قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 8134|ئىنكاس: 41

بىر زامانىۋى مۇستەملىكە ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19155
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 03:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUTLUQJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-9 18:34  

بىر زامانىۋى مۇستەملىكە ھېكايىسى

قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى

بىرى باركەن، بىرى يوقكەن، بۇرۇنقى زاماندا ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىلان ئىسىملىك بىر يېزا بار ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  مودا ياسىنىۋالغانلارنىڭ نەزىرى بىلەن بۇ يېزىدىكى ئىنسانلارغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز ئۇلارغا«ئىپتىدائىي ئادەم» دەيدىكەنسىز. چۈنكى يۈزلىرىگە سۈرۈۋالغان ھەر خىل رەڭلەر،بەدىنىگە ئارتىۋالغان ئىككى پارچە رەختلەر، يالاڭئاياغ يۈرۈشلىرى، ئىلاھلىرىغاكوللېكتىپ ھالدا ئېتىقاد قىلىشلىرى پەقەتلا ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىغا ئوخشىمايدىكەنمىش. ئەسلىدە شىلان يېزىسى ئەتراپىدىكى يېزالارمۇ شىلاندىن ھېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن. لېكىن بارلىق يېزىلارنى ئۆز دائىرىسىگە ئالغان غەلىتە ۋەقەلەر  ئالدى بىلەن شىلاندا باشلانغانلىقى ئۈچۈن ھېكايىمىزدە شىلانلىقلار ئۈستىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. شىلان يېزىسى باشقا يېزىلارغا ئوخشاش بىپايان كەتكەن ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە جايلاشقانمىش. ئۆيلىرى ياغاچ ۋە قارىغايدىن سېلىنغان ئىكەن. يېزىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن چوڭ بىر سەينابار ئىكەن. شىلانلىقلار ئاخشام بولغاندا سەينانىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يېقىپ، ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇراسىم ئۆتكۈزىدىكەن. مۇراسىمىداناخشا ئېيتىشىدىكەن، ئۇسۇل ئوينىشىدىكەن، قەبىلە ئاقساقاللىرىدىن ئەجداتلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىشىدىكەن. بەزى ۋاقىتلار مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ، قەبىلىنىڭ ئەڭكۈچلۈك ۋە جەسۇر كىشىسىنى بېكىتىپ چىقىدىكەن.
يېزىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ گۈزەل كەپە قەبىلەباشلىقىغا ئائىت ئىكەن، ئەلۋەتتە. يەنى قەبىلە باشلىقى تويكاغا. تويكا دانا،كۈچلۈك ۋە جەسۇرلۇقى بىلەن مەشھۇر ئىكەن. ئەسلىدە تويكانىڭ يېشى ئۇنچىۋالا چوڭئەمەس ئىكەن، 30 ياشلار چامىسىدا ئىكەن. ئالدىنقى قەبىلە باشلىقى، يەنى تويكانىڭدادىسى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىپ تويكا دادىسىنىڭ ئورنىغا چىققان ئىكەن. مۇشۇنداققىلىپ تويكا ياش تۇرۇپلا چوڭ بىر قەبىلىگە باش بولۇپ قاپتۇ. تويكانىڭ ۋەزىپىسىقەبىلىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، قەبىلە ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندەئارىسىنى تۈزەش، تۇرمۇش قۇرماقچى بولغانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق بىر قاتارئىشلاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. ئەمما ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۆزلىرىياشاۋاتقان ئورماننى تۈرلۈك پالاكەتلەردىن قوغداش ئىكەن. چۈنكى ئورمان ئۇلارغا نىسبەتەن رىزىق مەنبەسى بولغانغائوخشاش ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە باشقا جانلىقلار بىلەن قېرىنداشلارچە ياشايدىغان مۇقەددەس ئۆي ھېسابلىنىدىكەن.
ئېھتىياجى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىكلا ئوۋ ئوۋلايدىكەن. كەيىپ ۋە ھەۋەس ئۈچۈن قەتئىي ئوۋغا چىقمايدىكەن. شىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك ئاددى ئىكەنكى، ئاخشام ئۇخلىغاندا «مەدەنىي» ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئۇ تەرەپكە بىر بۇ تەرەپكە ئۆرۈلۈپ مال-دۇنيا ھەققىدە خىيال قىلمايدىكەن. شىلاندا پۇلنىڭ ئورنىغا ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ئىشلىتىدىكەن، ئېھتىياجلىقنەرسىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرىدىكەن. ئېھتىياجلىرى بولماي قالسا ئېھتىياجلىرى بار قېرىنداشلىرىغا بېرىۋىتىدىكەن. تېلېۋىزۇر، ئىنتېرنېت، گېزىت، كىنو، ماشىناقاتارلىق نەرسىلەردىن خەۋىرى يوق ئىكەن. ئەسلىدە بۇ نەرسىلەر ھەققىدە ئۇزاق يېزىلاردىن بىرىنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئوغلىنىڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ دەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئەمما پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىغان ئىكەن. تويكانىڭ قەبىلىسى بولغام شىلانلىقلار مۇشۇنداق ئاددى،«ئىپتىدائى»  بىراق راھەت، خاتىرجەمۋە خوشال ياشايدىكەن.
ئەمدى شىلانلىقلارنى مۇقەددەس دەرەخلەرنىڭ سايىسىدىكى كەپىلىرىدە قويۇپ، ئۇزاقلارغا دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا ئاسمانغا تاقاشقان بىنالار رەت-رەت سېلىنغان كوچىلاردا تىز تىز قەدەم ئېلىپ يۈرىۋاتقان گالاستۇك تاقىۋالغان ئەرلەر ۋە ماگېزىن پوكەيلىرىدە ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئاياللار بىلەن  تولغان تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە ياكى ئۆزلىرىنى ئەڭ قۇدرەتلىك دەپ جار سېلىۋاتقانلارغا نەزەر سالايلى. ئاسمانغا دوئىل ئېلان قىلغاندەكلا ئېگىز سېلىنغان بىنالارنىڭ بىرىدە تاماكا ئىسلىرى ئارىسىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى كاستۇم كىيىۋېىلىشقان گالستۇكلۇق «زامانىۋى» ياۋروپالىقلار... «ھۆرمەتلىك پىروفېسسور ئەپەندى» دەپتۇ، ئۈستەلنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇۋالغان سېمىز كەلگەن خوجايىن، «ئىشلار سىز دېگەندەك بولۇپقالسا، ياۋايى قەبىلىلەر رايونىدا بىز ئويلىغاندەك بازار ئېچىشى مۇمكىن بولارمۇ؟».بويى پەسرەك كەلگەن لېكىن كۆزلىرىدىن ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان پىروفېسسوركانىيىنى قىرقىپ مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ: «ئەپەندىم! سوتسئولوگىيەلىك ھەقىقەتلەرشۇنداق ئېنىق ۋە روشەنكى، ئىپتىدائىي ئىنسان توپلۇقلىرىنىڭ زامانىۋېلىشىشى پەقەتلائىستېمال قېلىپلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. بۇ ئىش بىزگە نىسبەتەنئىنتايىن مۇھىم. ئىلگىرى قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنى بويسۇندۇرغىلى بولاتتى،ھازىر ئۇنداق قىلىش كەتمەيدۇ، ئىدىيە ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىستىلاسى بىلەنمۇئۆزگىلەرنى بويسۇندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا،  سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن كىچىك دائىرىدەئىنتايىن يۇقىرى ئىلمىي قىممىتى بولغان بىر تەجرىبىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانبولىمىز. ئەگەر مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ قالساق، بۇنى دۇنيانىڭ باشقا ئارقىدا قالغان جايلىرىدا سىناق قىلىمىز» دەپتۇ، بۇ ئارىلىقتا «قىلىدىغان ئىش ئىنتايىن ئاددى» دەپسۆز قىستۇرغان پىروفېسسورنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ياش بىرسى چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ. بۇ «ئىلمىي» تەتقىقات ۋە سىناقنى ماددى جەھەتتىن قوللايدىغان  شىركەتنىڭ باشقا پىلانلىرىمۇ بار ئىكەن،ئەلۋەتتە.
يىغىن ئېچىلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن شىلانلىقلار سۇ ئېتى مۆڭرىگەندەك بىر ئاۋاز ئاڭلاپ قاپتۇ، ئاسماندا . ھەممىسى كۆزلىرىنى يۇقىرىغابۇراپتۇ، ھاۋادا تۆمۈردىن قاپلانغان، يڭىناغۇچقا ئوخشايدىغان  چوڭ بىر نەرسىنى كۆرۈپتۇ. ئالدىدا قورقۇپتۇ. ئارقىدىن «تۆمۈر ساندۇق»نىڭ ئىچىدىكى ئاق تەنلىكلەرنى ئۆزلىرىگە دوستلارچە قول پۇلاڭلاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى تىنىپتۇ. «تۆمۈر ساندۇق» يېزا سەيناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا غوقىراپ قونۇپتۇ. ئىچىدىن كاستۇم كىيىۋالغان ئاق تەنلىكلەر چۈشۈشكە باشلاپتۇ. يېنىدا شىلانلىقلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغان لېكىن كۆرۈنۈشتە ئۇلاردىن كۆپ پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلاپتۇ. «بۇبىر دوست زىيارىتىدۇر» دەپتۇ، ئەجنەبىيلەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «قەبىلەڭلارنڭ رەئىسى بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلاتتۇق. ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىدىغان سوۋغاتلىرىمىزبار ئىدى».
تويكا ئالدىغا چىقىپ «بۇ قەبىلىنىڭ رەئىسى مەن»دەپتۇ. ئەجنەبىلەر تويكانىڭ قوللىنى دوستلارچە سىقىپ، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن شۇنداق ئېسل سوۋغىتى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. تويكا بۇ ئىلىتپاتتىن سۆيۈنۈپتۇ. «قېنى كۆرۈپ باقايلى» دېگۈسى كەلگەندەك بوپتۇ، لېكىن ئۆزىنى تۇتۋېلىپ، «ماڭا نېمىشقا سوۋغاتبېرىسىلەر؟ مەقسىتىڭلار زادى نېمە» دەپ، سوراپتۇ ئەجنەبىلەردىن. كاستۇم كىيگەن ئادەملەر قىپقىزىل، ئۈستى ئوچۇق، ئەڭ يېڭى مودېل «Mercedes» پىكاپنى تويكاغا سۇنۇپ، «بۇ ئەتراپنىڭ ئەڭ جەسۇر ۋە ئەڭ كۈچلۈك زات ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىدۇق» دەپتۇ.
تويكا پىكاپنىڭ ھەيۋىتىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپتۇ، بىراق ئۆزىنى تۇتۇشقا تىرىشپتۇ. «بۇ قانداق قىلىدىغان نەرسە؟»دەپ، سوراپتۇ. ئەجنەبىلەر قىسقا ۋە ئوچۇق قىلىپ، «بۇ پىكاپ ئۈستۈنلۈك، شەرەپ ۋەئىمتىيازنىڭ سىمۋولىدۇر» دەپتۇ. تويكا جاۋابەن،
-بۇ يەردە ماشىنا ھەيدەيدىغان يولىمىز، مۇنداقچە ئېيتساق، بۇنداق نەرسىلەرگە ئېھتىياجىمىز يوق بىزنىڭ، مەن بۇ نەرسىنى نېمىمۇ قىلىمەن؟، دەپتۇ.ئەجنەبىيلەر دەرھال:
-خالىساڭلار سىلەرگە يول ياساپ بېرىمىز. ئەمما شۇنى بىلىپ قېلىڭلار،بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە ئىنسانلار بۇنداق بىر پىكاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەچچە يىل ئاتئىشەكتە ئىشلەيدۇ، ھەتتا جېنىنى بېرىدۇ. سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بۇنى سىزگە ھەدىيەقىلىمىز،دەۋاتىمىز، - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ چىرايلىرى پۇرۇشۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تويكا پىكاپنى قوبۇل قىلىپ كەپىسىنىڭ ئالدىغا قويغاندا قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ كۆڭلى قاتتىق يېرىم بوپتۇ. لېكىن ئەجنەبىلەرنىڭ ئالدىدا رەئىسىگە گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەپتۇ. ئەجنەبىلەرچىرايلىق گەپ سۆزلەرنى قىلىپ شىلانلىقلار بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالغاندىن كىيىن،يېزىدا  كېڭەش چاقىرىلىپتۇ.  كېڭەشنىڭ دەسلىپىدە قەبىلە ئاقساقاللىرى تويكاغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلاپتۇ:
- بۇ ئىشنىڭ كەينىدە چوقۇم باشقا ئىش بار. يۈزى كۈلۈپ تۇرىدىغان لېكىن كۆزلىرى تۈلكىگە ئوخشاش پارقىراپ تۇرىدىغان ئەجنەبىلەر بىرەر مەنپەئەتنى كۆزلىمىسە باشقىلارغا يىڭنىگە چۈشلۈق بىرنەرسىنى بىكارغا بېرىۋەتمەيدۇ. ئاخىرىدا بىزنى ئالدام خالىتىسىغا چۈشۈرۈشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز، - دەپ تويكانى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. تويكا ۋە قەبىلىنىڭ ياشلىرى ئاقساقاللار بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
-بۇنچىلىك گۇمان قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ماشىنا دەيدىغان بىرپارچە تۆمۈردىن قانداقمۇ زىيان كەلسۇن، ئەنە قويۇپ قويغان يەردىلا تۇرمامدۇ. دېيىشىپتۇ.  ھازىرچە كېڭەش مۇشۇنداق ئاخىرلىشىپتۇ. ئەسلىدە تويكا بىلەن قەبىلىنىڭ بۇ «پىكاپ ماجراسى» تېخى يېڭى باشلانغان ئىكەن.
ئەتىسى ئەتىگەندە تويكانىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى كەپىسىنىڭ ئالدىدىكى پىكاپقا ئولتۇرۇش بوپتۇ. تويكا ئۆزىنى ئەتراپتىكى ئەڭتىز، ئەڭ چاققان ۋە ئەڭ سەگەك ئېتىغا مېنگەندەك ھېس قىلىپتۇ. گەرچە بۇ تۆمۈرپارچىسى ئورنىدىن قوزغالماي جىم تۇرسىمۇ يەنىلا پىكاپتا ئولتۇرۇۋېلىش ئەڭ چوڭ خوشاللىق ئىش ئىكەن تويكاغا نىسبەتەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىكاپنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنياشلار تويكغا ھەۋەسلىنىپ قارىغانسېرى تويكانىڭ ئىچىدىكى «شۆھرەت، ئۈستۈنلۈك ۋەئىمتىياز» تۇيغۇلىرى غىدىقلىنىشقا باشلاپتۇ. تويكا بۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەر كۈنىبىر قەبىلە ئەزاسىنى پىكاپنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇيرۇپتۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە پىكاپنىڭ ئۈستىدە قولنى سوزۇپ ئولتۇرۇش تويكانىڭ ئادىتىغا ئايلىنىپتۇ. ھەتتا بۇ ئىشتىن دىنى مۇراسىملاردىنمۇ بەكرەك ھۇزۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى باشقىلاردىېيەلەپتۇ. ياشلار بولسا قىزغانچۇقلۇق، كۆرەلمەسلىك ۋە ئوخشاش پىكاپقا ئىگە بولۇش ھەۋىسى بىلەن تولۇپ تېشىپتۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئاسمان ئەجنەبىيلەرنىڭ «تۆمۈر يىڭناغۇچلىرى»نىڭ ئاۋازلىرى بىلەن ياڭراپتۇ. ئەجنەبىيلەر مەككەرلارچە بىلەنتويكانىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ سوۋغاتلىرىدىن سۆيۈنۈپ سۆيۈنمىگەنلىكىنى سوراپتۇ  ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- بۇ پىكاپ ئەڭ تىز يۈگرەيدىغان ئاتتىنمۇ تىز يۈگۈرەيدۇ، نېمىشقا بۇھۇزۇرنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمايسىز؟. تويكا بۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىشى بىلەنلا، ئەجنەبىيلەر:
- ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز يېزىغا بىر يول ياساپ بېرەيلى. سىز شۇ يولداماشىنىڭىزنى خالىغانچە ھەيدىسىڭىز بولىدۇ،- دەپتۇ.
قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلمىغان تويكا، قانچە يۈزلىگەن تۈپ دەرەخنىڭ كېسىلىشىگە، يېزىغا 2،3 كىلومېتىريول سېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىپتۇ. ئەجنەبىيلەر شىلانلىقلارغا يول سېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماپتۇ. قەبىلە ئەزالىرى بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن قىزىقىپتۇ. يول ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېلىنىپ بوپتۇ ۋە تويكاغا ماشىناھەيدەشنى ئۆگىتىپ قويۇپتۇ.  ئۇ كۈندىن ئېتىبارەن، يېزا خەلقى«Mercedes» نىڭ ئاۋازىبىلەن ئويغىنىشقا باشلاپتۇ. تويكا دەسلەپكى كۈنلەردە پىكاپنى ئاران-ئاران ھەيدەپتۇ، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە ماشىنا ھەيدەشكە ئۇستا بولۇپ كېتىپتۇ. بەزىدە ياشلارنى ماشىنىسىغا ئېلىپ كىزىدىكەن. يول قىسقا بولسىمۇ يەنىلا زىرىكمەپتۇ. لېكىن ۋاقىتنىڭئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ ئۇزۇن يوللاردا ھەيدەشنىڭ خىيالىنى سۈرۈپتۇ. ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يېزىغا يەنە كەلگەن ياۋروپالىقلار تويكانىڭ ئارزۇسى ۋە  ماشىنا ھەۋىسىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ ۋە دەرھال مەقسىتىنى ئاشكارىلاپتۇ:
- ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش قولاي ئىش. لېكىن بىر ئاز چىقىم كېتىدۇ.سىزدىن پۇل تەلەپ قىلمايمىز. پەقەت يېزىڭىزدا يەر كولىشىمىزغا رۇخسەت قىلسىڭىزلا بىز ئۈچۈن يېتەرلىك. سىزگە ياسايدىغان يوللار بىلەن باشقا يېزىلارغا، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بارالايسىز.
تويكا دەسلەپ ئەجنەبىيلەرنىڭ تەكلىپىنىڭ تېگىگە يېتەلمەپتۇ. بىر ئاز ئويلىنىپ بوۋىلىرىدىن يېزىغا يېقىن جايدىكى تاغ ئېتەكلىرىدە پارلاق تاشلارنىڭ بارلىقىنى دەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئاپتۇ. «بۇ تاشلارنىڭ بىزگەھېچقانداق پايدىسى يوق» دەپ ئويلاپتۇ ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارشىچىقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئەجنەبىلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپتۇ. دېمىسمۇقەبىلە ئاقساقاللىرى بۇ ئىشقا قاتتىق قارشى چىقىپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن تۇرۇپ:
-بۇ ئادەملەر شەيتاننىڭ شاگىرتلىرىدۇر! ئىچىمىزگە شەيتاننىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشنى پىلانلىۋاتىدۇ. كۆزۈڭنى ئوبدان ئاچ تويكا!، دەپ نەسىھەت قىلىپتۇ. تويكانىڭ نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئوبدان چۈشەنگەن دانىشمەن تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپتويكانى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ:
-كىيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىپ قالسەن، ئۇ ۋاقىتىدا پۇشايمان قىلغىنىڭبىلەن ھېچنىمە ئورنىغا كەلمەيدۇ. سېنىڭ بۇ تۈگىمەس ماشىنا ھەۋىسىڭ ھەممە ئادەمگە يۇققاندا، ئورمانلىرىمىز بىر-بىرلەپ كېسىلىپ تۈگىگەندە، ئورماندىكى ھايۋانلىرىمىزيۇرت-ماكانسىز قالغاندا، پاكىز روھلار ئالدى بىلەن ۋىجدانىڭغا چىڭ يېپىشىدۇ ۋەۋىجدان ئازابىغا قويىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، دەپتۇ.دانىشمەننىڭ ئويلىغىنىدەك تويكا قارارىنى ئاللىبۇرۇن بېرىپ بولغان ئىكەن. ئاقساقاللار بىلەن كېڭىشىشىدىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلالسا ئىش تېخىمۇياخشى بولاتتى، دېگەنلەرنى ئويلىغان ئىكەن. ئارىدىن بىر ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن شىلاننىڭ يېزىسىغا ئاسماندىن «تۆمۈر ساندۇقلار» چۈشۈشكە باشلاپتۇ. «تۆمۈرساندۇق»نىڭ ئىچىدىن ئاجايىپ ماشىنىلار چۈشۈرۈلۈپتۇ. يوللار ياسىلىشقا باشلاپتۇ،يول قۇرۇلۇشىدا شىلانلىق ياشلار ئىشلەش شەرتى بىلەن ئۇلارغا بىردىن كونا مودېل ماشىنا بېرىلىپتۇ. يۈزلىگەن، مىڭلىغان دەرەخلەر كېسىلىپتۇ. ئاقساقاللار بۇمەنزىرىلەرنى ئەنسىرەش بىلەن كۆزىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەپتۇ. شىلاندا ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقىدەك قۇش ئاۋازلىرى سايراپ تۇرمايدىغان بوپتۇ. بۇرۇنقى خاتىرجەملىك ۋە جىمجىتلىقنى ماشىنلارنىڭ غوقىرغان ئاۋازلىرى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاپتۇ. بالىلارماشىنىدىن چىققان ئىس تۈتەكلەر ئارىسىدا ئوينايدىغان ھالەت شەكىللىنىپتۇ. بۇئارىلىقتا ئەجنەبىلەر يېزىدىكى تاغ ئېتىكىنى كولاشنى باشلىۋېتىپتۇ. ئەجنەبىلەر بۇيەردە ئالماس كېىنىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەن. ھازىرغىچە چىقىم قىلغان شىركەتنىڭ مەقسىتى دەل بۇ ئالماس كېنىنى ئېچىشئىكەن.
ياۋروپالىقلار ئالماس كېنىدا ئىشلەيدىغان ئەمگەك كۈچى تېپىشتىن پەقەتلا قىيىنالماپتۇ. كونا ماشىنىلىرى ئۈچۈن ماشىنا زاپچاسلىرى، بېنزىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈن ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ئەجنەبىي ماللىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شىلانلىق ياشلار ئالماس كېنىدا ئىشلەشنى دەرھال قوبۇل قىلىشىپتۇ. ئەجنەبىيلەر شىلانلىقلارغا بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان بوپتۇ. ھەتتا شىلانلىقلارنىڭ قارا رەڭلىك تېرىسىنى چىشلەپ تارتىپ كەمسىتىدىغان بولۇۋاپتۇ. ئەلۋەتتە، تويكاغا نەسىھەت قىلغان دانىشمەننىڭ تەخمىنى بىر-بىرلەپ رىئالىققا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. دانىشمەن، ئەجنەبىيلەر «دوستانە»قوللىرىنى ئۇزاتقان ۋە «توختام» دېگەن نەرسىگە سىياھقا چۆكۈرۈلگەن بارمىقىنى باسقاندىن ئېتىبارەن، ئەركىنلىكلىرىنىڭ ئەجنەبىيلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. لېكىن ھېچ نەرسە بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كەلمەيتتى. ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ قويىدىغان بۇ جەننەت مىسالى يېرىنى ماشىنىلارنىڭ غوقىرغان ئاۋازلىرى ھۆكۈم سۈرگەن جەھەننەمگە، ئىلگىرىكى جەسۇر،ئۇرۇشقا ماھىر قەبىلە ئەزالىرىنى كان ئىشچىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان دەل شىلانلىقلارنىڭ ئۆزى بوپتۇ. ھەتتا ئەجنەبىيلەر پات پات مەسخىرە ئارىلاش:
-بىزگە نەچچىلىك رەھمەت ئېيتساڭلار يەنە ئاز. سىلەرگە يېڭىچە ئەركىنلىك، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلدۇق، ۋەھشىيلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالدۇق.
شىلانىڭ ھازىرقى ھالىتىنى سورايدىغان بولسىڭىز، شىلاندا ماشىنىسى بارلارنىڭ سانى نۆلگە چۈشۈپ قاپتۇ. ئۆز ۋاقتىدىكى ياشلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئالماس كېنىدا ئىشلەيدىغان ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىكەن. ھەپتە ئاخىرلىرى، تېلېۋىزور كۆرىدىكەن، ھامبۇرگ بولكىسىغا جىققىدە دورا دەرمەك سېلىپ ئىشتىھا بىلەن يەيدىكەن. يېنىدا كولانى ھۇزۇرلىنىپئىچىشىدىكەن.  ئىككىنچى قول بولسىمۇ بىرەرماشىنىغا ئېرىشىشىنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرۈشىدىكەن. بەزىدە قەبىلە باشلىقى تويكانىڭغايىپ بولۇشى ھەققىدە پاراڭلار بولىدىكەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تويكا، ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالماي، يىراق جايلارغا قېچىپ كەتكەنمىش، يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندا ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەنمىش.
تويكانىڭ قىپقىزىل «Mercedes » غاكەلسەك، نەۋرىلىرى  ئۇياق-بۇياققا ئۆسۈپ تۆمۈر پارچىسى بولۇپ كەتكەن ۋە رەڭگى قارىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بۇ ماشىنىنى خاتىرە بۇيۇم سۈپىتىدە باغچىسىدا ساقلاپ قويۇپتىدەك...
ئىستېمال ئىدىئولوگىيەسىنىڭ غەرىزى پۈتۈن دۇنيانىيۇتۇش بولسا، ئىستېمالچى بوۋاق بوتۇلكىسى ئۈچۈن پەرياد قىلغان ئەبەدىي بوۋاقتۇر...(ئى.فىرومم)

قارام سوپى

7

تېما

3

دوست

3621

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14014
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 160
تۆھپە : 987
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:22:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dahxatkan mawu asar ...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

23

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   17.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 5438
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 08:29:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دىگەن دەھشەت سوتسولوگىيە

1

تېما

2

دوست

1696

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8744
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 452
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:30:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە ئاۋۇ كان ئىشچىلىرىنىمۇ سىرتتىن ئەكلىدىغان ئىش ئىدى. خېلى ئىنساپلىقكەن.

2

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2796
توردىكى ۋاقتى: 750
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 12:33:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sewriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 12:45  

مىللەتلەر قوشۇلۇپ كېتىشى ۋە مۇستەملىكە دۆلەتلەر :
يات مىللەتلەر  ۋە يات دۆلەتلەرنىڭ شۇ دۆلەتتە ھاكىميەت يۇرگۇزۋاتقان دەۋرىدە ئەگەر شۇ يات مىللەت شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ تەركىۋىگە قوشۇلۇپ ۋە ياكى ئۆز تەركىۋىگە شۇ يەرلىك مىللەتنى قوشىۋالالىسا ۋە ياكى .ھاكىميەت يۇزگۈزۋاتقان دەۋرىدە شۇ يەرلىك خەلىق ياكى يەرلىك  ھاكىميەت تەرپىدىن ۋەتەننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى  ئېتراپ قىلىنسابۇ ئادەتتە مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشۇلىشى دىيىلىدۇ (مەسلەن :تارىخىتىكى سىيانپىلار ،موڭغۇللار ،ۋە مانجۇلار ئىلگىرى كريىن بولۇپ تارىختا ئوتۇرا تۇزلەڭلىك ھاكىميەتلىرىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ ئاقىۋەت جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ  ئايرىلماس تەركىۋىگە ئايلاندى )ئەگەر يات مىللەت شۇ دۆلەتكە ئۆزلىشەلمىسە ،يەرلىك خەلىق تەرپىدىن ئېتراپ قىلىنمىسا ھاكىميەت مەزگىلى مۇستەملىكە دەپ قارىلىپ بۇ شۇ يەرلىك دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دەۋرى دەپ قارىلىىپ  ۋەتەننىڭ  بىر قىسمى دەپ قارالمايدۇ (مەسلەن :ياپۇنلار شەرقى شىمالدا قۇرغان قورچاق مەنجۇرىيە دۆلىتى ،ئەنگىليە ۋە پورتىگالىيەنىڭ شاڭگاڭ ۋە ئاۋمىن رايونلىرىغا  بولغان باشقۇرۇشلىرى )  ۋېيچى بەيكېدىن  تەرجىمە قىلىندى .

2

تېما

0

دوست

2330

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 153
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 13:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن

13

تېما

0

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15629
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 676
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 18:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرجىمە ئەسەرگىمۇ ھەم چۇشكەن ئىنكاسلارغىمۇ  ئاپىرىن

4

تېما

0

دوست

733

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9506
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 107
تۆھپە : 151
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:14:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى تىمىكەن

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1238
توردىكى ۋاقتى: 238
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 18:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوردۈم

32

تېما

5

دوست

3986

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2217
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 568
تۆھپە : 812
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 20:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنڭچە ھەرقانداق مۇسـتەملىكە قىلغۇچى«سىلەرگە يېڭىچە ئەركىنلىك، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلدۇق...››دەيدۇ، ياپۇنلارنىڭ جۇڭگونى بېسۋالغان كىنۇلىرىنى كۆرۈپ باقايلى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )