- تىزىملاتقان
- 2012-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1263
- نادىر
- 0
- يازما
- 86
ئۆسۈش
66.14%
|
ئاشۇ ۋەقەدىن كىيىن خەنزۇ خۇشنىمىزغۇ مەن بىلەن بۇرۇنقىدەك،لىكىن باللىرى ئىچكىەردىن كەلسە كارىدۇردا ئۇچىرشىپ قالساق قۇلۇمدا بىرەر نەرسە كۆتۈرۋالساملا بىر خىل ئۆزىنى قاچۇرشىغا دىققەت قىلىپ قالدىم.بۇرناكۈن خۇشنىمىز تەتەي مىنى چاقىرتىپ ئىچكىردىن كىلىنلىرى ئوغۇللىرى بىلەن نەۋرىللىرى كىلىدىغانلىقىنى،ئۇلارنىڭ بيجىڭ غاز كاۋىپىغا ئامراقلىقىنى،لىكىن بازاردا خەنزۇ تىجارەتچىلەر ئەپكەشكە ئىسىۋىلىپ ساتىدىغان غاز تۇخۇلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى،بولسا يىزىلاردا تۇنۇشلىرىمنىڭ غىزى بولسا غىزىنى تۇخۇسى بولسا توخۇسىنى ئالغاچ كىلىشىمنى ھاۋالە قىلغان.بازاردىن يىزا تەۋەسىگە ئۆتىشىمگىلا بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ قۇلىدا ساتقىلى ئىلىپ ماڭغان غىزىنى كۆرۈپ سودىلىشىپ خۇشنامنىڭ ئۈيىگە ئىلكىپ كىردىم،بۇغۇزلاپ بەر دەيدۇ.ئۆزۈڭ پالتاڭ بولسا چاناپ يە دىسەم،سەن باش كىسىپ بەرگىن دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋالدى.ماقۇل دەپ پىچىقىنى ئىلىپ قارىسام ،ئەمما پىچاق بولا ئاشتاق بولا.گاللىقىنى بىر دىمەي،ئۆيگە كىرىپ ئىتتىك پىىقىمنى ئىلىپ چىقاي دەپ ئۆيگە كىرىپ پىچىقىمنى ئىلىپ چىققۇچە ئون مىنۇتتەك كەتتى،ئۆيگە پىچىقىمنى كۆتۈرۈپ كىرسەم باللىرى كىلىنلىرى كىلىپ بوپتىكەن،ئىشىكنى نەۋرىسى ئىچىپ مىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كىتىپ قۇلۇمدىكى پىچاقنى كۆرۈپ تىرۇرچى دەپلا ئىچىكنى ياپقىلى ۋاتىدۇ.نىرۋام بىر ئۆرلەپ قۇلۇمدا ئىشىكنى تۇتىۋىلىپ ئۆيگە ئۈسۈپلا كىرىۋەردىم.خۇشنىمىزمۇ نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي پەشتامىسىنى قۇلىدا تۇتقىنىچە ئوغۇل كىلىنلىرى بىلەن چىقتى،خۇشنام گەپ قىلغۇچە ئوغۇللىرى تاس قالدى تۆمۈر گۈرزىسى بىلەن مىڭەمنىڭ قىتىقىنى چىقىرۋەتكىلى،بىر كىلىنى مەيدەمدىن ئىتىرىپ بولۇپ قۇلىغا نەدىن تاپتىكىن بىر نۇغۇچتەك كالتەكنى كۆتۈرۈپ ئۇرغلىلى،بىر كىلىنى تىلفۇننى چىقىرىپ 110 غا تىلپۇن ئۇرغىلى تەمشىلۋىدى،خۇشنام ئەر خۇتۇن تىللاپ يۈرۈپ بىسىقتۇرۇپ بۇ جىدەلنى تۇختاتتى.لىكىن ئەلەم قىلغىنى شۇكى ئىۋۇ كىچىك ھارمىسى تىرۇرچى دەپ تۇختىماي قاۋاپ كەتكىنى بولمامدۇ.ئۇغۇ تەستەكنى ئىككىنى يەپ يىغلاەپ ھۇجۇرسىغا كىرىپ ئۈنى يۇقالدى،ئاچچىقىم كىلىپ تۇرسام بۇ خۇشنام تەتەي (ئادەتتىمۇ تەتەي دەپلا چاقىرىۋىرىمەن)ئەپۇ سۇراپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ كەتتى،بوپتۇلا دەۋەتتىم دە پىچىقىمنى ئىلىپ غاززنىڭ بۇينىغا كۈچەپرەك سۈركەپتىكەنمەن بۇ غاز غاق دەپ يىرىم يارتا توۋلاپ بولغۇچىلا بىشىنى ئۈزۈۋىتىپتىمەن.ئوغۇللىرى بىلەن كىلىنلىرىگە چەكچىيىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتىم دە بۇ ئىچىمدىكى خۇرلۇققا چىدىماي ساقچىغا بارماقچىمۇ بولدۇم.بىراق بوپتۇلا خۇشنا ئىكەنمىز دەپ قالدىم.كەچتە بۇ تەتەي ئۆيگە كىرىپ ئەپۇ سۇراپ ئىچكىرنىڭ بىر نەرسىللىرىنى ئىلىپ كىرىپتۇ.ساڭا مەيلى،ئاۋۇ ئوغۇللىرىڭ كىلىنلىرىڭمۇ بوپتۇ ماقۇلئىۋۇ نەۋرەڭ نىمانداق ئەسكى بالا ئۇ،سىنىڭ بالاڭنىڭ پۇشتى ئەمەسمۇ دىسەم رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى،بىچارە خۇشنا يىغلاپ كىتەيلا دەپ قالدى.نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ،كۇچىدىمۇ خەنزۇ خەق ئادەمگە باشقىچە قارايدىغان بولىۋاپتۇ،مارالبىشى ۋەقەسىدىن كىيىن،بۇ يا مارالبىشى بولمىسا،مەن يا بىرەر قىتىم بىرەرى بىلەن سەن پەن دىيىشمىسەم نىمانداق قىلىدۇ ،ئىچكىردىن چىققان ،شىنجاڭغا سەرگەردان باللىرىڭ نىمانچە يۇغان ،ئۇلار نىمىنى يەپ نەدە ياتىدۇ دەپ تازا سۆزلەپتىمەن.ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ تۇردۇم.ئاخىردا ئىۋۇ نەۋرىسىگ قارتا:نەۋرەڭگە دەپ قۇي،تىرۇرچى دىگەن گەپ جۇڭگۇدا ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس،بۇ يەر دىگەن شىنجاڭ،بىز ئۇيغۇر لار جۇڭگۇنىڭ پۇخراسى،شىنجاڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاپتۇنۇمىيە رايۇنى،بۇ يەر ئىراق،سىرلانكا،يەمەن،ئافغانىستان ئەمەس،نىمىلا بولسا تىرۇرچى دەيدىغان.چوڭ ئوغۇلۇڭ ئىچكىردە بىر ئورۇننىڭ باشلىقى دەيدۇ.بالاڭغا دەپ قۇي.سىياسىنى،جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنىنى ئوبدان ئۆگەنسۇن.نەۋرەڭمۇ شۇ،بالاڭ بىر دادا تۇرۇپ بالىسىغا شۇنچىلىك سۆزلەرنى ئۆگىتىپتۇ،بولمىسا كىچىك بالا قەيەردىن تاپىدۇ بۇنداق گەپنى دەپ بىرمۇنچە قاينىۋىتىپتىمەن،ئۇ چىقىپ كەتتى.ئەتىسى شۇ ئۇغۇل قۇلىدا ئىچكىرنىڭ ياڭىقىنى كۆتۈرۈپ كەچۈرۈم سۇراپ چىقىپتۇ.كۆڭلۈمدە ئۇقۇشماسلىق تۈگىسۇن،مىللەت ئايرىمچىلىقى تۈگىسۇن.باراۋەرلىك ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى ھەقىقى ئەمىلىيلەشسۇن دەپ كەتتىم. |
|