- تىزىملاتقان
- 2013-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 84
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
28%
|
مەكتەپ مۇدىرى
يىقىندىن بىرى مائارىپنىڭ سۈپەتسىزلىگى توغۇرسىدا گەپ ئېچىلسىلا بىر قىسىم ئاپتۇرلار ئاساسلىق گۇناھنى مەكتەپ مۇدىرىغا قۇيىدىغان ، مەكتەپ مۇدىرىنى مائاش تۇتۇشنىلا بىلىدىغان ، دىگىنىلا قىلىدىغان زومىگەر، قارا قۇساق بىلىمسىز ، پارىخۇر .... قىلىپ يازىدىغان بولىۋالدى . خىلى كۆپ ساندىكى ماقالىلەر مۇدىرنىڭ ئەدىۋىنى بىرىدىغان توقماققا ئايلاندى . مۇنداق ماقالىلەر تازا ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق بىر تەرەپلىمىلىك قاراش . نىمىشقا دىگەندە مۇدىرلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇنداق بولىشى مومكىن ئەمەس . مۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلار ھۇرۇن ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ئەمەس ، ئىزدىنىش روھى كەم ، بىر قىسىم قاخشاش كىسىلى ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى خىزمەتتىن قاچۇرۇش ، ئۆزىنى قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىۋاتقان ئاخمىقانە قاراشلىرى ياكى تەسەللىسى خالاس . بەلكى مۇنداق دىسەم بۇ گېپىمگە يەنە نۇرغۇن ئادەم قايىل بولماسلىغى مومكىن ، شۇڭا مەن ئەمىلى خىزمەت جەريانىدا بىشىمدىن كەچۈرگەن بەزى ئىشلارنى قايىل بولمىغانلارغا سۆزلەپ بىرەي .
مەكتەپ مۇدىرىنى مائاش تۇتۇشقا ئامراق دىدىڭلار ، توغرا مائاش تۇتۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس . باشقۇرۇش مىتۇتى يوق ئادەم مائاش تۇتۇدۇ بۇمۇ تۇغرا . مەن دەسلەپتە مۇدىر بولغاندا قەتئى مائاش تۇتمايمەن دەپ ئويلىغان ... لىكىن مۇدىر بولغاندىن كىيىن مائاش تۇتتۇم. قېنى سىلەر مىنىڭ ئورنۇمدا بولساڭلار قانداق قىلاتىڭلار مەن يولوققان بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىقىڭلار . مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن كىيىن مائاش تۇتۇلمايدىغانلىغىنى ئىلان قىلغاندا ئوقۇتقۇچىلار بەك خۇشال بولۇشقان .بىر نەچچە كۈن ئوتكەندىن كىيىن سىنىپ مەسئۇللىرىغا بىر جەدۋەل تارقىتىپ ئوقۇغۇچىلار كىلەر مەۋسۇمدە مۇشتىرى بولىدىغان پايدىلىنىش ماتىرياللىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ئاتا ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ جەدۋەلگە ئۆزلىرى خالىغان ماتىرياللارنى تاللاپ بىرىشىنى تاپشۇردۇم، چۇنكى ئىلگىرى مەن سىنىپ مەسئۇلى بولغاندا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەيلىچە مۇشتىرى سانى يوللىنىپ ، ماتىريالار كەلگەندە ئوقوغۇچىلار ئالمىسا زورلاپ سىتىپ ئاخىردا سىتىپ بولالماي مائاشتىن سىلىپ بىرىپ خىلى دەرىت تارىتقان ئىدىم ئۆزەمچە بۇ ئۇسۇل ناھايىتى توغرا ئۇسۇل ئىدى ، لىكىن بىر ھەپتىگىچە بۇ جەدۋەلنى يىغىپ ئالالمىدىم بىر نەچچە قىتىم چۇشەندۇرگەن بولساممۇ ، بەزى سىنىپ مەسئۇللىرى جەدۋەلنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىىتپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ، مۇشتىرى ئىشى كىچىكىپ كەتتى ئامالسىز بۇرۇنقى مەكتەپ تاپشۇرغان ھەرقانداق ئىشنى بىر كۇن كىچىكتۇرسە ئون يۇەن تۇتۇلىدۇ دىگەن تۇزۈمنى ئەسلىگە كەلتۇردۇم . بىر سائەتتىلا جەدۋەل قولۇمغا تەگدى . بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا جەدۋەلنى بەرمەي ئۆزىلا تولدۇرۋىتىپتۇ .ئىلگىرى ھەر ئايدا بىر قىتىم بارلىق خىزمەت تەكشۇرلۇپ خۇلاسىلىنىپ كەم چىققان خىزمەتنىڭ مىقتارىغا قاراپ مائاش تۇتۇلاتى . مەن بۇ ئىشنىمۇ ئوزگەرتىپ مائاش تۇتمايدىغان قىلغان ئىدىم . بىراق بىر ھەپتىدىن كىيىن خىزمەتلەرنى تەكشۇرسەم پىلان تۈزىمىگەنلەر ، تاپشۇرۇق بەرمىگەنلەر ، ھەتتا بىر قۇر خەت يازمىغانلار ناھايىتى كوپ چىقتى ، ئالدىرماي سەمىمىلىك بىلەن چۇشەندۇردۇم يەنە بىر ھەپتىدىن كىىين ئىش يەنە ئوخشاش يەنە چۇشەندۇردۇم ... يەنە ئوخشاش . بولماي بۇرۇنقى تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۇردۇم ئىشلار يۇرۇشۇپ كەتتى ... مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىلغا بارمايلا بۇرۇنقى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قوللانغان تۈزۈملىرىنى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۇرۇپ بوپتىمەن خۇددى «باغ » فىلىمىدىكى ياسىن شۇجىدەك ئىش بولدى . ماڭا نېمە ئامال مەن بىر مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان ئادەم ، ئوقۇتقۇچىلار پىلان تۈزىمىسە ، دەرىسكە كىرمىسە ،تاپشۇرۇق بەرمىسە قانداق قىلىمەن .مەن چۇقۇم شۇ ئىشلارنى قىلدۇرشۇم كىرەك چۇنكى بۇ مىنىڭ مەجبۇريىتىم .ئاشۇ مۇدىردىن ۋايساپ يۈرگەنلەر مۇدىر بولۇپ قالسا ئوقۇتقۇچىلار ھىچقانداق ئىش قىلمىسىمۇ ھىچ نېمە دىمەي بىرەر ئامالىنى قىلماي يۈرەرمۇ؟ ھەممە ئادەم ئۆ خىزمىتىنىڭ ھۇددىسىتىن تولۇق چىقسا بىكاردىن مائاش تۇتۇلارمۇ ؟ مەكتەپ مۇدىرىنى ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلىدىغان ،زومىگەر دىيىشتى . ئەسلى مىنىڭ كوپچىلىكنىڭ پىكرى بويىنچە ئىش قىلغۇم بار ئىدى .ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغۇم ،شۇلارنىڭ كوڭلىدەك خىزمەت ئىشلىگىم بار ئىدى .
تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنداق قىلالمىدىم ،چۇنكى پىكىر بەرگەن كوپچىلىك بىرەر قىتىممۇ ئوقۇتۇش سۇپىتىنى ئوستۇرۇش ، مەكتەپ شارايىتىنى ياخشىلاش .... تەك مەكتەپنىڭ يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بىرىپ باقمىدى . بارلىق پىكىرلەر ئاساسەن ئارامنى ئۇزارتىش ... ئىشنى ئاز قىلىش ئۆزىنى ئىشتىن ئىلىپ قىچىش ...تۈزۈمنى بوش قىلىش تەك شەخسى غەرەز بىلەن يۇغۇرۇلغان پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى .ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانسىرى مۇنداق مەزمۇندىكى پىكىرلەر تىخىمۇ ئاينىپ كەتتى . بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەتتا تاپشۇرۇق بەرمىسەك.. پىلان تۈزىمىسەك دىگەندەك ..پىكىرلەر چۇشتى . تومۇر دەپتەر بىلەن كاللىسى لىق خاتىرجەملىككە توشۇپ خىزمەتتىن كەلگۇسىدىن ھىچ غىمى يوق ، مەيلى خىزمەتنى ياخشى قىلسۇن قىلمىسۇن بەرىبىر كۈن ئوتسىلا بولىدۇ دەپ قارايدىغانلارغا نىسپەتەن خىزمەتكە قاتتىق تەلەپ قۇيۇدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىگىنى بۇزىدىغان بىر دۇشمەنگە ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىڭىنى ھەرخىل باھانە بىلەن يىپىشقا تىرىشتى . مەن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ئامالسىز قالدىم . مەكتەپنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۇچۇن ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم ، مائارىپىمىزنىڭ ئالدىغا ئەمەس كەينىگە قاراپ مىڭىشىغا تۇرىتكىلىك رول ئوينايدىغان پىكىرلەرگە قۇلاق سالماي « بىيۇكىراتچى ، دىگىنىنى قىلدىغان زومىگەرگە » ئايلىنىپ قالدىم . مەكتەپ مۇدىرىنى خىيانەتچى دەپ تىللاپ ، ۋەتۋەرىگىنى چىقىرۋەتتى . بۈگۈنكى كۈندە مۇناسىۋەت -ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دەپ قارىلىۋاتقان بولغاچقا يۇقۇردىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا توغرا كىلىدىكەن ...بۇ ئىشقا پۇل كىتىدىغان ئىشكەن ، ئۇندىن باشقا يۇقۇردىن تەكشۇرۇپ كىلىدىغانلارنى ئوبدان كۈتۈۋىلىشقا توغرا كىلىدىكەن مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش مائاش ئالىدىغان تۇرسام شەخسى بۇلۇمنى خەجلىسەم ئۆيۇمنى قانداق قامدايمەن ... باللىرىمنى قانداق باقىمەن ؟ بەزىدە مەكتەپكە بىر نەرسە سىتىۋالغاندا ئەرزان ئىلىپ قىممەت ھۆججەت يازدۇرۇپ ئارلىقتىن پۇل ئۇندۇرگىنىم راس، لىكىن ئۇنداق پۇلنى يەنىلا مەكتەپ ئۇچۇن خەجلىدىم .... يۇقۇردىكىلەرگە سوۋغات بىرىپ مەكتەپكە كومپۇيۇتىر ھەل قىلدىم ...مەكتەپ ئىچىنى قاراماي قىلدۇردۇم .... نۇسخا كوپەيتىش ماشىننىسىنى ھەل قىلدىم ، ...بىر تىيىننىمۇ ئۆز يانچۇغۇمغا سالغىنىم يوق . تەكشۇرۇشكە كەلگەنلەرنى مىھمان قىلغاندا شۇلار بىلەن تەڭ داستىخانغا ئىغىز تەككىنىم راس . نىمىشقا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەكتەپكە بىرىۋاتقان ئۈنسىز بەدەللىرىنى كورەلمەيسىلەر ؟
مەن مەكتەپكە يەنە كەمپۇيۇتىر ئەكىلىش بىر كوپ ئىقتىدارلىق ئوقۇتۇش ئۇسكىنىسى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئۆزەم قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى يەنى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە سوۋغات ئاپىرىش ... باشقىلارنى ساختا ماختاپ چىرايىمغا ساختا كۈلكە پەيدا قىلىپ ...خوشامەت قىلىشتەك ئىشلارنىمۇ قىلىپ كەلدىم... بۇ مائارىپىمىز ئۇچۇن تولەنگەن بەدەل ھىساپلىنامدۇ يوق؟سىلەر ئارام ئالغان يازلىق تەتىل ، قىشلىق تەتىللەردە ئارام ئىلىپ باقمىدىم بۇمۇ توھپە ھىساپلىنامدۇ ؟قانداق قىلسام مەكتەپ شارايىتىنى تىخىمۇ ياخشى قىلارمەن ؟ قانداق قىلسام ئوقۇتۇش سۇوىتىنى ئوستۇرەرەمەن ؟ قانداق قىلسام ئوقۇتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۇرۇپ ئۇلار نىڭ ئالدىدا مىڭىپ ئۇلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىشلەشكە يىتەكلەرمەن ؟ دىگەندەك سوئاللار ماڭا بىر كۈنمۇ ئاراملىق بىرىپ باقمىدى ،ئۇندىن باشقا ھەر كۈنى مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىگىدىن غەم قىلىپ خاتىرجەم بولالماي ئوبدان ئۇخلىيالماي كەلدىم . سىلەر بىر سىنىپنىڭ ھوددىسىدىن چىقالماي قانداق قاخشاپ كىتىۋاتىسىلەر ؟! مەن بىر سىنىپنىڭ ئەمەس بىر مەكتەپنىڭ غىمىنى يەيمەن ، دەردىنى تارتىمەن . مەكتەپ مۇدىرىنى بىر ئاتقا مەكتەپنى بىر ھارۋىغا ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھارۋىنىڭ چاقىغا ، جامدۇقلىرىغا ئوخشاتقۇم كىلىدۇ .ئات ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ چاق ناچار بولسا ، جامدۇق ناچار بولسا ھارۋىنىڭ سۈرئىتى بەرىبىر ئاستا بولىدىغان گەپكەن .بىچارە«ئات » شۇنچە بەدەل تولەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئاچچىق قامچا يىيىشتىن ساقلىنالمىدى . بەلكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھايدىغىلى بولماس . ئىشقىلىپ مەن ئۆزەمنى ئىلىپ ئىيىتسام مىللى مائارىپىمىزنىڭ گۇللىنىشى ئۇچۇن مەيلى قانداق بەدەل تولىسەم قانداق سوكۇشلەرگەئۇچۇرسام رازى . ھەر كۈنى خىزمەتتىن ۋايساپ مەكتەپ مۇدىرىنى غاجاپ يۈۈيدىغان خىزمەتداشلىرىم سىلەرگە شۇنداق بىر گەپنى دىگۈم كىلىدۇ: تارىخقا قاراپ باقساق ئۇلۇغ مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى مىللى مائارىپىمىز ئۇچۇن قانچىلىك بەدەل تولىگەن ؟ ئەينى ۋاقىتتا سىنىپمۇ ، ئوقۇغۇچىمۇ ، مائاشمۇ يوق ئىدى . ھەجەپ مەمتىلى ئەپەندى سىلەردەك ئۇ يوق بۇ يوق دەپ باھانە كۆرسەتمەپتىكەمغۇ؟! ھازىر ھىچ بولمىسا مەكتەپ بار ... ئوقۇغۇچى بار تورمۇشىمىز كاپالەتلەنگىدەك مائاش بار ... يەنە نىمىگە باھانە كۆرسىتىمىز ؟
ھازىر يوق بولىۋاتقىنى مائارىپقا ئۆزىنى بىغىشلاش روھى يوق! تۈزۈمنىڭ يائۇنداق يا بۇنداق بولىشى بىر تەرەپلىمىلىك،مۇدىرنىڭ يائۇنداق يامۇنداق بولىشىمۇ بىر تەرەپلىمىلىك ، قانداق تۈزۈم بولىشىدىن ، قانداق مۇدىر بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىزدە مائارىپقا ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بولسىلا مائارىپىمىزنىڭ كەلگۇسى پارلاق بولىشىدا گەپ يوق . بىزدە « ئون كاپكاپتىن بىر چىپچاپ ياخشى» دەيدىغان گەپ بار . شۇڭا قاخشاشقا سەرىپ قىلغان ئىنىرگىيەنى مائارىپىمىز ، باللىرىمىز ، كەلگۈسىمىز ئۇچۇن سەرىپ قىلايلى
|
|