- تىزىملاتقان
- 2013-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1098
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
9.8%
|
مىنىڭچە ئۇيغۇر تارىخدىكى ئۇن مەشھۇرئۇيغۇرنى رەت تەرتىپكە تىزىشتا تىخمۇ چۇڭقۇر ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلك نازۇك مەسىلە. ئۇغۇزخان ،تۇمارىس، شىراق،باتۇر تەڭرۇقۇت،بۆكۈخان قاتارلىق قەھرىمانلار ئۇيغۇر ئەجدادىنىڭ سەلتەنىتىدىن، ئۇيغۇرمىللىتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن ،ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ باتۇرانە ئىش ئىزلىرىدىن بىشارەت بەرگەن.ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ كوپ زىمىن ئىگەللىگەن مۇڭغۇل ئىمىپىريىسىنىڭ دولەت ئۇستازى ئۇيغۇر ئالىمى ،دۇلەت ئەربابى تاتاتۇڭا ،شۇنداقلا پىر چەڭگى، ئاماننىساخان قاتارلىق سەنئەت ئۇستازلىرى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ،ھەتتا دۇنيا سەنئىتىنىڭ تاكامۇللىشىغا تۆھپە قوشقان.سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ،پىرتانراكسىت قاتارلىق داڭلىق تەرجىمانلار ۋە شۇلا مىھنەت قىلغان ئالتۇن يارۇق،چاستانى ئىلگ بەگ قاتارلىق ئەسەرلەر دۇنيا ئەدىبىيات تارىخىدا ئالتۇندەك يالتىرغان.كوماراجىۋانى تالىشىپ ئۇرۇشقان دۆلەتلەر ئۇيغۇر مىللىتى پەرزەنتىگە سىڭدۈرگەن بىلىمگە ھەيرانۇ-ھەس بولغان. كىلاسسىك ئەدىبىياتىمىزدا ئۇلۇغ پەيلاسۇپ.دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ،يىرىك تىلشۇناس،تۇنجى تۈركۈلوگ مەھمۇت قەشقىرى،مەشھۇر ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكى ،داڭلىق ئالىم،موزىكانىت،يازغۇچى ئەبۇنەسىر فارابى،نەسىردىن رەبغۇزى،يۈسۈپ سەككائىي،مەۋلان لۇتفى،ئەلشىر ناۋائىي،مەخسۇت شەيىخزادە ئاتايى،مىرزا ھەيدەر،جامال قۇرەيشى،بابىي رەھىم مەشرەپ،خىرقىتى،زەلىلى،نەۋبىتى،موللا يۈسۈپ يەركەندى،موتىرىبان قەشقەرى،گۇمنام،مۇھەممەت سادىق قەشقەرى،ئابدىرىھىم نازىرى،موللا شاكىر،ناقىس،تەجەللى،موللا بىلال،سىيىت مۇھەممەت،موللا مۇساسايرىمى،قاتارلىق دانىشمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ مىھنىتى ئارقىلىق دىۋانۇ لوغەتىت تۈرۈك،قۇتادغۇبىلىك،ئەتەبەتۇل ھەققەيىق،موپتاھۇل ئۇلۇم،خەمىسە،چاھار دىۋان،مۇھاببەتنامە مىھنەتكام،يۈسۇپ-زىلەيخا،مۇھاببەت داستانلىرى،تەزكىرە ئەزىزان،زەپەرنامە،غازات دەرمۇلى چىن،نوزۇگۇم،گۈلزار بىنىش،سۇراخ،مۇقبۇل رۇشەندىل،تارىخى مۇستەقىيۇن،دىۋان قىرى،مەھزۇل ئەلۋا ھىزىن،ۋامۇق-ھوزرا،تارىخى رەشىدىيە،تارىخى ئەمىنىيە،قىسسەسسۇل ئەنبىيا،قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلىرەر يىڭىچە پىكىر،يىڭىچە تەپەككۇر،يىڭىچە بىلىملىرىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دىگەن تامغىسى بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىغا باسقان.ئابدىقادىر دامۇللامدەك دىننىي مۆتىۋەرلەر،مۇسابايۇفلاردەك سانائەتچى مەرىپەتپەرۋەرلەر.ئابدىخالىق ئۇيغۇر،لوتپۇللاھ مۇتەللىپتەك ئوت يۈرەكلەر،تەۋپىقتەك مائارىپچىلار،نوزۇگۇمدەك قەھرىمانلار سادىردەك باھادىرلار،رىزۋانگۇلدەك شەپقەت ھەمشىرلىرى،ئەخمەتجان قاسىمىدەك ئىنقىلابچىلار ئۆز تەغدىرىنى ئويلىماي ۋەتەن ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن بارلىغىنى سەرىپ قىلىپ قىپقىزىل ئۇيغۇر قىنىنى سىياھ قىلىپ ئۇيغۇر تارىخنى يازغان.زوردۇن سابىر،زۇنۇن قادىر،ئابدىرىھىم ئۆتكۈر،مۇھەممەت سالىھ،ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن.....قاتارلىق تالاي تۆھپىكارلاردىن ئۇيغۇر مەنىۋىيىتى رەڭ ئالغان.ئۇيغۇر مىللىتى مانا مۇشۇنداق تۈگمەس مىللەتپەرۋەرلەردىن ھۆكەر يولتۇزى بولۇپ چاقنىغان.كۆكلىگەن.
ئۇيغۇر ئاشۇنداق مىللەت.ئۇ ئىلىم-مەرىپەتكە،پەن-بىلىمگە تەشنا مىللەت.ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانىيەتكە بىلىمنىڭ سىموۋلىي بولغان قەغەز بىلەن مىخ مەتبەنى،ئىپتىدائىيلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىي بولغان يىپەك بىلەن پاختىنى،ھاياتلىق بىلەن ئىجدىمائىيلىق ،ئىنسان ۋە تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى بۈيۈك نامايەندە كارىزنى تەغدىم ئەتكەن.ئۇيغۇر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كالىندارچىلىق،ئارىستورنومىيە بىلىملىرىنى تەتقىت قىلىپ كەڭ بىلىم جۇغلىغان،ئىنسانىيەت مەدىنيىتىدىكى موھىم نامايەندە ئاياغ كىيىمى-ئۆتۈكنى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئىختىرا قىلغان مىللەت. شۇڭا ئۇيغۇر مەشھۇرلىرنى تىزىشتا تىخىمۇ كوپ ماتىريال كۇرۇشكە، ئىزدىنىشكەتوغىرا كىلىدۇ دەپ قارايمەن .
|
|