- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 1
- يازما
- 30
ئۆسۈش
22.6%
|
كادىرلار خېزمىتى(ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش)بىلەن شۇغۇللانغان 3يىلدىن بىرى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر،خىلمۇخىل مەسىلىلەر،ھادىسىلەرگە يۇلۇقتۇم.شەخسي كارخانا بۇلغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئالمىشىدىغان ئادەم ئاز ئەمەس ئىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇخشىمىغان بىلىم سەۋىيەسىگە ، مىجەز -خاراكتىرگە ،مەدەنىيەت -ئىقتىساد كۆز قارىشىغا ،ئۇخشىمىغان يۇرىت خاراكتىرىگە ئىگە قىرىنداشلار بىلەن ئۇچىرىشىش،بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى مۇنبەردىكى دۇستلار بىلەن ئۇرتاقلاشقۇم كەلدى.
كادىرلار خېزمىتى(ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش)بۇلسا كارخانا باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى بۇلۇپ ،ئاساسلىقى ئادەم كۈچى بايلىقىنى پىلانلاش،خادىم قۇبۇل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش،تەربىيەلەش ۋە ئىچىش،ئۈنۈم باشقۇرۇش،مۇئاش ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش،ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ بۈلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە گەۋدىلىك بولغان خادىم قۇبۇل قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش،تەربىيەلەش جەھەتتىكى ئۈزۈم مۇھىم دەپ قارىغان بىر نەچچە مەسىلە ئۈستىدە تۇختىلىمەن.( مىساللار ھەقىقىي بۇلۇپ ئۈتكەن ئىشلار )
1.خىزمەت ئىزدەش. ھەرقانداق بىر كارخانا قابىل ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج،كىشىلەر خىزمەت ئىزدەپ كادىرلار بۈلۈمىگە كىرگەن شۇ ۋاقىت ئەمەلىيەتتە بىر قىتىملىق بېرەسمى يۇز تۇرانە ئىمتىھاندۇر،بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئامىل شەخىسنىڭ تاشقى قىياپىتى،يۇرۇش-تورۇشى ۋە گەپ -سۆزى.كىيىنىشى رەتلىك،گەپ-سۈزى ئەدەپلىك،سەمىمىي بۇلغاندا بىرىنچى قەدەمنى ئۇڭۇشلۇق بولدى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر يۇقارقى شەرىتلەرنىڭ بىرىگە چۈشمىسىڭىز سىز ئىرىشمەكچى بولغان ئۇ خىزمەت ئەكسىچە سىزدىن يىراقلاشقان بۇلىدۇ.
ئەمەلىي مىسال:ئەستايىدىللىق بولسا ئادەمنىڭ ئىسىل خسلىتى
كىيىنىشى رەتلىك بىر قىز كاسسىرلىقتىن خىزمەت ئىزدەپ كەلدى ،كىيىنىشى بولسا راھەت (休闲)كىيىملەر بۇلۇپ ،دىيارىمىزدىكى نۇقتۇلۇق ئالىي مەكتەپنىڭ بۇغالتىرلىق كەسپىدە تۇلۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئىگە بۇ قىز ھەتتا مەن بىلەن پاراڭلىشىشى جەريانىدا ئۇنىڭدىن پاراڭلىشىۋاتقانداسېغىز چاينىماسلىقنى دىسەم چېرايىدىن نارازىلىقى ئالامەتلىرى كۈرۈندى.ئۇچۇر تورىغا چىقىرىلغان ئېلانغا مەزكور ئورۇنغا قۇبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىگە بۇلغان تەلەپ،ئۈلچەم.تەمىنات،ئارام ئىلىش ،،،،،قاتارلىق ھەربىر تەپسىلاتلارغىچە ئىنىق يىزىلغان ئىدى.سۈھبىتىمىز باشلىنىشىغىلا ئۇ مەندىن مۇئاش قانچىلىك؟سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ بىرەمسىلەر؟دەم ئىلىش قانچىلىك؟نەچچە سائەت ئىشلەيمىز؟دەپ سوراپلا كەتتى.سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن مەن ئۇنىڭدىن قىسقىچە تەرجىمھالىڭىز بارمۇ ؟-دەپ سورىسام،-بار لىكىن ئالغاچ كەلمەپتىمەن، دەپ جاۋاپ بەردى . مەن ئۇنىڭغا ئاۋۋال قىسقىچە ئۈزىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ بىقىڭ دىسەم ،سىز سوراڭ مەن جاۋاپ بىرەي، ئۈزەمنى قانداق تۇنۇشتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتىمەن دەپ جاۋاپ بەردى.ئۇنىڭغا كۈڭلۈمدە ئاللىقاچان نۇمۇر قۇيۇپ بولغان بولساممۇ ،ئەمما يىڭى جەمىئەتكە چىققان بىر قىزنىڭ كۈڭلىگە ئازار بىرىپ قۇيماي دەپ رەسىميەت يۈزىسىدىن بىر مۇنچە سۇئاللارنى سورىغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا بىزنىڭ خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭ دىدىم.ئۇ مېڭىش ئالدىدائۆزىنىڭ بۇ خىزمەتكە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى ، قىزلارنىڭ خاراكتىرىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى ۋەقۇبۇل قىلىنىپ قالساخىزمەتتە تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاشتى.
تەھلىل: ‹كەسىپ ھايات دىمەكتۇر›دەيدىغان بىر گەپ بار،خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى دىھقان ،‹يەر-دىھقاننىڭ جىنى›دىگەن ھىكمەتمۇ ئۆزىگە ئاش بەرگەن يەرگە بولغان ھۈرمەتنىڭ ئىپادىسى.چۈنكى دىھقاننىڭ كەسپى ئەنە شۇ يەر بىلەن ھەپىلىشىشتۇر.خىزمەت بولسا ئىنسان مەۋجۇتلىقىنىڭ،تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى.ئەنە شۇ مۇھىم ئىشقا كەلگەندە ھەربىر ئەدەم ئەستائىدىل،سەمىمىي بۇلۇش كېرەك.يۇقارقى قىزنىڭ كەتكۈزۈپ قۇيغان ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتا،خىزمەت قىلماقچى بۇلغان ئىكەن شۇ خىزمەتكە ھۈرمەت قىلىشى ،خىزمەتكە نىسبەتەن ئەستائىدىل بۇلىشى كېرەك.رەسمى بۇلسۇن ياكى بېرەسمى بۇلسۇن يۇز تۇرانە ئىمتىھانغا چۇقۇم ئاممىباپ كىيىملەرنى (ئەڭ ياخشىسى كاستىيۇم-بۇرۇلكا) كىيىپ،چاچ رەتلىق ،ساقال-بۇرۇتلارنى ياساپ قاتنىشىڭ،كىچىك پىئىل،سەمىمىي بۇلۇڭ،بىلگەننى بىلىمەن بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ،ئىسىڭىزدە بولسۇن كارخانا مۇھتاج كىشىلەر بولسا بىلىم-سەۋىيەدە ئاساسىي شەرىتكە چۈشسىلا
بۇلىدۇ،كەسپى جەھەتتەخىزمەتتە تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ،ئەمماخىزمەتچىنىڭ سەمىمىيىتنى يىتلدۈرۈش كارخانىنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ،ئەڭ مۇھىمى خىزمەتچىنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى،ئەستائىدىللىقى ۋە سەمىميلىكىدور.
2.خىزمەت جەريانى.خىزمەت قىلغان ئىكەنمىز خىزمەتتە تىرىشىشىمىز كېرەك،ئەگەر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنى ياخشى كۆرسىڭىزلا خىزمەت ئالماشتۇرۇش خىيالىدا،يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمەت ئىزدەش خىيالىدا بولماي خىزمەت جەريانىدا ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ خىزمەت دائىرىڭىزدىكى ھەربىر ئۇششاق تەپسىلاتلارغىچە ئۈگۈنۈڭ،ئۈگۈنۈپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە ئاندىن باشقىدىن پىلان تۈزسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.خىزمەت مەلۇم نۇقتىدىن ئىيىتقاندا بىر خىل تەڭ قىممەتلىك ئالماشتۇرۇشتۇر، بىر تەرەپ سىز يەنە بىر تەرەپ شىركەت خۇجايىنى ،بۇ ئالماشتۇرۇشتا سىزنىڭ دەسمايىڭىزنىڭ سالمىقى قانچىلىك بولسا ئېرىشىدىغان قىممەتمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ.
ئەمەلىي مىسال:جاپاغا چىداپ ئۈگۈنۈش كەسپى مۇۋاپىقىيەتنىڭ يىشىل كارتىسى
مەلوم زاۋۇتتىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش سىخىغا جىجىياڭ ئۈلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنىغان خەنزۇ ئۇستام باش تىخنىك بۇلۇپ ،ئايلىق مۇئاشى 30مىڭدىن ئاشاتتى.مەھسۇلات سۈپىتىگە مەسئۇل بۇ تىخنىك ئۇستام زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ھەلقىلىق بىر نەچچە خىل تىخنىكىغا ئىگە بۇلۇپ ،ئۇرنىمۇ خىلى يۇقىرى ،زاۋۇتتىكى ئىتىبارلىق ئادەملەردىن ئىدى.رەھبەرلەر مۇشۇ خەنزۇ ئۇستامنىڭ ئۇرنىنى باسىدىغان بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىلارنى تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىپ،بۇ ئۇستامنى شاگىرت تەربىيلەيدىغانغا كۆندۈردى.ئالى مەكتەپ پۇتتۈرگەن بالىلاردىن نەچچىنى بۇ ئۇستامغا تاپشۇرغان بولساقمۇ نەتىجە چىقمىدى .دەسلەپتە بىز بۇ تىخنىك ئۇستا بالىلارغا قەستەن قۇرسىقىدىكىنى ئۈگەتمەيۋاتىدۇ دەپ ئۇيلىدۇق،كىممۇ يەۋاتقان ئېشىغا باشقىلارنى شىرىك قىلىشنى خالايدۇ دەيسز؟ بىراق كىيىن ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە چىقتى.بۇ بالىلارنىڭ ئالدىغا 3000يۇەن،كەينىگە2500يۇەن مۇئاش بىرىپ تىخنىكا .ئۆگىنىشكە ئۇرۇنلاشتۇرساق ،بىرى ھاراققا ئامراق چىقىپ قالدى،بىرى خىلى ئەتىراپلىق بولسىمۇ تىخنىك ئۇستا بىلەن(يەنى ئۇستىسى بىلەن) تۇلا گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قىلىپ،ناتىجە چىقمىدى.ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئىيىتقاندا ئۈگىنىشنى بەكمۇ خالايدىكەن بىراق‹ كىچىك بالىسىنى ئىشقا بۇيرىغاندەك تۇلا ئىشقا بۇيرىدىكەن›،ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپتۇ،يەنە بىر بالا مەمورلۇق ئىمتىھان بىرىپ ساقچى بولۇپ،كۇرلىغا كەتتى.
تەھلىل:بىزدە ‹قانداق بولسا تەدبىرىڭ،شۇنداق بۇلار تەقدىرىڭ ›دەيدىغان گەپ بار،بۇ مۇنداقلا ئىيتىلغان سۆز ئەمەس،ھەر بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىت كېرەك.مىسالەن تۈمۈرچى بولماقچى بولساقمۇ چۇقۇم تۈمۈرچى دۇكىنىدا نەچچە يىل ھۈنەر ئۈگۈنۈش كېرەك.ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلىق ھەرگىزمۇ كەسىپلەشكەنلىكتىن دىرەك بەرمەيدۇ.خەنزۇ يولداشلارنىڭ بىر ماقالى بار‹只要功夫深,铁杆磨成针›دەيدىغان.مۇۋاپىقىيەت كۆپىنچە ھالدا تىرىشقانلارغا كۇنكىرىتراقى پىشقانلارغا مەنسۇپ.شۇڭا ئىش قىلغاندا يىراقنى ئۇيلاش ،سەۋىرچان بۇلۇش كېرەك.بىر يىل ياكى ئىككى يىلدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى ئىزدىسىڭىز مۇۋاپىقىيەتنىڭ بازىرىمۇ،قىممىتمۇ يۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ماڭا بىر مۇيىسپىت ئۇستاز ھۈنەر دىگەننى ئۇستنىڭ ئايىقىغىچە مايلاپ تۇرۇپ ئۆگنىش كېرەك دىگەن بىر گىپى بەك يارەيدۇ،مانا بۇ بىر خىل تەدبىر.مىنىڭچى خىزمەتتە تۈۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1›ھەر كۈنى ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىق بىرەر ئۇچۇر ،ماقالە ياكى خەۋەر دىگەندەكلەرنى كۆرۈپ تۇرۇش.
2›خىزمەت جەريانىدا ئاكىتىپ بۇلۇش،يەنى ئىشقا ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرۇش.
3›مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا خۇجايىننىڭ ،خىرىدارنىڭ،خىزمەتچىلەرنىڭ مەيانىدا تۇرۇپ ئۇيلاپ بىقىش
4›كەسىپتە مۇتەخەسىس بۇلۇش ئۈچۈن كەم دىگەندە 3يىلدىن 5يىلغىچە ۋاقىت كىتىدۇ،پىلان بۇلسۇن سەۋىرچان بۇلۇڭ.
5›قۇربانلىق بىرەلەيدىغان بۇلۇش كېرەك،ھەممە ئىش سىزنىڭ رايىڭىزغا باقمايدۇ،سىزدىن قۇربانلىق بىرىش تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا سىزگەھەرگىز كاپالەت بىرىلمەيدۇ،ئىشنىڭ باش ئاخىرىنى دەڭسەپ كەسكىن قارار چىقىرىڭ،غەلىبە قۇرقۇنچاقلاردىن ،پىسخىكىسى ئاجىزلاردىن قاچىدۇ.سىزنى شىركەت ئۇخشاش تەمىنات بىلەن ئافرىقىغا بىرىپ ئىككى يىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىشىڭىز مومكىن؟
3.نىشان:ئەگەر كۇمپاس بۇلمىغان بولسا ئىنسانلار تەرەققىياتى ئىھتىمال بۇنچە تىز بۇلماسلىقى مۇمكىن ئىدى.خىزمەت جەريانىدا ئىنىق بىر نىشان بولماسلىقى تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى بۇشاڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.نىشان كونكىرىت بولغىنى ياخشى ،شۇندىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.‹نىشانىم -پۇل تىپىش› قا قارىغاندا ‹يەكشەنبە بازاردا يايمىچىلىك قىلىش›دىگەن پىلان كۇنكىرىتراق بۇلىدۇ.نىشانىم ‹كارخانا باشقۇرۇشنى ئۆگۈنۈش›تىن ‹ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى ئۆگۈنۈش ياكى مالىيە باشقۇرۇشنى ۋە ياكى ماركىتىڭنى ئۆگۈنۇش› دىگەن نىشان ئەمەلي بولىدۇ.نىشان كىچىكتىن چوڭغا قاراپ مىڭىشى كېرەك.‹تۇخۇمدىن چۈجە چقىرىش-چۈجىنى بىقىپ تۇخۇ قىلىش-تۇخۇنى كۆپەيتىپ قۇيغا تىگىشى-قۇيدىن تۆل ئىلىپ موزايغا تىگىشىش›بىر ھەزىل بولسىمۇ نىشان تۇرغۇزۇش جەھەتتە لوگىكىلىقى كۈچلۈك،ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن،پايدىلىنىشقا بۇلىدۇ.
ئەمەلىي مىسال:ئىنىق نىشان دالىدىكى چۇلپان يۇلتۇز
مەلۇم بىر يىمەك-ئىچمەك كارخانىسىداخىزمەتچىلەرگە تەربىيەلەش ئىلىپ بارغان ۋاقتىمدا كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەردە مەيلى باشقۇرغۇچى بولسۇن ۋە مەيلى ئاساسى خىزمەتچى مۇلازىملاردا بولسۇن ئۈگۈنىش كەيپىيانىڭ ناھايىتى سۇس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم،بىر مۇلازىم بالىدىن بىر ئايدا نەچچىلىك مۇئاش ئالالايسەن دىسەم؟- 1500يۇەندىن 2000يۇەنگىچە؛دەپ جاۋاپ بەردى ،بۇنىڭدىن كىيىنكى پىلانىڭ نىمە ؟تاپقان پۇللىرىڭنى يىغىۋاتامسەن؟دىسەم پىلانى يۇقلۇقىنى ،ئىككى يىل ئىشلەش جەريانىدا جەنۇپتىكى ئائىلىسىگە ئايدا 1000يۇەن ئەۋەتىدىغانلىقىنى،قالغىنىنى ئۇدۇللۇق خەجلەپ تۈگەتكەنلىكىنى ،يىقىندا بىر دۇستىنىڭ ئۈرۈمچى ئايىردىرۇمىنىڭ يىنىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۈنىگە 150يۇەن تاپىدىغانلىقىنى ،شۇ يەرگە بىرىشنى ئۇيلىشىۋاتقانلىقىنى بىراق رىستۇراندا ئىشلەپ كۈنۈپ ،بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ،پۇل تىپىشنى ئويلىسا قۇرۇلۇشتا ئىشلىگۈسى بارلىقىدەك زىددىيەتلىك خىياللىرىنى ئىيىتتى.بۇ ئۇتتۇرا تىخنىكۇم سەۋىيەسىگە،ئىككى يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ،سىرىتقا نىسبەتەن مۇنتىزىم بىر يىمەك-ئىچمەك كارخانا خىزمەتچىسى سالاھىيىتىگە ئىگە بۇ 22ياشلىق بالىنىڭ مەن بىلەن مىنىڭ ئۇلارغا قىلغان رۇھى كەيپىيات(心态培训)ھەققىدىكى 2سائەتلىك دەرىس داۋامىدىكى قىسقىچە سۈھبىتىمىز.
تەھلىل:خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە ھەم ئۆز خزمىتىنى سۈيىدىغان رۇھقا ئىگە يۇقارقى خىزمەتچى ئىنىق نىشان بولمىغانلىق سەۋەپلىك گاڭگىراش پاتقىقىغا پىتىپ قالغان .بۇ گاڭگىراش ئۇنىڭغا ۋاقىت،پۇل،زېھىن جەھەتتن نۇرغۇن زىيانلارنى ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن.شۇڭا بىر ئىشنى قىلغاندا چۇقۇم ئىنىق بىر نىشان بۇلىشى كېرەك.2012-يىلى ئۈرۈمچى تۈمۈريول مەكتىپىنىڭ بىر قىز ئۇقۇغۇچىسى خىزمەت ئىزدەپ كىرىپ ئۇقۇش پۇلىنى ئىشلەپ تاپماقچى ئىكەنلىكىنى ،ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى 4500يۇەن ئۇقۇش پۇلىنىڭ ئائىلىسىگە ئىغىر بىسىم ئىكەنلىكىنى ئىيتقاندا مەن پىلاندىن ئارتۇق ،شىتات سىرتىغا 3ئايلىق مۈھلەت بىلەن مۇلازىمەتچىلىككە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيغان،دىگەندەك 3ئايدىن كىيىن ئىشخانامغا كىرىپتۇ،سىزگە خۇش دەپ قۇياي دەپ كىردىم-دەپ،پاراڭلىشىپ بىلدىم 3ئايدا جەمئىي6100يۇەن پۇل يىغىپتۇ.-بارىكاللا دىدىم.نى -نى يىگىتلەر قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىپتۇ بۇقىز دەپ ئۇيلىدىم.ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ ئەددى نىشاننى پۇل يىغىشتىن باشلىسىمۇ بولىدۇ.2يىل تىرىشپ پۇل يىغىپ،كىچىكرەك دۇكان ئىچىش،شۇپۇرلۇق ئۈگىنىش ...دىگەندەك
خۇلاسە:يولنى باتۇرلار تىپىپ ئاچىدۇ.كىيىنكىلەر شۇ يۇلدا مىڭىپ نىشانغا يىتىدۇ،ھاياتلىق تېرىكچىلىكى كۇيىدا ھەربىر ئىنساننىڭ مەلۇم بىر يۇلدا ماڭماي ئامالى
يوق.يولدا ماڭغاندا يولنىڭ ئويمان-چوڭقىرىغا پىشىپ نىشانغا يىتەلەمسىز؟ياكى يول ئاچىدىغان باتۇر بۇلامسز؟ۋە ياكى نىشانسىز تۈگىمەس يوللارغا كىرىپ قالامسىز؟ھەممىسى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغاۋەتەدبىرىڭىزگە باغلىق.
تۈگىدى. |
|