قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1537|ئىنكاس: 16

ئون يىللىق مۇساپە، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

2646

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 508
تۆھپە : 523
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 00:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
           2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6:40 دا XJTV-2 قانىلىدا «قانۇن ۋە پۇقرا پروگراممىسى»نىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن مەخسۇس پروگرامما كۆرسىتىلىدۇ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز...



   قەدىرلىك دوستلار،
«قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسى-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، يوقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتى قاتارلىق نازارەت-ئىدارىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىشستانسىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى تەسىس قىلىنىپ كۆرسىتىشكە باشلىغان قانۇنچىلىق مەخسۇس پروگرامما بولۇپ، بۇ يىلغىچە ساق 10 يىل بولدى، بۇ 10 يىل مابەينىدە، يوقىرىنىڭ قوللىشى، پۇقرالارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشى ۋە مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە، پروگراممىنىڭ سۈپىتى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى جەھەتتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئويناپ كەلدى ۋە تېلېۋىزۇر كۆرگۈچىلەرنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندى. لېكىن، يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىنىڭ خارەكتېرى ۋە ئوربىتىنى چۈشەنمەي كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا، «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىز پۇقرالىرىمىزنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى بىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ، «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىنىڭ سەھىپىلىرىنى سىلەرگە يوللىدۇق، سىلەرنىڭ پروگراممىمىزغا يەنە قانداق پىكىر-تەلەپلىرىڭلار، ئارزۇ-تەكلىپلىرىڭلار بولسا، مۇنبەر ئارقىلىق قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز...تۆۋەندە «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسى بىلەن تەپسىلى تونۇشۇپ چىقايلى:   
         «قانۇن ۋە پۇقرا پروگراممىسى»- دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قانۇن دائىرسىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە مەجبۇرىيىتىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن ئۆگىنىش، انۇندىن پايدىلىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ئۈندەپ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان  قانۇنچىلىق مەخسۇس پروگراممىسىى. پروگراممىدا تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر:  
   1. دېلوۋە تەھلىل» سەھىپىسى: تىپىك بولغان،ئاپتونۇم رايون دائىرسىدە ياكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە ياكى شەھەر تەۋەسىدە تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان، تەربىيۋى ئەھمىيتى زور ھەق تەلەپ دېلولىرى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، مەمۇرىي دېلولار نۇقتا قىلىنىپ، شۇ دېلو مىساللىرى ئارقىلىق شۇ دېلوغا چېتىشلىق بولغان بارلىق قانۇن-نىزاملار تەشۋىق قىلىنىدۇ.
      2. «بىر مىسالدا بىر مەزمۇن» سەھىپىسى: بۇ سەھىپىدە ئىككى رىياسەتچى ئاممىدىن كەلگەن تېلېفۇن، خەت، توردىكى تەربىيۋى ئەھمىيتى زور بولغان قىسقا، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق، قانۇن، ئەخلاق نۇقتىسىدىن تەھلىل، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ دېلوغا قارىتا قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، مۇتەخەسىس خۇلاسە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىنى توغرا بولغان جامائەت پىكىرىگە يېتەكلەيدۇ ھەم ئاممىنى قانۇن ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇش، يىتەكلەش مەقسەت قىلىنىدۇ .
            3.«بىرلىكتە قانۇن ئۆگۈنەيلى» سەھىپىسى: بۇ سەھىپە زېھىن سىناش شەكىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇ سەھىپە 2007-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ ئاساسلىقى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى نۇقتا قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانىدى. پىروگىراممىزدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە دائىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ قانۇننى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەتتا ئالىي مەكتەپلەرگە، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلارغا، كەنت-مەھەللە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا، دىنىي سورۇنلارغىچە يەتكۈزۈپ ، «ئائىلىلەردە قانۇن ئۆگىنىش»،«مەكتەپلەردە قانۇن ئۆگىنىش»،«خىزمەت ئورۇنلىرىدا قانۇن ئۆگىنىش»،«كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانۇن ئۆگىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممەيلەن قانۇن ئۆگىنىدىغان، ھەممەيلەن قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قوغدايدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارتىش ئۈچۈن بۇ سەھىپىنى تېخىمۇ جانلىق باشقۇرماقچى. يەنى ئاساسىي قاتلاملارغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىمىز.
   4.«پۇشايمان خاتىرسى»سەھىپىسى: بۇ سەھىپە ئاساسلىقى ئۆزگەرگۈچى خادىملارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى پۇشايمىنى، تۆۋبىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى تەربىيلەش، ئىبرەت ئېلىشنى مەقسەت قىلغان سەھىپە بولۇپ، بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ھازىرغا قەدەر بۇ سەھىپىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىي ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ سەھىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تۈرمىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ ،ئەڭ تىپىك زىيارەت ئوبىكتىلىرىنى قېزىپ چىقىپ .ھەم قانۇنى جەھەتتىن ھەم جىنايەت پىسخولوگىيسى جەھەتتىن ئاممىغا چۈشەنچە بېرىپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ئابرويىنى كۆتىرىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئىناق، خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەكلىكنى ئەكىس ئەتتۇرىمىز.

5.«نەق مەيدان» سەھىپىسى : بۇ سەھىپە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان سەھىپە بولۇپ، بۇ سەھىپىدە ج خ نازارىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ج خ تارماقلىرىنىڭ تىپىك دېلولىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ، دېلونىڭ رازۋېتكا جەريانى ۋە پاش قىلىش ئەھۋالىنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلىش بىلەن، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ نەق مەيدان سوت ئەھۋالىنى سۆرەتكە ئېلىش ئارقىلىق، پروگراممىنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش، نەق مەيدان تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز
.
   6. «سىگنال» سەھىپىسى: بۇ سەھىپە يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس سەھىپە بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن تىپىك قاتناش ھادىسىسىلىرى، بۇ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى، ئامما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە ئائىت يېڭىدىن يولغا قۇيۇلغان بەلگىمىلەر ئاممىغا يەتكۈزۈلىدۇ .
      بۇندىن كېيىن، ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان دېلو مىساللىرىنى ئىشلەش بىلەنلە توختاپ قالماي، بەلكى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر زور تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىمىز، يەنە بىر قىسىم دېلو مىساللىرىنى جامائەت پىكىرى نازارەتچىلىكى نۇقتىسىدىن پاش قىلىش خاراكتىرىدە پروگرامما ئىشلەپ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىمىز.

1

تېما

0

دوست

206

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4088
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 51
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 02:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا توربىتىڭلارنى تىخمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقساڭلار ، ھازىر تىلۋىزور كۆرىدىغانلاردىن تورغا چىقىدىغانلار كۆپ .
ئەينى چاغدا سىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە بىكىتىڭلار ئىچىلمايدىكەنتۇق ، ئاددى بولسىمۇ http://www.xjtv.biz نى قۇرۇپ ماڭدۇرۇپ قويغان ئىدىم ، ھازىرغىچە ھىچقانداق  تەشۋىقات ۋاستىسىغا تايانماي كۈنلۈك ipزىيارەت مىقدارى 1000دىن ئارتۇق كىتىپ بارىدۇ ، شۇنىڭدىن قارىغاندا تورداشلار يەنىلا بىر قەدەر قولايلىق بولغان تور تىلۋىزىيەسىنى تاللايدىغان ئوخشايدۇ .شۇڭا دەيمەن ، قىلغان ئەمگىكىڭلار، تارتىۋاتقان جاپايىڭلار زايا كەتمەسلىك ئۈچۈن بىكەتنى تىخمۇ ياخشىلاشقا تىرىشساڭلار ، لازىم دىسەڭلار يۇقارقى تور نامىنى بەرسەممۇ مەيلى ، خەلىققە تىخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ياراتساڭلار .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 05:38:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئانا تىلىمىزدا بېرىلىۋاتقان«قانۇن ۋە پۇقرا»پىروگراممىسى بىزدەك  پۇقرالارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىمىزنى قانداق  قوغداشنىڭ توغرا قانۇنلۇق يولىنى ئۆگۈنۈدىغان سەھىپە ھېساپلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكى خادىملار(مەھمۇدجان ئىسرايىل قاتارلىقلار)نىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىدا ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا مۇشۇنداق قانۇن تەشۋىقات ۋاستىسىنىڭ يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. قانۇن ئىدارە قىلىدىنغان دەۋلەت، جەمئىيەت قۇرۇش يەنىمۇ قاتتىق تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى تارىخىي دەۋردە  مەزكۇر  پىروگراممىنى كەڭ ئاۋامنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، ئاۋامغا يەنىمۇ(ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك) يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى، بىز ئۈچۈن دەۋلەت قانۇنى مۇقەددەستۇر. قانۇنغا بويسۇنۇش بىزپۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، شۇنداقلا قانۇنسىز قىلمىشلارنى پاش قىلىش ھەم بىز پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىمىز.دەۋلەت قانۇنىنىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە پۇقرا،قانۇنىي ئىگە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزىلىشىنى نازارەت قىلىش_تاراتقۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك ۋەزىپىسىدۇر. شۇڭا ئاۋامنىڭ ھەقىقى ساداسىغا قۇلاق سېلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

0

تېما

2

دوست

1844

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   84.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 520
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 08:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىۋىزىيە پىرورگىرامملىرى جەمىئەتتە زادى قايسى نوقتا «قىزىق›، ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتلىرىمىز ئۈستىدە گەپ بولغاندا مۇشۇ توردىن باشقا ھەممىسى سۈكۈتتە تۇرىدۇ.بولسا ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولۇڭلارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ،بىز كۆڭۈل بۆلىۋۋاتقان ئىشلارغا ىدققىتىڭلارنى ئاغدۇرساڭلاركەن دەپ ئۈمۈدىمىز بار.

1

تېما

2

دوست

1696

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8744
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچلۈك(نوپۇز، ئىمتىيازدا)لەر بىلەن ئاجىز(ھەقىقەت نۇقتىسىدا ئۇلار ئاجىز ئەمەس)لار ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن ماجرالىرى كۆپرەك بېرىلسە، 3 دوختۇرخانا بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى پروگراممانىڭ بېرىلگىنىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم.

0

تېما

0

دوست

1516

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:17:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار  قانۇننى  تەشۋىق  قىلىپ  كىلىۋاتىدۇ ،   ئەمما  بىز گە  دىلۇ مىسالى  ئەمەس  بەلكى ھەقىقىي قانۇن  تۈزۈلمىسى  بىلدۈرىشى  كىرەك  ،بولسا   بىز  بەكمۇ   ئىھتىياجلىق  بولغان  ئاپتونومىيە  قانۇنىنمۇ كەڭ خەلىق ئاممىسغا  بىلدۈرۈپ ، مۇشۇ  جەھەتتىكى بىلىمىنمۇ  يۇقرى كۆتىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !

2

تېما

3

دوست

1686

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17083
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 466
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 11:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن  ۋە  باشلىق ،  قانۇن  ۋە ھۆكىمەت  ۋە  قانۇن تۇرۇپ ئىجرا قىلماسلىق دىگەن
پىراگگىرامما  قاچان  چىقا؟؟؟.

24

تېما

0

دوست

2646

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5898
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 508
تۆھپە : 523
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:58:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى پروگراممىغا نەزەر تاشلاڭلار!!      

      2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6:40 دا XJTV-2 قانىلىدا «قانۇن ۋە پۇقرا پروگراممىسى»نىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن مەخسۇس پروگرامما كۆرسىتىلىدۇ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز...




5

تېما

1

دوست

4723

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 401
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 17:35:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئانا تىل يەسىلىسى قۇرۇش يۇلىدىكى ئىشلارنى تېلىۋىزۇرغا بىر چىقىرىپ باقمىسۇنمۇ؟ بىزنىڭ ئىشلىرىمىز قانۇنسىزمۇ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلارنى بېجىرمەسلىكى قانۇنسىزمۇ؟
شاتۇتىدەك سايرىماي.......................

0

تېما

1

دوست

1326

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16920
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 19:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇن ۋە پۇقرا ،بىز  قانۇنلۇق ئىش قىلىپ يەنە قانۇننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن چاغدا سىلەر كوزۇڭلارنى مەھكەم يۇمۇپ  مۇئاشىڭلارنىڭ توللۇق تېگەشىگە كاپالەتلىك قىلىپ يۇرۇۋېرىسىلەرغۇ دەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )