- تىزىملاتقان
- 2013-4-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 341
- نادىر
- 0
- يازما
- 22
ئۆسۈش
70.5%
|
‹ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى› دىگەن ئۇقۇمنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە قۇيۇق چۈشىنىۋالدىڭلار بۇنىسى ماڭا نامەلۇم! ئەمما، ھەمكارلىق دىگەن كەڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئۆز -ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى بولغان-سىياسىي-ھەربىي جەھەتتە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. بەزىلىرى نىسپەتەن ئۇمۇميۈزلىك بولغان ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، يەنە بەزىلىرى مەلۈم مەزگىللىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىدۇ...دەپ كەلسەك ئىقتىساد يەرشارىلاشقان، دۆلەت، رايۇنلار ئارىسىدا سودا-ئالاقە كۈچىيىپ، سۈرئىتى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تىز بولغان ئەھۋالدا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا زىددىيەت بۇلۇش بىلەن بىرگە بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقمۇ بۇلىدۇ. ئەگەر ھەمكارلاشماي تەتۇرلۈك قىلىۋالسا قانداق بۇلىدۇ؟ كۇبا، شىمالىي كورىيىلەردەك كۈن ئۆتكۈزىدۇ شۇ...ئەمما، جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تىز ئېشىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا سوممىسىمۇ يىلسىرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. چىگرا زىددىيىتىنىڭ تىمپىراتورىسىنى نورمال ساقلىغان ئاساستا ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە گۈللىنىشنى بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ قايسىسى خالىمايدۇ؟ ھازىرقى ئەلباشلار تىنچلىق ئۈچۈن 1000ئېغىز شۇئار توۋلىسا ئۇرۇش ئۇچۇن بىر ئېغىز غودۇڭشىيدۇ ياكى جىم تۇرىدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ شۇ دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. بىزدە دۈشمىنىڭنىڭ بىرتال تۈكى بولسىمۇ يۇل دەيدىغان ھىكمەت بار. مەسىلە شۇ تۈكنى زامانغا مۇناسىپ ئۇسۇلدا يۇلۇش.
ئەلۋەتتە، جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش بوشلۇقى ناھايىتى تار، ھەم بۇ بوشلۇق يىلسىرى كىچىكلەۋاتىدۇ. ئەمما، قىسمەن دائىرىدە ھەمكارلىشىشنى پايدىلىق دەپ قارايدۇ. مەسىلەن؛ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلغان BRICS باشلىقلىرى يېغىنىدا بەش دۆلەت بىرلىكتە 100مىليارد دوللارلىق مەبلەغ زاپىسىغا ئىگە بىر فوند قۇرۇشنى كىلىشتى. قارايدىغان بولساق بۇ بەش دۆلەت- برازىلىيە، روسىيە، ھىندىستان، جۇڭگۇ ۋە جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيادىكى ئىقتىسادى يۇقىرى ئېشىش ھالىتىدە تۇرىۋاتقان، بايلىقى ئەتلىنىۋاتقان دۆلەت. يەنى ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلارنىڭ كۆزىگە ئوت كۆرۈنىۋاتقان ئولجىلار...بۇدۆلەتلەر تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن بۇران-چاپقۇندا نەچچە يىل توپلىغان بايلىقىنىڭ ئۇچۇپ كەتمەسلىكى، قىيىنچىلىقتا قالغاندا باش سىلىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتى. مانا بۇمۇ بىر ھەمكارلىق.
|
|