- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1586
- نادىر
- 2
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  58.6%
|
دىيارىمىزدا بىر ئەسىر ئىلىگىرى پۈتكۈل جۇڭگۇ سانائەت تارىخىدا ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ،مۇنتىزىم باشقۇرۇش ،ئىلغار تىخنىكا،سۈپەتلىك كۆن-خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى بىلەن يىقىنى ئەينى دەۋىردىكى چۇڭ شەھەرلەر بۇلغان شاڭخەي،تىيەنجىندىن تارتىپ شەرقى ياۋرۇپادىكى پىتىرگىراد،مۇسكىۋالارغىچە داڭ چىقارغان بىر زاۋۇت بار .ئۇ بۇلسىمۇ دىيارىمىزدىكى‹ ئۈچ چۇڭ جەمەت›نىڭ بىرى بۇلغان مۇسابايىفلارنىڭ غۇلجىدىكى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىدۇر.
1904-يىلى ھۈسەنباي ھاجى ئىنىسى باھاۋۇدۇنباينى نۇرغۇن يەرلىك مال بىلەن گېرمانىيىگە تىجارەت قىلىشقا ۋە زاۋۇت كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ. باھاۋۇدۇنباي گېرمانىيە سانائىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق ، كۆن-خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇ مەزگىللەردە گېرمانىيە زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى قوشنا دۆلەتلەرگە چىقىرىش مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ ، شىنجاڭ ئايرىم قىتئەگە جايلاشقان يىراق رايون بولغاچقا ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باھاۋۇدۇنبايغا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ.
مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىلىغا 40 مىڭ پارچە چوڭ تېرە (ئات ، كالا تېرىسى) 600 مىڭ پارچە كىچىك تېرە(قوي، ئۆچكە تېرىسى) ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. ئىشچى سانى دەسلەپكى مەزگىلدە 166 نەپەر بولۇپ ، يەنە كۈنلۈك ئىشچى ياللانغان. كېيىن ئېھتىياجىغا قاراپ ئىشچى قوبۇل قىلىنىپ ، ئىشچى سانى بىر قانچە يۈزگە يەتكەن ، زاۋۇت كۆن-خۇرۇم ، مەسكاپ-چېگرىن ، چەم ، شاۋرۇن قاتارلىق 13 خىل مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە ، شام ، سوپۇن ،تۈگمە ، ياريېلىم ، ھەرخىل ئاياغ كىيىم ، ھەرخىل خۇرۇم چاپان ، تاسما ، شەپكە ، ئېگەر-جابدۇق ، ھارۋا جابدۇقى قاتارلىق 12 خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان.
مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى تارىخنىڭ بۇران -چاپقۇنلىرىدا بىزگە مەڭگۈلۈك بىر ھەقىقەتنى قالدۇرۇپ كەتتى .ئۇ بولسىمۇ شەرەپلىك بىر تارىخ،مىللى غۇرۇر،كۆچلۈك مەنىۋى ئىنىرگىيەنى قالدۇرۇپ كەتتى.‹قەھىرمانلىرى،ئۇلۇغ كىشىلىرى بۇلمىغان مىللەتنىڭ ئەۋلاتلىرى غۇرۇرسىز بۇلىدۇ›.
مۇسابايوۋلارنىڭ تېرە زاۋۇتى قۇرۇلۇپ نەق 90يىل ئۈتكەندە بۈرتالا زىمىنىدا دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرىدىن ئابلەت ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ياراملىق تۈت ئۇغلى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۈرتالا شەۋكەت تېرە زاۋۇتى قەد كۈتۈردى.
شىنجاڭ بۈرتالا شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارمىقىدىكى تېرە زاۋۇتى بۈرتالا ئالاتاۋ چىگرا ئېغىزىغا جايلاشقان بۇلۇپ،مەمىلكەت بۇيىچە كالا-قۇي تېرىسىنى نۇقتىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئىگە،ئىمپۇرىت-ئىكىسپۇرت ۋە چىگرا سودا-تىجارەت ھۇقۇقىغا ئىگە چوڭ تىپتىكى كۆن-خۇرۇم پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى.
زاۋۇت 70مىڭ كىۋادىرات مىتىردىن ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە بۇلۇپ،يىلىغا بىر مىليۇن پارچە چوڭ تېرە(كالا تېرىسى)،ئىككى مىليۇن پارچە قۇي تىرىسىنى پىششقلاپ ئىشلەش سەۋىيەسىگە ئىگە،پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە مەمىلكەت بۇيىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن،چەتئەلدىن خام -ئەشيا ئىمپۇرت(قوي-كالا تېرىسى)قىلىش،پىششىقلاپ ئىشلەش،سىتىش بىرگەۋدىلەشكەن سىستىمىغا ئىگە مىللى كارخانا بۇلۇپ،زاۋۇت كۈلەم جەھەتتە غەربى شىمالدىكى بەش ئۆلكە-ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە 1-ئوۇرۇندا،مەمىلكەت بۇيىچە4-ئورۇندا،ئاسىيا بۇيىچە7-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ زاۋۇت.
زاۋۇت خام-ئەشيا سىتىۋىلىش سىستىمىسى ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ،تۇركىمەنىستان،قىرغىزىستان،ئەزەربەيجان ...قاتارلىق رايۇن دۈلەتلەرگە ئورۇنلاشقان بۇلۇپ (ئۇتتۇرا ئاسىيانىڭ كالا تېرىسى چوڭ ھەم قىلىن)،زاۋۇتتىن ئىشلىنىپ چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ سىتىش نۇقتىسى گۇاڭدۇڭ ئۈلكىسى ،فۇجىيەن ئۈلكىسى قاتارلىق بازارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.زاۋۇتتا 300گە يىقىن خىزمەتچى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
شەۋكەت كۆن-خۇرۇم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قامىقىدا يەنى شەۋكەت يۇڭ زاۋۇتى، شىنجاڭ تۇمارس ئالىي مېھمانسارىيى،ئابلەت ھاجىم مېھمانسارىيى..............قاتارلىق كارخانىلار بۇلۇپ،مىللى كارخانىلار ئىچىدىكى پەخىرلىنىشكە،سۈيۈنۈشكە تىگىشلىك بىر كارخانىدۇر.
|
|