قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7997|ئىنكاس: 97

ئامېرىكا ئالىي مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر مۇدىر تاشپولات روزى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

78

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18822
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-6 00:44  

ئامېرىكىدىمۇ تاشولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بار

__ ئانا تىل كۆۋرۈكىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىقىغىچە

مىرزات مۇسا



        1990-يىىلارنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارقا-ئارقىدىن چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ھازىرقى قولايلىق ئىنتېرنېت ۋاسىتىسىدە بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ۋەتەندىكى ياشلىرىمىز ئاز تولا بولسىمۇ خەۋەر تېپىپ ئىلھاملاندى، پەخىرلەندى. ئۇلار ياشلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.  ئىنتېرنېتقا كىرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا بولغان تەشنالىق كۈچىيىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ يىللاردا چەت ئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىپ نەتىجە قازانغان ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھەتتا ئالىي مەكتەپكىچە ئانا تىلدا ئوقۇغانلاردىن ئىكەنلىكى كىشىلىرىمىز ئارىسىدا پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولۇپ تۇرماقتا. مەيلى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاكادېمىك بولغان ھوشۇر ئىسلام ئاكا بولسۇن ۋە ياكى چەت ئەللەردىكى ئاشۇ مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولسۇن ئانا تىل كۆۋرۈكى ئارقىلىق بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەت مەنزىلىگە ئۇلاشقان، بۇ ئۇيغۇرنىڭ پەخرى، ئۇلار ئانا تىلىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىغۇچى پاكىتلاردىن بولغانلىقى بىلەنمۇ خەلقىمىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىنى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەم شۇ  جۈملىدىندۇر. ماتېماتىكا ئىلمى بىر تۈۋرۈك پەن سۈپىتىدە كۆپ ساھەگە چېتىلىدىغان، نەتىجە قازىنىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى نۇرغۇن كىشى ھېس قىلالايدىغان بىر پەن. مانا مۇشۇ پەن بويىچە ئىزچىل تەر تۆكۈپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلىم-پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئامېرىكىدەك بىر دۆلەتتە كىشىلەرنى قايىل قىلىشى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدىمۇ «تاشپولات» ئىسىملىك بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بارلىققا كېلىپ، ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان بىر خەۋەرنىڭ سەۋەبچىسى بولۇپ تۇرماقتا.
        بۇ يازمامدا مەن ئەنە شۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى، ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى تاشپولات روزى ھەققىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پېشقەدەم ئۇستازلارنى ئىپتىخارلاندۇرسا، ئەۋلادلارغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەبىئىي پەن ساھەسىدە باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھالدا رىقابەت سەھنىسىدە چاقناپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
        تاشپولات روزى 1962-يىلى 4-ئايدا ئىلىنىڭ تۇققۇزتارا ناھىيەسىدە بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تاشپولات روزىنىڭ دادىسى روزى ئاكا ئەينى ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا 10 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇقۇمۇشلۇق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، روزى ئاكا بۇ مەزگىللەردە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئاخىرىدا گېنېرال مايور مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ كانۋىيى بولىدۇ. 10 يىل ئۆتۈپ، غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىسمى ئۇلۇغ، ئەمما نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغان «ئىنقىلاب»نىڭ قارا بورىنى روزى ئائىلىسىنىمۇ بوش قويمايدۇ. روزى ئاكا نۇرغۇن قېتىملاپ «تارتىپ چىقىرىلىدۇ»، «كۈرەش قىلىنىدۇ». لېكىن، مىللىي ئارمىيەدە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا بىلىش بىلەن بىلمەسلىكنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يەتكەن، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە بىلىملىكلەرنىڭ ئاز بولۇشىنىڭ مىللەتنى كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان روزى ئاكا، مەيلى قىيىن - قىستاقلاردا بولسۇن ۋە ياكى جاپالىق تۇرمۇش مەزگىللىرىدە بولسۇن، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشىغا يول قويمايدۇ ۋە ئۇلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇشقا ئۆزىگە ۋەدە بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان تاشپولات روزى، دادىسىنىڭ قوللىشى ۋە ئارزۇسىنى ئۆزىگە ئىلھام بۇلىقى قىلىپ، كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىشقا بەل باغلايدۇ.
    توققۇزتارا تاشتۆپە باشلانغۇچ مەكتىپى تاشپولات روزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش ھاياتىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جىسمىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگەن مۇئەللىملىرى ئۇنى 3-سىنىپتىن بىۋاسىتە 6-سىنىپقا يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭ پەنلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى دەپ قارالغان ماتېماتىكىغا قىزىقىشى دەل شۇ مەزگىلدىن يەنى توققۇزتارا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلىنىدۇ. تاشپولات روزى، تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىللىرىدە، ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك، تۈرلۈك زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.  بىلىشىمچە، ماتېماتىكا كىشىدىن تولىمۇ ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان پەن بولۇپ،  بىر نۆلنىڭ ئوڭ ياكى سول بولۇشىمۇ نەتىجىدە ئاسمان - زېمىن پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا چوڭلارنىڭ بىنانىڭ قانچىلىك ئېگىز بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ قانچىلىك مۇستەھكەملىكىگە باغلىق دېگەن گېپى بىكارغا ئېيتىلمىغان ئىكەن! توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، تاشپولات روزى 1979-يىلى يازدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ماتېماتىكا نەتىجىسى ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 1-بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ يەنى ئالى مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم ئالىدۇ.
تاشپولات روزى 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەمدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ 4 يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا، سىنىپنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا يەنە، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالىنىپ، ئۇستازلىرىنىڭ ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ  نەزەرىدە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئۈمىدلىك ياشقا ئايلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر دەرەخنىڭ قانچىلىك مېۋە بېرەلىشى، باغۋەننىڭ ئۇنى قانچىلىك پەرۋىش قىلىشىغا باغلىق. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك شانلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ دەل شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيەلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. تاشپولات روزىنىڭ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىدىن تىلىۋالدى مۇھەممەت، رىشات ھەسەن، ئابلىكىم ھاجى، ئابدۇراخمان ۋەكىلى، نىياز مۇھەممەت، مۇھەممەت ئابدۇللا، ئاغزانباي، قاھار قادىر قاتارلىقلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن دەرس ئۆتۈشلىرىدىن ئىلھام ئالغان تاشپولات روزى، كېيىنكى ھايات مۇساپىلىرىدە ئۆزىدە ئاشۇ ئۇستازلىرىغا ئوخشاش، تەلەپچانلىقنى ھەم ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى  يېتىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدكى قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مائاشچىغا ئايلىنىپ كېتىپ بېرىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىل بولۇشى، بىر مىللەتنىڭ پارلاق بولغان كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ شەرەپلىك يېرى دەل ئۇنىڭ ئۆز مايسىلىرىغا بولغان تەلەپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدا ئىپادە تاپىدۇ.
        شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى تولۇق كۇرسنى ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ئۇنىۋېرستېتنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 1990- يىلى تاشپولات روزىنىڭ ھاياتىدا يەنە بىر بۇرۇلۇش بولىدۇ، ئۇ ياپونىيە توكيو دېنكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىغا 2 يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. بىلىم ئاشۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. مەيلى بىلىم ئاشۇرۇش جەريانى بولسۇن ياكى ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، تۈرلۈك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن، ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسىگە قاراپ بېرىلىدىغان ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى بۇ مەكتەپتىن تۇنجى بولۇپ ئالىدۇ. 1994-يىلى، تاشپولات روزى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇققا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
    ئاددەتتە ماتېماتىكا كەسپى قىيىن بولغانلىقتىن، بۇ كەسىپتە دوكتورلۇق ئوقۇيدىغان كىشىلەرمۇ ئانچە كوپ بولمايدۇ، لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرىدىغان بۇ ياشنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ.  دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن تاشپولات روزى 1998-يىلى ماقالىسىنى باھالاش ھەيئىتىگە سۇنىدۇ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالە سۇنۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاشپولات روزىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى فۇكۇيو ئاكىيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ پەخىرلىك ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن 6 ئايچە ئۆتۈپ، تاشپولات روزى ماقالە باھالاش گۇرۇپىسىدىن جاۋاب ئالىدۇ. باھالاش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ماقالىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ فورمۇلالارنىڭ بارلىقىنى، چۈشىنىشكە سەل قىيىن توختىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ يازغان ماقالىسى ئەيلىر تەڭلىمىسىنىڭ يېشىمىنىڭ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە پارتلىشى بولۇپ، بۇ ماقالىنىڭ ئىلمىيلىكى يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى سەۋەبلىك، باھالاش ھەيئىتىدىكى  مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ماقالىسىنى شۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن پىروفېسسور ياسۇخىدا فۇكۇموتو  ئەپەندىگە باھالاشقا ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كىشى تاشپولات روزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ماقالىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەڭلىمىلەرنىڭ بۇ ساھەنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تاشپولات روزى بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشپولات روزى بۇ ماقالىسىنى ياسۇخىدا فۇكۇموتو ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياپونىيە فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. تاشپولات روزى بۇ جەرياندا  بىلىمنىڭ چەت ئەللەردە نەقەدەر چوڭ قەدىر-قىممىتى ھەمدە ھۆرمىتى بارلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىدۇ. 2000-يىلى تاشپولات روزى ماتېماتىكا كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، يېڭى بىر مۇساپە يەنى  ئامېرىكىغا قاراپ يول ئالىدۇ.
        ئامېرىكا ئىنتايىن قىزىقارلىق دۆلەت، بۇ دولەتكە ھەممە كىشى، بايمۇ، نامراتمۇ، زىيالىيمۇ، سودىگەرمۇ، قاراقچىمۇ قىزىقىدۇ. كىشىلەر چۈشلىرىدە ئامېرىكىنى كۆرىدۇ، خۇددى ئامېرىكىغا كەلسە ھەممە ئىشلار ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك، ئانچە بەدەل تۆلىمەي، جاپا تارتمايلا ياخشى كۈنگە ئېرىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىكىنى، تۇمۇشنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى سىرتتا تۇرۇپ ھېس قىلالايدىغان ئادەملەر ئىنتايىن ئاز سانلىق. بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى قىلىشىمدىكى سەۋەب، ياشلىرىمىزدا ئامېرىكىغا كېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھازىرقىدەك بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىغا كېلىش ياكى چەتكە چىقىشتا ھەرگىزمۇ جان بېقىشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى شەخسەن ئويلايمەنكى، ئەگەر جان بېقىش مەقسەت بولسا،  ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت!
        شۇنداق قىلىپ، تاشپولات روزى ئائىلىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا، پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسىپنى پۇختا بىلگەندىن سىرت، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئىنگلىزچە يادلايدۇ، توختىماي ئىنگلىزچە ماتېرىيال كۆرىدۇ. ئەنە شۇنداق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ بىر يىلغا قالماي ئىنگلىزچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان، ئوقىيالايدىغان ھەمدە ئۆلچەملىك يازالايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەكرار قىلىش سىنىپىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىدىن تەكرار قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ھەمدە ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى چۈشىنىشلىك قىلىپ يېشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاشپولات روزى لوس ئانژېلىس خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىغا رەسمىي مۇئەللىم بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكىلىق ئانالىز، ئېلېمېنتار ماتىماتىكا، تىرىگونومېتىرىيە، سىزىقلىق ئالگېبرا، كومپيوتېرنىڭ قوللىنىلىشى، ئىقتىساد ماتېماتىكىسىدىن دەرس بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ سىنىپىغا تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ مەكتەپنىڭ يىللىق ھەمدە مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشلىرىدا «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىدە تۈرلۈك تەجرىبىلەرنى يېتىلدۈرگەن تاشپولات روزى 2010-يىلى، ئانتېلوپ ۋاللېي (Antelop Valley) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي مائارىپ (general education) فاكۇلتېتىغا تولۇق كۈنلۈك ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تاشپولات روزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇزۇنغا بارمايلا مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىلىدۇ. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەكتەپ رەھبەرلىكى تاشپولات روزىنى «lead faculty» يەنى فاكۇلتېت مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ.  لېكىن، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بولغان دەرس مېتوتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، فاكۇلتېت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. 2012-يىلىغا كەلگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى «dean of facult» يەنى مەكتەپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 7 كىشىلىك ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسىنىڭ بىرسى قىلىپ بېكىتىدۇ ( University Executive Leadership Council ). ئۇ يەنە فاكۇلتېت تەنتەربىيە ۋەكىلى(Faculty Athletics Representative)لىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيدۇ .
ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ ئادەتتە بىردىن پىرېزىدېنتى يەنى مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، dean of facult ياكى dean of college بولىدۇ. Dean of faculty نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى، مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا باشلامچى بولغاندىن سىرت يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشقا ئېلىش ياكى ئىشتىن قالدۇرۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىملىرىدا نۇتۇق سۆزلەش ھەم ھەرخىل يىغىنلارغا قانتىشىشتىن تارتىپ، مەكتەپنىڭ يىللىق مەبلەغ ئاجرىتىشىغا تەكلىپ سۇنۇشقىچە چوڭ-كىچىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئادەتتە ماگىستىر ياكى دوكتور ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتا Dean نىڭ يەنى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەۋسىيە خېتى - «Recommendation letter»ى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشپولات روزى ئامېرىكىدا بۇنداق مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلاۋاتقان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇپ قالدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپتۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق چوڭ شان - شەرەپلەرنى ھەرگىزمۇ دوكتور تاشپولات روزىنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
        ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇۋەپپەققىيەت ھەرگىزمۇ نەچچە كۈنلۈك ياكى نەچچە يىللىق مۇساپە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەت بىر جەرياندىن ئىبارەتتۇر، كىشى ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قاچان يېتەلەيدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ يېتەلمەيدۇ. مۇھىمى شۇ جەرياندا بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەشتۇر. قىيىنچىلىقلارنىڭ، تاغ-داۋانلارنىڭ ھامان ئاخىرلىشىپ، ئۆزى كۆزلىگەن، ئارزۇ قىلغان ئاشۇ مەنزىلگە يېتىشى ئۈچۈن توختىماي سوقۇپ تۇرىدىغان ئۈمىدلىك يۈرەكتۇر. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېگىلمەس روھنى يېتىلدۈرگەنلىكىدىن باشقا يەنە، ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتىمۇ ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەيلى بالىلىق ۋاقتىدا دادىسى روزى ئاكىنىڭ ئۇنى ۋە ھەدىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى كۈنلەردە ئايالى مۇنىرە خانىمنىڭ ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىككى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەشتىن سىرت، يەنە تاشپولات روزىغا مەنىۋىي جەھەتتىن  توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشلىرى، ئۇنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.
        تاشپولات روزى ئۆز ساھاسىدە تۈرلۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش جەريانىدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەيلى ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بەرگەندىن سىرت يەنە، قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ئۇ ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا 13 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى ياپونىيەگە كېلىپ ئوقۇش ئىشلىرىنى ھەقسىز بېجىرىپ بېرىدۇ.  ئۇيغۇر پەرزەنلىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە يېزىلغان خەتلەر ھەمدە سورالغان تۈرلۈك سوئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ.  كەسىپتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم، ئادىمىيلىكتىكى مۇۋەپپەقىيەت ئايرىم. مېنىڭ نەزەرىمدە، ھەقىقىي ئادەم بولماق ئالىم بولماقتىن نەچچە يۈز ھەسسە قىيىن. ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلغان بىر ئالىم خۇددى كىتاب ئارتىۋالغان ھايۋانغا ئوخشايدۇ، خالاس. دوكتور تاشپولات روزىنىڭ ئىنسانىي ئېتىقادىدىن ئايرىلماي، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىنسانىي پەزىلىتى ئارقىلىق ياشلارغا ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ئاتا قىلىشى كىشىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.
ھازىر تاشپولات روزى مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆز كەسپىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ھازىر ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ياسۇخىدا فۇكۇموتو بىلەن بىرلىكتە شارسىمان قاينام ھەرىكىتىنىڭ تەقسىملىنىشىنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇلار بۇ نەتىجىنى پات ئارىدا داڭلىق ئامېرىكا ئاقار جىسىملار فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى. ئۇنىڭ تەتقىقاتى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
خوش، قەدىمدىن تارتىپ غەلىبە قازانغۇچىلاردا بولغان ئورتاق ئالاھىدىلىك - غايە، ئىرادە ۋە تىرىشچانلىق. دېمەك، ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىسى ھەقىقىي ئىنسانىي بەلگىلەرنىڭ بىرىدۇر. شان - شەرەپكە ئىنتىلىش يامان ئىش ئەمەس، ھېچ كىممۇ بۇ دۇنيادىن ئىزسىز كېتىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن شان - شەرەپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ دۈمبىسىنى پەلەمپەي قىلىش بولماستىن، بەلكى ئەمگەك تەرىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى كېرەك. ئەنە شۇ جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ ھەقىقىي بەخت ھېسابلىنىدۇ. تاشپولات روزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى مېنى مۇشۇنداق بىر يەكۈنگە ئۇندىدى. قەلەم كۈچۈمنىڭ ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئالىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەريانىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى، تارتقان جاپالىرىنى ئەتراپلىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ياشلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن  تاشپولات روزىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەلسۆيەر ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياشلارغا تېخىمۇ جانلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان قەلەم ئىگىلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، ئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت ۋە خاتىرجەملىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا كاتتا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

تاشپولات روزى خىزمەت قىلىۋاتقان ئالى مەكتەپنىڭ تور ئادېرسى:
http://www.uav.edu/index.aspx?recordid=225&page=95
http://www.uav.edu/

تاشپولات روزى ئەپەندىنىڭ ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادېرسى:  tashpulat@yahoo.com

0

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 52
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇغۇ ، بۇ مىنىڭ نەۋرە ئاكام بولىدۇ، تاشپولات روزى، تاشمەمەت روزى، قۇربانجان روزى، بۇ ئۈچ ئاكا -ئۇكا ھازىر ئامىرىكىدا ياشاۋاتىدۇ، مەن ھەمىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.......

باھا سۆز

ergine  ئوباما مېنىڭ نەۋرە ئىنىم بولدۇ ( سەت كۈلۈپ 32 چىشى تۆكۈلۈپ كەتكەن چىراي ئىپادىسى)  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
xarik  نىمانچە ھەيران قالدىڭىز بۇ گەپكەتۇققىنىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى بۇرۇن بىلمىگەنمىدىڭىز ... سىز قانداق تۇققىنى[   يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
gulahma  بۇ ئۈچ ئاكا - ئۇكىنىڭ ئائىلىسى، پەرزەنىتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرەلەمسىز.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
arginakun  مىنىڭ تۇققىنىم دەيسىز! لىكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بىلمەمتىڭىز....ھەي ئىنكاستە  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

4

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 148
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ ، تېخى مۇنداق كاتتا ئالىملىرىمىزمۇ بار دەڭە ! مىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم . سىزگە كۆپ رەھمەت !

باھا سۆز

tura  مۇنداق ئالىمنىڭ چىقىمىقى تەس ئەمەس، بىزگە چىگىرىدىن چىقىش پۈرسىتى ئاز، ئۆلۈش پۇرسىتى جىق بولىۋاتسا...  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:09
arginakun  ياپۇنىيەدىكى ئىز ئىزلىرى خىلى بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىلىرنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

0

تېما

3

دوست

4298

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7263
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 780
تۆھپە : 780
توردىكى ۋاقتى: 737
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمى بىلەن تونۇشىۋالدىم . تېخىمۇ تەپسىلىرەك يېزىلغان بولسا ياخشى بولاركەن . ئالىمىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

1

تېما

2

دوست

871

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10212
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم، تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ئىشنى سورىۋالاي. بەك مۇھىم ئىدى؟
ئامرىكىدىكى مۇھەممەد ئەمىن دوختۇر ئاكىمىزنىڭ  ئىلخەت ئادرىسى ياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار، بىمار قېرىندىشىمىز توغرىلىق سورايدىغان مەسىلە بار ئىدى.
ئاللاھ ھەممىڭلارغا ئەمىنلىك ئاتا قىلسۇن.

باھا سۆز

bidar-qutlan  بىلىۋال توربېتى ۋەتەندە ئېچىۋېتىلگەن بولسا، سىزگە لازىملىق ئادرسلار، ماقالىلار كۆپ ئىدى.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:23

0

تېما

0

دوست

533

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16456
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئاللا   شۇ   قەرىنداشلىرمىزنى    ھەر قانداق    جايدا   ئەزىز   قىلغاي    .

0

تېما

5

دوست

4888

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 978
تۆھپە : 840
توردىكى ۋاقتى: 578
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ.. ! روزى دېھقاننىڭ شۇڭقارلىرىدىن بىرىمۇ قانداق بۇ زات !!!؟

1

تېما

0

دوست

359

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   79.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17372
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 110
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىدىكى ئالى مەكتەپكە مۇدىر دىگەن بەك چوڭ ئىش ياشا ئۇيغۇر

0

تېما

0

دوست

46

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18710
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتاڭغا رەھمەت

0

تېما

0

دوست

861

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18013
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكىدا چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلايدىغانلار ئوبدانراق ئۈچۈر توپلاپ پايدىلانسا بولغۇدەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-8 08:18 , Processed in 0.058805 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش