- تىزىملاتقان
- 2013-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 270
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا moyunqur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 21:01
يەر شارىدىكى ئانتاراكتىدا ياكى تالاش تارتىشتا تۇرۇۋاتقان جايلاردىن باشقا ، قۇرۇقلۇقتىكى بارلىق يەرلەرنىڭ ئۆز تەۋەلىكى بار . پەقەت ئۈچ پارچە كىچىككىنە <<خەلىقئارالىق زىمىن >>ياكى <<خەلىقئارالىق ئىجارىگە بېرىلگەن يەر>>دىن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق پايدىلىنىدۇ.بۇ ئۈچ پارچە خەلىقئارالىق زىمىن ،نيۇ-يورك، جەنىۋە ۋە ۋېنادا بولۇپ ، بۇلار <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر شەھىرى >>دەپ ئاتىلىدۇ. بۇزىمىننىڭ ئومومىي كۆلىمى 1كىۋادىرات كىلومېتىرغېمۇ يەتمەيدۇ. دائىملىق ۋە كۆچمە نوپوسى 40مىڭدىن كۆپىرەك بولۇپ ، ھەر يىلى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئشلىتىدىغان چىقىمى تەخمېنەن 3مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر چوڭ تەشكىلات بولۇپ ئۇنىڭغا بىۋاستە قاراشلىق ،باغلىنىشلىق ۋە مەسلىھەت بېردىغان ئورگانلار 650دىن ئاشىدۇ. << ب د ت >>دا ئاساسلىق ئالتە ئاپىپارات بولۇپ ، ئۇلار قۇرۇلتاي ، خەۋېپسىزلىك كېڭىشى ، ئىقدىسادى ۋە ئىجتىمئائى كېڭەش ، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى ، خەلىقئارا سوت ۋە سېكىرىتارىيات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .بۇلار ئوموملاشتۇرۇلۇپ <<باش شىتاپ >> دېيىلدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيېنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى خەلىقئارا سوتتىن باشقا ھەممىسى نيۇ - يورىكتا . باش ئىشتاپ قارمىقىدا 20دىن ئارتۇق ئاپپارات بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى رىمدا ، موھىت پىلان مەھكىمىسى نايروبىدا ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىجتىمائى - ئقتىساد كومىتىتى بانكوكتا ، <<ب د ت >>ئۇنۋېرسىتېتى توكيودا . ب د ت بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئاپپاراتلار 15 بولۇپ ، بۇلار ب د ت نىڭ مەخسۇس ئاپپارتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇش سېستىمىسى ۋە خامچوتى بولۇپ ، پەن مائارىپ -مەدەنىيەت تەشكىلاتى فىرانسىيەدە ، دۆلەتلەر ئارا پوچتا ئالاقە تەشكىلاتى بېرلىندا ، خەلىق ئاۋئاتسىيە تەشكىلاتى مونېرئالدا ، دۇنيا بانكىسى ۋاشىڭگتوندا ، ئۇلاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى <<ب د ت >> نىڭ ئۈچ شەھىرىدە . ب د ت نىڭ ئادېرىسى ؛ نيۇ-يورك 10017-نۇمۇر ، تېلېفۇن نۇمۇرى ؛212 7451234ب د ت 1945-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۇنى قۇرۇلغان بولۇپ ،شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۇنى ئا ق ش پارلامېنتى ب د ت نىڭ باش شىتابېنى مەڭگۈ ئا ق ش دا تەسىس قىلىش توغۇرسىدا تەكلىپ بېرىش قارارىنى ماقۇللىغان . 1946-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى لوندوندا ئېچىلغان ب د ت يىغىنى ئا ق ش نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، نيۇ-يوركتا كاتىبات باشقارمىسى قۇرغان ، ئىلگىر كېيىن بولۇپ بىر نەچچە جاينى ئىجارىگە ئېلىپ خىزمەت باشلىغان . 1946-يىلىنىڭ ئاخىرى ب د ت روكفېللىرنىڭ 8مىليون 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىدىن پايدىلىنىپ شەرقى دەريا سىاھىلىدىن بىر پارچە يەرنى سېتىۋالغان .نيۇ-يورك شەھەرلىك ھۆكىمەت ب د ت ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كېتىشىنى كۆزدە تۇتۇپ قىسمەن زىمىننى ۋە گۈللۈكنى ب د ت غا تەغدىم قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېڭىز قىرغاق ھوقۇقى ۋە قاتناش ھوقۇقىنى بەرگەن ھەمدە 30مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئەتىراپنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان . 1947-يىلى ئا ق ش بىلەن ب د ت ئالاھىدە ھوقۇق ۋە كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ <<خەلىقئارالىق زىمىن>>نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان . 1949-يىلى ب د ت قۇرۇلۇپ 4-يىلى كەلگۈسىدىكى ب د ت شەھىرىنىڭ ئۇلى ئۈستىدە يېغىن ئېچىپ بىناغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتۆۈزۈلگەن 1951-يىلى ب د ت شەھىرىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتۈنلەي تاماملانغان . |
|