قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3810|ئىنكاس: 33

چەكلەنمىگەن پاراڭلار (Boss)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

321

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17227
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، قىرىنداشلار! بۈگۈن سىلەرگە بىرقانچە خەلىقئارالىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلماقچى، دىققىتىڭىزنى بەرگەيسىز!
1) يېقىنقى بىر-ئىككى ھەپتە ماباينىدە ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇنىڭ چىگرا مەسىلىسى قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالدى. ھىندىستان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە  تەخمىنەن بىر ئىزۋوت (30-50) كۆلەمدىكى جۇڭگۇ ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي كونتىرول دائىرىسىدىن ھىندىستان تەۋەلىكىگە 10كىلومىتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ چىدىر تىكىپ ئۇرۇنلاشقان. ئەمما، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ھىندىستان كونتىروللۇقىدىكى رايۇنغا كىرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. مەنچە بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىككى نوقتىدىن چۈشىنىش مۇمكىن؛
بىرىنچى؛ ھىندىستان ئارمىيىسى <ئۇيۇن> ئوينىماقچى. قانداق ئۇيۇن؟ 2012-يىلى ھىندسىتان مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىدىغان خىراجەت تەمىناتىنى %5 ئازايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ پىلان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ فرانسىيىدىن 126دانە كۆرەشچى ئايرۇپىلان، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ 197دانە يىنىك تىپتىكى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سېتىۋىلىش توختامىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە مەزكۇر جابدۇقلارنىڭ ئارمىيىگە سەپلىنىش سانى جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلمىدى دىگەندىمۇ سەپلىنىش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلىشىگە سەۋەپچى بۇلىدىغان بۇلۇپ، بۇ ئىنىقلا ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگۇ ۋە پاكىستان ئارمىيىلىرى بىلەن بولغان قۇرال-جابدۇقنىڭ ئىلغارلىقى جەھەتتىكى پەرقنى چۇڭايتىۋىتىشى مۇمكىن.شۇنداقلا  ھىندسىتان ئارمىيىسىنىڭ بېسىمىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ.  شىۋىتسىيە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە ھىندىستاننىڭ ھەربىي خىراجىتى %3.9 تۈۋەنلىگەن.
ئەمما، 2005-يىلىدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى شىددەت بىلەن ئاشتى.  ئوخشاش چىقىمنىڭ ئېشىشى جەھەتتە جۇڭگۇ 10يىلدا بىرقاتلىغان بولسا ھىندىستاننىڭ 2-3يىلدا بىر قاتلىشىدەك سەۋىيە كۆرۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىنىڭ %5دىن ئېشىپ كەتتى. بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئىزچىل ئېشىپ بېرىشىغا قارىتا بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمنى ئازايتىپ جەمئىيەت پاراۋانلىقى خىراجىتىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندى. بۇ مۇقەررەر <قۇدرەتلىك ئارمىيە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى >دەپ قارايدىغان ھىندىستان گىنىراللىرىنىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ. بەزى ھەربىي ئەمەلدارلار؛ ئارمىيىنىڭ چىقىمىنى ئازايتىش جۇڭگۇنىڭ تەھدىتىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.
مەنچە ھىندىستان شۇنداق بىر ئۇيۇننى ئويناپ جۇڭگۇ تەھدىتىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئازايتىشىنى تۇسۇپ قالماقچى.
ئىككىنچىدىن؛ جۇڭگۇ ھە قىقەتەن قۇلاقنى يۇپۇرۇپ قوڭغۇراق چېلىش تاكتىكىسىنى سىناپ باقماقچى بولغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما،مەنچە بۇخىل ئىھتىماللىق ئالدىنقى سەۋەپ بىلەن سېلىشتۇرغاندا نىسپەتەن كىچىك. نىمىشقا دىگەندە؛ 3-ئاينىڭ ئاخىرىBRICSدۆلەت باشلىقلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئۇچرىرىشىدا ھىندسىتان باش مىنىستىرى شىجىنپىڭغا؛ ھىندىستاننىڭ باشقا دۆلەتلەر جۇڭگۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىشتىكى قۇرالى بۇلۇپ قالمايدىغانلىقىنى، جۇڭگۇ بىلەن ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بۇ تەكلىپنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك چىگرا ماجراسى بار جۇڭگۇنى ئۇنداق ئاسان ئىشەندۈرەلىشى ناتايىن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يىڭى دىھلىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئېغىر-بېسىقلىقىنى، ئۇچۇقراقى تاقىتىنىڭ چېكىنى بىلىپ بېقىشى، ھىندسىتان بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ دائىرىسىنى ئانالىز قىلىپ چىقىشى كىرەك.  مەنچە بۇ بىر ئىزۋوت ئەسكەر قۇماندانلىق شىتابى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ ئىزىپ كەتكەن بۇلۇپ چىقىشى ياكى يېپىق قازان يېپىق پېتى يېغىشتۇرۇلۇپ چىدىرلىرىنى يۈدۈپ غايىپ بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، بېيجىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەكلىپكە جاۋاپ قايتۇرۇشقا كىرەكلىك مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ.

2)ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى فرانسىيە-ئەنگلىيىنىڭ پاراشوتچى قىسىملىرى فرانسىيىدە <بىرلەشكەن ئەزىمەتلەر> نامىدا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزگەن. گەرچە بۇ ئادەتتىكى بىر ھەربىي مانىۋىر بولسىمۇ ئەمما، ئەھمىيىتى خېلى زور دىيىشكە بۇلىدۇ. ھەممەيلەنگە ئايانكى بۇ ئىككى دۆلەت ناتۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ بىرى. ھازىر ياۋرۇپا ئىقتىسادى كىرزىسى ئېغىرلىشىپ ناتۇغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي چىقىملىرىنى ئازايتىش ياكى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزمەسلىك ئەھۋالى كۆرىلىۋاتىدۇ. بۇ تەبىئىيلا ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيلىرىنىڭ قۇرال-جابدۇق، مەشىق قاتارلىق ئەسلىھە، تەلىم-تەربىيە قۇرۇلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنچە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھەربىي خىراجەتنى ئازايتقان شارائىتتا ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئارمىيىدە كۆرۈلگەن يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى. ئۇندىن باشقا مۇھىم سەۋەپنىڭ بىرى- ھازىر ياۋرۇپانىڭ تەھدىت مەنبەسى روسىيىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن باشقا قىتئەدىن كىلىدۇ،شۇنداقلا ئۇرۇش قىلىش مەيدانىمۇ ئىزچىل يىراق نىشانلارغا سۈرىلىۋاتىدۇ. بۇخىل ۋەزىيەتتە ياۋرۇپا، بۇلۇپمۇ غەربىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ يىراق مۇساپىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەھدىتكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ئەۋزەللىك ئورنىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ.

3) بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا جۇڭگۇ بىرلا ۋاقىتتا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىگە زىيارەت تەكلىنىپ نامىسى ئەۋەتكەن. گەرچە بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرلىكتە جۇڭگۇغا كىلىپ ئوخشاش ۋاقىتتا زىيارەتتە بۇلۇش ئىھتىماللىقى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ جۇڭگۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى يىڭى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى. قانداق دىگەندە؛ بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق ئىزچىل ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش قاينىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىرقانچە مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ تەختتىن چۈشىشى بىلەن سىياسىي بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى بوشلۇق كىچىكلەپ ۋەزىيەت مۇقۇملىشىشقا يۈزلەندى. بەلكىم، سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسى ئاندىن كۆرىنەرلىك بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇخىل تىنچلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى زىددىيەتنىڭ پەسىيىشى بولماي بەلكى ئاغدۇرىلىشى بۇلىشى كۇمكىن. يەنى ئەرەب دۆلەتلىرى ئاساسىدا بىرلىك گەۋدىلىنىپ زىددىيەت ئىران بىلەن ئىسرائىلىيىگە مەركەزلىشىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ئىنىرگىيە تەمىناتى ۋە سودا ساھاسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇدىغان جۇڭگۇغا نىسپەتەن ، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى-كۈچىگە ھەرقانداق ۋاقىتتا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. پەلەستىن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قىرىندىشى، ئىسرائىلىيە بولسا جۇڭگۇنىڭ ھەربىي ۋە سودا ساھەسىدە خېلى مۇھىم ئۇرۇنغا ئىگە دۆلەت. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا جۇڭگۇنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتكە ئەھمىيەت بىرىشى ئوتتۇرا شەرقتە ئىستىراتىگىيىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى.

مەنزىل-كەمىنە.

0

تېما

0

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18778
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەلدىن شۇنداق بۇ دۆلىتىمىز ،بىر ئىش بولسىلا تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىمىز دەيدۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئۈلۈم ھەقىقىتىنى ئۇنۇتماڭ!

0

تېما

0

دوست

688

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18211
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tivip يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 18:53
ئەزەلدىن شۇنداق بۇ دۆلىتىمىز ،بىر ئىش بولسىلا تېنچ يول ...

توغرا دەيسىز! تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلمىسا، بىز مۇنبەرئالدىدا كوتولداپ ئولتۇرالامتۇق.

باھا سۆز

sutapanqisi  بولاپتۇ،،،،  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

9

تېما

0

دوست

2798

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14411
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 335
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا دوۋلىتىمىز دانا ، باشقا دوۋلەتلەر تىنىچلىق نامى بىلەن ھىلە مىكىر ئىشلىتىپ ھەل قىلدۇ ئەمەسمۇ ؟

0

تېما

3

دوست

7037

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1986
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىلەمىكىرگە تولغان دۇنيادا
ئاللاھ ئۆزپاناھىدا ساقلىسۇن

0

تېما

0

دوست

152

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18778
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kugulhan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 19:17
توغرا دەيسىز! تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلمىسا، بىز مۇنبەر ...

كىم بىلىدۇ ،ماراپ ئولتغانلار بارمۇ تېخى

باھا سۆز

isyankarman  راستىنلار ماراپ چىشلەيدىغانلار بار.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:19
bal  توغرا دەيسىز! ماراپ ئولتغانلار بار  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

130

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17867
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن توغرا ئانالىز قىپسىز،ئەمما مەنچە ئامىرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىش،قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىدىن باشقا ھەممىسى بىكار،مۇنداقچە ئېيتقاندا جوڭگونى چورتلا يالغۇز قالدۇرۇش،ھىندىستان ھۆكىمىتى تەكىتلەۋاتقان جۇڭگو بىلەن ئىستىراتىگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارزۇسىنى،ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا جوڭگو بىلەن ياقا تۇتىشىۋاتقان ياپونىيەمۇ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيۋاتىدۇ،بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت،ياكى سىياسىيونلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ-سۆزلەر بىلەن،ئەمەلىي ھەركىتى ئەزەلدىن ئوخشاش بولۇپ باققان ئەمەس، شۇنىڭغا قارىغاندا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى سەل تىنجىپ،ئاسىيانىڭ داۋالغۇيدىغان ۋاقتىغىمۇ ئازلا قالغان ئوخشايدۇ.

باھا سۆز

samawar  دانا .....  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:50

alkANAT

0

تېما

4

دوست

1756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 141
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 20:45  

تەھلىلىڭىزگە ئاساسەن قوشۇلىمەن. ھىندىستان ھەربى خىراجىتىنى قانچە ئاشۇرسىمۇ مېنىڭچە ھەرگىز بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتمايدۇ. جۇڭگو مەيلى قايسى دۆلەت بىلەن ئۇرۇش تەھدىتى شەكىللەندۈرسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يەنە ئۇندىن باشقا ئىقتىسادى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان رۇسىيەنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. رۇسلار شەكىلدە جۇڭگو بىلەن يېقىندەك تۇرغان بىلەن قورال سېتىپ بېرىشتە جۇڭگوغا قارىغاندا ھندىستانغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ.

باھا سۆز

jangqi19  شۇنداق ،،ئاۋياماتكا ،ۋە ھەرخىل تىپتىكى كۆرەشچى ئايرۇپىلانلار دىگەندەك  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:14

0

تېما

0

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18736
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغزىدا كۈلكە چاخچاق، قويىنىدا پالتا پىچاق.

تۈمەن ئۆركىشى

4

تېما

16

دوست

9826

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   96.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1640
تۆھپە : 1846
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-6 13:04 , Processed in 0.061881 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش