قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1272|ئىنكاس: 16

(نىمىشقا بالىلار يارامىق چىقمايۋاتىدۇ؟) غا ئككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

3

دوست

1340

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16206
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 01:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
      نىمىشقا باللىرىمىز ياراملىق چىقمايۋاتىدۇ؟ دىگەن تېما ناھايتى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بولۇپ، ھازىرقى جەمىيەتتىكى ھەممە ئادەم كوڭۇل بولۇۋاتقان ، جىددى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپ چىقمىسا بولمايدىغان ، ئەڭ مۇھىم تەخىرسىز مەسىلە بوپقالدى .
        مەن <نىمىشقا باللار ياراملىق چىقمايۋاتىدۇ > دىگەن تېمىنى ئوقۇپ زىيالى بولماسلىق سۇپىتىم بىلەن چۇشەنمىدىممۇ  ياكى تېما چۇشنىكسىزمۇ بىلمىدىم ، ئەيتاۋۇر  تېما مەزمۇننى يۇزەكى تەھلىل قىلىنغان  دەپ قاراپ  ئككى كەلىمە سوز قېتىپ ، ئوز چۇشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي دىدىم  .
      1 . ئاتا - ئانىنىڭ سەۋەبىدىن  .
    چۇنكى ئاتا - ئانىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ۋە تەربىيسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئاتا- ئانىلارنىنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنىڭ كۇندىن - كۇنگە ئېغىرلىشىغا ئەگشىپ ئۇلارنىڭ جەمىيات ، تۇرمۇش  قارشى ئوزگۇرۇش ياساپ ، ئەجداتلىرىمىزدىن قېپقالغان  ۋەتەن ، مىللەت، مەدىنيەت، ، تارىخ ، ئەخلاق ،ئېتقات ، چوڭلارنى ھورمەتلەش قاتارلىق ئسىل ئەنئنەلىرىمىزنى باللارغا  سىڭدۇرەلمىدۇق ، ئوزىمىز بىلىپ - بىلمەي ھازىر ناھايتى مۇھىم بولغان پۇل قارشىنى سىڭدۇردۇق، شۇڭا بىز نامرات بولسىمۇ توغرا دۇنيا يىتۇلدۇرگەن ئەجداتلىرىمىزغا يىتەلمىدۇق ، قىسقىسى بالىلار تەربىيسىگە كوڭۇل بولەلمىدۇق، بۇ مەسۇلىيەتنى 2-3 ياشتىن باشلاپلا ئوقۇتقىچىلارغا يۇكلەپ قويدۇق .
    2.  ئەخلەت مائارىپ سەۋەبىدىن  .
    ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلاردا ئوزىنى بېغىشلاش روھى بار ئىدى ، مېھنەتسىز بۇ ئەمگەككە ئوزىنى ئۇنتۇغان ھالەتتە ئاتىۋىتەتتى ، ئۇلاردا ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەتىجىسىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولاتتى، ھازىر قارايدىغان بولساق مائارىپتىكى ساھەسىدىكى ناھەقچىلىك، ناچار ئىللەتلەر، ھوقوق ئۇچۇن ، ئىمتىياز ئۇچۇن، پۇل ئۇچۇن، ئوقۇغۇچىلارنى قۇربان قىلدىغان ساپاسىز ئۇقۇتقۇچىلار كوپلەپ  مەيدانغا كىلىشكە باشلىدى، ئاساسەن شەكىلۋازلىق قاپلاپكەتتى ، مەسۇلىيەت، مىللەت، ئەخلاق ئورىپ - ئادەت ، ۋەتەن  قارشى يوق ماڭقۇرت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئوقۇغۇچى چىقماقچى؟  ئۇنىڭ ئۇستىگە قوش تىللىق مائارىپى دەيدىغان نەرسە ئوز تىل - يېزىغىنى پىششىق بىلىپپۇلالمىغان ئاق سۇتكەبى باللىرىمىزنى گاراڭ ھالەتكە ئەكىپقويدى .
  3.  جەمىيەت  تەسىرى سەۋەبىدىن .  
       ئويىدىكى ۋە  مەكتەپتىكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىغا ئاران چىداۋاتقان باللىرىمىز جەمىيەتنىڭ رەڭگا - رەڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى،  بالىلارنىڭ ئەركىن پالىيەت ۋاىتىنى، ئورۇننى ،  بالىلارغا خاس ئويۇننى ، ئاساسەن تارتىۋالدۇق، شۇڭا بالىلار بارلىق خوشاللىغىنى سىرىتتىن (تورخاندىن، ئچىملىك، چىكىملىكتىن) ۋە باشقا ئوزىگە ماس كەلمىگەن دۇنيادىن ئىزدەشكە باشلىدى .
4 .  ئېتىقات قارشى سەۋەبىدىن .  
   ھەرقانداق ئادەمدە  دىن ، ، ۋەتەن ، مىللەت ، ئەخلاق،  ئورىپ - ئادەت قارشى بولىدىكەن ئۇ ئاەمدە  ئېتقات بولىدۇ ، ئېتىقات بولغانكەن روھ بولىدۇ ، روھ بولغانكەن تىرىشچانلىق، ئومۇملۇق قارشى بولىدۇ، بىزنىڭ باللىرىمىز بۇ قاراشتىن كۇندىن - كۇنگە يىراقلاۋاتىدۇ ، شەخسىيەتچىلىك قارشى ، پۇل قارشى، مەنمەنچىلىك قارشى  يىتىلىۋاتىدۇ ، پەرزەنتنىڭ ئاز بۇلىشىمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ باللىرىغا ھەددىدىن زىيادە كويۇنۇشى باللارنى خاتا يولغا باشلاۋاتىدۇ .  
   5 .  ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوزى پۇل تېپىپ  بالىلىرىنى خەققە قارتىشى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانا مىھرىگە تولۇق قانماسلىغىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ تەپەككۇردا مەسلە كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن .
   6.   بەزىبىر كورگەن ماتىرياللىرىمدا  خېمىيەلىك تەركىپ بار يىمەكلىك بالىلارنىڭ تەپەككۇرىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن دىيىلگەنكەن، مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن ،
  7 . ھازىر مەكتەپلەردە  بىزنىڭ ئىلگىركى ئالىم ، مۇتەپپەككۇرلىرىمىز يوغىرلىق ھىچقانداق دەرسلىك يوق بۇلۇپ  ، باللارنىڭ ئەجدادىدىن ، ئوز - ئزىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ  بولماسلىغى  باللارنىڭ تەپەككۇرىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن .   
    بۇ مىنىڭ ئاددى كوزقارشىم ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتتى نەزەر بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى تەخىرسىز، ئوتۇش قىيىن بولغان، لىكىن ھامان ئوتمىسەك بولمايدىغان  ئوتكەل .

3

تېما

0

دوست

4147

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 492
تۆھپە : 933
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 10:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا مۇھالىزە قىلىپسىز،ئەجرىڭىزگە رەخمەت!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

1

دوست

1283

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17826
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ھازىرقى بالىلار» قايسى دەۋردىكى بالىلارنى كۆرسىتىدۇ؟ كونكرېت دەپ بېقىڭلار.

0

تېما

0

دوست

1090

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11121
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 13:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamsoz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 13:11  

مېنىڭچىمۇ بالىلاردا غايە بولۇش ۋە شۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان غەيرەت بولۇش كېرەك . ئەمما ھازىر ئاتا-ئانا ، جەمىيەت ، مەكتەپ، بالىلارنى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ . ھازىر كىشىلەردە ماددى جەھەتتىكى تويۇنۇش مەنىۋى جەھەتتىكى تۇيۇنۇشتىن ئېشىپ كەتتى ، شۇنداقلا ماددى جەھەتتىكى تۇيۇنۇش قىممەت قارىشىمىزدا مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيدىغان بولۇپ قالدى . بالىلىرىمىزنى تەربىيىلەشتە  پەقەت مەكتەپكە ، جەمىيەتكە ۋە باشقىلارغا تايىنىش بالىلىرىمىزغا قىلىنغان جىنايەت .

0

تېما

0

دوست

358

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18073
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 15:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر.بولۇپمۇ بىچارە ‹‹كادىر››لارنىڭ بالىلىرى.تۆت ئايغىمۇ توشماي تۇرۇپلا بوۋا موما ياكى باققۇچىلارغا قالىدۇ.دېمەك ‹‹كەلگۈسى››مىز ئەقەللى ۋە زۆرۈر بولغان مۇھەببەت،مەسئۇلىيەت،باتۇرلۇق،ئىشەنچ .....تەربىيىسىدىن مەھرۇم ھالدا مىللەتنى مەجبۇرى داۋاملاشتۇرغۇچىلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ....‹‹كادىر››ئانىلارغا لەنەت دېگۈم كېلىدۇ.بەزىدە جوڭگۇدا ئادەم شۇنداق كۆپ بولغاندىن كېيىن تۇغۇتلۇق ئانىلارغا بىر ئىككى يىل تۇغۇت رۇخسىتى بەرگەن بولسا بالىلىرىمىز تىخىمۇ ئەقىللىق،يۈرەكلىك(نۇرغۇن بالىلار ھەتتا قاراڭغۇدىنمۇ قورقىدۇ.بولۇپمۇ كادىرلارنىڭ بالىلىرى.دېھقانلارنىڭ بالىلىرى دەل ئەكسىچە)مېھرىبان...چوڭ بولاتتىمىكىن دەيمەن.

1

تېما

0

دوست

484

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3749
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 16:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇلاھىزە جايىدا بوپتۇ،بۇنداق رئىئاللىق ھەقىقەتەن ئادەمنى ئەندىشىگە سالدۇ.....

0

تېما

1

دوست

604

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18247
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 16:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسگە شەخسەن تەشەككۈر،مەسىلىلەرنى مۇشۇنداق ئەتراپلىق ،ئۇچۇق مۇلاھىزە قىپتۇ.

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

11

دوست

2923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 576
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 17:22:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ ماددى جەھەتتىكى  ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ چېنىقتۇرۇش ، ئۇلاردا مۇستەھكەم ئېتىقاد ،  ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت ، گۈزەل غايە ، مۇستەقىل ئىشقىلالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ، ئۇلارنىڭ پىكرى ۋە ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ، مەكتەپ جانلىق ، ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئاتا - ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىش ۋە ئۇلارغا ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش ۋە تەررەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بېرىش ۋە شارائىت ھازىرلاش ، بۇ نۇقتىلار ئەمەلگە ئاشسا ، بالىلار چوقۇم ياراملىق بولۇپ يېتىلەلەيدۇ .

4

تېما

0

دوست

1245

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  801
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 201
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 17:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە :
  1.مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا ئاتا-ئانىلاردا، بالىلىرىنى مەكتەپكە ھۆددىگە بېرىۋەتكەندەكلا بېرىۋېتىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك قاتار چايلىرى بىلەن مەشغۇل. بالىلىرىنىڭ  ئۆگىنىشى بىلەن كارى يوق. كىچىكىدىن ئىنتايىن ئەركە چوڭ قىلىدۇ، ئۇنۇڭ دىگىنى دىگەن...
  2. ئەخلەت مائارىپ سەۋەبىدىن:
قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغىنى ياخشى ئەمەسمۇ؟ مائارىپ سېپىدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەر خىل يوللار بىلەن مائارىپ سېپىغا سۇقۇلۇپ كىرىۋېلىپ كۈن ئۆتكۇزۇش بىلەن مەشغۇل، ئۇلارنىڭ كەسپىگە قارايدىغان بولسىڭىز دۇختۇر،  چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى پۇتتۇرگەنلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە شۇ سەبيلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن قانداقمۇ زور ئۇتۇقلارنى كۈتكىلى بولسۇن.
  3. بالىلار ھازىر بىر پادىشاھ. ئۇلار دۇنيانى باشقۇرالايدۇ، ئائىلىدە ئۇنۇڭ كۆزىگە قاراپ ئىنتايىن ئەركە چوڭ قىلىدۇ. مەكتەپتە ئۇلارنى باشقۇرغىلى بولمايدۇ، ئازراق جىدەللىشىپ قالدىڭمۇ بولدى-ھاي ھاي، ھالىڭغا ۋاي ئوقۇتقۇچى.
  شۇڭا دەيمەن پەرزەنتنىڭ ئەڭ تۇنجى ئۇستازى دەل ئۇنىڭ ئانىسى، ئائىلە تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ تەربيسىنى ئەتراپلىق بىرلەشتۈرەلىگەندىلا ئاندىن كەلگۈسىدە ياراملىق ،ئىقتىدارلىق پەرزەنت تەربىيلەپ چىققىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

1571

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13513
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 393
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت. ياخشى مۇلاھىزە قىلىپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )