قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4333|ئىنكاس: 81

زاھىدە تۇرسۇنغا بىلەت تاشلايلى!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4795
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 472
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 11:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahsat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 10:10  

زەھەر چەكلەش ئىشلىرىغا بېغىشلانغان رەڭدار ھايات
           
                           (بۇ خەنزۇچە خەلق تورىدىكى بىلەت تاشلاش ئۇلىنىش ئادرىسى)
     
   زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك «ئەل ئىچى ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى»نى تاللاش ئارىسىدا  بولۇپ، 57 نەپەر تاللاش ئوبىكتىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. تەپسىلاتى خەلق تورىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇلىنىش ئادرىسىدا بىرىلگەن بولۇپ، زاھىدە تۇرسۇننىڭ رەسىملىك كۆرۈنىشى بىلەن بىلەت تاشلاش ئورنى تۆۋەن تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەم زاھىدە تۇرسۇننىڭ تولۇق ماتىرىيالىنى شۇ ئورۇندىن ئېچىپ كۆرەلەيسىز.   
   زاھىدە تۇرسۇن، ئايال، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىككىنچى ئۆلچەش- سىزىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن تۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك قانۇن ئىجرا نازارەتچىسى، ئىلگىرى «مەملىكەتلىك ئىلغار زەھەر چەكلەش پىدائىيسى»، توققۇزۇنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلىرى مىدالى»، «ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار زەھەر چەكلەش پىدائىيسى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «جوڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر پىدائىي» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
  زاھىدە تۇرسۇن 2006 –يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش  پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرىشكە ئىلتىماس يازدى ۋە كېيىن بۇ قوشۇننىڭ غوللۇق ئەزاسى ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ مەسئۇلى بولدى. 2005 -2006-يىللىق زەھەر چەكلەش ئاممىسى ئىچىدىكى مەملىكەتلىك ئون مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرى ئەخمەتجان قۇربان زاھىدەنىڭ ئەستايىدىل،  سەمىمىي، ئۆگىنىشكە ھىرىسمەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى يارپ ئامبولاتورىيىسى ۋە شىنجاڭ يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى، زاھىدە قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئەخمەت قۇرباننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، 2006-يىلى11-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تورىدا خىزمەت قىلدى. زاھىدە تۇرسۇن بۇ قوشۇنغا كىرگەندىن باشلاپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى تەشۋىق قىلىش ھاياتىنى باشلىۋەتتى. شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرىنى ئۆگەندى، ۋاقتى چىقسىلا پىدائىيلاردىن ۋە جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى  ۋە ھەرخىل كىچىك تىپتىكى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.
      شىنجاڭ يارىپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدا خىزمەت قىلغان جەرياندا زاھىدە تۇرسۇن شىنجاڭنىڭ جوڭگودىكى زەھەر ۋە ئەيدىز ئەھۋالى ئېغىر رايۇن ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا خەلقىئارادىكى چوڭ زەھەر ئۇۋىسى «ئالتۇن ھىلال ئاي»نىڭ خەۋپىدە ئىكەنلىكىدەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەمەلىيەتنى ھېس قىلدى. ئەخمەت قۇربان ئاكىنىڭ يىتەكلىشىدە ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى ۋە كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكتى. شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلىدى.
قىزغىن مۇلازىمەت قىممەتلىك دوستلۇقنى پەيدا قىلدى
     2007-يىلى6-ئايدا  زاھىدە تۇرسۇن زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش سالاھىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۈلۈمى تەشكىللىگەن 2005-يىللىق دۆلەتلىك خەلق ئىچىدىكى ئون مەشھۇر زەھەر چەكلىگۈچىلەرنىڭ سەييارە نۇتقىغا قاتناشتى، ئۆزىنىڭ كومپىيوتىر تېخنىكىسىدىكى ئارتۇقچىلىقىن جارىي قىلدۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا ئاۋاز، سۈرەت بىرلەشكەن كۆپ ۋاستىلىك دەرس دىتالى تۈزۈپ چىقتى. سەييارە نۇتۇق ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا نۇتۇق سۆزلىشى ۋە كۆپ ۋاستىلىك دەرسنىڭ قۇيۇلۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
پائالىيەت مەزگىلىدە زاھىدە تۇرسۇن يەنە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە خالس ساياھەت يىتەكچىسى بولۇپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى تۇنۇشتۇردى. شۇنداقلا ئۇلارنى غۇلجىدىكى ئۆيىگە باشلاپ مەشرەپ بىلەن كۈتىۋالدى. زاھىدە تۇرسۇن قىزغىن، سەمىمىي بولغاچقا ئۇلار بىلەن تېلفۇن، خەت ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى، زاھىدەنىڭ بۇقېتىمقى پائالىيەتتىكى ئىپادىسى ھەرقايسى جەھەتتىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلدى.
     2007-يىلى8-ئايدا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى قانۇن تۈزۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ كىچىك قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى بولۇپ قالدى.
  ئۇنىڭدىكى يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى.

http://society.people.com.cn/GB/8217/363640/index.html


3

تېما

0

دوست

5291

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 492
تۆھپە : 1285
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:32:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت تاشلاپ بولدۇم!
تېمىڭىزغا رەخمەت!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

322

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16288
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:41:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشلاپ قۇيدۇم 3تالنى ،بالىلار سىلەرمۇ تاشلاپ قۇيۇڭلار بولسا.ئازراق ساقلىساڭلا كەينى-كەينىدىن تاشلىغىلى بۇلىدىكەن.

0

تېما

0

دوست

257

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19294
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىۋەتتىم ئەمسە.

2

تېما

0

دوست

6682

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1221
توردىكى ۋاقتى: 858
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:44:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        بىر بىلەت كەتتى !    بۇ  نامزاتىمىزنىڭ يۇقارقى ئۇلۇنۇشتىكى ئورنى ئەڭ تۆۋىنىدە يىگانە ھالەتتە سەپلەپ قويۇپتۇ . سەھنە سەنئەتچىسى ئەمەسكەن ، ساۋاپلىق خىزمەت ئىشلەيدىكەن، 20 سىكۇنېت ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بىلەت تاشلاپ قويۇڭلار.
      

ئاددى ئىنسان

1

تېما

0

دوست

6068

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   21.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8858
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1331
تۆھپە : 947
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 13:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش مۇنبىرىنى ئاسسىرايلى ! مەن ئۇيغۇرلار تورىدىن  ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە قۇل قۇيدىغان تور بەت باغداش مۇنبىرى   چۈنكى  مانا مەن دەيدىغان  ،  مىسىرانىم ، ئەلكۈيدەك  مۇنبەرلەرمۇ ،  چىقىرىشقا ۋىجدانى قاينىمىغان   توربەتلەر ئىگىلىرىدىن  باغداشدەك  كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ كۈڭلىنى چىقىش قىلىپ  ھەققانىيەت ، ۋە  قانۇندىن  تۇلۇق  پايدىلىنىپ  چىقىرىشقا  تىگىشلىك مەسىلەرنى  قانۇن يۇل  قۇيغان دائىر ئىچىدە  چىقىرىشقا  تىرىشىپ كەلدى  قايسى بىر  توربەت باغداشچىلىق قىلالىدى؟  مىسىرانىم توربىتىگە قاراپ  باقايلى !  ئەڭ ئاددىيسىغا   جەميەتتە كۈچلۈك  غۇلغۇلا  قۇزغىغان  ئانارخانغا ئائىت  تىمىنى مىسىرانىم  مۇنبىرىگە  چىقىرىشنى  چەكلىدى  بۇلار  مىسىرانىم  مۇنبىرىدكى  ئەزالارنى ھۆرمەت قىلدىمۇ؟   ۋىجدانىڭلار بۇلسا  ئۇنداق   مۇنبەرگە بۇندىن كىيىن  تىما  يۇللاپ ئاۋارە بۇلماڭلار !    ئاشۇ  مۇنبەرلەرگە كەلگەن  سىرتىكى  بىسىم  ، باغداش مۇنبىرىگىمۇ  بىسىم ئەكەلمەمدۇ   باغداش  بىز  ئۈچۈن   ئەڭ  چوڭ  تەۋەككۈلارنى  قىلدى  بىز  باغداشقا تىخمۇ ئۇيۇشۇپ   باغداشنى  پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن  ئاسىراشنى  ئۆز ئىنكاسلىرىمىز  ئارقىلىق  يىشىل  مۇنبەر  قىلىپ  قۇرۇشقا   ئورتاق  تىرىشچانلىق  كۆرسىتەيلى !

1

تېما

0

دوست

991

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   98.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6762
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 13:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشلىۋەتتىم ئەنە نەچچە تال

0

تېما

6

دوست

3040

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17606
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 894
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 13:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاشلىۋەتتىم 5تال!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )