- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62284
- نادىر
- 6
- يازما
- 2699
ئۆسۈش
0%
|
1.بايا تېلفۇن ئارقىلىق بىر مۇنازىرىگە شېرىك بولۇپ قالدىم ، شەخسىنىڭ مۇنازىرىسىنىڭ ئاخىرى چىقمىسا سوتقا بېرىپ ئىشنى ھەل قىلىدۇ ، ئەمما جامائەتنىڭ مۇنازىرسى جامائەت پىكرى بىلەن ئوڭشۇلۇپ بىر يەرگە كىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،
2.گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەك قومۇل تەرجىمانلار ئىشخانىسى بۇيۇك ئىشلارغا بەل باغلاپ قومۇلدىكى يەر جاي نامىلىرنى بىكەت ئۇبۇ تاراق تۇرۇقلارنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۇپ مۇقۇملاشتۇرۇپ ئۆلچەملەشتۇرۇمەكچى ئىكەن ، ئاللاھ بۇلارنىڭ بۇيۇك ئىشلىرىغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن ، بۇمۇ تىلىمىزنىڭ كۇرسىنى جۇملىدىن ئۆزىمىزنىڭ كۇرسىنى ئۆستۇرۇش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ياخشى بىر قەدەم بولۇپ قالغۇسى ،
3.چىققان تالاش مۇنداقكەن ، قومۇل ۋاڭلىرى مەخپىرەتلىك دەپ ئالىمىزمۇ ياكى ئالتۇنلۇق دەپ ئالىمىزمۇ؟
4.قومۇل ۋاڭلىرى مەخپىرەتلىك دەيمىز دىگەنلەر ھەركىم تېپىش قولاي ، ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى دەيدىكەن ، بۇ ئەمەلى ئۇنۇم بىرىىپمۇ قالىدىكەن ھە ؟
5. ئالتۇنلۇق دەپ ئالىمىز دىگەنلەر بۇ قەدىمى نام بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچۇپ كەتمىسۇن ، ئەسلى قانداق بولسا شۇنداق ئالىمىز دەپتۇ ، قومۇلدىمۇ شۇنداق ، تۇرپاندىمۇ شۇ ، ئۆرۇمچىدە ئەمدى قەھرىمانلار قەۋرىستانلىقى ، قەشقەر خوتەن، يەكەن ،ئىشقىلىپ ھۆكۇمرانلىق تىكلەنگەن يەرنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇنلۇق دەپ ئېلىپ كەلگەن دەيدىكەن ، توغرىغۇ ،پۇتۇن قەۋمى ئۇيغۇر ئۆز ھۆكۇمرانلرىنى ھۆرمەتلەپ ئۇلارنىڭ شىھىتلىكىنى ئالتۇنلۇق دىگەن نام بىلەن ئاتاپ كەپتۇ ، بۇگۇنگە قەدەر .
6.مەن بۇ گەپلەرگە مۇنداق بىر تەمسىل بىلەن چۇشەندۇرەي ، ئىدارىدە بىر تەتەي بىلەن ئشىلەيمەندە ، بىركۇنى تاماققا تەڭ پولۇ بۇيرۇتۇپ قالدۇق ، پولۇنىڭ سۇيى كۆپ يۇمشاق بولۇپ قالغان بولۇپ ،تەتەي ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ، بەك ئوخشاپتۇ دەپ ، مەن دىدىم راسىت ئوخشاپتىمۇ راسىت داۋاتامسەن ، بۇ پولۇ يۇمشاق بولۇپ قاپتۇ ، سۇيى جىق بولۇپ كىتىپتۇ دىسەم بۇ تەتەيخان ئوخشاپتۇغۇ دەپ يەنە گىپىنى يورغىلاتتى ، بىلەمسەن پولۇ ئۇيغۇرنىڭكى ، ئۇيغۇرنىڭ نەزىىردە چېچىلىپ تۇرغان پولۇنى ئوخشاپتۇ دەيدۇ ، بۇ سۇيى جىق يۇمشاق پولۇ چېچىلىپ تۇرماي بەلكى يېپىشىپ تۇرىدىكەن ،
ئەمىسە پولۇچى نىمىشقا شۇنداق سالمايدۇ دىدى تەتەي ، ئەمما بۇ ئىدارىدە پولۇنى يۇمشاق پىشسا ئوخشاپتۇ دەيدىغان ساڭا ئوخشاشلار كۆپ بولغاچ ئىھتىياجغا ئاساسەن پولۇنى قەستەن يۇمشاق سالغان گەپ ، ھە مۇنداقكەندە دىدى تەتەي ،
يەنە بىركۇنى باجام ئۆيىنڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازارغا تەكلىپ قىلدى ،پولۇ يەنىلا يۇمشاق ، مەن ھە بۇيەردىمۇ پولۇنىڭ يۇمشاق بولىشىغا ئىھتىياج باركەندە دەپ ئويلاپ قالدىم
ئەمما پولۇ دىگەننىڭ ئۆلچىمى سۇپۇتى ئوخشىشى دەل ئۇنۇڭ چېچىلىپ تۇرغانلقدىن ئىبارەت بىر كۆرسەتكۇچى بار بۇ دىگەن قەدىم ئايەمدىن شۇنداق ، چىشىڭ قالمىسا ياكى ياقتۇرمىساڭ ئۇنى خالىغانچە ئۆزەگەرتىۋالىدىغان ئىش يوق ،
7.ماۋۇ ئالتۇنلۇقنىڭ ئىسمىمۇ شۇنۇڭغا ئوخشاش دەپ ئويلايمەن ، ۋاي قولايلىقكەنەي ئاقكەن كۆككەن دەپ بىز قوللانمىساق بۇ ئالتۇنلۇق دىگەن ئىسىمنى ئۆلتۇرگەن بولىمىز باللا ،
ئەلۋەتتە ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ ئورنىغا كەلسە ئاندىن خاسلىق گەۋدىلنىپ چىقىدۇ ، خاسلىق بولسا ئاندىن جەلىپ قىلىش كۇچى ۋە باشقا ئىشلارنى ئويلۇشۇش مۇمكىن ، |
|