- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10164
- نادىر
- 2
- يازما
- 353
ئۆسۈش
0.41%
|
ئۆي باھاسى راست چۈشتىمۇ ياكى «يالغان يىقىلدىمۇ؟»
[align=justify] [align=justify][align=justify]دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2–ئايلىق 70 چوڭ ، ئوتتۇرا شەھەردىكى تۇرالغۇ ئۆي سېتىلىش باھاسىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1–ئايغا سېلىشتۇرغاندا، 2–ئايدا تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما تۆۋەنلىگەن شەھەرنىڭ يەككە سانى بەشكە كۆپەيگەن، باھاسى ئۆرلىگەن شەھەرنىڭ يەككە سانىدىن تۆتى ئازايغان، ئوخشاش سېلىشتۇرما ئۆرلەش نىسبىتى چۈشكەن شەھەر 31 غا يەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بىر قاتار تەڭشەش–كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، تۇرالغۇ ئۆي بازارلىرىدا پۈتۈشۈش تۆۋەنلەپ، باھا تۆۋەنلەپ ، ئۆي باھاسى بەك تېز ئۆرلەپ كېتىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى. ئۇنداقتا بۇ خىل ھالەت داۋاملىشالامدۇ–يوق ؟ تەڭشەش كونترول قىلىشنى بوشىتىشقا بولامدۇ؟ مۇخبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى زىيارەت قىلدى.[align=justify]ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي چەكلىگىلى بولامدۇ – يوق ؟ دۆلەت مەمۇرىيي ئىنىستىتۇتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دېڭ ماۋجەن مۇنداق دېدى : بۇ قېتىم ئۆي باھاسى راستلا چۈشتى . ئۆي باھاسى 1–ئايدا سېلىشتۇرما چۈشكەن شەھەر ئۈچگە ، 2–ئايدا سەككىزگە يەتتى؛ 1–ئايدا ئۆي باھاسى ئۆرلىگەن شەھەر 56 گە ، 2–ئايدا 52 گە يەتتى ؛ 1–ئايدا سېلىشتۇرما ئۆرلەش نىسبىتى %1 تىن ئاشقان شەھەر 19 غا ، 2–ئايدا يەتتىگە يەتتى ؛ 2–ئايدا سېلىشتۇرما باھانىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 1–ئايدىكىگە قارىغاندا 44 ى ئاز بولدى. ئېنىقكى ، باھانىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى .[align=justify]جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يى شيەنروڭ مۇنداق دېدى : 2–ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئاستا بولۇپ، ئۆي باھاسى چۈشكەن شەھەرلەر سەل–پەل كۆپەيدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، 1–ئايدا دۆلەت «يېڭى سەككىز ماددا»لىق تەڭشەش–كونترول قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۆي–مۈلۈك بازىرىنى قاتتىق كونترول قىلدى ، شۇنىڭدىن كېيىن 34 شەھەر ئىلگىرى–كېيىن «سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش بۇيرۇقى»نى چىقاردى. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈرلۈك تەڭشەش–كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ئەمدىلا يولغا قويۇلۇۋاتقاچقا ، ئۇنىڭ رولىنىڭ تەسىرى ئانچە روشەن ئەمەس، نۆۋەتتە پۈتۈن گەۋدىلىك بازار يەنىلا قاراپ بېقىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن يىللىق ئۆي باھاسىدا چۈشۈش كۆرۈلەمدۇ–يوق، ۋەزىيەت تېخى ئېنىق ئەمەس .[align=justify] جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بىرىنچى پەسىلدە 50 شەھەردىكى 20 مىڭ ئائىلىلىك شەھەر–بازاردا ئامانەت قويغۇچى ئاھالىنى تەكشۈرۈشتە ئايان بولۇشىچە، %74.4 ئاھالە ئۆي باھاسى «بەك يۇقىرى، قوبۇل قىلىش تەس، ئاھالىلەر «تەڭشەش–كونترول قىلىش ئۈنۈمىگە قارىتا ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس» دەپ قارىدى. ئۆي باھاسىنى تەڭشەش–تىزگىنلەشتىن كېيىنكى ئۆي باھاسىنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا، %33 ئاھالە ئۆي باھاسى كەلگۈسىدە «مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ» دەپ، باشقا %30 ئاھالە «‹ئۆرلەش» ياكى «ئاۋۋال ئۆرلەپ كېيىن چۈشۈش»دەك مۆلچەرلەرنى قىلىشتى.[align=justify] [align=justify][align=justify]مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك قاتتىق تەڭشەش– كونترول قىلىشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ تۇرالغۇ ئۆي باھاسىدا چوقۇم سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن بىرمۇنچە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. «مېنىڭچە ، ئۆرلەش ئېھتىماللىقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ ، تۇرالغۇ ئۆي باھاسى سەل–پەل چۈشۈشى مۇمكىن».[align=justify]دىڭ ماۋجەن مۇنداق دېدى: تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئاجىزلىشىپ ، تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن . تۇرالغۇ ئۆي بازىرىدا پۈتۈشۈش مىقدارى بەكلا تۆۋەنلەپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلىقىدا تەكشىلىك نۇقتىسىنى ئىزدەش كېرەك. بۇ يېڭى تەكشىلىك نۇقتىسىنى چوقۇم تۆۋەنلىگەن باھا رايونى ئارىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن . يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر كەينى–كەينىدىن تەڭشەش–كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەدبىرلەر پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بېسىم بولۇپ، توپىلاڭدا توغاچ ئوغۇرلايدىغانلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان ئەھۋالدا، ئۆي–زېمىن سودىگەرلىرىنى بىر مەزگىل بەرداشلىق بېرەلىسىمۇ، ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئۆي بازىرىدا باھا ئاخىرىدا بازارنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇشقا ئۆتۈپ، ساتقۇچى تەرەپ بازىرى ھامان بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئىش بارلىققا كېلىدۇ.[align=justify]تەڭشەش–كونتىرول قىلىش تەدبىرىنى بوشىتىشقا بولامدۇ – يوق دېگەن مەسىلە توغرىسىدا دېڭ ماۋجەن مۇنداق دەپ قارىدى: تەڭشەش–كونترول قىلىشنى ئاز دېگەندىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يەنىلا بوشىتىشقا بولمايدۇ . بىرىنچى، كۆچۈشچانلىقا ئىگە، باي ئائىلىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بازاردا يەنىلا قاتتىق تەلەپ مەۋجۇت؛ ئىككىنچى، ئېلىپ–ساتقۇچى ھەر ئىككىلا تەرەپ ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەش–كونترول قىلىشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىنىڭ بار–يوقلۇقىنى كۈزىتىۋاتىدۇ. ئەگەر ھۆكۈمەت راستىنلا قەتئىي نىيەتكە كەلسە، ئۆي باھاسى چوقۇم چۈشىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ راستىنلا باشقا ئوي–پىكىرى بولسا، سىياسەت جەھەتتە سەل–پەل بوشۇتۇش كۆرۈلۈپ، ئۆي باھاسى قايتىدىن ئۆرلىشى مۇمكىن.[align=justify]بىر مۇنچە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئۆي باھاسىدا يەنىلا «ئۆرلەش كۆپ، چۈشۈش ئاز» ھەمدە مۇشۇ بىرقانچە يىلدا، ئۆي–مۈلۈك بازىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى نورمالسىز تەرەققىي قىلىشى ئۆي باھاسى ئاساسىي سانىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا گەرچە نۆۋەتتە ئۆي باھاسىدا چۈشۈش كۆرۈلسىمۇ، ئەمما يەنىلا نىسپىي يۇقىرى ئورۇننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ . بۇ نۆۋەتتىكى تەڭشەش–كونتىرول قىلىش ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىسا، سىياسەتنىڭ بوشۇتۇلۇشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن.[align=justify]جاڭ جيەنپىڭ مۇنداق قارىدى: نۆۋەتتىكى يۇقىرى بولغان ئۆي باھاسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، چەكلىك قەرز بېرىش ۋە سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشتىن ئىبارەت. بىراق ئۆي باھاسى مەسىلىسىنىڭ تۈپ مەنبەسىدىن قارىغاندا، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىنىڭ ئورنىنىڭ كەم بولۇشى مەسىلىنىڭ نېگىزى.[align=justify] [align=justify]مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
| | | |
|
|