاس: 108

توختى پوكان چاتما ھېكايىلىرى(شەيخىم)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 00:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xayhim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 01:47  

توختى پوكان
(بىرىنچى ھېكايە)
ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
مىنىڭ ئىسمىم توختى لېكىن كىشىلەر مىنى دائىم توختى پوكان دەپ ئاتىشىدۇ، «پوكان» دېگەن بۇ لەقەم دادامدىن ماڭا مىراس قالغان بولۇپ ئاڭلىشىمچە دادام رەھمىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدە كەنىت كادىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن، ئۇ يۇقىرىغا خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن كەنىتتىكى جاپاكەش دىھقانلارنىڭ يەيدىغان ئاشلىقىنى قىسىۋالغاچقا كىشىلەر ئۇنى«ھۇ تويمىغۇر قىزىل پاچاق! بارچە ئاشلىقنى پوكىنىڭغا بېسىپ ياتقۇچە ئۆلسەڭ بولمامدۇ؟!» دەپ كەينىدىن قارغىشىپ يۈرگەچكە شۇچاغلاردىن باشلاپ دادامنىڭ لەقىمى«پوكان» بولۇپ قالغان ئىكەن. ئۇ دەۋىرلەردە بارچە كىشىلەر دۆلەت داھىيىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى كىيىمىنىڭ سىرتىغا قاداپ ماڭسا دادام رەھمىتى مەيدە گۆشىنىڭ تېرىسىگە ئىككى-ئۈچنى قادىۋالىدىكەنمىش.
كېيىنچە دادام يەنە شۇ ئىزناكنىڭ يىڭنىسىنى مەيدە تېرىسىدىن ئۆتكۈزىمەن دەپ تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىپ زۇۋاندىن قاپتۇ، بۇ«زورئىنقىلاب»نىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ قىزىللىشىپ كەتكەن ئانام بولسا- بىلىكىگە قىزىل يەڭلىك تاقاپ يۇرت بايلىرىغا كولا كېيگۈزۈپ «باي-پومىشچىكلار ئۇرۇپ جازالايدىغان»ھەركەتكە باش بولۇپ قاتنىشىپ شۇ قېرى-چاللارنىڭ ساقىلىنى يۇلۇپ يۇرگەن چاغلىرى ئىكەن، ئانام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلىدىكى دۇمبا كالتىكىنى تاشلاپ دەرھال دادامنى دۇختۇرغا ئاپىرىپتۇ لېكىن دۇختۇر دادامنىڭ قاتما كېسەل بىلەن ئاغرىپ قالغانلىقىنى ، ساقىيىشتىن ئۈمىد يوقلىقىنى ئېيتىپ ئاخىرەت ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ كەنىتتىكى كىشىلەر دادامدەك بىر زومىگەردىن قۇتۇلغىنىدىن يىغا-زارقىلىشىپ ئۇنى ئوبدانلا يەرلىگىدە قۇيۇپتۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى مازارلىق قىلىنىدىغان يەرنىڭ توپىسى بەك يۇمشاق ئازراق كولىسىلا زەي سۇ چىقىدىغان يەربولغاچقا كىشىلەر مېيىتنى يەرنى كولاپلا كۈمىۋىتىدىكەندۇق، بۇ ئۇرانلىق كولاش دادامنىڭ مېيىتىغا كەلگەندە كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشىپ ئۆزلىگىدىن توپ-توپ بولۇشۇپ كەتمەن-گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە يەرلىكنى باشقىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭقۇركولاپ سۇ چىكەتكىنىگە قارىماي دادامنىڭ مېيىتىنى زەي سۇنىڭ تېخمۇ چوڭقۇرسىغا دەپنە قىلىۋەتكەن ئىكەن، كېيىن ئاڭلىسام دادامنىڭ يەرلىكىنى كولىغان ئۇ بىچارىلەر«رەھمىتى خىزمەتكە بەك ئامراق ئىدى يەنە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دەپ ياتقان يىرىدىن ئۆمىلەپ چېقىۋالمىسۇن شۇڭا چوڭقۇرراق كۆمۈۋېتەيلى!» دەپ شۇنداق قىلىشىپتۇ.
مەن سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى يېگىلى نان يوق ئەتىدىن-كەچكىچە قۇناق پاخىلىنى قاينىتىپ ئىچىپ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ شۇئارلىرىنى توۋلاپ يۈرۈيدىغان جاپاكەش «قىزىل يەڭلىك» ئاكتىپ ئانام ئۆپكە سىل كېسىلى سەۋەبلىك مىنى يالغۇزتاشلاپ قۇيۇپ دادامنىڭ يېنىغا شۇئار توۋلىغىلى كەتتى.
شۇنداق قىلىپ مەن كىچىكلا ئىگە-چاقىسىز قالدىم، ئاتا-ئانامنىڭ ئۇرۇغ-توققانلىرىمۇ ماڭا ئانچە قاراپ كەتمىدى، چۈنكى رەھمەتلىك دادام- ئانام ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈمگەئىشەنمەي بۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا ئىشىنىپ كەتكەچكە ئۇلارغىمۇ بوش ئەسكىلىك قىلماپتىكەن.

مەن شۇنداق قىلىپ يىغلاپ-قاقشاپ، يېقىلىپ –قوپۇپ كىشىلەرنىڭ ئېھسان-سەدىقىسىدە چوڭ بولدۇم.
ھازىر يېشىم بىر يەرگە بېرىپ تەڭتۇشلىرىم پۈتۈنلەي ئۆي-ئۇچاقلىق بولۇپ بولدى، ئۆيۈمدە ئاتا-ئانامدىن قالغان بىر پارچە كىگىزدىن بىلەك ھېچنىمەم يوق، مەھەللىدىكى ئەپكەش كۈتۈرۈپ ماڭغان قىزلارنى كۆرسەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كۆل بويىغىچە بىللە بارىمەن، ئۇلار مىنى بوزەك قىلىشىپ كۆلدىن سۇ ئالغىلى سېلىشىدۇ، مەنمۇكىيىم-كىچىكىمنىڭ ھۆل بولۇپ چېلەك-چېلەك سۇنى ئۇسۇش بەدىلىگە ئۇلارنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ كۆزۈمنى ھېيتلىتىۋالىمەن، ئۇلار مەندەك توختى پوكاننى ياراتمىسا كېرەك ماڭا سۇنى ئالدۇرۇپ بولۇشۇپلا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ مىنى يەپ كىتىدىغاندەك ماڭا ئالىيىپ قارىشاتتى...
لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھەللىمىزدىكى مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ قىزى پاتمىخان ماڭا ئۇنداق سۇغۇق كۈزى بىلەن قارىمايتتى، بىز بۇرۇندىن بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان،كىچىكلىكىمىزدە بالىلار بىلەن تايتاڭلاپ يۈرۈپ ئوينايدىغان «مېھماندارچىلىق»ئويۇنىدا بالىلار ھە دىسە ئىككىمىزنىڭ تۇيىنى قىلىپ قۇياتتى، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان كوكاتلىق ئېرىق بويلىرىدا ياكى خالى پىنھان يەرلەردىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىدا ھەممىمىز قول-قولچە ئۆي سالاتتۇق، ئىگىزلىكى بىر غېرىچ كەلمەيدىغان تۇپا تاملىق ئۆيلىرىمىزنىڭ ئايۋان-سارايلىرى، مىھمانخانلىرى ھەتتا ئايرىم ياتىدىغان ھۇجرىلىرىمۇ بار ئىدى، مىنىڭ ياسىغان ئۆيۈم ھەر قېتىم باشقا بالىلارنىڭكىدىن چوڭ چىقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئارىمىزدىكى ئەڭ چىرايلىق،كىيىنىشى ئەڭ ياخشى بولغان مەزىننىڭ كىچىك قىزى پاتمىخاننى ماڭا تويلاپ بىرەتتى.
ئىككىمىز پاتمىخاننىڭ ياسىغان ئۆيىدىكى ئايۋاندا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بالىلاردىن بىرسى ئالدىراپ نىكاھ ئوقۇيتتى:«ئاسماندىن ئاسا چۈشتى، تۈڭلۈكتىن پاسارچۈشتى، توختەكنىڭ كۆڭلىگە پاتمىخان راسا چۈشتى...» شۇنداق قىلىپ بالىلار كۈلۈشۈپ ئىككىمىزنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىپ قۇياتتى، بىز ئۆجمە يۇپۇرمىقىنىڭ ئۈسىتىگە كوكاتنى ياكى ھەرخىل يوپۇرماقلارنى توغراپ ئاش قىلىپ ھەر بىر بالىنىڭ ئالدىغا بىرقاچىدىن ئەكېلەتتۇق، بالىلار ئالدىدىكى ئاشنى يېگەن بولۇپ ئېغىزلىرىنى ماكچايتىشىپ يوپۇرماق ئۈستىدىكى توغرالغان غىزالارنى كەينىگە چۆرۈپ تاشلىۋېتەتتى، ئارقىدىن دۇئا ياندۇراتتى، ئاندىن ئارىمىزدىن بىر بالا يۈگۈرۈپ بېرىپ بىر تال ئاپتاپپەرەسنىڭ چوڭراق گۈلىدىن بىرنى ئۈزۈپ ئۇنى چوڭراق بىر تاياققا سانچىپ ھۇجرا ئۆيىمىزنىڭ يېنىغا تىكلەپ قۇياتتى-دە « ئەمدى كېچە بولدى، ئاي چىقتى، ئەمدى ھۇجراڭلارغا كىرىڭلار!» دەپ ھېلىقى ئاپتاپپەرەسنى كۆرسىتەتتى، بىزمۇ ئاپتاپپەرەسنى تولۇن ئاي چىقتى دەپ بىلىپ ھۇجرىمىزغا كىرىپ شۇ يەردە يانمۇ-يان بولۇشۇپ ئۇخلىغان بولۇپ ياتاتتۇق...
مانا ئەمدى چوڭ بولدۇق، ۋاقىتنىڭ سۇدەك ئۆتۈشى ئىككىمىزدە ئاسمان-زېمىن پەرقلەرنى پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ مەزىن دادىسى يىراق-يېقىنغا نامى پۇر كەتكەن ھاجىمغا ئايلىنىپ ھەرەمدىن ئەكەلگەن كونا كىيىم-كىچەكلەرنى سېتىپ تېخىمۇ بېيىپ كەتتى، ئۇلار كۈنلىكى لەڭمەن يىگەنچىلىك قىلىدۇ مەن بولسام بىرە تال نانغا زار يۈرىمەن...ئەمەلىيەتتە پاتمىخاننىڭ ماڭا كۆڭلى بولسىمۇ مىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق نامراتلىقىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغدەك تۇرسۇق پەيدا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىمغا پۇتلىكاشاڭ بۇلاتتى ماڭا نىسبەتەن بۇ بىرھىساپتا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەندەكلا بىر ئىش ئىدى.
بىر كۈنى مەھەللە مەسچىتمىزدىكى باغرى يۇمشاق خاتىبنىڭ مىنىڭ يىتىملىقىمغا ئىچى ئاغرىپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قوشنا كەنتىمىزدىكى بىر ساھىلنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرمەكچى بولدى، باشتا «مەن تېخى تىلەمچىنىڭ قىزىنى ئالامدىمەن؟» دەپ ئۇنىڭ پىكىرىنى رەت قىلدىم. چۈنكى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى يۇرتتا نامى بار كەسپى تىلەمچىلەردىن بولۇپ چوڭىدىن كىچىككىچە يۇرت ئاتلاپ كوچىمۇ-كۇچا ھابداللىق قىلاتتى.
كېيىن خاتىپ ئاچچىقلىنىپ «ھوي ئۇكام، كەپتىرى يوقنىڭ پەغىزى چوڭ، تاماكىسى يوقنىڭ قەغىزى چوڭ دىگەندەك ئىشنى قىلماي ئالدى بىلەن ئۇ قىزنى كۆرۈپ باقمامسەن؟!» دەپ مىنى زورلىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇ ھابدالنىڭ قىزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم، دىگەندەك تىلەمچىنىڭ ئۇ قىزى راستىنلا چىرايلىق نىمىكەن، بىر كۈرۈپلا پاتمىخاننى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا قىززىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەپراق چوڭ بولغان شۇڭا خاتىپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدىمىزدىكى چارشەنبە ئۇلارنىڭ ئۈيىگە بېرىپ چوڭلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم.
چارشەنبىمۇ يىتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئۈيىگە يالغۇز باردىم، ئۇلار مىنى ئايۋانغا باشلىدى، توۋۋا دەيمەن ئۇلارنىڭ ئۆيى تىلەمچىنىڭ ئۈيىگە زادى ئوخشىمايتتى،مەھەللىمىزدىكى كەنتە مۇدىرىنىڭ ئۆيىمۇ بۇنچە ھەشەمەتلىك ئەمەس ئىدى، مەن خاتىپنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە ئالدى بىلەن دۇئا قىلىپ ئۇلاردىن تىنچلىق سورىدىم، ماڭا قىيىن ئاتا بولغۇچى نەشە چېكىدىغان بەڭگى بولسا كېرەك ئادەمنىڭ تەرىگىمۇ قارىمايدىغان مۇز چىراي كىشى ئىدى.
ئاغىزىم چايغا بارماستا ئۇ كىشى مەندىن ھاكاۋۇرلۇق بىلەن گەپ سوراشقا باشلىدى:
-بىرە ھۆنىرىڭىز بارمۇ؟
مەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمىدىم، چۈنكى مەن كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى بىلمەيتتىم.
-ھازىرچە... بىرە ھۈنىرىم يوق!- دىدىم كېكەچلەپ.
-قانچىلىك يىرىڭىز بار؟-دەپ ۋەزنىلىك سورىدى ئۇ كىشى قاپىقىنى چىڭ تۈرۈپ.
-مىنىڭ...مىنىڭ تېرىيدىغان يىرىم يوق، مەن ...
-قوي-ۋارانلىرىڭىز باردۇ؟
-قويۇممۇ يوق...شۇ...شۇ...
ئىچىمدە «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ بولدى مانا! خۇتۇننىمۇ ئېلىپ بولدۇم !» دەپ ئويلىدىم، كىم بىلسۇن قېرى بەڭگىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ ئالدىمغا يېقىنراق سۈرۈلۈپ ئولتۇردى-دە بايامقى سوئال-سورىقىنى خۇلاسىلىدى:
- كۆرۈپ تۇرۇپسىز بالام ! قىزىم گۈلدەكلا چوڭ بولدى،-دەپ گېلىنى قىرىپ سۆز باشلىدى ئۇ كىشى ئالدىرماي،- ئۆيۈمگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ ماڭا يارىمىدى، مەن قىزىمنى ئۆز كەسپىمدىكى كىشىگە ياتلىق قىلىشىم كېرەك، دېھقان ياكى ھۈنەرۋەن دىگەندەك بىرنېمىلەرگە ئەزەلدىن خۇشۇم يوق، ئۇلارغا بىرىدىغان قىزىم يوق مىنىڭ!
مەن بۇگەپنى دە ماللا چۈشىنەلمەي ماڭا ياپتا گەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇ كىشىدىن سورىماقچى بولدۇم:
- سىلى دېمەكچى...
- شۇنداق ، ئۇلارغا قىزىمنى بەرسەم ئۇلار بۇ بىچارە قىزىمنى ئەتىدىن-كەچكىچە ئېتىزلىققا باغلاپ ئۆلگىدەك ئىشقا سالىدۇ، تاماقنىڭ ئورنىغا دەشنەم، ئىگىننىڭ ئورنىغا تاياق بىرىدۇ، ئۇنى خارلاپ ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، مەن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇ باغرى تاش ئەبلەخلەرگە قىزىمنى بەرمەيمەن!
مەن گاڭگىراپ نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، دېمەك بۇ قېرى كۇسپۇرۇچ مىنى ئۆز كەسپىگە ۋارىسلىق قىلدۇرماقچى ئىدى، شۇ چاغدا مەن ئالماقچى بولغان قىز تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرغان ئىككى تال ئۆرمە چېچىنى ئوينىغىنىچە بىز ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ دادىسىنىڭ قۇلىقىغا بىرنىمىلەرنى كۇسۇرلىدى، ئۆتكەن قېتىم بۇ قىزنىڭ بەدىنىگە ئوبدان زەن سېلىپ قارىمىدىممۇ تاڭ، بۇ قېتىم كاساپەتنىڭ تولغان مەيدىسى كۈزۈمگە چېلىقىپلا تۇرىۋالدى، شۇ تاپتا بېشىمدىكى قۇتۇر شەپكىنى ئۇنىڭ تاختايغا قېقىلغان مىختەك كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئەشۇ بىر جۇپ ئالمىسىغا ئىلىپ قويسام قارا بوران چىقسىمۇ شەپكەمنى ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيتتى...
شۇ چاغدا ئالدىمدىكى بۇ قېرى چال تۇيۇقسىز«كەلدىما ئۇ راھەندى جوھۇت!» دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئولتۇرغان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. مەنمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ھويلىغا چىقىپ قالدىم، تال باراڭلىق ھويلىدا مەن دىمەتلىك بىر يىگىت قۇلىنى قۇۋۇشتۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن يەرگە قاراپ تۇراتتى.ئاڭغىچە مىنى سۇراققا تارتىپ قانمىغان بۇ قېرى تىلەمچى دىۋەيلەپ بېرىپ ئۇيىگىتنىمۇ سۇراققا تارتىشقا باشلىدى:
- قىزىمنى ئۇرغىنىڭ راسىتما؟
- مەن...مەن...
يىگىت بېشىنى ئۈستۈن كۆتۈرەلمەي دۇدۇقلايتتى.
- قىزىم يامانلاپ كەلسە، ئېلىپ كەتكىلى كەلگىنىڭ راستما؟
- شۇنداق تۈنۈگۈن كەلگەن...
- تۈنۈگۈن مەن ئۆيدە يوق، ماڭا ساقلاپ بۇ ئۆيدە قۇنۇپ قالغىنىڭ راستما؟
قېرى بارغانسېرى ئەۋزەيلەپ كېتىۋاتاتتى.مەن يىگىتنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىڭ بۇتىلەمچىنىڭ ئائىلىسىگە كونا كىيئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھەيرانلا قالدىم، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا-بالىلىق ئەمەس بەلكى ساقچى بىلەن يانچۇقچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.
- شۇنداق دادا...ئاخشام ئانام سىلىنى كەلسۇن دېدى، سىلىگە ساقلاپ كەچ بولۇپ كېتىپ قۇنۇپ قالغان...
كىيئوغۇل ھەممىگە ئىقرا بولدى ئەسلىدە بۇ يىگىت ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا يامانلاپ كەتكەن ئايالىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئۈيىگە كەلگەن ئىكەن، قىيىن ئانىسىنىڭ«دادىڭىز قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ سەمىگە بىر سېلىۋېتىپ قېتىپ قۇياي بالام!»دىگىنىگە ئاساسەن بۇ يىگىت قىيىن ئاتىسىنىڭ كىلىشىگە ساقلاپ كەچكە قالغاچقا مۇشۇئۆيدە قۇنۇپ قالغان ئىكەن، كېچىسى بۇ ياش-ئەر-خوتۇنلار بىلىپ-بىلمەي بىر-بىرسىگە«كۆڭۈل چېيى» سۇنۇشۇپ قېلىپ ئەتىسى قازناق ئۆيگە كىرىپ غۇسلى-تاھارەت قىلىشقا مەجبۇرى بولۇپ قاپتۇ، ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئۈيىگە قايتىپ كەلگەن قىيىن ئاتا قازىناق ئۈيىگە كىرىپ قارىسا يەر غىچ ھۆل تۇرغىدەك، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلسا خۇتۇنى بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ قىزىنى بۈگۈن سەھەردە كىيئوغلىغا قېتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، تەرسا بەڭگىنىڭ كۆڭلى بەك ئىنچىكە ئىكەن ئۇ قازناقتىكى ھۆلچىلىكنى ئۈز غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولغانلىقى دەپ بىلىپ «خەپ!» دىگىنىچە كىيئوغلىنى چاقىرتىپ بۇ ئىشتىن ھېساب ئالماقچى بولغان ئىكەن.
بۇ يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىسىغا«مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب»نىڭ خوش-خەۋىرىنى يەتكۈزگىلى ئۇدۇنياغا ئالدىراپ كەتكەنلەردىن بولسا كىرەك ئۇنىڭ ھازىرقى تەققى-تۇرقىدىن ئۇنىڭ ماڭا ئوخشاش قارا يېتىملىكى چىقىپ تۇراتتى.
بىچارىنىڭ قورققىنىدىن ئېغىزىدىكى گەپ ئاران –ئاران چىقىۋاتاتتى، قېرى بەڭگى تېخىمۇ ئالچاڭلاپ سوئال-سوراقنى كۈچەيتتى:
- سەن ئەتتىگەندە نومۇس قىلماي مىنىڭ قازىنىقامدا غۇسلى-تاھارەت ئېلىپسەن، بۇراستما؟
- مەن...مەن...شۇ
- ۋۇ ئىتنىڭ بالىسى، قىزىمنى بولدى دىگۈچە ئۇرۇپسەن گەپ قىلمىسام تېخى ئۆيۈمگەكىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكۈدەك بولدۇڭما؟! كىمىڭنى كۆزۈڭگە ئىلمايسەن قېرى ھابدال!
ئالجىغان قېرى ھاينى-ھۇيت دىگۈچە كىيئوغلنىڭ چاتىرىقىغا ئىككىنى تىزلاپ ئۇنى يەرگە پۈكلەپ قويدى-دە قۇيۇندەك پىقىراپ بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئاغىزىنى شاتۇت يىگەندەك قانغا بويىۋەتتى، يا رەببىھ ! كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىگە ئىشىنەلمەي ھاڭ-تاڭ قالدىم...
ساراڭ قېرى يەنە كىيئوغلىنىڭ ئاچ بېقىنىغا مۇشتىكى بىلەن تازا كىلىشتۈرۈپ بىرقانچىنى سېلىۋىدى ئۇ شۇئان يەرگە يېقىلدى، ئەمدىلىكتە ئۇنى ئاستىغا بېسىپ پومىداقلاپ قۇناق سوققاندەك سۇقۇشقا باشلىدى، بۇ قېرى چال يەرگە چاپلىشىپ قالغان كىيئوغلىنى نېمە قىلدىكىن تاڭ، يىگىتنىڭ قانجۇق ئىتتەك چىرقىرىغان ئاۋازى تال باراڭلىق ھويلىنى بىر ئالدى...
- ھاي خوتۇن تىز بول، ئاۋۇ كاشكاتنى ئەكەل، بۇ گەدەنكەشنىڭ مۇشۇنداق ھارامزادە قىلدۇرغان نىمىسىنى كىسىپ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويمىسام خەپ!،- دەپ ۋاقىرىدى قېرى بەڭگىئاشخانىدىكى خۇتۇنىغا قاراپ.
ئۇ خوتۇنمۇ تۇشقان بىر ساراڭكەن، بىردەمدىلا بىرتال مۈڭگۈز دەستىلىك قاڭىراق پىچاقنى كۈتۈرۈپ ئېرىگە سۇندى، ئاھ خۇدا بۇ نېمە ئىش، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ قورققىنىمدىن لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدىم، ئىككى قۇلۇم ئىختىيارسىز چاترىقىمغا كىلىپ توختاپ قالدى چۈنكى مىنى سۈننەت قىلغاندىكى ئاغرىق ئازابى ھېلىمۇ ئىسىمدە بارئىدى...
«نېمىلا بولمىسۇن بۇ سۈننەت تويغا مەن قاتناشماي، ئۆزەمنى دالدىغا ئالمىسام بولمىدى! ئەڭ ياخشىسى بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ئۇۋىسىدىن قاچاي!» مەن شۇلارنى ئويلاپ چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە ھويلىدىن ئۆزەمنى سىرىتقا تاشلىدىم، شۇ قاچقىنىمچە ئۆيۈمگە بېرىپ ساق بىركېچە-بىر كۈندۈز تالا-تۈزگە چىقمىدىم.
تىلەمچىنىڭ ئۆيىدىكى ئەشۇ ۋەقەدىن بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدىم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن خاتىپنىڭ ئۆيۈم تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ «يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ» دىگەندەك يەنە ئىختىيارسىز چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە قوشنىمىزنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ يىراق يېزىدىكى بىر توققۇنۇمنىڭ ئۈيىگە قېچىپ كەتتىم.
*     *     *    *     *     *    *     *     *    *
شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتتى، مەن يەنە بۇرۇنقىدەك كىشىلەرنىڭ يۈگرى-يىتىم ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىپ كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم، شۇ ئارلىقتا ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخانغىمۇ شەھەردىكى بىرسىنىڭ چېيى ئىچىرىلدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەنت مۇدىرى ئاتايىن مىنى ئىزدەپ كىلىپ بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى:
- ھاي توختى پوكان، قاچانغىچە بويتاق يۈرىسەن، خوتۇن ئالغۇڭ يوقمۇ؟
- يوقمىدىكى، ئۆيۈمدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنىمەم بولمىسا ماڭا كىم تېگەتتى مۇدىر ئاكا؟- دىدىم قاپىقىمنى سۈزۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا.
- بۇنىڭدىن غەم قىلما، مەن ئامالىنى قىلىپ قويدۇم، گىپىمنى ئاڭلامسەن؟-دېدى كەنتە مۇدىرى شاپ بۇرۇتىنى لىكىلدىتىپ.
مەن ئىشەنمىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدىم:
- قۇرۇق گىپىڭنى قويغىنە ئاكا!
- ھا...ي! ، مەن قۇرۇق گەپ قىلمىدىم، دىگىنە گىپىمنى ئاڭلامسەن؟
ئۇنىڭ سۆزى راستتەك قىلاتتى.
-ئاڭلاي! – دىدىم ئاغزىم قۇلىقىمغا يىتىپ.
- ئەمىسە مۇنداق گەپ، سېكرىتارنىڭ كىچىك قىزىنى ساڭا ئېلىپ بەرسەم قانداق دەيسەن؟ چىقىمنىڭ ھەممىنى كەنتە كۆتىرىدۇ!
بۇگەپنى ئاڭلاپ قۇيقا چېچىم تىك تۇردى.
- ۋاي ئەشۇ پەلىپەتىشنىما؟ ئەتىدىن كەچكىچە ئادەمگە ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدىغان ئەشۇ گۆش تاغىرى دەلتىنى!
- ھاي ئۇكام، سېكرىتار دېگەن مۇشۇ كەنىتنىڭ ئاتىسى ھەم خانى! ئۇنىڭغا كىيئوغۇل بۇلىۋالغىنىڭ سىنىڭ بەختىڭ، بىر ئۆمۈر ئىشلىمەي ئوڭدا يېتىپ يەيسەن ئەمەسمۇ؟!، – دېدى ئەترەت باشلىقى بىلىكىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، - سېكرىتارنىڭ قىزى ئايشىخانمۇ ئۇنچە ساراڭلاردىن ئەمەس، پەقەت كىچىكلىكىدە كېسەلدىن ساقايغاندا شۇنداق بولۇپ قاپتىكەن، سىنىڭ ھۆددەڭدىن تولۇق چىقالايدۇ، بولمىسا ئويلاپ باققىنە، بۇ يۇرتتا سەندەك قوڭالتاق ئاقلاندىغا كىم قىزىنى بىرىدۇ؟
مەن ئويلىنىپ قالدىم، دىمىسىمۇ ئۇنىڭ سۆزى راستتەك قىلاتتى، مەن كۆيگەن ھەم ماڭا ئوڭ كۈزى بىلەن قارايدىغان پاتمىخاننى ھاجىم دادىسى ئەزبىرايى خۇدا ماڭا بەرمىسە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار مەندەك يالاڭتۆش توختى پوكاننى تېخى ياراتمىسا؟
ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم.
- شۇنداق قىلساق بولارمۇ ئاكا؟
- ۋاي خاتىرجەم بولە توختى پوكان، ھەممە ئىشىڭنى ئۆزەم جۆندەيمەن!
شۇنداق قىلىپ مەھەللىدىكى چوڭلار بىر ئايغا قالمايلا سېكرىتارنىڭ دەلتە قىزى ئايشىخاننى ماڭا ھەقلەپ نىكاھلاپ قويدى، سېكرىتار دادامنىڭ ھىممىتىدە چاشقانلار تولا مەشرەپ ئويناپ تاملىرى ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن كونا ئۈيۈمدىنمۇ خوشلىشىپ ئوبدانلا جابدۇلغان يېڭى بىر ئۆيگە كۆچۈۋالدىم.
لېكىن ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، بۇرۇن كۈندۈزى ئاز-تولا ئۇخلايتتىم، زېرىكسەم ئىت تالاشتۇرۇدىغان، خورازسۇقۇشتۇرىدىغان يەرلەرگە بېرىپ زېرىكىمنى چىقىراتتىم ئەمما قېيىن ئاتام بولغان سېكرىتار ئوغرى ماڭا بىردەم ئارام بەرمەيتتى،قوي كالىلىرىغا سېسىق ساماننى تاسقاپ بۇلالماي كارنىيىم تۇرخۇن بولۇپ كەتتى، ئېتىزلىقتىن كىلەلمەيتتىم، سۇ توشۇيتتىم،ئىشقىلىپ جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرىغا سالاتتى، ئويلاپ باقسام ئۇلار مىنى كىيئوغۇل ئەمەس مەدىكار قاتارىدا كۆرىۋاتقان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوي-بەستى مەندىن قاۋۇل كەلگەن خۇتۇنۇم ئايشىخاننىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ كىلەڭسىز سېمىزلەردىن ئىدى،ئىككىمىز بىر جايدا ياتىدىغان بولساق مەن ئۇنىڭ يېنىدا خۇددى شىرنىڭ يېنىدىكى توشقاندەك ياكى ۋاسكىتبول توپىغا چاپلىشىپ قالغان بىر تال مۇناقا ئۈزۈمدەك بولۇپ قالاتتىم.
بۇ بىناماز خۇتۇننىڭ ئەقلى ئانچە تەرەققى قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىككى قولتۇقى خۇددى كونا لاتا خەيدەك پۇرايتتى، يەنە بىرقولتۇقىدىن بولسا بەئەينى ئېچىپ قالغان گۆشنىڭ پۇرىقىدەك بىر خىل سېسىق پۇراق كىلەتتى، مەن توي قىلغىلى ئىككى ئاي بۇلاي دېدى، ئادەم ئىش قىلغانغىمۇ بىرنىمە بولمايدىكەن، ئاچ قالغانغىمۇ بىرنىمە بولمايدىكەن لېكىن ئەڭ يامىنى ئەشۇ ئايشىخاندىن كېلىدىغان پۇراق بولدى، توي قىلغىنىمدىن بىرى بۇ سېسىقچىلىقتا بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىپ توختىمىدى،ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقى يالغۇزلىقىمغا قايتمىسام مىنىڭ بۇ بۇرنۇم ئېقىپ كېتىپ يۈزۈمگە قۇشقاچ ئۇۋا قۇيىدىغان بىر كامار ئېچىلىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ قالدى.
بىر كۈنى قوتاندا قىغ چىقىرىۋاتسام قېيىن ئانام يۈگرەپ كىلىپ «تىز بۇلۇڭ، ئايشىخاننى دوختۇرغا ئاپىرايلى!» دەپ ئالدىمدا يۈگۈرۈپ ماڭدى.بىز ئالدىراپ يېزىلىق دوختۇرخانىغا چىقتۇق.
دۇختۇر ۋايجانلاپ ياتقان خوتۇنۇمنى تەكشۈرۈپ«ھەي!قورسىقىدىكى بالىغا تۆت ئايلىق بوپتىكەن، بالا قۇرسىقىدا ئۆلۈپ قاپتۇ!» دېدى.
بېشىمدىن بىر چېلەك سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم:
- نېمە دىدىڭىز؟ تۆت ئايلىق بولۇپتىكەنما؟،- دىدىم بۇ گەپتىن ھەيران بولۇپ.
- شۇنداق ، بالىڭىزغا تۆت ئايلىق بوپتىكەن!
ئەمەلىيەتتە مەن ئايشىخاننى ئالغىلى تېخى ئىككى ئاي بولغان ئىدى.شۇڭا غەزەپ بىلەن قېيىنئانام بولغان خۇتۇنغا ئالايدىم، بۇ خوتۇن ماڭا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمىدى، ئىچىمدە خەپ دىدىم.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئايشىخان دوختۇرخانىدىن چىققان ئاخشىمى ئۇنىڭدىن ھېلىقى گەپنى كۇچىلىدىم:
-ھاي خوتۇن! بىر گەپنى سورسام راستىنى ئېيتامسىلەر؟
- ئېيتاي!
- دۇختۇر قورسىقىڭدىكى بالىغا تۆت ئايلىق بولۇپتىكەن دەيدۇ، سىلە مەندىن بۇرۇن بىرەسى بىلەن ھېلىقىدەك ئىشنى قىلغانما؟
- قىلغان!
مەن ئۇنىڭ ئۇدۇل بەرگەن جاۋابىدىن تېخىمۇ غەزەپلەندىم.
-كىم بىلەن ياتقان جېنىم خوتۇن؟- دەپ ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم.
-كىم بىلەن بۇلاتتى، كەنتە مۇدىرى بىلەن شۇ!
«كەنتە مۇدىرى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ بېشىم بىر پىرقىرىدى.
- ئەسلىدە ئىش مۇنداقكەندە، قانچە قېتىم ؟
-قانچە قېتىملىقىنى ساناپ بولالمايمەن، ئىشقىلىپ بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە ياكى باشقا يەردە مېھماندارچىلىق بولغاندا ئۇلار ھاراقنى بولدى دىگۈچە ئىچىشەتتى، دادام مەس بولۇپ قالسا بىر ئامال قىلىپ كەنتە مۇدىرىنىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا كىتەتتى، كەنتە مۇدىرى بولسا مەسلىكىدە دائىم دەرىزەمدىن ئارتىلىپ كىرەتتى....!
مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە غەزەپتىن مۇشتىكىم تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى.
-ئۆيدە ئاناڭ يوقمىدى؟
-ئانام بۇنداق چاغدا تۇداخۇن تازنىڭ قېشىدا تۇرسا...
- قايسى تۇداخۇن؟
-كەنتە كومتىتنىڭ دەرۋازىسىنى باقىدىغان ھېلىقى گاچىچۇ؟
-كاللىسىدىن چىۋىن ئۇچۇپ كىتەلمەيدىغان ھېلىقى تۇداخۇن تازما؟
- ھەئە!
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېلىشتى«توۋۋا خۇدايىم ماۋۇ مەلئۇنلارنى، نېمانداق ھەپتىدە ئىككى –ئۈچ قېتىم ھاراق ئىچىشىپ يۈرىدىكىن دىسەم ئىش مۇنداقكەندە، خۇدا ئۇرغان بۇ چاھار پايلار ئەسلىدە مىنى ھۆل قىشقا دەسسىتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟»
مەن ئۇزاقتىن –ئۇزاق خىيال قىلىپ كەتتىم « قانداق قىلىش كېرەك؟زادى قانداق قىلىش كېرەك؟» ئاخىرى بىرقارارغا كەلدىم «توختا ھەرقايسىڭ تېخى توختى پوكاننىڭ قانداقلىقىنى بىلىشمەپسەن!» مەن شۇلارنى ئويلاپ ئۇنى تالاق قىلىش پەيلىدىن يېنىپ ئايشىخاننىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ قارىدىم، ئايشىخان بىخىرامان ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇراتتى، چىراغ يۇرىقىدا ئۇنىڭ سۇندۇك تۇخۇمىدەك كىچىك يۈزى خۇددى لېگەننىڭ يۈزىدەك چوڭ، كاللىسى ئۈنئالغۇدەك تۆت چاسا، ئېغىزىدىكى چىشلىرى دانە-دانە جىگدىدەك قىزىل كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
«ئېھتىمال بۇ خوتۇن كىچىك چېغىدا سۇپۇن يەۋالغان بولسا كېرەك بولمىسا چىشلىرى بۇنداق قارا داغ بولۇپ كەتمەس ئىدى»، «توۋۋا نېمىشقا ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ چىشىغا بىرقاراپ ئالمىغاندىمەن»،«توغرا، مال بازىرىدا چارۋىلارنىڭ ئاغىزىنى يىرىپ چىشىنى ساناپ ئالغان بىلەن خۇتۇن دىگەننىڭ ئېغىزىنى يىرىپ ئالغىلى بولمايدۇ-دە!»،«لېكىن كەنتە مۇدىرى دېگەن ،كىشى ھەققىدىن قورقمايدىغان بۇ لەنىتى مىنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا كۆرۈپ چىشىمنى سانىمايلا سودامنى پۈتتۈرۈپتىكەن ئەمەسمۇ!»
شۇنداق قىلىپ ھەپتىنى چىداپ ئۆتكۈزدۈم، قېيىن ئاتامنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى كەنتە كومتىتىنىڭ براك قىلىنغان كونا تىراكتۇرنىڭ پۇلغا يارايدىغانلىكى تۆمۈر-تەستەكلىرىنى بىر ئامال قىلىپ سېتىپ يانچۇقۇمنى بىر ئاز توملىدىم-دە ماڭا بۇ ئىسسىق پوقنى يىگۈزگەن كەنتە مۇدىرىنىڭ تالالىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان تۇمۇچۇقتەك بىر قىزىنى پەملەپ ئۇنىڭ ئۈيىگە تولا قاترايدىغان بولدۇم، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بىر «پوكانباي» ئىدىم، كەنتە مۇدىرىنىڭ ياشتا مەندىن كىچىك بۇ قىزىمۇ خېلى تور تارتىپ پىشىپ يىتىلىپ قالغان بولغاچقا بارغانسېرى ماڭا يەر تۈۋىدىن ھىجىيىپ قارايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ«تۇمۇچۇق» مەھەللە سېكرېتارىغا يەنى مىنىڭ قېيىن ئاتامنىڭ ئۈيىگە پات ئارىدا كىلىن بولۇپ باراتتى.مەن بىر ھىساپتا بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سۇقۇپ بۇ ئىككى ئوغرىدىن ئۆچ ئالغان بۇلاتتىم.
بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا كەنتە مۇدىرىنىڭ ئۆيىدىكى چوڭلارنىڭ بازارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈيىگە باردىم، دىگەندەك ئۆيدە چوڭلار يوق ئىكەن، مەن پۈرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ يېنىمدا ساقلاپ يۈرگەن كۈمۈش ئۈزۈكنى «تۇمۇچۇق»قا ئاستا سۇندۇم، ئۇ كۈلگىنىچە ھويلىدىكى ئىنىسىنىڭ بۇ سوۋغىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى دەرھال يانچۇقىغا سالدى، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى ئاستا تۇتتۇم، ئۇ قۇلىنى ئېلىپ قاچتى، ئۇنىڭ بىر كۈزى سىرتتىكى ئىنىسىدا ئىدى، مەن ھاياسىزلىق بىلەن«تۇمۇچۇق»نىڭ كەينىدىن كىلىپ ئۇنى بوش قۇچاقلىۋالدىم، قارىسام ئۇ جىددىلىشىپ بىرئاز ھاسىراشقا باشلىدى، دېمەك مىنىڭ بۇ قوپاللىقىم ئۇنىڭغا خوش يېقىپ قىلىۋاتاتتى.
-بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلىمۇ؟ ساڭا ئېلىپ قويغان يەنە بىرسوۋغىتىم بار ئىدى!،- دىدىم ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ.
- قانداق بۇلار توختەك!،- دېدى «تۇمۇچۇق» ئارىسالدى بولۇپ.
- بارغىن، ئۇنى مەن ساڭا ئاتاپ ئالغان.
-ھازىر بارامدىم؟ مەن قورقىمەن!
-قورقمىغىن، بىر تال مويۇڭغا تەگمەيمەن!
- ئەمىسە گىپىڭىز گەپ.
- مەن بېرىپ ئاۋۇ ساراڭ خوتۇننى چوڭ ئۆيىگە تاشلاپ قۇيۇپ ئۆگزىدىن ساڭا شەرەت قىلاي، سەن دەرھال ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى ئېتىزلىقتىن كىرگىن!
- ماقۇل ئەمىسە.
مەن خوشلۇقتا يۈگۈرگىنىمچە ئۆيدە ئۇخلاپ ياتقان ئايشىخاننى ئويغىتىپ ئۇنى يوق باھانىلەر بىلەن چوڭ ئۈيىگە ئېلىپ باردىم-دە ئۇچقاندەك ئۆيۈمگە بېرىپ ئۆگزىگە ياماشتىم...
«تۇمۇچۇق»مۇ مىنىڭ ئۆيۈمگە ئارقا ئېتىزلىقتىن كىرىپ كەلدى، ئۇنى ھوجرىغا باشلاپ قۇلۇمدىكى تۈگۈنچەكلەنگەن پۇلنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ئۇنى يەنە ئابىيامقىدىن بەكراق چىڭ قۇچاقلىۋالدىم...
-سوۋغىتىڭىز مۇشۇمىدى؟،-دېدى ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك خىجىل بولۇپ.
- شۇنداق، بۇلارنى مەن ساڭا يېغىپ ساقلىغان، ئۆزۈڭ بىلىپ بىر نېمە ئالغىن!،-دىدىم ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ.
ئاڭغىچە مىنىڭ قۇلۇم ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى ئۈستىدە سىيرىلىشقا باشلىدى، مۇشۇ تاپتا «تۇمۇچۇق» مۇ مىنىڭ ھەرىكەتلىرىمنى بارغانسېرى ياقتۇرۋاتاتتى.شۇ چاغدا ئۇ ئېغىزىنى قۇلىقىمغا يېقىپ تۇرۇپ بىر گەپنى يۇمشاق قىلىپ ئېيتتى:
- توختى، مەن قىز!
- بۇنى بىلىمەن!
- ئىككىمىز بۇرۇن ئاخۇنۇمدا بىرگە ئۇقۇغان، سەن ماڭا ساۋاق بېرەتتىڭ ...
-شۇنداق، ئىسىمدە بار،-دىدىم مەنمۇ ئېغىزىمنى ئۇنىڭ لىۋىگە چىڭ يېقىپ تۇرۇپ .
-بىز بۇنداق قىلساق قانداق بولار، سەن ماڭا خەلپەت ئىدىڭ، بىز دەۋزەخى بولۇپ كېتەرمىزمىكىن؟
«خەلپەت» ۋە «دەۋزەخى» دېگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەركەتتىكى قۇلۇم توختاپ جىددىلەشكەن بەدىنىم بىر ئاز بۇشىشىشقا باشلىدى.
«توۋۋا خۇدايىم، مەندەك يالاڭتۆشنى خەلپەت دەيدىغانلارمۇ باركىنا، يوقسۇل بولغىنىم بىلەن مىنىڭمۇ خۇدايىمىم بار! مەن ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمەن دەپ بۇ نارەسىدىنى بوزەك قىلسام مىنىڭ ئۇ ھايۋانلاردىن نېمە پەرقىم بولسۇن! ئويلاپ باقسام ھېلىقى كىيئوغلىنى ئۇرغان تىلەمچى ھابدالمۇ بۇ دىھقانلارنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان ئىككى ئاچكۆزدىن ياخشىدەك تۇرىدۇ، بۇلاردا يوق غۇرۇر ئەشۇ تىلەمچىدە بار ئوخشايدۇ، مەن بۇ نەھىيىدىن ياناي، خۇدايىم ماڭا بەرسىمۇ ئەجەب ئەمەس! ئۇلارنىڭ بارىدىغان يىرى دەۋزەخ! خۇدايىم ئۆزى ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن!» مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئاستىمدا ياتقان «تۇمۇچۇق» قۇيىۋېتىپ ئورنىمدىن تۇردۇم لېكىن يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ يولغا قارايدىغان دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ سالدىم، قارىسام يىراقتا قېيىن ئاتام، قېيىن ئانامدەك بىركىملەر قۇلىغا كالتەك-توقماقلارنى ئېلىشىپ ئۆيۈم تەرەپكە بوراندەك باستۇرۇپ كىلىۋېتىپتۇ.
ئەسلىدە بۇلارنى خۇتۇنۇم بولغان ساراڭ باشلاپ كەلگەن  بولۇپ مەن ئۇنى چوڭ ئۈيىگە ئاپرىپ قۇيۇپ بۇ ئۆيگە يېنىپ كەلگەندە ئۇ مىنىڭ كەينىمگە ئەگىشىۋېلىپ دېرىزە سىرتىدىن مىنى مارىلاپ تۇرغان ئىكەن، ئاندىن ئۇ بۇ قىزنى قۇچاقلىغىنىمنى كۆرىۋېلىپ دەرھال يىغا-زار قىلىپ بۇ ئىشنى چىقارغان ئىكەن.
مەنمۇ دەرھال«تۇمۇچۇق» نى باغنىڭ ئارقا ئىشىكتىن چىقىرىۋېتىپ ئاران ھويلىغا چىقىپ ئۈلگۈردۈم ئاڭغىچە قېيىن ئاتام قاتارلىق بەش ئادەم غەزەپ بىلەن ھويلىغا شۇڭغۇپ كىرىپ مىنى ئارىسىغا ئېلىۋالدى-دە ھۇجرا ئۆيگە قىستىدى، مەن كەينىمگە داجىپ ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ ئۆزەمنىڭ ئاقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇم، ئۇلار ئوپۇر-تۇپۇركەينىمدىن كىرىپ «تۇمۇچۇق»نىڭ ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالغان بىردانە قىزىل ياغلىقىنى قۇلىغا ئېلىۋالدى، ياغلىق ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى ھاماقەت ئايشىخانمۇ ئوبدان كۆرەلمىگەچكە بۇ توپىلاڭچى قۇشۇنمۇ بۇ ياغلىقنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيۋاتاتتى، دېمەك مەن ئۇلاردىن چاققان كەلگەن ئىدىم، ئىچىمدە بىر تۇرۇپ «تۇمۇچۇق»نىڭ كىملىكىنى ئۇلارغا بىلدۈرمىگەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم، قېيىن ئاتام بولغان رەزگى ئوغرى خۇددى بۇنداق بۇزۇقچىلىقلارنى ئۆمرىدە قىلىپ باقمىغان ئاق بالىخاندەك كالتەكنى كۈتۈرۈپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلمەسمۇ...
شۇ چاغدا كاللامغا چاقماقتەك بىر ئەقىل كەلدى، مەن دەرھال دېرىزە تەكچىسىدىكى شامدان قىلىنغان بىر تال كونا بوتولكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۈنلۈك ۋاقىرىدىم:
-قايسىڭ يېقىنلاشساڭ قانىڭنى يارىمەن!
مىنىڭ ھەيۋەمدىن بۇ ھارامدىن بولغانلار ھېچ قورقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇلار تەلەتىنى بۇزۇشۇپ بىر نىمىلەرنى دېيىشكىنىچە خىرقىراپ ئالدىمغا كېلىشتى، مەن دەرھال بوتۇلكىنىڭ قوڭى تەرىپىنى تامغا ئۇرۇپ چېقىپ ئۇنىڭ ئەينەك بىسىنى چىقارماقچى بولدۇم، بوتولكا كونا زاۋۇتنىڭ بولسا كېرەك قېرىشقاندەك چېقىلمىدى، ئىككىنچى قېتىم بوتولكىنى سۇپىنىڭ يېنىدىكى كونا ئۈستەلگە ئۇردۇم، بوتولكا چىقىلىپ قۇلۇمدا ئۆزەمنى قوغدايدىغان تىغلىق قورالدىن بىرسى پەيدا بولدى بۇ چاغدا قېيىن ئاتام قاتارلىق كالتەكچىلەرنىڭ يۈرىگى بىر ئاز سىيقىراپ بىر-بىرلەپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى، مەنمۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ خۇش پۇراق تارقىلىپ تۇرىدىغان سېكرىتارنىڭ بۇ خالجىيىدىن خوشلاشماقچى بولدۇم...
بۇ ئۆيدە ماڭا تەۋە مۈلۈكۈمدىن پەقەت ئاتا-ئانامدىن قالغان شۇ بىر پارچە كىگىزلا بار ئىدى. ئوڭ قۇلۇمدا چېقىلغان بوتولكىنى تۇتۇپ سول قۇلۇمدا سۇپىغا سېلىنغان كىگىزىمنىڭ بىر بۇرجىكىنى تارتىشقا باشلىدىم، باشقا چاغلاردا بىر ئادەم ناھايىتى تەسلىكتە كۆتۈرگىلى بۇلىدىغان چوڭ ھەم قېلىن كىگىز ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن ئاسانلا كەينىمدىن سۆرىلىپ ماڭدى، ئۇلار مىنىڭ قان تەپچىپ تۇرغان كۈزۈمدىن قورقىشىپ كەينىگە داجىيىشقىنىچە ماڭا يول بەردى، مەن بوتۇلكىنىڭ تىغىنى خۇددى تاپانچىنى تەڭلىگەندەك ئۇلارغا نۆۋەت بىلەن تەڭلەپ ئۇلارغا ھەيۋە قىلغىنىمچە كىيگىزىمنى شاخ سۆرىگەندەك سۆرەپ ئاستا -ئاستابۇ نەس باسقان ھويلىدىن چىقىپ كەتتىم ئاندىن ئانچە نېرىغا بارماي تۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىزىل گۈلدەك پۇراپ تۇرۇدىغان بۇ خانىشىمنىڭ سۈزىنى ئەزبىرايى خۇدا ئىككىنچى يول چىقماسلىققا بېرىۋەتتىم.

*     *     *    *     *     *    *     *     *    *     
كەلگۈلۈك ئارقا-ئارقىدىن كېلىۋەردى، ئۇزاق ئۆتمەي پاتمىخاننىڭ تويى بولدى، ئاڭلىسام ھاجىم ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەرەمگە ماڭىدىغان ئىشىنى بىجىرىپ بەرگەن شەھەردىكى قىيامەتلىك ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بەرگەن ئىكەن، لېكىن پاتمىخان ھەپتىگە قالماي شەھەرلىك ئىرىدىن سۈزىنى ئېلىپ مەھەللىمىزگە ئۈنۈپ بولدى.
«ئۆلمىگەن جاھاندا ئۈمىد بار» دەپتىكەن، مەن ئەتىدىن-كەچكۈچە پاتمىخاننى مارىلاپ يۈردۈم، بىر كۈنى كۆلگە سۇغا چىققان پاتمىخان بىلەن يار بۇيىدىكى ئېرىقنىڭ بۇيىدا كۆرۈشىدىغانغا پۈتۈشتۇق.
ئۇ كۈنى مەن قوشنىمىزنىڭ بېغىدىن كاللامدەك كېلىدىغان چوڭ بىر ساپ سەيۋە ئۈزۈمنى ئۈزۈپ كۆرۈشىدىغان جايدىكى ئېرىقنىڭ بۇيىدىكى كوكاتقا باغلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۇنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويدۇم.
ھايال ئۆتمەي پاتمىخانمۇ پەيدا بولدى، خۇشاللىقتا يۈرۈگۈم توختىماي ئوينايتتى، مەن ئېرىق ئىچىدىكى مۇزدەك بولۇپ كەتكەن بىر ساپ سەيۋىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم، ئۇ ئۈزۈمنى قۇلۇمدىن تارتىنچاقلىق بىلەن ئالدى ئاندىن ئۈزۈمدىن بىر مىدىقنى ئاجرىتىپ ماڭا سۇندى.
بىز بىردەم تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق، ئاخىرى مەن گەپ تەشتىم:
- شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزدىڭلارمۇ؟
- شۇنداق بولدى، سۆزۈمنىمۇ ئېلىپ بولدۇم.
پاتمىخان يەنىلا بۇرۇنقىدەك تارتىنچاق بولۇپ بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرمىگەنچىلىك قىلاتتى.
- سىنىڭ بۇنداق تىز ئاجراشقىنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ؟ سىلەرگە زادى نېمە ئىش بولغان پاتمىخان؟
مەن ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزى بىلەن تىكىلىپ قارىدىم، پاتمىخان تازا بىر ئۇلۇق-كىچىك تىنىۋېتىپ سوئالىمغا ئاستا جاۋاب بەردى:
- دەپ كەلسەم گەپ جىق توختەك، مىنى ئالغان ئۇبالا....
- ئۇ بالا ....نېمە ئىش بولدى، تارتىنماي دېگىن!
- ئۇ بالا ئەسلىدە ئۈزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بىر روھى كىسەلكەن....
پاتمىخان بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ھۇق تارتىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى تازا چۈشىنەلمەي سورىدىم:
- داداڭنىڭ ئۇ ئاغىنىسىنى كاتتا ئەمەلداركەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، بالىسى ئۇ قانداقسىگە...
- بالىسى ئۇ ...ئۇ... توي ئاخشىمى ياتار ياتماي قۇلىغا كەمىرىنى ئېلىۋېلىپ ئاغزىمغا يۈگەن قىلىپ سالدى، مەن تېخى توي قىلسا مۇشۇنداق ئادەت بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن، بىر چاغدا دۈمبەمگە مىنىۋېلىپ «دىرت...چۇھ...ئۇياققا چاپ...بۇياققا چاپ...» دەپ يۈرۈيدۇ، قارىسام ئۇ مىنى ئات قىلىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تامنىڭ بۇرجىكىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، ئۇ مىنىڭ قورقۇپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ پىخىلداپ كۈلگىنىچە قۇلىدىكى كەمەر بىلەن باش كۈزۈمگە ئۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكلىكىدە ئانىسىنىڭ ئەمچىكىگە قانمىغان نىمىكەن، مىنى بولدى دىگۈچە ئۇرۇپ بولۇپ ئارقىدىن«ئانا...ئانا...مەممە...مەممە...» دەپ كۆكسۈمگە ئېسىلىپ يۈرۈيدۇ. بۇ ئىش ئۇدا بىر ھەپتىگىچە داۋاملاشتى، ئۇلار ئەسلىدە مىنى «يېزىلىق، ھېچنىمنى بىلمەيدۇ، نېرۋىسى ئاجىز ئوغلىمىزدىن خەۋەر ئالىدۇ...» دېگەن مەقسەتتە بۇ توينى قىپتىكەن، مەن ئۇ بالىنىڭ تاياق-توقمىقىغا زادى چىدىيالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆلسەممۇ ئۆز مەھەللەمدە ئۆلەي دەپ ئالغان تويلۇقلىرىنى بېشىغا ئېتىپ بىرىپ قېچىپ كېلىۋالدىم.
- توغرا قىپسەن، ھاجىم داداڭ نېمە دېدى؟،-دەپ ئالدىراپ سورىدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
- دادام بۇ ئەھۋاللارنى ئانامدىن ئاڭلاپ شەھەرگە كىرىپ ئىشىمنى تۈگىتىپ چىقىپتۇ، لېكىن دادامنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەرەمگە بارىدىغان يول خېتى توڭلاپ قالىدىغان ئوخشايدۇ...
- ساڭا بىر گەپنى دەيمۇ؟
- قايسى گەپنى ...
پاتمىخان ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا تىكىلىپ قارىدى.
- ئەمدى ماڭا تەگكىن!
- قاشاڭ....
پاتمىخان ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ كۈلگىنىچە قۇلىدىكى ئۈزۈمدىن بىرنى ماڭا ئاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئوماق قىلىقلىرىدىن ئۇنىڭ ماڭا تېخىچە مەيلى بارلىقىنى بىلگىلى بۇلاتتى.
- ئوتىڭدا ساراڭ بۇلاي دىدىم پاتمىخان! ئۆلسەم خوش بولامسەنيا؟،- دىدىم كۆزۈمنى ئۇنىڭ خۇما كۆزىگە قاداپ تۇرۇپ بىچارىلەرچە.
ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۈزىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ:
- توختەك، سەن ئەمدى ئالەم چۈش بولغىچە ئۇخلىماي، مەسچىتكە بالدۇر چىقىپ دادامغا ياخشىچاق بولغىن! قالدى ئىشنى خۇدايىمغا قۇيايلى، گىپىمنى چۈشەندىڭما؟
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ قۇلىدىكى سەيۋىدىن يەنە بىر مىدىقنى ماڭا سۇندى. پاتمىخاننىڭ سۆزىدىن مەن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، خۇشاللىقىمدىن ئاغىزىم قۇلىقىمغا يەتتى...
شۇندىن ئىتىبارەن مەسچىتكە خۇراز چىللىماستا چىقىپ خۇپتەندە ھەممىدىن كېيىن قايتىپ ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئوڭ بېقىنىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولدۇم. جامائەت مىنىڭ ھەقىقى تەقۋالىقىمنى كۆرۈپ ئىسمىمنى ئاتىغاندا «پوكان» دېگەن لەقىمىمنى ئالدىراپ تىلغا ئالمايدىغان بولدى،بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھاجىممۇ ماڭا باشقىچە قارايدىغان بولدى.
ئەمما بۇ ئاسايىشلىق كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارالمىدى، بىر كۈنى ئەتتىگەندە جامائەت بامداتتىن يېنىپ ساۋۇت خارەتنىڭ ئۆيىدىكى نەزىرگە داخىل بولدۇق، لىگەن-لىگەن پولۇ ئاشلار ھاينى-ھۇيت دىگۈچە قۇرۇقدىلىپ دۇئا ياندۇرىدىغان پەيت يىتىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق نەزىر دۇئاسىنى كۆپىنچە مەھەللىدە دىنىي بىلىمى ھەممىدىن يۇقىرى بولغان، يۈزى ھەممىدىن چوڭ بولغان ھاجىم يەنى پاتمىخاننىڭ دادىسى ياندۇرۇپ بىرەتتى.
باشقىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن خوش ئىتىشى بىلەن ھاجىم ئۈنلۈك قىلىپ «ئامىن!» دەپ قۇلىنى ئېگىز كۆتۈردى، پۈتۈن جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى، نەزىر تامىقىنى جىق يەۋالدىممۇ بىلمىدىم دەل مۇشۇ پەيتتە قېرىشقاندەك قۇرسۇغۇم ۋاراقشىپ ئاغرىپ، چىدىغۇسىز بىر يەل قۇرسۇغۇمنىڭ تۆۋىنىگەكىلىپ تۇرىۋالدى، ئاڭغىچە پۈتۈن كۈچۈمنى پەسكە يېغىپ بۇلبۇلۇمنىڭ سايراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولدۇم.
مۇشۇ تاپتا بۇ باشتۇڭ يەل كۈزۈمدىن چىقاي دەپ قالغان ئىدى، جېنىمغىنا ھاجىمنىڭ دۇئاسىمۇ بارغانسېرى ئۇزىراپ تۈگىمەيۋاتاتتى.....
ئاھ خۇدا! «غور......ت» قىلغان مۇڭلۇق ھەم ئۇزۇن بىر ئاۋازدىن پۈتۈن جامائەت چۇچۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ ئوسۇرۇپ باقمىغاندەك تەڭلا ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراشتى، كۈزىنى يۇمۇپ دۇئا قىلىۋاتقان ھاجىممۇ خۇددى مىنىڭ يەل قويىۋەتكىنىمنى كۆڭلى تۇيغاندەك كۈزىنى«لاپپىدە» ئېچىپ ئۇدۇللا ماڭا قارىدى...
«ئاھ! قانداق قىلاي !» ماڭا ئاسمان يىراق يەر قاتتىق تۇيۇلۇپ كەتتى، مەن ئاخىرى بۇلالماي يېنىمدا ئولتۇرغان بىرسىگە گاچچىدە ئۆرۈلۈپ قارىدىم، جامائەتمۇ مەن بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا قارىدى، يېنىمدىكى بۇ ئادەم ئادەتتە ئوننى تەپسە بىر قېتىم تەۋرىمەيدىغان، يۈز ئېغىز گەپ سورىسا بىرگە جاۋاب بىرىدىغان ئىنتايىن ياۋاش خۇدا قۇلى بىر ئادەم ئىدى. لېكىن بۈگۈن بۇ بىرنېمىگىمۇ زۇۋان كىرىپ قېلىۋاتاتتى:
- ساقتۇ ؟
ئۇنىڭ بۇنداق «ساقتۇ؟» دەپ ئۈنلۈك سورىغىنى «بىرنېمىڭىزنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتمىگەندۇ؟»دىگىنى ئىدى، جامائەت يەنە ماڭا قاراشتى، مەن ئەمدى بۇ يۈزى قېلىن يەلنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم سول تەرىپىمدىكى بىرەيلەنگە تىكىلىپ قارىدىم، بىراق يېنىمدىكى بۇ مەدىكارمۇ خۇددى مەن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بۇرنىنى ئىككى قوللاپ ئىتىپ ئاللاقاچان مەندىن داجىپ تۇرۇپتۇ. مەن ئىشنىڭ قاملاشمىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە سورۇندىن پارتاقشىپ قېچىپ چېكەتتىم.
*    *     *     *    *     *     *    *     *     *
شۇ خىجىلچىلىقتا ئۈچ-تۆت كۈنگىچە مەسچىتكىمۇ چىقالمىدىم، بەشىنچى كۈنى پاتمىخاننى ئويلاپ ئولتۇرالماي ئۇنى يەنە مارىلاپ كۆل بۇيىدىكى مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈردۈم، چۈنكى ھاجىمنىڭ قورۇسى مەسچىتكە يانداش بولۇپ ھاجىم مەسچىتكە ماڭغان ھامان مەن پاتمىخاننىڭ ھويلىسىغا چالما ئېتىپ ئۇنىڭغا كەلگەنلىكىمدىن شەپە بېرەلەيتتىم.
پېشىنگە ئەزان ئۇقۇلۇش ئالدىدا ھاجىم قۇلىغا بىر تال چەينەكنى كۈتۈرۈپ كۆلدىن سۇئالغىلى چىقىپ كەلدى، شۇ چاغدا كاللامغا شاققىدە بىر ئەقىل كەلدى«ھاجىمنىڭ تاھارەت سۈيىنى كۆلدىن ئاچىقىپ بىرىپ ئۇنىڭغا بىر ياخشى بولىۋالمايمۇ؟!» مەن شۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم، مەن ھاجىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغىچە ئۇكىشى كۆلنىڭ گىرۋىكىدىكى تۇپا پەشتاق بىلەن سۇ ئۇسىدىغان يەرگە چۈشۈپ بولغان ئىكەن، مەن ئالدىراپ ھاجىمنىڭ دىققىتىنى تارتتىم:
- ھاجىم ئاكا، ئەكەلسىلە، سۇنى مەن ئاچىقىپ بېرەي!
ھاجىم سۇ ئۇسقىلىۋاتقان يەردىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
- ياق، توختاخۇن ئۇكام، تەس ئەمەس!
- ياق ھاجىم ، ئەكەلسىلە دەيمەن!
مەن جىددىيچىلىكتە پەستىكى سېغىز لايدا ياسالغان پەشتاققا ئوبدان قارىماي، ھاجىمغا خۇشامەت قىلىمەن دەپ پەشتاقنىڭ يېنىدىكى سېغىز لايلىققا دەسسەپ ساپتىمەن، نېمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن بىردەمنىڭ ئىچىدە «غىررىدە» تېيىلغان پېتى ھاجىمنىڭ يېنىغا كىلىپ توختاپ قالدىم، «پولتۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئالدىمدىكى ھاجىم يوق، قارىسام ئۇ كۆلدە پالاقشىغىلى تۇرۇپتۇ، ئىسىمنى يېغىپ ئۇنى تارتىۋالاي دەپ بولغىچە سايىت چولاق دېگەن خۇمپەر كۆلگە سەكرەپ ھاجىمنى تارتىپ ئاچىقىپ بۇلاپتۇ.
-سىلنىڭ نېمە قىلغانلىرى بۇ توختى پوكان؟ ياشىنىپ قالغان ئادەمگىمۇ مۇشۇنداق ئېغىر چاقچاق قىلامسىلەر؟
مۇشۇ تاپتا پاتمىخانغا يەر تىگىدىن ئىش-پەش تارتىپ يۈرۈيدىغان بۇ چولاق ھاجىمنىڭ ئالدىدا مىنى قەستەن ئۇسال قىلىپ مىنى سۇراققا تارتىۋاتاتتى.
-مەن...مەن...مەن شۇ...
-پوكاندەك قاراپ تۇرماي بېرىپ ھاجىمدىن ئەپۇ سورمامسىلە توختاخۇن؟!
ئەمدى سايىت چولاق دېگەن بۇ چۈپۈرەندى تېرىسىگە پاتماي مىنىڭ لەقىمىمنى چىشلەپ تارتىۋاتاتتى.
كۆلنىڭ لەپتىدە ھۆل بولۇپ كەتكەن چاپىنىنى سىقىۋاتقان ھاجىمنىڭ قۇلىدىكى ئىشنى ئالماقچى بولۇپ ھاجىمنىڭ ئالدىغا ماڭغاچ ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىدىم:
-ھاجىم ئاكا خاپا بولمىسىلا....مەن ئەسلىدە...
ھاجىم ماڭا قارىمايۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يېقىنلىغانسېرى ئاۋازىم پۈتۈپ كارنىيىمنى بىرسى بوغۇۋالغاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
-ھاجىم ئاكا...مەن...مەن...
قېرىشقاندەك دەل مۇشۇ چاغدا پۇتۇمغا كىمدۇ بىرسىنىڭ ئەپكىشىدەك بىرنېمىسى پۇتلاشقاندەك بۇلدى، مەن ئۆزەمنى كونترول قىلالماي يەردىن قاڭقىپ چۈشكىنىمچە ئالدىمغا ئوقتەك سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ تېخى تولۇق قۇرۇنۇپ بۇلالمىغان ھاجىمغا سوقۇلۇپ كەتتىم، تەتۈر پېشانە ھاجىم بەلكىم سۇغا ئامراق بولسا كېرەك چىلەككە تاشلانغان كاۋاپ زىخىدەك ھېچ شەپىسىزلا كۆلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
يېقىلىپ كەتكەن يەردىن دەرھال قۇپۇپ كۆلنىڭ ئىچىگە قارىسام كۆل يۈزى شۇنداق تىنچ، ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا قارىشىپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ، ھاجىم يەنە يوق، بىر چاغدا«پولتۇڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن بۇ بىلىق يىللىق ھاجىم سۇ ئىچىدىن چىقىپ كۆلنىڭ ئۇتەرىپىدىكى پەشتاقتىن سۇ ئۇسقىلىۋاتقان بىر تۇل خوتۇن مۇماينىڭ قاپىقىغا ئېسىلدى.كۆزۈمنى ئۇۋۇلىۋېتىپ قارىسام ئۇ ئۆلەي دەپ قالغان مۇمايمۇ خۇددى قاپىقىدا ساقلاپ قويغان ئالتۇن باردەك قاپىقىنى قويۇۋەتمەستىن سۇنىڭ ئىچىدە ھاجىم بىلەن«ھۆپ...ھۆپ» قىلىشىپ سو ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ...
*     *    *     *     *    *     *     *    *     *
شۇنداق قىلىپ بىر ئايغىچە پاتمىخاننى ئۇچرىتالمىدىم، بىر كۈنى پاتمىخان ئۆيۈمگە ئۇدۇل كىلىپ بىر خۇشخەۋەرنى يەتكۈزدى:
- بۇلىدىغان ئىش بولدى، ھېچقىسى يوق، لېكىن دادام سىنى بىر ئىشقا ياردەملەشسۇن دەيدۇ؟
ئۇنىڭ كۈلكە باسقان چىرايىدىن بىرە خۇشاللىقنىڭ ھىدى كىلىپ تۇراتتى.
- نېمە ئىش پاتمىخان، داداڭ جېنىمنى بەرسۇن دىسىمۇ بىرىمەن!
- ئالدىمىزدىكى ھەپتە ھېلىقى دۇختۇر سىڭلىمنىڭ تۇيىنى قىلىدىغان بولغان، دادام سىنى شۇ توينىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارغا ياردەملەشسۇن دەيدۇ!
- ۋاي چاتاق يوق پاتمىخان! ئۇنى كىمگە بىرىدىغان بولدىڭلار؟
- كىچىكلىكىمىزدە بىللە ئوينايدىغان ھېلىقى تۇرانىياز پوتلىغا بىرىدىغان بولدۇق.ئۇ تېخى يېزا ساقچىخانىغا باشلىقكەن!
- باشلىق؟ ۋاي ئۇ ماڭقا مەندىن بىر-ئىككى ياش كىچىك نىمە ئىدىغۇ، ئەتىدىن كەچكىچە كۆك پوتلىسىنى نانغا قېتىپ يەپ يۈرەتتى، تېخى باشلىق بۇلاپتىما ئۇ؟
- ئۇ ئەسلىدە ئادەتتىكى ساقچى ئىكەن لېكىن ئۇ چوڭ خىزمەت كۆرسىتىپ ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ مۇكاپاتلىنىپتۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت ئۇنى كىچىك تۇرۇپ باشلىق قىلىپتۇ! دادامنىڭ دىيىشىچە كېيىن ئۇ تېخى ھاكىم بۇلىدىكەن.
-ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى كىچىك چېغىمدا كۆرگەنچە ئىدىم، ئۇلار شەھەرگە كىرىپكەتكەن ئەمەسمىدى؟
-ھەئە، دادىسى شەھەردە پىكاپى بار چوڭ باشلىقكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قېلىۋاتاتتى، پاتمىخان ئىچىمدىكىنى بىلىپ يۈرۈكۈمگە تۈكۈرۈپ قويدى:
-توختەك، باشقا ئىشلاردىن غەم قىلمىغىن، بىزگىمۇ ئاز قالدى...
بىز شۇنداق قىلىپ خوشلاشتۇق.
توي كۈنىمۇ يېقىنلاپ قالدى، مەن ھاجىمنىڭ ئوتۇن يېرىشتىن باشلاپ تاكى قازان-قۇمۇچ تېپىشقىچەبولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەم باش بولۇپ قىلغانچىلىك قىلدىم. بۇ جەرياندا پاتمىخان بىلەن ھە دىسە كۆز بېقىشىپ ياشلىقنىڭ پەيزىنىمۇ راسا سۈرۈشتۇق، ھاجىممۇ مىنىڭ بۇنداق ئىشچان ئاق كۆڭۈللىكىمدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك ماڭا باشقىچە ئامراق بولۇپ كەتتى.
توي كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى، ناغرا-سۇناي مەھەللىنى بىر ئالدى، مەن ھاجىم ماڭا ئاتاپ تىكتۈرۈپ بەرگەن چىبەرقۇت كىيىمنى كىيىپ ئاش ئېتىدىغان يەردە بىر قۇلۇمنى بەش قىلالماي ئىشلەۋاتاتتىم. بىرسىنىڭ « ھوي، قارشى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى كەپتۇ، كۆرۈشكىلى چىقايلى!» دېگەن بۇيرۇقى كەلدى، قۇلۇمدىكى ياغ-يۇغىلارنى ئېيتىۋېتىپ كىچىكلىكىمىزدە بىرگە ئوينايدىغان ئۇ پوتلىنىڭ ھازىرىقى ھالىتىنى كۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىپ سەپكە تىزىلدىم.
قارىسام تۇرانىيازنىڭ بوي-بەستى ئۈسۈپ قۇرسىقى ئالدىغا تاۋۇزدەك چىكەتكەن بولسىمۇ لېكىن چىرايى كىچىك چېغىدىكى تۇرانىياز پوتلىنىڭ چىرايدىن قىلچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى،مەن بىر قاراپلا ئۇنى تونىۋالدىم.
ئۇلار قائىدە بويىچە سەپكە تىزىلىپ بىز بىلەن بىردىن-بىر كۈرۈشۈپ ئۆيگە مېڭىۋاتاتتى، تۇرانىياز مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە مەن ئۇنىڭغا قىسقىغىنا تۇنۇشلۇق بەردىم:
-ئوھوي، تۇرانىيازمۇ سىز؟
ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى قوشۇپ ئاتىمىغانلىقىمدىن ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىپ زورىغا جاۋاب بەردى:
-سىنى تونىيالمىدىمغا؟
- كىچىكلىكىمىزدە بىرگە ئوينايتتۇققۇ، مەن ھېلىقى توختى!
ئەمەلىيەتتە ئۇ مىنى بىر قاراپلا تونۇۋالغان ئىدى لېكىن قەستەن تونۇماسلىققا سېلىپ ماڭا باشتىن-ئاياغ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن مۇغەمبەرلىك بىلەن:
- ھە توختى پوكانما؟ نېمە ئىش قىلىپ كەتتۇقا پوكان؟
ئۇنىڭ مىنى مەسخىرە قىلىپ بېشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ قىلغان ئۈنلۈك سۆزىدىن يىگىتنىڭ قولداشلىرى پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كىتىشتى، مەن خىجىل بولغىنىمدىن قىزىرىپ كەتتىم.
-قاراڭلا قىزىرىپ كەتكىنىڭلارنى! ئىسمى-جىسمىڭلىغا لايىق پوكاندە سىلە!،- دېدى تۇرانىيازماڭقا يەنە ماڭا ھۇجۇم قىلىپ.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن قارشى تەرەپنىڭ يىگىتلىرى ئەمەس بىز تەرەپنىڭ ئادەملىرىمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى.
مەن ئىچىمدە خەپ دىدىم، قارشى تەرەپنىڭ مېھمانلىرى بىز بىلەن كۈرۈشۈپ بولۇپ ئۆيگەكىرىپ كەتكەندە بۇ كۆك ماڭقىنىڭ كىچىكلىكىدىكى بىر ئىشى يادىمغا كېلىۋالدى:
ئالتە-يەتتە ياشلىق چاغلىرىم ئىدى، بىر قېتىم ئانام ماڭا بازاردىن ئون نەچچە تال كەمپۈت ئالغاچ چىقىپتىكەن، شۇ كەمپۈتلەرنى سامانخانىغا تىقىپ قۇيۇپ ئاۋايلاپ يەيتتىم، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئوينىغاندا بىر تال كەمپۈتنى ئېلىپ چىقاتتىم-دە چۇرقىراشقىنىمزچە كونا شال پاخاللىق ئېتىزىغا يۈگۈرۈيتتۇق ، مەن بىلەن ئوينايدىغان بۇ بالىلار ياشتا مەندىن سەل كىچىكرەك بولۇپ كەمپۈتكە بەك ئامراق ئىدى، بىز كەمپۈتنى ئامىراقلىقىمىزدىن «قەمپۈت» دەپ ئاتىۋالاتتۇق، مەن بالىلارغا كەمپۈتنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ پالالغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ يىرتىق ئىشتىنىمنىڭ ئېغىدىن كىچىككىنە قوڭغۇرىقامنى چىقىراتتىم-دە بالىلارغا قۇلۇمنى كاناي قىلىپ سۇزۇپ توۋلايتتىم:«چوڭ داداڭلارغا سالام قىلىڭلار!»
بالىلار كۈلۈشكىنىچە تۈشمۇ-تۇشتىن ئالدىمغاكىلىپ «چوڭ دادا سالام!» دەپ قوڭغىرىقىمغا قاراپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشەتتى. ئارقىدىن مەن «قېنى ئەمدى چوڭ داداڭلارنى سىيپاپ قۇيۇڭلار!» دەپ ئاۋازىمنى تازا بوم چىقىرىپ توۋلايتتىم، بالىلار كۈلۈشكىنىچە نۆۋەت بىلەن كىلىپ قوڭغىرىقامنى سىيپاپ قويغان ھەركەتنى دوراپ قۇيۇپ بىر يانغا ئۆتۈپ تۇراتتى، بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى قىزلار ئىككى قۇلىدا ئاغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلۈشكىنىچە بىر يانغا ئۆتۈۋالاتتى، ئاندىن بىز كەمپۈتنى نۆۋەت بىلەن ئاغزىمىزغا سېلىپ شۈمىگەندىن كېيىن شال پاخىلىنىڭ ئۈستىگە تاشلايتتۇق، ھۆل كەمپۈت شال پاخىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاستىدىكى توپىغا مىلەنگەندىن كېيىن يۈزىنى بىر قەۋەت تۇپا-تۇزاندى قاپلايتتى، ئاندىن كەمپۈت يىيىش نۆۋىتى كەلگەن بالا تۇپا كەمپۈتنى شۇ پېتى ئاغىزىغا سېلىپ بىر شۈمىۋالغاندىن كېيىن يەنە شۇ پاخالنىڭ ئۈستىگە تاشلايتتى، ئۇ چاغلاردا كەمپۈتكە شال پاخىلىنىڭ توپىسى يۇقسا باشقىچە بىر خىل تەمگە كىرىپ قالامدىكىن تاڭ ئىشقىلىپ بىز مۇشۇنداق ئۇسۇلدابىر تال كەمپۈتنى ئون نەچچە بالا تولۇق شۈمۈپ چىقاتتۇق.
مانا مۇشۇ كەمپۈتۈمنى يەيدىغان بالىلارنىڭ ئىچىدە تۇرانىياز پوتلىمۇ بار ئىدى، مەن«چوڭ داداڭلارنى سىيپاپ قۇيۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلغىنىمدا باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى يالغاندىن سىياپ ئۆتۈپ كەتسە بۇ تۇرانىياز دېگەن پوتلا ئۆز ئالقىنى بىلەن قوڭغىرىقامنى سىيپاپ قۇياتتى. ھەتتا ئۆيدىكى چاغلىرىمدا «ئاكا، چوڭ دادامنى سىيپاپقۇياي، كەمپۈت بارمۇ؟» دەپ كەينىمگە كىرىۋالاتتى.
مۇشۇ ئىشلارنى ئويلاپ بۇ پوتلىنىڭ بايامقى ھاكاۋۇر-چوڭچىلىقىنى زادى سىغدۇرالمىدىم، قۇسۇغۇم كۆپۈپ ئاخىرى ئۇلار ئولتۇرغان ھويلىدىكى سوپىغا يېقىنلىشىپ چاندۇرماي ئۇنىڭغا گەپ قىلىۋالدىم:
-ھە سوجاڭ ئەجەب يوقاپ كەتتىڭلىيا، سىلنىڭ چوڭ داداڭلار مۇشۇ مەھەللىدىكى مازاردا، چوڭ داداڭلارنىڭ بېشىنى ئۇنداق تاشلىۋەتمەڭلار ئۇكام!
مەن شۇنداق دەپ بولۇپ قورسىقىمنىڭ تازا ئاستىنى چاندۇرماي قاشلاپ قويدۇم. تۇرانىياز پوتلا مىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى سۆز-ھەركىتىمدىن ئازراق سىزىپ قېلىپ ئورنىدا غىمىسلاپ ئولتۇرالماي قالدى.
-ھە...ھە...ئاكا ئۇزۇن بولدى خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە بۇ تەرەپلەرگە ئۆتەلمىدۇق!بۇندىن كېيىن بىز قىلىدىغان ئىشلار بولسا ھە دەرسىز!
تۇرانىياز پوتلا بىردەمنىڭ ئىچىدە بايامقى چوڭچىلىقىدىن قېلىپ ئالدىمدا پىلە قۇرتىدەك بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن سۇپىدا ئولتۇرغان بايامقى كۈلگۈنچەك يىگىتلەرمۇ ھەيران قالدى، مەنمۇ مەقسىتىمگە يىتىپ مىيىقىمدا كۈلگىنىمچە بۇ نائەھلىنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتىم.
ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەي ئاشپەز ئۇستام يۇلغۇن شېخى تېپىشىمنى بۇيرىدى، مەن پاتمىخاننى ئىزدەپ تېپىپ يۇلغۇن شېخىنىڭ نەدىلىكىنى سورىدىم. يۇلغۇن شېخى ئۆگزىدىكى سامانخانىدا ئىكەن. مەن ئالدىراپ ئۆگزىگە چىقىپ ھويلىدا ماڭا قاراپ تۇرغان پاتمىخاندىن قەستەن سورىدىم:
- نەدە دېگەن؟
پاتمىخان مىنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ ناغرا-سۇناينىڭ ئاۋازىدا گىپىمنى يالغاندىن ئاڭلىيالمىغان بولۇپ ئۆگزىگە چىقتى.
- ۋاي خۇدايىم، سىنى قانداق قىلسام بۇلار توختەك؟،-دېدى پاتمىخان قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.
- نېمە قىلساڭ بىر قىلغىنە! چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى مىنىڭ!،-دىدىم ئۇنىڭ زىل كۈلكىسىگە بۇلالماي.
- يۇلغۇن شېخى دېگەن ئەنە!،-دەپ كۆرسەتتى پاتمىخان سامانخانىنى كۆرسىتىپ كۈلگىنىچە.
- ماڭە بىللە كىرىمىز!،-دىدىم ئاغزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى غۇرتتىدە يۇتىۋېتىپ.
پاتمىخان ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ سامانخانىغا ماڭدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ گەپ قىلمايلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم، ئۇمۇ ماڭا چىڭ يېپىشتى، يۈرۈگۈم خۇشاللىق ھاياجىنىدىن پارتلاپ كىتەيلا دەپ قېلىۋاتاتتى.
-توختەك ساڭا بىر خوش-خەۋەرنى يەتكۈزەيمۇ؟،- دېدى پاتمىخان قۇچىقىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ.
-نېمە خوش-خەۋەر پاتمىخان؟
-دادام ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى مۇشۇ ئايدا قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
- نېمە... نېمە دىدىڭ؟ داداڭ تويىمىزنى قىلىپ بېرەمدىكەن؟
مەن خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولۇۋاتاتتىم.
-ھەئە ، دادام ئۆز ئاغىزى بىلەن ئانامغا دەپتۇ.
مەن بۇ خەۋەردىن ھاڭ-تاڭ قالدىم، خۇشاللىقتا پوت-قوللىرىم تىتىرەشكە باشلىدى. مەن چەكسىز ھاياجان ئىچىدە ئالدىمدىكى راسا چوڭ باغلانغان يۇلغۇن شېخىدىن ئىككى باغلامنى دەس كۆتۈردۈم. پاتمىخان ئەتراپىمدا «ھاي توختەك! بۇنچە جىق شاخنى نەگە ئاپىرىسەن،بىر باغلامنى ئال!» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتاتتى، مۇشۇ تاپتىكى خوشلۇقۇمدا قۇلىقىمغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيۋاتاتتى. قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە پەقەت پاتمىخاننىڭ «تويىمىزنى مۇشۇ ئايدا قىلىپ بېرىدىكەن» دېگەن ئاۋاز ياڭراپلا تۇراتتى.
مەن بۇ ئىككى بۇغام يۇلغۇن شېخىنى كۈتۈرۈپ شوتتىن چۈشكىلىۋاتاتتىم، سامانخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان پاتمىخان بىر قۇلىدا پىشانىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بىر قۇلىدا ئىما-ئىشارەت قىلىپ بىرنىمىلەرنى دەيتتى...
مەن شوتىدىن چۈشمەكچى بولۇپ پۇتۇمنى بالداققا تاشلاپ تۇرۇپ ئاخىرقى قېتىم پاتمىخاندىن يەنە بىر سورىدىم:
-بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ؟ بىز راست....
گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە ئۆزەمنىڭ شۇتنىڭ ئۇچىدا يۇلغۇن شېخى بىلەن بىرگە ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم، دېمەك ئۆگزىگە سەل-پەل تىك قۇيۇلغان بۇ شۇت مىنىڭ كۆتۈرىۋالغان شېخىمنىڭ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كىتىشى سەۋەپلىك ئۆگزە تېمىدىن ئاجراپ ئۇدۇللا مىھمانلار ئولتۇرغان سۇپىغا قاراپ چۈشىۋاتاتتى.
«قاراس-قۇرۇس...گوم» قىلغان ئاۋاز بىلەن ھويلىدا قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ئاستىمدا شاخ، شاخنىڭ ئاستىدا شۇت، شوتىنىڭ ئاستىدا ئاللا كىملەر ۋايجانلاپ ياتىدۇ.
بۇ كېلىشمەسچىلىكىنى كۆرۈڭ، ھويلىدىكى سۇپىدا تويى بولىدىغان يىگىت قاتارلىق ئون نەچچە مېھمان ئولتۇرۇپ ئالدىغا كەلگەن دۈڭلىگە ئەمدى قول ئۇزىتىۋاتقان ئىكەن. ھېشىق ئارلشىپ قالغان بۇ شوت چاقماق تىزلىكىدە بۇ بىر قاتار مېھمانلارنىڭ ئۇدۇل گەدىنىگە چۈشۈپتۇ، نەچچەيلەننىڭ بېشى دۈڭلىگە چىلىشىپ كاللىسى ئېتىلغان بولسا يەنە نەچچىسىنىڭ يۈزىنى ئالدىدىكى تەخسە- پىيالىلەرنىڭ سۇنۇقلىرى تىلىپ قانغا بويىۋېتىپتۇ...
بۇلارنىڭ ئىچىدە يارىسى ئەڭ ئېغىر بولغىنى تويى بۇلىدىغان يىگىتنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ مۇبارەك يۈزى ناۋات چېيى دەملەنگەن چەينەك-پىيالىلەرگە توغرا كىلىپ قالغاچقا يىگىتنىڭ تومشۇقى ئېتىلىپ ئاستىن-ئۈستۈن چىشلىرىدىن كامىدا بەش-ئالتىسى ئالدىدىكى داستىخانغا تۈكۈلۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
مەن كۈزۈمگە ئىشىنەلمەي ئاستىمدىكى كالپۇكى قوش تەكىيدەك بولۇپ خارقىراپ ياتقان يىگىتكە سىنچىلاپ قارىدىم، بۇ بىر جۈپ تەكىينىڭ ئارىسىدا قىزىل شارپىدەك بىرنىمە ساڭگىلاپ تۇراتتى زەن سېلىپ قارىسام ئۇ ساڭگىلاپ تۇرغىنى شارپا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تىلىكەن، ئۇنىڭ مۇشۇ تاپتا بۇيۇن ئومۇرتقىسىدىن بىر قانچىسى ئۇۋۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك بىچارىنىڭ بېشى شوتىنىڭ ئاستىدا دومىلاپ يۈرگەندەك قىلاتتى.
مەن مۇشۇچاغدا بوينى ئۆلۈك كەپتەرنىڭ بوينىدەك بىر يانغا ساڭگىلاپ قالغان ئاستىمدىكى يىگىتنىڭ تويى بۇلىدىغان تۇرانىياز ئىكەنلىكىنى رەسمىي جەزم قىلدىم، چۈنكى ئۇنىڭ بۇرنىدىن بارمىقىم توملۇقىدىكى بىرجۇپ چوكىدەك كۆك ماڭقا بالا ۋاقتىدىكىدىنمۇ بەكراق ساڭگىلاپ تۇراتتى.
مەن ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم-دەكۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ يالغاندىن ئايلانغان بولۇپ يېتىۋالدىم. ئۇلارتۆشمۇ-تۆشتىن يۈگۈرۈپ كىلىشىپ ئالدى بىلەن ئەتىۋارلىق يىگىتنى تارتىپ ئېلىپ قىز يۆتكەشكە ئەكەلگەن لاتا پىكاپقا سالدى، ئارقىدىن سەت بولمىسۇن دەپ مىنىمۇ كۈتۈرۈپ ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇردى، پىكاپنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا ئىككىمىز سىڭايان يېتىشىپ ئاران پاتتۇق، بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئېسىل ماشىنىدا ئولتۇرۇشۇم ھېسابلىناتتى
ئالدى ئورۇندۇقتىكى تۇرانىيازباشلىقنىڭ چېچىنى مايلاپ كەينىگە تارىۋالغان كاستۇم-بورۇلكىلىق خام سېمىز دادىسى تىت-تىت بولغىنىچە شوپۇرىغا بۇيرۇق قىلدى:
-تىز ماڭ!
شۇنداق قىلىپ ماشىنا شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، كۆزۈمنى ئاستا ئېچىپ يېنىمدىكى تويى بۇلىدىغان يىگىتكە قارىسام ئۇ يەنە ئۈلۈكتەك يېتىپتۇ، ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ مىنى تىترەك بېسىشقا باشلىدى...
شۇنداقتىمۇ خۇداغا قىلغىنىم بارئىكەن، بىر چاغدا كاساپەتنىڭ قۇلى ھەركەتكە كىلىپ ئەتراپنى سىيلاشتۇرۇپ مىنىڭ بەدىنىمنى چىڭ تۇتىۋالدى.
- ئانا...ئانا....
ئۇ ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى. بىراق دادىسى تاراكتۇردەك ئاۋاز چىقىرىپ ماڭىدىغان بۇ پىكاپنىڭ شاۋقۇنىدا ئۇنىڭ ئاجىز ئاۋازىنى ئاڭلىمايۋاتاتتى.
-ئانا...ئانا...
مەن ئاستا ئېغىزىمنى ئۇنىڭ قۇلقىغا يېقىپ پىچىرلىدىم:
-ئۇ ئاناڭ ئەمەس چوڭ داداڭ، ئەمدى قويىۋەت!
- چوڭ دادا...چوڭ دادا...
ئۇ يەنە توختىماي ئىڭرايتتى، مەن ئاغرىققاچىدىيالماي ئۇنىڭ قۇلىقىغا تېخمۇ ئۈنلۈكرەك قىلىپ ئېيتتىم:
-ئەمدى مەندە كەمپۈت يوق!
1996-يىل   (قاراقاش)

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 01:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                       توختى پوكان ۋە غالتەك ۋەقەسى

                                                            (ئىككىنچى ھېكايە)
                                                         ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش


تۇرانىياز باشلىقنىڭ بېلى ئېغىر چىم بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇر ئۇنىڭ كارۋاتتىن چۈشىشىنى چەكلىدى، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر پاقلاننىڭ گۆشىنى يەپ كۆنۈپ كەتكەن كالىدەك ئىشتەيلىك بۇ بىر نېمە تىمساخنىڭكىدەك دانە-دانە تاكان چىشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن گېلىدىن قالمىغان ئىدى. ئۇ كارۋاتتا يېتىپمۇ چىشى يوق موماي گۇلا شۈمىگەندەك بار-يوقنى توختىماي ماكىلدىتىپ چايناپ كۈندە زەمبىلدە بىرنى چىقىرىپ ياتتى، ياتاقنىڭ ھاۋاسى بولغىنىپ چىدىغۇسىز بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياتقان ئىككى سوقۇر ئۈچەي بىمار ئوپراتسىيە قىلىنىشتىن ۋاز كىچىپ ئۆلسەكمۇ ئاسمىنى ئۇچۇق يەردە ئۆلەيلى دەپ بۇرنىنى توتقىنىچە دوختۇرخانىدىن قاچتى.
ئۇنىڭ چىقىرىنىدىسىغا قاچا تۇتۇپ كۈتىگە قەغەز تاشىتالمىغان بىچارە ئاتا-ئانىسى دەرھال پىلان تۈزۈپ ئۇلارنىڭ نىكاھىنى شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئۇقۇپ تۈگەتتى. شۇنداق قىلىپ ئايشىخاننىڭ سېسترا سىڭلىسى تۇنجى توي ئاخشىمىنى ئۇنىڭ تىگىنى قۇرۇقداش ۋە پوقىنى تۈكۈش بىلەن يورۇتتى.
دوختۇرلارنىڭ كارامىتى بىلەن تۇرانىياز ئوبدانلا ساقىيىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن تاماق يىسە توخۇدەك چېچىپ يەيدىغان، بىر مىنۇتتا ئون قېتىم تۇمشۇقىنى سۇنۇپ يىگىرمە قېتىم پوتلىسىنى تارتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرانىيازنىڭ كىشىلەرگە دائىم قاپاق تۆرۈپ تورىدىغان  مۇز چىرايى بۇ قېتىمقى داۋالاشتىن كېيىن بىر ئىشتىن ئاچچىقلانسىمۇ، خاپا بولسىمۇ «تاللىققا ئېسىپ قويۇلغان كاللىدەك» ھىجىيىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ساقايدى...
«بىر قايغۇدا بىر خۇشاللىق» دېگەندەك ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇ نۇقسانلىرى ئۇنىڭغا ئېيتقۇسىز ئامەت ئېلىپ كەلدى، بىر قېتىم يۇقىرى ئورۇنلاردىكى ئالاھىدە رەھبەرلەر خىزمەت تەكشۈرۈپ كېلىپ تۇرانىياز باشلىقنىڭ ساقچىخانا ھويلىسىدا ئاممىغا گەپ قىلىۋاتقاندىكى ھالىتىنى يەنى دەمدە بىر تۇمشۇقىنى سۇنۇپ پوتلىسىنى تارتقىنىچە ئۇلارغا باشتىن –ئاخىرى كۈلۈپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈپ «قاراڭلار بىزنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى بۇ قەھىرىمان كادىرىمىزغا، ئۇ خىزمەت ئۈستىدە ھېرىپ-تەرلەپ بۇرنىنى سۈرتكۈدەك ھالى قالمىسىمۇ يەنىلا خەلققە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنىنى، بىز ھەممىمىز بۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك!» دەپ داۋراڭ سالدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ كاتتا زاتنىڭ بىر ئېغىز گىپى بىلەن تۇرانىياز باشلىق دەرھال«خەلقنىڭ غەمگۈزار چاكىرى –تۇرانىياز» غا ئايلىنىپ پۈتۈن گېزىت-ژورنال،تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىنى ئىگەللىدى ھەم ئوزۇنغا قالماي قوشنا بىر ناھىيىگە ناھايىتى چوڭ ئەمەلدار بولۇپ ئۆسۈپ كەتتى.
ھاجىم ئائىلىسىدىكىلەرمۇ كىيئوغلىغا كەلگەن بۇ ئامەتنىڭ خوشلۇقىدا پاتمىخان بىلەن بولىدىغان توي ئىشىمىزنى ئالدىنقى ئايغا بىكىتتى.
«يىتىمنىڭ ئاغىزى ئاشقا تەگسە بورنى قاناپتۇ» دىگەندەك تويغا ئاز قالغاندا كەنتىمىزدە كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بىرىپ چوڭ-كىچىك ھەممىمىزنى يوق بىر بالاغا تىقتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاسارىتى بولسا كېرەك مەكتەپ، كان-كارخانا تاملىرىنىڭ يۈزلىرىدە ئىشقىلىپ بوش-بىكارلىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل دەبدەبىلىك شۇئارلار يېزىغلىق توراتتى. ھەتتا مەن ئەقلىمگە كەلسەم كەنتە كومتىتىنىڭ چوڭ يېغىن مەيدانىدىكى قىشتا سېلىنغان چوڭ خالىجاينىڭ سىرتقى تام يۈزىدىمۇ قىزىل سىر بىلەن سىزىلغان شۇ بىر باش سۈرەت  بىلەن چوڭ خەتلىك بىر شۇئار بار ئىدى.
بىر كۈنى قايسىدۇ بىر مەلئۇن بۇ ئۇلۇغ شۇئارنىڭ خېتىنى شاخ بىلەن جىجىلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كەنتىمىزدە بوران چىقىپ ئالەم –مالەم بولدى، ساقچى-ساقچى قايناپ كەتتى، يېزىدىن كەلگەن رەھبەرلەر بۇ ئىشنى دەرھال سىياسىيغا كۈتۈرۈپ«سەككىزىنچى ئىيۇل شۇئار جىجىلاش –بۇزۇش ۋەقەسى» دەپ نام قويدى، بىز ئىيۇل-پىيۇل دېگەن گەپنى چۈشەنمەيتتۇق، پەقەت بۇ چوڭ خەتنى يەتتىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى بىرە ئۇششاق بالىنىڭ ئۇقماي جىجىلاپ قويغانلىقىدىن گۇمان قىلاتتۇق. مۇشۇ زور  ۋەقە سەۋەپلىك مىنى قەيەردە كۆرسە، خىقىراپ يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ يۈرۈيدىغان كونا قېيىنئاتام بىر كۈندىلا جازالىنىپ ھۇقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
ئىچىمدە بو ئوغرىنىڭ موللاق ئاتقانلىقىدىن قەۋەتلا خۇشال بولدۇم، لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان كەنتە مۇدىرى دېگەن ئەبلەخ خىزمەت قىلمىسا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك كەنتىدىكى بارلىق ياشلارنى يېغىپ خالىجاينىڭ تېمىنى نۆۋەت بىلەن خەۋەر ئېلىپ قوغدىغىلى سالدى. ھەر كۈنى تۆت ئادەم كېچە-كۈندۈز بۇ تامنى خەۋەر ئالاتتۇق، بۇ ئىشنى قىلغان بەد نىيەت تېخىچە تېپىلمايۋاتاتتى.
«كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دىگەندەك نەچچە كۈن ئۆتمەي كەنتە كومتىتىنىڭ قوروسىدىكى دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان ئېگىز خادىنىڭ بايراق سىمىنى يەنە بىر نائەھلى ئوغرىلىۋالدى.
ھەر نېمە بولسا بۇ قېتىمقى ئىش يۇقىرىغا دوكلات قىلىنمىدى، ناۋادا دوكلات قىلىنغان بولسا بو ئىش يەنە«ئون بەشىنچى ئىيۇل سىم ئوغۇرلاش-بولاش -تالاش ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىپ يېزا باشلىقى بىلەن كەنتىمىزنىڭ بۇ يېڭى«سېكرېتارى» ئاللاقاچان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
بار خاپىلىق يەنە شۇ بىز بىچارىلەرگە بولدى، نۆۋەتچىلىك قىلىپ قوغدايدىغان جاي بىردىن ئىككىگە كۆپىيىپ ئادەم سەككىزگە ئاۋۇدى. بىز بىر گۇرپپا تۆت ئادەم بار كۈچىمىز بىلەن بايراق خادىسىنىڭ تۈۋىدە يېتىپ-قوپۇپ خادىنى قوغدىدۇق يەنە شۇنداقتىمۇ بو نىيىتى يامان ئوغرى بىر ئاخشىمى بىزنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىمىزدىن پايدىلىنىپ بايراقنىڭ يىپىنى يۆگەيدىغان چۈيۈن غالتەكنى ئوغرىلىۋاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ «چويۇن غالتەك ۋەقەسى» دىن كېيىن كەنتە رەھبەرلىگى بىر كۈن مۇزاكىر قىلىش ئارقىلىق بايراق خادىسىنىڭ تۈۋىگە توپاقتەك سېرىق ئىتتىن بىرنى باغلاپ قۇيىدىغان بولدى، بىز شۇ ئىت بىلەن بىرگە خادىنى قوغداپ يېتىشقا مەجبۇرى بولدۇق...
ئىتنىڭ پەيلى يامان ئىدى، بەزىدە بىزگىمۇ يۈز قىلماي داپشىنىپ قۇياتتى، ئىت بۇلا مۇشۇنداق بولا، ئاخشاملىرى خادا تۈۋىگە قۇيۇلغان كارۋاتتىن چۈشۈشكە ھېچقايسىمىز پېتىنالمايتتۇق، چۈنكى كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى سېكرېتارنىڭ قول-چومىقى بولغان بۇ سېرىق ئىت كۈزىنى ئۈزمەي بىزنى باشقۇراتتى. سىيگۈمىز كەلسە تۆتەيلەن ھەممىمىز بىر بولۇپ ماڭاتتۇق، تەڭ كېچىسى باشقىلارنى ئويغىتالمىسام كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۈرە تۇرۇپ يىراقلارغا قۇيۇپ بىرىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى، نېمە بالاغا قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ھېلىغۇ ئىتكەن، ئىتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ تىنىم جۇغۇلداپ يۈرۈگۈم قېپىدىن چىكىتىدىغان ئادەم ئىدىم...
ئىت ھېلى چىقىپ بىرە يېرىمنى كاپ قىلىپ ئالارمىكىن دىگەندەك قورقۇنچىدا تۈزۈكمۇ سىيەلمەيتتىم ھەر قېتىم يېرىمىنى سىرىتقا يېرىمىنى ئىشتىنىمنىڭ ئىچىگە چىقارغانچىلىك قىلىپ ھۆل زاكىدا قالغان بوۋاقتەك تاڭ ئاتقىچە يۇلتۇز ساناپ غىمىسلاپ چىقاتتىم، ئىشقىلىپ توختى پوكان بولغانغا گېلىمغىچە تويدۇم...
كەنتىمىزدە بۇنداق سىياسىيغا ياتىدىغان زور ۋەقەلەر ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەندىن كېيىن يۇقىرىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن كەنتە تەۋەلىكىدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىمىز كەنتە كومتېتىغا يېغىلىپ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەجبۇرى«سىياسى ئۆگىنىش» قىلىش ئارقىلىق ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىدىغان بولدۇق. كۈندە بولىدىغان بۇ ئۆگۈنۈشتە سېكرېتار توختىماي گېزىت-ماتېرىيال ئۇقۇيتتى بىز زەن سېلىپ ئاڭلاپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ھەزىم قىلاتتۇق، ئاندىن «مۇزاكىر باسقۇچى» دا ھەممىمىز بىرمۇ-بىر پىكىر بايان قىلىپ بۇ ۋەقەنى ئېيىپلاپ –تىللاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىرادىمىزنى بىلدۈرىشەتتۇق...
بۈگۈنمۇ دائىمقىدەك سېكرېتار ماتېرىيال ئۇقۇشنى تۈگىتىپ مۇزاكىر باسقۇچىغا ئۆتمەكچى بولىۋاتاتتى، مەن كۆڭلۈمدە« ھاي سېكرېتار يا ئىتىڭنى يوقات، يا مەن خالىجاينىڭ تېمىنى بېقىپ شۇ يەردە ياتاي، يا بولمىسا مىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈۋەت!»دېگەننى ئويلاپ ئېغىزىمنى ئاچاي دەپ تۇراتتىم، شۇ چاغدا سىرتتىن سايىت چولاق دېگەن پەسەندى «ۋاي سېكرېتار!...ۋاي سېكرېتار!» دىگىنىچە چىرايىدا قان يوق يۈگۈرۈپ يېغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى، بىز ھەممىمىز بىرە يەرگە ئوت كەتكەن ياكى كەنتىمىزنى سەل باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن توختاپ ئۇنىڭغا كۆزىمىزنى تىكتۇق.
- نېمە بولدى ھاي چولاق؟- دەپ ۋاقىرىدى سېكرېتار جىددىيلەشكىنىدىن ئورنىدىن چاچراپ تورۇپ.
- نېمە....نېمە بولاتتى، سېكرېتار...جىنايەتچى تېپىلدى!- دېدى سايىت چولاق ھاسىرىغىنىچە.
- قايسى جىنايەتچى؟
- بايراقنىڭ غا...غا...غالتىكىنى ئوغرىلىغان!
سېكرېتار بۇ جاۋابتىن شۇنداق خۇشال بولدى:
- ھە...كىمكەن؟
- ئەنە ...مەن باشلاپ باراي!
يىغىندىكى ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن گۆركىرەپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن كەنتە كومتىتىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا ئېتىلدۇق، بىز چوڭ-كىچىك بولۇپ كامىدا ئۈچ-تۆت يۈز ئادەم ئىدۇق، مۇشۇ ئوغرى سەۋەبلىك نەچچە ھەپتىدىن بىرى بىزنىڭ يىمىگەن پوقىمىز كىرمىگەن گۆرىمىز قالمىغان ئىدى، ھەممىمىز يەڭلىرىمىزنى شىمايلاپ ئىستىھكامغا ئېتىلغان جەڭچىلەردەك ئۇ ئوغرىدىن ئۈچىمىزنى ئالغىلى يۈگۈردۇق...ھەتتا مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ئاخۇنى چۈشۈپ كەتكەن سەللىسىگىمۇ قارىماستىن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ھاسىراپ قۇيۇندەك چاپماقتا ئىدى...
دېگەندەك چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەھەللىدىكى ساۋۇت ساراڭ قۇلىدا ھېلىقى چۆيۈندىن ياسالغان غالتەكنى ئويناپ بەخىرامان تۇراتتى، ئۇ نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆزى تەرەپكە «ھۇررا» توۋلاپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدى، كەينىدە باشقا بىرسى يوق ئىدى. ئەتىدىن –كەچكىچە «ھو....ھو...» دەپ كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان بۇ كۈلگۈنچەك ساراڭ كۆڭلىدە «بۇ تېگى پەسلىگە نېمە بولغاندۇ ئەمدى؟ بۇلارنى چوقۇم كەنىتتىكى ھېلىقى سېرىق ئىت ئالدىغا سېلىۋالدى، بولمىسا بۇ ساراڭ-لەقۋالار بۇنچىلىك قېچىشىپ يۈرمەستى!» دېگەننى ئويلاپ ھىجىيىشتىن توختىدى ئاندىن چىرايىنى تۈرگىنىچە ئىككى لىۋىنى چىشلەپ ئالدى-كەينىگە قارىماستىن بەدەر كەينىگە بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى...
خۇدايىم بۇ ساراڭنىڭ پۇتىغا كۈچنىمۇ تازا بىرىپتىكەن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆز ئالدىمىزدىن پىلدىرىغۇچتەك پىقىراپ يىراقلاپ كەتمەسمۇ؟
قاچە-قاچ، تۇتە-تۇت....
ساراڭ بىزگە تۇتۇق بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە چوڭ ئۆستەڭدىكى ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ توختاپ ئالدىغا ئىڭىشىپ تۇرۇپ ھاسىرىغىنىچە دېمىنى ئېلىشقا باشلىدى...
بىزمۇ كەيندىن تۈشمۈ-تۈش باستۇرۇپ كىلىپ قەدىمىمىزنى كۆۋرۈكنىڭ لېۋىدە توختىتىپ تىزلىرىمىزنى تۇتۇشقىنىمىزچە چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىشقا باشلىدۇق، ساۋۇت ساراڭ ئېڭىشكەن يېرىدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ بىزگە ئالىيىپ قارىدى، بىزمۇ ھەممىمىز بېشىمىزنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلدۇق، ئۇ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىزگە تىل سالدى:
- ئاناڭنىڭ تويى بولاشتىما ھەرقايسىڭغا؟
بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ھەيران قالدۇق، چۈنكى بۇ ساراڭ ئۆمرىدە بىرسىنى تىللاپ باقمىغان ئىدى.
- ھەي ساراڭ! – دېدى سېكرىتار ھارغىنلىقتا دېمىنى ئالالماي،- ئاۋۇ قولۇڭدىكى غالتەكنى نەدىن تاپتىڭ؟
ساراڭ قولىدىكى چويۇن غالتەككە لاپپىدە قاراپ ئۇنى دەرھال كەينىگە تىقىۋالدى-دە توۋلاپ جاۋاب بەردى:
- ئاچاڭنىڭ ئېرىما مەن؟ بوش توۋلا ماڭا!،-دەپ خىرقىرىدى ساراڭ.
- غالتەكنى نەدىن ئالدىڭ دەيمەن؟
- ئاناڭنى ئالغان يەردىن!
ئۇنىڭ جاۋابىدىن ھەممەيلەن پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇسال بولغان سېكرېتار تەلەتىنى بۇزدى:
- ھاي ساۋۇت ساراڭ ، ئاۋۇ قولۇڭدىكى غالتەكنى نەدىن تاپتىڭ دەيمەن؟
- سىنىڭ ئاناڭنى غالتەك ئالمىغان بولغىيتتى، ھەي غالتەك جېنى چاپلىشىۋالغان ساراڭ!،- دەپ ۋارقىرىدى ساۋۇت ساراڭ غەزەپ بىلەن، - نىمانداق كەچكۈچە غالتەك-غالتەك دەۋېرىسەن، غالتەكتىن بۆلەك گىپىڭ يوقما سىنىڭ؟
ساراڭ بىگىز بارمىقىنى سېكرېتارغا چىنەپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى، بىچارە سېكرىتار خۇددى ئاتىسىدىن تەنبىھ يېگەن بەش ياشلىق بالىدەك يۇۋاشلاپ قالدى، بىز بۇلارنىڭ ھالىتىگە قاراپ قايسىسىنىڭ ساراڭ قايسىسىنىڭ سېكرىتار ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدۇق.
بۇ چاغدا يېڭىدىن سايلانغان كەنتە مۇدىرى سېكرېتارغا ياخشىچاق بولۇپ گەپكە ئارىلاشتى:
- ھاي ساۋۇتاخۇن، ئاۋۇ قولۇڭلىدىكى غالتەكنى بىزگە بىرىۋېتىپ ئاندىن گەپ قىلىڭلار ئۇكام!
- تۈفىي!،- ساراڭ ئاچچىق بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈردى،- قاچاندىن بىرى مەن سىنىڭ ئۇكاڭ بولۇپ قالدىم، سەندەك نەسلى پەس، دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان مۇناپىققا ئۇكا بۇلىدىغان ساۋۇت تېخى دۇنياغا تۇغۇلمىدى!
ھەممەيلەن كەنتە مۇدىرىنىڭ راستىنلا ئۆز دادىسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشەتتۇق، شۇڭا بىز يەر تىگىدىن كۆز بېقىشىپ كۈلۈشۈشكە باشلىدۇق.
بۇ ساراڭنىڭ ئېغىزىدىن ھەر بالا كىلەتتى، يەنە ئۆزىنىڭ بىرە ئەيىبىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىنى ئويلىغان كەنتە مۇدىرى بىر ئاز شوك بولۇپ قالدى.
بۇ چاغدا ئاخۇنۇم سالاغا چۈشتى:
- جېنىم ساۋۇتاخۇن، قولۇڭلاردىكى ئاۋۇ نەرسىنى بىزگە بېرىۋېتىڭلار، بىز نەچچە كۈن بولدى، شۇ غالتەكنىڭ خاپىلىقىدا يا ئۇيقۇ ئۇيقۇ بولمىدى، يا يېگەن تاماق تاماق بولمىدى...
ساۋۇت ساراڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆرۈپ تەلەپپۇزىنى يۇمشاتتى:
- بوپتۇ سەن گەپ قىلىپ سالدىڭ، بەرسەممۇ بېرەي، لېكىن بىر شەرتىم بار!
- دىگىنە يۈز شەرتىڭ بولسىمۇ،- دېدى سېكرىتار جىلە بولۇپ،- بىر ئاڭلاي باقىلى!
- ھەرقايسىڭ دادامنى پومىشچىك دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتۈڭ، ئانامنى پومېشچىكنىڭ خوتۇنى دەپ ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈشتۈڭ، بىر تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پومېشچىكنىڭ باللىرى دەپ يىراق-يىراقلارغا پالاشتىڭ، ئۇلارمۇ سەرسانچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگىدى، قېنى ئېيتە، ئۆز ۋاقتىدىكى بىزنىڭ قوي-كالىلىرىمىزنى نەگە ئاپارغان، ئۆيىمىزدىكى گىلەم-كىگىزلەرنى نەگە تىقىشتىڭ؟ماۋۇ كۆۋرۈكنى كىمنىڭ سالغانلىقىنىغۇ بىلىشىدىغانسەن؟ نېمىشقا بۇ كۆۋرۈكنى بوزۇشمايسەن؟ بۇپتۇ ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلگەن بولسۇن، دەيدىغان شەرتىم شۇكى مال-مۈلكۈمنى قايتۇرۇپ بەر، بولمىسا بۇ غالتىكەڭنى ئۆستەڭگە تاشلىۋەتكىنىم تاشلىۋەتكەن!
ئۆز ۋاقتىدا بۇ كۆۋرۈك بىلەن كەنىتتىكى كونا مەكتەپنى ئۇنىڭ دادىسنىڭ سالغانلىقىنىغۇ ھەممىمىز بىلەتتۇق، لېكىن بىز بۇ ساراڭنىڭ بۇ ئىشلارنى بۇنداق تەپسىلى بىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدۇق، بىز ئاغزىمىزنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدۇق.
سېكرېتار غەزەپتىن يېرىلدى:
- ۋۇ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان قېرى ساراڭ! ئەكىلە غالتەكنى!
سېكرېتار شۇنداق دىگىنىچە ئالدىغا مېڭىشقا تەمشەلدى.
ساۋۇت ساراڭ بۇنى كۆرۈپ قۇلىدىكى غالتەكنى بىر بارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ تىز ئېقىۋاتقان ئۆستەڭنىڭ سۈيىگە سۇنۇپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
- ۋۇ خام كاللا بەڭگى! ئالدىڭغا مېڭىپلا قالساڭ بۇنى تاشلايمەن!
سېكرېتار كۆزلىرىنى پىلدارلاتقىنىچە ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى، مەن ئاخىرى بۇلالماي سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ سالدىم:
- جېنىم ساۋۇت ئاكا، ماڭا بىر ئىچىڭ ئاغرىسۇن!،-دېدىم ھۆركىرەپ يىغلىغىنىمچە،- ماڭا نەچچە كۈن بولدى، شۇ خالىجايدا تام قوغدايمەن دەپ پوق بۇراپ ياتقىلى، ئەمدى قۇپۇپ بۇ غالتەكنى دەپ كۈنلىكى بايراق خادىسى ئاستىدا ئەشۇ ئىت بىلەن بىرگە ياتىمەن....ئېيتقىنا ئاكا ماڭا نېمە كۈن بۇ، مەن تۈزۈك بىر سىيىپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بولسا، سەنمۇ كۆردۈڭ ئۇ ئىتمۇ ياكى توپاقمۇ؟ جاھاندا بونداقمۇ چوڭ ئىت بۇلامدۇ؟ مەن سەندىن خوش بۇلاي ئاكا، ئۇنداق قىلماي غالتەكنى بەرگىن...
ساۋۇت ساراڭ مىنىڭ يىغامنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئاچچىقلاندى:
- ئاناڭ بولغان ساراڭ جادى، دادامنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ بىرسى، تولا ۋالاقلىماي كۆزۈمدىن يوقال!
بىز نېما قىلارىمىزنى بىلەلمەي، ئاغزىمىزنى ھاڭ ئېچىپ ساراڭغا قاراپ قالدۇق، ھازىر بۇ ساراڭ ئۈزىنى دۇنيانىڭ خۇجىسى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك ئەلپازىدىن بۇ يېقىنلاردا غالتەكنى بىزگە بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
شۇ چاغدا ساراڭ سەت كۈلۈپ ئېغىز ئاچتى:
- ھەرقايسىڭغا بۇ غالتەك بەك مۇھىمما؟
- مۇھىم!
نەچچە يۈز ئادەم تەڭلا ۋارقىراپ جاۋاب بەردۇق.
ساراڭ ئاغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلگىنىڭچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
- ھەرقايسىڭنىڭ ئەقلىنىڭ پوققا چۈكۈشۈپ قالغانلىقىنىغۇ ئوبدان بىلەتتىم، غالتەككە ئېرىشىمەن دىيىشىدىكەنسەن، ئۇيۇن ئوينايمىز! ئاڭلاشتىڭما؟
«ئاھ خۇدا! بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى، بىر ئەرزىمەس غالتەك ئۈچۈن بۇ ساراڭ بىلەن ئۇيۇن ئويناپ يۈرۈرمىزمۇ ئەمدى...»
ھەممىمىز تەڭلا جاۋاب بەردۇق:
- ئاڭلىدۇق!
- ھەممىڭ ئورنىڭدا ئولتۇرۇش!،- كوماندا بەردى ساراڭ ئۈزىنى كاتتا بىرسى چاغلاپ.
بۇ بۇيرۇقتىن بەزەنلىرىمىز ئولتۇردۇق، بەزەنلىرىمىز پىخىلداپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرمىدۇق، لېكىن ساۋۇت ساراڭ كىنونى تولا كۆرۈپ گېنراللىق سەۋىيىگە يەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ بوش كەلمىدى:
- ۋۇ نەسلى پەس، سۇلامچى خوتۇننىڭ باللىرى، مىنى نېمە كۆرۈپ قېلىشتىڭ، ھەرقايسىڭغا غالتەككە لازىممۇ ياكى كەنتىدىكى ئۈگۈنۈشمۇ؟
- غالتەك لازىم!
بىز ئۆلگۈدەك ۋارقىراشتۇق، چۈنكى ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى سۇغا تاشلاي دەپ تۇرىۋاتاتتى، ئاڭغىچە سېكرىتار بىزگە نەسىھەت قىلدى:
- جېنىم جامائەت، مۇشۇ قېتىم ئۇنىڭ گېپىنى بىر ئاڭلاڭلار، بىز بىر ئامال قىلىپ غالتەكنى قولغا ئېلىپ يۇقىرىغا جاۋاب قايتۇرايلى، بولمىسا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەنتىمىزگە بىر يىللىق خىزمەت گۇرۇپىسى كىلىدىكەن!
«خىزمەت گۇرۇپىسى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ دېمى ئىچىمىزگە چۈشۈپ كۆزلىرىمىز يوغىناپ كەتتى، ناۋادا ئۇلار كەنتىمىزگە كېلىدىغان بولسا كۈندە قىلىدىغان يېرىم كۈنلۈك ئۆگىنىش پۈتۈن كۈنگە ئۆزگىرەتتى، يەنە تېخى.....
- سېكرېتار داداڭلار توغرا دەيدۇ،-دېدى ساۋۇت ساراڭ كاللىسىنى لىڭىشتىپ تورۇپ ھاكاۋۇرلارچە،- توخۇ-كەپتەر، ئۆردەك-غازلىرىڭدىن ئايرىلىشماي دىيىشسەڭ بۇيرۇققا بويسۇنۇش! مەن ھازىردىن باشلاپ پادىشاھمەن، بىلىشتىڭما؟
- بىلىشتۇق!
- بىلىشكەن بولساڭ ئېيتىشە مەن كىم؟
- پادىشاھ!
- زۇۋانىڭغا بىر نېمە تورۇپ قېلىشمىغاندىكىن ئۈچ قېتىمدىن ئۈنلۈك جاۋاب بىرىش، مەن كىم؟
- پادىشاھ! پادىشاھ! پادىشاھ!
بىز قاتتىق ۋارقىراپ جاۋاب بەردۇق، گۆركىرەپ چىققان ئاۋازىمىزدىن مەيدان ئاسمىنى تىتىرەپ كەتتى.
يېڭى «پادىشاھ» بىزنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن بەرگەن جاۋابىمىزدىن رازى بولۇپ ئۈسۈپ چاڭگا بولۇپ كەتكەن كالتا ساقىلىنى ئاستا سىلاپ قويدى-دە يەنە بۇيرۇق قىلدى:
- ھەممىڭ ئورنىڭدا ئولتۇرۇش!
ھەممەيلەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن دەرھال ئولتۇردۇق.
-جاللات!
بىز بۇ ساراڭنىڭ كىمنى جاللات دەپ چاقىرغانلىقىنى بىلەلمەي سوئال نەزىرىدە بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق، بۇ چاغدا سېكرېتار ماڭا قاراپ كۆز ئىشارىتى قىلدى، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ خالىجاي باقىدىغان تۆتى بىلەن خادا باقىدىغان ئۈچىنى تارتىپ چىقىرىپ توۋلىدىم:
- لەببەي شاھىم!
- ئاۋۇ پوق ساقالنى تۇت!
بىز ئۇنىڭ كىمنى دىگەنلىكىنى بىلەلمەي ساۋۇت ساراڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدۇق.
- يېنىڭدىكى ئاۋۇ گەدەنكەشنى!
ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى يېنىمىزدىكى ئىمام ئاخۇنۇم ئىدى. بىز ئۇنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالماي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدۇق بۇنى كۆرگەن ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى ئېگىز كۆتۈردى:
- غالتەكنى تاشلىدىم ئەمىسە!
بۇنى كۆرگەن سېكرېتارنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى-دە ئاخۇنۇمغا ۋارقىرىدى:
- چىقسىلا ئاخۇنۇم ئالدىلىرىغا قاراپ تۇرماي!
ئاخۇنۇم سېكرىتارغا سادىق ئىدى، ئۇنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىنى مۇشۇ سېكرىتار ئېلىپ بەرمىگەن بولسا بۇ ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ كالتە بىلىمى بىلەن ھەرگىزمۇ مەسچىتنىڭ ئىماملىقىنى قىلالمايتتى ھەم يۇرتنىڭ چوڭلىرى قاتارىغا كىرەلمەيتتى، شۇڭا ئاخۇنۇم غىڭ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى.
- تىزلان!،- دەپ ۋارقىرىدى خان غەزىپىنى بېسىپ تۇرۇپ.
ئاخۇنۇم ئاچچىقىدا لىۋىنى چىشلەپ تىزلىنىپ ئولتۇردى. خان سوراقنى داۋام ئەتتى:
- ئېيتە ناماز بىزگە نېمە؟
- ناماز بىزگە پەرز!- دەپ ئۈنلۈك ئېيتتى ئاخۇنۇممۇ بوش كەلمەي.
- خوش، ئۇنداق بولسا، نامازنىڭ ۋاقتى بىزگە نېمە؟
- نامازنىڭ ۋاقتىمۇ پەرز!
ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ بەرگەن توغرا جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ بىز كۆپچىلىككە غادىيىپ قاراپ قويدى.
- ئۇنداق بولسا ھەي پوق ساقال!،- پادىشاھ قۇلىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى،- نېمىشقا كەنتىدە يېغىن ئاچقاندا پىشىن بىلەن ئەسىرنى قازا قىلىسەن؟ نېمىشقا جامائەتنى مەسچىتكە ئېلىپ چىقمايسەن؟
ئاخۇنۇم كېكەچلەپ قالدى:
- بۇنى...بۇنى...سېكرىتار قويمىسا!
- سەن بەدبەخ خۇدادىن قورقامسەن ياكى سېكرېتاردىنمۇ؟
- بۇ....بۇ....
- جاللات!، -دەپ ۋارقىردى شاھ غالتەكنى كۆتۈرۈپ،- بۇ سېكرېتارنى ئۈزىگە خۇدا قىلىۋالغان مۇرتەدنىڭ كۈتىگە قىرىق دەۋرە!
بىز سېكرېتارنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئاخۇنۇمنىڭ كۈتىگە تىپىشنى باشلىدۇق، بىچارە ئاخۇنۇم ھەر بىرنى تەپسەك بىر قېتىم ئىنجىقلايتتى...تېپىكنىڭ ئون توققۇزىنچىسىغا بارغاندا ئاخۇنۇم بۇلالماي كۈتىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سېكرىتارغا ۋارقىردى:
- ئالە ئىماملىقىڭنى، ئىككى تال پۇلۇڭنى ئۆزۈڭ خەجلە، بىر تال قۇتا غالتەكنى دەپ مۇشۇ ساراڭنىڭ كەينىگە كىرىپ مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچىما سەن؟ ئىماملىقنى ئەمدى ئاناڭ قىلسۇن!
ئىمام ئاخۇنۇم كۆزىگە ياش ئالغىنىچە مەيداندىن ئالا-تاغىل توۋلاپ چىقىپ كەتتى.
خان بېشىنى لىڭىشتىپ يەنە بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى:
- ئالتە قاراقچىنى تۇت!
«بۇ ساراڭنىڭ ئالتە قاراقچى دىگىنى كىمدۇ ئەمدى؟»
بىز ھېچنىمىسىنى بىلەلمەي خانغا تەلمۈرۈپ قارىدۇق.
- ھەي ئوغرى كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ ئولتۇرىسەنغۇ!- دەپ ۋارقىرىدى خان سەپنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان سېكرېتارغا بىگىز بارمىقىنى چەنلەپ تۇرۇپ،- شېرىكلىرىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن دەرھال تۇر!
بۇ چاغدا سېكرىتار ئامالسىز قىزارغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ پەستە ئولتۇرغان كەنتە مۇدىرى، بۇغالتىر، ئەترەت باشلىقلىرى بولۇپ بەش كىشىگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى. بىزنى كۈلكە بېسىۋېلىپ كۆزىمىزنىڭ قۇيرىقىدا بىر-بىرىمىزگە كۆز قىسىشقىلى تۇردۇق.
پادىشاھ يەنە پەرمان چۈشۈردى:
- جاللات !
- لەببەي شاھىم!
- بۇ گەدەنكەش تاغ قاراقچىلىرىنى ئالدىغا ئاچىقىپ تىزلاندۇر!
بىز تەمتىلەپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تۇرغىنىمىزدا سېكرېتار ئۆزى باش بولۇپ سەپنىڭ ئالدىغا نەچچە قەدەم چىقىپ تىزلىنىپ ئولتۇردى، بۇنى كۆرگەن باشقا بەش كىشىمۇ غۇدۇڭشىغىنىچە سېكرېتارنىڭ سېپىگە قېتىلدى.
- جاللات!
- لەببەي شاھىم!
سەككىزىمىز ئۆلگۈدەك تەڭ ۋارقىراپ جاۋاب قايتۇردۇق.
- ئاۋۋال بۇ مەلئۇنلارنىڭ كۈتىگە ئون دەۋرە!
بىز سېكرىتارغا قارىدۇق، سېكرىتارنىڭ كۆزى بولسا ئەشۇ چويۇن غالتەكتە ئىدى، ئۇ بىزگە بېشىنى لىڭىشىتىپ ئىشارەت قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى «تەپسەڭلار تىپىڭلار، لېكىن بوشراق بولسۇن»دېگىنى ئىدى.
بىز دەرھال يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇ ئالتىسىنىڭ كۈتىگە تەپكەننى دوراپ ساناشقا باشلىدۇق.
- توختاش، ھەرقايسىڭغا غالتەك لازىم ئەمەسكەندە؟- دەپ ئاچچىق توۋلىدى ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى يەنە سۇغا تەڭلەپ تۇرۇپ.
- ياق...بىز...بىز....
- ھەرقايسىڭ بۇلارنىڭ قوڭىنى سۈرتىۋاتەمسەن ياكى ئوۋلىۋاتامسەن؟
سېكرىتار يەنە بىزگە قاراپ بېشىنى لىڭىشتقاچ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى.
بىز بۇ قېتىم «بىر...ئىككى...ئۈچ...» دەپ سانىغىنىمىزچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئالتەيلەننىڭ كۈتىگە بار كۈچىمىز بىلەن تەپتۇق، مەن بۇ قېتىم ھېلىقى سېرىق ئىتنىڭ ئىگىسى بولغان ئەترەت باشلىقىنىڭ كۈتىگە«ئىت باققانغا توي، ئىت دىگەننى شۇندامۇ باققان بارمۇ؟» دەپ راسا كۈچەپ تەپتىم، ھەر بىر تىپىشىمىزدە بۇ بىچارىلەر تۇغۇتلۇق ئايالدەك «ئې....ئې...» دەپ ۋايجانلىشىپ ئالدىغا دۇم چۈشۈشەتتى. ئون تىپىكمۇ ئاخىرلاشتى، ئۇلار ئېغىز-بۇرنىدىكى تاش- توپىنى سۈرتۈپ پادىشاھقا ئۈمىد بىلەن قاراشتى.
- ئەمدى ئېيتىشە بۇلاڭچىلار!،- دېدى پادىشاھ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ،- بۇ قېتىم سۇ پۇلى يېغىشقانسەن؟
- شۇنداق يىغدۇق!،- تەڭ جاۋاب بەردى ئالتىسى كۈتىنى سىلىشىپ.
- ھەر يىلى ئەزالارنى ئېرىق-ئۆستەڭ قازدۇرغىنىڭ راستما؟
- راست...
- كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ دەريا بېشىغا بىر ئاي مەجبۇرى ئەمگەككە ئاچىقىدىنىڭ راستما؟
- راست...
پادىشاھ تېخىمۇ ئالچاڭلىدى:
- ئېرىقتىكى سۇ ئاناڭنىڭمىدى؟
- ياق...
- ئەمىسە داداڭنىڭمىدى؟
- ياق...
ئەمىسە ئاناڭنى مۇنداق قىلغىلى بىزدىن سۇ پۇلى يېغامسەن؟- ساۋۇت ساراڭ بۇ گەپنى دىگەچ غالتەكنىڭ تۈشىكىگە بىگىز بارمىقىنى تىقىپ تۇرۇپ بىرنىمىلەرنى ئىشارەت قىلدى.
تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئالتەيلەن تەڭلا بېشىنى كۈتۈرۈپ ساۋۇت ساراڭنىڭ قۇلىدىكى چويۇن غالتەككە تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىما-ئىشارىتىنى چۈشۈنۈپ قىزرىشقىنىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.
يەردە ئولتۇرغان دېھقانلار بۇ گەپتىن خۇشال بولۇپ ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۈشۈشكە باشلىدى، ئاياللار بولسا بۇ ساراڭنىڭ ھاياسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىككى قۇلى بىلەن يۈزىنى يۆگىۋېلىپ پىخىلداشقا باشلىدى.
سۇراق داۋاملاشتى:
- ئۇنداق بولسا بۇ قېتىم يىغقان سۇ پۇلىنى يۇقىرىغا ئۆتكۈزۈشتىڭما؟
بۇ سۇئالغا سېكرىتار جاۋاب بېرەلمەي يېنىدىكى يۈز-كۈزى توپىدىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن بوغالتىرغا قارىدى.
- ھە...ھە...ئۆتكۈزدۈم، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن!- دەپ ئالمان-تالمان جاۋاب بەردى بۇغالتىر كېكەچلەپ.
- قانچىلىك تىقىۋالدىڭ؟
- مەن...مەن...تىقىۋالمىدىم، ھەممىنى ئۆتكۈزدۈم...
پادىشاھ بۇ جاۋاپتىن دەرغەزەپكە كەلدى:
- جاللات!
- لەببەي شاھىم!
- ماۋۇ يۇندە پۇرۇشقا قىرىق دەۋرە!
بىز خاننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ بۇغالتىرنىڭ كۈتىگە تازا تېپىشكە باشلىدۇق، بىز تىپىپ ئون ئىككىگە بارغاندا بوغالتىر تېپىككە چىدىيالماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى:
- مەن ئىقرا قىلاي...مەن ئىقرا قىلاي...مەندە بۇۋاسىر باتتى...ئەمدى تەپمەڭلار!
- ئېيتە قىزىل كۆز! بۇ پۇلدىن زادى قانچىلىك زىغ-زىغ چىقاردىڭ؟
بۇغالتىر يەرنىڭ تىگىدىن سېكرىتارغا ئالىيىپ قارىدى، سېكرىتار بىر قۇلىنى ئۆزىنىڭ بوينىغا ئەكىلىپ گېلىنى چىمدىپ سوزۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى«جېنىم بوغالتىر ئۇكام، ھەممىنى ئۈستۈڭگە ئالغىن، مەن ھامىنى ساڭا ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن سەندىن ئۆتىنەي، جۇگۇ...جۇگۇ..» دېگىنى ئىدى.
بوغالتىر بۇ قېتىم سېكرىتارغا رەھىم قىلىپ ھەممىنى ئۆز بوينىغا ئالدى :
- مەن...مەن ...سۇ پۇلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ قالغان...
دېھقانلار بۇنى ئاڭلاپ «مەرگەزنىڭ سىياسىتى ئەزەلدىنلا توغرا ئىدى، ئۇلار ئولتۇرسا-قوپسا خەلقنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەممىنى قىلىدىغانلار مۇشۇ يەرلىك نائىنساپلار ئەمەسمۇ؟» دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپ مەيداننىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى.
پادىشاھ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:
- ھەممىڭ ئاغىزىڭنى يۇمۇش قەلەندەرلەر!
جامائەت خاننىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ قاينىۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك تىمتاس جىمىپ قالدى. خان سوراقنى كۈچەيتتى:
- تىققان پۇلۇڭ قەيەردە؟
- ئىشخانامدىكى تارتمامدا...
- ئىشخاناڭ مەككە مۈكەررەمدىما؟
- ياق...شۇ ...
- ئەمىسە ئاناڭنى ئالغىلى قاراپ تۇرامسەن، بېرىپ ئەكەلمەمسەن؟
پادىشاھ چويۇن غالتەكنى يەنە كۆتۈردى. بۇنى كۆرگەن سېكرېتار ئالاقزادە بولۇپ بوغالتىرغا ۋاقىرىدى:
-نېمە قاراپ تۇرىسەن، تىزىملىك بىلەن ئەكىلىپ ھەممىسىگە تارقىتىۋەتمەمسەن قاپاقباش!
بوغالتىر قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ كېتىپ ھايال ئۆتمەي تىقىۋالغان پۇلنى ئەزالارغا تىزىملىك بويىچە بۆلۈپ تارقىتىشقا باشلىدى.
بىز بۇلۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا قاراپ ھەيرانۇ-ھەس قالدۇق، «توۋۋا خۇدايىم ماۋۇ ساراڭنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى! خۇدايىم بىلىپ ئىشەككە مۈڭگۈز بەرمەپتىكىنا؟بۇ ساراڭ سېكرېتار بولۇپ قالغان بولسا كۈتىمىزگە شام قىستۇرۇپ ياندۇرىدىغان چېغى نىمانچە ئاچچىق بۇنىڭدىكى!»
شۇنداق قىلىپ پۇل تارقىتىلدى دىھقانلارنىڭ چىرايىغا باشقىدىن قىزىللىق چىقىپ  كۈلكە يۈگۈردى. مۇشۇ تاپتا ساۋۇت ساراڭ بىز دىھقانلارنىڭ كۆزىگە ساراڭ ئەمەس ئەۋلىيادەك كۆرۈنۈۋاتاتتى.
پادىشاھ يەنە زۇۋانغا كەلدى:
- سەن كەنتىنىڭ بېشىمۇ؟
- شۇنداق پادىشاھى ئالەم!-دېدى سېكرىتار يېڭى بىلەن پېشانىسىدىكى مۇنچاق-مونچاق تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
- سەن خۇدانىمۇ ئالدىساڭ، خەلقنىمۇ ئالدىساڭ،پارتىيەنىمۇ ئالدىساڭ، دېگەن سەن زادى نېمە؟
- مەن...مەن...
- سەن دېگەن سېپى ئۈزىدىن مۇناپىق، سېپى ئۈزىدىن بۇلاڭچى! دېگەنلىرىم توغرىما؟
ساۋۇت ساراڭ شۇنداق دەپ بولۇپ غالتەكنى قۇلىدا يورغىلىتىشقا باشلىدى، سېكرىتار غالتەكنىڭ سوغا چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىزلا جاۋاب بەردى:
- شۇنداق ئېيتقانلىرى توغرا!
- ئۇنداق بولسا سەن نېمە؟
- مەن...مەن مۇناپىق!
- يەنىچۇ؟
- مەن بۇلاڭچى!
- ئۆزەڭنى كاچاتلا ھەزىلەك!
سېكرىتار ئۈزىنى-ئۆزى كاچاتلاپ تۇرۇپ يىغلامسىراپ ئېيتتى:
-        ئەمدى خوش بۇلاي غالتەكنى بەرگىن!
پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىمىز ئىچىمىزدە راسا خوش بولدۇق.
خان يەنە پەرمان چۈشۈردى:
- ھەممىڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇش!
بىز ھىجىيىشقىنىمىزچە ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق.
- سەنلەرگە لازىمى مۇشۇ غالتەكقۇ؟
- شۇنداق!
- ئەمىسە مەن كىم؟
- پادىشاھ!  پادىشاھ!  پادىشاھ!
بىز بۇ قېتىم ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ قۇيىۋېتىپ چىن دىلىمىزدىن ۋارقىرىدۇق.
- ياخشى! ياخشى!- خان يەنە بىر قېتىم بىزدىن مەمنۇن بولۇپ بېشىنى لىڭىشتقاچ ساقىلىنى سىيلىدى،- ئەمدى ھەممىڭ كۈزۈڭنى يۇمۇش!
بىز كۆزىمىزنى يۇمدۇق. مىنۇت ئۆتمەي خاننىڭ يىراقتىن ئاۋازى كەلدى:
-ئەمدى كۆزۈڭنى ئېچىش!
بىز كۆزىمىزنى ئاچتۇق.
ساۋۇت ساراڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۇ قېتىدا بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ «مانا غالتەك!»دىگىنىچە چويۇن غالتەكنى كۆۋرۈكتىن بىز تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى. بىز ھەممىمىز غالتەكنىڭ يورغىلاپ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆلە-تىرىلىشىمىزگە قارىماي غالتەك تەرەپكە يۈگۈردۇق. چويۇن غالتەك كۆۋرۈك ئۈستىدە توروقشىپ سەكرەپ ئۇدۇل بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى.
غالتەكنىڭ تېپىلىشىغا ئىنتىزار بولۇپ كەتكەن بۇ بىچارىلەر ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرە توپىدەك يۈگۈرۈشۈپ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىشتى.
ھاينى-ھۇيت دېگۈچە چۈيۈن غالتەك بىرىنچى بولۇپ سېكرېتارنىڭ قۇلىغا چۈشتى، ئۇ خۇشاللىقىدىن غالتەكنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ھۇررا توۋلىدى، بۇنىڭدىن بىزمۇ خۇشال بولۇشۇپ كۆزلىرىمىزگە ياش ئېلىپ ھاياجاندىن بىر-بىرىمىزنى قۇچاقلاشتۇق، كۆۋرۈك ئۈستىدە سەكرىشىپ غەلبىدىن تەنتەنە قىلىشتۇق ، لېكىن بۇ خۇشاللىقىمىز ئۇزۇنغا بارالمىدى.
ئەمەلىيەتتە كونىراپ لىغىلداپ قالغان بۇ ياغاچ كۆۋرۈك بۇنچە جىق ئادەمنى ئەسلا كۆتۈرەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ غەلبە خۇشاللىقىدىكى ئۆچكىدەك قالايمىغان سەكرەشلىرىمىز كۆۋرۈكنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ قىسقارتقان ئىدى، تۇيۇقسىز «قاراس-قۇرۇس» قىلغان بىر ئاۋاز ئاسمان-زېمىننى بىر ئېلىپ قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى...
مۇشۇ تاپتا بۇ «غەلبە قۇشۇنى» دىكىلەرنىڭ ھەممىمىز خالتىنىڭ تۈشۈكىدىن قۇيۇلۇپ كەتكەن پۇرچاقتەك كۆۋرۈكنىڭ شال-ياغاچلىرى بىلەن تەڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتۇق...

       *       *       *       *       *       *       *
بۇ غالتەك ۋەقەسىدە كۆۋرۈكنىڭ زىيىنىدىن باشقا بىرە ئادەم ئۆلۈپ-يارىلىنىدىغان ئىش بولمىدى لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى سېكرېتار ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلىدىكى چويۇن غالتەكنى سۇنىڭ ئىچىدە يەنە يۈتتۈرۈپ قويدى.
بۇ ۋەقە يېزىلىق ئورگانغا يىتىپ بېرىپ كەنتە كومتىت ھويلىسىنى يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىق-تاشلىق، ساقچى –پاقچى دىگەنلەر قاپلاپ كەتتى، ساۋۇت ساراڭ تۇتۇلۇپ تامدىكى شۇئارنى جىجىلىغانمۇ، غالتەكنى ئوغرىلىغانمۇ شۇ «پادىشاھ ساۋۇت» بولۇپ چىقتى.
لېكىن يېزىدىن كەلگەن كۆز ئەينەك مۇئاۋىن باشلىق «چوقۇم چويۇن غالتەكنى تېپىشىمىز كېرەك! » دەپ تۇرىۋېلىپ پۈتۈن ئەزالارنى ئۈچ كۈن ئۆستەڭدىكى سۇدىن غالتەك ئىزدەشكە سالدى. شۇنىڭ بىلەن كەنىت تەۋەسىدىكى ساقىلى مەيدىسىگە چۈشىدىغان قېرىلاردىن باشلاپ ئون بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلارغىچە ھەممىمىز مەيدىمىزگىچە سۇغا كىرىپ چويۇن غالتەكنى ئىزدەشكە باشلىدۇق، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئەتىۋارلىق «گۆھەر» سايت چولاقنىڭ پۇتىغا ئورۇندى....
چويۇن غالتەك ئاخىرى بايراق خادىسىغا قادالدى، قۇياش كۆتۈرۈلۈپ جاھان قايتىدىن ئەسلىدىكى رەڭدارلىقىنى تاپتى بىزمۇ خۇدايىم بەرگەن بۇ بايراق خادىسى بىلەن خوشلاشتۇق، خالىجاينىڭ تېمىدىكى شۇئارمۇ قايتا شوخلاندى، «ساراڭغا سوت يوق» دىگەندەك ساۋۇت ساراڭمۇ پاراۋانلىق ئورنىغا تىقىۋېتىلدى...
شۇنداق قىلىپ بىز بىچارىلەر يەنە ئېتىزغا مەھكۇم بولۇپ ئىشلىرىمىز بىلەن ئالدىراش بولدۇق، نەچچە كۈندىن كېيىن پاتمىخان بىلەن توي ئىشى توغرىلىق ھويلامدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم ئىشىكتىن سايىت چولاق دېگەن خۇمپەر يەنە ھاسىراپ كىرىپ كەلدى.
- يەنە پادىشاھنىڭ خەۋىرىنى قىلىپ كىرمىگەنسىلەر ئاداش؟- دېدىم ئاچچىقىم بىلەن سۆھبىتىمىزنى بۇزۇپ كىرگەن سايىت چولاققا ئالىيىپ.
- ياق ...ياق ... سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى...-دېدى سايىت چولاق بىر ئاز قورىنىپ.
پاتمىخان ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بىرە مۇھىم ئىشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
- ھە ئەمدى دەڭلا، ئەتىدىكى توي ئىشىڭلارنىڭ گىپىمۇ؟،- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
- شۇنداق ، بۇ گەپنى باشقا بىرسىگە دېگىلى بولمىدى، سىلى ئەتە مىنىڭ يىگىت قولدىشىم ئەمەسمۇ ئاداش، سىلىگە دېسەم....
سايىت چولاق گېپىنىڭ ئايىغىنى ئېيتماي جىم تۇرىۋالدى.
- دېمەمسىلەر ئاداش، زادى نېمە ئىشتى؟
- سىلىگە دېسەم ئاداش، قاراڭلار ماۋۇ پۇتۇمغا!،-دېدى سايىت چولاق ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۈرۈپ،- كىندىكىمنىڭ ئاستىغىچە مانا مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى.
قارىسام سايىت چولاقنىڭ سونجىقىدىن باشلاپ تىزلىرىغىچە تېرىسى قومچاقنىڭ تېرىسىدەك ھۈلدىلەپ چىقىپ كىتىپتۇ.
- ۋوي بۇ نېمە ئىشتۇ ؟ سەن ياكى يىلان بولمىساڭ تىرە تاشلايدىغان؟- دەپ سورىدىم ھەيران بولۇپ.
- مەنمۇ بىلەلمىدىم ئاداش، ئەتە تويۇم بۇلىدىغان تۇرسا، بېرىپ دوختۇرغا بىر كۆرىنىپ باقايلى دېگەن.
بىز ئالدىراش كەنتىدىكى يالاڭئاياغ دوختۇرنىڭ ئۈيىگە باردۇق، دوختۇر ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ پىكىرىنى بەردى:
- بۇ پەقەت سۇدا ئۇزاق تۇرغاننىڭ ئىشى، بەدىنىڭنى چوقۇم سۇغۇقلۇق ئېلىپ كەتكەن گەپ، ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى تىۋىپتىن ئازراق ئىسسىقلىق دورا يەۋال بولمىسا ئەتە توي ئاخشىمى خوتۇنۇڭنىڭ قۇچىقىغا سىيىپ قويىسەن!
بىز دوختۇر بىلەن بىر پەس چاقچاقلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قوشنا كەنىتتىكى تىۋىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۈيىگە ماڭدۇق.
تىۋىپ ئاخۇنۇم ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ پۇت-پاچاقلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئوخشاش خۇلاسىنى چىقىرىپ «ئەتە توي ئاخشىمى ھۇجرىغا كىرىشنىڭ ئالدىدا بۇ كۇمىلاچ دورىدىن بىرنى ئىچىۋالساڭ بولدى!» دەپ خېلى جىق پۇلغا ئۈچ كۇمىلاچ دۇرا بەردى.
ئەتىسى توينى تىنجىلىق ئۆتكۈزۈپ يىگىت قولداشلىق ۋەزىپەمنى جايىدا ئورۇندىدىم، ئاخشىمى ياتار چاغدا ئۇلارنى ھوجرىسىغا تىقىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيۈمگە ياندىم.
كۈندۈزى بەكلا چارچاپ كېتىپتىكەنمەن بېشىمنى قۇيا-قويماي بىر چاغدا ئىشىكىمنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، تامبىلىمنى كىيىپ تالاغا چىقسام ئىشىك تۈۋىدە يېڭى كىلىن يەنى سايىت چولاقنىڭ بۈگۈن چۈشتە نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى پوتلا-مىشقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ.
- نېمە بولدى بوغدايچىخان؟
- سايىت...ئۇ...ئۇ...
- ھە...سايىت...ۋاي نېمە بولدى، گەپ قىلىڭە؟
- تىز بۇلۇڭ،- دېدى بوغدايچىخان يېڭىمنى تارتىپ،- ئۇنىڭغا بىر قاراڭ، ئاغىنىڭىز ئۇ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى...
مەن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئالدىراپ بۇ خوتۇننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ماڭدىم، سايىتنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆيگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.
بىز ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئۆيگە كىردۇق، قارىسام سايىت چولاق ئانىسىدىن توغما ھالدا سۇپىدىكى يوتقان-كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئىككى پوتىنى ئاسمانغا تىكلەپ ئوڭدا ياتقان ھالدا«ئاللاھۇ ئەكبەر...ئاللاھۇ ئەكبەر...» دەپ قالايمىقان ۋارقىرىغىلى تورۇپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ ئاغزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى«بۇ خۇمپەر ئېلىشىپ قالدىمۇ-يا؟»، مەن دەرھال بىر تال يوتقاننى ئۇنىڭ تۇرۇسقا تىكلەپ ياتقان پوتىغا ئارتىپ ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يۆگەپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- ۋوي سايىت بۇ نېمە ئىش؟
سايىت چولاق مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ«تەكبىر»دىن توختاپ پۇتۇمغا ئېسىلىپ قان-يامغۇر يىغلاشقا باشلىدى:
- ۋاي توختى...ماڭا ئالۋاستى ئاپىتىنى سالدى...ماڭا جىن چاپلاشتى ئاداش...مەن تۈگەشتىم...
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ يەنە «ئاللاھۇ ئەكبەر...ئاللاھۇ ئەكبەر...» دەپ ۋارقىراشقا باشلدى.
-ئالۋاستى قانداق ئاپىتىنى سالدى ساڭا؟- دەپ سورىدىم زادى نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي.
- ۋاي ئاداش...باياتتىن بىرى ئىككى پۇتۇم ئاسمانغا تىكلىنىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم، پۇتۇمنى چۈشۈرەي دىسەممۇ چۈشمەيۋاتىدۇ، مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟
ئاڭغىچە سايىت چولاقنىڭ خوتۇنى ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كېيدى:
- توختى ماۋۇ ئاغىنىڭىزنى بىر نېمە قىلىڭ، ئۇ ياتار-ياتماي پوتىنى ئاسمانغا تىكلەپ مۇشۇنداق تۇرىۋالدى، مەن ...مەن...
- ۋاي ئەنسىرىمەڭ، ئۇنى ھازىرلا دوختۇرغا ئاپىرايلى، قېنى تامبىلىنى كېيگۈزۈڭ!
- مەن...مەن ...خىجىل بولىمەن، ئۆزىڭىز كېيگۈزۈڭ...
بودايچىخان بىر قولىدا سايىتنىڭ تامبىلىنى ماڭا تەڭلەپ يەنە بىر قولىدا كۆزىنى يۆگىۋالغان ئىدى. بۇ بوغدايچىخاننىڭ قىز تويى بولغاچقا مەن بونى توغرا چۈشۈنۈپ ئاچچىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن تامبالنى يۇلۇپ ئالدىم« توۋۋا خۇدايىم نېمە بالاغا قالدىم، يا مەن بۇ چولاقنىڭ تاپقان دادىسى بولمىسام، ئەمدە قوپۇپ بۇ راھەندىنىڭ كۈتىنى سىلاپ يۈرەرمەنمۇ؟»
شۇنداق تەسلىك بىلەن تامبالنى كېيگۈزۈپ چىقتىم، ئەڭ قىيىن بولغىنى سايىت چولاقنى ھويلىدىكى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىش بولدى. بۇ چولاقنىڭ تىكلىنىپ قالغان ئىككى پوتىنى بوغدايچىخان بىلەن ئىككىمىز بېسىپمۇ چۈشۈرەلمىدۇق، ئىككى پۇتىنى باسساق كاللىسى تەرەپ قوپىۋالاتتى، كاللىسى تەرەپنى باسساق ئىككى پۇتى يەنە ئاسمانغا قارىۋالاتتى...
بۇنداق ئۆچ بۇرجەك بولۇپ قالغان ئادەمنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشمۇ بىر تەس ئىشكەن، خوتۇنى ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ بىلىنى كۆتۈردۈم، شۇنداق قىلىپ ئۇنى مىڭ بىر بالادا ھويلىغا ئاچىقىپ ھارۋىغا باستۇق. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ھارۋىدىمۇ ئاسمانغا تىكلىنىپ تۇراتتى، بىز ناھايىتى ئالدىراش دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتۇق.
دوختۇر بىر كۆرۈپلا مىنى يانغا تارتىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى قولىقىمغا دەپ بەردى:
- ئاغىنىڭىز ئۇ، تىۋىپنىڭ دورىسىدىن زەھەرلىنىپتۇ ئەمەسمۇ؟
- قانداق دەيسىز دوختۇر؟
- ئۇنىڭ يېگەن دورىسىغا ئەسلىدە كۇچۇلا ئارلاشتۇرىلىدۇ، ئەشۇ كۇچىلا دېگەن نەرسە مىقداردىن ئېشىپ كەتسە ياكى خام ھالەتتە بولۇپ قالسا، پۇتنىڭ پەيلىرىنى ئەشۇنداق تارتىشتۇرۇپ ئادەمنى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ، بۇنداق ئشلار ئالدىمىزدىن جىق ئۆتكەن ئۇكام!
مەن دوختۇرنىڭ گىپىدىن ھەممىنى چۈشەندىم، چۈنكى بىز تۆنۈگۈنلا تىۋىپتىن ھېلىقىدەك ئىسسىقلىق دورىسىدىن ئۈچ كۇمىلاچنى ئالغان ئىدۇق.
مەن ئاستا بېرىپ كارۋاتتا ئاسما ئوكۇل سېلىنىۋاتقان سايىت چولاقنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
- دورىدىن قانچىنى يېگەن ئاداش؟
- ئۈچ كۈندىن بىرى چويۇن غالتەك خاپىلىقىدا سۇدىن چىقماي يۈرگەچكە ئاچچىغىمدا كۈنىگە بىردىن ھىساپلاپ ئۈچ تالنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىچىپتىكەنمەن ئاداش.
سايىت چولاق بۇ گەپنى دەپ بولۇپ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى:
- ھەي پەسەندى چولاق! ھەي پەسەندى چولاق! ساڭا ئىسسىغلىق دورىسى ئەمەس كۈتۈڭگە خالتا كېيگۈزۈپ قۇيۇپ سۈرگە دورىسى بىرىدىغان نىمىكەنسەن!

1996-يىلى (قاراقاش)
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 01:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             توختى پوكان ۋە ئون ئىككى يىپ
                                                     (ئۈچىنچى ھېكايە)

                                                ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش


ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پاتمىخاننىڭ كونا گال ئاغرىقى قوزغىلىۋېلىپ يېزىلىق شىپاخانىغا چىقىپ يېتىپ قالدى، بۇ بىر ھىساپتا ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىشىگە قۇلايلىق پۇرسەت ئىدى، شۇڭا يېنىمدىكى بار-يوق ئىككى تال تەڭگىگە يېرىم جىڭ ناۋات سېتىۋېلىپ پوتامغا تۈگدىم-دە ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈردۈم.
يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان رۇسچە كېسەلخانا بىناسى پاتمىخان سەۋەبلىك كۆزۈمگە باشقىچە ئىللىق كۆرۈنۈۋاتاتتى، دوختۇرخانا پۇراپ تۇرىدىغان قاراڭغۇ كارىدوردا تىمسىقلاپ يۈرۈپ دوختۇرلار تۇرىدىغان بىر ئېتىز ئۆينى تەسلىكتە تاپتىم.
- يولداش، پاتمىخان قايسى ئۆيدە؟
يېزىق ئۈستىلىدە بېشىنى كۆتۈرمەي بىر نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان ئاق خالاتلىق قىزچاق بۇرنىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان كۆز ئەينىكىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈپ قۇيۇپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بەردى:
- شو شا؟
- پاتمىخاننى دەيمەن.
- شو شا؟
- شو شا ئەمەس، پاتمىخان، پاتمىخان!،- دىدىم گاچىغا چۈشەندۈرگەندەك قۇلۇمدا ئىما- ئىشارەت قىلىپ.
قىزچاق سېرىكچىنىڭ گاچىسىدەك يەنىلا ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. مەن ئون سەككىزلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ بۇنچە بالدۇر قۇلاق قېتىش بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشىنەلمەي ئۈنلۈكرەك قىلىپ قايتا سورىدىم:
- يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن پاتمىخاننى دەيمەن، پاتمىخاننى؟
- شو شا .....
- نېمىنداق شوشا، شو شا دەۋىرىدۇ ماۋۇ ساراڭ ئادەمنى جىلە قىلىپ!-دېدىم ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ.
شۇ چاغدا بوتۇلكا كۆتۈرىۋالغان ياشتا چوڭ بىر سېسترا ئايال مىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازىمدىن چۇچۇپ دەرھال بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- بۇ بىزنىڭ يېڭىدىن كەلگەن سېستىرالار باشلىقىمىز، ئۇ بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى تېخى بىلىپ بۇلالمىدى، دەڭا نېمە ئىشتى ئۇكام؟
- يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن پاتمىخاننى ئىزدەيتتىم!،-دېدىم بۇ ئىككىسىگە قاپىقىمنى تۈرۈپ ئاچچىق بىلەن.
- ھە ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخاننىمۇ؟ ئۇ ئون ئىككىنچى ئۆيدە!
مەن ئۇن ئىككىنچى ئۆينى ئىزدەپ ئشىكنىڭ ئۈستىدىكى نومۇرلارغا سەپ سېلىپ كارىدورنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغا قاراپ ماڭدىم، دەل ئون ئىككىنچى ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ئۆينىڭ ئىچىدىن قاتتىق يىغا-زار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئىشىكنىڭ ئەينىكىدىن ئۆينىڭ ئىچىگە مارىلاپ قارىدىم.
ئۇدۇلدىكى دېرىزە تۈۋىگە قۇيۇلغان كارىۋاتنىڭ ئۆپ-چۆرىسىدە بىر مۇنچە ئادەملەر ياقا-كۆينەكلىرىنى يىرتىشىپ قاتتىق ھۆركىرەپ يىغلاپ ھازا تارتىشىۋاتاتتى، قارىسام پاتمىخاننىڭ دادىسى بىرسىنىڭ ئىڭىكىنى تېڭىۋاتقىلى تۇرۇپتۇ، يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.«پاتمىخان ئۇ...ئۇ...» تېنىمنى تىتىرەك باستى، نەپسىم قوۋۇزۇمغا تىقىلىپ ئىشىكنى دەھشەتلىك ئاچتىم:
- پاتمىخان!...جېنىم پاتمىخان!
يۈگۈرگىنىمچە ئۆزەمنى كارۋاتتىكى پاتمىخاننىڭ مېيىتى ئۈستىگە ئاتتىم، شۇ چاغدا بىرسى يېڭىمنى كۈچلۈك تارتتى، مەن ئۇنىڭ قۇلىنى ئىتتىرىۋېتىپ تېخىمۇ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدىم:
-جېنىم پاتمىخان!... كۆزى ئۇچۇق كەتكەن پاتمىخان!...
ھېلىقى كۈچلۈك قول مىنى مېيىتنىڭ ئۈستىدىن يۇلۇپ ئېلىپ يانغا تارتتى، مىنى بولغۇسى ئايالىمنىڭ مېيىتى بىلەن ئارامخۇدا ۋىدالىشىشقا يول قويمىغان بۇ زالىم قول ئىگىسىنىڭ گېلىنى ئاچچىقىمدا تازا بىر سىقماقچى بولۇپ بۇرۇلۇپلا ئۇنىڭ بوينىنى «كاپپىدە» ئالدىم، كۈچلۈك بارماقلىرىمنىڭ ئامبۇردەك سىقىشى ئاستىدا پاتمىخاننىڭ دادىسى بولغان ھاجىم كۆزىنى پولتايتقىنىچە ياندىكى كارۋاتنى ئىشارەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ، بۇ كىشىنىڭ ھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قۇلۇمنى توك سوقۇۋەتكەندەك بولدى-دە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ «دادا...» دېگىنىمچە ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدىم، ھاجىم قۇلىقىمغا بىر نىمىلەرنى پىچىرلىدى، قارىسام پاتمىخان ئىشىكنىڭ كەينىدىكى كارۋاتتا يا كۈلەلمەي يا يىغلىيالماي ئولتۇرۇپتۇ، ئالدىمدىكى كارۋاتتا زاڭىقى تېڭىلىپ ياتقىنى بولسا يەتمىشلەردىن ھالقىغان بىر موماينىڭ مېيىتى ئىكەن. ئۆزەمنىڭ بۇ قىلىقىدىن ئۆلگۈدەك خىجىل بولۇپ پوتلا-مىشقامنى سۈرتكىنىمچە پاتمىخاننىڭ يېنىغا بېرىپ پۇتامدىكى ناۋاتنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.
- ئۇ مومايغا نېمە بولۇپتىكەن؟، - كۇسۇرلاپ سورىدىم پاتمىخاننىڭ قۇلىقىغا يېقىنلاپ بېرىپ ئۆزەمنىڭ يۈرىكىگە بىرنى تۈكۈرۋەتكەچ.
- بايىلا تېخى ياخشى ئىدى، پەللىكىگە بىر تال ئوكۇل ئۇرۇش بىلەن نەپەستىن قالدىغۇ-تاڭ؟!
- قانداق ئوكۇل سالغان بولغىيتتى؟
- ۋاي تاڭ، دوختۇر-سېستىرالار بىر-بىرىگە تاپا-تەنە قىلىشىپ كەتتىغۇ ئىشقىلىپ.
- ئوكۇلنى خاتا سالغان گەپ بۇ خەق!
- مىنىڭچىمۇ شۇنداق، ئۆزى مېڭىپ كىرگەن موماي ئىدى بولمىسا...
مەن ناۋاتتىن كىچىك بىر پارچىنى ئېلىپ مېيىتنىڭ يېنىدا بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇۋاتقان ھاجىمغا كۆرسەتمەي پاتمىخاننىڭ ئاغىزىغا ئاستا سېلىپ قويدۇم، پاتمىخانمۇ يىغلامسىراشتىن توختاپ كۈلۈمسىرىگنىچە بىر پارچىنى ماڭا سۇندى، مەن ئۇنىڭ قولىدىكىنى ئالغىلى ئۇنىماي ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى ناۋاتنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇۋالدىم، پاتمىخان ھەقىقەتەن زېرەك ھەم نازاكەتلىك قىز ئىدى، ئۇ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشىنىپ ئېغىزىدا شۈمىۋاتقان ناۋاتنى ئۇستىلىق بىلەن ئالقىنىغا ئېلىپ ماڭا يۇشۇرۇنچە سۇندى، مەن ھىجايغىنىمچە ئۇنى كاپپىدە ئېغىزىمغا سالدىم.
پاتمىخان ئېغىزىمدىكى ناۋاتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تاتلىقلىقىنى بىلىۋالدى بولغاي، مىنىڭ ئېغىزىمغا تەلمۈرۈپ قاراشقا باشلىدى، مەنمۇ ئۇنچە دۆتلەردىن بولمىغاچقا دەرھال ئېغىزىمدىكى ناۋات پارچىسىنى ئاستاغىنا ئۇنىڭ ئالقىنىغا تاشلاپ بەردىم، ئۇ بۇ قېتىم بىر جۈپ ئوتلۇق قۇي كۈزىنى يۇمغىنىچە ئالقىنىدىكى ناۋاتنى ئېغىزىغا سېلىپ باشقىچە ھۇزۇر بىلەن شۈمۈشكە باشلىدى...
«مانا بۇ بىر پارچە تاتلىق ناۋات- ئۇلۇغ خۇدانىڭ بىز نامراتلارغا بەرگەن سانسىز مۇكاپاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاددى بىر كىچىك مۇكاپاتى ئىدى، مۇشۇ تاپتا بۇ بىر پارچە ناۋاتنىڭ نەقەدەر شىرىن-تاتلىقلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت مەن بىلەتتىم... رەھمەت ساڭا ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ!...بارلىق ھەمدۇسانا بىز غېرىبلارغا مۇشۇ تاتلىق ناۋاتنى بەرگەن سەن ئاللاھىمغا بولسۇن!»
- توختەك،- دېدى پاتمىخان ئاۋازىنى پەسلەپ،- كەچتە كەلگىن، ھازىر دادام بار...
مەن ئۇنىڭ شەرمى-ھايالىق قىز ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم، شۇڭا ئۇنى تەڭلىكتە قويۇشنى خالىماي ھاجىمغا خوشمۇ دېمەستىن كېسەلخانىدىن ئايرىلدىم.
ناماز شامدىن كېيىن پاتمىخاننىڭ ياتىقىغا پەيدا بولدۇم، ئۇ ياتاقتا يالغۇز قالغان ئىكەن. بىز خۇشاللىقتا يەر يۈزىنىڭ جىمى گەپلىرىنى قىلىشىپ چىقتۇق:
- مەن ئۇلارنىڭ مومايغا نېمە سالغانلىقىنى بىلىۋالدىم،-دېدى پاتمىخان ئاۋازىنى پەسلەپ،- ئۇلار ئوكۇلنى خاتا سالماپتۇ، لېكىن...
- نېمىكەن ئۇ سالغىنى؟
- پېنسىلىن دەمدۇ ياكى ئاسپىرىن دەمدۇ، ئىشقىلىپ بۇ ئوكۇلنى سېلىشتىن بۇرۇن رىئاكسىيە قىلامدۇ-قىلمامدۇ دەپ ئالدىن سىناق قىلىدىكەن، لېكىن دوختۇرلار بۇ ئوكۇلنى مومايغا سىناق قىلمايلا ئۇرغان ئوخشايدۇ...
- بۇنى قانداق بىلدىڭ؟
- ئۇلار ئوكۇل ئۇرغان سېستىرانى تەنقىدلىگىلى تۇرۇپتىكەن، قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
بىز شۇ پاراڭلاشقانچە كېچىنىڭ يېرىم بولۇپ قالغانلىقىنى تۇيماپتىمىز، مەن گەرچە پاتمىخان بىلەن پات ئارىدا توي قىلماقچى بولغان بولساممۇ لېكىن ئەخلاق يۈزىسىدىن بۇنداق كېچىدە ئۇنىڭ يېنىدا قونۇپ قالسام بولمايتتى، شۇڭا كەچكە قالساممۇ قايتماقچى بولدۇم.
ئەمدى ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك ئېچىلىپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا بىر تۆمۈر غالتەكلىك دورا-ئوكۇل تىزىلغان كېچىك ھارۋا توختىدى، ئىككىمىز رەسمىي ئەر-خوتۇنلاردىن بولمىساقمۇ لېكىن بەكلا ئىجىل ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئىدۇق، بۇ چاغدا مەن پاتمىخاننىڭ پۇتىنىڭ قادىقىنى ساقال تېغى بىلەن قىرىۋاتاتتىم، پاتمىخان بولسا خېنە ياققان ئوماق پۇتلىرىنى ماڭا سۇنۇپ ئەركىلەپ يېتىۋاتاتتى...
ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز ئېچىلىشى بىلەن كارىۋاتتىن بۇنداقلا سەكرەپ چۈشسەم باشقىلار چوقۇم خاتا چۈشىنىپ قالاتتى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرغان چېغىمدا پاتمىخان چاققان كىلىپ مىنى يوتقان بىلەن ئۇراپ قويدى. مەنمۇ يوتقانغا چىڭ چۈمكىنىپ يېتىۋالدىم.
بىر چاغدا سېسترا ئۈستۈمدىكى يوتقاننى ئۆرۈپ تامبىلىمنى پەسكە تارتقاندەك قىلىپ پەللىكىمگە مۇزدەك بىرنىمىنى سۇۋىدى ئارقىدىنلا يىڭنىدەك بىرنىمىنى كۈچەپ سانچىدى، مەن غىڭ قىلالماي لىۋىمنى چىشلەپ ياتتىم، ئۇنىڭ پەللىكىمگە نېمە ماڭدۇرغانلىقىنى بىلەلمىدىم ئىشقىلىپ پەللىكىم قىزىل مۇچنى قاينىتىپ سۈيىنى ماڭدۇرغاندەك ئاغرىق ئازابىدىن ھېچنىمنى سەزمەيۋاتاتتى...
ناھايىتى ئىنىقكى بۇ كالۋا سېسترا پاتمىخاننىڭ پەللەك ئوكۇلىنى ماڭا ئۇرۇپ قۇيغان ئىدى، ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېشىمنى يوتقاندىن چىقىرىپ پاتمىخانغا قارىدىم، پاتمىخان ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرۇپتۇ...تۇيۇقسىز يادىمغا ھېلىقى موماينىڭ جەسىتى كىلىپ قالدى، تىنىم شۈركىنىپ دەرھال پاتمىخاندىن سورىدىم:
- پاتمىخان، ئۇلار ماڭا نېمە ئوكۇل ئۇرغاندۇ؟
مەن شۇنداق دەپ بولۇپ دېرىزە ئاستىدىكى ھېلىقى موماي ياتقان قۇرۇق كارۋاتقا قاراپ سالدىم، پاتمىخان كۆڭلۈمنى چۈشۈنۈپ دەرھال كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ يالاڭئاياغ پېتى سېسترانىڭ كەينىدىن قوغلىدى:
- ھەدە بايام ماڭا ئۇرغىنىڭىز نېمە ئوكۇلتى؟
- پېنسىلىنغۇ شۇ!
پاتمىخان بۇ جاۋابتىن بىر ئاز جىددىلىشىپ ياتاققا يۈگرەپ كىرىپ مىنىڭ پېشانەمنى تۇتۇپ باقتى ئاندىن تەمتىرەپ ئېيتتى:
- پېنسىلىن دەيدىغۇ توختەك!
- نېمە؟ ھېلىقى موماينى ئۆلتۈرگەن ئوكۇلما؟
كاللامدىن قوقاس قۇيغاندەك بولۇپ كەتتى.
«ئاھ خۇدا، ئەمدى مىنىڭمۇ زاڭىقىمنى تاڭىدىكەندە؟»
كۆز چانىقىم ياشقا تۇلۇپ بۇتتەك قېتىپ قالدىم،پاتمىخان بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ھېلى ئۈلەرمە-ھېلى ئۈلەرمە، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يىغلاپ كۆز يېشىمىز قۇرىدى لېكىن جېنىم پات چىقىدىغاندەك ئەمەس، شۇنداق قىلىپ تاڭمۇ يۇرىدى، خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۆلۈپ قالمىغان ئوخشايمەن ، يەرگە چۈشۈپ مېڭىپ كۆرىۋېدىم ھەركىتىم نورمال شۇ خۇشاللىقتا پاتمىخان بىلەن خوشلىشىپ مەھەللىگە قايتتىم.
كېچىسى پاتمىخان بىلەن ۋىدالىشىش كۆز يېشى قىلىشىپ يۈرۈپ تۈزۈك ئۇخلىمىغان بولغاچقا سۇپىغا ئۆزەمنى تاشلاپ قاتتىق ئۇيقىغا كىتىپتىمەن، بىر چاغدا بىرسىنىڭ نۇقۇشىدىن ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچسام كەنتە سېكرىتارى بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ.
- تورە پوكان ئورنىڭدىن ئەمدى تاڭ ئاتتى!
- نېمە گەپ ئاكا؟-دېدىم كۆزۈمنى ئۇۋلاپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇش خوش ياقمىغان ھالدا.
- تىز بول، ساڭا بىر ۋەلسېپىت ئەكەلدىم.
«ۋەلسېپىت» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئورنۇمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم:
- بۇ نېمە گەپ سېكرىتار؟
- خەلق ئىشلار ئىشخانىسىدىن ئالاھىدە نامراتلارغا دەپ بىر سان بىرىپتىكەن ساڭا بەردۇق ئۇكام، قانداق بولماپتىما؟
- ۋەلسېپىت قېنى؟،- دېدىم ئۇنىڭ گىپىگە ئىشىنەلمەي.
- ئەنە ھويلاڭدا ئۇكام،- دېدى سېكرىتار ئالدىمدا يول باشلاپ ھويلىغا چىقىپ.
دېگەندەك ھويلىدا ئانچە يېڭى بولمىسىمۇ«ئۇچار كەپتەر»ماركىلىق ۋەلسېپىتتىن بىرسى ئەتتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇراتتى. مەن خۇشلۇقتا بېرىپ ۋەلسېپىتنىڭ چاقىسىنى چۆرگىلىتىپ، ئۇيەر-بۇ يىرىنى سىلاشقا باشلىدىم.
- قانداق ئەمدى ئىشەنگەنسەن؟- دېدى سېكرىتار بۇرۇتىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
- شۇنداق ئىشەندىم... ئىشەندىم ئاكا!- دېدىم ئۇنىڭ ھېيلىگەرلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ بىرە ئىشنى پەملەپ.
- مۇنداق گەپ ئۇكام،-دېدى سېكرىتار ئەسلى مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاپ،- ئاۋۇ ئات ھارۋىسىدا ئۈچ قوينىڭ گۈشى بار ئىدى، سەن ئېغىر كۆرمەي بۇلارنى ئىككى يەرگە...
مەن ۋەلسېپىتنىڭ خۇشلىقىدا ئۇنىڭ قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ قىلغان گىپىگە دەرھال ماقۇل بولدۇم:
- چاتاق يوق، دەل جايىغا يەتكۈزىمەن!
- ھېچ كىشىگە تىنمىغىن چۈشەندىڭمۇ؟
- ۋاي خاتىرجەم بولە ئاكا!
مەن شۇنداق قىلىپ ئۆينىڭ ئالدىغا باغلاپ قۇيۇلغان ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ يېزا تەرەپكە قاراپ خۇشال يۈرۈپ كەتتىم، كۈن نەيزە بۇيى كۆتۈرۈلگەندە ئىككى قوينىڭ گۆشىنى بەرمەكچى بولغان تۇنجى مەنزىلگە يىتىپ باردىم، ئۆينىڭ ئالدىدا بىر لاتا پىكاپ تۇراتتى، مەن مەخپىيەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ پىكاپ شوپۇرىغىمۇ قارىماستىن ئۇدۇل ئىشىكنى چىكىشكە باشلىدىم، ئىشىك ئېچىلمىدى...يەنە چەكتىم...
بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئۆينىڭ ئىچىدىن بۇيى پاكار ھەم ۋىجىك بىرسى چىقىپ كەلدى، مەن ئۇنىڭ كېيگەن كاستۇم-بۇرۇلكىسىغا ۋە تاقىۋالغان كۆز ئەينىسىگە قاراپ مەقسەتتىكى ئادەمنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى جەزم قىلىپ ئالدىراپ ئىككى قۇلۇمنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ سالام قىلدىم:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!...
بۇ «يەر پاپىسى-قۇناق مەدىكى» قارىغۇ ھەم گاس بولسا كېرەك، ماڭا سالام قايتۇرۇش تۈگۈل چىرايىمغا قاراپمۇ قويمىدى. مەن ئىچىمدە ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ تېخىمۇ ئۈنلۈكرەك قىلىپ پىكاپقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بۇ بىر نېمىگە يەنە خۇشامەت قىلدىم:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!...
بۇ قېتىم ئاۋازىم ئۇنىڭغا تەسىر قىلدىمۇ-تاڭ، ئۇ يۇمۇق كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ قەدىمىنى توختاتتى-دە ئاسمانغا قاراپ ئىچىدە بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىپ كۈلگىنىچە ماشىنىغا چىقىپ يەنە توختىماي ئۆز-ئۈزىگە گەپ قىلىشقا باشلىدى.
«خۇدايا توۋۋا، ساراڭمۇ نېمە بۇ؟»
دەل مۇشۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق شوپۇر ئۇستام ماشىنىدىن چۈشۈپ مىنى يانغا تارتىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى:
- ئۇكام، بىزنىڭ بۇ كىشىمىز ئەسلىدە تالانتلىق بىر شائىر ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇنداق شىئىر يازىدۇ، ئۇنىڭ ئىلھامى كەلگەندە ئۇ ھېچكىمنى تۇنىمايدۇ، سەن ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرىپ خان ئاچىمىزغا بەرسەڭ بۇلىۋىرىدۇ.
مەن «توۋۋا» دېگىنىمچە ياقامنى چىشلەپ ئات ھارۋىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ تازا بىر تىنىۋالدىم، لاتا پىكاپ تۇپا توزۇتۇپ كېتىپ قالدى.
ئايرىم-ئايرىم داستىخان بىلەن ئورالغان ئىككى دانە قوي گۆشىنى نۆۋەت بىلەن مىڭ بىر جاپادا كۈتۈرۈپ ھويلا تېمىغا يۈلەپ قۇيۇپ ئايال خۇجايىننى چاقىردىم:
- ئادەم بارمۇ؟
جاۋاب يوق.
- ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
يەنە جاۋاب يوق.
- خان ئاچا!
- ھە نېمە گەپ؟
بۇ قېتىم ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر ئايالنىڭ ناھايىتى بوم ھەم بوغۇق بىر ئاۋازى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى.
- بۇلارنى نەگە قۇيىمەن؟
ھايال ئۆتمەي ئىشىكنىڭ مارجاندىن ياسالغان مىلەڭزىسى ئاستىدا قىزىل سۆرىمە كەش كېيگەن ناھايىتى يۇغان بىر جۈپ پۇت پەيدا بولدى. كېيىن مىلەڭزە قايرىلىپ قىزىل شايىدىن ئىچى كىيىم كېيگەن يۇمىلاق رەزىنكە توپقا ئوخشايدىغان چاچلىرى پاخپايغان، ناھايىتىمۇ سېمىز، ناھايىتىمۇ گەۋدىلىك بىر ئايال ئۆردەكتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ چىقىپ كەلدى.
ئۇنىڭ بىر تال بىلىكىنىڭ توملۇقى گەپ يوق مىنىڭ بىلىمدەك بولۇپ، ئۈستى كالپۇكى ئاسماندا ئاستى كالپۇكى يەردە تۇراتتى، مەن ئىچىمدە   « يا رەببى! نىمانچە زور ئايال بۇ؟ ئادەممۇ ياكى دىۋىمۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئايال خۇجايىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئاچالماستىن دەلدەڭشىگىنىچە ئالدىمغا كىلىپ تازا بىر ئەسنىۋالغاندىن كېيىن ئېيتتى:
- ئاۋۇ ئۈستەلدە قۇيۇپ قوي!
مەن ھويلىدىكى يۇغان ئۈستەلگە داستىخان بىلەن ئورالغان گۆشلەرنى ئېلىپ قۇيۇپ بۇيرۇق بويىچە ئايال خوجايىنغا بۇ گۆشنى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتىم.
ئايال خۇجايىن خوشياقمىغان ھالدا ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى قىڭغىر ئېچىپ گىپىمنى بۆلدى:
- ھە بولدى، ساۋاتىڭ بارمۇ؟
- بار خان ئاچا!-دېدىم ئۇنىڭغا پۈكلىنىپ تۇرۇپ.
- ئەمىسە بۇياققا كەل!
مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە كىردىم، ئۇ خوتۇن ئالدىمغا پۈرلىشىپ كەتكەن بىر كونا دەپتەرنى سۇنۇپ تارتمىدىن قەلەمنى سۇنغاچ ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
- بۇ يەرگە يېزىپ قوي!
«ئالە شەھىرىڭنى، تىزىملاپ ئېلىشقىلى تۇرۇشۇپسەن-دە!»
ئايال خوجايىننىڭ ئېغىزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراقنىڭ پۇرىقى كىلىۋاتاتتى، بۇ خوتۇننىڭ ئالدىمغا بەدىنىنى يېرىم يالىڭاچ قىلىپ چىققىنىدىن قارىغاندا ئاخشامقى مەستلىكىدىن تېخى تەلتۆكۈس يېشىلمىگەندەك قىلاتتى.
مەن تىزىملاشنى تۈگىتىپ قايتىشقا تەمشىلىۋاتاتتىم، ئايال خۇجايىن تۇيۇقسىز سەت كۈلگىنىچە گەپ تىشىپ قالدى:
- ئۆيدە خوتۇنۇڭ بارمۇ؟
مەن كۆڭلۈمدە بۇ پارىخور ئاز-تۇلا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «ئايالىڭغا ئالغاچ كەت» دەپ ئۇشۇق-تۆشۈك ياغلىقتەك بىر نېمىلىرىدىن بىرەنى ماڭا بىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ تاما قىلىپ دەرھاللا جاۋاب قىلدىم:
- خوتۇنۇم بار خان ئاچا...
- ھە شۇنداقمۇ؟،-دېدى ئايال خۇجايىن يېنىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ ھىجايغىنىچە،- قارىسام توي قىلمىغان يىگىتنىڭ ئۆزىكەنسەن، شاشمۇ سەن؟
« ئۇنىڭ شاشمۇ سەن دېگىنى نېمە گەپتۇ ئەمدى، مەھەللىمىزدىكى چاپقۇر ئاتلارنىغۇ شاش ئات دەيتتۇق، يا بۇ خوتۇن مىنى ئات كۆرۈپ قالدىمۇ نېمە؟»
بۇ خوتۇننىڭ ھاياسىزلىق بىلەن ماڭا يېقىنلىشىشىدىن تىنىم شۈركىنىپ پۇت-قۇلۇم سىيقىراشقا باشلىدى.
- مەن...مەن...
ھاينى –ھۇيت دىگۈچە بۇ خوتۇن مىنىڭ ياقامدىن تۇتۇپ بېشىمنى تامغا داقىدى-دە كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سەت كۈلدى:
- كىلە ئوغرى، پەيزى قىلىمىز!
- ئاچا...مەن...مەن...
- ئاچا-پاچاڭنى قوي، ماڭە بۇياققا!
ئىككى پۇتۇم پەقەت مىدىرلىمايۋاتاتتى، خانا ئاچام مىنىڭ ياقامدىن سۆرىگىنىچە ياتاق ئۈيىگە ئېلىپ ماڭدى، مەن خۇددى كونا چاپاندەك ئۇنىڭ كەينىدىن سۆرىلىپ ماڭدىم...
- ئاچا......ئېرىڭىز ئۇ...
- قوي ئۇ ھەزىلەكنىڭ گېپىنى، خورازچىلىك ئۇسۇرۇشنىمۇ بىلمەيدۇ-ئۇ نېمە!
- مەن...مەن...
كۆزۈمنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ مەسىت خوتۇن كىلەنىڭكىدەك يۇغان ئېغىزىنى كاپپىدە ئېچىپ ئېغىز-بۇرنۇم ھەم زاڭىقىم بولۇپ يۈزۈمنىڭ يېرىمىنى ئېغىزىغا ئېلىپ بولدى...
مۇشۇ تاپتا نەپەس ئالىدىغان ئېغىز-بۇرنۇم ئۇنىڭ غىچ ھاراق پۇراپ تۇرىدىغان ئېغىزىنىڭ ئىچىدە قالغاچقا ماڭا ھاۋا يىتىشمەيۋاتاتتى...
ئىچىمدە «ئاھ خۇدا!... بۇنداق سېسىقچىلىقتا تۇنجۇقۇپ ئۆلگىچە ئاخشامقى ئوكۇلدا ئۆلسەممۇ بولۇپتىكەن، بۇ خوتۇن ئەمدى مىنى يالماپ يۇتىۋىتىغان ئوخشايدۇ... » دېگەننى ئويلاپ بېشىمنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندۇم، لېكىن بۇ خوتۇن مىنى قۇيىۋىتىغاندەك ئەمەس...
بىر چاغدا ئېغىزىمغا بوغما يىلاندەك بىر نېمە كىرىپ كىتىۋاتىدۇ...كاللامدىن تۈتۈن چېكەتتى...دىققىتىمنى يىغسام بۇ ئۇنىڭ تىلىكەن...
بۇ خوتۇن ئۈچ ۋاقلىقىغا كالىنىڭ تىلىنى پۇشۇرۇپ يەمدىكىن، ئۇنىڭ زور تىلى خۇددى خارەت ئۇستامنىڭ يۆگىمە لاتا مېتىرىدەك ئارقا-ئارقىدىن چىقىۋەردى...ھېلى توختا...ھېلى توختا...ئاھ خۇدا!...ئۆزەمنىڭ تىلىنى قويغىلى يەر تاپالمايۋاتسام بۇ خوتۇننىڭ ئۈتۈككە ئوخشايدىغان سىمىز تىلى ئەقىل تىلىمدىن ئۆتۈپ دەل پوكىنامغا كىلىپ توختىماسمۇ...
تىنىقىم بارغانسىرى قىيىنلىشىپ نەپسىم توختاپ قالاي دېدى... بېشىم چىڭقىلىپ پۇت-قۇلۇم تىتىرەشكە باشلىدى...
مەن پەقەت نەپەس ئالالمىدىم، ئاخىرى بۇنداق ئۆلۈپ كەتكۈچە بېشىمغا كەلگەننى كۈرەي دەپ بار كۈچۈم بىلەن ۋاقىرىدىم:
- خو خۇلاي... خېخىم خاخا...خو خۇلاي!...
مەن ئەسلىدە «خوش بولاي، جېنىم ئاچا، خوش بۇلاي، مىنى قويىۋەت!» دەپ ۋارقىرىماقچى ئىدىم، لېكىن مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ تىلى ئەقىل تىلىمنى قايرىپ بوغۇزۇمغا كىلىپ تۇرىۋالغاچقا ئاۋازىممۇ تۈزۈك چىقمايۋاتاتتى...قانچە يۇلقۇنۇپ باقساممۇ ئۇنىڭ پولات قىسقۇچتەك كۈچلۈك قوللىرىدىن ئاجرىيالمىدىم...
بىر چاغدا رەسمىي تۇنجۇقۇپ ئىككى قۇلۇم ئۆلۈك كەپتەرنىڭ قانىتىدەك ھاۋادا لەيلەشكە باشلىدى...
خان ئاچامنىڭ ماڭا رەھىمى كەلمەيۋاتاتتى...مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆزۈمنى يېرىم ئېچىپ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم«ئەلۋىدا يۇرۇق دۇنيا! ئەلۋىدا جېنىم پاتمىخان!» كۆزۈمنىڭ چانىقىدىن بىر تامچە ياش مەڭزىمدىن دوملاپ چۈشۈپ كەتتى...
شۇنداقتىمۇ ئۈلۈش ئالدىدا ئاخىرى كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى، بار كۈچۈمنى چىشىمغا يېغىپ ئېغىزىمغا تىقىلغان سېسىق«لاتا مېتىر» نى بار كۈچۈم بىلەن قاتتىق چىشلىدىم...
بۇ خوتۇننىڭ تىلى ئاغرىغان بولسا كېرەك، ئۇ«لاتا مېتىرى» نى خۇددى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىدىكى چىڭ تىقىلغان مەدەك پۈگەتكىنى سۇغۇرۇپ ئالغاندەك ئېغىزىمدىن «بوككىدە» قىلىپ سۇغۇرۇپ ئالدى...
«توۋۋا دەيمەن، كۆز ئالدىمدىكى مەن تىنىۋاتقان بۇ ھاۋانىڭ بۇنچە مۇھىملىقىنى...ئاھ ئۇلۇغ ھاۋا...» مەن ناھايىتى چوڭقۇر بىر تىنىۋالدىم، كەينىمگە ئۆتۈپ كەتكەن كۆزۈمنىڭ قارىسىمۇ ئاستا-ئاستا ئورنىغا كىلىشكە باشلىدى.
- ئەجەب شوخ نىمىكەنسەن!،-دېدى خان ئاچام «گارتتىدە» بىرنى سېسىق كىكىرىپ،- چىشلەپ قۇيۇشلىرىڭ نىمانچە ئوماق سىنىڭ!
- شۇنداق، خان ئاچا، شوخلۇق قىلىمەن دەپ تاس قالدىم بۇ دۇنيادىن چاچراپ كەتكىلى، ئەمدى مەن بىر قايتىۋالاي، ھويلىنىڭ ئالدىدىكى ئاتنى باغلىماپتىكەنمەن...،-دېدىم زەردە بىلەن بۇ خوتۇنغا ئالىيىپ ھاسىرىغىنىمچە.
- شۇنداقمۇ؟ ئاتنى ھازىر باغلايمىز، كىلە بۇياققا، ھاراملىق!
بۇ خوتۇن مەستلىكتىن يېشىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، جان ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم:
- ئەمدى كېلىدىغان بولساڭ، ئاناڭنى ئالىمەن ئالۋاستى قېرى!
- ھى...ھى...،-نازلىنىپ ھىجايدى خان ئاچام ئېغىزىنى تۇتقىنىچە،-ئانام بەكمۇ يىراقتا، ئالدىڭدا مەن تۇرسام ئانامنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن قۇرغۇيۇم...
- ماڭا يېقىنلاشما! ھېلى بىكار...
مەن كەينىمگە داجىدىم، خان ئاچام چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ گىگانت بىلەكلىرىنى سۇنۇپلا كانىيىمدىن ئېلىۋالدى-دە مىنى توشقاننى قۇلىقىدىن تۇتقاندەك يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ كەينىمدىكى تامغا يەنە كۈچ بىلەن قاتتىق ئۈستۈردى، كەينى مېڭەمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن كۆزۈمنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ بىر ئاز شۈك بولۇپ قالدىم...
پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن بۇ ئاچكۆز خوتۇن مىنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋالدى، پۇتۇم يەردىن ئۈزۈلۈپ ھاۋادا لەيلەپ قالدى. شۇنچە كۈچەپ تەپسەممۇ بۇ خوتۇن غىڭ قىلىپ قويماي مىنى بىر ياقلارغا كۈتۈرۈپ ماڭدى...
بىر چاغدا ئوڭ قۇلۇمنى بىر نېمە قىلىپ ئۇنىڭ بىلىكىنىڭ ئارىسىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ «مىنى قويىۋەت...مىنى قويىۋەت!» دېگىنىمچە خاپان كاللىسىنىڭ ئۇچرىغانلىكى يىرىگە سېلىشقا باشلىدىم، تاياق بۇ خوتۇنغا ئازراق تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، مىنى يەرگە «پوككىدە» قۇيىۋېتىپ يۈزۈمگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى، ئاندىن بېشىنى يەرگە ئىگىپ «گاررىدە» قۇسقىنىچە ئاخشامقى يېگەن –ئىچكەنلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى...
مەن بۇ پۇرسەتتە قاچماقچى بولۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم.
- توختا ئىتنىڭ بالىسى! نەگە قاچىسەن؟،-دەپ ۋارقىرىدى خان ئاچام ئېغىزىدىكى قۇسۇقنىڭ يۇقۇندىسىنى بىر قۇلى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قۇلى بىلەن پىشىمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ.
- مەن...مەن...،- دېدىم دۇدۇقلاپ ئۇنىڭ قانغا تولغان كۆزىدىن قورقۇپ.
- بۇپتۇ، كەتسەڭمۇ كەت!،- دېدى خان ئاچام بېشىنى لىڭشىتقىنىچە ئالدىمغا يېقىنلاپ كىلىپ،- لېكىن مىنى بىرنى قۇچاقلاپ قوي!
مەن جاۋاب بىرىپ بولغىچە بۇ خوتۇن مىنى بايامقىدەك يەردىن چامغۇر يۇلغاندەك يۇلۇپ ئېلىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدى، لېكىن بۇ قۇچاقلاش ھەر ھالدا «لاتا مېتىر» بىلەن ئۆلچەشتىن ياخشى ئىدى...
لېكىن بۇ خۇتۇن ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولغاچقا بارغانسىرى كۈچەپ مىنىڭ قوۋۇرغىلىرىمنى سۇندۇرۋاتاي دەپ قېلىۋاتاتتى...مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدىم...
شۇ چاغدا تۇيۇقسىز كەينىمدىن ئىسسىق بىر نېمە مېڭىپ  پۇتۇمدىن ساقىپ ئېقىۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى، مەن«ئىچىم سۈرۈپ كەتتىمۇ-يا؟» دېگەننى ئويلاپ يەرگە بېشىمنى تەسلىكتە ئىگىپ قارىسام پۇتۇمنىڭ ھۇشۇقىدىن يەرگە قان تامچىلاشقا باشلاپتۇ...مەن قورققىنىمدىن لاغ-لاغ تىتىرەپ بۇ خوتۇنغا ۋارقىرىدىم:
- قان ...مەندىن قان كىتىپتۇ!
خان ئاچام ئىشەنمىگەندەك كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا يەرگە قارىدى، دەرۋەقە مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالغان پۇتۇمنىڭ سونجىقىدىن قان تەپچىپ ئېقىۋاتاتتى. بۇ خوتۇن قاننى كۆرۈپ ۋالاقشىپ كۈلگىنىچە مىنى قويىۋەتتى:
- كېسىلىڭ كىلىپ قالدىمۇ يىگىت؟
- ھەئە، خان ئاچا كېسىلىم كەلگەن ئوخشايدۇ، ئەمدى مەن قايتاي!
مەن شۇنداق دېگىنىمچە قۇلۇمنى تامبىلىمنىڭ كەينىگە تىقىپ ئېچىشىپ ئاغرىۋاتقان پەللىكىمنى تۇتۇپ باقتىم، قۇلۇم قىپقىزىل قانغا مىلىنىپ چىقتى، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي، بىر قۇلۇمدا ئېچىشىۋاتقان كۆتۈمنى چىڭ بېسىپ دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم...
دوختۇر بىردەمنىڭ ئىچىدە كارىۋاتتا مىنى دۇم ياتقۇزۇپ تەكشۈرۈپ خۇلاسىلىدى:
- ھاي ئۇكام، كۆتىڭىزنىڭ جىيىكى يىرتىلىپ كىتىپتۇ، دەرھال تىكمىسەك قان توختىمايدۇ!
- نېمە؟،-دېدىم دوختۇرنىڭ گېپىنى ئوبدان چۈشىنەلمەي،-جىيىكى يىرتىلىپ كىتىپتۇ؟
- شۇنداق، ئىككى پەللىكىڭىزدە بەشتىن ئون تىرناقنىڭ ئىزى مىنى مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ، بىرسى سىزنىڭ پەللىكىڭىزگە قامال سېلىپ ئىككى يانغا كۈچەپ تارتىپ كۆتىڭىزنى ئىككىگە بۆلىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ!
«ماۋۇ پاسكىنا خوتۇن قۇلىنى ئۇيەرگە ئاپارغاندەكقۇ قىلمىغان، قانداق بولۇپ پەللىكەمنى ئىككىگە بۆلىۋەتكەندۇ؟»
- ئەمدى قانداق قىلىمىز دوختۇر؟-دېدىم يىغلامسىراپ.
- قانداق قىلاتتۇق توختاخۇن، كۆتىڭىزنىڭ جىيىكىنى تىكىدىغان گەپ!
ئۇنىڭ «توختاخۇن» دېگەن ئاۋازى ماڭا بىرخىل تونۇش بىلىندى، مەن ياتقان يېرىمدىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ بۇ دوختۇرنى تۇنۇپ قالدىم:
- سەن...سەن ھېلىقى ياقا يۇرتتىن كەلگەن شىپاخانىنىڭ ئالدىدا ئاياق تىكىدىغان ھەسەن موزدۇز ئەمەسما؟،- دېدىم ئۇنىڭ دوختۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ.
- ھاي...ئۇ دېگەن مىنىڭ قوشكېزەك ئاكام، مەن دېگەن دوختۇر ھۈسەن!
- ئۇنداق بولسا دەرۋازا تۈۋىدىكى ياماقچى ھەسەن ھازىر قەيەردە؟،-دېدىم ئۇنىڭغا ئىشەنمەي بىر قۇلۇم بىلەن كۆتۈمنى تۇتۇپ تۇرىۋېلىپ.
- ئۇنىڭغا تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى،-دېدى ھۈسەن دوختۇر قىزارغىنىچە ماڭا ئالىيىپ قاراپ،- ماڭا ئىشەنمىسەڭ كۆتۈڭنى شەھەرگە كىرىپ تىكتۈرىۋال، لېكىن ساڭا شۇنى دەپ قۇياي، سەن شەھەرگە كىرگۈچە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىسەن، مەيلىمۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۇۋاشلاپ قالدىم.
- بۇپتۇ، ساڭا ئىشەندىم، نېمە قىلساڭ قىل، ئىشقىلىپ مىنى ئوبدان داۋالا، ئالدىمىزدا تويۇم بار مىنىڭ...
- خاتىرجەم بول، مەن بۇنداق يىرتىلىپ كەتكەن جىيەكلەرنى تىكىپ كۈنۈپ كەتكەن، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمايمەن!
ئىچىمدە«ئاكاڭ رەھمەتلىكمۇ ھۈنەرگە ئۇستا ئىدى، تىككەن ئايىغى نەچچە يىلغىچە يىرتىلىپ كەتمەيتتى، سىنىڭ تىككەن يىرىڭمۇ مەڭگۈ قۇيۇپ بەرمەس ئىلاھىم!»دەپ لىۋىمنى چىشلەپ ياتتىم.
ھۈسەن دوختۇر دېگەن بۇ كۇسپۇرۇچ يىرتىلغان يىرىمنى مەس قىلماي تىككەن بولسا كېرەك، ھەر بىر يىڭنە سالغاندا كۆتۈمگە پىچاق تىققاندەك سېزىم بولۇپ ۋايجانلاپ ياتتىم، بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئىشنى تۈگەتكەن چېغى«ئەمدى يەرگە چۈشسەڭ بولىدۇ» دېدى.
مەن كارىۋاتتىن يەرگە چۈشەي دىيىشىم، ھۈسەن دوختۇر «توختاپ تۇر!» دىگىنىچە كونا كەشىمنى قۇلىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراپ كەتتى-دە مەن ياتقان كارىۋاتنىڭ تىگىدىن بىر نېمىنى تارتىپ ئېلىپ بىر يېنى يىرتىلىپ كەتكەن كەشىمنى ئۇنىڭغا كىيگۈزدى، ئارقىدىن كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن يەنە كىچىك بىر دانە بولقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ تىلىنى توغرىسىغا چىشلىگىنىچە كەشىمگە «توك، توك»قىلىپ مىخ ئۇرۇپ ئاجراپ كەتكەن يەرنى ئوڭشاشقا باشلىدى...
«مانا بۇ ئىش قىلغاندا تىلىنى توغرىسىغا چىشلىۋېلىپ ئاياغ تىكىدىغان ھەسەن موزدۇزنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئاياغ يامايدىغان خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن گەپ، بولمىسا مىنىڭ كونا كەشىمنى مىخلاپ نېمە قىلىدۇ؟!»
مەن بۇلارنى ئويلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىپ كەشىمنى ئۇنىڭ قۇلىدىن سىلكىپ ئېلىپ كۆتۈمنى تۇتقىنىمچە ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ ۋارقىرىدىم:
- ئەبلەخ!
- نېمە دەيسەن قىزىل كۆز پوكان؟-دېدى ھەسەن موزدۇزمۇ بوش كەلمەي.
-        كىمىڭنى ئالدايسەن؟
-        مەن نېمە قىلدىم؟
-        مىنىڭ كۆتۈم سىنىڭ قالايمىقان تىكىپ ئوينايدىغان كەشىڭمىدى؟
-        ئۆلچەملىك تىكىپ قويدۇمغۇ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان تۇزكور!
-         زادى قانچە يىپ تىكتىڭ؟
-        ئون ئىككى يىپ!
-        ئون ئىككى يىپ؟  ۋوي شۇنچە چوڭمىكەن؟
-        كۆتۈڭنىڭ پاختىكى چىقىپ قاپتىغۇ ئەنە!
ھەسەن موزدۇز شۇنداق دەپ بولۇپ بېشىنى چايقىغىنىچە كۈلۈپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى، مەن ئاچچىقىمدا دوختۇرخانا باشلىقىنى ئىزدەپ بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا پاش قىلىپ قويماقچى بولدۇم.
دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنى تەسلىكتە تېپىپ ئىشىكىنى يىنىك چەكتىم.
- كىرىڭ!
قارىسام ئۈستەل ئالدىدا ماڭا تۇنۇش بولغان مال دوختۇرخانىسىنىڭ پونكىت باشلىقى ئولتۇرۇپتۇ، مەن خاتا كىرىپ قالدىممۇ نېمە دەپ كەينىمگە يېنىپ ئىشىكنىڭ بېشىغا قايتىدىن قاراپ چىقتىم، بۇنى كۆرگەن باشلىق كۈلۈپ كېتىپ ئېغىز ئاچتى:
- توختاخون خاتا كىرمىدىڭىز،- دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ماڭا كۈلۈمسىرەپ،- مەن ھازىر بۇ يەرگە يۆتكەلدىم، تەشكىلنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى دەڭا ئۇكام!... نېمە ئىشتى؟
بۇنى ئاڭلاپ ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى«خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، ئېشەك دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقىنى ئادەم دوختۇرخانىسىغا باشلىق قىلىپ قويغان نەدە بار؟!»
- ھە... ھېچ گەپ يوق...ھېچ گەپ يوق... مۇنداقلا كىرىپ قاپتىمەن، مەن كەتتىم ئاكا خوش!
«بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتقاننىڭ نېمە پايدىسى؟ چاشقاننىڭ ئەرزىنى مۈشۈك سورىغاندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ...»
مەن پاتمىخاننىڭ يېنىغىمۇ كىرمەي ھېلىقى بىر قوينىڭ گۈشى بىلەن ئات ھارۋىسىنى تېپىۋېلىش ئۈچۈن ئىككى پۇتۇمنى كەرىگىنىمچە خان ئاچامنىڭ ئۆيى تەرەپكە يۈگۈردۈم.
بىچارە ئات دەرەخكە باغلانغان پېتى تۇرۇپتۇ، كۆتۈمنىڭ ئون ئىككى يىپ تىكىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھارۋىدا قۇڭۇمنى قۇيۇپ ئولتۇرالمىغاچقا ھارۋىنىڭ چۇقۇرىنى تۇتۇپ ئۈرە تۇرۇشتىن باشقا ئامالىم قالمىدى. تارقىتىدىغان يەنە تېخى بىر قوينىڭ گۈشى بار ئىدى.
مىڭ بىر جاپادا ئىككىنچى مەنزىلگە يىتىپ بېرىپ دەرۋازىنى قاقتىم.
-ئىشىك ئۇچۇق!- سەت ۋارقىرىدى بىر ئايال.
ھويلىغا كىردىم، نەقىشلىك تۈۋرۈكلەرگە تولغان ھەشەمەتلىك ھويلا ئىچىدە ئىنسى-جىن كۆرۈنمەيتتى.
تىككەن يېرىمنىڭ قويۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ بىر قۇلۇمدا كۆتۈمنى تۇتۇپ يەنە بىر قۇلۇمدا قوي گۆشىنى كۈرمىڭ تەسلىكتە كۈتۈرۈپ ھويلىغا ئەكىردىم، ئاندىن ئۆي ئىگىسىنى چاقىردىم:
- ئادەم بارمۇ؟
جاۋاب يوق.
- ئۆيدە ئادەم بارمۇ؟
يەنە جاۋاب يوق.
- خان ئاچا!
- ھە نېمە گەپ؟
ئاخىرى ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىن قوپال ھەم بوغۇق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
- بۇلارنى نەگە قۇيىمەن؟
ھايال ئۆتمەي ئىشىكنىڭ مارجاندىن ياسالغان مىلەڭزىسى ئاستىدا بىر جۇپ قىزىل سۆرىمە كەش كېيگەن ناھايىتى يۇغان بىر جۈپ پۇت پەيدا بولدى. كېيىن مىلەڭزە قايرىلىپ قىزىل شايىدىن ئىچى كىيىم كېيگەن تراكتور چاقىنىڭ بالونىغا ئوخشايدىغان ناھايىتىمۇ سېمىز، ناھايىتىمۇ گەۋدىلىك بىر ئايال ئۆردەكتەك ئىككى يانغا ئىغاڭلاپ چىقىپ كەلدى.
«ئاھ ئۇلۇغ خۇدا، چۈش كۆرىۋاتامدىمەن نېمە؟ بۇ خوتۇن ئابايامقى خوتۇننىڭ قوشكېزەك ئاچىسىمۇ يا؟ بۇ ماڭا نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى، ھەسەن موزدۇز دېگەن خۇمپەرنىڭ ئالدىغا يەنە بارارمەنمۇ؟»
- ئاۋۇ ئۈستەلدە قۇيۇپ قوي!
مەن ھويلىدىكى يۇغان ئۈستەلگە داستىخان بىلەن ئورالغان گۆشلەرنى ئالدىراپ قاپ قۇيۇپ ئايال خوجايىنغا بۇ گۆشنى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى كىكەچلەپ ئېيتتىم.
ئايال خۇجايىن خوشياقمىغان ھالدا گىپىمنى بۆلدى:
- ھە بولدى، ساۋاتىڭ بارمۇ؟
- بار خان ئاچا!-دېدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ.
- ئەمىسە بۇياققا كەل!
«مەن توختى پوكان ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇنداق ئاخماقلاردىن ئەمەسمەن! تىرىك جادۇغا بېسىلىشقا رازىمەنكى ئەمدى بۇ خوتۇننىڭ گىپىگە ئەزبىرايى خۇدا كىرمەسمە...» بۇلارنى ئويلاپ ئىككى قۇلۇم ئىختىيارسىز كۆتۈمگە كىلىپ توختاپ قالدى، ئاچچىقىمدا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم:
- نېمە دەيسەن پارىخور دەللى! كەينىڭدىن كىرىدىغان ساراڭمۇ مەن، تۈفىي!...قېرى دەججال!
بۇ خوتۇن نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ئاغىزىنى ئېچىپ ھاڭ قالدى.
مەن شۇنداق دەپ بولۇپ بۇ يەردىن دەرھال قېچىپ كىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ شۇنداق يۈگۈرۈشۈم«پاڭ» قىلغان بىر ئاۋاز بىلەن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ھويلىنىڭ ئىچى چۆرگىلەشكە باشلىدى...ئاندىن ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتۈم...
ئەسلىدە قاچىمەن دەپ كەينىمدىكى تۆۋرۈككە بەكلا قاتتىق ئۈسكەن ئىكەنمەن، ئېتىلغان قاپىقىمدىن قان «جىرت-جىرت» ئېتىلىپ چىقىپ پۈتۈن يۈز-كۆزۈمنى قانغا بويىۋەتتى. ياتقان يېرىمدىن مىڭ-بىر جاپادا ئۆمىلەپ تۇرۇپ تۈۋرۈكنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم، ھويلا توختىماي پىيقىرايتتى...
قارىسام قاننىڭ ئېقىشى خېلىۋەك ئېغىر، ئابىياتتىن ھەر نېمە بولسا دوختۇرخانا باشلىقىغا ھەسەن مۇزدۇز دىگەن ئوغرىنى چاقماپتىكەنمەن، كونىلارنىڭ«بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دىگىنىدەك لىۋىمنى-لىۋىمگە  چىشلەپ ئىككى پۇتۇمنى كەرىگىنىمچە دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ ھەسەن موزدۇزنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم:
- ئاكا تىز بول ماۋۇ كۈزۈمگە قارىغىنا، قۇيۇلۇپ كەتمىگەندۇ؟
- توختا مەن قاراپ باقاي،- دېدى ھەسەن موزدۇز يۈزۈمدىكى قانلارنى داكا بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،- چوڭ چاتاق يوق قاپىقىڭ ئېتىلىپ كۆزۈڭنىڭ جىيىكىگە كىلىپ توختاپتۇ، تىكىمىزمۇ ئۇكام؟
- تىكمىسەك زادى بولماسمۇ ئاكا؟-دېدىم ئۇنىڭدىن ئۈتۈنگەن ھالدا.
- تىكمىسەك قان توختىمايدۇ، بۇ يەرنىڭ يىرتىقى كۆتۈڭنىڭكىدىن بوش ئەمەسكەن توختاخۇن!
- بۇپتۇ ئاكا، تىكسەڭ تىككىنە، يۈزۈمنىڭ ھەممىنى تىكىۋەتسەڭمۇ مەن رازى، ئىشقىلىپ بۇ جاندىن تويدۇم...
ھەسەن موزدۇز مىنى كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ تىلىنى يەنە توغرىسىغا چىشلىگىنىچە تىكىمچىلىك مەشغۇلاتىنى باشلاپ كەتتى ئاندىن ئىش تۈگىگەندە مىنى يەرگە چۈشۈشكە بۇيرىدى.
مەن يەرگە چۈشۈپ ئالدىراپ ياندىكى تامغا ئېسىلغان ئەينەكتىكى شولامغا قاراپ باقتىم، قارىسام ھەسەن موزدۇز دېگەن كۇسپۇرۇچ تېڭىق داكىسىنى پېشانەم بىلەن بىر كۆزۈمنى قېتىپ ئايلاندۇرۇپ تېڭىپ قۇيۇپتۇ، ئەينەكتىكى شولامغا قاراپ مىنى بىر تۇرۇپ كۈلكە تۇتىۋالسا بىر تۇرۇپ ئاچچىق تۇتىۋالدى. مەن مۇشۇ تاپتا چەتئەل كىنولىرىدىكى بىر كۆزىنى تېڭىپ قۇيۇپ دۇلىسىغا شاتۇتى قوندۇرۋالىدىغان دېڭىز قاراقچىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ياكى كۆرۈنۈشلەردىكى ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ چېكىسىنى داكا بىلەن تېڭىۋالغان، يەتتە بالىسىنىڭ يىتىم بولۇپ قالغىنىغا قارىماي سەكرات ئۈستىدە بەدەل پۇلى تاپشۇرۇۋاتقان پىشقەدەم قەھرىمانلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم...
شۇنداق قىلىپ ھەسەن موزدۇز بىلەن نىسىغا ھىساپلىشىپ پاتمىخان كۆرۈپ قالماستا ئات ھارۋىسىنىڭ چۇقۇرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۈرە تۇرغىنىمچە مەھەللىگە قاراپ يول ئالدىم.
مەھەللىگە يېقىنلاشقاندا مىنى تونۇيدىغانلار مىنىڭ ھارۋىدا ئۆرە تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى تۇتۇشۇپ راسا مەسخىرە قىلىشتى. بەزەنلەر يۈزۈمدىن –يۈزۈمگە «ھە توختى ئۇرۇشتىن قايتتىڭلارمۇ، ئاڭلىسام ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ قەھىرمان بۇلۇپسىلەرغۇ؟» دېسە يەنە بەزەنلەر«ياق...ياق...غالىبلارچە تۇرغىنىڭلاردىن قارىغاندا گېنىرال بولدۇڭلىمۇ-يا؟» دەپ مىنى زاڭلىق قىلىشتى، مەن ھەممىگە چىدىدىم، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم...
نېمە دەيمەن، گەپ قىلساملا ئېتىلىپ يىغلاپ سالىمەن...
كەنتە كومتىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئات ھارۋىسىدا ئۈرە تۇرغىنىمچە كىرىپ كەلدىم، مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرگەن بۇغالتىر قاتارلىق بەش كىشى كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى ئاندىن ئاتنىڭ بېشىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مەندىن ھال سوراشتى:
- ھارماي كەلدىڭلىمۇ توختاخۇن؟
مەن ئۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي كالپۇكۇمنى چىشلىگىنىمچە قاپىقىمنى چىڭ تۈرۈپ ھارۋا ئۈستىدە تۇرىۋەردىم.
- ھارۋىدىن چۈشسىلە قەھىرمان غۇجام!
- ئالدىلىرىغا گىلەم سالامدۇق يا؟
مەن ھارۋىدىن تەستە چۈشۈپ چاترىقىمنى كەرىگىنىمچە سۆگەت تۈۋىگە بېرىپ يەرگە قاراپ پۇشۇلداپ تۇردۇم. ئۇلار ئەتراپىمغا ئولىشىۋېلىپ ۋىلىقلىشىپ كۈلۈشكىلى تۇردى.
- نىمانداق خەتنە قىلغان بالىدەك چاترىقاڭلىنى كەرىپ يۈرۈيسىلەر توختاخۇن؟
بۇغالتىرنىڭ بۇ گىپىدىن بۇ بەش ئوغرى ئاخىرى ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تىزىغا شاپلاقلاشقىنىچە كۈلۈشكىلى تۇردى. مەن ئىزا-ئەلەمگە چىدىماي پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتىم. شۇ چاغدا ئارىمىزدىكى بىرەيلەن كۈلكىسىنى يېرىم توختىتىپ مەندىن سوراپ قالدى:
- قانچە يىپ تىكتى؟
- ئون ئىككى يىپ.
- ئون ئىككى يىپ؟ قانداق جاھان بولۇپ كەتتى بۇ، مېنىڭكى بىلەن ...
ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئاغىزىنى تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ پورسۇققىدە دەپ سالغان گىپىدىن مەن بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- سىنىڭكىنىمۇ تىكىگلىك؟
- ھەئە!
- قانچە يىپ؟
- ئون ئىككى يىپ...
- كۈتۈڭدىمۇ؟
ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ بېشىنى لىڭىشتتى، بۇنى كۆرگەن قالغان تۆتەيلەن ھەيران قېلىشىپ بىر-بىرىگە قارىشىۋالغاندىن كېيىن تەڭلا ئىككىمىزدىن سورىدى:
- سىلەرنىڭ ئون ئىككى يىپ تىكىلگىنى مۇشۇ يەرنىڭ جىيىكىمۇ؟،-ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ئۆزلىرىنىڭ كۈتىنى ئىشارەت قىلىشتى.
ئىككىمىزمۇ كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىشىپ تەڭلا بېشىمىزنى لىڭىششتتۇق، بۇ چاغدا بۇ تۆتى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تەڭ ئىسەنكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى، مەن ئۇلارنىڭ ئېغىر ھەسرەتلىك يېغىسىغا قاراپ چۈشىنەلمەي سورىدىم:
-        ھەر قايسىڭغا نېمە بولاشتى ئەمدى؟
-         بىزنىڭكىنىمۇ ئون ئىككى يىپ تىكىگلىك...
-        سىلەرنىڭمۇ ئون ئىككى يىپما؟،-ئىككىمىز تەڭ ۋارقىرىدۇق.
-        شۇنداق، ھەسەن موزدۇز بىلەن ئۇ پارىخورنىڭ خوتۇنلىرى بىر شېرىك! بىرسى يىرتىدۇ، بىرسى تىكىدۇ....
-        نېمە... نېمە؟،- مەن توۋلاپ سالدىم،- نېمىشقا بالدۇر دېيىشمەيسەن؟
- بىز....بىز....
شۇنداق قىلىپ بۇ ئالتەيلەن بىر-بىرىمىزنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئۈنسىز يىغلاپ كېتىشتۇق. يىغىمىز توختاپ ئۈز-ئارا تەسەللى بېرىشىۋاتقاندا بۇغالتىر دېگەن پەسەندى تۇيۇقسىز ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ زوڭ ئولتۇرغىنىچە ھازىدار خوتۇندەك ئۈنلۈك ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
-        بولغۇلۇق بولدى، نىمانچە يىغلايسەن؟،- دەپ تەسەللى بەردىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ.
-        سىلەر بىلمەيسىلەر...
-        نېمىنى؟
-        مىنىڭ يىگىرمە تۆت يىپ ...،- ئۇ ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
-        مىنىڭمۇ يىگىرمە تۆت يىپقۇ؟،- دىدىم ئۇنىڭ يېغىسىغا قاراپ ئەجەبلىنىپ.
-        سىنىڭ يىگىرمە تۆتى بىلەن مىنىڭ يىگىرمە تۆتى ئوخشىمايدۇ..
- قانداق ئوخشىمايدۇ؟
ئۇ يىغىسىنى توختىتىپ ئورنىدىن تۇردى ئاندىن چاترىقىنى چاڭگاللاپ بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى:
- مىنىڭ ئون ئىككى يىپنىڭ بىرى كۆتۈمدە يەنە بىرى ماۋۇ يىرىمدە، ئەمدى بىلىشتىڭما؟
قالغانلار بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ جىم بولۇپ قېلىشتۇق، ئۇنى دېمىسىمۇ بۇغالتىر ئۆتكەن يىلقى  قۇربان ھېيتتىن باشلاپ ئېغىر بىر نەرسە كۆتۈرەلمەيدىغان، ماڭسا بىلىنى چايقاپ ماڭىدىغان، كۈلسە ئاياللاردەك ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بىز بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىر ئاز بىلگەندەك بولدۇق.
شۇ چاغدا سېكرىتار ئاسماندىن چۈشكەندەك ئۆزى يالغۇز ئالتە قوينى يىتىلەپ يېنىمىزدا پەيدا بولدى ھەم زەردە بىلەن بىزگە ھۆمەيگىنىچە توۋلىدى:
- ھەرقايسىڭنىڭ يىغا-زارى تۈگىدىما؟
بىز سېكرىتارغا نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قاينىغان قازانغا سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كىتىپ كۆزىمىزنى پۇلتايتىپ قاراپ تۇردۇق.
- نېمانداق خوتۇن كىشىدەك ئەتىدىن –كەچكۈچە پوتلا-مىشقاڭنى ئېقىتىپ يۈرۈشىسەن؟
-        بىز...بىز...
-        ئەمدى ماۋۇ ئالتە قوينى شەھەردىكى...
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇغالتىر ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ قۇيۇندەك يۈگۈرگىنىچە قاتتىق ۋارقىرىدى:
- ۋوي... قاچ!
قالغان بەشىمىزمۇ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي بوغالتىرغا ئەگىشىپ گويا تۇرغان يېرىمىزگە بىرسى بومبا تاشلايدىغاندەك بار كۈچىمىز بىلەن قېچىشقا باشلىدۇق...
بىز شۇ قاچقىنىمىزچە ئۇدۇل كەنتە كومتېتىغا قوشنا بولغان مەكتەپنىڭ يېقىلۇق تېمىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالغاچ ئالتە قوينى تۇتۇپ قالغان سېكرىتارنى مارىلاشقا باشلىدۇق.
سېكرىتار ئالتەيلەننىڭ ئىسمىنى نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن چاقىرىپ چىقتى. بىز بېشىمىزنى تىقىۋېلىپ ئۈن دىمەستىن شۇك تۇرىۋالدۇق، بىچارە سېكرىتار بىردەم ئوڭ-تەتۈر ۋارقىرىغاندىن كېيىن ئاخىرى قويلارنى ئۆزى يالغۇز يىتىلەپ شەھەر تەرەپكە ماڭىدىغان يولغا مېڭىشقا مەجبۇرى بولدى.
- بۇرادەرلەر!،- دېدى بوغالتىر پەس ئاۋازدا ھاسىرىغىنىچە،- ئاۋۇ ئەبلەختە بىرە ئېلىشىڭلار بارمۇ؟
بىز بۇ گەپنى چۈشىنەلمەي ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدۇق.
- قاراڭلار ئاۋۇ ئەبلەخنىڭ ئۈزىنى چاغلىماي تېخى ئالتە قوينى ئۆزى يالغۇز شەھەرگە ئېلىپ ماڭغىنىنى، ئامىن!
بىزمۇ بوغالتىرغا ئەگىشىپ قولىمىزنى دۇئاغا ئاپاردۇق، مەن نېمىگە دۇئا قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- نېمىگە ئامىن!
- مەن جېنىمدا ئۈچ قوينى شەھەردىكى پارىخورلارغا ئەكىرىمەن دەپ بار دەسمايەمدىن ئايرىلىپ مانا مۇشۇنداق يېرىم بولۇپ قالغان يەردە، ئۇ خۇمپەر ئۈزى يالغۇز ئالتە قوينى تارقىتىمەن دەپ ئەتىگىچە چوقۇم ئۆلۈپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇۋېتەيلى!
- تۈفىي!
بەشىمىز تەڭلا يەرگە تۈكۈرۈپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدۇق:
- قانداق يەردە تىرىك ئادەمنىڭ نامىزىنى ئۇقۇغان ئىش بار، ھەي نائەھلى!
- ئىشەنمىسەڭلار مەيلى، شەھەردىكى ئۇ پارىخور-بۇلاڭچىلارنىڭ خوتۇنلىرى ئاسماندا ئۇچۇپ سىمدا ماڭىدۇ، يېزىمىزدىكى ھەسەن موزدۇزنىڭ ھېلىقى شىرىكلىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچگەپ ئەمەس، قاراپ تۇرۇڭلار ئۇ ئۆلمەي قالسا مەن قۇلىقىمنى كىسىپ بېرەي!
بىز ئالتىمىز ئىختىيارسىز كۆتۈمىزنى سىلاشقىنىمىزچە ئېغىر خىيالغا پاتتۇق.ئارىمىزدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز دۇئاغا قول كۆتۈردى:
- ئامىن!
- يەنە نېمىگە ئامىن؟،- قالغانلىرىمىز ئۇنىڭدىن تەڭ سورىدۇق.
- ئۇلۇغ خۇدانىڭ پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزگە تېخمۇ نۇسىرەت ئاتا قىلىشىغا ئامىن! پارتىيىمىزنىڭ بۇ چىرىك –پارىخورلارنىڭ جاجىسىنى بالدۇرراق بېرىشىگە ئامىن!
- ماۋۇ گىپىڭ جايىدا، پارتىيىمىز دانادۇر، قاراپ تۇر،  پارتىيە-ھۆكۈمەت ھامىنى بۇ پارىخور مۇناپىقلارنىڭ جاجىسىنى بىرىپ تىكىلگەن يېرىمىزنىڭ ئۈچىنى ئېلىپ بىرىدۇ، قېنى ئاغىنىلەر ئامىن!
مەن شۇنداق دەپ بۇلۇپ قۇلۇمنى دۇئاغا ئېگىز كۈتۈردۈم.


1997-يىل قاراقاش

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 01:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           توختى پوكاننىڭ ئامىتى
                                                              (تۆتىنچى ھېكايە)

                                                       ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش


سېكرىتار ئۆزى يالغۇز شەھەرگە ئالتە قوينى يىتىلەپ كىرىپ كېتىپ دىگەندەك ئەتىسى كەچتە ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىق خەۋىرى يىتىپ چىقتى. ھېلىقى ئالتىمىز دەرھال بىر يەرگە كىلىپ سېكرىتار ئۈستىدىن جىددىي مۇزاكىرىگە ئولتۇردۇق:
- مەن نېمە دېگەن ئاغىنىلەر،- دېدى بوغالتىر بېشىنى لىڭىشتىپ گىدەيگىنىچە،- ئۇنىڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىنىغا مانا ئىككى كۈندىن ئاشتى، ئەمدى ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالانسىمۇ بىكار! ئۇنىڭ ئىشى ساقايدى!
- شۇنداق ئۇ ئەبلەخنىڭ تارتقۇلىقى تېخى ئالدىدا،-گەپ قىستۇردى ئەترەت باشلىقى شالۋۇرىنى ئېقىتىپ،- ئۇرۇق پۇلىنى تولۇق يىغماپسەن دەپ مىنى بوش تىللىمىغان ئىدى ئۇ بەڭگى...
- خوپ بولدى، كۆتىگە ياغ تۇلۇپ يىرىمىسا ئۇسۇرالمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئۇ نېمە...
- ... ...
- ۋاي بولدى قىلشە!،- ۋاقىرىدىم ئاچچىقىمدا غەيۋەتكە چۈشكەن بۇ بەشىگە ئالىيىپ،-سېكرىتار بۇ يەردە بولغان بولسا ئالدىدا خۇشامەت قىلىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قىلىشار ئىدىڭ، ئەمدى نېمە گەپ؟ سېكرىتار قانداقلا بولمىسۇن ھەممىمىزگە تۇز بەرگەن ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ چىقايلى، قانداق دىدىم؟
ئۇلار گېپىمنى ئاڭلاپ بىردەم شوك بولۇپ قېلىشىپ ئاندىن ماڭا زەردە بىلەن جاۋاب بىرىشتى:
- دىگەنلىرىڭغۇ بىر ھىساپتا توغرا، ئىنسانچىلىق ئەمەسمۇ، بۇپتۇ شەھەرگە كىرىپ ئاۋۋال ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ چىقايلى!
شۇنداق قىلىپ ئالتىمىز چۆنتىكىمىزنى تېشىغا ئۆرۈشۈپ سېكرىتارنىڭ كېسىلىنى كۆرگىلى شەھەرگە ئاتلاندۇق.
شەھەرلىك دوختۇرخانا بەك چوڭ بولغاچقا سېكرىتار ياتقان ياتاقنى تەسلىكتە تېپىپ ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا كىردۇق:
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سېكرىتار!
كارۋاتتىكى سېكرىتاردىن ھېچ بىر سادا يوق.
«سېكرىتار ئۇخلاپ قالغان بولسا كېرەك؟»
بىز يوتقانغا چۈمكىنىپ ياتقان سېكرىتارنىڭ يوتقىنىنى ئاستا ئاچتۇق.
كارۋاتتا بولسا بىر كىچىك بالا ئۇخلاپ ياتاتتى. بىز ياندىكى كارۋاتتا ياتقان كېسەللەردىن سېكرىتارنى سۈرۈشتە قىلدۇق:
-يەتتىنچى رايوندىن كەلگەن سېكرىتارنى مۇشۇ كارۋاتتا ياتقان دەپ ئاڭلىۋىدۇق، بىرە ئىش بىلەن سىرىتقا چىكەتكەنمىدۇ؟
ياندىكى كېسەللەر بىزگە جاۋاب بىرىپ بولغىچە سېكرىتار ياتقان كارۋاتتىكى كىچىك بالا ئويغىنىپ بىز تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قاراپ بېشىنى كۆتۈردى.
«ئاھ خۇدا، بۇ بالىنىڭ چىرايى سېكرىتارغا ئەجەب ئوخشايدىكىنا! توۋۋا كىچىك تۇرۇپ يۈزىنى بۇرۇت-ساقال بېسىپ كىتىپتىغۇ بۇ بالىنىڭ! سېكرىتارنىڭغۇ بۇنداق ياشتىكى نەۋرىسى يوق ئىدى...»
-ھەرقايسىڭ ...ئەمدى كېلىشتىڭما؟...
كارۋاتتىكى بۇ كىچىك بالىنىڭ ئاۋازى بەئەينى سېكرىتارنىڭ ئاۋازىدەك بوم چىقىۋاتاتتى. بىز بۇ ئاجايىپ ئەھۋالدىن بىر-بىرىمىزگە چەكچىيىشىپ ئېغىزىمىزغا كەلگەن تۈپۈكنى ئاران يۇتۇشۇپ كارۋاتتىكى بالىغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدۇق، بۇچاغدا ئارىمىزدىكى بوغالتىر كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى:
-سېكرىتار بۇ...بۇ ئۆزلىرىمۇ؟
بىز ھۇشىمىزنى يېغىپ بۇ بالىغا تېخىمۇ ئوبدان سەپسالساق سېكرىتارىمىزنىڭ نەق ئۆزى شۇ.
«خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، نېمە ئىش بۇ ئەمدى، چوپ- چوڭلا بىر ئادەم ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە كىچىك بالىنىڭ ئۈزىگە ئايلىنىپ قاپتىيا؟»
-سېكرىتار....سېلى...ئوبدان بولۇپ قالدىلىمۇ-يا؟،- دېدۇق ئالتىمىز كۆزىمىزگە كەلگەن ئىسسىق ياشنى يۇتىۋېتىپ تۇرۇپ ياقىمىزنى چىشلەشكە تەييار بولۇپ.
سېكرىتار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، مەن باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارىسام ئۇلار ئەمدى يىغىسىنىڭ ئورنىغا كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇشقاندەك بىلىنىپ قالدى، بۇنى كۆرۈپ مىنىمۇ كۈلكە تۇتىۋالدى...ئالتىمىز يەنە بىر قېتىم تەڭ ئاۋازدا ئۈنلۈك قىلىپ سېكرىتاردىن ئامانلىق سورىدۇق:
-ئوبدان بولۇپ قالدىلىمۇ سېكرىتار؟
ئاخىرى ئۇ ياتقان يېرىدىن چىچاڭشىپ سەكرەپ تۇرۇپ بىزگە ۋارقىرىدى:
-ماۋۇنى ئوبدانلامتا؟،- چاترىقىنى ئىككى قۇلى بىلەن چاڭگاللىدى سېكرىتار تۈپۈكىنى چاچرىتىپ،- تۈنۈگۈنكىدىن بۈگۈن بەك تېخى!...
بىز سېكرىتارنىڭ غەزەپكە تولغان قانلىق كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئېيتقۇسىز بىر دەرتكە قالغانلىقىنى پەملەپ دەرھال قولىمىزدىكى قەن-ناۋاتنى كارۋاتقا تاشلاپ قۇيۇپ ياتاقتىن تىكىۋەتتۇق.
كارىدورغا چىقا-چىقماي ئالتىمىز پارتلاپ كېتەي دەپ قالغان كۈلكىمىزنى تېشىغا قۇيىۋېتىپ راسا كۈلۈشىشكە باشلىدۇق:
-خۇدايا توۋۋا، ئۆمرۈمگە كىلىپ بۇنداق ئىشنى كۆرمەپتىكەنمەن،- دېدى ئەترەت باشلىقى ياقىسىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ كۈلگىنىچە،- سىقىۋاتقان ئۈزۈمدەك بولۇپ قاپتىيا ماۋۇ ئادەم!
- شۇنى بىر دېمەڭلا، غايىپتىن بىرە كارامەت كەلدىمۇ-يا ئۇنىڭغا، كىچىك بالىغا ئۆزگىرەلەيدىغان!
- پارىخورلارنىڭ خوتۇنلىرى پېرىخونمىدۇ ياكى ئەۋلىيامىدۇ؟
-ئاشۇلار شوراپ- شۈمۈپ مۇشۇنداق قىلىۋەتكەنمىدۇ ئۇنى؟
- سىلىنىمۇ مۇشۇنداق ئىمىۋەتكەنما ئاداش؟
-مەن باشتا دىگەنغۇ،-دېدى بۇغالتىر كۈلكە دەستىدىن كۆزىدىن چىكەتكەن ياشنى يېڭى بىلەن سۈرۈتۈپ تورۇپ،- ئۇلار سېكرىتارنى شوراپ ئىچى ئەزايىنىمۇ سۇغۇرۇۋەتكەن گەپ...كىم ئۇنى ئالتىنى تارقاتسۇن دەپتۇ، ئالتىنى تارقاتقانغا تويسۇن ئەمدى!
- ئۇنىمۇ تىككەنمىدۇ؟
- ۋاي تىكمەمدىغان، تىكىپ تور تۇقىۋەتكەن گەپ...سېكرىتار ئەمدى مەھەللىدە كىيىم كىيمەي يالىڭاچ ماڭسىمۇ ئەشۇ توردىن تىكىلگەن كېيىمى بىر ئۆمۈر يىتىدۇ ئۇنىڭغا...
- تور كېيىمى يىرتىلىپ كەتسە ئۆپكىدەك سېمىز كۆتى ئۇچۇق قالارمۇ ئەمدى؟
- ھەسەن موزدۇز بارغۇ تىككىلى!
بىز كۈلكىمىزنى زادى توختىتالماي دوختۇرخانا ھويلىسىغا چىقىپ قالدۇق، بۇ چاغدا بۇغالتىر كۈلكىسىنى پەسەيتىپ ئېيتتى:
-چوڭ بىر ئادەم تۇرۇپ شۇنچە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا چاترىقىنى چاڭگاللاپ يۈرگىنىنىڭ نېمىسى، كاللىسىدىن كىتىپتىمۇ نېمە؟
- ھېلىغۇ سېكرىتاركەن،- دېدى كەنتە مۇدىرى گەپ قىستۇرۇپ،-مۇشۇ شەھەرىدىكى بورھان ھاجى دېگەن ھېلىقى مۆتىۋەر قېرى تىۋىپنى ھەممىڭلار تونۇيدىغانسىلەر؟
-شۇنداق تونۇيمىز، ساقىلى مەيدىسىدىن ئاشىدىغان خېزىر سۈپەت كىشىغۇ ئۇ!،- دېدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
- ئايالىم يېڭى تۇغۇتلۇق ئىدى ،- دېدى كەنتە مۇدىرى كۈلگىنىچە گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- بىرسى «تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بېشىغا ئوق دۇرىسىدەك بىر نېمە قۇيۇپ قويسا، جىن-ئالۋاستى ئاپىتىنى سالالمايدىكەن» دېدى، مەن مەھەللىمىزدىكى پەرھات پاۋاننىڭ قېشىغا مىلتىق دورىسى بارمىكىن دەپ بارسام ئۇ جاڭگالغا چىكىتىپتۇ، يېنىشىمدا سايت چولاق ئۇچراپ قالدى، ئۇنىڭ بىلىشى كۆپ بولغاچقا گەپ تىشىپتىمەن، سايىت چولاق دېگەن راھەندى«مىلتىق دورىسى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ شەھەردىكى بورھان ھاجىمدا ئەڭ ياخشىسى بار دىمەسمۇ، شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىپ ھاجىمنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ مىڭ بىر بالادا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم، «ھاجىم مىلتىق دورىسى بارمۇ؟» دىسەم، «ۋاي بارئۇكام!» دەپ بىر قۇتا دورا بەردى، مەن پۇلىنى بېرىپ قايتاشىمدا قۇتىنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ قاراپ باقسام بىرخىل ئۇماچ ھالەتتىكى مەجۈنى دورا ئىكەن، مەن كۆڭلۈمدە«مىلتىق دورىسى دېگەن قۇرۇق قۇمدەك بولماسمۇ، ھاجىم خاتا بەرگەن ئوخشايدۇ» دىگەننى ئويلاپ كەينىمگە يېنىپ بورھان ھاجىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىنچىكىلەپ سورىدىم، «ھاجىم مىلتىق دورىسى دېگەن قۇمدەك ئەمەسمىدى، بۇ....قانداق مىلتىق دورىسى؟» بۇ چاغدا دۇكاننىڭ ئالدىدا ئەللىك-ئاتمىشچە ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرۇپتىكەن، بورھان ھاجىم دېگەن بۇ كۇسپۇرۇچ شۇنچە ئادەملەرنىڭ ئالدىدا دۇكىنىغا قۇيۇلغان ئۈستەلگە سېرىكچىدەك «دىككىدە» سەكرەپ چىقىپ ئۇزۇن ئاپئاق ساقىلىنى دولىسىنىڭ كەينىگە «شاپپىدە» ئېلىپ قويدى-دە پەلتۇسىنىڭ ئىككى پىشىنى بىلىگە قىستۇرۇپ قۇيۇپ چاترىقىنى ئىككى قۇلىدا چاڭگاللىغىنىچە «قانداق مىلتىقنىڭ دورىسى بۇلاتتى ئۇكام، مانا مۇشۇنداق مىلتىقنىڭ دورىسى!» دەپ ماڭا قاراپ ۋارقىرماسمۇ؟
كەنتە مۇدىرىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ توختىغان كۈلكىمىز يەنە باشلىنىپ كەتتى.
- شۇنداق بۇ كۈندىكى كىشىلەرگە نېمە بولۇپ كەتتىكىن تاڭ،- دېدى ئەتىدىن بىرى گەپكە ئانچە ئارىلاشمىغان ئاز-تولا گېزىت كۆرۈشكە ئامراق ئەترەت باشلىقىدىن بىرى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ،- ھە دىسىلا چاترىقىنى چاڭگاللاشقان بۇ خەق!
- قانداق دەيسەن؟
- قايسى كۈنى،-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- كەنتە بىلەن ئەزالارئوتتۇرىسىدىكى دىن باشقۇرۇش توختامنامىسىنىڭ چالا قالغىنىنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن ياسىن يۇۋاشنىڭ ئۈيىگە باردىم دەڭلا...
- ھە نېمە بولدى، خۇدا قۇلى بىر ياۋاش ئادەم ئىدىغۇ ئۇ؟
- ھەئە بەك خۇدا قۇلىكەن، توختامنامىگە قول قۇيۇپ بولغاندا ئۇنىڭغا توختامدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ «باللىرىنى يەر ئاستى قانۇنسىز دىنىي ئۇقۇتۇش نۇقتىلىرىغا بەرمەيدىلا، چۈشەندىلىما؟»
دېسەم ياسىن ياۋاش دېگەن ئەبلەخ ئالدىمدا شۇنداق چىرايلىق قول قۇۋۇشتۇرۇپ «چۈشەندىم، ماقۇل غۇجام!» دېدى، ئارقىدىن «ئەگەر مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە ئىككى مىڭ يۈەندىن ئون مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە تۆلەيدىلا، چۈشەندىلىما؟» دېسەم «چۈشەندىم، ماقۇل غۇجام!» دەپ كۈلۈپ تۇردى، قارىسام ئايالى ھەم بەش-ئالتە ياشلىق ئىككى بالىسىمۇ قول قۇۋۇشتۇرۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ...ئىچىمدە «نىمانچە قۇلىقى يۇمشاق ياخشى ئادەملەر بۇ، ئۇششاق باللىرىنىڭمۇ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغىنىنى» دەپ مەستلىكىم كەلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ قوشنىسىنىڭكىگە چىقىپ توختامنامىگە قول قويدۇرۇۋېتىپ بۇلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قول قۇۋۇشتۇرۇپ ھىجىيىشىپ تۇرغىنىنى كۆردۈم، لېكىن كاللامغا قايسىدۇر بىر ئەللامىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدىكى ھېكايىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ئۇ ھېكايىدىمۇ باشلىق گەپ قىلسا پۇقرالار «ماقۇل غۇجام!» دېيىشكىنىچە قول قوۋۇشتۇرغان بولۇپ چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرۇشۇپتىكەن...
بۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسىز تېنىم شۈركىنىپ يېنىمدىكىلەرگە قارىسام راستىنلا چاترىقىنى چاڭگاللاپ مىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشۈپ تۇرغاندەك... مەن كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي يۈگۈرۈپ چىقىپ ياسىن يۇۋاشنىڭ ھويلىسىغا كىردىم، ئۇلار يەنە بايامقىدەك ماڭا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ زادى چاترىقىنى چاڭگاللىغان-چاڭگاللىمىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىيالماي ئۇنىڭ خوتۇنىغا قارىسام ئۇخوتۇنمۇ چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرغاندەك...
ئەستەخپۇرۇللاھ بۇ بىر ئايال كىشى تۇرسا چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرغىنىنىڭ نېمىسى؟خاتا كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ ھېلىقى قوڭىغا ئىشتان كىيمىگەن ئىككى كىچىك نارەسىدىسىگە قارىسام ئۇ ئىككى شۇمتەك ئىككى قۇلى بىلەن قوڭغىرىقىنى مەھكەم چاڭگاللاپ تۇرۇشماسمۇ؟ بۇنى كۆرۈپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى، بۇ خەق چوقۇم بىز گەپ قىلساق مۇشۇنداق چاترىقىنى چاڭگاللاپ تۇرۇشنى ئالدىن دېيىشىۋالغان گەپ بولمىسا بۇ ئىككى ماڭقىسى نېمە قىلىدۇ قوڭغىرىقىنى چاڭگاللىشىپ....
بىز شۇنداق قىلىپ كۈلۈشكىنىمىزچە پاراڭلىشىپ شەھەردىن ياندۇق.
بوغالتىرنىڭ دىگىنىدەك ئىككى كۈنگە قالماي بىچارە سېكرىتارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى يىتىپ چىقتى...
مەھەللىدە سېكرىتارنىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق خىلمۇ-خىل گەپلەر تارقالدى، بەزىلەر«رەھمەتلىك قۇيۇندا قېلىپ جىن ئۇنىڭغا ئاپىتىنى ساپتۇ..» دېسە بەزىلەر«سېكرىتاردا ئۈچى بار كىشىلەر ئۇنى باخشىغا ئوقۇتۇپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ...» دېيىشتى، يەنە بەزىلەر«قوناقلىققا سۇلاق قىلغىلى چىققان يەردە كۇسۇپ قالغان ئىتلار سېكرىتارنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ تالاپ ئۆلتۈرۋېتىپتۇ...» دېگەن گەپلەرنىمۇ قىلىشتى...
سېكرىتارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىدىن بىزنىڭ بىر ئاز خەۋىرىمىز بار ئىدى لېكىن زادى نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىزمۇ تازا چۈشەنمەيتتۇق، بوغالتىر بولغان خۇمپەرمۇ ئۇ خوتۇنلارنىڭ نېمە كارامىتى بارلىقىنى بىزدىن مەخپىي تۇتۇۋاتاتتى.
سېكرىتارنىڭ نامىزىمۇ ئۇقۇلدى، دەپنە گاھلىقتىن يانغاندا مەن جەسەت يۇغۇچىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
- ئاكا، سېكرىتار رەھمەتلىككە زادى نېمە بولۇپتۇ، بەدىنىدىكى يارىسى ئېغىرمىكەن؟
- ۋاي ئۇكام بۇنى سورىما، يامان بولىدۇ!
- ئىنسانغا تىنمايمەن ئاكا!
- قوناقلىقتا كۇسۇپ قالغان ئىتلارنىڭ تالىۋالغىنى راست ئوخشايدۇ، سايمان-جابدۇقلىرىنىڭ بىرىمۇ يوق ئۇكام!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم بىر قايدى.
«خۇداغا قىلغىنىم بار ئىكەن، ھېلىمۇ رەھمەتلىك مىنى يېزىغا بۇيرۇپتىكەن، ناۋادا شەھەرگە بۇيرۇغان بولسا بۇ چاققا يەتتە كەتمەن توپا مىنىڭ ئۈستۈمگە تاشلىناركەن!»
ئىچىمدە خۇداغا مىڭ شۈكرى قىلدىم.
* * * * * * *
ئۇزۇن ئۆتمەي مەھەللىمىزنىڭ يورۇت چوڭلىرى ماڭا باش-پاناھ بولۇپ تويۇمنى ئوبدانلا قىلىپ بەردى. ماڭا نىسبەتەن ئاسماندىكى ئاي بولغان ھاجىمنىڭ قىزى پاتمىخانمۇ ئاخىرى قولۇمغا چۈشتى، لېكىن توي ئاخشىمى سايىت چولاق دېگەن پەسەندىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ تىۋىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئەشۇ «ھەببە ئاداراق» دېگەن دورىسىنى يەۋالغانلىقىم ئۈچۈن ھوجرىغا كىرە-كىرمەي چىشىم گىرەلىشىپ قېلىپ پاتمىخانغا دىيىشكە تەييارلاپ قويغان كۆڭلۈمدىكى گەپلەردىن ھېچقايسىسىنى ئېيتالمىدىم، دورا تەسىرىدىن بوينۇم قېتىپ قېلىپ ئىككى يېنىمغا قارىيالمىغاچقا يېنىمدىكى پىخلىداپ كۈلۈپ يۈرگەن سايىت چولاقنى بىر ئېغىز تىللاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي پاتمىخان سالغان يوتقان- كۆرپىگە دەرەخ ئۆرۈلگەندەك يېقىلغان پېتىم كىرىپ كەتتىم....
ئەتىسىدىن باشلاپ بىزنىڭ بەختلىك كۈنلىرىمىز باشلاندى، پاتمىخاننىڭ ئايىغى يارىشىپ ئۆلەي دەپ قالغان قۇتا قويۇم بىر قېتىمدا ئىككىنى قوزىلاپ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلدى...
«ئاينىڭ ئونبەشى يورۇق، ئونبەشى قاراڭغۇ» دىگىنىدەك بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاسايىشلىق–خۇشال كۈنلىرىمىزدە ناھايىتى ئازساندىكى بىر ئۇچۇم يامان نىيەتلىك كىشىلەر ھەرخىل-ھەرياڭزا ئىشلار بىلەن جەمىئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى بىر ئاز جىددىلەشتۈرۈپ قويدى...
يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن بىز كەنتە كومتېتىدا بىر قىسىم ياشلارنى تەشكىللەپ يول-يوللارغا چازا قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ تېگى-تەكتىنى ئىنىقلاپ گۇمانلىق كىشىلەرنى بايقىساق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلماقچى بولدۇق.
شەھەردىن بىزنىڭ كەنتىمىزگە ئالتە كىلومېتىر كىلەتتى، ھەر بىر كەنتە ئۆز ئالدىغا چازا قۇرۇپ «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان ھەركىتى» نى قانات يايدۇرغاچقا سىز مەيلى شەھەرگە كىرىڭ ياكى شەھەردىن بىزنىڭ كەنتىگە چىقىڭ چوقۇم كامىدا ئالتە يەردىكى چازىدىن ئۆتۈشىڭىزگە توغرا كىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئالتە ئۇرۇندىكى خەلق پىدائىيلىرىغا كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىشىڭىز، تىزىملىتىشىڭىز شەرت، بويسۇنمايدىكەنسىز ئۇمۇمى ۋەزىيەتكە ماسلاشمىغان بولىسىز...
بۇ قېتىم كەنتىمىزنىڭ ئامىتى كەلدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مىنىڭ تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن بولدى. بىزنىڭكىدىن باشقا كەنتلەر ئۆزىنىڭ كىچىك تۇپىلاڭ يوللىرىغا چازا قورىغان بولسا ئەكسىچە بىزنىڭ كەنىتكە ماشىنا-تراكتورلار كۆپ ماڭىدىغان چوڭ يولغا چازا قۇرۇش توغرا كەلدى...
كەنىتتىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىمىز يەكشەنبە كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىشنى تالىشاتتۇق چۈنكى بۇ بازار كۈنىدە بۇ چوڭ يولدىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىرىدىغانلار ئىنتايىن جىق ئىدى، كەنتە كومىتېتىدىكى يېقىنلىرىمنىڭ شاپائىتىدە مىنىڭ بازار كۈنلىكىدە چازىغا چىقىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى...
يەكشەنبە تاڭ ئاتار كېچىسى خۇشاللىقتىن ئۇخلىيالماي تاڭنى بەكلا تەستە يورۇتتۇم، چۈنكى مەن ئەمدى قۇلۇمدىكى ئالا كالتەكنىڭ كۈچى بىلەن يوللاردا ئىلگىرى تۇپا-چاڭ چىقرىپ بىزنى بۇخۇناق ئىچىگە تاشلاپ قۇيۇپ مەغرۇرلارچە كېتىپ قالغان ماشىنا –تراكتورلارنى خالىغانچە توختىتىپ ئىچىدىكى ئادەملەرنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ چىقالايتتىم. تېخى ماشىنا-تراكتورلاردىكى ھارامزادە شوپۇرلاردىن باشلاپ دېمىقى ئۈستۈن ئاخۇنۇم-داموللىلارغىچە يەرگە چۈشۈپ ئالدىمدىن ئۆچىرەت بولۇپ مېڭىشاتتى، كۈلگىسى بولمىسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ماڭا خۇشامەت قىلىشاتتى، بولمىسا ئىككى قۇلۇمنى تامبىلىمىنىڭ يانچۇقىغا تىقىۋېلىپ «ئاۋۇ نېمەڭ كەمكەن! ماۋۇ نېمەڭ يوقكەن!» دەپ ئۇلارنى بوش چۇكۇلداتمايتتىم...
ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن چىرايلىق ئايالىم پاتمىخان تويدا كېيگەن چىبەرقۇت تامبىلىمنى يوتقان دەزمىلىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ مىنى ئوبدانلا ياساندۇرغاندىن كېيىن كان ئۇچاققا كۆمۈپ قويغان سوقتا كۆمەچنى پوتامغا تۈگۈپ بىرىپ بوينۇمغا ئېسىلغىنىچە مىنى ئۇزۇتۇپ قويدى...
يېڭى ئىش ئورنۇمغا بېرىپ يېڭىمگە قىزىل يەڭلىك تاقىدىم-دە خىزمەتكە ئاتلىنىپ كەتتىم، مەن بۈگۈن بىر كۈنلۈك چازىنىڭ باشلىقى بولغاچقا ھەممە ئىشلارنى قول ئاستىمدىكى تۆت-بەش مەدىكار قىلاتتى، مەن ئىككى قۇلۇمنى يانچۇقۇمغا تىقىپ ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلاتتىم، كىشىلەرمېڭىۋاتىدۇ...كىملىك تىزىملىنىۋاتىدۇ...ئاللا كارامەت...بۈگۈن بۇ تەۋەلىكتە مەندىن چوڭى بولماس...قۇلۇم ھېلى يانچۇقۇمدا...ھېلى كەينىمدە...قورسىقىمنى ئالدىمغاچىقىرىپ باداڭ قۇرساق بولۇپ كىبىرىمنى كۆرسىتەي دىسەم يا قۇرسىقىم چىقمىغان...
- چازىجاڭ، ماۋۇ خوتۇننىڭ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز؟-دېدى قول ئاستىمدىكى بىرسى خىزمەت دوكلات قىلىپ.
«چازىجاڭ» دېگەن گەپتىن كۆڭلۈم سۈيۈنۈپ باشقىچە خۇشاللىق ھېس قىلدىم-دە ئۇنىڭغا يۇغانلىقىمنى كۆرسىتىپ ۋارقىرىدىم:
- بولمايدۇ، بولمايدۇ، شىپىجىي بولمىسا قەتئى مېڭىشقا بولمايدۇ!
بۇ چاغدا يۈزىنى يۆگىۋالغان بىر چوكان گېلىنى قىرىپ ماڭا توۋلىدى:
- شىپىجىي دىگىنىڭ كىملىك شۇدۇ؟ توختاپ تۇرۇش ئىرىم ھازىر ئېلىپ كېلىدۇ...
- خېنىم نېمە ۋارقىرايسىز،-دېدىم ئۇ خوتۇنغا جاۋابەن،- ھازىر ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ يۈزىڭىزنى ئېچىڭ تەكشۈرىمىز!
- توختاپ تۇرۇش، ئېرىم ھازىر كېلىدۇ!،- دېدى ئۇ خوتۇنمۇ بوش كەلمەي.
- ئېرىڭىز ھەرقانچە بولسىمۇ يامۇلنىڭ ئامبىلى ئەمەستۇ ئۇز خېنىم!
شۇنداق دېيىشىمگە بىرسى كەينىمدىن دولامغا قۇلىنى«پوككىدە» قۇيۇپ ماڭا ئۈنلۈك گەپ قىلدى:
- شۇنداق يامۇلنىڭ ئامبىلىمەن توختاخون!
مەن بۇ ناتۇنۇش ئاۋازدىن چۇچۇپ كەينىمگە قارىسام مەن دىمەتلىك بىرسى ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ.
-مەن سىلىنى تونىمىدىمغو!-دېدىم ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۇنى مەنسىتمەي.
- سىلى مىنى تونىمىغان بىلەن مەن سىلىنى ئوبدان تۇنۇيمەن توختاخۇن!-دېدى ئۇ مىنى يول بۇيىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۈيىگە شەرەت قىلىپ.
مەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى ياغلىققا ئورالغان نەرسىگە قاراپ دەرھال چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دېھقاننىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدىم. ئۆي ئىگىسى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ مىنى ئايۋانغا باشلاپ ئىشكنى ھىم ئەتتى-دە ياغلىققا ئورالغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر تال كىملىكنى قۇلىغا ئېلىپ ماڭا ئېيتتى:
- سىلىگە لازىمى ئايالىمنىڭ مۇشۇ كىملىكىدۇ؟
- شۇنداق، نېمە دىمەكچىسەن؟
- مەن ساڭا دەپ قوياي توختى پوكان، تولا ھەددىڭدىن ئاشما!
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ ياقامنى تۇتقىنىچە يۈرىكىمنىڭ ئېغىزىغا ئىككىنى تىزلىۋىدى، ئولتۇرۇپلا قالدىم...ئاندىن بىلىمىدىن تۇتىۋېلىپ يانپاشقا ئالدى-دە بېشىدىن ئۈستۈن كۈتۈرۈپ ئايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىغا تازا بىر سالدى...«دۈڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن بېشىم پىقىراپ كۆزۈمنى قاراڭغۇلۇق باستى...
كاساپەت ئەسلىدە مۇشۇ يۇرتنىڭ داڭلىق چېلىشچىسى ھەم لۈكچىكى ئىكەن... مەن ئۇنى تونۇماپتىمەن...ئورنۇمدىن دەلدەڭشىپ ئاران تۇرۇشۇم بۇ ھارامدىن بولغان بىر قۇلى بىلەن گېلىمنى بۇغۇپ تۇرۇپ يەن بىر قۇلىدا كىملىكنى ئەكىلىپ ئاغزىمغا تىقماسمۇ؟
ھۆكۈمەتمۇ تازا قىزىق، كىملىك دېگەننى كىچىكرەك ياسىمامدۇ، بۇ ئەبلەخ كىملىكنى ئېغىزىمغا تىقىمەن دەپ تاس قالدى ئېغىزىمنىڭ ئىككى جاۋغىيىنى يىرتىۋەتكىلى ، بىر ھىساپتا ھۆكۈمەت يەنىلا يىراقنى كۆرىدىكەن، ناۋادا كىملىك دېگەننى قەرت ياكى دەپتەر چوڭلۇقىدا ياسىغان بولسا بۇ ھاراملىق كىملىكنى ئېغىزىمنى قايچىدا كىسىپ تىقامدىكىن تاڭ؟...
- كىملىككە تويدىڭما ئىتنىڭ بالىسى! تولا ھەددىڭدىن ئاشما، بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، بىز يەنە قالىمىز ماۋۇ يۇرتتا؟
- ماقۇل...،-دېدىم ئېغىزىمدىكى كىملىكنى تەستە سۇغۇرۇپ ئېلىپ.
- يەنە خوتۇنۇمغا قالايمىقان گەپ قىلىدىغان بولساڭ، تىلىڭنى كېسىۋېتىمەن!
- ماقۇل دىدىمغۇ!!!
شۇنداق قىلىپ بۇ بەدبەخنىڭ ياغلىقىدىكى نەرسىسىدىن تەما قىلىپ بۇ نەس باسقان ئۆيدە بولدى دىگۈچە تاياق يەپ چىقتىم-دە قول ئاستىمدىكى نان قېپىلارغا ۋارقىرىدىم:
- بولدى، بۇ خان ئاچىمىز ئۆتۈپ كەتسۇن!
- بۇ ئاياللارنىڭمۇ شىپىيجىسى يوقكەن قانداق قىلىمىز چازىجاڭ؟
ساناپ باقسام يەتتە-سەككىز چوكان، بۇلارنىڭ ئېرىمۇ ھەرقاچان چېلىشچى بولسا كېرەك قارىسام ئەپتى شۇنداق يامان- ماڭا ئالايغىنى ئالايغان...«سەككىزىنىڭ ئېرى كېلىپ سەككىزتال كىملىكنى يەنە ئېغىزىمغا نۆۋەت بىلەن تىققىلى تۇرسا قانداق قىلارمەن؟» ئاچچىقىمدا ئاغرىپ كەتكەن ئېغىزىمنى تۇتۇپ ۋارقىرىدىم:
- ھەممىسىنى ئۆتكۈزۋەت! مەن بۇ دۇنياغا خاس كىملىك يېگىلى تۇغۇلمىغاندىكىن!
ئۇلار ئەمدى ئۆتۈپ كىتىشى بىر كىچىك ماشىنا چىقىپ كەلدى، ئادەتتە بۇنداق كىچىك ماشنىلارنىڭ ئىچىدە كۆپۈنچە مەخپى خىزمەت تەكشۈرۈدىغانلار بولاتتى، ئۇلار كۈندە دىگۈدەك بىر –ئىككى قېتىم چىقىپ ھە دىسىلا «ئۇنى بوش قويۇشۇپسەن! بۇنى ياخشى تەكشۈرمەپسەن!» دەپ كەنتە كومتېتىغا ناھايىتى ئېغىر جەرىمانە قۇيىۋېتەتتى. شۇڭا بايا يېگەن تاياقنىڭ ئاچچىقىدا بۇ ماشىنىنى ئۆزەم تەكشۈردۈم:
-ماشىنىدا قانچە ئادەم بار!
- ئىككى ئادەم بار!- دېدى ھاكاۋۇر شوپۇر ئېغىزىدىكى پاپىرۇسنىڭ ئىسىنى ماڭا پۈۋلەپ تۇرۇپ.
- ئىككىڭلار چۈشۈپ بۇيەرگە تىزىملىتىڭلار!
بۇ چاغدا شوپۇر قۇلىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقىنى ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئەينىكىدىن يەرگە چۈشۈرىۋېتىپ ماڭا ئۈنلۈك ئېيتتى:
- ئۇكام! ماۋۇ يېنىمدىكى ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟
- كىم بۇلۇشىدىن قەتئىي نەزەر تىزىملىتىشى كېرەك!،- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.
- ماۋۇ دېگەن شەھەر باشلىقى ئۇكام!
- شەھەر باشلىقى؟
مەن سەل جىددىلىشىپ ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئۇ كىشىگە تازا سەپ سېلىپ چىقتىم، ئۇ شەھەر باشلىقى ئەمەس ئىدى، چۈنكى مەن شەھەر باشلىقىنى بىر قېتىم باجام تۇرانىياز باشلىقنىڭ ئۆيىدە پىششىق كۆرۈۋالغان ئىدىم. دەل مۇشۇ چاغدا «شەھەرباشلىقى» تۇيۇقسىز ماڭا تىل سالدى:
- ۋۇ ياللانما ئىت! ئۆزەڭنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ؟!
ئۇنىڭ ھاقارىتىنى ئاڭلاپ كاللامدىن قوقاس قۇيۇلۇپ كەتتى.
- نېمە؟ تېخى مىنى ئىت دەپ تىللىداڭما؟ تۈفىي! ساڭا بوزەك بۇلىدىغان جاننى بۈگۈن ساڭا تىكتىم، بايا بىرسىڭ كىلىپ ئاغزىمغا كىملىك تىقىشىسەن، ئەمدى بىرسىڭ قۇپۇپ مىنى ئىت دەپ تىللىشىسەن، دىگىنە ھەزىلەك، بىز كىم ئۈچۈن يول تۇسىۋاتىمىز! بىزنى ئىت قىلغان سەن خۇنىسارلار ئەمەسمۇ؟،- مەن شۇنداق دېگىنىمچە يېنىمدا قاراپ تۇرغان قوشۇن ئەزالىرىمغا بۇيرۇق قىلدىم:
- ماۋۇ تېررورچىنى تۇتۇڭلار!
ئەزالىرىم«تېرورچى»دىگەننى ئاڭلاپ ھاينى-ھۇيت دىگۈچە شوپۇرنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ قۇلىنى كەينىگە باغلاپ ئۈلگۈردى، مەن بۇ پۇرسەتتە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ھېلىقى ئاتالمىش«شەھەر باشلىقى»نىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ يەرگە كۈچەپ تارتتىم.
بوي-بەستى مىنىڭدىن قاۋۇل بولغان بۇ خام سېمىز يالغان شەھەر باشلىقى توكتا يېرىلىپ پارنىكتا چوڭ بولغان نېمە بولسا كېرەك، بىر تارتىشىمغىلا ماشىنىدىن يەرگە موللاق ئېتىپ چۈشكەنچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىنى كۆرۈپ خورىكىم ئۆستى-دە ئابايام ئېغىزىمغا كىملىكىنى تىقىپ ئوينىغان چېلىشچى ھارامىدىن ئالالمىغان ئۆچۈمنى بۇ گەدەنكەشتىن تازا بىر ئالماقچى بولۇپ بىر قۇلىنى ئارغامچا ئەشكەندەك كۈچەپ تولغىدىم، ئۇ ۋايجانلىغان پېتى يەرگە دۇم يېتىپ ئىڭراشقا باشلىدى، ئەتراپقا قارىسام يېنىمدا بىرەسى يوق، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇ ئەبلەخنىڭ كاللىسىنى ئوڭ پۇتۇم بىلەن دەسسەپ ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىدىكى يۇمشاق قۇم توپىغا تازا چىڭ پاتتۇردۇم، ئۇنىڭ مايلانغان پارقىراق چاچلىق بېشىنىڭ يېرىمى پىشانىسى بىلەن قېتىلىپ قۇمغا بولدى دىگۈچە پاتتى، لېكىن ئېغىز-بۇرنى يەنىلا قۇم ئۈستىدە تۇراتتى، مەن ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئاستا ئىككى يېنىمغا قارىۋېتىپ سول پۇتۇمدا قۇملارنى يېغىپ ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا تازا تىقتىم، ئۇ ئەمدى چوشقىدەك چىقىراپ –خاخىرغىنىچە يىغلاشقا باشلىدى:
-جېنىم ئۇكام... ماڭا رەھىم قىلغىن! ...ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن!...
- ئېيتە سەن راست شەھەر باشلىقىما؟
- ياق ئۇكام...مەن شەھەردىكى بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى!
- نېمىشقا راست گەپ قىلمايسەن؟
- شوپۇرنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەتىدىنكى چازىلاردىن شۇنداق ئۆتۈپتىكەنمىز ئۇكام...
- سەن بىر كادىر تۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ، باشقىلار نېمە قىلىدۇ؟
- مەن خاتا قىپتىمەن ئۇكام، ماڭا رەھىم قىلغىن! ئەمدى ئېغىزىمغا تۇپا تىقما!...خوداھەققى...
بۇ غۇرۇرسىز ئەبلەخنىڭ خوتۇن كىشىدەك ۋايجانلاپ ماڭا يالۋۇرۇپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك يىرگەندىم، ئىچىمدە«ئىسىت سىنىڭ باشلىق بولۇپ قالغىنىڭغا، كادىرلىقىڭغا چىچاي! تايىقىنى يىسەممۇ سەندىن يەنىلا بايامقى كىملىكچى ياخشى ئىكەن!» دەپ مىڭ لەنەت ئۇقۇپ ئۇنى قويىۋەتتىم.
دەل شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى:
ئون سەككىز ياشلارنىڭ قارىسى ئالغان بىر بالا بىر كونا ۋەلىسپېتنى ھەيدىگىنىچە بىزنىڭ چازىمىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۇچقاندەك ھەيدەپ ئورمانلىقتىكى چېغىر يولدىن ئۆتۈپ كىتىشكە ئۇرۇندى، ئاڭغىچە بىزنىڭ ئادەملەر چاققان كىلىپ ئۇنىڭغا ۋارقىردى:
- ھاي توختا! تەكشۈرىمىز!
قېرىشقاندەك ئۇ بالىنىڭ ۋەلىسپېتى ئورمانلىقتىكى قۇمغا پېتىپ قېلىپ ماڭالماي قالدى، بىز ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغىچە ئۇ بالا ۋەلىسپېتنىڭ كەينىدىكى ئارتىلغان خورجۇندىن بىر دانە قاپقارا يۇمىلاق نەرسىنى بىز تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى-دە ۋەلىسپېتىنى تاشلاپ قۇيۇپ قېچىپ كەتتى...
بىز ئۇنىڭ تاشلىغان نېمىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ئالدىراپ ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتۇق، قارىساق ئۇ يۇمىلاق نەرسىنىڭ چوڭلىقى بىر ئايلىق بۇۋاقنىڭ بېشىدەك بولۇپ بىر تەرىپىدە يىپ-شوينىدەك بىر نەرسە ئۆتكۈزۈگلۈك ئىكەن، مەن ئۇنى قۇلۇمغا ئالاي دىيىشىم، يېنىمدىكى ھېلىقى «يالغان شەھەر باشلىقى» تۇيۇقسىز قاتتىق ۋارقىرىدى:
- ۋوي بومبا!... ئاناي! ...
ئۇ شۇنداق دەپ ۋارقىرغىنىچە ياندىكى سۈيى يوق قۇرۇق ئۆستەڭگە كىرىپ كەتتى، بىزمۇ ئۇنىڭ ۋارقىراپ توۋلىشىدىن ئەندىكىپ كېتىپ بار كۈچىمىز بىلەن شۇ ئۆستەڭ تەرەپكەقاچتۇق...شەھەرلىك خۇمپەر لاغ-لاغ تىترىگىنىچە ئۆستەڭنىڭ يان تەرىپىگە قۇيۇلغان سىمۇنت قورغاچنىڭ ئىچىگە ئۆمىلىگەن پېتى كىرىپ كېتىپ بىردەمدىن كېيىن قورغاچنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئالا-تاغىل ۋارقىراشقا باشلىدى:
- ۋوي ئۇ دېگەن بومبا...سىلەر بىلمەيسىلەر... دەرھال بۇ يەرگە كىرىۋېلىڭلار!...تىزبولۇڭلار!
- ۋاي ئۆتەپ بارە! پارتلاش ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يەرگىچە يىتىپ كەلمەس!،-دېدىم ئاچچىقىمدا زەردە بىلەن.
- چوپ-چوڭ ئادەم تۇرۇپ قىلىپ يۈرگىنىنى!،-دەپ غەزەپلەندى يېنىمدىكى باغلاقتىن ھېلىلا يېشىنگەن شوپۇرمۇ ئۆز باشلىقىنىڭ قىلىقىدىن خىجىل بولۇپ.
مىنۇتقا قالماي قورغاچنىڭ ئىچىدىكى باشلىق يەنە «ۋاي خۇدايىم! بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قومچاقكىنا...» دېگىنىچە قورغاچنىڭ ئىچىدىن يەنە كەينىچىلەپ يېنىپ چىقىپ يېنىمىزدا ھاسىراپ دۇم ياتتى.
بىز ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن بېشىمىزنى چىقىرىپ بومبىغا قاراپ باقماقچى بولدۇق، لېكىن يېنىمىزدىكى «شەھەرلىك باشلىق» بىزنىڭ بېشىمىزنى چىقارغىلى قويمىدى:
- ۋوي ئۇكىلىرىم بېشىڭلارنى چىقارماڭلار...جان لازىم ئەمەسما سىلەرگە؟... بومبا پارتلاپلا كېتىپ قالسا ئىش چاتاق!،- دېدى ئۇ بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي ئاۋازىنى پەسلەپ.
- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- دېدىم مەنمۇ ئاۋازىمنى پەسلەپ ئېھتىيات بىلەن.
- توختاڭلار مەندە قول تېلىفۇنى بار، ساقچىلارغا خەۋەر قىلاي!
«باشلىق» بىلىنى ئاختۇرۇپ يېنىدىكى كىچىك رادىئۇدەك بىر نېمىسىنى ئېلىپ ئوڭدا ياتقىنىچە جىددى گەپلىشىشكە باشلىدى.
شۇ چاغدا بىر توپ بالىلارنىڭ«سىنىڭ...مىنىڭ...»دەپ چۇرقىراشقان ئاۋازى ئاڭلاندى،مەن بېشىمنى چىقىرىپ قارىسام ئۇششاق بالىلاردىن بىر قانچىسى ئۇ نەرسىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقىلى تۇرۇپتۇ...
«ئاھ خۇدا ...يېڭى تۇغۇلغان مۇزاي يولۋاستىن ئۈركىمەپتۇ دېگەن مانا مۇشۇدە...ئەمدى بۇ كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى پارتلاشتا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟» بۇلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئىمانىم شەيتىنىمدىن كۈچلۈك كەلدى، ئەركەكلىكىم تۇتۇپ ئورنۇمدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتىم-دە يۈگۈرگىنىمچە بومبىنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ بالىلارغا ۋارقىرىدىم:
- ۋوي تىز قاچ، ئۇ دېگەن بومبا!
بالىلار مىنىڭ ئۆستەڭدىن ۋارقىراپ بوراندەك يۈگۈرۈپ چىققىنىمنى كۈرۈشۈپ پاتىپاراق بولۇپ قېچىپ كىتىشىتى، مەن كىنودىكىگە ئوخشاش بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى تاشلاپ بومبىنىڭ ئۈستىدە تۈگۈلۈپ يېتىۋالدىم..
بىر سېكۇنت...ئىككى سېكۇنت...
بومبا تېخىچە پارتلىمايۋاتاتتى...
بۇ جىددىي پەيتتە ئۆستەڭدە قالغان شەھەرلىك باشلىق بېشىنى ئۆستەڭدىن چىقارماي تۇرۇپ ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
- يۇقىرىدىن خەۋەر كەلدى، ھېچقايسىمىزنى بومبىغا تەگمەڭلار دەيدۇ! ئۇلار ھازىركىلىدىكەن!
- بىلدىم،- دەپ ۋارقىرىدىم تىترىگىنىمچە ،-ئەمدى قوپۇپ كەتسەم قانداق بۇلار؟
- توختا، مەن ئۇلاردىن سۇراپ باقاي!
بىردەمدىن كېيىن شەھەرلىك باشلىق ماڭا جاۋاب قايتۇردى:
- ئۇلار سىنى جايىدا مىدىرلىمىسۇن ، بىز ھازىرلا يىتىپ بارىمىز دەيدۇ!
يۈرۈگۈمنىڭ دۈپۈلدىشى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىۋاتاتتى...مەن بارغانسېرى قورقۇشقا باشلىدىم...ئايالىم پاتمىخاننى ئويلاپ كۆزۈمنىڭ چانىقى ياشقا تولدى...ۋاقىت يەنىلا توختاپ قالغاندەك...
«ئىسىت نىمىشقىمۇ بومبىغا ئۆزەمنى ئاتقاندىمەن!»
ئالاھىزەل ئون بەش مىنۇتلارغا قالماي ساقچىلار تۆت ئەتراپىمنى قورشاپ يەردە دۇم يېتىشىپ تۇرۇپ ماڭا كارنايدا ۋارقىراشقا باشلدى:
- توختى ئاستىڭدىكى قانداقراق نېمىكەن؟
- ئۆزى يۇمىلاق، تۇن قارا، پارقىراق نىمىكەن!
- قانچىلىك بار؟
- بوۋاق بالىنىڭ كاللىسىدەك بار!
- يەنە نېمە باركەن؟
- بىر يىرىگە تۆشۈك ئېچىلىپ شوينىدەك بىر نېمە ئۆتكۈزۈگلۈكتەك تۇرىدۇ!
- ئۇ دېگەن بومبىنىڭ پىلتىسى توختى! ئۇ شوينىغا تەگمە! ھازىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكىلەر بىلەن بىزنىڭ باشلىقىمىز يولدا كىلىۋاتىدۇ، ئۇلار كەلگەندە بىز سىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش –ئىزلىرىڭنى ئېلىۋالماقچى، جايىڭدا جىم يات!
بىردەمدىن كېيىن كىچىك ماشىنىدىن بىرسى چىقىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن بۇيى پاكار بىر باشلىق چۈشۈپ كەلدى، كەينىدىن بىر قانچە كىشى دولىسىغا ئۈن-ئالغۇدەك بىرنىمىنى ئېلىۋېلىشىپ مىنى يىراقتىن سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى:
- توختى سەن ھاياتمۇ؟،- دەپ سورىدى يېڭىدىن كەلگەن چوڭ باشلىق قۇلىغا كارناينى ئېلىپ يەردە ئۆمىلىگىنىچە ئۈنلۈك ۋارقىراپ.
- مەن ھايات باشلىق!،- دېدىم ئۇ چوڭ باشلىققا خۇشامەت قىلىپ ئاۋازىمنى تىترىتىپ.
- سەن نېمىشقا بومبىنىڭ ئۈستىگە ئۈزۈڭنى ئاتتىڭ؟
- مەن...مەن...
مۇشۇ تاپتا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتىم.
- خەلقنىڭ ھاياتى ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟،-دېدى باشلىق ئۆزى ئېغىز ئېچىپ.
- شۇنداق باشلىق!
- ۋەتەن ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟
- شۇنداق باشلىق!
- ھە ئەمدى ئايىغىنى دېگىنە!
- ۋەتەن ئۈچۈن! خەلق ئۈچۈن! پارتىيە ئۈچۈن!...يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن!...يەنە ...قۇرۇلتاي ئۈچۈن!...يەنە ئولىمپىك..
- ۋاي بولدى توختى، سەن جىددىلىشىپ كىتىپسەن، دېگىنە سىنىڭ يەنە نېمە ئارزۇيۇڭ بار ئىدى؟
- مېنىڭما باشلىق؟
- ھەئە كۆڭلۈڭدىكى گەپلەرنى ئېيتقىن، سىنى تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتىدۇ!
- ئارزۇيۇمنى دىسەم قىلىپ بېرەمسىلەر؟
- ئاۋۋال دېگىن!
- مىنىڭ ئۇچقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم بار!
- ۋوي توختى ئەمىلىيەتكە يېقىن گەپنى قىل!
- مىنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس بىلەن كۆرۈشكۈم بار!
- تېخىمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دە؟
كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالدىم«تېخمۇ ئەمىلىيەتكە يېقىننى دېسەم مۇشۇ تاپتا ماڭا بەش يۈز كوي پول بەرگەن بولسا، ئۇ پۇلغا خوتۇنۇم پاتمىخانغا بىر كىشىلىك ئەتلەس ئېلىپ بېرىپ قالغان پولنىڭ بىرقىسمىنى بىر يىللىق سۇ پۇلىنى تۈلىسەم، يەنە ئۇغۇت ئالسام، يەنە كىۋەز تېرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇلىياۋ يۇپۇق ئالسام، ئاندىن قالغان پۇلغا گۆشكىردە ئېلىپ يېگەن بولساق...ياق بەش يۈز كوي يەتمەيدىكەن، مىڭ كۆي دەيمۇ -يا...لېكىن بۇنداق چاغدا پۇلنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرسەم خەق مىنى نېمە دەيدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى ...» شۇنىڭ بىلەن ئۈنلۈك ۋارقىراپ باشقا ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم :
- مىنىڭ پارتىيە ئەزاسى بولغۇم بار!
- ماۋۇ گىپىڭ بولدى، يەنىچۇ؟
- ساقچى بولۇپ ئۆزەمنى پارتىيە-خەلىققە ئاتىغۇم بار!
- ياخشى توختى! دېگەنلىرىڭنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ سەن ئۆزەڭنى پارتىيە ئەزاسى دەپ ئويلىغىن! سىنى پارتىيە تەشكىلىگە ئۆزۈم تۇنۇشتۇرىمەن! مەن ھازىر يېنىڭغا بارىمەن، مىدىرلىماي شۇك يات!
چوڭ باشلىق شۇنداق دىگىنىچە يەر بېغىرلاپ مەن تەرەپكە كەلمەكچى بولدى، باشلىقنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئەر-ئايال ساقچىلار ۋارقىراشقىنىچە يىغلاپ ۋارقىرىشىپ ئۇنىڭغا چاس بىرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى، نەچچىسى ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋېلىپ يىغلاپ باشلىقنى ماڭغىلى قويمىدى، باشلىق دېگەن مىڭنى قىلسا باشلىق، خەلىقنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇ قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن؟ ئۇ يىغلاپ ئېقىپ كەتكەن يولداشلارغا تەسەللى قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاقاچان ۋەتەن- خەلقنىڭ كەلگۈسىگە بېغىشلاپ بولغانلىقىنى،ناۋادا بۇ قېتىمقى بومبا تازىلاشتا قۇربان بولۇپ كەتسە ئۆزىنىڭ جەسىتىنى كوئىنلون تاغلىرىغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەتلىدى ئاخىرىدا يانچۇقىدىن ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىرنەچچە تالنى چىقىرىپ پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىنى ئالدىغا تاپشۇرۇۋەتتى....ئەتراپتىكى ساقچىلار، مۇخبىرلار باشلىقنىڭ بۇ ۋىدالىشىش سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كۆز-يېشىنى يامغۇردەك تۈكۈشكە باشلىدى...
باشلىق ئاخىرى ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ مەن تەرەپكە ئۆمىلىگىنىچە يېقىنلاپ كەلدى...
ئۇ ئاستىمدىكى بومبىنى ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن قۇلىغا ئالدى...باشلىقنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىسىدىن مۇنچاق-مونچاق تەر ئېقىۋاتاتتى...
ئۇ بومبىنى قۇلىغا ئېلىپ ماڭا بىر قارىدى، تۈرۈلگەن قوشۇمىسى ئېچىلدىيۇ بىراق يەنە تۈرۈلدى... ئاندىن تېلېۋىزورغا ئېلىۋاتقان مۇخبىرلارغا بىر قارىدى... ئۇ چاپىنىنى ئاستا سېلىپ بومبىنى مەھكەم يۆگىگەچ قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ ئېيتتى:
- ھاي توختى، بۇ قارا قاشتېشىدىن ياسالغان كونا بىر تورۇز تېشىكەنغۇ!
- مەن بۇنى بىلمىسەم باشلىق!
- ئەھۋالدىن قارىغاندا بايامقى ئوغرى سىلەرنىڭ توسقۇنۇڭلاردىن قورقۇپ كېتىپ ئوغۇرلىغان بۇ قاشتاش تورۇز تېشىنى سىلەرگە تاشلاپ بەرگەن ئوخشايدۇ!
- ئەمدى قانداق قىلىمىز باشلىق؟
- بۇ يەردە قالايمىقان گەپ قىلما، بۇ ئىشلارنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىمىز، ئۇلار نېمە دېسە شۇ...چۈشەندىڭما؟
-چۈشەندىم باشلىق!
- خەۋىرىمىزنى كۈت!
- چۈشەندىم باشلىق!،- دىدىم ياتقان يېرىمدىن قوپماي تۇرۇپ قول قوۋۇشتۇرغىنىمچە بۇ چوڭ باشلىقنىڭ ھەر نېمە بولسا بۇ ئىشقا تاپا-تەنە قىلمىغانلىقىدىن ئالەمچە خوش بولۇپ.

1997-يىل قاراقاش.

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 01:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            توختى پوكان ۋە كۇسار ئوغرىسى
                                                    (بەشىنچى ھېكايە)

                                                ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش


شۇ ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن تارتقۇلارنىڭ باش بېتى «ئادالەت يۇلىدا جان پىدالىق كۆرسەتكەن ۋەتەنپەرۋەر ياش-توختى» بولۇپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئۆگىنىش ئۆلگىسى سۈپىتىدە ھەرخىل يېغىن-مۇراسىملارنىڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدىغان بولۇپ كەتتىم. مىنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆيۈم تۈرلۈك-تۈمەن لەۋھە-تەقدىرنامىگە تۇلۇپ كەتتى...
«ئامەت كەلسە ئىشىكنى ئېتىۋالساڭ تۈڭلۈكتىن چۈشۈپتۇ» دىگەندەك بىر كۈنى ھېلىقى چوڭ باشلىق مىنى ئالايىتەن يوقلاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ شۇ ئىشتىن كېيىن ئەمىلىنىڭ ئۈسۈپ كەتكەنلىكىنى مىنىڭ ئەتىدىن باشلاپ يېزىلىق ساقچىخانىغا چىقىپ ۋاقىتلىق ئىشلەپ تۇرۇشۇمنى ئامال بار يىل ئاخىرىغا قالماي رەسمىي ئىشتاتلىق ساقچى قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاتمىخان بىلەن ئىككىمىز بۇ خوش-خەۋەردىن شۇنداق خوش بولدۇق مەن كېچىچە ھاياجىنىمدىن پاتمىخانغىمۇ قارىماي دادامدىن قالغان بىر دانە كونا كونا ئىزناكنى مەيدەمگە تېڭىپ تاڭنى كۆز يېشى بىلەن يورۇتتۇم.
شۇنداق قىلىپ مەن توختى پوكاننىڭ ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ يېزىلىق ساقچىخانىدىكى خىزمەت ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئاران پۈتتۈرگەنلىكىم ئۈچۈن تەشكىل باشتا مىنى ساقچىخانا دەرۋازىسىغا قارىغىلى قويدى، مەن مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق پىژغىرىم ئىسسىقتىمۇ دەرۋازا تۈۋىدە مىدىر-سىدىر قىلماي تۇراتتىم، باشقىلار « نۆۋەتچىلىك ئۆيىدە تۇرساڭمۇ بولىدۇ، بېشىڭغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن ئۇكام!» دەپ كۈيۈنسىمۇ ئۇنىماي دەرۋازا تۈۋىدە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇۋالاتتىم، مىنىڭ خىزمەتتىكى بۇنداق ئەستايىدىللىقىم ئۇزۇن ئۆتمەي باشلىقىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ماڭا ئۆزىچە ئامراق بولۇپ قېلىپ مىنى ئۆيىنىڭ ئۇلۇغ-ئۇششاق ئىشلىرىغا ئاۋايلىماي سالىدىغان بولدى، باشلىقىمنىڭ ئايالىمۇ سېمىزلىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئادەتتىن تاشقىرى مېھرى ئىسسىق، ياخشى كۆڭۈل ئايال ئىدى، ئۇمۇ مىنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆرۈپ ئۆيىدىكى ئاشقان-تاشقاننى كۈندە دېگۈدەك ماڭا يۆگەپ بىرەتتى. باشلىق بارغانسېرى مىنى ئەتىۋارلاپ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاچىقۇچىنىمۇ بەردى، مەن كۈندە ئەتتىگەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى جان-پىدالىق بىلەن تازىلاپ ئۈستەل-ئۇرۇندۇق دىگەنلەرنى يالىغاندەك پارقىرتىۋىتەتتىم...ئانامنىڭ رەھمىتىنى ئالغان بەندە ئىكەنمەن، كېيىن سىياسىي كومىسسارمۇ مىنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادەمنى كۆرۈپ ئاچىقۇچىدىن بىرنى تۇتقۇزدى...ئىشخانىلارنىڭ ئاچىقۇچى بارغانسېرى ئاۋۇپ يان بىلىم ئاچىقۇچ بىلەن تولدى، مەنمۇ ئادەملەر قىستىلىشىپ قالغان كوچا-رەستىلەردە يان بىلىمدىكى ئاچىقۇچلارنى قەستەن كىشىلەرگە شاراقشىتىپ كۆز-كۆز قىلىدىغان بولدۇم، ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيۋەتلىك ساقچى كىيىمىمنى ئاندىن يېنىمدىكى ئاچقۇچلارنى كۆرۈپ «بۇنىڭ ئەمىلى چوڭ ئوخشايدۇ» دەپ ئۆزلىگىدىن ماڭا يول بىرىشىدىغان بولدى...
بىر كۈنى چۈشكە يېقىن باشلىقىمىزنىڭ چىرايلىق ئايالى ئوڭ-سۇلى ئۆچكەن ھالدا ساقچىخانىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ مىنىڭ پېشىمنى تارتتى:
- ۋوي توختى، بۇياققا چىقىڭە!
مەن ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەن قانسىز چىرايىغا قاراپ بىرە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم-دە قۇلۇمدىكى دەسمالنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم.
- نېمە ئىش بولدى ئاچا؟،- دېدىم ساقچىخانىدىن يىراقلاپ بىر يەرگە كەلگەندە.
- نېمە ئىش بۇلاتتى،-دېدى ئاچىمىز ئىككى يانغا قارىۋېتىپ پەس ئاۋازدا قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ھاسىرىغىنىچە،- ئابىيام ئاكىڭىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم يېزىمىزدىكى كارخانچى شامىل شاڭخەي ياغلىققا ئورالغان بىرنىمىنى بىزنىڭ ئادەمنىڭ تارتمىسىغا تىقىۋېتىپتىكەن، مەن بېرىپ قارىسام ئۇنىڭ ئىچىدىكىسىنىڭ ھەممىسى پۇلكەن، شامىل شاڭخەي ئۇنىڭ قەدىناس ئاغىنىسى بولغاچقا مەن شوخلۇق قىلىپ ئۇ پوللارنى ياغلىقى بىلەن سومكامغا سېلىۋالغان ئىدىم...
ئاچىمىز شۇلارنى دەپ كىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.
- ھە ئاخىرىنى دەڭا، نېمە ئىش بولدى؟،- دېدىم قۇلىقىمنى ئۇنىڭ يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ.
- ئۇ پولنى بىرسى ئوغۇرلىۋاپتۇ...
- قانچە پول ئىدى؟
- مەن سانىمىغان، ئىشقىلىپ ئون مىڭ يۈەنچە بار...
- ئەستەخپۇرۇللاھ ماۋۇ ئىشنى،-دېدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ،- بۇ قانداق بولغىنى!
- ئۇ پۇلغا ئانچە ئىچىم ئاغرىمىدى توختى،-دېدى ئاچىمىز يېشىنى ياغلىقىنىڭ بۇرجىكىدە سۈرتۈپ تۇرۇپ،- ئەڭ مۇھىمى شۇ پولنىڭ ئارىسىدا شامىل شاڭخەينىڭ ھەرەمگە چىقىدىغان يول خېتى بار ئىكەن، بىزنىڭ ئادەم ئۇ يول خېتىنى شەھەرگە ئەكىرىپ يۇقىرىغا تەستىقلىتىپ بەرمەكچى بوپتىكەن، ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دەرمەن....
- پولنىڭ ئارىسىدا يول خېتى بارمىكەن؟
- ھەئە بىللە ئىدى...
- ئوغرى سومكىدىن ئاپتۇما؟
- ياق پول سومكىدا ئەمەستى، مەن ئۇنى كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا شۇ پېتى تىقىپ قويغان...
- ئەمىسە بۇ گەپنى باشلىققا دەيلى ئاچا!
- شۇ دىگىلى بولمايتتى توختى،- دېدى ئاچىمىز بېشىنى يەرگە تىقىپ تىرنىقىنى كوچىلىغان ھالدا.
- نېمىشقا ئەمدى؟
- پولنى كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا سالغان دىدىمغۇ شۇ!
- ھەئە شۇنداق دېدىڭىز...
- ئۇ يۈزى قېلىن ئوغرى پۇللارنى كۇسىرام بىلەن قوشۇپ ئوغۇرلاپ كەتتى...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشتا ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم كېيىن كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيۇپ ئېغىزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى «غۇرتتىدە» يۇتۇپ كېكەچلىدىم:
-مۇنداق دەڭ، ئوغرى پۇلنى كۇسار بىلەن قېتىپ...
-شۇنداق توختى، سىزنى ئىرىم بەك ئاقكۆڭۈل ياخشى ئادەم دېگەن ئىدى، رادىئۇدىمۇ كۈندە سىزنى شۇنداق دەيدۇ، شۇڭا سىزگە ئىشىنىپ بۇ گەپنى دەپ سالدىم، ئىنسانغا تىنماڭ، ئۇ ئوغرى ھەرقاچان بۇ يۇرتلۇق ئەمەس...
-تەپسىلاتىنى ماڭا ئېنىق دەڭا ئاچا!
- سىزگە دېسەم توختى،-دېدى ئاچىمىز گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ،- بۈگۈن بازار كۈنى بولغاچقا قىلىدىغان ئازراق سودىلىقىم بار ئىدى مەن ئاكىڭىزنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپلا بۇ پوللارنى يانچۇقچىنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن قورقۇپ ساقچىخانا ھويلىسىدىكى خالىجايدا كۇسىرامنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىدىم، مېڭىپ رەستىگە يېقىنلاشقان چېغىمدا كەينىمدىن بىرسى ئىسقىرتقاندەك قىلدى، قارىسام بوي-بەستى قاملاشقان ناتۇنۇش بىر يىگىت . مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي مېڭىشىم ئۇ يۈگرەپ كىلىپ مىنى گەپكە تۇتتى: «خانىم قارىسام تەرلەپ پىشىپ كېتىپلا، سەگىدەپ كەلمەيمىزمۇ؟» دەيدۇ، «ۋاي ئۆتەپ بارە سولتەك، ئىرىم بار مىنىڭ!» دېسەم دەمالىققا يانچۇقىدىن كونا قول ياغلىققا ئورالغان بىرنىمىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى، قارىسام بىر ئۇچۇم ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت، تېخى ھېلىلا زەرگەرنىڭ قۇلىدىن چىققاندەك پارقىراق، مەن جىددىلىشىپ «نېمە دېمەكچى سەن؟» دېسەم ئۇ ئەبلەخ«بۇ نەرسىلەر ئانامدىن ماڭا قالغان، سىزنى كۆرۈپ... بۇلارنىڭ ھەممىنى بەرسەم، شۇڭا...» دىمەسمۇ، باشتا بۇ مەجنۇننىڭ تېتىقسىز-ھاياسىزلىقىغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، كېيىن ئۇ ئالتۇنلارنى كۆرۈپ يۈرۈگۈم ئويناپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم، قارىماي دېسەممۇ كۈزۈم شۇ ئالتۇنلاردا قالدى، ئىرىم بولغان گۇي ھە دىسىلا «مەن دېگەن باشلىق، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇشۇم كېرەك، ۋەزىيەت جىددىلىشىپ كەتتى، مۇقىملىق-مۇقىملىق» دەپ يۇقىرىغا ئۆسۈشنىڭ كويىدا ئۆيگە ئايدا-يىلدا بىر كىرمەيدۇ، ئاڭلىسام دۇتارچى خوتۇنلارنى باشلاپ ئېشەك ھاڭرىغان، داپ داراڭلىغان يەرلەردە ئەلەڭ-سەلەڭ ئىشلارنى قىلىپ يۈرەرمىش، مەنمۇ ئايال كىشى، مىنىڭ كۆڭلۈممۇ كۆڭۈل، ئۇ داننى ئۆيدىن يەپ تالاغا قۇيۇپ يۈرگەندىكىن مىنىڭمۇ ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆمرىدە بىرە قېتىم مىنى كەينىگە سېلىپ زەرگەرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ باققان ياكى «سىلە ئۈچ بالامنىڭ ئانىسى، ماۋۇنى سېلىپ بېقىڭلار خوتۇن» دەپ ئۈزۈك چاغلىق بىرە نەرسە تەڭلەپ باققان كىشى ئەمەس، مىنى ئەزەلدىن كۆزىگە ئىلىپ باقمايدۇ، تېخى باشقىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرىدىغان سورۇنلاردا ھە دېسە مىنى ئەشۇ يۇغان قۇرساقلارنى ئۇسسۇل-تانسىغا تارت دەپ شەرەت قىلىدۇ، ئۇ پو قۇساقلار مەست بولۇپ قېلىپ خالىجايغا چىقماقچى بولسا مىنى يول باشلاپ ئاچىققىن دەيدۇ، ئېيتىڭا ئۇنىڭ نەزىرىدە مەن خوتۇنمۇ ياكى ھايۋانمۇ؟ ئۇ تاز كاللىلارنىڭ بەزەنلىرىنىڭ تىلىنى بىلىمەن، بەزەنلىرىنىڭكىنى بىلمەيمەن، ئۇلار چىلاشقىچە ئىچىپ ئۈرە تۇرغۇدەك ھالى يوق خالىجايدا ماڭا ھاياسىزلىق قىلىمەن دەپ ئالدىمدا ئىمىلەكلەپ تىزلىنىپ ئۆيىدىكى خوتۇنلىرىنى تىللىشىپ بىر نىمىلەرنى دەپ يىغلىشىدۇ، شۇنداقتمۇ ئۇ تېگى پەسلەرنىڭ بىرىگىمۇ تۇتۇق بەرگەن يېرىم يوق، بۇ قېتىم كۆڭلۈمدە « ئىرىم بولغان ئەبلەخ نومۇس قىلماي ئۆزىنىڭ ئەمەل-دۆلىتى ئۈچۈن مىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىسا، ئاجرىشاي دېسەم ئۈچ بالام تالادا قالسا، خەقنىڭ ھەققىنى يەپ كاللىسى پوققا چىلىشىپ قالغان سورۇندىكى ئۇ خام كاللا مەستلەر مىنى سۆيىمەن دەپ ئېغىزىمنى تاپقىچىلكى يوق ئۇيات يىرىمنى يالاپ ،تاھارەت لاتامنى ئىمىپ يۈرۈشسە ئۇنداق پاسكىنا توڭگۇزلار بىلەن بىللە بولغىچە ئەشۇ ھۆرمىتىمنى قىلغان ئوغرى بىلەن بىرە قېتىم بىللە بولسام نېمە بۇپتۇ...» دىگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا ماقۇل دىدىم، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى رەستىنىڭ ئايىغىدىكى كىشى بارمايدىغان قوناقلىقتا كۆرۈشىدىغان بولدۇق...كىم بىلسۇن ئۇ ئوغرى چام يېرىم بولماستا كۇسىرامنى تارتقانچە سالدۇرۇپ ئېلىپ قاچتى...
- ۋوي سىزمۇ قىزىق ئاچا، كۇساردا پول بارلىقىنى بىلمەمتىڭىز؟،- دېدىم گەپنىڭ ئاخرىغا تەقەززا بولۇپ.
- شۇ مەنمۇ بىر قۇلۇمدا كۇسىرامنى چىڭ تۇتىۋالغان، لېكىن ئۇ ئەبلەخ قۇلىدىكى ئالتۇنلارنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغاندىكىن خۇشلۇقتا بىر قۇلۇم كۇسىرامنىڭ بېغىدىن ئاجراپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ئۇكام...
- توۋۋا شۇنچە پۇلىڭىز تۇرۇپ قىلغان ئىشىڭىزنى...
- بولدى ئادەمنى تولا خىجىل قىلماڭ، ئالتۇن دېگەن ئاياللارنىڭ شەيتىنىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوغرىنىڭ خېلى پەيزى باردەك بىلىنىپ قالدى ،ئۆمرۈمگە كىلىپ تۇنجى يېگەن پۇقۇم مۇشۇ....
- شۇمۇ گەپمۇ، ئالتۇنلار قېنى؟
- مانا ھەممىسى!، - ئاچىمىز شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىدىكى ئۇ ئالتۇنلارنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى،- ھەممىسى مىستىن ياسالغان ساختا نەرسىكەن...
- ھەئە، ئوغرىنىڭ پەيزى باركەن ئاچا!،- دېدىم بېشىمنى لىڭشىتىپ ئاچچىقىمدا،-سىزنىڭ خالىجايدا پۇلنى كۇسىرىڭىزغا سالغانلىقىڭىزنى بىرەسى كۆرگەنمىدى؟
ئاچىمىز بىردەم تۇرۇپ كېتىپ بېشىنى چايقاپ جاۋاب بەردى:
- خالادىغۇ مەندىن باشقا ئادەم يوق ئىدى...
- يان تەرەپتىكى ئەرلەر خالاسىدا چوقۇم ئادەم بار، ئىككى خالانىڭ ئوتتۇرىسىنى قومۇش بورىدا قېلىن تۇسۇپ قويغان بىلەن تاياقتەك بىرنىمىنى تىقىپ تۆشۈك ئېچىپ كۆرگىلى بولىدۇ. بىرسى چوقۇم سىزنى مارىغان گەپ، ھە راست چىرايىدا بىرە ئالاھىدە بەلگىسى بارمىكەن؟
- چىرايىغا ئېنىق قارىماپتىكەنمەن، ئىشقىلىپ ساغرىسىدا بىر تال قۇناق چوڭلىقتا ئۆسۈكچە گۆش بارمىكىن، قۇلۇمغا شۇنداقراق ئۇرۇنغان..
- ۋاي بولدى قىلىڭە!،- دېدىم ئاچىمىزنىڭ خىجىل بولماي كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتقان گېپىنى بۆلىۋېتىپ بازار تەرەپكە ماڭغىنىمچە،- ئۆيىڭىزگە بارغاچ تۇرۇڭ، خوشخەۋەر يەتكۈزىمەن!
مەن شۇ ماڭغىنىمچە ئۇدۇل دوقمۇشتىكى ئىسمايىل كاۋاپنىڭ دۇكىنىغا باردىم،چۈنكى بىز نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئىچكىرچى لۈكچەك ئوغلىنى تۇتىۋېلىپ بۈگۈن سەھەردە قويىۋەتكەن ئىدۇق، ئويلاپ باقسام ئاچىمىزنىڭ ساقچىخانىغا كەلگەن چېغى دەل ئۇنىڭ قۇيۇۋېتىلگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەن ئىكەن.
- نۇرەك قەيەردە؟
- ئۇ ئۆيدە ئۇخلىۋاتىدۇ باشلىق، بىرە ئىش بولسا...،- دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئەللىكلەردىن ھالقىغان ھېلىگەر دادىسى ماڭا مەجبۇرى كۈلۈپ تورۇپ.
- مىنى باشلاپ كىرىڭ، گەپنىڭ چالىسى قاپتۇ!،-دېدىم ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ.
دىگەندەك ئىچكىرىدىكى ئۆيدە نۇرى قىمارۋاز قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەن ئىكەن، مەن ئۇنىڭ دادىسىنى كاۋاپدانغا چىقىرىۋېتىپ ئۇنى نۇقۇپ ئويغاتتىم:
- ھەي نورى، تۇرە ئورنىڭدىن!
- نېمە ئىشتى باشلىق ئاكا؟،-دەپ سورىدى نورى قىمارۋاز ئەسنىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
- ئېيتە ساغراڭدا بىرە تال مۇنچاق گۆش بارمۇ؟
- بارلىقىغۇ بار ئاكا، مونچاق گۆشۈم سىلەرگە تاقاشمىغاندۇ؟
بۇنى ئاڭلاپ پەرىزىمنىڭ توغرا چىققانلىقىنى پەملىدىم-دە ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلدىم:
- تۈرمىدە ياتامسەن ياكى كۇساردىكى پولنى بېرەمسەن؟
نۇرى قىمارۋاز ئادەتتىن تاشقىرى چاققان ھەم زېرەك نېمە ئىدى، ئۇ گېپىمنىڭ باش-ئايىغىنى چۈشىنىپ بېشىنى قاشلىغىنىچە كارۋىتىنىڭ ئاستىدىكى قول ياغلىققا ئورالغان پولنى ئېلىپ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ساناشقا باشلىدى. مۇشۇ تاپتا يىپ-يېڭى پۇللار كۆز ئالدىمدا كىنو لېنتىسىدەك شاراقشىپ ئۆتۈپ يۈرىگىمنى مۇجۇپ كېتىپ باراتتى، مەن كاللامغا قۇلاق چىقىپ بۇنداق جىق پولنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، بىر ھىساپتا ساقچىخانىدا ئون-يىگىرمە يىل ئىشلىسەممۇ بۇنچىلىك جىق پولنى يېغالمايتتىم، ئىختىيارسىز يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ ئېغىزىم قۇرۇقدىلىشقا باشلىدى، چىرايىمدىكى ئالامەتلەرنى سەزگەن نورى قىمارۋاز تۇيۇقسىز گەپ تەشتى:
-ئاكا، ئۇ ھارامخورلار سىز بىز، بىر ئۆمۈر تاپالمىغاننى ئېغىزىنىڭ يېلى بىلەن بىردەمدىلا تاپالايدۇ، ئۇلارنى ئاز-تولا باجلاپ تۇرغاننىڭ ھېچقىسى يوق، ئەڭ ياخشىسى يېرىمىنى سىز ئېلىڭ، تۈگە كۆردۈڭمۇ ياق، تۈگمە كۆردۈڭمۇ ياق، قانداق ئاكا؟
نۇرى قىمارۋازنىڭ كىسىپ ئېيتقان گىپى ماڭا ياغدەك ياقتى، شۇنداقتىمۇ بېشىمدىكى ساقچىلىق شەپكەم مىنى ئۇنىڭغا توۋلاتقۇزدى:
- ئۇنداق گەپنى قىلما، بىز خەلقنىڭ چاكىرى، پارتىيەنىڭ كادىرلىرى ئەزەلدىن سەن ئويلىغاندەك ئاچكۆز ئەمەس، مىنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ!
- ۋاي بىلىمەن ئاكا،-دېدى ئۇ قاپىقىنى سۈزۈپ ئېغىزىنى چىكىلداتقىنىچە ماڭا تەنبىھ بىرىپ،- قۇرۇلۇشچى ئاغىنەم يېزىلىق ئورگاننىڭ مەيدان قاتتىقلاشتۇرۇش ئىشىنى «مەن ھەر كۋادرات مېتىرىنى ئەللىك يۈەندىن سۈپىتىگە ئۈچ يىللىق كاپالەتلىك قىلىپ ئالاي» دىسە بىزنىڭ ئەشۇ خەلق چاكارلىرىمىز ئاتام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن باشقا بىرسىگە ئىككى يۈز يۈەندىن ھۆددە بېرىۋېتىپتۇ، ئويلاپ باققىنا يېزىمىزنىڭ سۇ سىڭمەس قۇرلۇشى دەيمىز، يەنە توسما سېلىش دەيمىز قايسى بىرىنى بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى كىشىلەرگە بىرىپ باققان؟ بىزمۇ قىلغىلى ئىش تاپالماي ئۈچ چاقىلىق موتوسېكلىت ھەيدەپ كىراغا سېلىۋىدۇق، سىلەر ماڭغىلى قويمىدىڭلار، باشقا ناھىيە-شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەيلى دېسەك، كېچىسى ساقچىخانىدىكىلەر تەكشۈرەيمىز دەپ يېغىۋالغان، سەنمۇ بىلىسەن ئېتىزلىققا تېرىغىنىمز چىقىمىغا تاشىمىسا، دېگىنە بىز قانداق قىلىمىز؟ شۇ ئىچكىرىدە قاقىلاي-سۇقىلاي بولۇپ كاۋاپچىلىق قىلغاچ يانچۇقچىلىق قىلىپ يۈردۇق، ئەمدى ئۇ ئىچكىرمۇ چىڭىپ بىزگە كۈن قالمىدى، ئۇ يەردىكى ساقچى غوجاملار تېخى بىزگە نېمە دەيدۇ بىلەمسەن ئاكا! ئۇلار:«ۋوي سىلەرنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، نېفىت بايلىقى ، كان بايلىقى، گاز بايلىقى مول، ھېچ بولمىسا بېرىپ نىفىتلىكتە ئىشلىگىن، غەرىپنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلىشىغا تۇرۇبا ياتقۇزۇش ئىشچىسى بولغىن، سىلەر دېگەن تارىم نىفىتلىكىنىڭ خۇجايىنلىرى تۇرساڭلار، ھۆكۈمەت سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ، سىلەرنى ئالدىن ئىشلىتىدۇ، نېمە قېلىسىلەر جەننەتتەك ماكاننى تاشلاپ دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ بۇ يەردە.. » دەپ بىزگە تەربىيە بېرىشىدۇ، لېكىن بىز ئوقۇمىغان تۇرساق قانداقمۇ ئۇ چوڭ زاۋۇتلارغا ئىشچى بولالايمىز ئاكا؟ ھەر نېمە بولسا خۇدايىم بىلىپ ئاقسۇلۇقلارنى، بىڭتۆەنلىكەرنى بىرىپتىكەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر ھەر يىلى كۈزدە پاختا تەرگىلى چىقىمىز دەپ بۆشۈكتىكىدىن –تۆشۈكتىكىگىچە چىقىدىغاندۇ؟ ئۆتكەن يىلى بەش كىشىلىك كىچىك ماشىنىغا توققۇز ئادەم چىقىپ قاتناش ھادىسىسىدە تەڭدىن تولىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ ئاكا؟بىزگىمۇ تەس...، ھە دىسە بىزنى ئوغرى-پوغرى دەيسەن، قارىغىنا ئەشۇ قورسىقىنى تومپايتىۋالغانلارغا ئۇلار قايسى بىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەممىسى ئۆزىنىڭ يانچۇقى، كارنىيى ئۈچۈن، ئەمەل-ئورۇندۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتمامدۇ، ئۇلار مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەرگەن پۇللىرىنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ يۇقىرىغا قۇرۇق ھېساب بىرىدۇ، تۈۋەنگە بولسا گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدۇ، مانا مۇشۇلار ئوغرى ئەمەسمۇ؟ قارىغىنا ئەشۇ بىزنىڭ مەسچىتلەردىكى موللا-ئاخۇن دىگەنلەرگە ئۇلار ئىتىكاپتا ئولتۇرۇۋېلىپ ھەدېسە« ھەرەمگە بېرىڭلار، گۇناھىڭلاردىن يۇيۇلۇپ ئانىدىن تۇغما بولىسىلەر» دەيدۇ، بۇ بىچارىلەر بۇنى ئاڭلاپ يىمەي-ئىچمەي بىر ئۆمۈر يىغقان پولىسىغا ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن قانچە يەرگە نەچچە پول بىرىدۇ بىلەمسەن ئاكا؟ بۇنى سەن بىلمەيسەن ، بۇ ئاخۇن –موللىلار ئارقىدىن «تالاق، ئۈچ تالاق» دېگەن گەپنى ناھايىتى داۋراڭ سېلىپ سۆزلەيدۇ، قۇڭىنىڭ ئەتراپىدىكى پوقنى تۈزۈك سۈرتۈشنى بىلمىگەن بۇ بىچارە بايقۇشلار بۇ تالاق سۈزىنى ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، ھۇقۇقى دەپ بىلىپ ئازراق ئاچچىقى كىلىپ قالسىلا ئۈچ بالسىنىڭ يىتىم بۇلىشى بىلەن كارى بولماستىن بىچارە خوتۇنىنىڭ«ئۈچ تالاق»دەپ سۈزىنى بېرىشىدۇ، كېيىن بالىسى يادىغا كىلىپ ئاخۇنۇمنىڭ قېشىغا بارسا يېنىشىشقا يول چىقمىغان، شۇنداق قىلىپ بۇ بالىلار ئانىسىنىڭ يېنىغا بارسا ئۆگەي دادا، دادىسىنىڭ قېشىغا بارسا ئۆگەي ئانا... مەندەك كىچىكلا كوچىغا تاشلىنىدىغان گەپ، مەنمۇ شۇ ئۆگەي ئانىنىڭ مەھسۇلى ئاكا، ئاڭلىسام بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتى جۇڭگو بويىچە بىرىنچى ئۇرۇندا ئىكەنغۇ، ئېيتقىنا مانا مۇشۇنداق «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس، سەۋرى قىلغۇچىلار پايدا ئالىدۇ، بۇ دۇنيا كاپىرنىڭ،ئۇ دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ...» دەپ ئاللانىڭ كالامىنى ئۆزگەرتكۈچىلەر ئوغرى بولمامدۇ؟...
- ۋاي بولدى قىلە ئوغرى!،-دېدىم ئۇنىڭ گىپىدىن قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ،- مەن دەرس ئاڭلىغىلى كەلمىدىم سەندىن، سەن دېگەن ئۇنداقلار ناھايىتى ئاز ساندا، كۆپىنچىسى ئۇنداق ئەمەس! پارتىيە ھامىنى جاجىسىنى بىرىدۇ ئۇلارنىڭ...ساڭا نېمە كەپتۇ جۇڭگو-پۇڭگو دەپ ئەمدى...
- كۆپىنچىسى ئۇنداق ئەمەس؟،- دېدى نورى قىمارۋاز ئورنىدىن چىچاڭشىپ تۇرۇپ،- تۈفىي!
- سەكرەيسەنغۇ، خاتا دېمىدىم مەن!
- بىر بالىنى ھەربىيلىككە ئالدۇرۇش ئۈچۈن نەچچە پول كىتىدۇ، بىلەمسەن ئاكا؟
- مەن نېمە بىلىمەن يا مەن ئەسكەرلىككە بېرىپ باقمىسام؟
- شۇنداق سەن بۇنى بىلمەيسەن، ئاچامنىڭ بالىسى ئۈرۈمچىدە ئۇقۇپ كىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قالغىلى نەچچە يىل بولدى بۇنى بىلمەيسەن، يەنە بۇيەردىكى خەقلەر ئىختىساسلىقلارنى ئەكىلىمىز دەپ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق جايلاردىن پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان بىر توپ نان قېپىلاردىن نەچچە يۈزنى ھەر يىلى ئەكىلىدۇ، ئۇلارغا تەييار ئۆي، تەييار پۇل، مىنىڭ ئاچامنىڭ بالىسى بولسا خىزمەت تاپالماي دەردتە نەشە چىكىپ ئولتۇرغىنى-ئولتۇرغان، بۇنى بىلمەيسەن! بىزنىڭ ئەشۇ كىشىلىرىمىز يۇقىرىغا مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەينەن دەپ كەلگەن ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا يەنە بىردىن تەرجىمان بەرمىسە تۆۋەندە ھېچ ئىش قىلالماي جەمشىتنىڭ مۈشۈكىدەك كۈزىنى پارقىرىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۇل- ئادەم بايلىقىنىڭ ناھايىتى ئىسراپ بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى تەپسىلى ئېيتسا ئۇلار بۇنىڭغا ئامال قىلمامدۇ ئاكا، گەپ ئەشۇ ئۆزىنىڭ يەۋاتقان نېنىدىن ئايرىلىپ قالامدىمىزكىن دەپ ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپ يۇقىرىنى ئالدايدۇ ماۋۇ خەق! مەركەز دېگەن مىڭنى قىلسا ئادىل ئاكا، «خەلققە يۇقىرىنى قوق، يۇقىرىغا خەلقنى پوق» كۆرسىتىدىغىنى يەنە مۇشۇ مۇناپىقلار شۇ ئاكا!
- ۋاي بولدى قىلە ئوغرى، سەن نېمە دېگەن بىلەن سېپى ئۈزىدىن ئوغرى، ھازىر تۇرمىشىمىز ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇرۇنقى زامانلاردا ھازىرقىدەك توك-لامپۇچكا يوق ئىدى، جىن چىراغ ياندۇراتتۇق، يېگىلى نان يوق پاخالنى قاينىتىپ ئىچەتتۇق، مانا ھازىر قارىغىنا تۇرمۇشىمىزغا نېمە دېگەن باياشاتچىلىق...بۇنى بىلەمسەن زادى؟
- ۋاي بولدى قىلە، شۇ پاخالنى قاينىتىپ ئىچكۈزگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىلەمتىڭ سەن! ئەشۇنداق چوڭ ئوغرىلارنى تۇتمىساڭ بىز يەنە شۇ پاخال قاينىتىدىغان كۈنگە قالىمىز ئاكا ، ئەڭ ياخشىسى مەندەك كىچىك ئوغرىلارنى قويىۋەت!
- ئېغىزىڭدىن بالاغا قالما، ئوغۇرلىقىڭ ئاز كىلىپ سىياسىي بولۇپ ياتماقچىمۇ سەن!
- مانا قوپتى!
- نېمە قوپتى؟
- بىر ئېغىز ھەق گەپكە سىياسىي بولۇپ ياتقىلى سەن ناتىسىس، مەن يەھۇدىيما؟ مەن ساڭا دەي كومپارتىيە خەلقنىڭ! مەركەز ئادىل جۇما!
- پېييىڭ سىيقىراپ قالدىغۇ ئوغرى!
- ۋاي يامان بولساڭ ئاتە ئاكا، جان بىر قوۋۇرغا ئون ئىككى، ئاتام ئوغۇل دەپ تاپقان مىنى! سىنىڭ قاسقان شەپكەڭدىن قورقۇپ قالدىغان ئادەممۇ مەن!
- ئاغزىڭدىن پوق ئېقىتما!
- ماڭا ئۇنداق قۇرۇق تىرە تاراقشىتما؟ يالىڭاچ سۇدىن قورقماپتۇ دەپتىكەن ئەڭ ياخشىسى ئاق يەردە تۈگمەن تالاشماي، نەق گەپنى قىلىشايلى!
- قايسى نەق گەپنى؟
- سەن يېرىمىنى، مەن يېرىمىنى!
- جۆيلىمە!
- سەن ئالتە مەن تۆت!
- پوق يىمە!
- سەن يەتتە مەن ئۈچ، ئەمدى قانداق؟
- بولمايدۇ!
- ئەمىسە مەنمۇ بۇ جاندىن تويدۇم، بېرىپ ئۇماچ پونكىتىغا باشلىق بولسام بولدۇم!
نۇرى قىمارۋاز شۇنداق دەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاچ چىلىمكەش بەڭگىلەرنىڭ ئېيتىدىغان بىر ناخشىسىنى سۇزۇپ توۋلاشقا باشلىدى:

                        ھاكىم بەگنىڭ ئۆيىدە،
                        ناۋات بىلەن قەندانى بار.
                        بىزدەك ئوغۇل بالىلارغا،
                        بۇ يۇرتنىڭ زىندانى بار.

                        تۇخۇم كۆمدۈم ئۇچاققا،
                        ئېتىلغاندۇ بۇ چاغقا.
                        سەن مىنى ئۇرغان بىلەن،
                        خوتۇنۇڭ ياتتى قۇچاقتا.

بۇ مۇڭ ناخشىدىن يۈرۈگۈم ئىزىلىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىرىدىم:
- نېمە دېدىڭ؟
- بېرىپ تاغدا تاش چاقامەن-شۇ!
- ئالدىدا نېمە دېدىڭ؟
- سەن ئالتە مەن تۆت!
- كېيىنكىسى!
- سەن يەتتە مەن ئۈچ، ئەمدى بۇلار ئاكا؟
- تېشىغا چىقىپ قالماس!
- ۋاي خاتىرجەم بولە، ئىچىمنى پىچاقتا قىرسىمۇ چىقمايدۇ...
- گىپىڭ گەپتۇ؟
- قۇرئان تۇتاي!
گەپنىڭ راستىنى دىسەم مۇشۇ يەتتە مىڭ يۈەننى پەقەت بىر كېچە يۈرىكىمنىڭ ئېغىزىغا تېڭىپ يېتىۋالسام ئەتىسى مىنى ئېتىۋەتسىمۇ، گۆشۈمنى تىتما-تىتما قىلىپ پارچىلىۋەتسىمۇ مەن رازى ئىدىم، چۈنكى مەن توختى پوكان بۇ دۇنيادا نامراتلىقنىڭ، پۇلسىزلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باققان بىردىن-بىر كىشى ئىدىم.
مۇشۇ تاپتا تۇيۇقسىز كەلگەن ئامەتنىڭ خوشلۇقىدا چىكىتىدىغان ئىشىكنىڭ قەيەردىلىكىنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتىم ، مەن ئىشنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ خۇددى نۇرى قىمارۋاز گىپىدىن ھېلىلا يېنىۋالىدىغاندەك ئالدى-كەينىمگە قارىماستىن باشلىقىمنىڭ ئۈيىگە ئۇچتۇم، ئاچىمىز ھويلىسدا مىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتىكەن، مەن ۋىزىنى ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ «ئوغرى پۇلنى ئېلىپ قېچىپ يول خېتىنى قوناقلىقنىڭ ياقىسىغا تاشلاپ قۇيۇپتۇ، بىرسى تېپىۋاپتىكەن ماڭا تاپشۇرۇپ بەردى» دەپ ئىشنى تۈگەتتىم، ئاچىمىز بۇنىڭدىن شۇنداق خوش بولدى، پۇلنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمىدى، تېخى ماڭار چېغىمدا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پاتمىخانغا ئاتاپ بىر ياغلىققا ناۋات-قەنتلەرنى ئۇراپ بەردى.
- ئەمىسە مەن ماڭدىم ئاچا!،-دېدىم زەللىنى بېقىنىمغا قىسىپ پاتمىخاننىڭ يېنىغا ئالدىراپ.
- توختاپ تۇرغىن يەنە بىر گەپ بار!
- نېمە گەپ ئاچا؟
- بۇندىن كېيىن ئاكاڭدا ھەل قىلىدىغان ئىشى بار ھاجەتمەنلەر ئۆيگە كەلسە يېنىڭغا بۇيرۇيمەن،ھازىر ۋەزىيەت جىددى شۇڭا سەن ئوتتۇرىدا...،- ئاچىمىز قالدى گەپنى قۇلىقىمغا كۇسۇرلاپ ئېيتتى. مەن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئامەتتىن خوش بولۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم. ماڭغىلىۋاتاتتىم ئاچىمىز يەنە ئېغىز ئاچتى:
- ھە راست توختى، ئۇ ئوغرى زادى قەيەرلىكتۇ؟
- بىلمىدىم، ئەمدى ئۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟
- مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، ئىشقىلىپ ئۇ ئوغرى بولسىمۇ خېلى پەيزى بار نېمىكەن!
ئاچىمىز شۇنداق دەپ بولۇپ قىزارغىنىچە يۈزىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۆگىۋالدى، مەنمۇ بۇ گەپتىن كۈلۈپ كېتىپ ئاچىمىزغا چاقچاق قىلدىم:
- كۇسارغا يەنە ئون مىڭ يۈەننى باغلاپ چىقسىڭىز يېزىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەيزى ئوغرىلاردىن بۇلۇشقا رازى ئاچا!
1997-يىل قاراقاش.

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 02:00:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              توختى پوكان ۋە پالتىچى ئارخات
                                                      (ئالتىنچى ھېكايە)

                                                 ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش

بۈگۈن «يېزا ئاساسى قاتلام خىزمەتلىرىگە تەكشۈرۈپ- يىتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى» ئۈچۈن تۈۋەنگە چۈشكەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي-ئەمەلدارلارنىڭ بىمالال يول يۈرۈشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەركىزى يوللارغا تۇتىشىدىغان بارلىق چېغىر يوللارنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم قامال قىلىپ تۆت-بەش سائەتكىچە بىرە تال قۇرت-قوڭغۇز ياكى ئۇچار -قاناتنىڭ چوڭ يولغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى ئۇڭۇشلۇق تاماملىدۇق.
ۋەزىپە ئاخىرلىشىپ چۈشكە يېقىن ئېغىزىمىزدا نەم دىدارى يوق ئىش ئورنىمىزغا كىلىپ يەنە كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىزگە چۈشۈپ كەتتۇق، كىشىلەر «دۇنيادا ئۇ بولماق تەس، بۇ بولماق تەس» دىيىشىدۇ، مەن ئويلايمەن دۇنيادا ھەممىدىن ساقچى بولماق تەس ، بىز ساقچىلارنىڭ دەردىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بىزگە شەنبە-يەكشەنبە يوق، ھېيت-بايرام دەم ئېلىش يوق، سەككىز سائەت ئىشلەپ ئۇندىن كېيىن ئارام ئېلىڭ دەيدىغان گەپ يوق، قاچان بىرە يەردە ئىش چىقىپ قالسا كېچىنى-كېچە دىمەي، سوغۇقنى-سۇغۇق دىمەي خىزمەتكەئاتلىنىپ كېتىمىز، ئالدىغان ئايلىقىمىز باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش، بەرگەن كاماندىروپكا راسخۇتىمۇ بىر ۋاقلىق تاماققا يىتىدۇ ياكى يەتمەيدۇ، «كۆز بىلەن كۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن بولمىسا بىر-بىرىنى يەيدۇ» دىگەندەك بىزنىڭ بۇ خەقلەر بىردەم تىنچ تۇرسا ئىچى پۇشۇپ قالدۇ، ھە دىسىلا بىر-بىرى بىلەن بوغۇشقان، ھېلى سۇتالىشىپ ئۇرۇشقان، ھېلى خوتۇن تالىشىپ پىچاقلاشقان، بىرسى توخۇ ئوغۇرلىسا بىرى تۇخۇم ئوغۇرلىغان، بىرسى تامغا شۇئار چاپلىسا، يەنە بىرسى ئەرز قىلىمەن دەپ مەركەزگە بېرىۋالغان، «مۇقىملىق،مۇقىملىق، يەنە مۇقىملىق»،بىزنىڭ مۇشۇنداق جاپا تارتىشىمىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، تەنقىد-ئۈستىگە تەنقىد، يېغىن ئۈستىگە يېغىن، تېخى ئاڭلىساق بەزى كىشىلەر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىغا بەخت تىلىگەندە ئېغىزىدىن شالۇك ئېقىتىپ «بالام چوڭ بولساڭ كاتتا بايلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن ياساقچى بولارسەن، يا ئاقچى بولارسەن، ئامىن!» دەپ سېسىق گەپلەرنىمۇ قىلارمىش،ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ نەدە ئۇنداق ئارتۇق پۇلىمىز، نەدە ئۇنداق ئارتۇق ھوقۇقىمىز، ئىشقىلىپ ئانىسىنىڭ بىجىقىنى قاتتىق چىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقچى بولىدىكەن...
چۈشتىن بۇرۇن يولدا رەھبەرلەرگە يول بىكارلايمىز دەپ سىيگىلىمۇ ئارام بولمىغان ئىدى، خالىجايدىن يېنىپ دۈجۈرنىلىك ئۈيىگە ئەمدى كىرىشىم كارىۋات ئۈستىدە بىرپارچە كونۋىرىت تۇرۇپتۇ، يېزىدىكى خانىم قىزلارنىڭ بىرەسى ماڭا يۇشۇرۇنچە كۈيۈپ قېلىپ يازغان خېتى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئالدىراپ كونۋېرتنى ئاچتىم، كىم بىلسۇن خەتنىڭ مەزمۇنى باشقىچە تۇراتتى:

ھۆرمەتلىك ساقچى تاغىلار:
سىلەر تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ھېلىقى ئەڭ چوڭ قاتىل قاچقۇننىڭ ئىزدىرىكىنى بىلىپ قالدىم، بىرىدىغان سۆيۈنچىنىڭ كۆپلىكىنى ئويلاپ بۇ نامسىز خەتنى يازدىم، ئۇ بۈگۈن ئاخشام قارا قۇزۇق بازىرىنىڭ قاغىلىق كەنتىدىكى مۇسا باينىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالىدۇ،پۇرسەت غەنىيمەت، قاچقۇن تۇتۇلغاندا سۆيۈنچىنى ئالغىلى بارىمەن!

مەن خەتنى كۆرۈپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولدۇم-دە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغايۈگۈردۈم. باشلىق مەلۇماتىمنى كۆرۈپ شۇئان گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ قويغان-تۇتقىنىنى بىلەلمەي قالدى ھەمدە خىزمەتداشلارنى يېغىپ بۈگۈن كەچتىكى ھەرىكەتنىڭ پىلانىغا ئۆتۈپ يان قۇراللارنى تارقىتىشقا باشلىدى.
كەچمۇ يىتىپ كەلدى، كېچە سائەت ئون ئىككىلەر ئەتراپىدا بىز پىلان بويىچە ئون نەچچەئادەم قاغىلىق كەنتىدىكى سېكرىتارىنىڭ ئۈيىگە خۇپىيانە بېرىپ ئۇنىڭدىن مۇسا باينىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدۇق:
- سىلەرنىڭ قاغىلىق كەنتىدە مۇسا باي دەپ بىرى بارمۇ؟،- سورىدى باشلىقىمىز سېكرىتاردىن.
- بىزنىڭ قاغىلىقتا مۇسا باي دەپ يوق لېكىن مۇسا توكۇر دەپ بىر قېرى چال بار،-دېدى سېكرىتار نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي سەل جىددىلىشىپ.
- ئۇنىڭ لەقىمى نېمە؟
- مۇسا توكۇرنىڭ لەقىمى شۇ توكۇر ئىدى، باشقا لەقىمى...
- كەنىتتە يەنە باشقا مۇسا باي دەپ بىرى بارمۇ-يا؟،-دەپ سورىدى باشلىق ئىنچىكىلەپ.
- ھە راست، مۇسا توكۇر ئىلگىرى مۇشۇ يۇرتنىڭ ئەڭ چوڭ باي پومېشچىكى ئىكەندۇق،مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى ھەركەتتە باشقىلار ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى ئۇرۇپ چېقىپ ماڭالمايدىغان قىلىپ قويغاچقا باي دېگەن لەقىمى«توكۇر»دېگەن لەقەمگە ئالمىشىپ قاپتىكەن، شۇمىدۇ-يا؟
- شۇ بۇلىشى مۇمكىن، دەرھال يول باشلاڭ!
- توۋۋا بۇ بىر جۇپ بۇۋاي-مومايلار كەنتىمىزنىڭ يۈز ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى ئىدى،-دېدى سېكرىتار ئالدىمىزدا مېڭىۋاتقاچ ئېغىر خورسىنىپ،- شۇ قېرى ھالى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇرۇتىغا چالما تىزغانمىدۇ بۇلار؟
بىز ئون نەچچە مىنۇتتەك پايپاسلاپ مېڭىپ دۆڭنىڭ كەينىدىكى بىر يېگانە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدۇق، سېكرىتار قۇلىقىمىزغا مۇشۇ ئۆينىڭ مۇسا توكۇرنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى پىچىرلاپ ئېيتتى، ئاي يۇرۇقىدا بۇ ئۆي شۇنداق پاكار شۇنداق ئەبجەق كۆرىنەتتى. بىزئون نەچچە ئادەم بۇ ئۆيدىكى ۋەھشى قاتىلنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارقا باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ بۇ ۋەيرانە ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىنى ئۆگزىدىن باشلاپ تولۇق قورشاپ چىقتۇق، ئاندىن پىلان بويىچە باشلىق قاتارلىق بىر قانچىمىز ئايۋاننىڭ ئىشىكىگە پەم بىلەن يېقىنلىشىپ قۇلىقىمىزنى قوش قانات ئىشىكنىڭ شېلىغا چىڭ يېقىپ ئۆي ئىچىدىكى تىۋىشقا قۇلاق سالدۇق. ئۆينىڭ ئىچى تۇيۇقسىز گۈلدۇر-گۇپپاڭغا تۇلۇپ قوناق سوققاندەك «دۆڭ!...دۆڭ!» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىيا-چىيا باشلاندى...قانداقتۇ بىر كىملەرنىڭ يىغا –زارى، ئاھۇ-نالىسى ئايۋاننىڭ ئىچىنى بىر ئالدى...
مۇشۇ تاپتا ۋەھشى قانخور قاتىل ئۆزىنىڭ قان خۇمارىنى بېسىش ئۈچۈن بۇ ئۆيدىكى بوۋاينى پىچاق بىلەن ئەمەس كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋاتاتتى...بىچارە موماي بولسا ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ بىر ياندا ئۇنىڭغا توختىماي يىغلاپ يالۋۇراتتى...قاتىل ئۇرۇپ ھاردىمۇ ياكى بۇۋاي توقماق زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتىمۇ دۆڭىلدىگەن ئاۋازنىڭ ئورنىغا ئەمدى «گۆس-گۆس» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى، شۇنداقتىمۇ قاتىل تەلۋىلىكىدىن، كۈچىدىن قالمىغاندەك تۇراتتى، ھەر بىر قېتىم گۆسۈلدىگەندىكى زەربىنىڭ تەسىرىدە بىز دەسسەپ تۇرغان يەر تىتىرەپ ئايۋاننىڭ ئىشىكىدىكى زەنجىرمۇ ئىككى يانغا پۇلاڭشىپ بىچارە مۇماينىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدىن چىققان زەئىپ يالۋۇرۇش ئاۋازلىرىنى قۇلىقىمىزغا تۈزۈك ئاڭلاتقۇزمايۋاتاتتى...
بىز بۇ ۋەھشىلىكتىن چىشلىرىمىزنى غۇچۇرلىتىپ ھۇجۇمغا تەييار بولدۇق لېكىن بۇنداق چوڭ قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكەتلىرىدە بۇيرۇقسىز قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشقا بولمايتتى، بىز تىت-تىت بولۇپ ئارىمىزدىكى يېشى ھەممىدىن كىچىك، يۈزى ھەممىدىن چوڭ بولغان سىياسى يېتەكچىگە قارىدۇق، سىياسى يېتەكچى ئاخىرى «غەزەپلىنىشكە بولمايدۇ، سوغۇققان بۇلۇڭلار، پەم بىلەن دۈشمەننى قاپقانغا سەكرىتىش كېرەك!» دېگەن ئۇلۇغۋار بۇيرۇقنى بەردى.
بىز بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن غەزىپىمىزدىن يېنىپ ئۆزىمىزنى بېسىۋالدۇق-دە
ئېھتىيات بىلەن ئىشىكنى ئاستا ئىتتىردۇق، قوش قانات ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىق ئىدى، باشلىق قۇلىغا يان قورالىنى ئېلىپ ئۇنى بەتلىۋالغاندىن كېيىن سېكرىتارغا ئىشىكنى يىنىك چەككۈزدى...
ئۆي ئىچىدىن جاۋاب يوق.
ئىشىك قاتتىقراق قېقىلدى...
يەنە سادا يوق.
ئەكسىچە ئۆي ئىچىدىن بىچارە مۇماينىڭ «خوش بۇلاي غۇجام، ماڭا رەھىم قىلىڭ! ماڭائىچىڭىز ئاغرىسۇن غۇجام» دەپ يىغلامسىرىغان ئاۋازى چىقىشقا باشلىدى. دېمەك ۋەھشى قاتىل ئەمدى زەھەرلىك قۇلىنى مومايغا سۇنىۋاتاتتى.
ئەمدى كىرمىسەك مۇماينىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغىلى بولمايتتى، باشلىق شۇئان چىشىنى غۇچۇرلاتقىنىچە كەينىگە قوچىقارچىلاپ يېنىپ ئىشىكنى كۈچەپ بىر تىپىشى بىلەن ھەممىمىز«مىدىرلىما!» دەپ ۋارقىراشقىنىمزچە ئايۋانغا باستۇرۇپ كىردۇق،ھەممەيلەننىڭ قۇلىدا بىردىن تاپانچا مىنىڭ قۇلۇمدا بولسا تۆت ماي چۈشىدىغان قول چىراغ...
مەن دەرھال قول چىراقنى سۇپىغا تۇتتۇم، سۇپىدا بىر كىشىلىك يوتقان-كۆرپە سېلىنىغلىق تۇراتتى. ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا ئادەم باردەك ئەمەس، باشقىلار دەرھال قازناق ئۆيگىچە چارلاپ چىقتى-ئادەم يوق.
مۇشۇ تاپتا بۇ خۇنخور قاتىل قورققىنىدىن يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىۋېلىپ چىڭ پۈركىنىۋالغاندەك تۇراتتى، ئۇنىڭ بەدىنى قورقۇنچىدىن لاغ-لاغ تىترىگەچكە ئۈستىدىكى يېپىنىۋالغان يوتقانمۇ توختىماي مىدىرلايتتى...
- بىز ساقچى! قۇلۇڭنى كۆتەر!
قاتىل بىزنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى باتۇرانە ھەرىكىتىمىزدىن جان-پېنى چىقىپ،ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان بولسا كېرەك بېشىنى چىقىرىش تۈگۈل جاقىلداپ تىتىرەپ يوتقاننى تېخىمۇ ئاستىن-ئۈستۈن مىدىرلىتىشقا باشلىدى...
غەزەپكە كەلگەن باشلىقىمىز تاپانچىنى ئۇ ئەبلەخنىڭ بېشىغا توغۇرلاپ تۇرۇپ يوتقاننى كۈچەپ تارتتى...
يوتقان يېرىم ئېچىلدى...
يوتقاننىڭ ئىچىدە بىر جۇپ باش ...
قاتىلنىڭ قارىسىمۇ يوق...
مەن قول چىراقنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە تۇتتۇم- بىر بۇۋاينىڭ تاز بېشى بىلەن بىرمۇماينىڭ تازىلىق قەغىزىدەك پۈرلىشىپ كەتكەن ياغاق يۈزى...
كۈچلۈك ئېلېكتر نۇرى بۇۋاينىڭ كۈزىنى ئاز-تولا غىدىقلىغان بولسا كېرەك، ئۇھاسىرىغان پېتى بېشىنى كۈتۈرۈپ قۇلۇمدىكى قول چىراغقا قارىغاندەك قىلدى، قارىسام ئېغىزىدا بىر تال چىش ئەۋلادى يوق، يۈزلىرى چىبەرقۇتتەك قورۇق باسقان، قېرىغىنىدىن مۈكچىيىپ چىمچىلاق بارمىقىمدەكلا بولۇپ قالغان ۋىجىك بىر بۇۋاي...
«توۋۋا قىلمىدىم! ... ئۆلەي دەپ قالغان ماۋۇ ئىككى قېرىنى؟...»
بۇۋاي قۇلۇمدىكى قول چىراغقا قاراپ قۇيۇپ چېكىسىدىكى مۇنچاق-مۇنچاق تەرنى ئالقىنى بىلەن سۈرتىۋېتىپ يەنە ئىت تالاشقاندەك ئاۋاز چىقىرىشىپ «خورەك» كە چۈشۈپ كەتتى. ئاڭغىچە باشلىقىمىز غەزەپتىن بۇ ھايۋانلارغا ۋارقىرىدى:
- ئاناڭنى بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ قېرى كۇسپۇرۇچلار!
ئۇلاردىن يەنە ھېچ سادا يوق.
- ۋاي بولدى قىلىشە ئىتنىڭ باللىرى!
ئۇلار بۇ يېقىندا توختايدىغاندەك ئەمەس.
ئاڭغىچە ھويلىدا قالغان سېكرىتار كەينىمىزدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ بىزگە تەسەللى قىلدى:
- ۋوي بۇلارغا ۋاقىرىغاننىڭ پايدىسى يوق باشلىق، قۇلاق قېتىش پاڭقاي بۇلار!
- ۋاي بۇ خەقنىڭ كۆزىمۇ كۆرمەمدۇ سېكرىتار؟،- ۋارقىرىدى ئاچچىقىدىن يېرىلاي دەپ قالغان باشلىقىمىز تەلەتىنى بۇزۇپ.
- ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈپ قالغىلى نەچچە يىل بولدى شۇڭا ئۆيىدە توكىمۇ يوق، يۈز ياشتىن ئېشىپ كەتتى دىسىلە بۇ خەق!
دەل مۇشۇ چاغدا يوتقاندىكى بۇ بىئەدەپ قېرىلاردىن ئاز-تولا زۇۋان چىققاندەك بولدى:
- ۋاي قۇرغۇيۇم... بىردەمدە ئورغاقنى بەلگە قىستۇردىلىيا... ئورما تېخى تۈگىمىدى ناۋىتىم غۇجام!،-دېدى جېنى تۇمشۇقىغا كىلىپ قالغان چىشى يوق موماي ناھايىتى بوش ھەم ئىللىق ئاۋازدا غىڭشىپ.
- توختا...توختا ئۇز خېنىمىم، بىر شەپە بار،- دېدى بۇۋاي كاڭىلداپ ھۆتەلگىنىچە بېشىنى كۈتۈرۈپ ئەتراپتىكى تىۋىشقا زەن سالغاندەك دىققەت قىلىپ،- قويلار ئېغىلدىن چىكەتكەنمىدۇ-يا ئاق ئۈجمەم؟
بىز بۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ئاتاشقاندىكى ماز گەپلىرىدىن ياقىمىزنى چىشلەپ بىر–بىرىمىزگە قارىشىپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق.
شۇ چاغدا ئۆلەي دەپ قالغان «ئاق ئۈجمە» دىن جاۋاب كەلدى:
- ئېغىلنى ئەتكەن قارىم غۇجام، ئىتلارنىڭ كۇسۇيدىغان مەزگىلى ئەمەسمۇ، چوقۇم ئەشۇ ئىتلارنىڭ شەپىسى، كارىلىرى بولمىسىنا ئۇ لالما ئىتلار بىلەن، كەلسىلە خاماننى ئالىدىغان چاغ بولدى پەلۋېنىم!
- ۋاي تاتلىقىم! ....ۋاي تاتلىقىم!،-بۇۋاي شۇنداق دىگىنىچە مومىيىنى ئەركىلىتىپ ئورغاقنى قۇلىغا ئالدى.
بۇ چاغدا يوتقاننىڭ بىر بېشىدا بۇ ئاللا-كارامەتنى كۆرۈپ تۇرغان يەنە بىرخىزمەتدىشىم بۇ «ناھەقچىلىق» قا چىدىيالماي توۋلاپ كەتتى:
- كىم لالما ئىتكەن ؟ ئېغىزىغا بىر سالايمۇ بۇ ئۆلمىگەن قېرىنىڭ؟
بۇنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ غۇرۇر-ۋىجدانىم ئېچىشقاندەك بولدى-دە ئالدىراپ ۋارقىرىدىم:
- كۇسۇپ قالىدىغانغا بىز يا قانجۇق ئىت بولمىساق؟ بىز دېگەن ئىمانى ئەركەك بۆرەئىت جۇما ماز قېرى!،- مەن شۇنداق دەپ توۋلىغاچ ئۇلارنىڭ ئىت بېشىغا دەسسەش ئۈچۈن پۇتۇمنى راسا ئېگىز كۆتۈردۈم.
- ۋاي بولدى قىلىشە! مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان ئىتنىڭ باللىرى! نېمە ئۆزەڭگە ئېلىۋالىشىسەن بۇ گەپنى، كىم ئىتكەن؟،- ۋارقىردى باشلىق غەزەپ بىلەن ئىككىمىزگە ئالىيىپ.
- بىز...بىز...
- ئۆچۈرە چىراقنى! ھەرقانچە ئاناڭ سىنى قول چىراغ بىلەن تۇغقان بولسىمۇ چىراغچى ھابدال!،-دەپ ۋاقىرىدى باشلىق ماڭا قاراپ خىقىراپ.
مەن ئىزانى ئاڭلاپ دەرھال قول چىراقنى ئۆچۈردۈم، باشلىق «تۈفىي!» دېگىنىچە سوپىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ ھويلىغا ماڭدى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ يۈزى قېلىنلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلدۇق.
باشلىق ھويلىغا چىقىپ چىچاڭشىغىنىچە تاماكىسىنى قۇلىغا ئالدى، مەن دەرھال ئۇنىڭغاخۇشامەت قىلىپ چاقماقنى ياققاچ كېكەچلىدىم:
- ئەمدى... قانداق قىلىمىز باشلىق؟
- قانداق قىلاتتۇق، ئاناڭنى ئالىمىز!،-باشلىق شۇنداق دىگىنىچە قۇلۇمدىكى چاقماقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئاللىقاياقلارغا چۈشۈرۈۋەتتى. مەن باشلىقنىڭ ئاچچىقىدىن قورقۇپ شۇك بولۇپ قالدىم. قېرىشقاندەك باشلىقنىڭ چاقمىقىدىن ئوت يانغىلى ئۇنىماي يەنە ماڭاۋارقىرىدى:
- ھەي چىراقچى!
- خوپ باشلىق!
- ئوت!
قۇلۇمدىكى قول چىراقنى يۇرۇتۇپ نېرىغا چۈشۈپ كەتكەن چاقماقنى تېپىپ باشلىقىنىڭ تاماكىسىغا قايتىدىن ئوت سۇندۇم:
- قايتايلىمۇ باشلىق؟
- خەپ ئىگەكىم خەت تاشلىغان ھەزىلەكنى تاپمىسام!
بىز شۇنداق قىلىق بۇ قېتىمقى ھەركەتنى تاماملاپ ئىشخانىغا قايتتۇق.

* * * * * * * *

بۈگۈن سىياسى يېتەكچى بىلەن ئىككىمىزگە ساقچىخانىدا نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى كەلگەن ئىدى، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ گېپىنى ئوبدان ئۇقۇشالمىساقمۇ لېكىن ئىجىل دوستلاردىن ئىدۇق. ئۇ ياشتا مەندىن كىچىك بولسىمۇ خىزمەتتە تەجرىبىلىك، باغرى ئادەتتىن تاشقىرى يۇمشاق،تۇغما خەنزۇۋان يىگىت ئىدى.
قاش قارايغان چاغ ئىدى ئۇ ئىچكىرىدىكى ئىشخانىدا مەن سىرتىدىكى ئىشخانىدا بىرئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتۇق. تۇيۇقسىز ئىشخانىنىڭ ئىشىكى«گۈلدۈر-قاراس»قىلغان ئاۋاز بىلەن دەھشەتلىك ئېچىلىپ بىرسى بوراندەك ئېتىلغىنىچە ئۇدۇل مىنىڭ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىپ ماڭا ۋارقىرىدى:
-بىسىمى ئاللاھۇ ئەكبەر! كاپىرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ سەن؟
كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قارىسام بويى ئىككى-ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان بەستى دىۋىدەك، چاچ-ساقالدىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق، شىياۋلىن ئىبادەتخانىسىدىكى راھىبلارغائوخشايدىغان تاقىرباش بىر ئارخات كۆزلىرىدىن قان تېمىتقان ھالدا قۇلىدىكى پالتىنى بېشىمغا چەنلەپ تۇرۇپتۇ...
«ئاھ ئۇلۇغ خۇدا، ئەمدى نېمە كارامەت بۇ... »
-ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن غوجى ئاكا!...
شۇ بىر ئېغىز گەپنى دېگەنلىكىم ئىسىمدە، ئاڭغىچە يېڭىدىن كېيگەن خىزمەت ئىشتىنىمغا شارقىرىتىپ سىيىۋاتقىنىمچە ئۇنىڭ ئالدىغا «داككىدە» تىزلاندىم...
- يەنە بىر دېگىنە!
- ئىللا-بىللا مۇسۇلمان پۈشتىمەن... غوجى ئاكا!
-قانداق ئىشىنىمەن؟
مەن يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىمچە ئۆزەمگە ئەڭ پىششىق بولغان ئايتەلكۇرسىنى ئۈنلۈك ئۇقۇپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى پالتىغا قارىدىم... پالتا تېخمۇ ئېگىز كۈتۈرۈلدى... دېمەك ئايەتنى خاتا ئوقۇپتىمەن، ئىش چاتاق... ئەمدى پۈتۈن زېھنىمنى يېغىپ سۈرە ياسىننىڭ ئالدىنقى مۇبىيىننى ئالدىراپ قىرائەت قىلغاچ بېشىمنىڭ ئۈستىدىكى پالتىغا قارىدىم...پالتائاستا-ئستا تۆۋەنلەشكە باشلىدى....
- بۇپتۇ، بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم!،-دېدى ئارخات غەزەپ بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈرۈپ،- شېرىكىڭ قەيەردە؟
- ئۇ...ئۇ...ئىچىدىكى ئۆيدە يوق!
ئارخات پالتىنى يەنە بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگىنىچە ئىچكىرىدىكى ئۆيگە قۇيۇندەك كىرىپ كەتتى، مەن قورقۇنچىدا خاتا گەپ قىلىپ سالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىمىلەكلىگەن پېتى كىردىم، خىزمەتدىشىم ئاقتىمۇ -كۆكتىمۇ يوق....دەرىزىنىڭ تېشى پولات –تۆمۈربىلەن ھىم قاپلىنىغلىق...ئۈستەل ئىشكاپلارنىڭ ئىچىگە چوڭراق كىتاپمۇ پاتمايدىغاندەرىجىدە...خۇدايا توۋۋا...ئاسمانغا ئۇچۇپ چىكەتكەنمىدۇ دېسەم ئىشخانىنىڭ تۈنىكى يوق، يەرگە كىرىپ كەتكەنمىدۇ دېسەم ئىشخانىنىڭ تېگى يۇمشاق قۇم ئەمەس...
پالتىچى ئارخات ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە پالتىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ بېشىمنى چەنلىدى:
- مىنى ئالداپسەن!
- خۇدا ھەققى...تېخى بايىلا بار ئىدى....
-بۈگۈن كىمنىڭ بولسا بېشىنى چاپقىنىم –چاپقان!
- غوجاكا ماڭا رەھىم قىل! مۇسۇلمانمەن پىرقىمەن!
مەن كۆزلىرىمنى چەكچەيتىپ لاغ-لاغ تىترىگىنىمچە ئۇنىڭ پۇتىنى قۇچاقلىدىم.
- ياق، بۈگۈن مەن قان قىلمىسام بولمايدۇ!
ئۇ شۇنداق دىگەچ پالتىنى تېخىمۇ ئېگىز كۈتۈرۈپ تەكبىر چۈشۈرۈشكە باشلىدى. مەن ئاللا-توۋۋا قىلىپ ھۆركىرەپ يىغلىغىنىمچە ۋارقىرىدىم:
- توختاپتۇر، بىر ئارزۇيۇم بار ئاكا!
- ئېيتە تىز!
مەن ئۆزەم ئەڭ ئامراق بولغان بېشىمدىكى ساقچى شەپكىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇنىڭدىكى دۆلەت گىربىنى يېڭىم بىلەن سۈرتۈپ بېشىمغا رۇسلاپ كەيدىم-دە مارجاندەك ياش تۆكۈۋاتقان كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ ئېيتتىم:
-ئەمدى چاپە ئاكا!
-مىنى نېمە چاغلايسەن، بېشىڭدىكى دۆلەت گىربىنى پالتا بىلەن چاپىدىغان ساراڭمۇ مەن؟
ئارخاتنىڭ تاققۇ-تۇققۇ گىپىدىن ھەيران بولۇپ كۆزۈمنى لاپپىدە ئاچتىم، قارىسام بۇ مىس كاللا ئارخاتنىڭ ئۇچىسىدا ساراڭلار ساناتورىيىسىنىڭ نومۇر سالغان كىيىمى...
«ئاھ خۇدا ...بۇ ساناتورىيىدىن قاچقان رەسمىي ساراڭ ئىكەنغۇ!»
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ پۇت-قولۇم تېخىمۇ تىتىرەشكە باشلىدى.
-سەن...سەن...،- دېدىم كېكەچلەپ كۈزۈمدىن ئاققان ياشلارنى يېڭىم بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ،-زادى نېمە قىلاي دەيسەن؟
- سەن تېخى مىنى ھۆل قىشقا دەسسەتمەكچىما؟ سەن مىنى دۆلەت گىربىگە ھاقارەت قىلدۇرۇپ ئارقىدىن مىنى سىياسى جىنايەتچى قىلىپ ئۆمۈرلۈك تۈرمىدە ياتقۇزماقچىما؟مىنى ساراڭ كۆرۈپ قاپسەندە؟
«ئوخخۇ ماۋۇ ساراڭنى... تېخى ئادەم ئۆلتۈرۈپ بولۇپ تۈرمىدە ياتماي مىھمانخانىدا ياتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ...تازا ئۆلچەملىك ساراڭغا ئۇچراپتىمەن ئەمەسمۇ... ئاھ ئۇلۇغ خۇدا!...مەن ئەمدى تۈگىشىپتىمەن!»
ئۇنىڭ ساراڭلىقىنى بىلىپ كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئەقىل كەلدى:
-توختا...توختا!...مىنى چاپىدىغانغا مىنىڭ جىنايىتىم زادى نېمە؟،-مەن شۇنداق دەپ جازانى ۋاقىتىنچە كەينىگە سۆرىمەكچى بولدۇم.
-چۈشۈمدە ئايان بولدى، سەن ساقچىلىق شەنىڭگە داغ چۈشۈردۈڭ، بىرىنچىدىن سەن يانچۇقچى-ئوغرىلاردىن باشلاپ زەھەر ساتىدىغانلارغىچە بىر شېرىك، ئۇلارنى تۇتىسەن-قۇيۇپ بىرىسەن، ئىككىنچى سەن جالاپ-پاھىشىلەر بىلەن بىر شېرىك، ئۇلارنى تۇتىۋېلىپ ئىقرارى بويىچە ئوينىشىدىن كۆپلەپ پول ئالىسەن، ئارقىدىن پاھىشىلەرنى يەنەقويۇۋېتىسەن، ئۈچىنچىدىن كىشىلەردىن قالايمىقان جەرىمانە ئالىسەن، ئالغان پۇلنى يۇقىرىغا تولۇق ئۆتكۈزمەيسەن... تۆتىنچىدىن يامانغا يانتاياق بولۇپ بالائوغرىلىرىنى تۇتمايسەن... بەشىنچىدىن ...ئالتىنچىدىن...ئىشقىلىپ سەن سېپى ئۈزىدىن ئوغرى!
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ بۇ ساراڭ ئارخاتنىڭ راستىنلا غەيىپتىن بىرە كارامىتى بارلىقىغا گۇمان قىلىپ قالدىم، چۈنكى ئۇ مۇشۇ تاپتا مىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنى كەينىمدىن يۈرۈپ بىرمۇ-بىر خاتىرىلىگەندەك يىپتىن-يىڭنىسىغىچە دەپ بېرىۋاتاتتى.
- توغرا مەن خاتا قىپتىمەن لېكىن مىنى ئۆلتۈرسەڭ يامان بولىدۇ!،-دېدىم دەرھال پىلانىم بويىچە ۋاقىتنى تېخىمۇ كەينىگە سوزۇش ئۈچۈن.
ئارخات كۈلۈپ كېتىپ يوق ساقىلىنى سىلىغاچ ماڭا مۇراجەت قىلدى:
- خوش، قۇلىقىم سەندە!
- مەن ناخشا-ئۇسۇلغا ناھايىتى ماھىر، مىللەتنىڭ تىرىك بايلىقىمەن، شۇڭا مىنى ئۆلتۈرۈش گۇناھ!
-ئوغرىلىقتىن بۆلەك مۇنداقمۇ ھۈنىرىم بار دېگىن!،- ئۇ شۇنداق دىگەچ ياندىكى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي بۇيرۇق قىلدى،- قېنى ناخشاڭنى باشلا!
«خەپ ساراڭ!...خەپ ساراڭ!» جاننىڭ تاتلىقلىقىدا ئىچىمدە بۇ ساراڭ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىدىكى پالتىنى ياسىغان تۆمۈرچى ئۇستىنى نەچچە مىڭنى تىللاپ ئۆزەم ياخشى بىلىدىغان «ئازاد زامان» دېگەن ناخشىنى باشلىدىم ، ناخشام باشلىنا - باشلانماي جاھىل ئارخات قۇلىدىكى پالتىنى كۆتۈرگىنىچە ماڭا ھۆركىرىدى:
- بولدى، بولدى، بۇ ناخشىنى ئاناڭغا ئۇقۇپ بەر! ماڭا ھىندىستان كىنولىرىنىڭ ناخشىسى كېرەك!
«ماۋۇ ساراڭنىڭ مودىلىقىنى!؟ ھىندىستاننىڭ دەپ كەتكىنىنى تېخى!؟»
- قايسى كىنونىڭ ئاكا؟
- سەرگەرداننىڭ!
بىز ئۇ چاغلاردا ھىندىچىنى بىلمىگەچكە ھىندىستاننىڭ بۇ كىنوسىدىكى ناخشىلارغا ئۈزىمىز بىلىپ يەرلىك تېكىستلەرنى سېلىۋالغان ئىدۇق، مەن ئالدى بىلەن بۇ كىنودىكى غەمكىن ۋە سۇزۇپ ئوقۇيدىغان ناخشىنى باشلاپ كەتتىم:

ئۇزۇن چاپىنىم بېيدى،
چوغ چاچراپ كۈيەپ قالغان،
ئون بەش ياشتىكى يايرىم،
ئېلىشىپ قەپ ئۆلەپ قالغان.

ناخشامدىن بىر كۇپلىت تۈگىمەستە ساراڭ ئارخات يىغلاپ ئېقىپ كەتتى-دە كۈزىدىكى ياشلارنى يېڭى بىلەن سۈرتكەچ يەنە ماڭا بۇيرۇق قىلدى:
- مىنى بوش يىغلات ھاراملىق! شوخ پەدىگە ئۇقۇ شوخ پەدىگە!
- ماقۇل ئاكا!
- ئېيتە تىز!
- ئەمىسە گۈلمەرەمنى باشلىدىمما؟
- ياق، ھىندىستان!
- يەنە ھىندىستان؟
- شۇنداق!«دىسكو چولپىنى» ھىندىستان!
ئۇ شۇنداق دەپ توۋلىغىنىچە بۇلۇڭدىكى تۇپا باسقان سۈپۈرگىنى ئالدىمغا تاشلىدى.
- بۇنى نېمە قىلىمەن ئاكا؟
- گىتار قىلىپ چال! ،- ئۇ يەنە سېسىپ كەتكەن لاتا خېيىنىڭ بوغۇچىنى يىشىپ ماڭاسۇندى،- بۇنى پىشانەڭگە چىگىۋال!
«ئالە شەھىرىڭنى! ئەمدى مەن بولمىغان چولپان قالغانمىدىۋۇلا؟! ئاھ پاتمىخان! ئاھ پاتمىخان! سەن قەيەرلەردە جېنىم خوتۇن!...سەن بىچارىغا قۇيۇپ بەرمىگەن ئويۇنلىرىمنى بۇ ساراڭغا ئۇرۇندىدىمغۇ ئەمدى!»
كۆزۈم پالتىدا شەپكەمنى يانغا ئېلىپ قۇيۇپ سېسىق بوغۇچنى پېشانەمگە ئايلاندۇرۇپ چەگدىم،قۇلۇمغا گىتارنى ئېلىپ ھەسرەت ئىچىدە «دىسكو چولپىنى» دىكى ئەڭ شوخ ناخشىنىڭ بىرى بولغان«ئاييامۇ دىسكو-دەنسا،خالىجايدىكى پوقنى يەمسا...» دېگەن ناخشىنى توۋلاشقاباشلىدىم. ساراڭ ئارخات بۇ شوخ ناخشامدىن بەك خۇشال بولدى، ناخشا تۈگەيدىغان باسقۇچقا كەلگەندە ئۇ قۇلىدىكى پالتىنى يەنە كۆتۈرۋېلىپ ناخشىنى توختىماي داۋاملاشتۇرۇشىمنى ئىشارەت قىلدى، مەن ئەمدى شۇ كىنودىكى ئايال چولپاننىڭ ئەڭ شوخ بولغان«زۇبى-زۇبى –زۇبى»دېگەن ناخشىسىغا چۈشۈپ كەتتىم...
دەل مۇشۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى، يەنى شۇ ھىندىستاننىڭ كىنولىرىداسەللە يۆگىۋالغان بىرسى نەيدەك بىرنىمىنى پۈۋلەپ چالسا ئۇنىڭ يېنىدىكى چوڭ پۇلۇقتىن بىر دانە كۆز ئەينەكلىك يىلان ئاستا-ئاستا بېشىنى چىقىرىپ نەيدىن چىققان مۇڭ ئاۋازغا تەڭكەش قىلىپ تولغانغان پېتى لەرزان ئۇسۇلغا چۈشىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىر بۇ مەيداندا شۇنىڭدەك ئىشتىن بىرى يۈز بەردى...
مەن «زۇبى-زۇبى –زۇبى» نىڭ ئەڭ ھاياجانلىق ئەڭ شوخ قىسمىغا كەلگەندە ئىشخانىنىڭ بۇرجىكىدىكى ئامبارغا ئەكىرىش ئۇنتۇلۇپ قالغان كونا مەش تىرىقشىپ ئۇنىڭ ئېغىزلىقى ئۆزلىگىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كىلىپ قورققىنىمدىن ئارخاتقا قارىدىم، ساراڭ ئارخات بىر ماڭا بىر مەشكە قاراپ قۇيۇپ خىيالى ھالدا بېشىنى لىڭىشتىپ ناخشىنى داۋاملاشتۇرۇشىمغا ئىشارەت قىلدى، مەن ناخشامنى ئېيتىۋاتقاچ پۈتۈن زېھنىم بىلەن مەشنى كۆزەتتىم...
مەشنىڭ ئېغىزلىقى تەدرىجىي كۈتۈرۈلدى...ئېغىزلىقنىڭ ئاستىدا قاپقارا بىرچىراي...بۇ قاپقارا چىراينىڭ يۈزىدە ئاپئاق ئىككى چېكىت...كېيگەن كىيىملىرى پۈتۈنلەي قارا... خۇدايا توۋۋا...بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئالۋاستىنى كۆرۈشۈم ئىدى...
قارا كىيىملىك ئالۋاستى مەشتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ بەل ۋە كاسىسىنى تولغاپ ناخشامغا تەڭ جۈر بولۇپ ئۇسۇلىغا چۈشۈشكە باشلىدى...بۇ قارا ئالۋاستى بىزنىڭ مەشرەپلەردىكى بېشىدا چېنە-تەخسە كۆتۈرۋېلىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلىغا بەك ھەۋەس قىلسا كېرەك، بېشىدىكى مەشنىڭ تۆمۈر ئېغىزلىقى كاسسىنى ھەرقانچە تولغىسىمۇ چۈشۈپ كەتمەي تۇراتتى...
مەن ئىچىمدە«بۇ ساراڭنىڭ ئابايامقى ئالدىن بىلەر كارامىتى ئەسلىدە مۇشۇ جىن-شاياتۇنلىرىدىن كەپتىكەن-دە!» دىگەننى ئويلاپ قورققىنىمدىن ئارخات تەرەپكە يېقىنراق تۇرۇپ ناخشىنى جان-جەھلىم بىلەن تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلاپ ئۇقۇشقا باشلىدىم، ئۇسسۇلچى ئالۋاستى پۇتىنى مەشنىڭ ئىچىدىن چىقارماي تۇرۇپ بەل ۋە كاسىسى بىلەن ماڭا يېقىندىن ماسلىشىۋاتاتتى، بىر چاغدا بۇ قارا ئالۋاستى ئىككى پىشىنى ئالدىغا چىگىپ كىندىكىنى ئۇچۇق قۇيۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، قارىسام ئۇچۇق قالغان كىندىك قىسمى ئاپئاق كۆرۈنمەسمۇ، مەن بىر ئىشتىن گۇمان قىلىپ دەرھال ئۇنىڭ قارا كىيىمىگە زەن سالدىم، تۈگمىسى ماڭا شۇنداق تونۇش... ئاھ خۇدا بۇ مىنىڭ ھېلىقى خىزمەتداش بۇرادىرىم شۇ ئەمەسمۇ؟
كۈزۈمگە ياش كىلىپ يۈرۈگۈم يېرىلغۇدەك خوش بولدۇم، چىرايىمغا قان يۈگۈرۈپ كۆڭلۈم بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى...
«ھەي بىچارە بايقۇش! ساڭا ئۇسۇل ئويناشنى كىم قۇيۇپتۇ ، بۇنداق چاغدا ئەرەب ئۇسۇلى ئوينايمەن دەپ يۈرگىچە مەھەللەڭدە يالغۇز قالغان بىچارە ئاناڭنىڭ ئوچۇقىغا ئوت قالاپ يۈرسەڭ بولمامدۇ، ھەي ئسىت، ھەي ئىسىت، ئەجەل سىنى ئاخىرى بۇ يەرگە سۆرەپ ئەكەپتۇ-دە!ئەمدى بۇنى مەندىن كۆرمە...»
ناخشىنى ئېيتقاچ بېشىمنى كۈتۈرۈپ ئارخاتقا قاراپ تامنىڭ بۇرجىكىدىكى مەشنى ئىشارەت قىلىشقا باشلىدىم.
ئارخات ئىككىمىزنىڭ ناخشا-ئۇسۇلىدىن ھوزۇرلىنىپ غىڭشىغىنىچە ناھايىتى خۇشال ئولتۇراتتى، مەن ناخشا ئېيتقاچ ئىما-ئىشارەتنى كۈچەيتىۋاتاتتىم، ئۇ مىنىڭ قىلغان كۆز ئىشارىتىمنى ئۇقالماي جىلە بولۇپ پالتىنى ماڭا چەنلەپ توۋلىدى:
- ناخشىنى توختاتما، ھېلى بىكار!...
مەن مەقسىتىمنى ناخشامغا قىستۇرۇپ بايان ئەيلىدىم:
زۇبى-زۇبى-زۇبى... ئوۋ... زۇبى-زۇبى-زۇبى...
مەشنىڭ ئىچىدىكى... ئاۋۇ...زۇبى-زۇبى-زۇبى...
ساراڭ ناخشامنى پەقەت چۈشەنمەيۋاتاتتى.
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... ئۇسسۇلچىغا قاراڭ...زۇبى-زۇبى-زۇبى...
زۇبى-زۇبى-زۇبى...چانايتقىنى ئاشۇ شۇ... زۇبى-زۇبى-زۇبى...
مەن ناخشىنى توختاتماستىن پۇتۇمنى ئۇدارغا كىلىشتۈرۈپ ھېلى ئالدىغا-ھېلى كەينىگە يۆتكەپ مەقسىتىمنى چۈشىنەلمىگەن ساراڭ ئارخاتقا پۈتۈن بەدىنىم بىلەن ئىشارەت قىلىشقا باشلىدىم.
- سەن ھەزىلەكما؟
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... ياق،ياق... زۇبى-زۇبى-زۇبى...
- ئەمىسە نېمانداق قاش-كۆزۈڭنى ئوينىتىپ يۈرىسەن ماڭا؟
- زۇبى-زۇبى-زۇبى... شېرىكىم ئاشۇ شۇ... زۇبى-زۇبى...
ئۇسۇلغا چۈشكەن زەڭگى... دەل مىنىڭ شېرىكىم زۇبى-زۇبى...
مەن ناخشا ئېيتقاچ قۇلۇمدىكى گىتارنىڭ دەستىسىنى بۇرجەكتىكى زەڭگى ئۇسسۇلچىغا چىنەشكە باشلىدىم.
مىس باش ئارخات ئىشارىتىمنى ئاخىرى چۈشەندى، بۇ قېتىم ئۇ پالتىنى بېشىدىن ئېگىز كۈتۈرۈپ مەشنىڭ يېنىغا يۇپۇرۇلۇپ بېرىپ ئۇسسۇلچىنىڭ بېشىنى چەنلىدى. ئاڭغىچە ناخشا دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ «ئەرەب قىزى» نى ئويناۋاتقان بۇرادىرىم كۆزىنى «لاپپىدە» ئېچىپ خۇددى ئالدىن بىلەر موللا تاپقاقتەك «ئاللاخۇ ئەكىبەي!ئاللاخۇ ئەكىبەي!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىغىنىچە يەنە مەشنىڭ ئىچىدىن قانداق چىققان بولسا مەشنىڭ ئىچىگە شۇ پېتى كىرىپ كەتتى. ھەتتا مەشنىڭ تۆمۈر ئېغىزلىقىمۇ شۇنداق جايىغا چۈشۈپ يېپىلدى.
«ماۋۇ كارامەتنى...بۇ كاساپەت جەينىكىمدەك كىچىك مەشكە قانداق پاتقاندۇ دېسەم ئەسلىدە مۇنداق تۈگۈلەلەيدىغان ھۆنىرىمۇ باركىنا بۇنىڭ؟ قاچانلاردا ئىمان ئېيتقان بولغىيتتى بۇ گۇي، پالتا جازاسى يەنە ئەمدى مىنىڭ بېشىمغا كىلەرمۇ-يا؟» كۈزۈمگە قايتىدىن ياش ئېلىپ دەرھال گىتارنى تاشلاپ ناخشىنى توختاتتىم.
- بۇنىڭ ئىچىدىكىسى مۇسۇلمانمۇ؟،- ۋارقىرىدى ئارخات غەزەپ بىلەن ماڭا مەشنى كۆرسىتىپ.
- ئىسمى ھەم تەكبىردىن قارىغاندا... مۇسۇلمان ئوخشايدۇ غوجى ئاكا!،-دېدىم يەردىن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي ھاسىرىغىنىمچە تەمتىرەپ.
- ئەستەخپۇرۇللاھ...چۈشتە نېمە يېگەن سەن خەق؟
- مانتا يېگەن ئاكا!
- نېمە مانتىسى؟
- گۆشنىڭ ئاكا!
- ئەمىسە بۇ يەر كۈدە بۇراپ كەتتىغۇ؟،- دېدى ئارخات بۇرنىنى بىر قۇلى بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.
- بۇرادىرىم كۈدە مانتىسى يىگەندەك قىلىۋىدى!
- ئەستەخپۇرۇللاھ ،-دېدى ئارخات ئۆلگۈدەك ۋارقىراپ،- مانىڭغا ئېيت! بىردەم شاتىراقلىماي تۇرسۇن، مەن كۈدىگە ئۈچ!
- ئاكا بىز...
- خۇدا ھەققى مانىڭغا ئېيت، ئەمدى چىقارمىسۇن دەيمەن! بولمىسا كۆتىگە ماۋۇ پالتىنىڭ سېپىنى تىقىۋېتىمەن!
- ماقۇل...ماقۇل! مەن دەي...
- مەشنىڭ يېنىغا كەل!
مەن ئۆمىلىگىنىمچە كونا مەشنىڭ يېنىغا كىلىپ ئارخاتقا تەلمۈرۈپ قارىدىم. ئارخات يېڭى بىلەن بۇرنىنى چىڭ ئىتىپ تۇرۇپ يەنە ۋارقىرىدى:
- ماۋۇ چىچقاق خۇتۇننىڭ بالىسىغا ساۋاق بەر!
- مەن...مەن...،- دەپ كېكەچلەشكە باشلىدىم نېمىدىن ساۋاق بېرىشىمنى بىلەلمەي.
ئارخات پالتىنى كۆتۈرگىنىچە مىنى چېپىشقا تەييار بولۇپ بۇيرۇق قىلدى:
- ئۆگەتمەي ئولتۇرىسەنغۇ ھەي تاپى! مەن ئالدىرايمەن!...
- ۋاي مەن ئۆگىتەي...مەن ئۆگىتەي... مىنى ئۆلتۈرمە ئاكا!،-مەن ھۆكىرەپ يىغلىغىنىمچە يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.
- ئەمىسە ئۆگەت!
- نېمىنى ئۈگىتىمەن جېنىم ئاكا؟
- ئاللا بىر ، مۇھەممەد ئاللانىڭ ئەلچىسى دىگەننى!
- ماقۇل ئاكا ماقۇل!
«قول ئالدىغا ئىگىلىدىغۇ، ئەمدى بۇ گۇيغا تەۋھىدنى ئۇيغۇرچە ئۆگەتسەم توغرا دەپ سېلىپ پالتا نۆۋىتىنى ماڭا ئۆتىنىپ بەرمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى دېيىش قېيىنراقىنى ئۆگىتەيچۇ!» مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ مەشكە قاراپ ئۈنلۈك ھەم تىز ئۇقۇشقا باشلىدىم:
- لا ئىلاھە ئىللەللەھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ!
مەشنىڭ ئىچىدىن شاتۇتىنىڭ ئاۋازىدەك ناھايىتى ئۈنلۈك ھەم جاراڭلىق بىر ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى:
- لا ئىلاھە ئىللەللەھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ!
«ئوھ ...ماۋۇ ئىشنى... ئۇنىڭ ھازىرقى تەلەپپۇزى مىنىڭكىدىنمۇ ئۆلچەملىك چىقىۋاتىدۇ-يا... ئادەتتە ئۇيغۇرچە گەپنى چۈشەنمەيدىغان، قىلالمايدىغان بىر ئادەم ئىدى، تۇرۇپلا ئەرەبچىگە شۇنداق كەلدىيا بۇنىڭ تىلى! كاساپەتنىڭ دادىسى داموللا بولغىيتتىمۇ-يا؟»
بېشىمدا كۈزىنى پارقىرتىپ تۇرغان ساراڭ ئارخات مەشنىڭ ئىچىدىن چىققان جاۋابتىن رازى بولۇپ بېشىنى لىڭىشىتتى ئاندىن ماڭا يەنە بۇيرۇق قىلدى:
- توختىماي مىڭ مەرتىبە ئۆگەت!
- ماقۇل غوجى ئاكا...
- يەنە بىر گەپ!
- لەببەي ئاكا...
- كىلەر قېتىم كۈدە مانتىسى يېيىشمە!
- ماقۇل ئاكا، ئەمدى ھەرگىز كۈدە مانتىسى يېمەيمىز...
- ئەمدى كۈدە مانتىسى يېيشسەڭ قانداق قىلىدىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟
- بىلىمىز ئاكا...
- كۆتۈڭگە ماۋۇ پالتىنىڭ سېپىنى تىقىپ ئاغىزىڭدىن سۇغۇرۇپ ئالىمەن!
- شۇنداق ئاكا...
- بېشىڭدا قاراپ تۇرىمەن، مىڭدىن بىرسى كام بولۇپ قالسا كاللاڭنى ئالىمەن!
- چاتاق يوق ئاكا...
- ئەمىسە كۈزۈڭنى يۇمۇپ ساۋاقنى باشلا!
- ماقۇل ئاكا...
مەن بارمىقىمنى چىقىرىپ ساناپ تۇرۇپ كۈزۈمدىن دەريادەك ياش ئاققۇزغىنىمچە بايامقى كەلىمىنى بىرمۇ-بىر ئۇقۇشقا باشلىدىم، مەشنىڭ ئىچىدىن چىققان يىغا ئارىلاش ھەسرەتلىك ئاۋازمۇ مىنىڭ ئاۋازىمغا ئەگىشىپ ۋاقتى- ۋاقتىدا چىقىۋاتاتتى.
ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن تۇيۇقسىز باشلىقنىڭ بېشىمدا ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، كۆزۈمنى ئېچىپ كەينىمگە قارىسام ئارخاتنىڭ ئورنىدا باشلىقىم غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ بۇرنىنى قوش قوللاپ تۇتقىنىچە ماڭا ئالىيىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ئۇسۇلچى قېرىندىشىم بىلەن ئىككىمىز «خەلق ساقچىسىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەن ، ساقچىلىق سالاھىيىتى يوق، مۇناپىق-خائىنلار!» دېگەن گۇناھ بىلەن شەھەرگە جىددى يالاپ يۆتكىلىنىپ ئايرىم تەكشۈرۈش ئۈيىگە سولاندۇق. بۇ جاھانغا نېمەبولۇپ كەتتى-تاڭ، بىز سۇراققا تارتىلىپ ئاق-قارا ئايدىڭ بولۇپ بولغىچە باشلىقىمىز بولغان پارىخور ئەبلەخنىڭ قۇلىغا كويزا چۈشۈپ بىزدىن بۇرۇن قاماقخانىغا كىرىپ موما يەپ يېتىپ بۇپتۇ. شۇنداق پارتىيىمىز ئەزەلدىنلا ئادالەتلىك، خەلقپەرۋەر پارتىيە ئىدى، دېمەك مۇشۇ مەزگىلدە تەشكىل ئادالەت قىلىچى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ھەددىدىن ئاشقان پارىخور-چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ كۆتىگە تۈگمە قادىغىلى تۇرۇپتىكەن،بىزمۇ تازا ئىتتىك بازاغا ئۈلگۈرۈپتىمىز...
«بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دىگەندەك مىنىڭ بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىكى خۇپىيانە قىلغان قىلمىش-ئەتمىشلىرىم ئارقا-ئارقىدىن پاش بۇلۇشقا باشلىدى، بارلىق يېگەن نەخ پۇل-زاڭ ماللىرىمنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇردۇم. مەن تاش سانىسام پارتىيە-ھۆكۈمەت قۇم سانايدىكەن،تەشكىل ئارغامچىنى بىر يېغىش بىلەن يېگەن-ئىچكەنلىرىم توخۇ-كەپتەرگىچە قۇڭامدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتى، يېگەن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى-ئاق، سېرىقىنى-سېرىق چىقىرىشقا مەجبۇرى بولدۇم. ماڭا ئۇنى-بۇنى بىرىپ ئىشلىرىنى قىلدۇرۇۋالغان ھېلىقى تېگى پەسلەرنىڭ ھەممىسى بېشىمغا كۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ مىنى بىر-بىرلەپ پاش قىلدى، ھەتتا ماڭا ئېلىپ بەرگەن بىر تال تەرخەمەكتىن باشلاپ بىر تال مۇز كالتىكىگىچە چالا قويمىدى...ئاچىمىز ھېلىقى نۇرى قىمارۋازنى توغرا دەپتىكەن «ئوغرى بولسىمۇ پەيزى بار نېمىكەن»دەپ. پەقەت ئەشۇ نۇرى دېگەن يالاڭتۆشلا يەتتە مىڭ يۈەننىڭ ئىس-بۇسىنى چىقارمىدى، بولمىسا ئىشىم تېخىمۇ چاتاقتى، شۇنداقتىمۇ ئانام مىنى ئوغۇل دەپ تۇغۇپتىكەن، ھەممىگە ئىقرا بولۇپ ھەممىنى ئۆز بوينۇمغا ئالدىم...
ئالغان پارىلىرىم بەك جىق بولمىغاچقا تەشكىل ئىلگىرىكى تۆھپەم ۋە ھازىرقى«چېرىكلەرنى تازىلاش» ھەركىتىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ ماڭا يەنەبىر قېتىم چىقىش يولى بەردى- پارتىيىلىكتىن چىقىرىلىپ خىزمەتتىن ھەيدىلىش بىلەن بىرگە ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا شەرەپ بىلەن بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدىم.
كېيىن ئاڭلىسام مىنىڭ ئۇ بىچارە ھەمساۋاق رەققاس ئىنىم شۇ ئىشتىن كېيىن ئېلىشىپ قېلىپ كىمنى كۆرسە چاس بىرىپ سالام قىلىدىغان، ئارقىدىنلا «ئاللاھۇ ئەكبەر!ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلىغىنىچە ھىجىيىپ تۇرىدىغان بولۇپ قاپتىمىش، تەشكىل ئۇنى ھېلىھەم يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا زېرىكمەي داۋالىۋېتىپتۇدەك.

1997-يىل قاراقاش.
(داۋامى بار)

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18751
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 08:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   doppeqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 08:53  

تىمغا مۇناسۋەتىسىز بولسىمۇ بۇ ئادىرىستىكى ئىنكاسلارنى كۆرپ بىقىڭلار... بۇ راس ۋەقەمۇ؟
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=19955


تىماغا كەلسەك  تىما بەك ئۇزۇنكەن ، ئالدىرماي ئوقۇ چۈشۈنۈپ ئاندىن ئىنكاس يازاي

0

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9553
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 153
تۆھپە : 171
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 09:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋۋىتى توشاققۇ ...ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق ھىكايىلەرنى ئوقۇپ باقمىغىلى...

2

تېما

7

دوست

578

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17077
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 10:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، كۆپۈنچىڭلار بەلكىم بۇ چاتما ھېكايىلەرنى ئۇقۇپ بولغان بۇلىشىڭلار مۇمكىن، لېكىن يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ «بۇ توختى پوكان  سەرلەۋھلىك ھېكايىلەرنى  باغداش قىمۇ بەرگىن!» دىگەن پىكىرىگە ئاساسەن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم، گەرچە بۇ ھېكايىلەر ئۆلچەملىك «ھېكايە» لەرنىڭ شەرتىگە چۈشمىسىمۇ لېكىن سىلەرگە سۇنغۇم كەلدى، مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى تاشلىغايسىزلەر!
كامالىي ھۆرمەت بىلەن: شەيخىم

0

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9553
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 153
تۆھپە : 171
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 10:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېكرېتار كۆزلىرىنى پىلدارلاتقىنىچە ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى، مەن ئاخىرى بۇلالماي سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ سالدىم:
- جېنىم ساۋۇت ئاكا، ماڭا بىر ئىچىڭ ئاغرىسۇن!،-دېدىم ھۆركىرەپ يىغلىغىنىمچە،- ماڭا نەچچە كۈن بولدى، شۇ خالىجايدا تام قوغدايمەن دەپ پوق بۇراپ ياتقىلى، ئەمدى قۇپۇپ بۇ غالتەكنى دەپ كۈنلىكى بايراق خادىسى ئاستىدا ئەشۇ ئىت بىلەن بىرگە ياتىمەن....ئېيتقىنا ئاكا ماڭا نېمە كۈن بۇ، مەن تۈزۈك بىر سىيىپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بولسا، سەنمۇ كۆردۈڭ ئۇ ئىتمۇ ياكى توپاقمۇ؟ جاھاندا بونداقمۇ چوڭ ئىت بۇلامدۇ؟ مەن سەندىن خوش بۇلاي ئاكا، ئۇنداق قىلماي غالتەكنى بەرگىن...
ساۋۇت ساراڭ مىنىڭ يىغامنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئاچچىقلاندى:
- ئاناڭ بولغان ساراڭ جادى، دادامنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ بىرسى، تولا ۋالاقلىماي كۆزۈمدىن يوقال!
-----------------------------
ئەمما ما يەرلىرى دىيارىمىزدا ئازراقلا ئىش چىقسا ‹‹ ئىت›› نىڭ كۈنىنى كۆرىدىغان يەرلىرىمىزگە نەق كەپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )