دۆلىتىمىزنىڭ « ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى » ئەمەلدىن قالدىمۇ ؟ !
باشقىسىنى قويۇپ تۇراي ، تېخى بۈگۈن يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە مىنى بۇ تىمىنى يوللاشقا سەۋەبكار قىلدى . مەن يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى . ( مەكتەپنىڭ ۋە مىنىڭ نامىم ھازىرچە مەخپى ) مەكتەپ مۇدىرى كۈندىلىك كونا ئادىتى بويىچە بايراق خادىسىنىڭ ئىگىز سۇپىسىدا مەغرۇر ھالدا تۇرۇپ سىنىپلارنىڭ داۋامى ۋە داۋامى تۆۋەن سىنىپلارغا كەلگەن ئاتالمىش " نۇمۇر تارتىش " تىزىمىنى ئوقۇدى . سىنىپ مۇدىرلىرىدىن تۆۋىنى بىر نۇمۇر ، يۇقۇرىسى 10 نۇمۇر تارتىلدى . ( بىر نۇمۇر 25 -30 يۇەن خەلق پۇلى ). شۇلارنى دەپ كېلىپ مىلادى 2013 - يىلى 5- ئاينىڭ 4 - كۈنى شەنبە ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپكە كىلىپ ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ، بۇلاردىن مىنى ۋە يەنە بىر خىزمەتدىشىمنى "سەۋەبسىز خىزمەت تاشلىغان "دەپ ئېلان قىلىپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى دەبدەبە بىلەن جاكار قىلدى . بۇنىڭغا مەن سەۋر قىلمايمەندە ئەلۋەتتە . مەن دىدىم : __ مەن ، 1-دىن ، ئۇ كۈنى دۆلەت قانۇندا بەلگۈلىگەن دەم ئېلىش كۈنى ئىدى ، 2 - دىن ، 4- ماي ياشلار ماي ياشلار بايرىمى كۈنى بولغاچقا كەلمىدىم __ دىدىم . مەكتەپ مۇدىرى بولسا تېخىمۇ قارىداپ : __ ئەجەپ باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۇنداق دىمەي كەلدى ، گۇڭشىدىمۇ يىلبويى دەم ئامماي ئىشلەيدۇ . ھىچكىم ۋاي دىمەيدۇ . مەن : __ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى ، يەنە كىلىپ بازارلىق ھۆكۈمەتتىكىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمىزنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ . دۆلەت شۇ تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ بىزگە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى شۇنداقلا ئىككى تەتىلنى دەم ئېلىش قىلىپ بەرگەن . مەن قانۇن بويىچە ئىش قىلىۋاتىمەن . قانۇننى دەپسەندە قىلغان يىرىم يوق ! __ ئۇكام شۇ قانۇننىمۇ ئەدەم تۈزىدۇ ، شۇ قانۇندىمۇ يەرلىك ئورۇنلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ دىگەن يېرى با . ئەگەر شۇندا يەنى خالايدىغان بولسىڭىز شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇما ! مەن ئۇنىڭ بۇ قارا قورساقلارچە قىلغان گىپىدىن مەسخىرىلىك كۈلۈۋەتكىم كىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم ، ۋە : __ دۆلەت مىنى مانا مۇشۇ يەرگە تەقسىم قىلدى ، شۇڭا مانا مۇشۇ يەردە ئىشلەيمەن . مەن ئۈچۈن " جوڭخۇا خەق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى " ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . يولدىن چىقمايمەن ، خاندىن قورقمايمەن . ئۇ دىدىكى : __ بىز بۇنى مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىمىز !! مەن دىدىم : __ قېنى ! مەن بىر كۆرۈپ باقاي ! بۇ مەكتەپنىڭ قالايمىقان تۈزۈمى يامانمۇ ، ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنىمۇ ؟! __ قېنى كۆرەمىز !! __ دىدى ئۇ مەغرۇر . __ بولىدۇ ، قېنى كۆرۈپ باقاي ! شۇنداق قىلىپ گەپ تۈگىگەن بولدى . سائەت 17:35 دە يوقلىما قىلىنىپ ئوقۇتقۇچىلار قايتۇرۇلدى . ئۆتكەن ماۋسۇمدا خىزمەتكە بىر مىنۇت كېچىككەن بولسىمۇ 10 يۈەندىن جەرىمانە ئالاتتى . بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دىگۈدەك مەكتەپتىن 50 -60 كىلومىتىر يىراقتىن كىلەتتى . مەكتەپ ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپكە يا بىر مىنۇت كىيىن كېلىشىگە ، يا مەكتەپتىن بىر مىنۇت بۇرۇن كىتىشىگە يول قويمايتتى . 2009 -يىل 3-ئاينىڭ 7 - كۈنى شەنبە پۈتۈن يېزا بويىچە مەكتەپلەرنى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئارزۇگۇل ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە ماڭغاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ، كۆپ داۋالانغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي 2012 -يىل 3- ئاينىڭ 12 كۈنى قازا قىلىپ كەتتى . بىچارىنىڭ ئانىسى ھېلىھەم قان يىغلاپ كۆپ تۈگىشىپ كېتىۋاتىدۇ... شۇڭا دەيمەن ، دۆلىتىمىزنىڭ "8 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى "، " ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى " دىكى " ئوقۇتقۇچىلار قانۇندا بەلگۈلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ، قىشلىق يازلىق تەتىلدە دەم ئېلىپ تۇرۇپ مۇئاش تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇش " ...قاتارلىق قانۇن ۋە مەزمۇنلار ئەمەلدىن قالمىغاندۇ؟! ھە راست ، بايىقى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقاندا مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى : __ 4- ماي ياشلار بايرىمى دەم ئالىدىغان بايرام ئەمەس ___ دەيدۇ . بۇ گەپ راستمىدۇ ؟ دەيمەنكى ، قېرىنداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىنى پېقىردىن دەرخ تۇتماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن . شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە قوغداشتا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادىل ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
|