قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1113|ئىنكاس: 31

مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

2686

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 495
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 19:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
دۆلىتىمىز مۇتەخەسىسلىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش،تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىلغار دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى جوڭگۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات ئىديىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ساپا مائارىپى ھەققىدە قىسمەن تونۇش شەكىللەنگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ جەھەتتە ئەمەلىي خىزمەتلەردىكى ئىلگىرلەش زادى نېمە ئۈچۈن كۆرىنەرلىك ئەمەس؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل بىزنىڭ ساپا مائارىپىنىڭ ماھىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولسا كېرەك.تەلىم –تەربىيە خىزمىتىنىڭ قانداق ئىلىپ بېرىلىش مەسىلىسى ساپا مائارىپى ئوقۇتۇشىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرىى.تەلىم-تەربىيە ئۇقۇمى بىر كەڭ ساھە،بىر بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭدا مەسىلە سادىر بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل نەتىجە، ھەرگىزمۇ تەربىيە جەريانىدىكى بىرلا ھالقىدىن چاتاق چىققانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.مەيلى ئاتا-ئانىلار بولسۇن،مەيلى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن جەمئىيەتنىڭ بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە بالىنىڭ ساپاسىغا قويىدىغان ئۆلچىمىدە ئەمەلىي نەتىجە ۋە ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت باھالاش ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىۋالغاچقا، مەكتەپلەر بۇنى  ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە يۈك قىلىۋىلىپ ،بالىنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجىسىدىكى ئۆرلەش ياكى چۈشۈشنى بەك چىڭ تۇتتى. نەتىجىدە بىر قىسىم بالىلاردا بىرخىل غەيرى نورمال بولغان ئادىمىيلىك ۋە قەدىر-قىممەت پىرىنسىپى شەكىللىنىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەلىم-تەربىيىمىز قۇرۇق نەزىريە بىلەن خارەكتېرلىنىپ قېلىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىگە سەل قارىدۇق.  نەتىجىدە مەكتەپلەر ئەخلاقىي تەربىيەنى شۇنچە كۈچەپ تەكىتلەۋاتقان،نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلاردا مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە رېئايە قىلمايدىغان،ئۇرۇش-جېدەل چىقىرىدىغان ،تورخانىلارغا ئۆگىنىۋالىدىغان ھەتتا ياتاقلاردا ھاراق ئىچىدىغان ئەھۋاللار دائىم سادىر بولۇپ تۇردى.
مائارىپ ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ،ھەربىر ئادەمنى خاس تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان ئەقلىي پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مېخانىكىلىق  ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلمايدىكەن،يېقىن كەلگۈسىدە،بىزنىڭ جەمئيەتكە تەقدىم قىلىدىغانلىرىمىز ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى مەركەز قىلىشنى خالىمايدىغان،جىمجىتلىق ئىچىدىكى راھەتنى قوغلىشىدىغان بىر تۈركۈم بىخودلاردىن ئىبارەت، خالاس. چۈنكى بۇخىل ئۆزىنى    مەركەز قىلىش تەربىيىسى ھاكىملىقنى ئىگىلىگەن ئائىلە ۋە مەكتەپ مۇھىتى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت سەزگۈسىنى ھەددىدىن زىيادە كۈچەيتىپ ئادىللىق ۋە پىداكارلىق تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىمىز‹‹ئىشەك ئۆلىۋاتسا،كۆتىدە غىجەك تارتىپتۇ››دېگەندەك ،ئەتراپىدا نېمە ئىشلار بولىۋاتقىنى بىلەن كارى يوق ئۆزىنىڭ چىۋىنىنى قورىيدىغان كىشىلەر   كۆپىيىشكە باشلايدۇ-دە،بىز ئىنتايىن زور كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىش بەدىلىگە جەمئيەتتىن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھىغا  ئىگە تىپلارنى قېزىپ چىقىرىپ ،تەشۋىق قىلىشقا مەجبۇر بولىمىز. مانابۇ دەل بىزنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان نامۇۋاپىق نەتىجىدىن ئىبارەت.
ئەگەر ھەرقانداق ئىشتا مۇدىئا،مەقسەد  ئىنىق بولمىسا ،ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي ،جاپالىق ئەمگەك ئەكسىچە نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ھەم مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى مەقسىدى ئىنىق ۋە مۇقىملىققا ئېگە بولۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپلەردە  ئىشلەۋاتقان مائارىپچىلارنىڭ قانداق مائارىپ ئىديىسىگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ مائارىپ ھەركىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.دېمەك، مەكتەپلەر تەلىم –تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىش ياكى يايالماسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئىديىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .شۇڭا ،ئالدى بىلەن تەربىيىلىگۈچىلەر قوشۇنىدا توغرا تەربىيەلەش مۇددىئاسى ۋە نىشانى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن زۆرۈر.نۆۋەتتە مەكتەپلەرنىڭ رېئاللىقىنى چىقىش قىلغاندا ،تەربىيە چىڭ تۇتۇلغانسىرى نېمىشقا مەسىلە كۆپ سادىر بولىدۇ؟ ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ ؟بۇنىڭ كونكېرىتنى سەۋەپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغار يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
.1مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسىدىكى ھەركەتچانلىقنىڭ يېتەرسىز  بولۇشى.
بۇيەردىكى ھەركەتچانلىق ھەرگىزمۇ تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى تەربىيەلەش نىشانىغا قارىتا ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولۇش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ كۆپىنچە قوللىنىدىغىنىمىز مەسىلە سادىر بولغاندىن كىيىن ئىبرەت خارەكتېرلىك تەربىيەلەش ئۇسۇلى.ئەگەر مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيەگە مەسئۇل خادىملىرى ،سىنىپ مەسئۇللىرى، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار، شۇنداقلا مەكتەپ رەھبەرلىكى بايقاشقا ماھىر بولۇپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكەلىسە،تەبىئيكى بۇخىل ئىزدىنىش ئۇلاردا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى بالدۇر بايقاش ئىديىسىنى تۇرغۇزىدۇ. ئەلۋەتتە بۇخىل بايقاش  تەربىيە نىشانىنى ئىدىيە جەھەتتىن ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىغا يېتەكلەيدۇ –دە،كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاش ھەققىدە ئىزدىنىشكە قاراپ ماڭىمىز .بىزدە‹‹ئۆلگەندىن كىيىن ياسىن ئوقىغاننىڭ  پايدىسى يوق››دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ ماقالنىڭ مەنىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، مەسىلىنى قانچە بالدۇر  ئويلىسا، قولغا  كەلتۈرىدىغان ئۈنۈممۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.بۇ يەردىكى بايقاش مەسىلىسىدە ئالدى بىلەن بىر سىنىپنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان تەربىيىلىگۈچىگە قويىلىدىغان تەلەپ ئەلۋەتتە يۇقۇرى بولىدۇ.
  شۇڭا، سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى،كۆپرەك سىردىشىپ ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى قىزىشى،ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن بىر ئادەم ،يەنە كېلىپ ئىديىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بالا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىم. بۇنداق تەكىتلىشىمىزدىكى سەۋەپ كۆپ ھاللاردا ئوقۇتقۇچىلار يا ئوقۇغۇچىلارنىھېچنېمە بىلمايدۇ دەپ قارايدۇ، يا ئۇلارنىڭ ھەممىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان بۇخىل نامۇۋاپىق تونۇش ئەلۋەتتە توغرا بولمىغان باھا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئوخشىمىغان ئائىلىلەردە ئوخشىمىغان ئائىلە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى خاس خاراكتېرنىڭ ئاساسى.ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسىنى قېزىپ باقماي،بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارساق،ئۇلارنىڭ نېمىنى ئويلايدىغانلىقىنى نەزەرگىمۇ ئالمىساق، ،ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىمىزنىڭ ئەمەلەە ئېشىشىغا نۇرغۇن توسالغۇلار پەيدا بولىدۇ.چۈنكى ھازىرقى ئائىلىلەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىەە بولغان سەزگۈرلىكى ئىنتايىن يۇقۇرى،كۆپىنچە ئائىلىلەر ئۆز بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە نېمىلەرنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن،دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ.شۇنداق ئىكەن ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ئامۇۋاپىق تەربىيە ئۇسۇلى،دەرھال ئۇلاردا قايتۇرما ئىنكاس پەيدا قىلالايدۇ.شۇڭا،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن،ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىتىنى قوللىنىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىشى كېرەك.ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىدا توغرا ئىديىنى تۇرغۇزۇش ئىنتايىن زۆرۈر.ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە سەل قارىلىۋاتقان يەنە بىر نۇقتا،مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئەخلاق-تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملار ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ،ئاز ساندىكى مەسىلە سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى بىرتەرەپ قىلىشتا،ئۆلۈك ھالدىكى قائىدە پىرىنسىپلارغا ئېسىلىۋىلىپ،ئوخشىمىغان ئائىلە تەربىيە مۇھىتىدا ئۆسكەن،ئوخشىمىغان مەدىنىيەت مۇھىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە بولغان قارىشىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇخىل خاسلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.نەتىجىدە،بۇخىل ئۆلۈك تەلىم-تەربىيە ئوقۇغۇچىلاردا ناقايىللىق ۋە بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ-دە،تەربىيەنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.مەسىلەن،مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيەگە مەسئۇل خادىمى بىر قىتىملىق يىغىندا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئۆتەش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:« ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقتا تاماكا چېكىش،ھاراق ئىچىش،ھەتتا جىدەل چىقىرىش ھەركەتلىرى مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىۋىنى بۇزۇش قىلمىشىغا كېرىدۇ.ناماز ئۆتەش بولسا قانۇنسىزلىق»دېگەن.بۇ گەپ كىچىگىدىن تارتىپ مۇئەييەن ئىتقاد ئاساسىغا ئىگە بالىلارنىڭ قەلبىدە دەرھال تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ،نارازىلىق ھەتتا قارشىلىشىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى تەبىئي.شۇڭا بۇخىل نازۇك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتا چوقۇم ئۇسۇل ۋە گەپ سۆزگە دىققەت قىلىش، نورمال دىننىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ قانۇنسىزلىق ئەمەس،بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىننى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرگەندىلا، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ قانۇننىڭ دىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالارنىڭ ناتوغرا ھەركىتىنى چەكلەش كۈچىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرغاندىلا،ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان قانۇنى ئاڭ تۇرغۇزىلىپ،ئۆز ھەركىتىنى ئىدارە قىلىشقا دىققەت قىلىدىغان بولىدۇ.شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ تەلىم تەربىيە ئۇسۇلىنى كۆپخىللىققا،ھەركەتچانلىققا،ئۈنۈمدارلىققا ئىگە قىلىشنىڭ مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى نورمال قانات يايدۇرۇشتىكى رولى ئەلۋەتتە چوڭ بولىدۇ.
.2ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ يىراقلاپ كېتىشى.
ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ بولۇپ،ئۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق ۋەزخالىق  ۋە غايىۋى ئۈلگىلەرنىڭ رولىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسە ئەمەس.بىز سىنىپلىرىمىزنى ،مەكتەپنى، مەھەللىلىرىمىزنى ئاختۇرىدىغان بولساق،نۇرغۇن ئۈلگە ۋە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەخىسلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.مەسىلە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش پۇرسىتىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىدە.كۆرۈش مۇمكىنكى،ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئىشلارنى قىلىش قابىليىتى ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەكتەپتە ئالغان تەربىيە بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئېرىشكەن تەجىربىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ماھارىتىگە ئىگە بولالىسا،ئاندىن توغرا ياشاش نىشانىنى تاپالايدۇ.بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ھازىرقى تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىگە قارايدىغان بولساق ئوخشىمىغان قۇلۇپقا ئوخشاش بىر ئاچقۇچنى سېلىپ مەجبۇرى ئېچىشتىن ئىبارەت.ئەمەلىيەت شۇنداقكى ئوقۇغۇچىلىرىمىز نەزىرىدە ئىزچىل تەشۋىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئۈلگىلىك شەخىسلەر بىر غايىۋى تىپ سۈپىتىدىلا تونۇتۇلۇپ ئۆزىنىڭ سىھرى كۈچىنى ئاللىقاچان يوقاتتى.شۇڭا بىزنىڭ ھازىرقى ئەخلاقى تەربىيىرىمىزنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەپ كەتتى.ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ئەلۋەتتە بىز بۇ خىل تەربىيەنىڭ ئەمىليەتچانلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكان بار ئۆز ئەتراپىدىكى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان شەخىسلەرنى قىزىشقا،بايقاشقا يېتەكلەش ئارقىلىق،ئۈلگىنى بىز تىكلەپ بېرىش ئەمەس،ئۆزلىرى تېپىشقا يېتەكلەش ۋە بۇ خىل ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش لازىم.بولۇپمۇ ئۇلارغا ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپداشلىرىنىڭ ئىچىدىن شەرەپ قۇچقان ۋە شەرەپ قۇچىۋاتقانلىرىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ئۇلاردا بىرخىل شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇش،ئۆزلىرىدىمۇ بۇ خىل ھالەت پەيدا قىلالايدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش لازىم.بۇ خىل ئۈلگىلىك رولىغا ئىگە بولۇشنىڭ بىرخىل ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە ماھارەت مەسىلىسى بولماستىن بەلكى ئىزچىللىق ۋە سەمىمىلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشلا،ئۇلاردا تۇرمۇشقا توغرا قاراش ۋە نىشانى رېئاللىق ئاساسىدا بەلگىلەش نىشانىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ.ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ ئۈلگىنىڭ ساھىبى بولالايدىغانلىقىنى تونۇتقىلى بولىدۇ.
.3ئاتا-ئانىلارنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، مەمتىلى ئەپەندىدەك يېڭى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرى ئاتىلار كومىتېتىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ،ھېچقانداق مەبلەغ ئاساسى بولمىغان شارائىتتا ئىقتىساد توپلاپ، مەكتەپلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.ئۇلارنىڭ رولىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.بۇ خىل ئۇسۇل ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئۈنۈمىنى يوقاتقىنى يوق.لېكىن مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق،نامىدا ئاتا-ئانىلار مەكتىپى دېگەندەك ۋېۋىسكىلارنى ئېسىۋالغىنى بىلەن  بىرقىسىم مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ بىر قۇرۇق ۋېۋىسكا خالاس.ھەتتا بىر قىسىم مەكتەپلەر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنىنى مەخسۇس ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ مەكتەپ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەكلىپ پىكىر بېرىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانغان بولسىمۇ،ئەمىليەتتە ئاتا-ئانىلار مەكتەپ خىزمىتىگە ئارلاشقىنى،ئۆزلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىلىق نازارەتچىلىك تولىنى جارى قىلدۇرغىنى يوق ھەم بۇ جەھەتتە ئەمەلىي خىزمەتلەر يېتەرلىك ئىشلەنمىدى.ئاتا-ئانىلار- كەڭ جەمئىيەت ئەزالىرى ۋە بالىلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاساس.مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى ئائىلىلەرنىڭ توغرا يېتەكلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.مەسىلەن:مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تولۇق 2-يىللىقىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسى دەرسلەردە داۋامسىزلىق قىلىپ،دەرس تاشلاپ،دەرسخانا ئىنتىزامىنى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن سىنىپ مەسئۇلى ئائىلە باشلىقىنى چاقىرتىپ سۆزلەشكەن بولسىمۇ،ئۇ ئائىلە باشلىقى بۇ بىرتال قىزىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئەيىبنى بالىدىن ئىزدىمىگەن.ھەتتا سىنىپ مەسئۇلى ئۇ قىزنىڭ باشقىلار بىلەن دەرس ۋاقتىدا يېزىشقان جېنىم خوتۇنۇم، جېنىم ئېرىم دېگەندەك بولمىغۇر خەتلىرىنى ئانىغا كۆرسەتكەندە ،«خەت يېزىشىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ»-دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن.بۇنداق قانات ئاستىغا ئېلىنىپ قوغدىلىۋاتقان بالىلار ئەلۋەتتە بىر سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئەخلاقى تەربىيە قۇرۇلىشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.  شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ تەلىم -تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز دەيدىكەنمىز ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەربىيىنىمۇ قوشۇپ ئىشلەش كېرەك.
.4ھەددىدىن زىيادە تىز ئۈنۈم قوغلىشىشتىن ساقلىنىش.
جوڭگۇنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قارايدىغان بولساق،يولداش ماۋزىدوڭ سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئىنقىلاب ئەندىزىسىنى جوڭگۇنىڭ كونكېرىت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرمەي،ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسا،خەلقىمىزنىڭ ئىنقىلابىي كۈرەشلىرى ئىغىر تالاپەتلىك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولاتتى.يولداش دېڭ شاۋپىڭ جوڭگۇنىڭ كونكېرىت ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ ،جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغان بولسا،بىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىز بۇنچە ئۈنۈملۈك تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى.مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى شۇ يەردىكى، بۇ ئىككى پىشقەدەم دەل دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى توغرا ئانالىز قىلغانلىقى ئۈچۈن ،خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلىدى.بۇ بىزنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدە ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈلگە.مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ،ھەر يىلى بىر قىسىم مەكتەپلەر تۈرلۈك شەكىلدىكى تەجىربە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەيدۇ،ئىچكى رايونلارغا بېرىپ ئىلغار مەكتەپلەردىن تەجرىبە ئۆگىنىدۇ.بۇبىر ياخشى ئەھۋال.لېكىن مەسىلىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقان تەرىپى ،بىز پىشقەدەملىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىمىزدا.شۇنداق بولغاچقا تەجرىبە ئۆگەنگۈچى خادىملار ئۆزلىرى بارغان تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن ئېلىپ كەلگەن تەجرىبىلىرىنى،مەكتەپلەرنىڭ كونكىرىت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرمەي مەكتەپلەردە ئەينەن قوللىنىلىۋاتىدۇ.بىر قىسىم كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تەجرىبىلەر مەكتەپ نۆۋەتتە يولغا قويىۋاتقان،ئۆزىگە خاس بولغان ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەندىزىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى يېڭىچە ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە كۆنۈشكە مەجبۇرلاۋاتىمىز.بولۇپمۇ تەكشۈرۈلگەن ئورۇنلاردا،ئۇزۇن مۇددەت مەلۇم ئىزچىللىقنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمنى، بىز تېز ئارىدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇددىئاسىنىڭ تەسىرىدىن دەرھال مەكتەپلىرىمىزگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ،ئۆزىمىزگە خاس بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.بۇخىل ئىزچىللىق ئاساسى بولمىغان باشقۇرۇش شەكلى ۋە بىنورمال بولغان تاشقى ئۈنۈمدارلىقنى قوغلىشىش،مەكتەپلەرنىڭ سېستىمىلىق ،ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەخلاقى تەربىيە پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزارلىقىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ .تەجرىبە ئۆگىنىش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش،ئەمما بۇنى قانداق تەدبىقلاش مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرۇش،تىخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرسىدۇر.
يېغىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي-تەربىيە خىزمىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىنچىكە خىزمەت.شۇڭا مەكتەپلەر بۇ خىزمەتنى ئىشلەش جەريانىدا،ئىلمىي ۋە سەگەك بولغاندىلا مەكتەپلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمىتىنى ئۈنۈمدارلىققا ئېگە قىلغىلى بولىدۇ.
ظظظظظظظظظ

0

تېما

0

دوست

303

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19817
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 21:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپ ناھىيەسىدە مائارىپتا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ، ھۆكۈمەت ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىشىنى كاپالەتلەندۈرمەسلىك . قىسقىسى بۇيەردە يېزا مائارىپى ئاتا - ئانىسى يوق يىتىم بالىلارغا ئوخشاپقالغان
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

322

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11640
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lazna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 22:30  

مەن ھازىر بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۋاتمەن.بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە دەرىس ئاڭلاۋاتمەن.كىم دەيدۇ ساپا مائارىپى يوق دەپ.بېيجىڭغا كىلىپ ئۆز كۈزىڭىز بىلەن كۆرسىڭىز مۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۇرمەس بۇلاتىڭىز بەلكىم.ئەخلە.ق تەربىيە خىزمىتى دەپ قاپسىز،بۇ جەھەتتە تۈكى يۇڭۇزلانغان تۇخۇدەك بوپ قالغان تۇرساق،قايسى تەربىيەنى قىلغىلى بۇلۇدۇ.خەخلەر تەربىيەنى قانداق قىلدىكەن كۆرمىدىڭىز دە.باشقىلار ئۈزنىڭ تەربىيىسىنى قىلدىكەن،بىز بولساق خەخنىڭ تەربىيىسىنى قىلدىكەنمىز،شۇڭا قىلغانسىرمىز ئۈنۈمسىز بوپ قالدىكەن.ئۈزەڭنىڭ بالسىغا ئۈزەڭنىڭ تەربىيىسىنى قىپ باق دەڭە قېنى،قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بۇلدىكەن.

1

تېما

0

دوست

1403

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11951
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 273
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار تورداشلار ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلىپ قويىدىغان بولدۇم .

تېمىلاردىكى ئىنكاسقا باھا سۆز يىزىش ئىقتىدارى نەگە كەتكەندۇ ؟؟؟

5

تېما

1

دوست

1310

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lazna يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 22:24
مەن ھازىر بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۋاتمەن.بېيجىڭدىكى مەكتە ...

ماۋۇ شىنجاڭدا تۇرۇپ يېزىلغان تىما ،بەلكىم سىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يىزا-قىشلاقلىرىغا بېرىپ مائارىپنى تەتقىق قىلىپ ،تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز بۇ تىمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان پىكىرگە قۇشۇلۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن يىتەرسىزلىك ۋە مەسلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلمىغانلىقىنى بىلگەن بۇلاتتىڭىز

1

تېما

0

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 623
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:37:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lazna يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 22:24
مەن ھازىر بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۋاتمەن.بېيجىڭدىكى مەكتە ...

سىز نىڭ پىكرىڭىز بەك ئۇرۇنلوقكەن. مەن پەقەت بۇتەرەپنى ئۇيلىماپتىكەنمەن

7

تېما

0

دوست

2686

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 495
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازنا خانىم سىز شۇنداق چوڭ يەردە ئوقۇۋاتقان بىلىملىك بولغاندىن كىيىن توغرا بولغان بىرەر ئۇسۇلنى بىزدەك ساياقلارغا ئۈگەتمەمسىز؟

7

تېما

0

دوست

2686

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10671
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 495
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 22:59:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lazna يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 22:24
مەن ھازىر بېيجىڭدا بىلىم ئاشۇرۋاتمەن.بېيجىڭدىكى مەكتە ...

ئۇنداقتا سىز بىيجىڭدا خەقنىڭكىنى ئەمەس ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئۆگىنىۋاتامسىز؟

2

تېما

4

دوست

1086

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19322
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 23:17:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى مەن كۇلۋەتتىم يومۇر بوپ كىتپتو .                                                                                                       چىرايلىقراق ئۇسولدا ئېيتلغان بولسا بەك ئورۇنلۇق سۇزلەركەنتۇق .يەنلا سالماقلىق مېغىزىنى  ئايرىۋالساق بولغىدەك.

0

تېما

0

دوست

322

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11640
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 23:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lazna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-15 23:42  
umudwar520 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-15 22:32
ماۋۇ شىنجاڭدا تۇرۇپ يېزىلغان تىما ،بەلكىم سىز شىنجاڭ ...


مەنمۇ شىنجاڭدىكى تەكلىماكانغا تۇتاشقان يىزلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە 15 يىل ئۇقۇتقۇچى بولغان .مەنمۇ بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسام،كۆرمىگەن بولسام ماۋۇ تىمىنى قوش قوللاپ قۇۋەتلەيتىم.شۇنداق ھەممىنى باشقىلاردىن كۆرۇشكە بولمايدۇ،لىكىن ئۈزمىزنىڭ بالسىغا ئۈزمىزنىڭ تەربىيىسىنى بىرەلمىسەك ،ئۈزمىزنى قايىل قىلالمىغان يەردە باللىنى ،باشقىلارنى قانداق قايىل قىلمىز.باشقىلار مەكتەپ ھويلىسىغا كۆڭزىنىڭ ھەيكىىلىنى ئورنىتىدكەن.دەستۇرلارنى ئاجايىپ چىرايلىق نەققاشلار بىلەن سىنىپ،مەكتەپ تاملىرغا ئويۇپ قۇيىدكەن.مەن تېنىپ كەەتتىم مەخمۇت قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن،باللىرىم تۇنامدۇ؟يىلتىزسىز بۇلۇش بىزلەرگە نىسىپ بولغانمىدۇ زادى؟يىتىزسىز قامغاقنى نەگىلا تىكمەڭ،ھامان بىز ئىزىدا تۇرمايدۇ.يۇڭۇزلانغان تۇخۇ سۇغاقتىن،زەربىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەنىملەرنى قىلىدۇ،ھەر نىملەرنى قىلىپ باقىدۇ.
ئىچچىم بۇرۇندىنلا ئاچچىق بۇلاتتى،دەرىس بىلمىسەڭمۇ مەيلى ئادەمدەك ئادەم بول دەپ تۇرۋالاتتىم.ئادەم بۇلۇشنىڭ ئۆلچىمنى قانداق بىكتىمىز؟باشقىلارنىڭ تۈزگەن ئۆلچىمگە چۈشۈش ئۈچۈن،ئۈزمىزنىڭ ئۈلچىمدىن چىقىپ كتىشمىز كىرەككەن.مانا ھازىرقى ئەخلاقسىزلىق ئۈزمىزنىڭ ئۆلچىمدىن چىقىپ كەتكەنلىك.شۇنداق بولغانكەن بۇنىڭ ئۈزمۇ نۇرمال ئىش بۇلۇدۇ.مىنىڭ بەك جىق گەپ قىلغۇم بار،لىكىن قىلغۇم يوق.............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )