قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1389|ئىنكاس: 28

ئەلكۇيى تورىدىن ئانىلارغا بايراملىق سوۋغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

492

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16272
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 07:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى :داڭلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ھاياتىنىڭ 70يىللىقى ، ئىجادىي ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمى
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈنلەردە سىلەر بىلەن يەنە ياخشى ئىشلار بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.ئالدى بىلەن بارلىق  بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە بىر قولىدا جاھاننى تەۋرىتىۋاتقان قەلبى سۈتتەك ئاق، مىھنەتكەش،جاپاكەش،مېھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.
ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىۋاتقان،ئەلنى سۆيگەن ،ئەل ئىشقىدا ئەجىر- مىھنەت كۆرسەتكەن كىشىلەر ئۆز ئەجرىگە لايىق شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.مەڭگۈ شان-شۆھرەتتىن يىراق بولمايدۇ.بىز بۈگۈن ئەنە شۇنداق كاتتا شان -شەرەپلەرگە نائىل بولغان بىر ئانا ھەققىدە ئىشلىگەن مەخسۇس زىيارەت فىلىم ئارقىلىق بارلىق ئانىلارغا بۈگۈنكى بايرام سۈپىتىدە سوۋغات سۇنماقچىمىز.
بىر مىللەتتىن چىققان تۆھپىكارلارغا پۈتكۈل خەلقنىڭ ھۆرمەت نەزىرى ئاغدۇرىلىدۇ.
2013-يىلى باھار ئېيىنىڭ 11-كۈنى تۆھپىكار ئانا،تونۇلغان يازغۇچى،ژورنالىست ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ 70 يىلدىن ئاشقان مەنىلىك ھاياتى ۋە 55يىللىق ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يېغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزىلدى.پائالىيەتكە تالانتلىق رىياسەتچىلىرىمىزدىن شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە ماھىرە ئابدۇغېنى رىياسەتچىلىك قىلدى.ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ بۈگۈنكى بايرامغا سوۋغات سۈپتىدە ئانىلار بايرىمىڭلار مۇبارەك نامىدىكى مەخسۇس فىلىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.



ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
مەخسۇس فىلىم ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر...



داڭلىق شائىر ھاجى مۇختەر بۇغرا ۋە ئايشەم ئەخمەت خانىم
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىم ۋە ئايشەم ئەخمەت خانىم
مۆھتىرەم ئاتىلاردىن بىر كۆرۈنۈش

مۆھتىرەم ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش

مۆھتىرەم ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىمىي كومتېتنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ناسىر ۋە داڭلىق يازغۇچى ھۆرمەت ساھىبى ئايشەم ئەخمەت خانىم
بىر قىسىم ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەدىبلەردىن بىر كۆرۈنۈش
مۆھتىرەم ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش





شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق،شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىر بەگمەت يۈسۈپ

مېھرىبان ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى(ئوتتۇرىدا)ھەجەرگۈل قاسىم ۋە مۆھتىرەم ئانىلار



مۆتىۋەرلەر ئايشەم ئەخمەتنى قۇتلۇقلىماقتا










ماھىنۇر قاسىم سۆز قىلماقتا







شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان
ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىدە ئايشەم ئەخمەت ھەققىدە سۆز قىلماقتا





شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار بىرگە


بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ،پائالىيەت ئەنە شۇ تۆھپىكارلارنىڭ بىرسى بولغان،ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى،تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش،بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە جاپاكەش،تۆھپىكار ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى   قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،پائالىيەتكە يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز،مىھرىبان ئانىلار ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپى،ئەدىبىياتشۇناسلار،ئايشەم ئەخمەتنىڭ كەسىپداشلىرى،ئۇرۇق-تۇققان،يېقىن-يورۇقلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت راديوسى›ئەلكۈيى تورى،تەڭرىتاغ تورى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ،ياشانغانلار گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە  مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىنتايىن داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.



ئايشەم ئەخمەت 1942-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە «قۇمۇل گېزىتى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا مۇھەررىر،باش مۇھەررىر ۋە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئايشەم ئەخمەت خانىم ئەدەبىيات ئىشلىرىمىزغا زور تۆھپەلەرنى قوشقان تۆھپىكار يازغۇچى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ژورنالچىلىقتىكى بىردىبىر ئايال ژورنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت ھاياتىدا خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،يەرلىك ئەدەبىي ژورناللارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۈرلۈك ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،يېزىقچىلىق كۇرسلىرىنى ئېچىپ ژورنال ئەتراپىغا بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش،رەتلەش ۋە نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرىنى سىڭدۈرگەن پەخىرلىك ئۇستازىمىز ۋە تۆھپىكار مۇھەررىرىمىز.
ئايشەم ئەخمەت خانىم 1957-يىلىدىن باشلانغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا تۈرلۈك نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ 80-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلغان «باشلىقنىڭ رايى»،«خىجىللىق»،«ھەسرەت» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشسە،«ئۆچمەس ئىزلار»ناملىق رومانى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ رومان يازغان پەخىرلىك يازغۇچى بولىشىغا يول ئاچقان.
1990-يىللاردا پەخىرلىك يازغۇچىمىز ئايشەم ئەخمەت خانىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى بىر ئىلھام بىلەن «مەلىكىنىڭ مىڭزىدىكى داغ»،«28يىل»،«گۇگۇم چۈشكەندە»،«زەھەرلىك كۈلكە»،«قاتىلنىڭ مۇھەببىتى»،قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ھىكايىلىرى تاشكەنت ۋە ئالمۇتادا چىقىدىغان گېزىت،ژورنال،توپلاملاردا تونۇشتۇرۇلغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم بىر ئىقتىدارلىق يازغۇچى،ژورنالىست بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئانا.ئۇ بۇ مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەنلا قالماي ئۆزىنىڭ«خانىم-قىزلار دەستۇرى»،«قىزلار دەستۇرى»،«ئاياللار سىردىشى»قاتارلىق ئېسىل كىتابلىرى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت قىز-ئاياللىرىنى تەربىيىلەشكىمۇ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكار ئانا.
پائالىيەت داۋامىدا مىھنەتكەش ئۇستاز،تۆھپىكار ئانىمىزئۈچۈن ياڭرىغان بارىكاللا سۆزلىرى ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ كەسىپداشلىرى،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يارەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىپ تون كىيگۈزسە،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى،قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى،قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى،شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ژورناللار،مەتبۇئاتلار ھەتتاكى ئايشەم خانىمنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ۋە تىلەكلىرىنى ئەۋەتتى.
پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئازات سۇلتان ئەپەندى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانىلىقى ،قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن قۇمۇل دىياردىن يىتىشىپ چىققان بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق يازغۇچىمىز،ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى ئايشەم ئەخمەت ئانىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئوزۇن بولىشىنى،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا خەلقىمىزگە تېخىمۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم قۇتلۇقلايمىز!


كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تورى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2013-يىلى باھار ئېيىنىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە)

14

تېما

0

دوست

2068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 578
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 10:41:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!
   ئايشەم ئەخمەت ئىنەمنىڭ مەنىۋىي خەزىينىسىنىڭ ‹‹مۇھەممەت بەشىر چىڭۋاڭ›› نىڭ ئوردا خەزىنىلىردىن تۈمەن ھەسسە ئارتۇق بۇلۇشىنى، باسقان قەدەملىرىدىكى ‹‹ ئۆچمەس ئىزلار›› دىن ئالتۇن كەبى نۇرلارنى چاقنىتىپ،«خانىم-قىزلار دەستۇرى»لىرىنى «ئاياللار سىردىشى»لىرىدا چاڭقىغان دىللارغا سىڭدۈرۈپ، يورتىمىزدا‹‹مېھىربانۇ چىڭۋاڭ››، ‹‹ياچىبەگ››كەبى ئەجداتلارئەۋلاتلىرىنىڭ  يېڭى دەۋىردە يېڭىچە قىياپەت بىلەن مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھارماسلىقىنى تىلەيمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

537

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1232
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 11:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقەتەن  ياخشى خەۋەركەن ..لېكىن  رەسىملەرنى كۆرۈپ خەلىقىمنىڭ جاھىلىيەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن ....ھەي  قېنى  بىزدىكى  ئىسلامىيەت ...........................
ياشلىرى شۇنچە يەرگە  بېرىپ  قالغان  ھەدىللىرىمىزمۇ   يالاڭ باش ...كىيىملىرىچۇ تېخى  ...توۋا ......
نىمىشقا تۆھبە قىلىپ قالغان  ئۆمرىنى ئىستى-قاماتتە  ئۆتكۈزمەيدىغاندۇ ؟

ھەي  بىچارىلەر  ..................ئاللاھ  ھەممىمىزگە  چەكسىز  ئىمان  ئاتا  قىلسۇن ..ئامىن .....

0

تېما

0

دوست

1660

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16562
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 11:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھيھجانلانغىنىمدىن كۆز ياشلىرىم تاراملىدى ،ناھايىتى مەنىلىك پائالىيەت بوپتۇ،ئەلكۈيى تورى ۋە باغداش تورىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى فىلىمنى ھوزۇرىمىزغا سۇنغىنىغا،  چەكسىز مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن.

10

تېما

15

دوست

8448

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   68.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2512
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز  ،بارلىقىمىز ئەمەس› دەيدۇ يازغۇچىلار.

0

تېما

0

دوست

3767

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8206
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتلۇق بولسۇن،مەشھۇر مومايلىرىمىز چىرايلىق ياغلىقلىرىنى بېشىغا سالغان بولسا گۇل ئۇستىگە گۇل قوشۇلار ئىدى.

0

تېما

0

دوست

257

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19294
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشلەپتۇ . ھەم پائالىيەتمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپتۇ. ئاللا ئىشلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!

0

تېما

0

دوست

973

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15443
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 310
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 13:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئەجەپ ئازكىنا..!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )