- تىزىملاتقان
- 2012-8-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 412
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
0%
|
‹‹سۇ بويىدا››دىكى سۇڭ جياڭ ۋە 8mCr6$|%
‹‹ئانا يۇرت››تىكى ئەخمەتجان قاسىمى /Ee0S8!Z!1
(«ئانا يۇرت»رومانىنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتىم) sav2.w
باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ يېڭى يېزىقتا ساۋادىم چىققاندىن كېيىن تۇنجى ئوقۇغان رومانىم‹‹سۇ بويىدا››نىڭ 4-تومى بولۇپتۇ.باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتۈرگىچە بۇ روماننىڭ قالغان يەتتە تومنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولدۇم.ئۇ چاغلاردا روماندىكى ئادەملەر ۋە ۋەقەلەرنىڭ راست-ياكى يالغانلىقىنى بىلمىگەن ئىدىم.تولۇقسىزغا چىقىپ‹‹جۇڭگو تارىخى››دەرسىدىن سۇڭ جىياڭ،فاڭ لا قوزغىلىڭىدىن ۋە قوزغىلاڭ ۋەقەلىرنىڭ رومان يېزىلىشتىن ئىلىگىرىلا خەلق ئارسىغا ھېكايە-رىۋيەت شەكىلىدە كەڭ تارقالغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. );,#H`'
B]]M?pS
تۆت-بەش ياش چاغلىرىمدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئېلى باتۇر،غېنى باتۇر،ئەخمەتجان باتۇر ئىسىملىك قەھىرمانلار ھەققىدە ئاجايىپ-غارايىپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلايتىم.بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەخمەتجان باتۇر ئىسىملىك قەھىرماننىڭ دۈشمەنلەرنىڭ باشلىقى بىلەن تەنپەن-سۆھبەت(مەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى شۇ چاغدا مۇنازىرە دەپ چۈشەنگەن ئىدىم) ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەر ھېلىھەم يادىمدا تۇرۇپتۇ.تولۇقسىزغا چىقىپ‹‹ئىلى دولقۇنلىرى››رومانىدىن ئەخمەتجان ئىسىملىك باتۇر قەھىرماننىڭ كىملىكى ۋە كىم بىلەن،نەدە،قانداق سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى رەسمىي بىلدىم. A 32;Zg:
!gT6S o
32kMI\GQW
?BWWb
شى نەيئەن،لوگۇەنجۇڭلار يازغان‹‹سۇ بويىدا››توپلانغان ئەزمەتلەرگە-لىياڭشەن كۆل تۇراسىغا باشتا چاۋ گەي ئاتامان چاغدا ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى بۇ ئەلۋەك ماكاندا ئوردىنىڭ چىرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچۇرماي،مەرتلىكنى قولدىن بەرمەي خاتىرجەم ھايات پەيزىنى سۈرۈش ئىدى.سۇڭ جىياڭ لىياڭشەن ئەزمەتلىرى تەرپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ كۆل تۇراغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئۆزۈنىڭ قەلەم ۋە ئەخلاقى-پەزىلەت جەھەتتىكى داڭقى-شۆھرىتى بىلەن لىياڭشەن ئەزمەتلىرىنىڭ ئاتامانلىقىنى چاۋ گەيدىن ئۆتكۈزۋالىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ شۇئارى ئادالەتنى ياقىلاش بولىدۇ. dC.uK^FuJ
RmzK?muk
زوردۇن سابىر يازغان‹‹ئانا يۇرت››تا ئىلىدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتكە باشتا ئېلىخان تۆرە(بۇ كىشى مەن تۆت-بەش ياش چاغلىرىمدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئېلى باتۇر دېگەن كىشى شۇ دەپ ئويلايمەن)رەئىس ۋاقتىدا ئىنقىلابنىڭ شۇئارى دۈشمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ،مىللىي ئازادلىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولغان بولسا،ئەخمەتجان قاسىم ئۈچ ۋىلايەتتىكى قوزغىلاڭنىڭ بېسىمى بىلەن شېڭ شېسەينىڭ تۈرمىسىدىن چىقىپ،غۇلجىغا كېلىپ،ئۆزۈنىڭ ۋەزىيەت توغىرسىدىكى بىلەرمەنلىكى،قەلەم قۇۋىتى ۋە ئەخلاقى-پەزىلەت،مىجەز-خاراكتېر جەھەتتىكى داڭقى-شۆھرىتى بىلەن،ھۆكۈمەت ئاشخانىسىدىكى ياردەمچى ئاشپەزلىك خىزمىتىدىن قەدەممۇ-قەدەم ئۆرلەپ 3-قېتىملىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنى رەتلەشتە ھۆكۈمەت ھەربى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغاندىن كېيىن،ئىنقىلاپنىڭ شۇئارى زۇلۇمنى يوقۇتۇش بولىدۇ. 9V"^ F.>
32 ^[ id8
o +aB[+
_$fxoD9
‹‹سۇ بويىدا››رومانىدا ئوردا پاڭ لا باشچىلىقىدىكى خەلق قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتقان،لىياڭشەن ئەزمەتلىرى ئوردا لەشكەرلىرىنىڭ نەچچە قېتىملىق چوڭ-كىچىك جازا يۈرۈشلىرىنىڭ كۆلىنى كۆككە سورۇپ،كۈنسىرى غەلبىلىك جەڭ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە سۇڭ جىياڭنىڭ ئەس-يادى قانداق قىلىپ خانغا،خانلىققا ئۆزىنىڭ سادىقىتىنى،ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈش،قانداق قىلىپ ھەم سەركەردە-سەرۋازلىرىنىڭ ئىستىقبالىغا ھەم ئوردىنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ قالىدۇ. Z2 t0l%
65<p:
‹‹ئانا يۇرت››رومانىدا سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى نېمىسلار بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرىۋاتقان،شىمالدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى جان پىداكارلىق بىلەن جەڭ قلىپ گومىنداڭنى سۈر-توقاي قىلىۋەتكەن،جەنۇبتا قوزغىلاڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمنىڭ پىكىر-خىيالى قانداق قىلىپ شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش(يەنە بىر ئويلىساق:ئىنقىلاپنى f$H"|Mb e
[n< U>up
روسلارنىڭ،سىتالىننىڭ كۆڭلۈدىكدەك يۆنۈلۈشكە بۇراش،ھەم خەلقنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەم سىتالىننى خاتېرجەم قىلش) بولىدۇ. 'fg`td
xQmk2S` y
c)$/Uu
'nCBLc8
‹‹سۇ بويىدا››لىياڭشەن باتۇرلىرى ئوردىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك جازا يۈرۈشىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن سۇڭ جىياڭ نۇرغۇن پالىۋانلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي،توپتىكىلەرنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدىگە قارشى ھالدا ئوردىنىڭ تەسلىمنامىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئوردىغا ئەل بولىدۇ.ئوردا سۇڭ جىياڭ ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىگە چوڭ-كىچىك ئەمەل ۋە ئىنئام بېرىدۇ. jMw;`yh
6 Q xLHQA
‹‹ئانا يۇرت››تا ئەخمەتجان قاسىم مىللىي ئارمىيە ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىخان تۆرە قاتارلىقلارنىڭ نەسىھەت قىلىشىغا قارىماي،كەڭ خەلقنىڭ ئارزۇ-تىلىكىگە قارشى ھالدا مىللىي ئارمىينى ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇپ،بېتىمگە ئولتۇرىدۇ.بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ.گومىنداڭ ئەخمەتجان قاسىم ۋە بىر قىسىم كىشىلەرگە چوڭ-كىچىك ئەمەل بېرىدۇ. wS:323 !l$
:b.#h7Qt<
?rv+ydR/q
"EN gu/A !
‹‹سۇ بويىدا››سۇڭ جىياڭلار ئوردىغا ئەل بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇلار يەنە ئايماق،ناھيىلەرگە-ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىسيانچىلارنى باستۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ ۋە قانلىق جەڭ قىلىپ،فاڭ لا قوزغىلاڭچىلىرىنى مەغلۇب قىلىپ،ئايماق، ناھيىلەرنى قايتۇرۋالىدۇ. uF< F4m;
D|+H!f{k
p*dez!
?.,cWKGQ}
‹‹ئانا يۇرت››ئەخمەتجانلار ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ئىشلەپ بىر مەزگىلدىن كېيىن جىياڭ جىجۇڭ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا ئەخمەتجانلار بىلەن ئوخشىمايدىغان ئېزىمدىكى مەسۇد سەبىرگە ئۆزۈنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.ئەخمەتجانلار يامانلاپ ئىلىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئالتايغا-روسلار ۋە سىتالىن ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇقام توۋلاۋاتقان كونا مىللىي ئىسيانچى ئوسماننى يوقۇتۇشقا ئاتلىنىدۇ ۋە ئوسمان قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئالتاينى قايتۇرۋالىدۇ. 2&=;$2?}
]cA){^.Jz
‹‹سۇ بويى››دا ئوردىنىڭ دۈشمەنلىرى يوقۇتۇلۇپ ئاسايىشلىق كۈنلەر باشلىنىش ئالدىدا سۇڭ جىياڭ باشلىق لىياڭشەن كاتىللىرى ئەجەل شەربىتى ئىچىپ قازا قىلىدۇ.ۋۇسۇڭغا ئوخشاش ئامان قالغان سەركەردە-سەرۋازلار ئارمان بىلەن جېنىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىدۇ. b$B5sKQ
; 4S#6#
‹‹ئانا يۇرت››تا گومىنداڭ تەسلىم بولۇپ ئاسايىشلىق كۈنلەر باشلىنىش ئالدىدا ئەخمەتجان قاسىم باشچىلىقىدىكى مىللىي ئىنقىلاپنىڭ رەھبەرلىرى ئايرۇپىلان ھادىسىسگە ئۇچۇراپ قازا قىلىدۇ.غېنى باتۇرغا ئوخشاش ئامان قالغان باتۇر-ئەزمەتلەر جېنىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىدۇ ياكى ئارمىيىدىن ئالمىشىپ،باشقا كەسىپلەرگە چىقىپ كېتىدۇ. g0iV#i
u 32`("x5sa
شۇنداق،‹‹سۇ بويىدا›،دىكى سۇڭ جىياڭ سېپى ئۆزىدىن بىر تەسلىمچى.‹‹ئانا يۇرت››تىكى ئەخمەتجان قاسىم بولسا ئۇنىڭغا ماھيەتلىك تەرەپلەردە ئوخشىمايدىغان،تۆمۈر خەلپەم ۋە خوجىياز ھاجىملارغا ئوخشاش سالا ۋە سۈلھىگە بوش ھەقىقىي ئۇيغۇر رەھبەر. 5))?,YkrrI
np)-Yzr
بىراق تارىخ باشقىچە يېزىلدى.شەرىقتىن چىققان بىر قۇياش پۈتۈن جوڭگو ئاسمىنىنى يورۇتتى،شۇنداقلا ئۇزۇن يىللار جاھالەتتە قالغان شىنجاڭ ئاسمىنىنىمۇ يورۇتتى.ئىلگىرى ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن شىنجاڭ خەلقىنى جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىشى بىلەن يامان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.جوڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ مۇكەممەل دانالىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى ۋە توغرا يولغا باشلىدى..... !E$S&zVMQ
Tl25t^Y
ئاتالمىش ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن قالغان قوشۇن بولسا 5-كورپۇس دەپ ئاتالدى.خەلقارادا 5- كورپۇس دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئادەتتە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇزغۇنچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئېلىپ بارىدىغان ئارمىيەنى ئاتاشقا ئىشلىتىدۇ . [bv.`
n JLr]`_
تارىخ ئىلگىركىلەرنىڭ كېيىنكىلەر ئۈچۈن قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسىدۇر.بۇ مىراس كېيىنكىلەرنىڭ دەستۇر قىلىپ يول ئىزدىشىدىكى رەھنامىسىدۇر.مىللەت تارىخى ئېنىقكى كۆپلىگەن زىدىيەتلىك جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.بۇ زىدىيەتلەرنى كېيىنكىلەرنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن بايقىيالىشى ياكى بايقىيالماسلىغى،ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدە تارىخنىڭ تەكرارلىنىش ياكى تەكرارلانماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. (ئابدۇرېھىم ئابلەتخان) S'?XI@t[
MiRMjQ2 |
|