بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimjan15 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-9 10:57
ئەخمەتجان ئىسمائىل
*ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، قىياپەت، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن بىر قەدەر ساپالىق كۆرۈنىدۇ. گەرچە مەكتەپتە ئوقۇمىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، مەلۇم بىلىم ئاساسى بولىدىغان بولسىمۇ، ئومۇمەن ئاز دېگەندە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەن كىشىلەرنىڭ قانچە بىلىمى بولغان بىلەن، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئاددى ھۈنەرگە ياكى تەكرا مەشغۇلاتقا ئايلاندۇرۋېلىش ئىھتىمالى ناھايىتى زور، پىسخولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى تەڭشىسىز كېلىدۇ، چوڭقۇر ياكى نورمال نەزىرىيىۋى پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ، ئاخىرقى مەقسىتى يۇقىرى ئەمەس، كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمەيدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەمدە ئالىي مەكتەپ تەربىيسىدە بىر كىشى 15-10 يىل مەلۇم تۈزۈم، ئۆگىنىش قېلىپى، ئادەت مىزانى ۋە دۇنيا قاراش بىلەن كۈندە دېگۈدەك تەربىيىلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ ۋاقىت قارىشى، كىيىم-كىچەك قارىشى، تازىلىق قارىشى ئۇقىمىغانلارغا قارىغاندا روشەن يۇقىرى كېلىدۇ، نەزىرىيە ۋە لوگىيىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى ئۈستۈن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇغانلارنىڭ ئومۇمى ساپاسى ئۇقۇمىغانلاردىن ۋە ئۆز يۇرتىدا ئۇقىمىغانلاردىن يۇقىرىراق تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ئوقۇشتىن سىرت سېلىشتۇرۇش، بەسلىشىش پۇرسىتى ئارتۇق (ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوبيېكتىپ شارائىت ۋە سوبيېكتىپ ناچارلىقلار سەۋەبىدىن كېرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا)، ھەر خىل ئىشلارغا ھەۋەس قىلىدۇ.
يۇقىرىقى كۆرۈنۈش، مۇنتىزىم مائارىپ يولغا قۇيۇلمىغان ئۆتمۈش زامانلارغا سېلىشتۇرۇپ ئېيتىلغان نىسپىي ئۇقۇم. ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ تاكى ئالىي بىلىم يۇرتىغىچىلىك ئانا تىلدا تەلىم ئېلىش پۇرسىتى مەۋجۇت. گەرچە ئەسىرلەردىن بېرى بۇ يەردىمۇ ئالىي بىلىم دەرگاھلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ھەر قاتلام ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ بىلەن ئۇچرىشىش كۆلىمى ناھايىتى كىچىك، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ئاساسى ئەسلىھە، مەدەنىي-مائارىپ ئورگانلىرى تولۇق بولمىغاچقا، خەلقنىڭ ئوتتۇرىچە ساپاسى يۇقىرى بولمىغان، ئاز ساندىكى بىلگەنلەر كۆپ خىل پەنلەردىن خەۋەردار بولسا، بىلمىگەنلەر ئىسمىنىمۇ يازالمايتتى. ھازىر ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، پەنلەر ئىنچىكە ئايرىلغان، مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قۇيۇلغان بولغاچقا، ياشلارنىڭ چۇقۇم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشى شەرت قىلىنغان. ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئىجتىمائىلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ %30-%40 كېيىنچە ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى ئەمەلگە ئاشتى ۋە ئاشقۇسى.
گەپ ئوقۇشتىلا بولماي، ئۇنىڭ سۈپىتىدە. جەمئىيەتشۇناسلا ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئەلا پۈتتۈرۈپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالماسلىقىنى تۈرلۈك نوقتىدىن پەرز قىلشىىدۇ. بەزىلەر بۇنى مەكتەپ تۈزۈمىنىڭ بوشلۇقىدىن كۆرسە، بەزىلەر مۇئەللىملەرنىڭ ياخشى ئوقۇتمىغانلىقىدىن دەپ بىلىشىدۇ. ئوقۇش پۇلى، يول كىراسى، تاماق پۇلى، كىتابلارنىڭ قىممەتلىكى...قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. ئەمما كۆزگە كۈرۈنىدىغان ھەممە ئامىللارنى بىردىن-بىردىن ساناپ چىقىپ، ئاجايىپ تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان، نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلغان. ھەپتىدە يىغىن ئېچىلىپ تەقدىرلەش-جازالاش ئېلان قىلىنىپ...تۇرۇلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىدى. مەكتەپلەردە تۈزۈمنى چىكىتىش جەھەتتە خېلى زور دەرىجىدە «ئىلگىرىلەشلەر» بولغان بولسىمۇ، ئوقۇش ئۈنۈمىدە ھەسسىلەپ ياخشىلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. دېمەك مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تۇتۇلمىغاچقا ھەر قانچە كۆپ سۆزلىگەن بىلەنمۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە تەرتىپىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئاخىرىدا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا شۇ ئوقۇغۇچىلار. گەپ شۇنىڭدىكى، نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان مەكتەپنىڭ قاتلاممۇ-قاتلام رەھبەرلىكى تولۇق سەپلەنگەن. ھەتتا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ لېكىن بىرەر سائەت پىسخولوگىيە دەرسى ۋە جىنسىيەت تەربىيىسى تەسس قىلىنمىغان. ئومۇمەن پىسخىك ساغلاملىقتىن ئىبارەت يۇمشاق مۇھىت ساپلاشتۇرۇلمىغان يەردە، تۈزۈم ۋە ۋاستىدىن ئىبارەت قاتتىق مۇھىت يارىتىلغان بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇشتىن كۆزلەنگەن مەقسەت زادى نېمە؟ قانداق قىلغاندا بىلىم ئىگىلەپ شۇ ئارقىلىق جان باققىلى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ؟ مەن زادى قانداق دەرىجىدىكى ئادەم ۋە مەن كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلالايمەن؟ دېگەن ئوقۇملار ئوقۇغۇچىلاردا تېخى ئايدىڭ ئەمەس. 15-10 يىل ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ياكى مۇئەللىملەرنىڭ تەنقىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇيمەن دەپ ئويلايدىغان، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئىگىزلىكىدىن باشقا ئۆزى توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمەيدىغان ياشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت. شۇڭا ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، دەرس قۇۇرلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچ-ئىچىدىن ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش، يالغۇز مائارىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى، كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغان ستىراتىگىيىلىك قۇرۇلۇش. بىر سىنىپتا ئوقۇغان 40-30 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىنى پەقەت نۇمۇر ۋە قىسمەن قىممەتلەر ئارقىلىقلا بىلگىلى بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن 10-5 يىلدىكى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئوبيېكتىپ شارائىتلارنى ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرمۇ پەرقلەرنىڭ يەنىلا مەكتەپ تەربىيىسى ۋاقتىدىكى باشقا ئامىللاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ھازىر مەكتەپ پۈتتۈرگەن بولسىلا خىزمەت تېپىش تەس، بەلكى خىزمەت ئادەملەرنى خىللايدۇ ۋە شاللايدۇ. مەكتەپتە مەۋجۇت بولغان شارائىتلارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىماي ياكى قەدىرلىمەي، دەرستىن سىرت يەنە كېيىنكى 5-4 يىلدا ئەسقېتىشى مۇمكىن بولغان بىلىملەرنى ئۆگەنمەي، دىپلومنى يۈتتۈرۋەتمەي يۇرتىغا ئەكىلەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ھازىر ناھايىتى كۆپ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر سىنىپتا ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئىچىدە 10-5 ياراملىق بولۇپ، قالغىنى ئەمەلىي سەرسانلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ بۇنى بىز شائىر-يازغۇچىلارنىڭ، مەمۇرى خادىملارنىڭ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ سۆزلىگەن تەسىرلىك ھېكايىلىرىدىن ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيە ۋە فىزىئولوگىيلىك نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: 1) دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە شۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىدىن خەۋەرسىز يۈرۈش ـــ ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب. ئادەمنڭ ئەسلى تەبىئىتىنى ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئىپادىلەش. ئادەتتىكىچە ئۆتكەن بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلىشى قىيىنغا توختايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم باشقىلارنى كۆزىتىش ۋە بەسلىشىش تۇيغۇسىغا كېلىشى شەرت. «باشقىلار» دېگىنىمىز «مەھەللىمىز، يېزىمىز، ناھىيىمىز» بولۇپ قالسا ھازىرقى رىقابەتتە بەك كىچىك نىشان بولۇپ قالىدۇ. كىچىك ۋە ئاددىي ئادەملەر بىلەن ھەپىلىشىش ئادەمنىڭ زېھنىنى خورىتىپ، ئىقتىدارىنى ئىسراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بەسلىشىش نىشانىنى «مەملىكىىتىمىز، دۇنيا» دېگەندەك چوڭ دائىرىگە يۆتكەش، «خەقلەر» قىلىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش، ئۆزىنىڭ ساھەسدىكى يېڭىلىقلارنى دائىم مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈش لازىم. بۇ كۆز ئالدىدىكى ئادەملەر ۋە مەسىلىلەر بىلەن تاقارىشىپ يۈرۈپ جاننى ئىكەكدىگەندىن مىڭ ياخشى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋەزىيتى ۋە ساھە ئەھۋالىدىن خەۋەر بولۇپ تۇرۇشى ئۆگىنىش مەزمۇنىنى كۆپەيتىۋەتكەن بولماستىن، بەلكى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەپ بېرەلەيدىغان ياخشى يول باشلىغۇچى، پەقەت دەرستنىلا ياخشى ئۆگىنىپ دۇنيادىن ۋە جەمئىيەتتىن خەۋەرسىز يۈرگەن بالىلار كېيىنچە ئارانلا بىر كىشىلىك ئادەم بولۇپ قالىدۇ.
2) جىنسىيەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈش ــ ئوقۇش جەريانىدا كاشىلا ئېلىپ كېلىدۇ. جىنىس پەرقىدىن ھەر قانداق ئادەم بىرخىل سىرلىق «پۇراق» نى ھېس قىلالايدۇ. ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ، قىز چوڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. بۇ ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئادەملەردىن ئۆتە بارلىق ھايۋانلار تېخىمۇ قاملاشتۇرالايدىغان ئەقەللىي ئىش. مۇھەببەت ئۇلۇغ بولسىمۇ، جىنسىي ئۇچرىشىشنى ماختاپ كەتكىلى ۋە ئۇنى ھاياتنىڭ نىشانى قىلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات قىلمىغان دەرۋلەردە «ۋىسال» سۆزى جىنسىي ھەۋەسكە يىتىش بىلەن مەنە قىلىناتتى. ھازىر بۇ سۆزنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ئومۇمى ياكى مەلۇم كاتتا ئىشى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش، دەپ چۈشىنىۋالسىمۇ يەنە ئازلىق قىلىدۇ. دېمەك، يات جىنىسلىقلارنى قوغلىشىش ھەممىلا نورمال ئادەمنڭ ئارزۇسى بولسىمۇ، لېكىن بۇنى نىشان، غايە ئورنىغا كۆتۈرۋالغاندا ئىشتان كەيمىسىمۇ بولىدىغان ئېشەك، توڭگۇزلاردىن ئادەمنىڭ پەرقى بولمايدۇ. شۇڭا، ياشلار بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار جىنسىي تۇرمۇشقا بەك بالدۇر ئىنىتلىپ، ھامىنى قىلغىلى بولىدىغان بۇ ئىشنى قىلغىلى بولۇش-بولماسلىقى تىرىشچانلىققا باغلىق بولغان ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ئالدىغا تىزىۋالماسلىقى، جىنسىي خىيال ۋە جىنىسىي ئەزالىرىنىڭ قۇلىغا ئايىلىنىپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى جىنسىي تۇرمۇش كۈندىلا يېڭىلىق تۇيۇلىدىغان ئىش ئەمەس. پەقەت ئائىلىسى ۋە خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى ئويلاش ۋە قىلىشلا مىنۇت-سائەتتە يېڭلىنىپ تۇرىدىغان خۇشاللىقلارغا تۇلۇپ ــ تاشقان بولىدۇ.
3) مەقسەت بىلەن غايىنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇش ــ ھەممىنى قىلالمايدىغان ياشلارنى يىتىلدۈرۈش. مەقسەت بولسا مەلۇم مۇددەتكىچە، مەلۇم بىر ئىشنى مەلۇم بىر ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قىلىشتىكى نىشانلىق قورال، غايە بولسا تۈرلۈك مەقسەتلەرنى ئەپلىك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۆمۈرنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئادەمنى سۈپەتلەيدىغان ۋە يەكۈنلەيدىغان ئومۇمى نىشان. ئەگەر غايە بولماي پەقەت مەقسەتلا بولسا، بۇ ئادەم ئاددى ھۈنەرۋەن ياكى قارا ئىش قىلىپ كۈنلۈك جېنىنى باقىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ. بەك يۇقىرى بولالىغانلىرى بىرەر دۇكاننىڭ، ئاشخانىنىڭ ياكى بىرەر گۇرۇپپا ئادەمنىڭ باشلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر غايىلا بولۇپ مەقسەت ئېنىق بولمىسا، بىر دەم ئۇنى قىلىپ، بىردەم بۇنى قىلىپ، ئاخىرىدا ھېچقاندىغىنى كىشىنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك كۆرسىتەلمەيدىغان، ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئەمما بىرەر ئىشنىمۇ ئوڭلاپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن تۇيغۇسى كۈچلۈك ياشلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىك، ھەتتا بەزىلىرى «داھىي» سانالسىمۇ، زادى نېمە بىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئادەمدە چۇقۇم كۈنلىرى ئېنىق بولمسىمۇ، ئايلىرى روشەن بولغان مەلۇم بىر پىلان بولۇش كىرەك. «مەن پالانى يىلنىڭ پالانى ئېيغىچە ماۋۇ تىلنى سۆزلىگەندە دەرىجىدە ئۆگىنىمەن. پالانى كەسپنى مۇنچىلىك دەرىجىدە ئۆگىنىمەن. پالانى ئىشنى تۈگىتىپ، پۇستانىدەك ھالغا يتىىمەن»...دېمەك، قىسقا ھاياتنى ھەرخىل مەقسەت ۋە نىشانلار ئۈچۈن تەقسىملەپ كۆرگىنىمىزدە، ئاجايىپ داڭدار كىشى بولۇش ئۈچۈن ۋاقتىمىز تولىمۇ كۆپ ئىكەن! 40 ياشقىچە 3 خىل تىلنى ئۆگىنىپ، 2 خىلدىن ئارتۇق كەسپنى ۋايىغا يەتكۈزەلىگەنلەر قايسى دوكتۇر، پىروفىسورلاردىن كەم؟ تاشپاقىدەك ئىلگىرلىگەن تەقدىرىمۇ ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدىغان شارائىتتا ياشاۋېتىپتۇ، ئاللىقاچان ئۆزىمۇ تازا ئېنىق چۈشەنمەيدىغان سەۋەبلەردىن ئاغرىنىپ، ئاچچىق ھاراق ۋە ھەسەتخورلۇقتا مەس بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا، كۈندە بىر تال خەت ياكى بىر سۆزلۈك ئۆگەنسىمۇ، بىر تال ۋېنتىنى قايسى تۈشۈككە سېلىشنى كۈرۈۋالساقمۇ ئازادە ھالدا دوكتۇر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئادەم بولۇپ ئادەم بولۇپ كەتمەيمىزغۇ؟ بۇ يەردە گەپ، غايە بىلەن مەقسەتنى ئارىلاشتۇرۋېتىپ گاڭگىراپ قالغانلىقتا. نۇرغۇن ياشلار ھازىر غايە تىكلەۋاتىدۇ. نۇرغۇنلىرىنىڭ غايىسى قەدىرلەشكە، ئاسراشقا تىگىشلىك. ئۇلار ئەمدى شۇ غايىسى ئۈچۈن ھەر بىر كۈنىنى، ھەر بىر ئىشىنى سىتاستىكا بويىچە ئۆتكۈزۈشى، ھەر 4 يىلدا بىر تىلنى ۋە بىر كەسىپنى ئىگەللەشكە سەرپ قىلىىشى، ئۆزىنىڭ تۈرمۇشىنى كاپالەتكە ئىرىشكەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئويلىىشى ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشى لازىم. ھەر كۈنىلا ئېلىۋالسام، يەۋالسام، قويىۋالسام... دىگەندەك تۆۋەن دەرىجىدىكى مەقسەتلەردە قىسقا مۇددەتلىك ئىش يۈگۈزىدىغان ئىشلار گەرچە ئادەمگە تاماق بىرەلمىسىمۇ، لېكىن ئىنسان دەپ سۈپەتلىنىدىغان نۇرغۇن خۇسۇسىيەتلەردىن يىراقلاپ كېتىمىز. شۇڭا، ھەر بىر ياش ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر نەچچە ئىش ۋە مەقسەت ھەمدە بىرلا غايە بىلەن ئىلگىرىلىشى، ئۇتۇق قازانغان ياكى ئۇتتۇرىۋەتكەن ھەر بىر ئىشىدىن دەرس ئېلىشى لازىم. بۇلۇپمۇ غايە بولغان بىلەن باسقۇچلۇق پىلان بولمىسا تۆۋەن قاتلامدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن گاڭگىراپ يۈرۈيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشى لازىم. بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ يېگىسى كەلگەن نەرسىلەرنى يېيەلمەي، كىيگىسى كەلگەن كىيىملەرنى كىيەلمەي قالىدىغان ئىشلار ھەر يەردە مەۋجۇت. بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مۇئەللىملەر ئۇيقۇسىنى ياخشى ئۇخلىيالماي، نۇرغۇن شەخسىي پۇرسەتلىرىنى قولدىن بىرىپ، بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ ۋە زىدىيەتلىشىپ ھارغىن ھالدا ئۆتىدۇ. دۇنيادا ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتىن ئۇلۇغ ئىش يوق. ياشلار بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھامىنى بىر كۈنى گەپ ئاڭلىمايدىغان بىر ماڭقىنىڭ ئاتا-ئانىسى بولىدىغانلىقىنى، بالىسىنىڭ ياخشى ئوقۇمىسا نىمە كۈنلەردە قالىدىغانلىقىدىن زارلىنىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاز كۈندە سۆرە پالازدەك سۆرۈلۈپ، ھەر يەردە قېقىلىپ-سوقۇلۇپ يۈرۈش ئىھتىمالى بارلىقىنى مۆلچەرلىگەندە ئەمدى ياخشى ئوقۇمىسا زادىلا بولمايدۇ. مېنىڭچە بىر سىنىپتا 30 بالا ياراملىق ئىزباسار بولسا، ناھىيىسىگە بارغاندا ھەر بىر ئىزچى 100 ئادەمنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئۆلگە بولۇشى، ئەگەر يار بەرسە ساۋات چىقىرىشتىن باشلاپ ئۆتكۈر تېخنىكىغىچە بولغان بىلىملەرنى يۇرتداشلىرىغا ئۆگىتىشى شەرت. بۇ، ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىمۇ ئەمەس، بەلكى ئادەملىك خۇسۇسىيەتنى ئىپادىلىگەنلىك. «بىز بالىلارنى چوڭ شەھەرلەرگە ھاراق ئىچىپ، تاماكا چىكىشى، تولغىما ئۇسۇلنى ئۆگەنگىلى، رىستۇران ئېلىپ ئوينىغىلى، مودا كىيىملەرنى زورلاپ ئېلىپ بىر-بىرىگە بېسىم پەيدا قىلغىلى ئەۋەتمىدۇق، قىزلارنى ھاراق ئىچپ، تاماكا چىكىشنى، ئاز ساندىكى قارا يۈرۈك، ھايۋان كەبى سودىگەرلەرنىڭ جىنسىي مالاي بولۇشنى ئۆگەنسۇن دەپ ئەمەس، خەلقنىڭ ئانىسى، مەكتىپى ۋە كەلگۈسىنىڭ قوغدىغۇچىسى تېخىمۇ ساپالىق بولسۇن دەپ ئەۋەتىمىز. ئوغۇللارنى ھەر خىل زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىپ، ھەر خىل يالغان گەپلەرنى ئاڭلاپ نىرۋىسى ئاددىي، بۆرىكى ئاجىز، ئاشقازىنى پالاكەت، غىلجىڭ مىجەز بولسۇن دەپ ھەرگىز ئۈمىد قىلمايمىز. بەلكى قىز-ئوغۇللىرىمىزنى يۈرەكتىن چىققان ئازغىنە دەسمايىمىز بىلەن ئوقۇتۇپ، ئەلگە، ئەقەللىيسى ئۆزىگە ئەسقاتىدىغان ئادەم بۇلارمىكىن، يۇرتتا تېخىمۇ كۆپ نادان قالغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتەرمىكىن دەپ ئارزۇ قىلىمىز». مەن ھەممە ئاتا-ئانىلارنى مۇشۇ ئارزۇ بىلەن بالىلىرىنى ئاپتوبۇسقا، پويىزغا سىلىپ ئۇزىتىپ قويغاندۇ دەپ پەرەز قىلىمەن. ھازىرقى مۇشۇ ياخشى ئوقۇش مۇھىتىدا قانچىلىك پۇل كەتسىمۇ بىلىم ئۆگىنىدىغانلىكى ئىش بولسا تىرىشىشنىڭ ئۆزى بىر جاننى ئۆلۈم ئالدىدىن قۇتقۇزغان بىلەن باراۋەر. شۇڭا، ياش ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ ئىلغار كۈچلىرى بولسۇنكى، جەمئىيەت مەسىلىلىرى بولۇپ قالمىغاي. ئۇلارنىڭ مېڭىىسىنى غىدىقلاۋاتقان ۋە ئىچ كىيىمىنى بولغىۋاتقان ئارزۇلار ھازىرچە بېسىقىپ تۇرغاي، قىسقا مۇددەتلىك ئۆتكۈر كەلگەن بىرەر ھەۋەس ۋە ئارزۇ بىلەن ياكى كىشىنى خىيال دۇنياسىغا باشلايدىغان ھىسياتلىق بىرەر ئېغىر سۆز بىلەن ئۆزلىرىنى نابۇت قىلمىغاي. 15-25 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئادەمنىڭ تەن كۈچى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئەمدى تەن كۈچىنى ئەقلىي كۈچكە، بىلىمگە ئالماشتۇرىدىغان دەۋىر يىتىپ كەلدى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنى، ئۇستازىڭلارنى ئاۋارە قىلماڭلار، مۇھىمى ئۆزۈڭلارنى ۋە ۋاقتىڭلارنى ئسىراپ قىلماي، ئاز-تولا تىرىشىڭلار.
_______________________________________
«تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇ» 1- قىسىمدىن
|