- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3328
- نادىر
- 0
- يازما
- 409
ئۆسۈش
52.23%
|
ياپونىيە ئۇنۋېرستىتلىرىدا ئادەتتە مۇدىر، جۇرىن دىگەنلەر مەمۇرىي خىزمەت ، ئۇنى چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتە نۆۋەتلىشىپ ئۆتەيدۇ. ھەقىقىي چوڭ بىلىدىغىنى پىرافغىسور ئۇنۋانى.
مۇشۇ خەنزۇلاردىن يۇقتۇرۇۋالغان مەمۇرىي ئەمەلنى چوڭ بىلىش پىسخكىسىنى تاشلاڭلار. چەتئەلدە مەمۇرىي خىزمەت شۇ مەسئۇلىيەتنى ئادە قىلىدىغانلار ئىش خالاس، جۇڭگۇدىكىدەك خالىغىنىنى قىلىدىغان ھۇقۇقى بولمايدۇ.
خەنزۇلارنىڭ تەسىرىدە ئەمەلنى چوڭ بىلىدىغان، ئىلمىي ئۇنۋاننى ئانچە نەزەرگە ئالمايدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قاپتۇ.جۇڭگۇدا ئەمەلگە ئىرىشمەك تەس، مەكتەپتە پىرافغىسور بولماق ئاسانراق، تەتۈر بۇلۇپ قالغان ئىشلار.
چەتئەلدە پىرافغىسور بولماق بەسى مۈشكۇل ئىش. مەكتەپتىكى پىرافغىسورلار مۇدىرلىق دىگەنلەرنى نۆۋەتلىشىپ قىلىدۇ، ھىچكىم تالىشىپ ياكى چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ. مىنىڭچىمۇ ئىلمىي ئەمگەك مەمۇرى ئەمەلدىن يۇقىري ئۇرۇنغا قۇيۇلىشى كېرەك. بۇ ئاساسەن تەرەققىي قىلغان مەملىكەتلەردىكى ئۇمۇنلاشقان ئەھۋال، پىراففىسور نامى چۇقۇم ئاتىلىدۇ ھەم كىشىلەر دىققەت قىلىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، مۇدىر دىگەن نامنى ئادەتتە بەك دەپمۇ كەتمەيدۇ. (كۆرگەنلىرىم ، بىۋاستە ئاڭلىغانلىرىم)
بۇنى شۇ پىراففىسورلارنىڭ تەرجىمالىنى كۆرسەڭلەر بىلىسىلەر،نەدە ئۇقۇغىنىنى ، قاچان پىراففىسور بولغىنىنى چۇقۇم يازىدۇكى، ماۋاقىتتا مۇدىر بولغان، ئۇنى قىلغان دىگەنلەرنى يازمايدۇ. (چەتئەلدە ئاساسەن ھەممە ئۇنۋېرسىتتلارنىڭ تور بېتىدە پىراففىسورلارنىڭ تەرجىھىمالى بار، ئىزدە كۇرۇپ بېقىڭلار)
شۇنىڭ ئۈچۇن بىز يۇقىرقى قېرىندىشىمىزنىڭ مۇدىرلىقىغا ئەمەس، پىرافغىسورلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىشىمىز كېرەك. تېمىنىمۇ ئامىركىدىكى پىرافغىسور دەپ ئالساق قاملىشىدۇ.
|
|