قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1458|ئىنكاس: 25

مۇنبەر ۋە بىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

4744

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1008
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 00:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
            جۇڭگو  ئارزۇسى ھەممىزنىڭ ئارزۇسى


     ئىرسىيەت ئامىلى بولسا كېرەك كىتاپ ئوقۇشقا بەك ھىرىسمەن ئىدىم، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، بالىلار رومانلىرى ۋە تارىم ژورنىلى، دۇنيا ئەدەبىياتى، شىنجاڭ مەدىنيىتى قاتارلىق ژورناللارنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئوقۇيتتۇم،  ئەقلىم بارغانسىرى چوڭ بۇلۇشقا باشلىدىمۇ ياكى بۇ دەۋىر ژورناللىرى ھەق گەپ قىلماس بۇلۇپ قالدىمۇ، بۇلاردىن روھى ئۇزۇق ئالالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم، بۇ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، ھەققانىلىيقى، ئەمىلىيەتچانلىقى بارغانسىرى يوقۇلۇپ كەتكەندەك بىلىندى، خۇددى «نان يىسىڭىز قورسىقىڭىز تويىدۇ»، «ئۇساپ كەتسىڭىز سۇ ئىچىڭ»، «ئادەم يا ئۆلىدۇ يا ھايات قالىدۇ» ، «مۈشۈك چاشقان يەمدۇ؟» دىگەندەك ئەسەرلەر بىلەن بەتنى تولدۇرۇپ ئادەم ئالدايدىغاندەك بىلىندى.
          بۇ ژورناللارنى سېتىۋالغان پۇلۇمغا قورسىقىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالدى. كىيىنچە توردىكى مۇنبەرلەر مىنى جەلىپ قىلىشقا باشلىدى، چۈنكى بۇ مۇنبەردە ئەركىن پىكىر قىلىش، يازمىلارنى تىز ۋە ئۆز پېتى ئېلان قىلىش ئەركىنلىكى بار ئىدى، بۇلۇپمۇ ئىلمى مۇنازىرە، تورداشلارنىڭ مەسىللەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ھەرخىل پىكىر قىلىشى مىنى بەك جەلىپ قىلدى،  بۇلۇپمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ مۇنبەرلەر سالام خەت، ئاشىق شېئىرلىرى ۋە پۇچەك خەۋەرلەر، خوشامەت تىمىللىرى، بۇرۇختۇرمىچىلىق بىلەنلا توشۇپ كەتكەن بولغاچقا ئادەمگە روھى ئوزۇق بىرەلمەيتتى،  بارا بارا بۇ مۇنبەرلەردىنمۇ رايىم قايتىپ، توردا باشقا تىلدىكى ماتىرياللارنى كۆرۈش بىلەن ئاۋارە بولدۇم،
         لىكىن مۇنداقلا زىيارەت قىلىش داۋامىدا ئالتە يەتتە ئاي ئىلگىرى  «ئانا تىل يەسىلىسى قۇرۇش يۇلىدا» دىگەن تىمىنى بۇ باغداش مۇنبىرىدە كۆردۈم ۋە تىما ئىنكاسلارنى ھاياجان ئىلكىدە 1- بەتتىن 95-بەتكىچە ھەممىنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ مەن ئۇزۇندىن بىرى ئويلاپ يۈرگەن لىكىن قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بېشىم قېتىپ يۈرگەن مەسىللەرنىڭ بىرى ئىدى، قارىسام بۇ پەقەت مىنىڭلا بېشىم قېتىپ يۈرگەن مەسلە ئەمەس بەلكى مىللىتمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ساداسى ئىكەن.  غايىلىكرەك بىرىنىڭ چىقىپ «ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم. قەلبىمىزدىكى نىيەت ۋە مەقسەت ئەمدىلىكتە ئەمىلى ھەركەتكە ئۆزگىرىۋاتقان ئىدى، مەقسەتنىڭ ھەركەتكە ئايلىنىشى بۇ  بارلىق ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىشى ئىدى، مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەركەت كېرەك، ئوخشاش تىلەككە، ئوخشاش غايىگە ئىگە كىشىللىرىمىزنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنبەردە ئورتاقلاشقانلىقىمىزنى كۆرۈپ بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولغان ئىدى. نەچچە قېتىم  مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۆچۈرىۋىتىلگەن بۇ تىما يەنىلا داۋام ئەتتى، مەنمۇ بۇ تىمىنىڭ قىزغىن ئىشتراكچىللىرىدىن بۇلۇپ، ئۆزەمنىڭ ئىنكاسلىرىنى يازدىم. بۇ مەن يېقىندىن بۇيان توردا كۆرۈپ ماڭا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان ۋە ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان تىما بۇلۇپ قالدى. مەن ھەركۈنى دىگۈدەك پەقەت مۇشۇ تىما ئۈچۈنلا مۇنبەرگە كىرەتتىم، باشقا مۇنبەرلەرگە قىزىقىشىم يوق ئىدى. چۈنكى بۇ تىما كىشىلەرنى ئەمىلى ھەركەتكە يىتەكلەيدىغان ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگەن كىشىللىرىمىزگە ئۈمىد بېغىشلىغان بىر تىما ئىدى.  
          كىيىنچە  بوزقىر، ئاتىللا، گۈلەن، دولان قاتارلىق توردىكى ئىلغار پىكىرلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نادىر يازمىللىرى ۋە تەرجىمىللىرىنى كۈرۈشكە مۇۋەپپەق بۇلدۇم. شۇنداقلا نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم، ھەم بۇ مۇنبەردىكى كۆپ سانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئىدىيسىنىڭ ئىلغارلىشىپ مېڭۋاتقانلىقنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم. ئىلگىرىمۇ ئۆزەممۇ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا ئامراق ئىدىم، ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىش يىلتىزىنى ۋە ماھىيتىنى بىلىشكە قىزىقاتتىم، پىكىر يۈرگىزەتتىم، بوزقىر، ئاتىللا، گۈلەن، دولان قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىمىللىرىنى كۆرگەندىن كىيىن مىللىتىمنىىڭ تەقدىرى ۋە پەرزەنتىمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم،  مۇنبەردىكى ئىلغار ئىدىيلىك يازمىلارنى ۋە تەرجىمىلەر ماڭا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك ئۆزەمنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىمنى ساقلاپ ياشاش، ئۆزلۈكنى ئۇنتۇماسلىق، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىش، ئادەمدەك ياشاش ئىستىكى ئۇلغىيىشقا باشلىدى ھەم شۇنداق ياشاش ئۈچۈن تىرىشتىم (ئۆلچەمگە يەتمىسىمۇ)، بۇنى كىشىلىك ھاياتتىكى مىزانىم دەپ بىلدىم.
        مەنمۇ مەقسەتلىرىم ئۈچۈن ھەركەتلىرىم بولسۇن دىگەن ئويدا ، بۇ مۇنبەرگە تىما يوللاشنى بىرىنچى قەدەم دەپ بىلدىم، ئۇزۇن يىل يىزىقچىلىقتىن ئايرىلغانلىقتىن قەلىمىم تولىمۇ گال بۇلۇپ كەتسىمۇ، تىلغا تولىمۇ گاداي بولساممۇ، مىنى شۇنداقلا ھەممىمىزنى ئازاپلاۋاتقان ئىشلارنى تۇتقا قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۇرىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان تىمامنى يوللىدىم، بەلكىم ھەممەيلەنىڭ يۈرىكىدىكى  نەق گەپنى قىلىپ باشقىلارنىڭ زىل تومۇرىغا تەككۈزىۋەتىممىكىن بىلمىدىم؟ بىرىنچى تىمامنىڭ ئۆچۈرىلىشى ماڭا تېخىمۇ غەيرەت بولدى.  بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن پايدىلىنىپ، ياخشى بولغان تىمىلارنى يىزىشقا ۋە تەرجىمە قىلىشقا تەرەددۇت قىلماقتىمەن. ياخشى يامىنىنى تورداشلار ۋە خەلقىم ئايرىيدۇ.
ئاپىرىن! مۇشۇنداق ياخشى مۇنبەرلەر تەرەققىي قىلغۇسى  ، خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدىكى گەپلەرنى قىلىپ، تېخىمۇ قوللاشقا ئىرىشكۈسى، نۇرغۇن تالانتلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى ھىچقانداق ئارقا ئىشىكسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىسل ئەسەرلىرى خەلقىمىزگە بىۋاستە يەتكۈزۈلگۈسى، ئىلغار ئىدىيىلەر خەلقىمىزگە تارالغۇسى.  
مۇشۇ ئۇيغۇرچە يىزىقنى تور دۇنياسىغا ئېلىپ چىققان ۋە ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنى ئىجاد قىلغان كىشىللىرىمىزگە تەشەككۈر!
باغداشتەك ياخشى مۇنبەرلەرنى قۇرغانلارغا تەكشەككۈر!
           مۇشۇنداق ياخشى مۇنبەرلەر يەنە كۆپلەپ قۇرۇلغۇسى، ئاللاھ خالىسا خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ئورتاق پىكىرگە كىلىشىدە مۇشۇنداق مۇنبەرلەرنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولغۇسى.
   

ئانا تىلىم-جان ت

0

تېما

10

دوست

1522

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8290
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 697
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كۈنى ئىشقا چۈشۈپلا قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ باغداش تورىنى  ئېچىش،ئاندىن ‹‹ئانا تىل مەكتەپلىرنى قۇرۇش››تېمىسىدىكى قۇشۇلغان  ئىنكاسلارنى بىرمۇ بىر كۈرۈپ چىقىش،بۇ بەلكىم زور كۆپچىلىك تورداشلاغا ئورتاق  ئادەت بولسا كېرەك، بۇمۇنبەردە بەزى  مۇنبەرلەردەك كىشىنى بىزار قىلىدىغان تايىنى يوق ناخشا-قوشاقلار ،باغلاشمىغان مۇھەببەت ھكايىلىرى يوق،تېمىلارغا چۈشكەن  ئىنكاسلارمۇ ئادەمنىڭ  قىزىقشىنى قوزغايدۇ ،قىسقىسى باغداش مۇنبىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

1

دوست

788

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17360
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:25:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ، ھازىرقى كىتاب، ژورناللارنىڭ ئادەمگە ھوزۇر بىغىشلىغۇدەك قەلىب تارىنى چەككۈدەك ئۆزى ۋە مىللەت ھەققىدە ئويغا سالالىغۇدەك يىرى قالمىدى . مىنىڭچە بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات ۋە ئۇيۇشۇشلارنى ئىنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ چەكسىز دۇنيادىن ئايرىپ قارىيالمايمىز ئەلۋەتتە.ھەتتا كىتاب مەتبەئەتچىلكنىمۇ بىسىپ چۈشىشى مۇمكىن .

11

تېما

7

دوست

2218

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 610
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 16:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ چىن يۈرەك سۆزىىڭىزدىن منىنىڭ يۈرەك سۆزۈم ئەكىس ئىتىپتۇ....ئاللاھقا شۇكرە ،باغداش مۇنبىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن...

18

تېما

6

دوست

929

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   85.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15433
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 91
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 17:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ نىيەت ئىقبالىنى بىر قىلغاي!

0

تېما

0

دوست

110

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19159
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 17:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا خەنزۇچە مۇنبەرلەرنى ئارىلاۋىتىپ بۇ تىمىغا كۆزۈم چۈشۈپ  قالدى.ئىچىمدە

ئۇششاق بالىلارنىڭ ئەرزىمەس گەپلىرىگە پىسەنت قىلىپ كېتىش ھاجەتسىز، قىممەتلىك ۋاقىتنى قويۇپ ئوقۇپ يۈرۈشكە تېخمۇ ئەرزىمەيدۇ. تېما قانداق مەزمۇندا بولسا، ئىنكاسمۇ شۇ مەزمۇننى چۆرىدەپ بولغىنى ياخشى، بىردەملىك ھاياجان بىلەن قانداقتۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازمىغۇلۇق.

0

تېما

0

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19172
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 18:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawaot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 18:47  

    دىمىسىمۇ مەنمۇ بۇ باغداشقا ئاشىقى بىقارا بولدۇم،خىزمەت ۋاقتىدا تورغا چىقىش چەكلەنگەن بولسىمۇ ئوغۇرلۇقچە باغداش مۇنبىرىگە كىرىپ ئانا تىل  يەسلىسى قۇرۇش مەزمۇنىدىكى  تېمىنى كۆرمىسەم چىدالمايدىغان بولدۇم، باغداشقا كۆز تەگمىسۇن!!! تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سۇراپ باققۇم كەلدى:شاڭخەي شەھرى يېڭى بەلگىلمە چىقىرىپ شىنجاڭدىن بارغانلارنى قايتۇرماقچى بولغاندا،قېرىنداشلىرىمىز ‹باشلىقىمىز شى جىن پىڭ ئاۋام تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۇلەمدۇ يوق؟›دەپ خەت يېزىلغان لۇزۇنكىلارنى كۆتىرىپ كوچىدا يىغىلىش قىپتۇ،(مەن ئاغىنەمنىڭ ئۈندىدارىدىن كۆردۈم ،دۇشەنبىدىكى خەۋەر ئوخشايدۇ)،تەپسىلاتىنى ۋە ئىش داۋامىنى بىلىدىغانلار بولسا خەۋەر بەرسەڭلار

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

21

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 2568
توردىكى ۋاقتى: 487
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 18:52:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرى تخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن ! باغداشقا مەڭگۈ كۆز تەگمىسۇن !
بىز باغداشتىن ئايرىلالمايمىز ...

1

تېما

1

دوست

4548

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 19:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

1

تېما

0

دوست

1227

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   22.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17178
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 20:10:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. مەنمۇ شۇنداق   بىكار بۇلۇپ قالساملا مۇنبەر ئاچىمەن. تېمىغا چۇشكەن ئىنكاسلارنى كۇرىمەن.
مەن ئىلگىرى دىيارىم . شەبنەم، سەلكىن مۇنبەرلىرىگە چىقاتتىم.
ھازىر باشقا مۇنبەرلەرگە قاراپ بەك ئۇمۇتسىزلىنىپ كېتىمەن، تاينى يوق....
يەنىلا باغداش مىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )