- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3418
- نادىر
- 0
- يازما
- 189
ئۆسۈش
47.27%
|
مۇشۇ ئاق ساتتى، باللارنى ئالداپ ساتتى دىگەن گەپنى ئاڭلىسام قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ نەپرەتلىرىمنى يامغۇر كەبى توكىۋىتىمەن، ھوكۇمەتنىڭ مۇشۇ ئادەم قېلىپىدىن ئىپلاسلارغا بەرگەن جازاسىنى شەخسەن ئوزەم يىنىك دەپ قارايمەن، شۇڭا ئۇلارغا بولغان قارشىممۇ باشقىچە، لىكىن بۇ قېتىم تەسەددىبى پۇرسەتتە ئاق سېتىپ تۇرمىدە 10 يىل يېتىپ چىققان بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، راستىنى دىسەم بۇ سوھبەت مىنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ ماڭا سەل تەسىر كورسەتتى ، شۇڭا بۇ سوھبەتنى ئەينى تورغا يوللاپ ، كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دىدىم، قېنى سىلەرگىمۇ تەسىر قىلامدۇ يوق ؟
دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن يۇز كورۇشۇپ يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئوتكەندەك باشقىچە قارىشىم سەۋەپلىك ئاندا - مۇندا سالاملىشىپ بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشماي باشقىلار بىلەن بولغان پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇردۇم ،
ئاغىنەمنىڭ ئايالى؛ قارا ئاداش تۇرمۇشتا كۇندىن-كۇنگە چىكىنىپ كىتىپپارىمىز،ئېرىمنىڭ تىجارىتى يىلدىن - يلغا بوشاپ كىتىپ باردۇ، باللىرىم چوڭ بۇلۇۋاتىدۇ ، ئىېرىم دىگەن لامزەللە پۇل تاپالماي يۇرۇيدۇ ئوشلۇگۇمنى كەلتۇرۇپ .
ئۇ ؛ سەن نىمىشقىلىۋاتىسەن ؟
ئاغىنەمنىڭ ئايالى ؛ مەن ئويدە بالىغا قاراپ شۇ .
ئۇ ؛ ئاداش ئېرىڭ ساڭا جىق- جىق پۇل تېپپىرەلمەپتۇ ، بايۋەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھوزۇرىنى سۇردۇرەلمەپتۇ، كوزۇڭگە سىغماپتۇ، ئوش بوپكىتىپسەن ، ئاجىرشىپلا قۇتۇلامسەن يا ؟
ئاغىنەمنىڭ ئايالى ؛ چىرايى سەل ئوڭگەن ھالەتتە نىمدىگىنىڭ بۇ ئاداش ؟
ئۇ ؛ مەن ساڭا چۇشەندۇرەي ، سىنىڭ مۇشۇ گەپنى دىيشىڭ توغرا بولمىدى، سىنىڭ ئېرىڭ ئىسىل ئەر ،ناھايتى تىرىشچان ئەخلاغلىق ، ئۇ پۇتۇن كۇچى بىلەن سېنى، باللىنى ،تۇرمۇشنى دەپ ھېيىت - بايرام دىمەي ،دەم ئالىمەن دىمەي تىرشىپ تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، چوڭ ئەيىپى يوق، سەن يەنە نەرىدىن رازى بولماي مۇشۇنداق جاماەت سورۇندا ئېرىڭنى چۇشۇرسەن ؟ دوسلىرىمىزنىڭ ئېرنىڭ قايسىسى سېنىڭ ئېرىڭچىلىك مەسۇلىيەتچان ، مەن سىنىڭ ئورنۇڭدا بولسام ئېرىڭنى بېشىمغا ئېلىپ كوتۇرۇرەتتىم ، پ غا ، س غا، ماڭا قارا ؟ بىز نىمە كۇنلەرنى كورمىدۇق، سەن بەخىت ئچىدە تۇرۇپ بەخىتنى ھىس قىمماپسەن ، كاللاڭنى سىلكىۋەت ، سەندە روھى قەلەندەرچىلىك ئېغىر ئىكەن ، بولمىسا سەنمۇ بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ئورۇن ئالىسەن ،ئۇ چاغدا كوپ كىچىكىسەن .
بۇ سوھبەت مىنى سەل قىزىقتۇردى دە ئۇنىڭغا ئۇدۇللا پاراڭلاشساق بولامدۇ ؟ دىدىم
ئۇ ؛ بولىدۇ قېنى دەۋىرىڭ
سىز 10 يىل تۇرمىدە يېتىپ چىقىپسىز، 10 يىللىق ھاياتىڭىزغا ئېچىنامسىز ؟
ئۇ ؛ ياق ئېچىنمايمەن .
مەن ئەجەپلىنىپ نىمىشقا دەپ سورىدىم ؟
چۇنكى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بۇلۇپ ، توي قىلىپ، 3يىللىق تۇرمە ھاياتىمنى ئوتكۇزگىچە ئوزەمنىڭ كىملىگىمنى ، نىمىشقىلىش كېرەكلىگىمنى بىلمەپتىكەنمەن، قىسقىسى ئادىمىلىگىمنى يوقۇتۇپتىكەنمەن. مەن ئاق سېتىپ تۇرمىگە كىرگەن ،تۇرمىدە 3يىلغىچە كاللامدا تۇتۇلۇپ قېلىشىمنى تەجىربىسىزلىگىمدىن كورۇپ بۇ قېتىم چىقسام قەتتى تۇتۇلمايمەن ، نۇرغۇن - نۇرغۇن پۇل تاپىمەن دەپ ئويلايتىم ، لىكىن 4- يىلغا بارغاندا مىنىڭ ئىدىيەم ئوزگىرەپ ئادىمىلىككە قاراپ ماڭدىم ، مەن كىچىگىمدىن ئاتانام نىمە دىسەم شۇنى قىپپىرىپ ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋالاپ چوڭ قىپتىكەن ،دىگىنىم دىگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەندە شەخسىيەتچىلىك، چوڭچىلىق،قارشى يىتىىلىپتۇ، مۇشۇ قارىشىم سەۋەپلىك ھالاللاپ تاپقان مائاشىمغا ،ئېرىم بىلەن ئوتكەن ئاددى ئەمما كوڭۇللۇك تۇرمۇشۇمغا رازى بولماي تۇرمىگە يول ئالدىم ،تۇرمىدىكى كادىرلارنىڭ ، بىرقانچە ھەدىلىرىمنىڭ تەسىر قىلىشى نەتىنجىسىدە 4يىل بولغاندا تولۇق ئوزگەردىم ،ھەقىقى ئادەم بولدۇم دىسەم بولىدۇ ، تۇرمىدە بىرقانچە قېتىم ئېغىر ئاغرىپقالدىم ،تۇرمىداشلىرىم ،كادىرلار بېشىمدا مەن ئۇچۇن پايپىتەك بولۇپ مېنى كۇتتى، ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ئوزلىرىنىڭ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تاماق ئەكىرىپ يىگۇزۇپ قويدى ،دورا ئەكىرىپ ئىچكۇزدى،كىرلىرىمنى يۇدى، ھەتتا ........ قىلدى ، تەسىرلىنىپ ژىغلاپ كەتتىم،مىھىربانلىق بولا شۇنچىلىك بولا، ئويىدىن پۇل كەلمەيدىغانلارغا كادىرلار پۇل بېرىدۇ، 4-5 پۇلدار ھەدىمىز ھەر ئايدا پۇل بېرىدۇ ، باشقىلار ئاغرىپ قالسىمۇ ئوخشاش مىھىربانلىققا كويۇنۇشكە ئېرىشىدۇ، شۇڭا مەن بىرۋاستە ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرالمىساممۇ ھەقىقى ئادەمدەك ياشاپ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرمەن ، ئۇلارنىڭ ئۇمىدىنى ئاقلايمەن، تۇرمىدە 5 - 6 خىل كەسىپ ئوگەندىم، ھازىر ئىككى كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمەن ، تۇنجى ئايدا 5000 سوم كىرىم قىلدقم ، مىنىڭ تىرىشچانلىغىمنى كورگەن خوجايىن مېنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلىدى، مەن ھازىر ئوزەمدىن شۇنداق رازى، تۇرمىنىڭ كادىرى چىققاندىن كىيىن بىزگە تىلپۇن قىل ساڭا ئىش تېپپىرىمىز دىگەن ،مەن ئۇلارغا تىلپۇن قىلمىغان ،3 كۇن ئىلگىرى ئۇلار مىنىڭ تۇرمىداشلىرىمدىن نومۇرۇمنى ئېلىپ تىلپۇن قىپتۇ ، قىيىنچىلىق بولسا دە دىدى كوزلۇرۇمگە ياش كەپكەتتى.
شۇڭا مەن مېنى ھەقىقى ئادەم قىلىپ چىققان 10 يىللىق تۇرمە ھاياتىمغا ئېچىنمايمەن . |
|