- تىزىملاتقان
- 2012-6-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5885
- نادىر
- 0
- يازما
- 373
ئۆسۈش
17.7%
|
مانا بۇلار دىيارىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامى نىكاھ قارىشىنىڭ سۇسلاپ كەتكىنى ئۈچۈن روياپقا چىقىۋاتقان مەسلىلەر.
ھازىرقى كۆپ قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ نىكاھقا ئائىت ئەھكاملاردىن بىردىنبىر مۇكەممەل بىلىدىغىنى« 3 تالاق »سۆزى....
يەنى ئەرنىڭ ئايالنىڭ ئۈستىدىكى ئىسلامى ھەقلىرى قايسى ؟ئايالنىڭ ئەر ئۈستىدە قانداق ھەقلىىرى بار ؟تالاقنى قانداق چاغدا قىلىش سۈننەتكە ئۇيغۇن ؟قانداق چاغدا تالاق قىلغىلى بولمايدۇ ؟....بۇ مەسلىلەرنى سورايدىغان ئادەم يوق.
ئەمما ئايالى سەل پەل خاپا قىلىپ بولغىچە «3تالاق »قىلىۋېتىپ پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ يۇرت كېزىدىغانلار جىق .
يا تايىنلىق «مەن ئىسلامدىكى تۈزۈملەرگە بويسۇنمىغان ئادەم بولغاندىكىن نىكا قىلىپ يۈرمەي ،ياكى ئايالىمنى خەقكە ئەپ بېرىپ ھالاللاپ يۈرمەي نىكاھسىز بىللە ئۆتىۋېرەيچۇ»دىمەيدۇ.
يا ئىسلام نىكاھ تۈزىمىگە تولۇق بويسۇنمايدۇ....
ھەي....
كىم ئايالىنى «3تالاق »قىلدىكەن .شۇ كىشى ئەڭ ئاۋۋال خوتۇنى بىلەن يارىشىشقا كۈچەيدىكەن.....
.......
شۇ ۋەجىدىن تىمىغا بىۋاستە ئالاقىدار بولمىسىمۇ مۇشۇ توغرىدا بىلگىنىمنى زاغرا تىلدا تۆكسەم..
3تالاق مەسلىسى
مەھمۇد ئىبنى لوبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئەرنىڭ ئايالىنى بىراقلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غەزەپ قىلغان ھالدا، دەس تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دېدى، مەن تېخى ئاراڭلاردا ھايات تۇرساممۇ، ئۇ، ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ئوينىشامدۇ؟! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غەزەپ قىلغىنىنى كۆرگەن بىر ئەر دەس تۇرۇپ، يا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيمۇ؟ دەپ كەتتى، نەسەئى خاتىرلىگەن. شەيىخ مۇھەددىس ئەلبانى رەھمەھۇللا زەئىپ دېدى،
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئۇ ئايالىنى ئايالى ھەيىزدار ھالەتتە تالاق قىلىدۇ، بۇ ئىشنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر قىلسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق ئاچچىقلاپ، ئۆمەرگە: بالاڭ ئابدۇللاھقا دىگىن، ئۇ ئايالىغا قايتىۋالسۇن، ئاندىن ئايالىنى ئۇ ئايال پاك بولۇپ ئاندىن ھەيز كۆرۈپ، ئاياللار كېسىلى بولۇپ يەنە پاك بولغۇچە ساقلاپ تۇتۇپ تۇرسۇن، ئاندىن كېيىن تالاق قىلىشنى خالىسا، ئۇ ئايالىغا چېقىلىشدىن، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشدىن بۇرۇن پاك – پاكىز ھالەتتە قويۇپ تالاق قىلسۇن، ئەنە ئاشۇ، ئاللاھتائالا بۇيرىغان، ئاياللار تالاق قىلىنىدىغان ئىددەتتۇر، (ئاللاھ شۇ ھالەتتە تالاق قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ) يەنەبىرخاتىردە؛ئۇنى بۇيرىغىن، ئۇ ئايالىنى ئايالى پاك ھالەتتە ياكى ھامىلدار ھالەتتە تالاق قىلسۇن دىدى. بۇخارى،مۇسلىم، بەيھەقى، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. بۇ ھەدىستىن؛ ئاياللارنى تالاق قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۇ پاك ھالەتتە چېقىلماي تۇرۇپ، بىرلا تالاق قىلىندۇ، تالاق قىلىش دۇرۇس بولسىمۇ، ئۇنى، ئاللاھتائالا ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھتائالا ئاياللارنىڭ تالاق قىلىنىشىغا بۇيرىغان ئىددەت ئەنە شۇدۇر، ئىددەت تۇتۇش ۋە توشۇپ پۈتىشى ئاسان بولىدۇ. بۇ ھەدىستە، قايتىۋالسۇن دىگەن سۆزىگە قارىغاندا، ئايال كىشىنى ھەيز كېسەل چاغدا تالاق قىلسا، رەجئى تالاق يۈز بېرىۋېرىدۇ، بارلىق ئالىملار؛ھەيىز چاغدىمۇ تالاق يۈز بېرىدۇ دىگەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ تالاق بولىدۇ دىگەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك مەزگىللەردە، بىر كىشى ئايالىنى سەن ئۈچ تالاق دېسە، ئۈچ تالاق يۈز بېرىدۇ دەپ ئىجمائقا كەلگەن، بىر قېتىمدىلا ئۈچ تالاق دىسە ئۈچ تالاق بولىدۇ، بۇ سەھىھ ئەسەرلەردە خېلى كۆپتۇر، خۇسۇسەن ئىبنى ھەجەر پەتھۇلبارى بۇخارىينىڭ شەرھىسىدە شۇنداق يازغان.ئىمام نەۋەۋى؛ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ؛سەن راستىنلا ئاللاھ بىلەن قەسەم بېرنى نىيەت قىلغانمۇ؟ دەپ سورىشىنى دەلىل قىلىپ، شۇنداق سورىغانغا قارىغاندا، بىر قېتىمدىلا ئۈچ تالاق دېسە، ئۈچ تالاق بولۇپ كېتىدۇ دىگەن،ئەمىسە نىمە ئۈچۈن بىرنى نىيەت قىلدىڭمۇ؟ دەپ قەسەم قىلدۇرىدۇ؟. ئىبنى تەيمىييە رەھمەھۇللا؛ مۇشۇ مەسىلىدە ئىجمائنى يىرتىۋەتكەن، بۇزىۋەتكەن دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ پەتىۋاسىدا مۇپتى ئىمامنىڭ شۇتالاق قىلغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۈچ تالاققا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بار دىگەن.باشقا ئىشلاردا بۇ كىشى ئىسلام پىشۋاسى، ئىسلام خىزمىتىنى قاتتىق قىلغان كىشى، ھەتتا ئىلىم، ئىبادەت، جىھاد ئۈچۈنلا قەتئىي توي قىلمىغان. خۇلاسە، ئايال كىشىنى ھەيزىدار چاغدىمۇ تالاق قىلسا تالاق بولىدۇ، بىرلا ئېغىزىدا بىرلا قېتىم ئۈچ تالاق دېسە، ئۈچ تالاق بولۇپ كېتىدۇ، بۇ مەسىلىلەر سەھىھ مۇسلىمدا تەپسىلىي باردۇر، ساھابىلار، تابىئىنلار ئىجماسى كۈچلۈك دەلىل – ئىسپاتتۇر، ئىجمائ دىگەن قۇرئان ھەدىسدىن قالسا، شەرىئەتنىڭ قانۇن – پىرىنسىپ مەنبەسىدۇر، ئىجمائقا تانسا، كاپىر بولىدۇ، «ئىجمائقا كېلىنگەن مەسىلىلەر» دىگەن ئەسەردە يېزىلغان، تەپسىلىي بار، كۆرۈڭ.
ئەمما زامانىمىزدىكى بەزى ئالىملار 3 تالاقنى بىرگە ھېساپلايدۇ،ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.شۇڭا بۇ مەسلىگە چۈشۈپ قالماسلىقتىكى ئەڭ ياخشى چارە- ئايالنى قەتئى 3تالاق قىلماسلىقتۇر.!چۈنكى مەيلى بىر لەۋزىدىكى 3تالاق كۈچلۈك قاراش بويىچە 3كە ھېساپ بولسۇن ياكى ئاجىزراق قاراش بويىچە 1گە ھېساپ بولسۇنبەرىبىر بۇنداق تالاق قىلغۇچى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغۇچى،قاتتىق گۇناھكار بولىدۇمەن مۇسۇلمان دەپ دەۋە قىلىدىغان ئادەم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك!
2.ئايال كىمگە ئەڭ ئىتائەت قىلىشى كېرەك ؟
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سورالدىكى :
-«ئوغۇلدا كىمنىڭ ھەققى ئەڭ چوڭ؟»
-دىدىكى-«ئانىنىڭ »
-«(توي قىلغان )قىزدا كىمنىڭ ھەققى ئەڭ چوڭ ؟»
-دىدىكى «يولدىشىنىڭ »
دىمەك، توي قىلغان ئايالنىڭ ئەڭ ئىتائەت قىلشقا تېگىشلىك كىشىسى ئاتا-ئانىسى بولماستىن بەلكى يولدىشىدۇر.
ئەلۋەتتە بۇ دىگەنلىك ئايال كىشى ئاتا-ئانىسىنى باقمىسىمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس .بەلكى يولدىشى بىلەن ئاتا-ئانىسنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان ئايال يولدىشنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ قىلمىشى بولمىسىلا ،يولدىشى تەرەپتە تۇرىشى كېرەك .ئاتا-ئانىسى سەۋەبسىز ياكى ئەرزىمە سەۋەبلەر بىلەن ئېرىڭدىن ئاجرىشىپ كەت دىسە ئايال كىشى بۇ ئەھۋالدا ،ئاتا-ئانىسىغا (ھۆرمەتسىزلىك قىلمىغان،ئازار بەرمىگەن ئاساستا)ئىتائەت قىلمايدۇ.
ھەدىس بىزگە خەۋەر قىلدىكى :
قانداق بىر ئايال ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمەيدىكەن،بەش ۋاق نامازنى بەرپا قىلىدىكەن ،يولدىشىغا ئىتائەت قىلدىكەن يولدىشىنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلدىكەن بۇ ئايالغا سەككىز جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكىدىن كىرىش ئىختىيارلىق بېرىلىدۇ...(يۇقىرقى مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھەدىسلەر ئېسىمدە قالغىان مەنە تەرجىمىسى بويىچىلا ئېلىندى،)
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۈچ نەرسىنىڭ راستىمۇ راست، چاخچىقىمۇ راست، بىرى نىكاھ، ئىككىنچى تالاق، ئۈچىنچى رەجئى تالاق قىلغۇچىنىڭ ئايالىغا قايتىۋېلىشى، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان، ئەلبانى رەھمەھۇللا تەكشۈرۈپ ھەسەن دىدى.
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قايسى بىر ئايال ئېرىدىن ھېچبىر چاتاقسىز، ئۆزرىسىز، ئەيىبسىز تالاق قىلىشىنى سورىسا، بۇنداق ئايالغا جەننەتنىڭ پۇرىقىمۇ ھارامدۇر، (ئۇ جەننەتكە كىرىش تۈگۈل، پۇرقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ) ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى، ھاكىم،دارىمى، ئىبنى ھەببانلار توپلىغان، سەھىھ.
|
|