كۈلتۈر ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەر يېزىلىپ كەلدى. نېمىسلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئۇقۇم ئۈستىدە ھازىرغىچە ئېنىق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنالمىدى. ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە كۈلتۈر ئۇقۇمى توغرۇلۇق 360قا يېقىن تەبىرنىڭ بارلىقى مەلۇم.
ئەلمىساقتىن بۇيان كۈلتۈر ئۇقۇمى ھەققىدە مەۋھۇملۇق داۋاملىشىپ كەلسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى دۇنيادا كۈلتۈرنىڭ فۇنكسىيىسى توغرىسىدا ئىختىلاپ يوق، دېگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمى كۈلتۈر مۇمكىن بولىدىغان ھەتتا تىگىشلىك ۋە زۆرۈر نەرسە، دەپ قارايدۇ، ئۇلار يەنە ئىسلامنىڭ ئۈستۈن كۈلتۈر ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. بۇ كاتىگورىيەگە مەنسۇپ زىيالىيلار كۆپىنچە ھاللاردا ياتلارنىڭ ئورگان ۋە قۇرۇلمىلىرى قوبۇل قىلغىنىدا قانداق پوزىتسىيە تۇتقان بولسا، ياتلاردىن كەلگەن ئۇقۇملارنىڭ ماھىيىتىنى نەزەرگە ئالماستىن قوبۇل قىلىشىپ ئۇلارنى «ئىسلامىيلاشتۇرۇش»كە ئۇرۇنۇشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىسلامىيلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇقۇملارنى «ئۆزلىرىگە تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلجىرلىشىدۇ. بۇ يەردىكى خاتالىق دەل مۇشۇ خىل پوزىتسىيەدە بولۇشتۇر.
دەۋرىمىزدە مۇسۇلمان زىيالىيلار مېتود سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان«ئىسلامىيلاشتۇرۇش» مېتودىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالى كۈلتۈردە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان بىر قىسىم مۇسۇلمان زىيالىيلىرى «ئىسلام» بىلەن «كۈلتۈر» ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ كەلدى. بىراق «كۈلتۈر» ئۇقۇمىنى ماھىيىتى، مەنبەسى ۋە ئاساسلىق پەلسەپىۋى تايانچلىرى جەھەتتىن ئىسلامىيلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. كۈلتۈر ماھىيىتى جەھەتتىن ئىنسانغا خاس پائالىيەتتۇر. ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلىرى يوق، شۇڭلاشقا ھەقىقەتبىلەن باغلاشقا بولمايدۇ. كۈلتۈر ئىنساننىڭ تەبىئەت، تارىخ ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا ئاساسەن شەكىللىنىپ ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ. كۈلتۈر تەبىئىتى نۇقتىسىدىن دۇنياۋى يەنى سېكۇلار بىر ھادىسىدۇر. ئۇ ئۇلۇس ( بۇ يەردە مىللەت دەپ ئالساقمۇبولىدۇ) ۋە دۆلەتكە تەۋەدۇر. بۇلار كۈلتۈرنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ.
كۈلتۈرنىڭ مەقسىتى جەمئىيەتنى سېكۇلارلاشتۇرۇش (دىندىن خالىيھاكىمىيەت تۈزۈمى بەرپا قىلىش)، شەخسنى ئىتائەتچان جەمئىيەت ئەزاسى سۈپتىدە سېكۇلارلىق ئاساستا مىللىي قېلىپقا سېلىش ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجتىمائىي زېمىن ۋە شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.
زامانىۋى دۆلەتلەر كۈلتۈرلەر بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلۇس يەنى مىللەت بەرپا قىلماقچى بولغان دۆلەت بۇنى كۈلتۈر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. دۇنيانى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدىغان سېكۇلارىزم ۋەبۇنىڭغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي ۋە مىللىي مۇھىت زامانىۋىلىقنىڭ مەۋجۇد بولۇش سەۋەبىدۇر. دىنىي بىر مۇھىتتا يېتىشىپ چىققان بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇد بولۇش سەۋەبى ماھىيەت جەھەتتىن بۇنىڭدىن پەرقلىنىدۇ.
ئىنسان تۇنجى ئىگە بولغان ئىلىملاردىن پايدىلىنىپ مەۋجۇتلۇق ئالىمى ۋە تەبىئەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئىلىملەرگە ئېرىشىشى تەبىئىي ۋە مەجبۇرىي جەرياندۇر. ئىلاھىي مەرھەمەت نەتىجىسىدە ئىگە بولغان ئىلىملىرىمىز بولسا «ئۆگىتىلگەن ئىلىم» يەنى «ناملارنىڭ ئىلمى»دۇر. تارىختا پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن كەلگەن ۋە ئىنسانلارغا ئۆگەتكەن «نازىل قىلىنغان ئىلىملەر» بولسا «ۋەھىي ئىلىملەردۇر». بۇ ئىككى ئىلىم ۋاستىسى بىلەن مەۋجۇداتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز نەتىجىسىدە ئۈچىنچى بىر ئىلىمگە يەنى«ئۆگىنىلگەن ئىلىم»گە ئېرىشىمىز. غەربلىكلەر بۇنىڭغا «كۈلتۈر» نامىنى بېرىشىدۇ.بىز بۇنىڭغا «ھىكمەت ياكى ئىرپان»دەيمىز. كۈلتۈر نەزىرىدىكى ئىنسان ئۆگىتىلگەنئىلىمنى مەرھەمەت ۋە ئېھسان ھېسابلانمايدۇ. نازىل قىلىنغان ئىلىملەرنى ئىشەنچىلىك ئىلىم دەپ قوبۇل قىلىشمايدۇ. شۇڭلاشقا، كۈلتۈر دەيىست (دىنلارغا ئەمەس تەڭرىگە ئىشىنىدىغان كىشى) ئىنساننىڭ پائالىيىتى، خالاس.
ئىسلامىيەتنى كۈلتۈرلەشتۈرۈش ياكى ئىسلامىيەتتىن كۈلتۈر ئاپىرىدە قىلىش يولىدا كۆرسىتىلگەن ئۇرۇنۇشلار،دىننىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە مىللىيلىشىشى بىلەن نەتىجىلىنىشى مۇمكىن. پىرىنسىپ جەھەتتىن «ئىسلام كۈلتۈرى» دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بىراق «ئىسلام ئىرپانى»دېيىشكە بولىدۇ. كۈلتۈر ئارىلىشىپ قالغان يەرلەر ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىداتوقۇنۇشلارغا ھامىلە. چۈنكى ھەر ئېتنىك گۇرۇپپا زامانىۋى مەنىدە ئۆز كۈلتۈرىنى ئىجاد قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. «تۈرك كۈلتۈرى» بولىدىغان بولسا، «ئەرەب كۈلتۈرى، چەركەز كۈلتۈرى» بولىدۇ، دېگەن گەپ. نۆۋەتتىكى دۆلەت ئورگانلىرىدا پايدىلىنىۋاتقان ۋاسىتىلار مەقسەتنى، ئۇسۇللار مەزمۇننى بېكىتىش مەقسىتىدە ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، مۇشۇ يوسۇندا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كەلدى. بىز بۇ ئەندىزىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. غەرب خىرىستىيانلىقنى سەھنىدىن چىقىرىۋەتتى. يەھۇدىيلىق سىيونىزىمغا مۇپتىلا قىلىشتى. ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلامىيەتنى كۈلتۈرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بىراق ئىسلامىيەت ۋەھىي ۋە ھەق دىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەر قانداق ئىدىيەلوگىيە ۋە كۈچ تاجاۋۇزجىلىقى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ.
مەنبە: زامان ژۇرنىلى