- تىزىملاتقان
- 2013-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 506
- نادىر
- 0
- يازما
- 37
ئۆسۈش
1.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا biradem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-8 08:08
خەلقئارا سودا خەنزۇلارغىمۇ دەھشەت خىرىس ئېلىپ كەلدى، بۇلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ئاچكۆزلەشتى، خەير-ساخاۋەت دېگەن يوقلا گەپ، چۈنكى بۇلاردا ئېتىقاد يوق. ئېتىقادنى ئاقسۆڭەكلىك، تەربىيە كۆرگەنلىك دەپ قارايدىغان بايلار خىرسىتيان بولسىمۇ بوپتۇ، ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىن چىققان كاتتا باي فەن شىچىمۇ باھاۋى ئىكەن. بۇ باتىل ئېتىقاد ۋە مەزھەپلەرگە كىرىش دىنسىز، يۈگەنسىز، ھايۋاندەك يۈرگەندىن ياخشىراق. ئەمما بۇلارنىڭ ئىشى چاتاق، لاڭ شيەنپىڭدەك ئىقتىسادشۇناسلىرى توردا سۆزلىگەن بىلەن مەركەزگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن، باي-كەمبەغەللىك پەرقى زورايدى، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى تۆۋەن، قالايمىقان. بارلىق ساھەنى يالغانچىلىق، كۆزبويامچىلىق قاپلىدى. ياساش كەسپى چېكىندى، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە گورۇھلىرىنىڭ ئىقتىساد ھۇجۇملىرى كۈچەيدى، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئارقىسىدا پايچىكلارمۇ ئۇقالمايدىغان قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تاكتىكا، مەدەنىيەت تاكتىكىسى، ئىقتىساد تاكتېكىسى، شالغۇتلاشتۇرۇلغان مەھسۇلات تاكتكىسىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش ھالىتىدە. بۇ ئۇرۇش رەسمى جەڭگە ھامىلدار، ھېلى ئۇ توقۇنۇش، ھېلى بۇ توقۇنۇش، دېڭىز تەۋەلىكى، نېفىت بايلىقى تالىشىش، سۇ مەنبەسى تالىشىش ۋاھاكازالار ئەمدى يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ، داۋاملىق ئەنسىزلىك، ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئىچى تىتىلداپ تۇرغان رەھبەرلەر، خوجايىنلار، پارازىت بايلار، بىچارە خەلق گويا قوي پادىلىرىدەك ئاشقان-تاشقاننى يەپ، كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. خەلق دېگەن ئۇقۇممۇ پارچىلىنىپ كەتتى، چۈنكى خەلقنى تۇتۇپ تۇرىدىغان بىرلىك ئاڭ يوقالدى، ھازىر پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، جېنى ئارام تاپسا ھەممىگە رازى ئىنسانلار توپى مەۋجۇت. دۇنيانى كىم ئۆزگەرتىۋاتىدۇ؟ ئۇ بىر شەخس ئەمەس، بىر نەچچە شەخسمۇ ئەمەس، جاھانگىر دۆلەتلەرمۇ ئەمەس، غايەت ئىلغار تېخنىكىلار، ئۈسكۈنىلەر، ئاتوم بومبىلار.. ۋاھاكازالار، ھېچنېمە ئەمەس، بۈيۈك ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئۆزى ياراتقان ئالەم ۋە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇق، ماددىدىن تارتىپ روھقىچە، بۈيۈك ئالەمدىن تارتىپ كىچىك زەررىگىچە، بارلىق ماددا ۋە ھەرىكەت، ئېنىرگىيە ۋە تەسىر كۈچ... لەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇق. بىر يىگانە ئاللاھتىن بۆلەك ھېچنېمىگە تاڭ قېلىش كەتمەيدۇ، بىر يېگانە ئاللاھتىن باشقا ھېچنېمىگە ھۆرمەت، ئەيمىنىش نەزەرىدە قاراش ئەرزىمەيدۇ، بىر ئاللاھتىن باشقا مۇھەببەت، قورقۇنچ ۋە ئەيمىنىشكە لايىق مەۋجۇتلۇق يوق. دۇنيانى يېگانە ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ ۋە خالىغىنىچە باشقۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغلۇقتا زەررىچە شەك-شۈبىھە يوقتۇر. ۋاھالەنكى، بۇنى ئىنسانلار بىلىپ تۇرۇپ، ھەر ئىشنىڭ بېشىدە ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە دۇنيانىڭ كىملەرنىڭ، نېمىلەرنىڭ ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدۇ، تەتقىق قىلغۇسى كېلىدۇ.. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى. بىچارە ئىنسان تولىمۇ جاھىل ۋە ناداندۇر. |
|