- تىزىملاتقان
- 2013-5-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 111
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
  37%
|

بەزى كورىيەلىكلەر دىيارىمىزدا دىن تارقاتماقتا
مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقىي ۋەقەنى قېرىنداشلارغا بايان قىلدىم. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن: قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسى؛ ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت: 2011-يىلى 1-ئاي؛
2011-يىلى قىشىلىق تەتىل ۋاقىتى ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە تالاغا چىقسام، بىر نەچچە كورىيەلىك تالادا دېھقانلارغا بىر نېمە دېگىلى تۇرۇپتۇ. دېھقانلار ھېچ نېمىنى چۈشەنمەي قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇكام مېنى چاقىرىپ چىقىپ: «ئاكا، سەن ئىنگلىزچە بىلىسەن، شۇڭا كورىيەلىكلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئېزىپ قالغان بولسا يولنى كۆرسىتىپ قويغىن» دېدى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ ئىنگلىزچە سەۋىيەم ياخشى ئەمەس ئىدى. 4-دەرىجىدىنمۇ ئۆتەلمەي يۈرىۋاتقان ئىدىم. ئۇلارغا نېمە بولدى دېسەم، ئۇلار، تالا بەك سوغۇقكەن، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ قايناقسۇ ئىچىپ ئىسسىنىۋالساق دېدى. مەن ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كىردىم. شۇ ۋاقىتتا قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى چوڭ كۆلەملىك چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىمۇ چاققان بولغاچقا، يېقىن ئەتراپتىكى نەزەرباغ يېزىسىغا كۆچۈپ چىققان ئىدۇق. ئۆينى دىخانلاردىن ئىجارە ئالغاچقا، ئۆيگە كىرگەن ئادەم، بۇلار دىخانلار ئىكەن دەپ قالاتتى.
ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندە «ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، گەرچە ئاللاھنى تونۇمىغان بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىگە بىنائەن ياخشى مۇئامىلە قىلاي» دەپ ئويلىدىم. ئۇلارغا ئۆيدىكى قەنت-گېزەك، چاي، نان، پىچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارنى تىزىپ، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئەتىۋالارلاپ يېمەيدىغان بادام، ياڭاق (شۇ ۋاقىتتا بادام، ياڭاقنىڭ باھاسى 70، 80 كويغا چىققان ئىدى) قاتارلىقلارنى ئالدىغا تىزىپ قويدۇم. ئۇلار ھەممە نەرسىدىن راۋىرۇس يېگەندىن كېيىن، بىزنىڭ ئىسمىمىزنى، كەسپىمىزنى سورىدى. كەسپىمنىڭ كومپيوتېر ئىكەنلىكىنى ئېيتساممۇ ئانچە ئېرەن قىلمىدى. ئۇلارغا خاتىرە كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت رەسىملەرنى كۆرسەتسەممۇ ئانچە قىزىقمىدى. مەن شۇ ۋاقىتتا سەل ھەيران قالغان ئىدىم. چۈش ۋاقىتى بولاي دېدى. ئۇلار چىقىپ كېتەيلى دېمەيتتى. ئاچام چاقچاق قىلىپ:«ئۇلارنى ھەيدىۋەتكىن، بادام، ياڭاقنى خۇددى گازىر چاققاندەك چاققىلى تۇردى.» دېدى. ئۇلار جەمئىي 3 ئادەم بولۇپ، ئارىسىدا 15-16 ياشلاردىكى بىر قىزچاقمۇ بار ئىدى. ئۇلار كورىيەدە گۈل ساتىدىكەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن. شىنجاڭغا ساياھەت قىلغىلى كەپتىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىنىڭمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چۈنكى بىلمەيدىغان سۆزلىرىنى يانفونىدىكى كورىيەچە-ئىنگلىزچە لۇغەتتىن ئىزدەپ سۇئالىمغا جاۋاب بېرەتتى.
چۈشلۈك تاماقنى ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە يېدى. بىكارغا لەغمەننى يەپ، قورسىقى چىڭدالغاندىن كېيىن، سومكىسىدىن بىر دانە يۈز مېيىنى ئېلىپ ئاچامغا بەردى، ئاچام كورىيەنىڭ دېسە ئىشەندى، مەن قارىسام ئۈرۈمچىدىكى كەررىفوردا ساتىدىغان بىر كويلۇق يۈز مېيى ئىكەن. مەن شۇ ۋاقىتتىلا ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بەردىم. ئۇلارنىڭ يۈزى خېلى قېلىنكەن، خۇددى خەنزۇلاردەك ھىجىيىپ قاراپ تۇردى. سومكىسىدىن بىر ۋاراق كورىيەچە خەت يېزىلغان قەغەزنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرچە ھەجىلەپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە، ئۇيغۇرلارغا بەك قىزىقىدىغانلىقنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. ئۆيگە كىرگەندە «ئۇيغۇرلار بەك ياخشى، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل» دەپ ماختاپ قويسا مەنمۇ ئۆزۈمنى بىلەلمەي بادام، ياڭاقنى ئالدىغا تۆكۈپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ ھەجىلەپ ئوقۇغاچ، مېنىڭمۇ ئۆزى بىلەن تەڭ ئوقۇشۇمنى ئۆتۈندى. ئىككىمىز بىللە ئوقۇدۇق. ئەسلىدە ئۇيغۇرچە خەتنى كورىيە يېزىقىدا يېزىۋالغان ئىكەن. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇلۇشى بويىچە خەنزۇچە يېزىۋالغاندەك. ئىككىمىز بىللە ئوقۇدۇق، دەسلىپىدە ناھايىتى سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ كەتتىم، ئاندىن مۇنداق جۈملىلەر ئۇچرىغىلى تۇردى:«ئىسا بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ئۇ ئالەمنى ياراتتى. بىز ئۇنى سۆيىمىز. بىز ئىسانىڭ ئالدىدا كەچۈرگىسىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق... ... »، شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ قەغەزنىڭ خىرىستىئان دىنىنىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، مېنى گول، ئاقكۆڭۈل كۆرۈپ، ئوقۇتقۇزۇپ، ئاڭلاتقۇزۇپ خىرىستىئان دىنىغا باشلاپ ئەكىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدىم. شۇنداق غەزىپىم كەلدى، ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېھماننى ياخشى كۈتەي دەپ قىلغان ياخشىلىقلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئاچام بىسمىللاھ دەپ ئەتكەن تاماقنى مۇشرىك، مۇناپىقلارغا بەرگىنىمدىن خىجىل بولدۇم. ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى، ئۇلار ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئېتقادى بوش، ئەخمەق، ساددا دەپ ھېسابلىغىنى بولدى.
شۇ دەقىقىدە مەن ئۇنىڭدىن :«سەن خىرىستىئانمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ بەك ھەيران قالدى ۋە ھەئە دەپ جاۋاب بەردى. مەن:«ماڭا ئوقۇتۇۋاتقىنىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ تەمتىرەپ:«ئۇيغۇرچە خەت» دەپ جاۋاب بەردى. شۇ چاغدا ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، «سەن مېنى گول كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟! ئۇيغۇرلارنى ئەخمەق كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟! ئۇيغۇر ساڭا چاي بەردى! توڭلاپ كېتىپتۇ دەپ ئۆيىگە باشلىدى! ئۆزى يېمەيدىغان بادام، ياڭاقنى ساڭا بەردى! ئوخشىغان لەغمەن بەردى! نەتىجىدە سەن ئۇلارغا نېمە قىلدىڭ؟! ئۇلارنى خىرىستىئان قىلماقچى بولدۇڭ! ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى قىلچىمۇ ئالماي، ئۇلارغا ئىنجىل ئوقۇتتۇڭ! ئاقكۆڭۈل، ساددا ئۇيغۇرنى ئالدىدىڭ! سەن يالغانچى ئىكەنسەن!» دەپ ئەلپازىمنى بۇزۇپ بىر سۆزلەپتىكەنمەن. بىلمەيدىغان ئىنگلىزچە سۆزلىرىم نەدىن يادىمغا كەلدىكىن، ئاچام بىلەن ئۇكام ھەيران قاپتۇ. ئۇلارغا:«ئۆيىمىزگە ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىدىغانلار كەپتۇ. بىزنى نادان، ئېتقادى بوش كۆرۈپ خىرىستىئان دىنىغا ئەكىرمەكچى ئىكەن!» دېدىم. ئاچام بىلەن ئۇكامنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى.
ئۇلار ھودۇقتى. ئۇلارغا دېدىم:«بىز ئۇيغۇر ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست، لېكىن بىز ئەخمەق ئەمەس. بىز خىرىستىئانلارغا قارشى ئەمەس، لېكىن بىز خىرستىئان دىنىغا كىرمەيمىز! سىلەرمۇ ئۇيغۇرنى خىرستىئان دىنىغا كىرگۈزىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار! سىلەرگە ئوخشاشلار بۇرۇنمۇ كەلگەن، مەغلۇب بولغان ئىدى! ھازىر سىلەرمۇ مەغلۇب بولدۇڭلار! بۇندىن كېيىنمۇ مەغلۇب بولىسلەر! ئۇيغۇرنى ئىسلامنى سۆيىدۇ، قۇرئاننى سۆيىدۇ! ئۇيغۇر نامرات، لېكىن قەلبى باي! ئۇيغۇر مېھماندوست، لېكىن دۈشمىنىگە رەھىمسىز، خۇددى مەندەك! بۇندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ساياھەت قىلىڭلار، ئۇيغۇرچە ئۆگىنىڭلار! لېكىن دىن تارقاتماڭلار! بىزگە ئىسلام يېتىدۇ! ئىسلام ئۇيغۇرغا كۇپايە! ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلغان دەل ئىسلام دىنى!» دەپ سۆزلەپ كېتىپتىمەن. ئۇلارغا قارىسام، ھېچ نېمە دېيەلمەي قاراپ تۇرىدۇ. مېنىڭ ئىنگلىزچە سۆزلىكىم بەك ئاز ئىدى، شۇڭا بىر نەچچە سۆزلۈك ئاددى جۈملە بىلەن پىكىرىمنى بىر جۈملە-بىر جۈملىدىن ئۇلارغا بايان قىلدىم. ھەممىسى ئۇلار چۈشىدىغان ئاددى سۆزلەر ئىدى. ئۇلار كەچۈرۈم سورىدى ۋە بەرگەن نەرسىلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار:«بىز يەنە دوستمۇ؟» دېدى. مەن :«ھەئە، دوست. لېكىن ئۇيغۇرنى خىرستىئان قىلماقچى بولساڭ، بىز دۈشمەن!» دېدىم. ئۇلار ھەممىمىزنى بىرلىكتە سۈرەتكە تارتىپ قويماقچى بولدى. مەن رەت قىلدىم، شۇئان كۆڭلۈمدە:«بۇنىڭ سۈرەتكە تارتىشىدا، بىر شۇم پىلان بار. ئۇلار ئۇ سۈرەتنى خوجايىنىغا ئاپىرىپ مانا بىر نەچچە ئۇيغۇر دېھقاننى خىرىستىئان قىلدىم» دەيدۇ دەپ ئويلىدىم. ئويلىغىنىمنى ئۇنىڭغا دېدىم. ئۇ ئۇنداق ئەمەس دېدى. كۆزلىرىمدىن غەزەپنى چىقىرىپ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن رەسىمگە چۈشتۈم. ئۇلار :«شەھەرگە بارىدىغان يولنى كۆرستىپ قويساڭلار» دېدى. مەن شۇ چاغدا:«بۇلار تاكسىنىڭ پۇلىنىمۇ بىزگە تۆلەتمەكچى ئوخشىمامدۇ؟» دەپ ئويلىدىم. ئۇلار ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا مەن مۇنداق دەپ تاپىلىدىم:«ئۇيغۇر ئىسلامنى سۆيىدۇ. ئۇيغۇر قۇرئاننى سۆيىدۇ. ئۇيغۇر ئىساغا مۇھتاج ئەمەس. ئۇيغۇرغا مۇھەممەد پەيغەمبەر كۇپايە! دىيارىمىزغا كېلىڭلار، لېكىن دىن تارقاتماڭلار!»؛ ئۇلار ماقۇل دەپ خوشلاشتى. كېيىن ئاچامدىن ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ يولنى بىلمەيمىز دېگىنى يالغان ئىكەن. چوڭ يولغا چىقىپلا، يولنى پىششىق بىلىدىغاندەك، ئاچام بىلەن خوشلاشمايلا ئۇدۇل شەھەر تەرەپكە قاراپ كېتىپتۇ.
شۇنىڭدىن ئىبرەت بولدىكى، ئېتقاد كىرزىسى ئېغىرلىشىپتۇ. ئابدۇقادىر داموللام ئاتىلىرىمىزدەك، ئۇلارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن كەلمەسكە كەتكۈزۈۋېتىشىمىز لازىمكەن. ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن سىناقلىرىغا شۈكىرى دېدىم. ئاللاھنىڭ ئاشۇ قېتىمقى ئىمتىھانىدىن ئاللاھ خالىغاندەك ئۆتكەن بولۇشۇمنى تىلەپ نامىزىمدا دۇئا قىلدىم. شۇندىن كېيىن، چەتئەللىكلار كەلسە ئۇدۇل ئۆيگە باشلايدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، مۇددىئاسىنى بىلىپ ئاندىن تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى بېرىدىغان بولدۇم. مەندىن خاپۇلىسا، بېشىمدىن ئۆتكەن ئاشۇ ئىشنى بايان قىلىپ بەردىم. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئوبرازىنى ئۆزى تۆكتى. ئۇيغۇرنىڭ چەتئەللىكلەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆزى يوقاتتى. شۇڭا ئۇلارنى ئالدىراپ ئۆيگە كىرگۈزمەسلىك، ئالدىراپ مېھماندوستلۇق قىلماسلىق، ئۇلارنى چوڭ بىلمەسلىك، ئۇلارنى ساياھەتچى قاتارىدا كۆرۈش لازىم ئىكەن.
شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن يەنە بىر ئىشقا يولۇقتۇم. 2011-يىلى 4-ئايلار ئىدى. تەتىل توشۇپ، مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم، يۇقارقى ئىشنى دوستلىرىمغا ئېيتىپ، ئۇلارنىمۇ پەخەس بولۇشقا ئۈندىدىم. بىر كۈنى ئىككى ئاغىنەم بىلەن مەكتەپ ئەتراپىدىكى تاماقخانىغا كىرىپ تاماق يېدۇق. تاماقخانىدا ئادام كۆپ ئىدى. يېنىمىزدا ئككى كورىيەلىك ئولتۇرغان ئىدى. بىرسى ئايال ئىدى. كورىيەلىك ئەر بىزگە «ياخشىمۇسىلەر» دەپ ئۇيغۇرچە سالام قىلدى، بىزمۇ ئېرەن قىلماي جاۋاب قايتۇردۇق. ئارىدا بىر ئاغىنەم:«ئۇلار نېمە قىلغىلى كەلگەندۇ؟» دەپ سورىدى. مەن:«خىرىستىئان دىنىنى تارقاتقىلى» دەپ جاۋاب بەردىم ۋە بېشىمدىن ئۆتكەن ھېلىقى ئىشنى قىسقا قىلىپ سۆزلەپ بەردىم. ھېلىقى كورىيەلىك ئەرمۇ ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان ئوخشايدۇ، «سەن كورىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى دىن تارقىتىدۇ دېمە، ئۇ ئىشنى قىلغانلار ئاز ساندا. كورىيەدىمۇ ئەرەب سودىگەرلىرى ئىسلام دىنى تارقىتىدۇ. لېكىن نەدە ئەرەبنى كۆرسەك دىن تارقىتىدۇ دېمەيمىز. مېنى نېمىگە ئاساسەن دىن تارقاتقىلى كەلدى دەيسەن؟ مەن ساڭا دىن تارقاتتىممۇ؟ خىرىستىئان دىنى توغۇرلۇق سۆزلىدىممۇ؟» دەپ سۆزلەپلا كەتتى. مەن:«مەن گۇمانىمنى دېدىم. سېنىڭ دىن تارقاتقىلى كەلمىگەنلىكىڭنى نەدىن بىلىمەن. پېشانەڭگە دىن تارقاتمايمەن دەپ يېزىۋالغانمىتىڭ؟! شىنجاڭغا كەلگەن كورىيەلىكلەرنىڭ تولىسى خىرىستىئان دىنى تارقىتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى ئەخمەق، ساددا، ئېتقادى بوش دەپ خىرىستىئانلاشتۇرىدۇ. ئاشۇنداق ئىشنى قىلمىساڭلار، مەن گۇمان قىلامتىم؟! ئۆزۈڭلارنىڭ يۈزىنى ئۆزۈڭلار تۆكتۈڭلار!» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم. ئۇ ئۇيغۇرچە دېگەن گەپلىرىمنى تامامەن چۈشەندى. ماڭا مۇنداق دېدى:«مەن دىن تارقاتقىلى كەلمىدىم، بىر شىركەتتە ئىشلەيمەن. ئايالىممۇ ئىشلەيدۇ، ئىشتىن سىرت ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتىمىز» دېدى. مەن مۇنداق دېدىم:«سەن ئۇيغۇرچىنى ئىشتىن سىرت ئۆگىنىپ مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتتىڭمۇ؟ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش تەس تىللارنىڭ بىرى. كورىيەدىن دىن تارقاتقىلى كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ساڭا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇرچە سالام قىلىدۇ، خۇشخۇي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاندىن مەقسىتىنى قىلىدۇ. سېنى دىن تارقاتقىلى كەلدى دېگىنىم يوق. گۇمانىمنى دېدىم. دىن تارقاتمايدىغان بولساڭ، دىن تارقىتىدىغانلارغا دەپ قوي، دىن تارقاتمىسۇن، بەلكىم دىن تارقىتىدىغانلارنى تونۇيسەن»؛ ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى. تاماقنى يەپ بولۇپ، خوشلاشمايلا چىقىپ كەتتى. كورىيەلىك ئەرنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقى ۋە بىز بىلەن مۇنازىرە قىلغانلىقى، يەنە شۇنداق تۇرۇپ ئۇيغۇرچىنى ئىشتىن سىرت ئۆگەندىم دېگىنى مېنى قاتتىق گۇمانغا سالغان ئىدى. ئۇيغۇرچىنى ئىشتىن سىرت ئۆگىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنداق سەۋىيەگە يەتكىلى بولمايتتى. خەنزۇنىڭ شىركىتىدە ئىشلەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىنى ئۇنداق راۋان سۆزلىيەلمەيتتى. مەلۇم مەقسەت بىلەن ئۆگەنگەنلەرلا ئاشۇنداق راۋان سۆزلىيەلەيتتى ۋە چۈشىنەلەيتتى.
|
|