قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1963|ئىنكاس: 5

مۇسۇلمان ئاياللار گۈزەللىكنى سۆيۈڭلار (پۇرسەت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 5
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2011-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 11:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
يۇسۇف ئىسمائىل سۇلايمان
    ھىچ قانداق بىر دىن پاكىزلىققا ۋە بەدەن تازلىقىغا ئىسلام دىندەك ئەھمىيەت بەرگەن ئەمەس.چۈنكى ئىسلام تەئىلماتلىرى ۋە تىكىستلىرى پاكىزلىقنى، بەدەننىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشنى ۋە ساغلاملىققا رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىىلىدۇ.‹‹شۈبىھسىزكى، ئاللا تۆۋە قىلغۇچىلارنى ۋە(روھى ۋە جىسمانى تەرەپتىن) پاكىز بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.››سۈرە بەقەر222-ئايەت.

   ئىسلام يەنە پاكىزلىقنى ۋە تاھارەتنى ئيىماننىڭ يىرىمى دەپ ئاتىدى.ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ‹ پاكىزلىق ئىيماننىڭ يىرىمى› مۇسلىم رىۋايىتى.

قىممەتلىك مۇسلىمە،ئاياللار ئارىسىدا چاقناپ تۇرۇڭ
   ئىسلام ئۆز ئىتقاتچىلىرىنىڭ كىيم-كىچەك، ھەيئەت، بەدەن تازلىقى  ۋە بارلىق ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ھەر دائىم چاقناپ تۇرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇلارنىڭ كۆرىنىشىنىڭ گۈزەل بولىشى ئۆزى ئىتقاد قىلغان دىننىڭ ۋە ئۆزى بەرپا قىلغان ئىيماننىڭ گۈزەل ئىكەنلىكگە دەلىل بولىدۇ. ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايىتپ كەلگەن بۇرادەرلىرىگە-سىلەر قىرىنداشلىرىڭلارنىڭ يىنىغا كىرگىلىۋاتىسىلەر، ئىنسانلار ئارىسىدا پارلاپ تۇرغان شام بولىشىڭلار ئۈچۈن ،يۈك-تاقىلىرىڭلارنى ۋە كىيىم-كىچەكلىرىڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ كىرىڭلار،ئاللا كۆرۈمسىز قىياپەت ۋە رەتسىز كىيىم-كىچەكنى يامان كورىدۇ.-دىدى›ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

 ئىسلام ناچار قىياپەت،سەسكىنىشلىك ھالەتنى، كۆرىنىشىگە بىپەرۋالىق قىلىشنى،كىيىم- كىچەكلىرىنى رەتسىز ،يۈك تاقىلىرىنى قالايمىقان قىلىشنى  ئاللانى غەزەپلەندۇرىدىغان يىرگىنىشلىك قىلمىش دەپ قارىدى. پاكىزلىقنىڭ كىسەللكىنى ئالدىنى ئىلىش ۋە ئومۇمى ساغلاملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا رولىنىڭ بەكمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار ئالاھىدە تەكتلەۋاتقان تۇرسا، مەينەتلىكنى ئىسلام نىمىشقا يامان كۆرمىسۇن؟

مۇسۇلمان ئايال ،ئاڭ پاكىزە ۋە ئەڭ گۈزەل بولۇڭ
 بارلىق مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان ئەھۋال يۇقارقىدەك تۇرسا ئۆز ئۆيىدە ھاياتلىق ھەمرايى بىلەن بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرشىۋاتقان ئايالغا قانداق قارايسىز؟ ئۇ ئەڭ ياخشى ئايال قانداق ئايال؟ دەپ سورىغان سۇئالغا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ ‹ئىرى قارىسا ئىرىنى خۇشال قىلىدىغان ئايال ›( ئەھمەد رىۋايىتى)دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ياخشى چۈشىنىدۇ ،ۋە ئىرىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

   سىز مۇسۇلمان ئايالنىڭ بۇ ھەدىسنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتا مانا بۇ بۈيۈك چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئۆزىنى ،پەرزەنتلىرىنى ،ئۆيلىرىنى پاكىزە تازلاش، رەتلىك تۇتۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىشقاۋەئىرىنى بەخىتلىك قىلىشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.ئۇ ئۆزى ۋە ئۆيىنىڭ ئىرى كۆز تاشلايدىغان ئورۇنلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئەتىياز پەسلى بارلىق ھاياتلىققا گۈزەللىك ۋە خۇشاللىق بىغىشلىغىنىدەك گۈزەل قامەت،ياراشقان كىيىم،خۇشھىدلىق پۇراق،قۇندۇزدەك چاچ تۇيغۇلارنى ھەركەتلەندۈرىدىغان لەۋ ۋە ئىچىدىكى پارقىراپ تۇرغان ياقۇتتەك چىش ئارقىلىق ئىرىغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ،يولدىشىنىڭ كۆڭلىنى مەمنۇن قىلىدۇ.ۋۇجۇدىغا ئالەمشۇمۇل راھەت بىغىشلايدۇ.

مۇسۇلمان ئايال دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ لاتاپەتلىك،ئەڭ پاكىزە، ئەڭ گۈزەل بولشى كىرەك، چۈنكى ئىسلام ئايالدىن ئىرى ئۈچۈن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ ئىسلام شەرىئىتى رۇخسەت قىلغان دائىرە ۋە نورماللىقنى ساقلىغان ئاساستا ئۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.مۇسۇلمان ئايال ئۆزىنىڭ خاس ھەيئىتىدە ۋە ئۆي تۇتۇشتا بىپەرۋالىقتىن، رەتسىزلىكتىن ،بەدبۇيلۇقتىن ئەڭ يىراق بولىشى لازىم.

گۆھەر گۈزەل كۆرۈنۈشتە نۇر چاچىدۇ
ئۆزى پاكىز،ۋۇجۇدى پاك مۇسۇلمان ئايال ئۆزى ۋە ئۆيىگە نىسبەتەن بىپەرۋا بولمايدۇ.مەيلى ئۆيىدە ۋە مەيلى سىرتتا بولسۇن ئايال قىلمىسا بولمايدىغان ھەرخل ئىش ۋە خىزمەتنىڭ ئىغىر بىسىملىرى ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىغا باھانە بولمايدۇ.ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ھەدىستە كەلىگىىنىدەك ئۆز ئىرى ئۈچۈن ئۆز ھۆسىن-جامالىغا ئەھمىيەت بىرىشنى ،ئۆيىگە ئەھمىيەت بىرىشنى،ئىرىنى رازى قىلىشنى تەرىك ئەتسە،كىچىكتۈرسە بولمايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ.ئۇ شۇنى چۈشۇنىدىكى،گۈزەل شەكىل ۋە گۈزەل كورۈنۈش ئىسىل گۆھەردە كەم بولسا بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆز ھۆسىن -جامالىغا ئەھمىيەت بىرىشى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىشتىن، ئىىڭنىڭ يۇقىرلىقىدىن، ھايات مەنالرىنى تىتىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. مەسئۇلىيەتنىڭ ئىغىرلىقنىڭ ،قىيىنچىلىقنىڭ كۆپ بولۇشنىڭ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقنىڭ ئۆزىنىڭ بىپەرۋالىقىنى ،ئۆيىسىگە ،ئىرىگە ،پەرزەنتلىرىگەسەل قاراپ قالغانلىقىغا ئاقلىشغا يول قويمايدۇ.

بىز تۆۋەندە سىزنىڭ ھەر دائىم نۇر چىچىپ تۇرىشڭىز، ھەرزا مان يىپيىڭى قىياپەتتە تۇرىشڭىز، سىز ۋە ئائىلە –پەرزەنتلىرىڭزنىڭ پاكىزە مۇھىت،پاكىزە قياپەت، خۇشال كەيپىياتتا لەئلىدەك پارلاپ تۇرىشىڭىزئۈچۈن بۈيۈك ئىسلام شەرىئىتنىڭ بەزى كۆرسەتمىلىرىنى شۇنداقلا بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ تەجىربە –ساۋاقلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى ئارتۇقچە بولمىسا كىرەك دەپ ئويلىدۇق.

1.بەدەننىڭ ۋە كىيم-كىچەكنىڭ تازلىقى.

مۇسۇلمان ئايال ئىنسانلارنىڭ ئەڭ پاكىزىسى بولۇشى كىرەك، ئۇ جانابى سەرۋەر ئالەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر دائىم بولۇپمۇ جۇمە كۈنى مۇكەممەل رەۋىشتە يۇيۇنۇش ۋە خۇشپۇراقلارنى ئىشلىتىشكە قىزقتۇرغان ‹سىلەر جۇنۇپ بولمىساڭلارمۇ جۈمە كۈنلىرى يۇيۇنۇڭلار ۋە باشلىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، خۇشپۇراقلارنى ئىشلىتىڭلار .(بۇخارى رىۋايىتى )› دىگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۆيىدە ھەر دائىم مۇنچىغا چۇشۇپ تۇرۇشى لازىم.

ئۇ ھەر دائىم كىيم-كىچەكلىرىنڭ،پايپاقلىرىنڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بىرىشى ،كىيىملىرىدىن،قولتۇقلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن بەدبۇي پۇراق چىقىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك. ئۆمۈر يولداشىنى ئەڭ پاكىز كىيىم، ئەڭ گۈزەل چىراي ،ئەڭ خۇشخۇي پۇراقتا كۈتىۋىلىشى لازىم. ئىرىنى توپا ئۆرلەپ تۇرغان، تەر پۇراپ تۇرغان ، تاماقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرغان مىھنەت كىيىملىرى بىلەن قارشى ئىلىش ياخشى ئىش ئەمەس.

مۇسۇلمان ئايال ئىرىنى سەسكەندۈۈرپ قويماسلىق ئۈچۈن چىش پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم،ئۇ كەم بولغاندا ھەر كۈنى چىشىنى ئىككى قىتىم مىسۋاك ياكى چىش پاكىزلاش پاستىلىرىدا چوتكىلاپ تۇرۇشى ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ مەسىلە كۆرۈلسە داۋالىتىپ چىشىنىڭ ھەر دائىم چاقناپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلشىى كىرەك .چىش پاكىز بولغاندا ئىنسان مەيلى سۆزلىسۇن ياكى تەبەسسۇم قىلسۇن ئاق مەرۋايىتتەك پارقىراپ باشقىلارغا ئازادە تۇيغۇ بىغىشلايدۇ.شۇنداقلا ئىغىزمۇ پاكىز تۇرىدۇ.مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى دۇنيا ئاياللىرىنىڭ سەركىسى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك رەفىقىسى ئائىشە (ئاللا رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ.‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى كىچە بولسۇن ياكى كۈندۈز بولسۇن ئويغانسىلا تاھارەت ئىلىشتىن بۇرۇن چىشىنى مىسۋاكلايتتى(چوتكىلايتتى).ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى› شۇنىڭدەك باشقا ئەزالارنىڭ تازلىقىغقمۇ ئەھىمىيەت بىرىشى كىرەك،

2.ئۆي تازلىقىغا،رەتلىكلىكىگە،ۋەگۈزەلىلكىگەئەھمىيەت بىرىش.

     رەسۇلۇللا مۇنداق دەيدۇ.‹ ئاللا خۇشبۇي خۇشپۇراقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللا پاكىزە پاكىزلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللا سىخى سىخىلىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ھويلا-ئۆيجايلىرىڭلارنى پاكىزە تۇتۇڭلار ،يەھۇديلارغا ئوخشاش (مەينەت) بولماڭلار.تىرمىزى رىۋايىتى.› مۇسۇلمان ئايال ئۆيىنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ،. ئۆينىڭ ھەيئىتىنىڭ چىرايلىق ،قۇرۇلمىسىنىڭ كۆركەم،قاراشقىلا ئازادە تۇيغۇ بىرىشى ئۈچۈن ھەددىدىن ئاشماستىن،بۇزۇپ چاچماستىن،ئىسراپ قىلماستىن ئۆينىڭ رەتلىنىشىگە ،تۈزۈلىشىگە ئالاھىدە باش قاتۇرىشى كىرەك.ئىرىنىڭ كۆزىنىڭ چىچىلىپ تۇرغان نەرسە، مەينەت تام-تورۇسلارغا چۈشۈپ قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، كۆڭلىنى بىئارام قىلىدىغان پۇراقلارنىڭ چىقىشىغا يول قويماسلىقى لازىم.يۇقارقىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكلەرگە ئالاھدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.

(1)ئۆينىڭ ۋە ئۆي سايمانلىرىنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بىرىش بولۇپمۇ مۇنچا بىلەن ئاشخانىنىڭ پاكىزلىقغا رىئايە قىلىش.

(2) ھەركۈنى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ۋە تاماقنىڭ پۇرىقىنى چىقىرۋىتىش.

(3)ئۆيدە ھەرقانداق ھاشارەتنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىق.

(4) ھەر بىر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويۇش ،شۇنداق بولغاندا ئىزدىگەندە تىپىشقا ئاسان بولىدۇ.

(5) ياتاق ئۆينىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلىشىغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىش ئارقىلىق ئىرىغا ھەردائىم ياتاق ئۆينىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش.

3. ھۇجىرا ئۆيگە ئەھمىيەت بىرىش.

مۇسۇلمان ئايال  ئۆزى ۋە ئىرىنىڭ بەختى مەخسەت قىلىنغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشتىن قەتئى ۋاز كەچمەسلىكى كىرەك.ئۇ ياتاق ئۆيىنى ئىرىنى كۈتىۋالىدىغان دۇنيا جەننىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشتا پاكىز ۋە رەتلىك قىلىش بىلەنغىنەك توختاپ قالماسلىقى ئۇنىڭغا زىينەتلەش،ئەتىرلەرنى چىچىش، گۈزەللەشتۈرۈش، رومانتىك قىلىشتەك ئاياللىق مەئنالىرىنى بەخىش ئىتشى لازىم.ئەر –ئايال مانا بۇ دۇنيا جەننىتىدە ،بەخىت كۆلچەكلىرىدە پىلتىڭلاپ مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىدىن ۋە ساپلىقىدىن روھى ئوزۇق ئالىدۇ.بۇ مۇھاببەت ئەر–ئايال ئارىسىدا ۋاپا ۋە ئىشەنچنى تەۋەللۇت قىلىدۇ.

 خۇلاسە قىلغاندا سىز ئۆزىڭىزنى ،ئۆيىڭىزنى ئىرىڭىزنى كۈتىۋالىدىغان ،ئۇنى خۇشال قىلىدىغان سورۇن قىلىڭ ،ئەگەر ئۇ تۇيۇقسىز كىلىپ سىز تەييارلىقسىز بولسىڭىز ئۈزىرە ئىيتىپ دەرھال ياتاق ئۆيگە ياكى مۇنچىغا كىرىپ ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ ،ئەتىرىلەرنى ئىشلىتىپ  خۇشال كەيپىياتتائالدىغا چىقىڭ .ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا، يۈرەكلىرىنىڭ تىپىچەكلىشىگە تىرىشىڭ .ئەمما چاكىنىلىقتىن يىراق تۇرۇڭ

 ئۆمۈر يولداشىڭىز ئۆيدە بار ۋاقىتلارنىڭ قەدرىگە يىتىڭ ،سىز ھەر دائىم ئەڭ ئىسىل ھالەتتە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇڭ، پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىزنى ھەر دائىم ئەڭ پاكىز،ئەڭ خۇشخۇي،ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە،شەرم-ھايالىق ھالەتتە كۆرۈپ بۇ كىچىك دۆلىتىڭىزنىڭ پاكىزە رەتلىكىلىكگە ئادەتلەنسۇن. ئۆيگە چوڭلار ياكى مىھمانلار كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەيران قالىدىغان جايلىرىڭىزنى يۇشۇرۇپ تۇرۇڭ ، سىز سىرتلارغا چىققاندا  باشقىلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغان، ياكى ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان ھالەتتا چىقىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.

   

( ئەسكەرتىش : بۇ ئايالنىىڭ ئىرى بىلەن ئۆيدىكى ئەھۋالىغا قارىتىلغان  ئەھكاملار بولۇپ ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىغان ھەر قانداق بىر ئايالنىڭ ئىرىم رۇخسەت قىلدى ياكى ئىرىم ئۈچۈن ياساندىم دىگەننى باھانە قىلىپ جاھىلىيەتچە ياسىنىپ شەرىئەت يول قويمىغان دائىردە يۈز، قول ۋە پۇتتىن باشقا جايلىرىنى ئۇچۇق قويۇپ قىسقا،نىپىز، بەدەننىڭ ئىنچىكە قىياپىتىنى بىلدۈرگىدەك دەرىجدە تار شۇنداقلا پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەن ھالەتتە ئۆيدىن سىرتقا چىقىشى ئىتىپاق بىلەن ھارام،)

 پايدىلانغان مەنبە

 1،مۇسۇلمان ئايالنىك سالاھىيتى، دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى ھاشىمى، سەئۇدى ئەرەبىستان 2004-يىل.

2.ئىسلام تەسەۋۋۇرىدىكى ئايال.دوكتۇر ئابدۇ مۇتەئال ،قاھىرە 1994-يىل

3.مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى.مۇھەممەد غەزالى ئسكەندەرىيە نەشىرياتى 1991-يىل

 مەنبە:http://www.alukah.net/Social/1030/21186

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2336
توردىكى ۋاقتى: 737
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 20:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ۋاقىت پاكىز يۈرگەنگە يەتمەيدۇ، پاكىزلىقنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەممۇ بولمىسا كېرەك. لېكىن بەزى چاغلاردا ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن ئۆيلىرىمىز قالايمىقان تۇرۇپ قالىدىغان چاغلارمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قىلسام بولغۇدەك.
ئۆيدە ئېرىم بولمىسىغۇ ماڭا ياسىنىشمۇ خوشياقمايدۇ. دېمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن كىمگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۇچۈن ياسىنىمىز؟  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

8

0

تېما

5

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25289
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 01:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alnur يوللىغان ۋاقتى  2011-1-11 20:59
ھەر ۋاقىت پاكىز يۈرگەنگە يەتمەيدۇ، پاكىزلىقنى ياخشى ك ...

رەھمەت

1

تېما

11

دوست

1703

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25207
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 490
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 01:21:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت،بىز ئاياللار دىققەت قىلدىغان ئىشلاركەن .تىخىمۇ دىققەت قىلىشقا تىرىشاي.

0

تېما

3

دوست

1273

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 12:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن . رەھمەت سىزگە.

6

تېما

0

دوست

781

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15388
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 240
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 14:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ تەپسىلى، ئېنىق يېزىپسىز، ئىجدىھاتىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بەرگەي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )