مىللىي مۇناسىۋەتتىكى ئۆزگىرىش ( شىنجاڭدا توغۈلوپ چوڭ بولغان بىر خەنزۇنىڭ بايانى ) دولان تەرجىمىسى
كەمىنە قەلەم ئىگىسى توردىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىق بۇيا بازىرىدا يۈزبەرگەن « 23-ئاپرېل »ۋەقەسىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچىدىم، چۈنكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا بويىچە ئەڭچوڭ يېزا بازىرى بولغان سېرىق بۇيا بازىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. بۇندىن 10 نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتۇم قاغىلىققا تېخى پويىز قاتنىمىغان بولۇپ، ئاپتۇۋۇزئاساسلىق قاتناش قۇرالى ئىدى، كەمىنە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىمدا، ھەرتەتىلدە مۇشۇ بازاردىن ئۇتەتتىم، چۇنكى سېرىق بۇيا بازىرى يەكەن-مارالبېشى تاشيولىدىكى ئاۋات بازار ئىدى. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە يول ئۇستىدىكى يېزا-بازارلارغا سېلىشتۇرغاندا، سېرىق بۇيىنىڭ تاماقلىرى سەرخىل، باھاسى مۇۋاپىق، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى، كەمىنە شىنجاڭدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولسىمۇ، بۇ بازار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئدى. ئاشۇنداق ئاۋات بازاردا يۇزبەرگەن پاجىئەنى كۆرۈپ، كىندىك قېنىم تۆكۇلگەن يۇرتىم قاغىلىقتا ئۆتكەن بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىمنى ئىختىيارسىز ئەسكە سالدى. قىسقىغىنا 30 يىلدا شىنجاڭدا يۇزبەرگەن مىللىي مۇناسىۋەتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىش، مەندە ئىختىيارسىزبۇ گۈزەل تۇپراققا بولغان قايغۇمنى ۋە ئەندىشەمنى كۈچەيتىۋەتتى. مىنىڭ خاتىرەمدىكى شىنجاڭدا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرقىدەك ئۇنداق قاتمال ئەمەس ئىدى.سېرىق بۇيىدا يۇزبەرگەن بۇ ۋەقە، كىندىك قېنىم تۆكۇلگەن ئانا تۇپراقتا بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىنى ئۆتكۇزگەن مەندەك بىر خەنزۇغا نىسبەتەن، ئاشۇ زىمىنغا بولغان بىرخىل مېھرى- مۇھەببەت ئىختىيارسىز قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى. ئاتا-ئانام 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا سىچۇەندىن شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۇەنگە كەلگەن ئىكەن، مەن قاغىلىقتا تۇغۇلغان، شۇنىڭ ئۇچۈن شىنجاڭ مىنىڭ قەلبىمدىكى يۇرتۇم ھىساپلىنىدۇ، ئەينى يىللاردا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا خەنزۇلار ئازبولۇپ ئاساسەن بىربىرى بىلەن تونىشاتتى، دادام پائالىيەتچان كىشى بولغاچقا تونۇش-بىلىشىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتى، بىز تۇرىۋاتقان تۇەن-مەيداندا ئاساسەن خەنزۇلاربولۇپ، ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىدى، دادامنىڭ ئۇيغۇرچىنى بىلىشتەك ئالاھىدىلىكى دادامغا نۇرغۇن قۇلايلىقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىزتۇرىۋاتقان مەيدان قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا 5 كىلومېتىر كىلىدىغان بولۇپ، قاغىلىق،پوسكام، يەكەن، مەكىت، مارالبېشىدىن ئىبارەت بوستانلىقنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا توغراكىلەتتى، ئۆيىمىزدىن جەنۇپقا 500 مېتىر ماڭساق كۆزيەتكۇسىز چۆللىك ئىدى، بۇ چۆللىك قاراقۇرىم تاغ باغرىغا تۇتىشاتتى، شىنجاڭ-تىبەت تاشيولى ئاشۇ تاغ باغرىنى كېسىپ ئۆتەتتى،ئاشۇ كۆزيەتكۇسىز چۆلىكلەر مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كىرگۇچە بولغان 5 كىلومېتىرلىق ئارلىقتا، پۇتۇنلەي ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىسى جايلاشقان بوستانلىق بولۇپ، دادام مىنى ۋەلسىپىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇيغۇر مەھەللىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارنىڭ كېيىنىشى ۋە تىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ،خەنزۇلارغا ئوخشىمايدىغان باشقابىر مىللەت ئىكەنلىكېنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلغان ئېدىم، ئۇيغۇرلار شۇنداق ئەدەپلىك بولۇپ ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئەدەپلىك سالام بىرەتتى. ماڭا ئىنتىايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شۇكى، كىچىك چاغلىرىمدا قوشناكەنىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بېغىدا پىشقان ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما ۋە قوغۇن-تاۋۇزلىرىنى ئېشەك ھارۋىسىدا بىزتۇرغان مەيدانغا ئاپىرىپ ساتاتتى، مەن تاكى ئوتتۇرا مەكتەپكەچىقىپ ناھىيە بازىرىغا يۆتكەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا، ئاشۇ جاپاكەش ئۇيغۇرلار ئۆزقولىدا يېتىشتۈرگەن شىرنىلىك مىۋىلەرنى يەپ چوڭ بولغان ئىدىم. ئەينى ۋاقىتتا مىنىڭ خاتىرەمدە ساقلانغان ئۇيغۇر-خەنزۇ مۇناسىۋىتى ئىجىل-ئىناق مۇناسىۋەت بولۇپ، ھەركىم بىربىرىنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆزتىرىكچىلىكىنى قىلاتتى. بىزنىڭ ئائىلە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلاتتى، مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان يىلى دادام ئۇيغۇرلار كەنىتنىڭ سۇ قۇرىلىشى، مەكتەپ، كەنىت ئىشخانىسى قۇرىلىشىنى ئىشلىدى، مەن بۇيەردە دادامنىڭ ئۇيغۇرچە بىلگەنلىكى دادامغا ئاشۇنداق تىجارەت پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن دەپ قارايمەن، چۈنكى دادام ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بولسا بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشمىكى بەسى مۇشكىل ئىدى، شۇ سەۋەپتىن دادامنىڭ ئۇيغۇر دوسلىرى كۆپ ئىدى. ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيىت ۋە رۇزى ھېىيت ۋاختىدا ئۇيغۇر دوسلىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ باراتتى، مەن كىچىك ۋاختىمدا دادام بىرگە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ ئۆيىگەئاپارغان ئىدى، دادام ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە قوش قوللاپ كۆرىشەتتى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە مىھماننى بەك ئەتىۋالايدۇ، ئاۋال كۆرىشىپ، قولىغا سۇبېرىپ تۆرگە باشلايدۇ، شۇ قېتىم ئۇيغۇر دوستنىڭ مىھمانخانىسىدا لىق مىھمان بولۇپ،دادام بىلەن مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار ئىدى، شۇ قېتىمقى سورۇن ئىنتايىن كۆڭۈللىك بولغان بولۇپ، ساھىپخان دادامنىڭ پەتىلەپ كەلگەنلىكىدىن بەك خورسەن بولغان ئېدى. ئەلۋەتتە چاغان مەزگىلىدە دادامنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىمۇ پەتىلەپ كېلەتتى، دادام ئاتايىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن كاۋاپ، توخۇ گۈشى ۋە ھەرخىل يىمەكلىكنى تەييارلايتى، بەزىدە پەتىلەپ كەلگەن ئۇيغۇر دوستلىرى كۆپ بولسا، ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلاتتى. يەنە بىر ئىش ئىسىمدىن چىقمايدۇ، مەن باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يىلى چۈشتىن كېيىن،ئۇيغۇر مۇئەللىم ئون نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ، بۇرمۇنچە كۈچەت ئېكىلىپ،چۆلدىكى بۇ مەكتەپكە « دوستلىق كۇچىتى » تىكىش ئۇچۈن كەپتۇ، ئالدىن خەۋەرقىلمىغاچقا مەكتىپىمىز دەرھال دەرىس توختىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە قىزغىن كەيپىياتتا كۈچەت تىككەن ئىدۇق. 2006-يىلى مەن ئىككىنچى يۇرتۇم قاغىلىققا تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، ئانا مەكتىۋىمگە چىقسام گەرچە بۇ مەكتەپنى باشقائورۇنغا يۆتكەپ كەتكەن بولسىمۇ بىراق ئېينى يىلى بىز تىككەن كۈچەت چوڭ دەرەخ بوپتۇ.يەنە بىر ئىش، بىر يىلى يازدا چاچ-ساقىلى ئاقارغان بىر ئۇيغۇر بۇۋاي ئېرىقتىن ئۆتەلمەي بەك تىت تىت بولغان ئىكەن، مەن دەرھال ھاپاش قېلىپ ئېرىقتىن ئۆتكىزىپ قويسام، بۇۋاي مىنىڭ ئىككى قولۇمنى تۇتۇپ نۇرغۇن گەپ قىلدى، مەن گەرچە بۇۋاينىڭ گېپىنى چۇشەنمىسەممۇلىكىن كۆڭلۈمدە بەكمۇ خوش بولغان ئېدىم. ئەلۋەتتەبەزى ئۇششاق زىددىيەتلەرمۇ بولغان، بىزنىڭ مەيداننىڭ شەرقىي-جەنۇبىدا بىرئورمانلىق بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى « ئورمان » دەپ ئاتايتى، بۇ جايدا بىرنەچچەئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتى مەكتەپكە بېرىش ئۈچۇن بىزنىڭ خەنزۇمەكتەپنىڭ ئالدىدىن ئۇتەتتى، مەكتىپىمىزدىكى بىرقانچە كەپسىز بالىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ ئاۋارە قىپتۇ، ئۇ ئۇيغۇر بالىلار ھەر كۇنى ئۆرۈك قاتارلىق مېۋەئالغاچ كېلىپ كەپسىز بالىلارغا بەرسە ئاندىن يولدىن ئۆتكۈزەپتۇ، كېيىن بۇ ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار بولغان ئىشنى ئوقۇتقۇچىسىغا دېگەن ئىكەن، ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ مەكتەپكەكېلىپ ئەھۋالنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن، مەكتەپ مۇدىرىمىز ھېلىقى كەپسىز ئوقۇغۇچىنى قاتتىق جازالاپ، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇچىلارنى بۇزەك قىلماسلىقنى ئوقتۇرغاندىن كېيىن، بۇنداق ئىش ئىككىنجى يۇزبەرمىگەن ئىدى. بۇنداق ئىش ئۇيغۇر مەكتەپتىمۇ يۈزبەرگەن ئىدى، بىزنىڭ خەنزۇ مەكتەپتىكى بىرقانچە بالىنىڭ ئۆيى ئۇيغۇرلار كەنتىدە بولۇپ، ئۇلار مەكتەپكە كەلگۇچە ئۇيغۇر مەكتەپتىن ئۆتەتتى،بىر كۇنى مەكتەپكە كەلگۇچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قېلىشىغا ئۇچراپتۇ، مۇئەللىم بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرىغا دىگەندىن كېيىن، ئاشۇ كەپسىز ئوقۇغۇچىنى جازالىغاندىن كېيىن بۇنداق ئىش ئىككىنچى يۈزبەرمىگەن ئىدى، مانا بۇ مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئەڭ چوڭ زىددىيەت ئىدى. ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق بولۇپ، ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ياشايتتى، مەندىمۇ ھېچقانداق مىللەت قارىشى يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىق، ئۆرىپ-ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە بىزگە ئوخشىمايدىغانلىقىنىلابىلەتتىم. مەن ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردىن باشلاپ مىللىي مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشكە باشلىغان ئىدى.....
|