بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-4 04:37
خوراپاتلىقلىرىمىز ، خاتالىقلىرمىز ۋە گاڭگىراشقا تولغان مەدەنىيتىمىز
مۇھەممەد ئەلى
مەن ئەسلى بىرنەرسە دېمەي دېگەن ئىدىم، بىراق ئادالەت بىلەن خوراپات سەل ئارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجداتلىرىمىز، «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر!» دەپ بىكار ئېيتمىغانكەن.
قاسىم سىددىق مۇئەللىمنىڭ بىرتورداش (كەڭسايدا)يوللىغان « ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى » تېمىسىدىكى يازمىسىغا بەرگەن باھاسى ناھايىتى ئورۇنلۇق بىلىندى، ناخشا مۇزىكىنڭ ھالال ھاراملىقى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرە قىززىپ كەتتى،بۇ كىشىنى سەل ئويغا سالىدۇ. قاسىم سىددىق مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز، ئۇنىڭ «شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى پەرىزى ئۇقۇملار توغرىسىدا مۇنازىرلىشىۋاتقىلى ئاز كەم 2يىل بولدى، گەپ بىرباشقا چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن مەن ئۇ كىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تەبئىي پەن ئۇستىدە ئىزدىنىشنى زادىلا توختاتمىدى. ئۈچىنىچى بىركىم چىقىپ ھەقىقى فىزىكا نۇقتىسىدىن بۇ گەپكە ئارلىشىشقا جۇرئەت قىلالمىدى ياكى يۈزەلا ئارلىشىپ بولدى قىلدى. چۇنكى فىزىكا ئۇنداق پەتىۋا بىلەن پۇتىدىغان پەن ئەمەستى،كۈچلۇك نەزىريە ئاساسى ۋە تەجىرىبە پاكىتى بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى! مەن (قىسمەن لەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا) بىزدە تەبىئي پەننىڭ بارلىقىدىن گومانلاندىم، ئۇنۋېرستىت كىشىلىرى(ئاتالمىش فىروففىسورلىرىمىز) ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا، قايسى بىرچاغدا تەييارلىۋالغان لېكسىيەلىرىنى كۆزئەينىكىنى بۇرنىغا چۈشۇرۇپ قويۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ! سىنپلاردا «ئۈندېدار» ئاشىق ئاۋارە.
مەشھۇرلىرىمىزدىن جامالىددىن ئافغانى «ئاللاھ بىزگە ئىككى كىتاب بەردى بىرسى قۇرئان كەرىم يەنە بىرسى كەڭ تەبىئەت دۇنياسى» دەپ ناھايىتى توغرا سۈپەتلىگەن ئىدى، سىلەر بەلكىم ئۇلۇق ئالىم، نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتۇر ئابدۇسسالامنى بەك بىلمىساڭلەر كېرەك، ئۇ كىشى بىر ئۆمۇر قۇرئاننى يېنىدا ساقلاپ، بوشاشماي تىرىشىپ،سالام ئېففىكتىنى ئىختىرقىلىپ ئىسلام ئەللىرىنىڭ 1000يىللىق نۇمۇسىنى يۇيدى،ئۇنىڭ مەشھۇر« ئەرەپ ئىسلام ئەللىرنىڭ پەن تېخنىكا كۇچ قۇدرىتى»دېگەن ئەسىرىنى ئۇقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاۋۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئالىملىرنىڭ كىتاۋىغىلا ئېسىلىۋالماي، ما زامانىمىز ئاۋانگارتلىرىنى تونۇپ قويايلى، ئەسلى دىنىمىز بولسا پاك، مەزھەپسىز، شەرتلىرى ئىنتايىن ئاددى، چۈشۈنىشلىك بولغان مەرىپەت پەرۋەر ئېتقاد شەكلى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر تۇشمۇ -تۇشتىن پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىپ تىللاردا داستان بولغان نەمۇنىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. مىلادى 1000-يىللار ئىسلامنىڭ تازا گۇللەنگەن دەۋرى بولدى، باغدات خەلىپىلكى مەرىپەتچىلىك ھەركىتنى قانات يايدۇردى ، مەشھۇر مەكتەپ مەدرىسىلەر يامغۇردىن كېيىكى بامبۇك نوتىسىدەك جاي جايلاردا قەد كۆتۈردى،نۇرغۇ ئالىملار يېتىشىپ چىقتى، ئالگېبرا پېنىنىڭ كەشپىياتچىسى مۇھەممەد ئەل خارازىمىي (ھازىرقى ئوزبىكىستان تەۋەسىدە) دەل مەغرىپكە ئەرەب رەقىمىنى تونۇشتۇردى.يەنە نېمە دەي، شەرقى قۇمۇل شىڭشىڭشادىن غەرىبى ماۋرىتانىيەگىچە، شىمالى كاۋكاز تاغلىرىدىن جەنۇبى ھىندىستان دېھلىغىچە بولغان يەر شارىنىڭ ئاز كەم 3تىن1قىسمى بىر خەلىپە بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان ئىدى، مەھمۇد بوۋىمىزمۇ ئاشۇ مەرىپەتلىك يىللارنىڭ مەھسۇلى ئىدى ،ھارۇن رەشىد ناھايىتى بىلىملىك مەردانە زات بولۇپ ئەدلى ئادالەت بىلەن شەرىئەتنى يۇرگۇزگەن ئىدى. قاچانىكى مۇشۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن شەخسىيەتچى سوپىلار ئەۋىج ئالدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقىسى ئۆتمەس بولۇپ قالدى، نەدىكى بىر مەزھەپلەر ئوزئاراقىرغىن قىلىشىپ ئاۋام پۇخرا ئىستىغبار ھويلىسىغا بەند قىلىندى، غوجىلار ئەۋلادلىرى ھەققىدىكى كىتاپلار تۇرۇپتۇ مانا، پەيغەمبەر نامىنى سۇي ئىستىمال قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. بۇنىڭغا نېمە دېگۇلۇك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ 100مەشھۇرنىڭ بىرىنچىسى(ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئالدىنقىسى) ئىكەنلىگىدە شەك يوق، ئەگەرئۇ ھازىر ھايات بولۇپ مونۇ مەزھەپچىلىكلەرنى كۆرسە نىمەدەر ئىدى؟ئۇ ئاددى ساددا سويۇملۇك پەيغەمبىرىمىز خالاس،مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەيغەمبىرىمىز ئۇنداق تەپرىقىچى، قىلنى قىرىق يارىدىغان، قىلغىنىدن دىگىنى كوپ، ھېسياتنى ئەقىلنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدىغان كىشىلەرنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدۇ!
بەس، 1200-مىلادىدىن كېيىن قانداق بولدى ؟ !
«نىمىشقا پۇتىغا مەسىھ قىلسا ئاياقنىڭ چەمەگە قىلماي ئۇستىگەقىلىدۇ؟ قىرغىزنىڭ قالپىقىنى كىيىش مۇباھمۇ؟ قۇرئان مەخلۇقمۇ؟...»دېگەندەك نەدىكى بىمەنە سوئاللار بىلەن مەدرىسلەر خارابلاشتى، يەرلىك خاقانلار ئوز نەپسىگە كۆرە شەرىئەت پەيدا قىلىشتى. دىيارىمىزدا مادامىكى ئابدىقادىر داموللام «ئۇسسۇلى جەدىد جائىزدۇر» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ (يەرلىك موللىلارنىڭ زيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان) ، ئابدىخالىق ئۇيغۇر ئاچچىق نىدا قىلغان ...غا قەدەر خەلقىمىز كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە نادانلىقتاقالدى، 4 خانىلىق ساننى 4 ئەمەل بويىچە ھېساپلاش قىيىن بولدى،كوپچىلىك بەك بىلىدۇ مانا مۇشۇنداق بولدى! ئەمدى نېمە دەيمىز، نىسپىلىك نەزىريىسىنى كىم چۇشۇنىدۇ؟ئالدىڭىزدىكى خەت مۇشۇ ئىنكاس، سىم بىلەن ھاۋا بىلەن يەنە بىراۋنىڭ سىن ساندۇقىغا(ئېكرانىغا) قانداق شەكىلدە بارىدۇ؟ ئالما تېلىفونى قانداق رەڭدار، پېنسېللىن يامان مۇ ياكى قوۋزاق دارچىنمۇ، ئوكسىگېن بولمىسا جىددى كېسەلنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟ ئىنسۇلىن بولمىسا قەنت سىيگەنلەر قانداق قلىدۇ.....؟ئۇچرىغان بىرقىسىم ئادالەتسىزلىكلەرنى كورۇپ،ئىللەتنى ئۆزىمزىدىن ئىزدىمەي، سولچىللىق پاتقىقىغا پېتىۋالساق قانداق بولىدۇ؟! تورداشلار تېخى بىزنى 3 پىرقىغە بۆلۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ.مەنچە بىزدە سەزگۇرلۈك بەك ئېشىپ كەتتى، قاخشىغانغا ئىش پۈتەمدۇ؟ يىراقتىكى قانداقتۇر غۇۋا ئۇلۇق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، ئەتراپىمىزدىكى ئاددى ئەمەلىي ئىشتىن ئىككى- ئۈچنى قىلپ ، كىشىلەرگە ۋە ئوزىمىزگە پايدا يەتكۇزسەك، باشقىلارنىمۇ ئۆزىمىزنىمۇ سەرخۇش تۇرمۇش ئىزىغا سالالىسىق،بولدى! مۇشۇ بىزگە ئارام بەخىش بولىدۇ ، مۇشۇ كىچىىكىنىە مۇۋەپپەقىيتىمىز بىزگە ئىلھام بولىدۇ. بىرقىسىم بۇلۇتقا مۇش ئاتىدىغان نوچىلار روھى غالىبىيەتچىلەردۇر، «سۇيۇق ئاشنى ياراتماي، پولۇ ئاشنى تاپالماي ئوماچ ئىچكەن بارات بايلار» دۇر. تورغا قاراپ چۆچۈپ قالدىم، مۇنازىرە كوپ، بىر تور بېتىدە مۇزىكىنى قەتئىي ھارامغا چىقىرىپ، 12مۇقام،نورۇز،مەشرەپ،دوپپا ئۆرىمە چاچلار ...ئەيتاۋۇر بىرقىسىم مىللى مەدەنىيتىمىز ئىتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەرزىمەس نەرسىە قاتارىغا چىقىرىلىپتۇ.ئۇلار ئىجتىھاتتا بەك يىراقلاپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇقام تېكىستلىرىنىڭ كۆپى ئۇلۇق ئىسلام ئالىمى نىزامىددىن ئەلشىر ناۋايى ۋە ئەخمەد يۇكنەكى قاتارلىق پىشىۋا لىرىمىزنىڭ، قالغىنى ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ھاسىل قلىغان دۇر دانىلاردۇر.مۇشۇ پەتىۋانى بەرگەنلەر ئومەر ھەييامىنىڭ مەي، رەنا توغرىسىدىكى(شېئر مىسرالىرىدىكى) گېپىنى ئەتىمالىم تۇزۇسىگىلا چۇشۇنىپ ئۇ زاتنىمۇ كافىرغا چىقاردى ھەقاچان.بىرقىسىملار ھەدىسلەرنى چالا كۆرۇۋېلپلا مۇجتەھىد بولۇۋېلىپ كىشىنى گاڭگىراتماڭلار، سىلەر بىلگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ. بىر مىسال ئالاي : مەنمۇ بىرچاغلاردا ئاشۇنداق ئوڭچىل ئىدىم،قەتىئيچى ئىدىم،بىر بۇرادىرىم ناماز دېگەننى 25ياشقىچە پەقەتلا ئوقۇپ باقماپتىكەن، ھاراق تاماكا ئۇنىڭ كۈنى! شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاران تەستە «سۈرە فاتىھە» بىلەن «رەببىنا» دۇئاسىنى ئۆگۇتىپ تاھارەتكە كەلگەندە ئىسىنجا قىلىشقا پەقەتلا كۆنەلمىدى،كېيىن تېىخى تاھارەت ئالغىلى ئۇنىمىدى،شۇ چاغدىكى ئەلپازىم بويىچە بولغاندا ئۇنى تەرك ئەتمەكچىمۇ بولغان،لېكىن بىر مويسىپىت ھەمسۆھبىتىم ئىشنى ئاددىيدىن قىلىش،سەۋرىچان بولۇشنى تەكىتكىدى.ئەگەر مەن ئۇنى شۇئان كافىرغا چىقارغان بولسام ،ئۇ ئاللا قاچان باتىل يولنىڭ قۇربانى بولاتتى.ھازىر ئاستا-ئاستا ئۆگۈنىۋاتىدۇ، گەرچە ئىبادەتتە چولتا بولسىمۇ ئوزى تۇز، قولىدىن ئىش كېلىدۇ.
مىللى مەدەنىيەت دېگەن نىمە؟ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟ ئۇ بىدئەتمۇ؟ سىز قۇرئاننى قانچىلىك چۇشىنىسىز؟ سۈرە تەۋبىنىڭ باشلىنىشدا نىمىشقا بىسمىللا كەلىمىسى يوق؟ نمىشقا 100ئېغىز گېپىڭلارنىڭ بىرەرسىدە بولسىمۇ ماۋۇ تەبىئەت پەنلىرىنىڭ گېپى يوق؟ بىر قىسىم تور موللىلىرى ماۋۇ ئىشقا تولا چاقچاق قىلىپ يەڭگلتەكلىك بىلەن پەتىۋا بەرمەڭلار! نىمىشقا ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىر ئەلئېھرام توپىدىكى سىىفىنكىس(ئادەم باش شىر تەنلىك)ھەيكىلىنى چاقمىغانلىقنى ئويلاڭلار؟!
دېمەك بىز قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بىر قاناتغا (قارغۇلارچە)ئېسىلىۋېلىپ ، ئاللاھ بىزگە سېخىلىق بىلەن ئاتا قالغان كاتتا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارت يەنە بىر قاناتنى بىر چەتكە قايرىپ قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت ئۆگەنگەن يەھۇدىلار كوز ئالدىمىزدىلا پەلەستىنگە بېسىپ كىردى، ئىككى كوزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇردۇق شۇ! پەلەستىنىلىك قېرىداشلىرىمىز تۇرمىدىن بەتتەر كۇننى كورىۋاتىدۇ.
ئەمدى بولا!
ئىمام ئەزەم ،ئىمام شافىي...لار ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنى بىلەمدۇ؟ ئۇلار دىننى مەزھەپكە ئايرىشنى بلىدۇ. شىمالى قۇتۇپتا 3ئايغا سوزۇلىدىغان قۇتۇپ كېچىسى بولغاندابىز بىز ئانتراكتىكىدا بولساق پېشىن نامىزى ئوقۇيمىزمۇ؟ قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيمىز؟كوسىنوس تېئۇرمىسىنى ئۇلار بىلەمدۇ؟ دوكتۇر ئابدۇسسالام بىلىدۇ! ھەر ئىككىلسىنى بىلدۇ.
ھەق دېگەنلىك ھەقىقەت دېگەنلىكتۇر، ئىسلام دىنى ھەق دىندۇر!
مىلادىي 2013-يىل 3-باھار شەھرى شاڭخەي |