بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-6 00:41
ئالىم ـ ئەدىبلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
ئۇيغۇرتىلى ئورال ـ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ئالتاي ـ تەڭرىتاغ تىللىرى ئائىلىسى، تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى، شەرقىي ھون تۈركۈمى ئۇيغۇر ـ ئوغۇز تىلى بۆلۈكى ئۇيغۇر ـ قارلۇق تىلى قىسمى ئۇيغۇرتىلى دىئالېكتىكىسىغا تەئەللۇق.
* قەدىمقى ئۇيغۇرلار قوڭۇر( ساغۇچ) چاچلىق، قوي كۆزلۈك( ياكى كۆك كۆز ) ئىدى، ھازىرقى ئۇيغۇرلار نۇرغۇن ئۆزگىرىپ كەتكەن.
ـــــ زوردۇن سابىر << ياۋروپاغا سەپەر>>
قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن. بىز رۇسلار ياكى سىلاۋىيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سىلاۋىيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان، شانلىق يۇقۇرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى.
ـــــ ۋاسىلېيىف (روسىيە)
ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ، لېكىن ئازراق موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالامەتلىرى ئارىلىشىپ قالغان. ئۇلار قەدىمدە تېخىمۇ روشەن ياۋروپا ئىرقلىق خەلق ئىدى. ھەتتا كۆكۈچ كۆزلۈك، سېرىق چاچلىق، ئاق يۈزلۈك، قاڭشارلىق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار موڭغۇل ئىرقى ۋە باشقا ھىندى، ياۋروپا خەلقلىرى بىلەن ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ۋە تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلى بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن. خاتالاشمىسام سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قەدىمقى بۇ ھالەتلەر ھازىرمۇ مەۋجۇتقۇ دەيمەن؟ ( گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى: ھەازىرمۇ ئارىمىزدە بىر قىسىم سېرىق كىشىلەر، ئاق يۈزلۈك ياكى سېرىق چاچ ياكى كۆك كۆز ...كىشىلەر بار)
ـــــ ۋاسىلېيىف (روسىيە)
دەۋرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت، دەپ ئاتىماق تەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى دىگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ئۇيغۇرلار شىمالىي موڭغۇل قۇملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تارىمدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ـ ئەللەرنى ئاسمىلياتسىيە قىلدى. كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى، موڭغۇلنى، قىتاننى ئاسمىلياتسىيە قىلدى. شۇنچە كۆپ زور ئاسمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نېمە؟
ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
ــــ مىڭچىبى ، لۇلۇلۇ ( موڭغۇل) << ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش >> تارىم ژورنىلى 1998-يىل 11-سان
موڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە) ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ، بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان. ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپاراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم - پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان خۇراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن.
ــــ جۈۋەينى ( ئىران)
ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي (تىللىق) خەلقلەرگە قارىغاندا بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزىم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئاۋال مانى دىنىنى، كېيىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى. تۈركىي ( تىللىق) خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۇننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى.
ـــ ئا.يۇ.ياكوبوۋىسكىي ( روسىيە)
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى( 1644-1368) دە ئۆتكەن غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جىڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1206) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى.
ـــ ۋاڭ شياۋجيەن << ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە>> شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 1987-يىل 1-سان
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرىدىن ھاسىل بولغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئاق تەنلىك ۋە قىسمەن سېرىق تەنلىك ئىرقلارنى بىرلەشتۈرگەن، يەرلىك يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن، يەرلىك تىجارەت بىلەن خەلقئارا << يىپەك يولى>> سودا ئالاقىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما كىلاسسىك ئەدەبىياتنى بىرلەشتۈرگەن، كۆپ قېتىم سەلتەنەت سۈرگەن مەشئەلچى مىللەت بولغان.
ـــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن << ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى >> 1-بەت
1974-يىلى باھاردا بىر ياپونىيىلىك مۇخبىر دۇنيا تارىخ تەتقىقاتىدا ئۆزگىچە تەپەككۈرى بىلەن تارىخ تەتقىقاتىنى يېڭى مېتود بىلەن تەمىنلىگەن ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تارىخچى ئارنولد تويىنبى دوكتۇردىن: << تۇغۇلۇش پۇرسىتى بولغان بولسا، قايسى دۆلەتتە تۇغۇلۇشنى خالايتتىڭىز؟>> دەپ سورىغاندا، 85 ياشلىق تويىنبى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: << مىلادى 1-ئەسىردە بۇددا دىنى تارىلىپ بولغان شىنجاڭدا تۇغۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم>> دەپ جاۋاب بەردى.
ـــ << 21-ئەسىرگە نەزەر>> دېگەن كىتاب 295-بەت
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئامېرىكىنىڭ كۈچى ئورۇندىيالمىغان ئىشلارنى ئامېرىكا مەتبۇئاتى ئورۇنداۋاتىدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنا ( ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى) ئورۇندىيالمىغان ۋەزىپىنى ھوللىۋۇد ئورۇنداۋاتىدۇ.
ــــــ پاكىستانلىق ئالىم ئەكبەر ئەھمەد
مەنبە: گېنېرالنىڭ خاتىرىسى
|