- تىزىملاتقان
- 2011-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5950
- نادىر
- 0
- يازما
- 251
ئۆسۈش
  19%
|
ناھايىتى توغرا دەيسىز دوستۇم ، بۇ مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن، قىزىمنى 10 ئايلىقتا ئانا سۇتىدىن ئايرىپ ئاتا ئانىمىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدۇق، تېخى تىلى چىقمىغان ئاتا ئانا مېھرىگە قانمىغان بالا بىزدىن ئايرىلىپ ، ئاتا ئانىمىزنىڭ يېنىغا ئاپىرىۋەتتۇق، پويىزدا قايىتقان ۋاقتىمىزدا ئايالىمنىڭ يىغىسى توختىمىغان ، كۆكسىدىكى سۇتى سىرىتقا تامچىپ ئايالىمنى تېخىمۇ يىغلاتقان ، ئۇ سېنىڭ نىسىۋەڭ ئىدى قىزىم دەپ قەلبىمدە يىغلىدىم ، شۇنداق قىلىپ قىزىم 4 ياشقىچە چوڭلارنىڭ يىنىدا تۇردى، گەرچە ئاتا ئانىمىزنىڭ يېنىدا تۇرغاندا خاتىرجەم بولساقمۇ قەلبىمىز يەنىلا ئۇنى سېغىنىش ئوتىدا پۇچىلاندى. ھەر ئايدا بىر قېتىم تاپقان پۇلىمىزنى پويىزنىڭ چاقىغا خەجلەپ ئۆتتۇق، سېنى ئاخىرى يېنىمىزغا ئەكەلدۇق، سەن بالىلار باغچىسىغا كىردىڭ دوستىمىز ئاپپاقتۇر دىگەندەك ئاشۇ ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى، سەن ئاپا - دادا، ئوبۇرنىغا كىرىمەن دىگەندىن باشقا تىلنى بىلمەيتتىڭ، قىزىم سەن نىمە دىگەن ئەقىللىك ، بىر ئاي بولمايلا باشقا بىر تىلنى بىلىپ بولدۇڭ، ئۇزۇن ئۇزۇن ناخشىلارنى ياتلايدىغان ، بىز بىلەن خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان بولدۇڭ، شۇنداق قىلىپ سېنى مەكتەپكە بەردۇق ، مانا مەكتەپتىمۇ شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتىسەن، 40نەچچە بالىنىڭ ئارىسىدا سەنلا بىر ئۇيغۇر، لېكىن سەن بىزنىڭ كۇتكەن يېرىمىزدىن چىقتىڭ، بىرىنجى مەۋسۇمدىلا ئۇچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىڭ ، سېنىڭ سىزغان رەسىملىرىڭ مەكتەپنىڭ كارىدورىغا جازىغا ئېلىپ ئېسىلدى، سەندىن پەخىرلەندىم (ئىسمىڭنى پەخرىيەئاي قويغانلىغىنىمىزنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق) . مانا ئىنىڭ تۇغۇلدى ، ھازىر ئۇمۇ بىر ياشقا كىرىش ئالدىدا، ھېلىمۇ بالا باققۇچى چىقتى ، شۇنداق ياخشى قاراۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ سېنىڭ كىچىك ۋاقلىرىڭ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، سەن ئىنىڭچىلىك ۋاقتىدا موما بۇۋىلىرىڭىنىڭ يېنىدا بىزدىن ئايرىلىپ ياشىغان ، سەن داۋاملىق ئىنىمنى قومۇلغا ئاپىرىۋەتمەيلى، موشۇ يەردە بىز بىلەن تۇرسۇن دىگەن چېغىڭدا سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە قەلبىڭدىكى ئاشۇ يارىلارنى كۆرگەندەك بولدۇق. قىزىم اللا خالىسا ئىنىڭنى يېنىمىزدا تۇرغۇزىمىز، ئىككىڭلار بىز بىلەن بىللە تۇرىسىلەر، سېنىڭ كىچىك چېغىڭدا بېرىپ بولالمىغان ئاتا ئانا مېھرىنى ساڭا ئەمدى تولۇقلايمىز قىزىم...
تېمىدىن سەن چەكنەپ كەتتىم ، لېكىن بۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە بولىۋاتقان رىياللىق. بولسا بالىلىرىمىزنى يېنىمىزدا ئاتا ئانا مېھرىگە قاندۇرۇپ باقايلى، چوڭلار ياشنىپ قالدى ، ئۇلارغا يەنە ئېغىرىمىزنى سالمايلى دوسلار... |
|