قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2063|ئىنكاس: 21

ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مۇھتاجلىق بىلەن ئىسراپچىلىقنىڭ مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

\\؛-[

16

تېما

0

دوست

2437

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3126
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 574
تۆھپە : 365
توردىكى ۋاقتى: 576
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 11:11:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-9 17:47  

   مەن سۆزۇمنى ئالدى بىلەن مۇھتاجلىق توغۇرىسىدىكى بايانلاردىن باشلاي:مەلۇم بىرى ئاق قان كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپتۇ،دوختۇرخانە داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن 700مىڭ يۇەن تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇپتۇ،بۇ 700مىڭ يۇەننى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۆي سېتىلىپتۇ،ماشىنا سېتىلىپتۇ،بارمىغان يەر چەكمىگەن ئىشىك قالماپتۇ،ئاخىرى بۇ 700 مىڭ يۇەنمۇ يىغىلىپتۇ...كېسەل ئاللاھنىڭ ئاسانلىق بېرىشى بىلەن ساقىيىپتۇ .لېكىن بۇ ئائىلە قاچان قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولار!قاچان ئۆي ئالار!.....بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى نىمىشقىكىن دائىم ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق،شەھەر ئىچى جۇمە جامائەسىدە مۇراجەتنامىنىڭ كۆپلىكىدىن ئاخىر مۇراجەتنامە ئېلىپ كەلگۈچىلەر جامائە سىرتىدا تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۇراجىتىنى ئوقۇش يولغا قويۇلۈپ بۇرۇنقىدەك ئىمام ئالاھىدە مۇراجەتنامە ئوقۇيدىغان ئىش توختىتىلدى،بۇ خىلدىكى مۇھتاجلار تا ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ قالمىدى................بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىدىم:بىر ئانا قىزىنىڭ  داۋالىنىش ھەققىنى تېپىش مەقسىتىدە مەلۇم بىرىنىڭ خىرويىن سېلىنغان سومكىسىنى مەلۇم جايغا يۇققۇرى باھادا يۆتكەپ بېرىشكە كېلىشىپتۇ،بىراق 200گىرام خىرويىن بىلەن قولغا ئېلىنىپتۇ......كوچىدا كىتاپ سېتىۋاتقان كىشىنىڭ كىتاپلىرى بەك قىممەت ئىدى 150يۇەن(ئەسلى بۇ كىتاپ 20-80 يۇەنگىچە سېتىلسا بولاتتى)،سىز بۇ كىتاپلارنى قىممەت كۆرمەڭ  دىدى ھەمراھىم چۇنكى ئۇلارمۇ نۇرغۇن جاپادا نۇرغۇن خەتەرلەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن..........مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ،مەسچىتتە كىتاپ يوققۇ؟!كىتاپلارنى كىشىلەر ئېلىپ كەتتى!!...شۇنداق كىشىلەرنىڭ كىتاپ ئوقۇغۇسى بار لېكىن كىتاپ ئالغۇدەك ئېشىنچە پۇلى يوق!.........توۋۋا بۇ نىمە دىگەن چوڭ سېلىشتۇرما؟!مەن چېركوۋلارغا كىرگەنلەرگە ھەقسىز ئۇيغۇرچە كىتاپ،دېسكا بېرىدىغانلىقىنى يەنە كۇنلىكىگە 50 يۇەندىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان.بۇ جاپاكەش كىتاپچىلارنى قوللايدىغان بايلار يوقمىدۇ؟! يەنە بىر مىسال ئۇيغۇرچە قۇر'ئان كېرىمنىڭ 1000 يۇەندىن سېتىلىشىمۇ بىزنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك؟قانچىلىك ئادەم 1000 يۇەن چىقىرالايدۇ؟ (بۇ 1000 يۇەنلىك كىتاپنى ئەرەپچىسىنى چىقىرىۋەتسە 500 يۇەنلىك كىتاپ قىلىپ سېتىش مۇمكىنتىغۇ؟!).........مەن ئۈرۇمچىگە چىققىنىمدا ئاق مەسچىتكە چۈشلۇك(پىشىن)نامازغا كىردىم،قايتىپ چىقسام ئايىغىم يوق،ئىشىك باقارغا ئەھۋالنى ئېيتتىم ،ئۇ كىشى دىدىكى:بۇنداق ئاياق يۈتىدىغان ئەھۋال ھەر كۇنى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن،شۇڭا مەنمۇ كىشىلەر تاشلاپ كەتكەن 30-40جۈپتەك ئاياقلار ئىچىدىن ياخشارىقىنى تاللاپ كىيىپ كەتمەكتىن باشقا ئامالىم  يوقكەن......ئويلاپ قالدىم بۇ جامائەگە كىشىلەر ناماز ئۆتەش ئۈچۈنلا ئەمەس،كونا ئاياقنى يېڭى ئاياققا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ كېلىدىكەن.مەن يېڭى ئايىغىمنى كىيىپ كەتكەن بۇ مۇھتاجغا رەھمەت ئېيتىمەن!بۇ تەنە ئەمەس،چۇنكى بۇ مۇھتاجلار بىزنى تەنقىت قىلماقتا ئىدى!!بىز بۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلىرىنى بېرەلمىدۇق!ئۇلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ھەقلىرىنى باشقا ئورۇنلارغا چوڭچىلىق قىلىش،ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن سەرىپ قىلدۇق! شۇڭا بىزدىن تېگىشلىك ھەققىنى ئالالمىغان بالىلىرىمىز ناتوغرا يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى تېپىپ يىيىشكە مەجبۇر بولدى!!..........يېزىدىكى دىخان خوشنام قىزىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا غەيرەت قىلىپ 3يىل ئوقۇتتى،4-يىلىغا كەلگەندە پۇلغا چىقىش قىلالماي قىزىنى مەكتەپتىن قايتۇرۇپ پۇل ئاز كېتىدىغان قومۇلدىكى تېخنىك مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتىدۇ.........بۇنداق مىساللار تولىمۇ نۇرغۇن، تۇققانلىرىم ۋە يېققىنلىرىمنىڭ قىيىنچىلىق سەۋەپلىك پۇل ئارىيەت سورىشى ئادەتتىكى ئەھۋال.... شۇنداق پۇل يوق تىجارەتنى ماڭدۇرالمايۋاتقان،بالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمايۋاتقان كىشىلەر نۇرغۇن..................ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان نەچچە تۇمەن قېرىندىشىمنىڭ ھالىنى سورىمايلا قويۇڭ...............
   ئەمدى ئىسراپچىلىق توغۇرىسىدا سۆزلەپ باقاي:ئالدى بىلەن ئىسراپچىلىق ئەڭ راۋاج تاپقان توي-تۆكۇنلەردىن سۆز ئالساق:ھازىر قومۇل شەھەر تەۋەسىدە تويلۇق ئۈچۈن30-40 مىڭ يۇەن بېرىلىۋاتىدۇ،قىزنىڭ زىبۇ زىننەتلىرىگە 10-40 مىڭ يۇەن خەقلىنىۋاتىدۇ،زال چىقىمى ئۈچۈن 20-30 مىڭ يۇەن خەجلىنىۋاتىدۇ،ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل 40-100 مىڭ،ئۆينى زىننەتلەش ئۈچۈن 40-150 مىڭ،ئۆي سايمانلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن20-100 مىڭ يۇەن پۇل كېتىۋاتىدۇ، دىمەك توي قىلىمەن دىگەن ئوغۇل 120-460 مىڭ يۇەن نەق پۇل تەييارلىشى كېرەك.مۇشۇنچىۋالا كۆپ چىقىمنى قانچىلىك ئادەم ئالدىن تەييارلىيالايدۇ،بۇ چىقىمنىڭ ئۈستىگە ئۆينىڭ قەرزى،ماشىنا قەرزى،قايتۇرۇشقا تېگىشلىك خىنىلىق.......ئەگىشىپ كېلىپ تۇرىدۇ،بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەختلىك ئائىلە قۇرالامدۇق؟!بىزنىڭ توي مەرىكىمىزدىكى ئىسراپچىلىق،چوڭچىلىقنى يوق قىلساق 50-100 مىڭ يۇەن بىلەنلا بولىدىغان تويلارتىغۇ بۇ!.ئىسراپچىلىقنى نىمىشقا ئاددى-ساددىلىقتەك توتىيا ئەڭگۈشتەرگە تېگىشىمىز؟مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىك بىلەن قىلىنغان تويلار بىزگە نىمە ئېلىپ كەلدى؟! ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇققۇرى بولۇپ %25 بولىۋېتىپتۇ.بۇنداق ئەھۋالنى پاجىئە دىسەك خاتا بولماس.
   ئۇنداقتا بىز نىمىشقا ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكتىن ئۆزىمىزنى تارتىيالمايمىز؟ بىرەر كىشى بىزنى مۇشۇنداق قىلمىساڭ بولمايدۇ دەپ مەجبۇرلاۋاتامدۇ؟!قېرىنداشلار بەختنى ئۆزىمىز يارىتىمىز!بالىلىرىمىزنىڭ بەختلىك خاتىرجەم تۇرمۇش قۇرۇشى ئۈچۈن ئىسراپچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاپەتنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ تۈزەيلى!بىلىشىمىز كېرەككى:ئىسراپچىلىق ۋە چوڭچىلىقتىن سۆز ئاچقان ۋاختىڭىز دەل شەيتاننىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتقان،خەلققىڭىز ،بالىلىرىڭىز ئۈچۈن ئاپەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇر!. دىننى نۇقتىدىن ئېيتساق:سىز ئىسراپچىلىقنى چەكلىمەي،تۈزەتمەي تۇرۇپ ھەجگە بېرىپ جاپا تارتماڭ!چۈنكى سىزنىڭ ھەجىڭىز دەل ئەتراپىڭىزدىكى مۇراجەتنامىلارنى كۆتۇرۇپ ياردەم تەلەپ قىلىپ يۇرگەن ...............كىشىلەرنىڭ قولىدا!! ئىسلام-ئۇيغۇرچە تېنىچلىق دىگەنلىكتۇر.شۇڭا سىز ئۆز قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا پۇل-مېلىڭىز،سۆز-ھەركىتىڭىز بىلەن تېنىچلىق ئېلىپ كېلىشىڭىز كېرەك!!مۇسۇلمان-ئۇيغۇرچە پاكلانغان كىشى دىگەنلىكتۇر.شۇڭا سىز ئىسراپچىلىق ۋە چوڭچىلىققا ئوخشاش بارلىق ناچار ئىللەتلەردىن پاكلىنىشىڭىز،باشقىلارنىڭمۇ پاكلىنىشىغا تۇرتكە بولۇشىڭىز ياردەمدە بولۇشىڭىز كېرەك،شۇندىلا سىز ھەقىقى ئىسمى-جىسمىغا لايىق پاك ئادەم(مۇسۇلمان) بولغان بولۇسىز.
   ئاخىرىدا دەيمىزكى:بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى سانسىز مۇھتاجلار تۇرۇقلۇق ھەشەمەتچىلىك قىلىش،ئىسراپچىلىق قىلىش تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق!!تولىمۇ ئەخمەقلىق! بىزنىڭ مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئادىتىمىزنىڭ نەتىجىسىدە شىنجاڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ %85 دەل ئۇيغۇرلار بولۇپ چىقتى.كۇنىگە 10 نەچچە كىشىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنى ئاچسۇن!!
   مەيلى سىز كىم بولۇڭ جەمىيەتنىڭ تېنىچلىقى ئۈچۈن كۇچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار.ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەمىلىيەتتە ئۆزىڭىز ئۈچۈن،ئەۋلاتلىرىڭىزنىڭ بەختتى ئۈچۈن بېسىلغان ئەڭ ياخشى قەدەم!!
   ھازىر شىنجاڭدىن ھەجگە بېرىۋاتقانلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ(2000 دىن ئارتۇق ) ئەيدىز بىمارلىرىمۇ كۇنىگە 10 نەچچىدىن كۆپىيىۋاتىدۇ!!ھەشەمەتلىك تويلار ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ،جەمىيەتتە تۇللار كۆپىيىۋاتىدۇ!.مۇھتاجلار چىراي سارغايتىپ تەمتىرەپ يۇرىۋاتىدۇ،بايلار ھەشەمەتلىك ئىسىل تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۇرىۋاتىدۇ.ھەممىمىز قېرىنداشقۇ؟؟!!!نىمىشقا بۇ خىل نورمالسىزلىقنى قېرىنداشلىق مېھرى ئارقىلىق تۈزىمەيمىز!!ئىسىل مەسچىت ياساشنى ئويلىغان چېغىڭىزدا ئالدى بىلەن قاغجىراپ كەتكەن قېرىنداشلىقنى،نادانلىق بىلەن ئايرىلالمايۋاتقان مىسكىن ئېتىقاتىڭىزنى مۇستەھكەملەپ جەمىيەت ئۈچۈن ،ئۆزىڭىز ئۈچۈن تېنىچلىق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىسىل بۇرچىڭىزنى ئەسلەپ قويۇڭ!.سىز ئىسىل ماشىنىدا ئولتۇرسىڭىز،ھەشەمەت داچىلاردا ئولتۇرسىڭىز،30-40 مىڭ خەجلەپ ھەج سەپىرىگە ماڭسىڭىز،ئىسىل تاماقلارنى تولا يەپ قان قويۇقلۇق ....بولسىڭىز!سىزگە مۇھتاج كىشىلەر داۋالىنىشقا پۇل يوق!ئوقۇشقا پۇل يوق!تىجارەتكە دەسمايە يوق!ھەتتا تۇرمۇشتا خەجلەشكە پۇل يوق كىشىلەر سىزنى نىمە دەر!سىزگە شۇنچە رىزىقلارنى بەرگەن ياراتقۇچى سىزدىن رازى بولارمۇ؟! سىز ھەقىقى دىندار بولسىڭىز ئىسراپچىلىقنى تۈزەشنى جىھات دەپ بىلىڭ!چۈنكى ئىسراپچىلىق تېنىچلىق(ئىسلام) دىنىدا چەكلەنگەن قىلمىشتۇر.سىز پارتىيەلىك بولسىڭىز نۆۋەتتىكى پارتىيەنىڭ ئەڭ كەسكىن چىڭ تۇتىۋاتقىنى دەل ئىسراپچىلىق.شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلغارلىقىڭىز ئاۋانگارتلىقىڭىزنى نامايەن قىلىپ پاتىيە ئۈچۈن خەلقنىڭ بەختتى ئۈچۈن باش بولۇپ ئىسراپچىلىقنى ئۆزىڭىزدىن باشلاپ تۈزەڭ. توي-تۆكۇنلەرنى،نەزىر چىراقلارنى ئەڭ ئاددى ئۆتكۈزۈڭ،قىلسىمۇ-قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.قىسقىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەۋىج ئالغان ئىسراپچىلىقنى تۈزەش بارلىق كىشىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.مۇھتاجلارنىڭ ھالىغا يىتىش يالغۇش ھۆكۇمەتنىڭلا ئىشى ئەمەس،بارلىق كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى. شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزىدىن باشلاپ ئىسراپچىلىقنى چەكلىشى بۇ ئىشنى خەلققە بەخت يارىتىش خىزمىتىم دەپ بىلىشى كېرەك
پايدىلانغان ماتىرىياللار:جەمىيەتشۇناس دوكتۇر ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسى
                               ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەيدىز توغۇرىسىدىكى تېلىۋېزىيە ئېلانى

مەنبە: تېنىچلىق ئۇچۇر مەسلىھەتخانىسى

219

تېما

22

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

پەرىشتە

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2699
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 14353
تۆھپە : 9334
توردىكى ۋاقتى: 3326
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-10

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 00:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ شەخسى قارىشىمچە ھازىر ھۆكۆمەت ھەممىنى ئۆزى قاماللىۋالماي جامائەت فۇندى جەميەتلىرى ۋە باشقا  جەميەتلەرنى قۇرۇشقا بولغان تەستىقنى ئاددىلاشتۇرۋاتىدۇ ، گەرچە شىنجاڭغا تېخى شامىلى كەلمىگەن بولسىمۇ ، ھامىنى كىلىدۇ ئاللاھ خالىسا ،
گەرچە جەميەتتە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولسىمۇ بۇ ئادەملەرنى قانۇنلۇق ھالدا بىر يەرگە يىغىپ نىشانلىق ھالدا جەميەتتىكى ئاجىز نۇقتىلارغا ياردەم بىرىدىغان يۆلەيدىغان ئومۇمى كەيپىيات ئاللاھ خالسا پات ئارىدا كىلىپ قېلىشى مۇمكىن ،
مېنڭچە ھۆكۆمەتمۇ ھەممىنى ئۆزى قاماللىۋېلىپ زېرىكتى ، بەرگۇدەك ھوقۇقنى بىرىپ نازارەت قىلسىلا بولدۇ ئەمەسمۇ ،
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

90

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19274
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 00:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆل

3

تېما

0

دوست

1270

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7671
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى تورداش ، بۇ نىمە دىگىنڭىز، ئۇنداق دىمەڭ يامان بۇلۇدۇ

1

تېما

1

دوست

4548

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 634
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما ئەۋەتىپسىز ، دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق ھەم شۇنداق بۇلۇشى كېرەك ! ئىسراپچىلىق دىنىمىزدا چەكلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل تېپىشمۇ قاتتىق تەسلىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىساتنى بۇزۇپ چاشماي ئىقتىساتچانلىق بىلەن ئۆتۈشى ، ئۆزىدىن ئائىلىسىدىن ئېشىنسا مۇھتاج بولغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قۇلىنى سۇنىشى ، ئاللاھ ئىگىمىز بەرگەن شۇ بايلىقىنى ساۋاپلىق ئۈچۈن توغرا يوللاردا ئىشلىتىشى ئىنتايىن مۇيۇم ! بىر قىسىم ئائىلىلەرمۇ ئىقتىساد سەۋەپلىك ئاجىرشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ ، بۇمەسىلىنى ئەر -ئايال بولغۇچى ھازىرقى شارائىتنى تەھلىل قىلىپ كاللىسىنى سىلكىۋىتىشى ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلۇنۇشى زۆرۈر . توغرىسىنى ئېيتقاندا ئەر ھورۇنلۇق قىلماسلىقى ، ئۆزۈنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئىپادىلىشى ھەمدە تىرىشىشى لازىم . ئايالمۇ ئەرنىڭ تاپقان پۇلىنى ئاز كۆرمەي ، ئازنى ئازچە خىراجەت قىلىشى شۈكرى قىلىشى لازىم .

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13593
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 01:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ۇتۇغلۇق، ئومرىڭىز ۇزۇن بولغاي.

0

تېما

0

دوست

208

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18196
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 09:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى گەپ قىپسز،ھەشەمەتچىلىك ،ئىسراپچىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى بىر ئومۇمى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى.كاللىمىزنى سىلكىۋىتىشىمز كىرەك قىرىنداشلار،بۇنداق كىتىۋەرسەك ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ نامرات گاداي بىچارە مىللەتكە ئايلىنىپ كالىمىز.

0

تېما

0

دوست

1005

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6473
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 140
تۆھپە : 203
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولغاندىمۇ ھۆكۈمەت جامەئەت فۇندى جەمئيەتلىرى ھەم ھەر خىل خەيرى_ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى قۇرۇشقا ھەھمىيەت بەرسە بولىدۇ . ھەممە ئىشنى ئۆزەم ھەل قىلىمەن دەپلا مۇنىپول قىلىۋېلىپ ، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى ھال قىلىپ بولالماي ،ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ئولتۇرغىچە.

7

تېما

1

دوست

613

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   22.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمال بۇلغان  ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش،ئادىمىيلىك ئىڭىنى كۈچەيتىشنى ھەربىر ئادەم ئۈزىدىن باشلىشى كېرەك.جەمىئەت تەرەققىياتى مۇتلەق ساپ بولمايدۇ،رەزىللىك ۋە گۈزەللىك بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ،جىددى مەسىلە بۇلسا ئاساسى ئىقىمنىڭ خاراكتىرىدە،،،  

0

تېما

0

دوست

234

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18233
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 10:46:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ئۆزگىچە تەپەككۇر بوپتۇ. ئەمەلىيەتتە قىلالىساق بەك ياخشى بولىتى. لىكىن بىر يەنى تازا چۈشەنمىدىم،ئەيدىز بىلەن ئسىراپخورلۇقنىڭ قانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى با؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )