قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1381|ئىنكاس: 10

نادانلىق، مەنپەئەت ۋە قورقۇش (ئەلى شەرىئاتى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19155
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 17:04:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUTLUQJAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 17:12  

نادانلىق، مەنپەئەت ۋە قورقۇش


ئەلى شەرىئاتى/قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى



مېنىڭچە ئىنسانلارنىڭ ئېزىشلارغا مەيلى ئەخلاقىي نۇقتىدىن  بولسۇن مەيلى پىسخىكىلىق ۋە ئىنسانىي كۆزىتىشلەرنۇقتىسىدىن بولسۇن مەنپەئەت، نادانلىق ۋە قورقۇش قاتارلىق ئۈچ ئامىل سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر تۆتىنچىسى بولۇپ قالسا ماڭا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۆتۈنىمەن.بۇ ئۈچ مەرەز ھەم ئىنساننى ئازدۇرماقتا، ھەمدە جەمئىيەتنى ناچار ئىشلارغا، پىكىرىئېزىشلارغا ۋە ئەخلاقىي  بۇزۇلۇشقا سۆرەپ ماڭماقتا.
شەخسنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ئوخشاشتۇر. چۈنكى جىنايەت سادىر قىلغان ياكىئەسكى ئىش قىلغان ھەر قانداق كىشى يالغۇز جەمئىيەتكىلا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ،بەلكى ئۆزىنىمۇ ئاسىي ۋە ناچار  ئەھۋالغاچۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئالبېرت مېممنى مۇنداق دەيدۇ: « مۇستەملىكچىلەر شەرقجەمئىيەتلىرىگە ئىلغار تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنى ئىنساندىنمۇستەملىكىچى سىياقىغا كىرگۈزۈپ قويۇشتى». مىسالەن، مەلۇم بىر نەرسىنىئوغرىلىغان ئوغرى، بىر ماددىي بۇيۇمغا ئېرىشىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئىنسانىي ھۆرمىتى ۋە ساداقىتىدىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم بايلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئىجتىمائىي ئامىل نۇقتىسىدىن ئىجتىمائىي قاتلاملار توقۇنۇشىنى،  مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە مۇستەملىكە تۈزۈمىنى ئېزىش ۋە ئەسكىلىكلەرنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمەن. ئەمما مەن بۇ يەردە مەسىلىنى ئەخلاقىي ۋە شەخسىي ئامىل سۈپىتىدە ئانالىز قىلىمەن. مەلۇم بىر سىياسىي تۈزۈمدە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىراق بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئورنىغا سىياسىي تۈزۈمگە باش ئېگىپ بىر بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ دۇئا قىلغان كىشىنىڭ گەپ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى قورقۇشتىن بولىدۇ. قورقۇش بولسا خەۋپسىزلىكتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈمگە ئىتائەت قىلىشى ۋە مەۋجۇت ئەھۋالدىن رازى بولۇشى، ھەققىي ئەھۋالىنىڭ ئىزاھاتى ئەمەس. نامرات سەھرالىقلار ياكى كۈنلۈك ئىشلەمچىلەرنىڭ كاپىتالنى ئاساس قىلغان تۈزۈملەردە تەڭسىزلىككە ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى توختىماي تەنقىد قىلىنىدۇ. ناۋادا ئىشلەمچىگە « بۇ ئاي ئىشىمىز بار بىراق كۈنلۈك بەش دوللارغا رازى بولامسەن يوق؟» دېيىلگەندە، ئىشلەمچىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا تىرىكچىلى كيولى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا دىنى ئۆلىمالار  مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «ئۇ خوجايىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، تەڭسىزلىككە ئۇچرىغان بولمايسەن. بۇئىشتا زورلاش يوق، پەقەت تاللاشلا بار. ھەر ئىككى تەرەپ رازى بولسا مەسىلە يوق.چۈنكى بۇ تەڭسىزلىك ئەمەس. سەن مەجبۇرلانمىغانلىقىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە ھېچكىمگە زۇلۇمقىلىنغان بولمايدۇ.» ئەگەر رازى بولۇش ئادالەتنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارالسا، ئۇنداقتا بارلىق ئەسكىلىك ۋە رەزىللىكلەر نورمال ھادىسە، دەپ قارىلىشى لازىم. ئەگەر بىر ئىشلەمچى بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلسا، ئۇنىڭ ئىتائەت قىلىپ رازى بولۇشىغا سەۋەب بولغان نەرسە قورقۇشتۇر. ئۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىسا قولىدىكىنىمۇ يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئىشلەمچى ئىتائەت ۋە مەجبۇرىي رازى بولماي تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا بارلىق نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
بارلىق ئىشلىرى توسالغۇسىز يۈرۈشۈپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى پەقەتلا مەنپەئەتى، مەنبۇ يەردە بۇ خىلدىكى ئادەملەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن بەكرەك. بۇ ھادىسىنى بىر  خىل تۇيغۇ، ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي نۇقتىدىن تىلغا ئېلىۋاتىمەن. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي ئامىللاردىن ئايرىلالمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە تارىخ ئۈستىدە ئەمەس ئىلمىي بىر مەسىلە ھەققىدە، ئوبېيكتىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس پىسخولوگىيەلىك مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش، ئىنسان ۋە  ئىجتىمائىي مۇھىت ئوتتۇرىسىدا (ئاڭ، ئىنسان ئىرادىسى،تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار) سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى بار. يەنى ئىنساننىڭ ھەر ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق ئامىل، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئىنسانبىلەن تاللاش ئەركىنلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆرۈلىدىغان قىلىش ۋە قىلىنىشتىن ئىبارەت.
مەن يەنىلا  ئىنسانغا نېگىزلىك سەۋەب ياكى  يېتەكچى ئامىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىمەن ۋەئىنسان ئامىلىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئامىل، دەپ قارايمەن. گەرچە ئىلمىي جەھەتتىن ئىنسان، سەۋەب بولۇش بىرگە نەتىجە ۋە ئۇنىڭ زىتى بولغان تەقدىردىمۇ، قوغداش ۋە قولغا كەلتۈرۈشكە مايىل بولۇش ۋە ئارزۇ قىلىش تۈيغۇسىدىكى قورقۇش ۋە مەنپەئەت ئامىلى  بويىچە (ئىنساننىڭ ئىجابىي ۋەسەلبىي ئىككى تەرىپىدۇر) ئىنسانلارنى سىنىپىي، روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردىن تۆت كاتىگورىيەگە ئايرىش مۇمكىن. ( ئىسلام شىناسىدا ئۈچ خىلغا ئايرىغان ئىدىم)، چاشقان قانداق مەخلۇق؟ ئاۋامنىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋېلىپ ئوغۇرلۇقچە يەيدىغان، تويۇپ بولغان ھامان ئوغۇرلاشقا، يوشۇرۇشقا ۋە ساقلاشقا تۇتۇش قىلىدىغان، بىراق يىغقانلىرىنىڭ ئۆزىگىمۇ ئۆزگىگىمۇ پايدىسى بولمايدىغان بىر مەخلۇقتۇر. بەزى ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرى چاشقانغا ئوخشايدۇ. سەرمايىدارلار  ۋە  زۇلۇم قىلغۇچىلار دۇنياغا بېرىلگەن چاشقاندۇر، پۇلنىڭ قۇلىدۇر، چىشلىرى تەرەققىي قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق غاجىلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر غاجىلىمىسا چىشلىرى ئۇزىراپ كېتىپ جېنىنى ئاغرىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر نەرسىنى، مەسىلەن گېلەمنى، تاختىنى، كىتابنى غاجىلاپ كىچىكلىتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىشى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نىجىس كېسەللىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى چىشلىرى بىنورمال تەرەققىي قىلىدۇ. چاشقان پۇلغا بېرىلىپ كەتكەن ۋە ئىشەكلەشكەنلەرنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۆسۈم يەيدىغانلار ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە شەيتان سوقۇۋەتكەن، دېگەن تەبىر ئىنساننىڭ پۇل ئارقىلىق ياتلىشىشنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ سوتسيالىسزىم ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بۇرژۇئازىيە ۋە پۇلغا بېرىلىپ كەتكەنلەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلار بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن خېلىلا كۈچ سەرپ قىلغان بولسا،قۇرئان ئىككى كەلىمە بىلەنلا ئىزاھلاپ بېرىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەندە يەنى ئەخلاق،پىسخولوگىيە ۋە ئىنسان بىلىمى مەسىلىسىدە مۈلۈك تۈزۈمىنىڭ سىنىپلاردا ۋە بىراۋنى ئىدارە قىلغان ياكى ئىدارە قىلىنغان، زۇلۇم قىلغان ياكى زۇلۇم قىلىنغان ئىجتىمائىي قاتلامغا سىڭىپ كەتكەن ئىجتىمائىي مۇھىت بېسىمىدا تەسىر كۈچى بار بولىدۇ. جەمئىيەت ئەزاسىنى مەدىكار ياكى ئۆسۈم يېگۈچى، ئىشچى ياكى سەرمايىدار قىلىدۇ. نامراتلىق نامراتلارنىڭ تاللىشى بولماستىن بەلكى تەڭسىز ئىجتىمائىي  تۈزۈم ياراتقان ھادىسىدۇر. بىراق مەن نامراتلىق ئۈستىدە ئەمەس نامرات كىشى ئۈستىدە، زۇلۇم ئۈستىدە ئەمەس زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۈستىدە توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. بىرى نامراتلىققا نېمىشقا چىدىيالايدۇ؟نېمىشقا زۇلۇمنى قوبۇل قىلىدۇ؟
بۇنى بۇ كىشى يا بىلمەيدۇ ياكى بىلەلمەيدۇ ۋەياكى بىلىشنى خالىمايدۇ: بۇ دەل نادانلىقتۇر. بۇنداق كىشى قورقۇش ئىچىدە بولىدۇ. بۇ كىشى يەنە شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈزۈم ۋە تۈزۈم مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان باشقا تەقدىرداشلىرىدىن ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل مەنپەئەتتۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن  مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىش لازىم.ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھۆرمىتى ۋە ئېزىر قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئىشەنمەي تۇرۇپ مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئېتىقادقا تايانمىغان  مەسئۇلىيەتنىڭ مەنىسىنى بولمايدۇ.
نادانلىق بەزىدە ئېزىش ۋە گۇناھنىڭ  ئەڭ مۇھىمئامىلى بولۇپ قالىدۇ، ئاۋامغا كۆپىنچە بۇ ئامىل تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇبىلىملەرنىڭ يەنى فىزىكا، قانۇن ياكى فىقىھشۇناسلىق قاتارلىق ماددى ياكى مەنىۋى ۋەياكى دىنى بىلىملەرنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقىتىپ قويۇش مەنىسىگە ئىشارەت قىلمايدۇ.دەل ئەكسىچە بىلىملەرنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقىتىپ قويۇشىنى ئىنساننى  ئىزاھلايدىغان چىن ئاڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر زىيالىدىكى چىن ئاڭ، ھەقىقەتلەرنى بىلىشتىن ياكى كاللىسىدا بىر نەرسىنىڭ شەكلىنىبېكىتىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئەمەس بەلكى ھىدايەت ئىلمىدۇر. بۇ ئاڭ زىيالىيچە قاراش،زىيالىيچە ئويلاش، ھەقنى تېپىش ۋە يۆلىنىشىنى بېكىتىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇئىنسانىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەرىپىدىن يارىتىلغان ئاڭدۇر. مەزكۇر ئاڭغائوقۇش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش بىلەن ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇلار پەقەت چىن ئاڭنى كۈچەيتىشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، خالاس. تەۋھىدى دۇنيا قاراش بۇ ئاڭنىڭ مەنبەسىدۇر.بارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر تەكىتلىگەن نەرسە، دەل بۇ ئاڭدۇر.
پەيغەمبەرلەرئىنسانىيەتكە ھېكمەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. قۇرئان ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئىلىمدەل مۇشۇ ئاڭنى كۆرسىتىدۇ. فىزىكا، جەمئىيەت بىلىمى، فىقىھشۇناسلىق ۋە مېتودقاتارلىقلار بىلىم بولسىمۇ، بىراق ئاڭ  ياكى ئارىفلىق ئەمەس. ئىلىم كۆپ ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش بىلەن قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئاللاھ تىلىگەن قۇلىنىڭ قەلبىگەچۈشۈرگەن نۇردۇر.
بۇھەر قانداق بىر ئالىمدا تېپىلمايدىغان ئىنسانىي ئۆزلۈك ئېڭىدۇر. ساۋاتسىز كىشىمۇ بۇنىڭدىن نېسىۋىسىنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەينى دەۋىردىكى ئەبۇ زەردە بولغان ئەممائالىم ئىبنى سىنادا بولمىغان ئاڭدۇر.
دەل بۇ ئاڭ، نۇرغا ئوخشاش زۇلمەتلىك كىچىدە ئۇيقۇغا بېرىلگەن ئاۋامغا چۈشۈپ ھەممىسىگەيۆلىنىشىنى بېكىتىپ بېرىدۇ، ھەممىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، ھەممىگە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. كىشىگە  (ئوقۇغان ياكى ئوقۇمىغان كىشى) مەسئۇلىيەت تەقسىم قىلىدۇ.
پەيغەمبەرلەر تارىختا ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان.  كۈنىمىزدە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىزدىن مېڭىۋاتقانلار ئارىفلارمۇ بار. بۇ ئىلىمنىڭ ئىجابىيلىكىنى يوقۇتۇش قويۇش نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۆپ ھاللاردا زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئىتائەت قىلىشلارنىڭ سەۋەبىدۇر. نادان ئىنسان دېگەندە ئوقىمىغان ساۋاتسىز ئىنسان دېگەنلىك بولمايدۇ، بەلكى بۇ چىن ئاڭدىن مەھرۇم قالغان ئىنساننى كۆرسىتىدۇ.  
تەۋھىدبولسا دۇنياۋى  بىر پىكىر بىرلىكى ۋە دۇنياقارشى جەھەتتىن بۇ ئىلىمنىڭ روھىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مەنبە:ئىسلام ۋە بىلىم ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
2013-يىلى10-ماي

55

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   31.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 1968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2573
تۆھپە : 5056
توردىكى ۋاقتى: 3273
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 10:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 10:25  

*ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز،ئەجرىنى كۇرگەيسىز.بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئىستىمالىمىزدىكى مەنىسىدە پەرىقلەر باردەك قىلىدۇ،ئۇقۇم بىرلىككە كەلمىسە  قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققۇدەك.
*
*ئەرەپچە بىلىدىغانلارغا تەلەپ:ئەرەپ ۋە ئىسلام قامۇس - لوغەتلىرىدە«ئىلىم»نىڭ تەبىر-شەرھى قانداقكىن؟، ئىزدەپ تېپىپ يوللاپ قويالارسىلەرمۇ؟.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

11

دوست

2917

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 12:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىق ، قورقۇش ،مەنپەئەت

   نادان ئادەم  غاپىللىققا يۈز تۇتقان ئادەمدۇر ، مەنپەئەتنىلا قوغلىشىدىغان ئادەم ئادىمىلىكىدىن ئۆزى خالاپ ۋاز كەچكەن ئادەمدۇر ، قورقۇنچاق ئادەم  بۈيۈكلۈكنى تەرك ئەتكەن ئادەمدۇر . مەيلى كىم بولسۇن ، ئەگەر بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالىسا بارغانسېرى مۇكەممەللىككە قاراپ يۈز تۇتىدۇ ، مۇكەممەللىك ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل پەللىدۇر !

    تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ، تېخىمۇ ئېسىل تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇشقا ئاللاھ نېسىپ قىلغاي .

10

تېما

8

دوست

4341

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 1236
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 15:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. مەن بۇ ماقالىنى بەك ياقتۇردۇم .
كىشىلەر مەيلى ئالىم ،مەيلى دوكتۇر ،مەيلى نىمە بولسۇن ،تەۋھىدى ياخشى بولمايدىكەن ئۇيەنىلا نادان ئىنساندۇر .  

ئەقىدە بىلمىگەن ئىنسان شەيتانىغا ئەلدۇر،
ئەگەر قىلسا مىڭ يىل ئىبادەت يەلدۇر.     (سوفى ئاللا يار)

2

تېما

1

دوست

8755

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1581
توردىكى ۋاقتى: 595
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 17:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 17:56  

ھازىر كۆپلىگەن دىھقانلىرىمىز نادانلىقتا تۇرىۋاتىدۇ. بۇلار ئويغانماقتا يوق ئەكسىچە شۈكۈرچىلىك، يات مىللەتتىن، ئەمەلداردىن قۇرقۇش پىسخىكىسى ئىنتايىن ئىغىر.


يەنە؛ كۆپلىگەن دىھقانلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقوپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن، مەسچىتتىكى ۋەز - نەسىھەتنىلا ئاڭلاپ كۇپايە قىلىدۇ. ئۆز - ئالدىغا ئىسلامدىن، قۇرئاندىن تەپەككۇر قىلمايدۇ.  

0

تېما

0

دوست

869

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15484
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 18:29:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنداشلار  ئىمكان بار  ئۆزىمىز ئوقۇيلى ،تاكى ھەقتە چىڭ تۇرالايدىغانلاردىن سوراپ بىلەيلى  !       كۆپ نەرسىلەرنى بىلىمىز ھەم كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىمىز .
بىلىڭلاركى : بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر  تەڭ بولالمايدۇ ؟  تەڭ بولۇش ،ئېشىپ كېتىش ئۈچۈش ، ھەق -مەنپەئەتلىرمىزنى قوغداپ قېلىشىمىز ئۈچۈن ئوقۇيلى !

0

تېما

0

دوست

2896

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 663
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 18:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئىگەم تېمىنى يازغۇچىغا كۆپلەپ ساۋاپلار بەرگەي.

yaxnar

1

تېما

4

دوست

4827

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9895
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 468
تۆھپە : 1140
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 20:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر

0

تېما

0

دوست

1559

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13513
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 389
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 23:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

23

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 5338
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 08:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىق ، قورقۇش ،مەنپەئەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )