يى جوڭتىيەن : «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى يوق ، پەقەت 3مىڭ 700 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بار» بوزقىر تەرجىمىسى ئالىم يى جوڭتىيەن يېقىندا « يى جوڭتىيەننىڭ جۇڭخۇا تارىخى » ناملىق كىتابىنىڭ 1- تومى « ئەجداد» بىلەن 2- تومى «دۆلەت تىلى» نىڭ 16-ماي بېيجىڭدا تۇنجى تارقىتىلىدىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بەزى يېڭى يەكۈنى ھەم كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان.
يى جوڭتىيەن تارىخقا يۈزلىنىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « بىز تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان. تارىخنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەمەس ، ھەتتا تارىخنى ياندا تۇرۇپ تاماشا قىلغۇچىمۇ ئەمەس. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، نەدىن كېلىپ نەگە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەيۋاتىمىز . شۇ ھالىمىزغا تېخى نېمىنىڭ‹ جۇڭخۇانىڭ يىلتىزى› ، نېمىنىڭ ‹ جۇڭخۇا ئارزۇسى› ، نېمىنىڭ ‹ جۇڭخۇا روھى› ئىكەنلىكىگە دەل ھەم توغرا جاۋاب بېرەلىشىمىز ناتايىن. قانداق ئادەم بولسا شۇنداق كىتاب بولغىنىدەك قانداق كىتاب بولسا شۇنداق ئادەم بولىدۇ. شۇڭا، جۇڭخۇانىڭ تارىخىنى چوقۇم قايتا يېزىپ چىقىش ئارقىلىق ھازىرقى تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز ۋە ئىپادىلەش شەكلىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.»
ئىلگىرى يى جوڭتىيەن بىلەن ئالىم چىيۇ فېڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ كۆرۈلگەن بولۇپ ، چىيۇ فېڭمۇ بىر نەچچە كىتاب نەشىر قىلدۇرۇپ جۇڭخۇانىڭ ئەن-ئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قارىتا يېڭىچە كۆز قارىشىنى شەرھىلىگەن. ئەمما، يى جوڭتىيەن چىيۇ فېڭنىڭ شەرھىلىرىنى تەنقىتلەپ مۇنداق دەيدۇ : « مېنىڭچە ، چىيۇ فېڭ ھە دېسىلا ئاساسىي تېمىغا ئېسىلىۋالغان، ئالدىدا يەكۈننى چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن ئۇنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ماتىرىياللىرىنى ئىزدىگەن . ئۇنىڭ يەكۈنى جۇڭگودا قەدىمدىلا جۇمھۇرىيەت، دېمىگراتىيە، ئاساسىي قانۇن بار ئىدى ، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەشۇ نۇقتى -نەزىرىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىكى ماتىرىياللاردىن پايدىلانغان، ئىسپاتلىيالمايدىغانلىرىنى چۆرۈپ تاشلىغان. قوپالراق ئېيىتساق ، بۇنى ئىلىم ساھەسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ ».
يى جوڭتىيەن مۇنداق دەيدۇ : « مېنىڭ چىيۇ فېڭغا ئوخشىمايدىغان يېرىم مەن باشتىن ئاخىر تارىخنىڭ ئۆزىگە بويسۇندۇم ، تارىخ قانداق بولسا شۇ بويىچە قەلەم تەۋرەتتىم. تارىخ قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك يازدىم. تارىخقا ۋاكالىتەن قەلەم تەۋرەتمىدىم. ئەمما، تارىخقا نىسبەتەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز كۆز قارىشى بولغىنىدەك مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىم : جۇڭخۇا مەدەنىيىتى يۇقۇرى خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت بولسىمۇ ئەمما، جۇڭگودا قەدىمدە جۇمھۇرىيەت، دېمىگراتىيە، ئاساسىي قانۇن بولغان ئەمەس، دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭچە ، يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە خەنزۇلاردا ئېتىقادمۇ بولغان ئەمەس. مەن بۇ كۆز قارىشىمنى زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يېزىق ۋە ھۆججەت-ۋەسىقىلەردىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلىدىم. مۇبادا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، يېزىق ۋە ھۆججەت-ۋەسىقىلەردىكى مەزمۇنلار بىر-بىرىگە زىت كېلىپ قالسا ھۆججەت-ۋەسىقىلەردىكىنى بايقۇت قىلدىم. چۈنكى ، يەر ئاستىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىلا يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئەكسىچە، ھۆججەت-ۋەسىقىلەرنى بولسا كېيىنكىلەر ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ‹ شىياڭنامە› ، ‹ دۆلەت تىلى› دېگەن قەدىمىي تارىخ كىتابلىرى ئانچە ئىشەنىچلىك ئەمەس. ‹ نەزمىنامە› بىلەن ‹ زۇچىيەن تەپسىراتى› بىر قەدەر ئىشەنىچلىك. ‹ تارىخنامە›دىمۇ ئىشەنىچلىك بولمىغان تەرەپلەر يوق ئەمەس».
يى جوڭتىيەن مۇنداق دەيدۇ : « جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەسلىدىنلا بىر تېپىشماق. ھازىرغىچە بۇنىڭدىن ئۇزۇن دەۋىر سۈرگەن مەدەنىيەت بولمايۋاتىدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى مىسىر ۋە مىسسۇپوتامىيە مەدەنىيەتلىرىمۇ توزۇپ كەتتى. ئۇندىن كېيىن بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ مەيدانغا كەلگەن كىرت، خالاب، ئورمىك مەدەنىيەتلىرىمۇ ؛ ئارقىدىن گىرىتسىيە، رىم ، پارىس، بەيتىك، مايا مەدەنىيەتلىرىمۇ بىر-بىرلەپ تارىخى سەھنىسىدىن غايىب بولدى.ئەمما، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 3مىڭ 700 يىلدىن بۇيان ئۈزىلىپ قالماي داۋاملاشتى . يات تائىپىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئىقلىمغا كىرىپ قۇرغىنى ‹جۇڭخۇا ئىمپىرىيىسى›دۇر. ماھىيەتتە ئۇنىمۇ ‹ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى› دەپ قاراشقا بولىدۇ.ھىندىستان بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ كۆپ مەنبەلىك ، كۆپ ئۆزگىرىشلىك ، كۆپ ئىرىقلىق مەدەنىيەت بولۇپ ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان ھەم بىرلىككە كەلگەن ‹ھىندىستان مەدەنىيىتى›نى شەكىللەندۈرەلمىگەن.شۇڭا، ھىندىستان مەدەنىيىتى پەيدا بولغان ھىندىستان دەريا-ئېقىن رايونىمۇ ئاخىر ئىسلامنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ئاخىرقى ھېساپتا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرالىغىنى يەنىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بولدى .نېمە ئۈچۈن شەرقتىكى يىلار، جەنۇبتىكى مەنلەر،غەرىبتىكى روڭلار، شىمالدىكى دىلار ،ھونلار،تۈركلەر،سىيانپىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن باستۇرۇپ كېلىشى بىلەنمۇ بۇ مەدەنىيەت يوقىلىپ كەتمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن قۇدرەتلىك غەرىبنىڭ ھۇجۇمىدىمۇ خاراب بولماي ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كەلگۈسىدە يەر شارىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ؟ بۇ مەسىلىلەرگە يى جوڭتىيەن ئۆزىنىڭ 3-قىسىم كىتابىدا ئېنىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.».
http://culture.ifeng.com/whrd/detail_2013_05/03/24898152_0.shtml |