قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 12470|ئىنكاس: 65

قورقۇنۇچلۇق ئامرىكا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

2411

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8129
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 462
تۆھپە : 439
توردىكى ۋاقتى: 546
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 21:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى لاڭ شيەنپىڭ بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ نامىنى نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئىرەن قىلماپتىكەنمەن. بىر قېتىم نەنمىن شىنخۇا كىتابخانىسىغا كىرسەم، بىرىنچى قەۋەتتىكى تەۋسىيە قىلىنغان كىتابلار ئارىسىدا ساپلا شۇنىڭ كىتابلىرى تۇرغاندەك قىلغان. لېكىن بۇ قېتىم مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئاۋال ئاپتورنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
لاڭ شيەنپىڭ، ئىقتىسادشۇناس. 1956- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى تەيۋەننىڭ تاۋيۈەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، دادىسى گومىنداڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مايور گېنېرالى، ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بۇلار ئىلگىرى شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدى. لاڭ شيەنپىڭ ھازىر شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى شاڭخەيگە قايتىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1974- يىلدىن 1978- يىلغىچە تەيۋەن دۇڭخەي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ئىلمى تەتقىقات ئورنىدا ئاسپرانتلىقتا ئوقۇپ، 1980- يىلى ئىقتىساد ئىلمى ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ماگىستېرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، مۇخبىر بولغان. 1983- يىلى 27 يېشىدا ئانىسىنىڭ ئىشەنچ باغلىشى ۋە قوللىشى ئاستىدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ، پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتى ۋارتون سودا مەكتىپىدە پۇل – مۇئامىلە كەسپىدە ئوقۇغان. 1985- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە ماگىستېرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن، 1986- يىلى پۇل – مۇئامىلە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە مالىيە ئىلمى لېكتورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. 1987- يىلى مىچىگان شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتقا ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ يۆتكەلگەن، 1988- ئوھىئو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىتتا زىيارەتچى ياردەمچى پروفېسسور بولغان، 1989- يىلى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتىتى ستېرىن سودا مەكتىپىدە ياردەمچى پروفېسسور بولغان. 1993- يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلگەن ھەم ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچى بولغان. 1994- يىلى ئۇ بىرلا ۋاقىتتا شياڭگاڭدىكى بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى "تاشلاپ"، 38 يېشىدا شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورلۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1997- يىلى 41 يېشىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش لېكسىيە پروفىسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن (ھازىرغا قەدەر). 1998 ~ 1999- يىللىرى "نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنىڭ بۆشۈكى" دەپ ئاتالغان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زىيارەتچى پروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ ئىلگىرى يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ شىركەت تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگو بانكىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزەش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.
لاڭ شيەنپىڭ تەبىئىتىدىنلا ئوتتۇرا – تۆۋەن قاتلام خەلق ئاممىسى تەرەپتە تۇرۇپ، خەلىققە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رىئاللىقنى ئاشكارىلاپ، دادىل تەكلىپلەرنى بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، جۇڭگو ئىقتىسادى، ئۆي – مۈلۈك كەسپى، جۇڭگو مائارىپى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق جەمئىيەت قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر، ئەتراپلىق چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەكلىپلەرنى بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. ئۇ ئوچۇق نەزەرى، ئۆزگىچە تەھلىللىرى ئارقىلىق ھەر خىل ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ ھەمدە خۇددى خارۋارد پروفېسسورى گرېگورىي مانكىۋغا ئوخشاش چۈشەنگىلى بولىدىغان تىل بىلەن ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلايدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە ۋىدېئولىرى ئىنتېرنىتتە كەڭ تارقالغان بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە. 2010- يىلى 12- ئايدا ئۇ شى خەنبىڭ، يۈ جيەنرۇڭ، دەي شۇ، گو يىپىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە 300 مىڭدىن كۆپرەك تورداشلار تەرىپىدىن بىلەت تاشلىنىپ "جۇڭگو ئىنتېرنىت تورىدىكى توققۇز داڭدار شەخس" نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئۇلار جۇڭگو تۆۋەن قاتلام خەلق رايىنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى، جۇڭگودىكى ئەڭ ۋىجدانلىق زىيالىيلار دەپ قارالغان.
1. سۆۋىت ئىتتىپاقىنى جايلاش
1991- يىلى ساچىر خانىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، خيۇستوندا بىر ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ تېمىسى "بىز سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى قانداق تارمار قىلدۇق؟" بولۇپ، ئۇ مۇنداق يەكۈنلەيدۇ: "بىز يەنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قەستەن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ئېزىقتۇرۇپ، زور كۆلەمدىكى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ھەربىي سانائەت كەسپىگە سەرپ قىلغۇزۇپ، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە سۆرەپ كىردۇق. سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ئالدىدا پۈتكۈل سۆۋىت دۆلىتىنىڭ GDP سىدا ھەربىي سانائەت %70 نى ئىگىلەيتتى."
ئۇنداقتا سۆۋىت ئىتتىپاقى نېمىشقا پارچىلاندى؟
شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەربىي سانائەت پۇل تاپقىلى بولمايدىغان كەسپ. ئالايلۇق، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي زاۋۇتلىرىدا ياساپ چىقىلغان ئايروپىلان، زەمبىرەكلەر بىۋاسىتە ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاپاۋەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇششاق زاپچاسلارنى قانداق سېتىۋالىدۇ؟ ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى قانداق تارقىتىدۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ %70 GDP سى ھەربىي سانائەت تارماقلىرى تۇرسا، مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سۆزلىمەيلا قويايلى، ئەڭ ئاددىيلا ئۇقۇم، قانداق مائاش تارقىتىدۇ؟ تارقىتالمايدۇ. نېمىشقا؟ كىرىم يوق. سىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن كەلگەنلەر بۇنى ياخشى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ؟ ئىچكى قىسىمدا ھېسابات ئاغدۇرسىلا بولىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم دەيدىغان نەرسە يوق، ھەممىسى قەغەز يۈزىدىكى، ھېسابات يۈزىدىكى سانلار. ئۇنداقتا قورساقنى قانداق تويغۇزىدۇ؟ خام ماتېرىياللارنى قانداق ئىمپورت قىلىدۇ؟ چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك دېگەنلەر نەدىن كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە چەتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. مائاشنى قانداق قىلىدۇ؟ ھۆكۈمەت تارقىتىدۇ. ئەمىسە سوراپ باقاي، بۇ پۇللار نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ پۇللار پەقەتلا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكىسپورتىدىن كېلىدۇ. بىر يىلدا يارىتىلغان 30 مىليارد دوللارلىق تاشقى پرىۋوتتىن كېلىدۇ. مۇشۇ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئۇششاق زاپچاسلارنى، چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدۇ، بارلىق سۆۋىت نوپۇسىنى باقىدۇ، ھەربىي سانائەت كەسپىنى باقىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئەمىسە ھەر قايسىڭلاردىن سوراپ باقاي، ئەگەر ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۆۋىت ئىتتىپاقىنى تارمار قىلماقچى بولسا، قايسى بۆلىكىگە زەربە بېرىشى زۆرۈر؟ توغرا، نېفىت ئېكىسپورتىغا. پەقەت نېفىت ئېكىسپورتىنى بىتچىت قىلغاندىلا، سۆۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا دېگەن بۇ دۆلەت ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىرمانىيەگە تاقابىل تۇرغاندا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىر تۈرلۈك مۇتلەق مەخپىي ئاخباراتنى قولغا چۈشۈرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ناتسېستلار گىرمانىيىسى ئۇرۇشتا ۋە بارلىق يۈك ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىدىغان ماتورلارنىڭ ئىچىدىكى مەنمۇ تازا چۈشەنمەيدىغان بىر زاپچاسنىڭ، بىر ئىنتايىن زۆرۈر زاپچاسنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك گىرمانىيە ئېكسون شتاتىغا قاراشلىق بىر بازاردىكى قورال – ياراغ زاۋوتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ئىدى. ئۇ بازارنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، نەچچە مىڭلا نوپۇسى بار ئىدى. كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك بىر بازاردا بارلىق ئۇرۇش ماشىنىلىرى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ مۇھىم بىر زاپچاسى ئىشلەپچىقىرىلاتتى. مۇشۇ زاپچاس بولمىسىلا، گىرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرى يۈرۈشتىن توختايتتى. ئامېرىكا بۇ ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ، بۇ كىچىك بازارنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ تۈپتۈز قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ناتسېستلارنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۇزۇنغا بارمايلا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ بۇنى نېمە دەيمىز؟ بۇنى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تۇتۇش دەيمىز. نېمە ئۈچۈن سۆۋىتكە زەربە بېرىشتە ئاۋال نېفىت ئېكىسپورتىغا زەربە بېرىدۇ؟ مانا بۇ ماھىيەتنى تۇتۇش دىيىلىدۇ. 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئامېرىكا جەنۇبىي ياۋروپادا يېڭى بىر ئۇرۇش مەيدانى ئېچىشنى قارار قىلىپ، ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈش كېرەكمۇ ياكى يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈش كېرەكمۇ دېگەننى ئويلىشىدۇ. ئەگەر ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزسە، غەربىي ياۋروپانى ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگىلى بولاتتى. ئەگەر يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزسە، غەربىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپانىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئالغىلى بولاتتى. قائىدە بويىچە ئامېرىكا يۇگۇسلاۋىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈشى كېرەك ئىدى، توغرىمۇ؟ ئەمما ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئەڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەدىن ئەسكەر كىرگۈزۈپ، غەربىي ياۋروپانىلا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئېلىشنى قارار قىلدى. شەرقىي ياۋروپانى قوش قوللاپ سىتالىنغا بېرىۋىتىپ، غايەت زور سۆۋىت ئېمپىرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم قىلدى. ئەمما شۇ يىلدىن باشلاپلا ئامېرىكا جان – جەھلى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۇرۇشنى باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ ساچىر خانىم ئېيتقاندەك، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە توختىماي ئامېرىكا ئارمىيىسى ئانداق كۈچلىنىپ كەتتى، مانداق كۈچلىنىپ كەتتى دېگەندەك ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ئېزىقتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم بايلىقىنى ھەربىي سانائەت تارماقلىرىغا سەرپ قىلغۇزدى. ئەڭ ئاخىرىدا 80- يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە %70 GDP ھەربىي سانائەت بولۇپ، پەقەت ھەر يىلدىكى 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت ئېكىسپورتىغا تايىنىپ، كېلەڭسىز، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان ھەربىي سانائەتنى قامدىدى. تازا ئېپى كەلدى، رىگان زوڭتۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن سۆۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا يوقىتىش ئۇرۇشىنى قانات يايدۇردى. جەمئىي تۆت باسقۇچ ئارقىلىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلدى. بۇلارنى بىلمىسەك بولمايدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: 1981- يىلى رىگان زوڭتۇڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىغا قارىتا بارلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىلىرىنى قامال قىلدى. بۇ تەدبىر كۈچىنى كۆرسەتتى، چۈنكى سۆۋىتلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل نېفىت قىدىرىش تېخنىكىسى يوق ئىدى. مۇشۇ بىر تەدبىر بىلەنلا سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى نېفىتلىكلەرنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشى ئاساسەن توختىدى. ئىلگىرى سۆۋىت ئىتتىپاقى ھەر يىلى 90 توننا ئالتۇن ساتاتتى، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى كالتىكىنى يىگەندىن كېيىن، 1981- يىلى 11- ئايغىچە 240 توننا ئالتۇن سېتىپ، ئاھالىلەرگە تولۇقلىما بەردى. بۇنىڭدىن زەربىنىڭ قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا 1979- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن غەربىي ياۋروپا بىر كېلىشىم ئىمزالاپ، 3600 مېل (5760 كىلومېتىر) ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ھەر يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقىغا 32 مىليارد دوللارلىق تاشقى پرىۋوت يىغىپ بەرمەكچى بولغانىدى. 1981- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكا زوڭتۇڭى غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى تاقىغۇزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى پرىۋوتقا ئېرىشىشىنىڭ ھەر قانداق يولى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. مانا بۇ بىرىنچى باسقۇچ ئىدى. بىرىنچى باسقۇچنىڭ مەقسىتى سۆۋىت ئىتتىپاقىغا پۇل تاپىدىغان ھېچقانداق يېڭى پۇرسەت بەرمەي، ئۇنى 30 مىليارد دوللارنىڭ ئىچىدە كونترول قىلىش ئىدى.
ئىككىنچى باسقۇچ: 1982- يىلى باشلاندى. سۆۋىت ئىتتىپاقى 3600 مېللىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى غەربىي ياۋروپا بىلەن بىرلىشىپ ئاچقانلىقتىن، ياۋروپا سۆۋىت ئىتتىپاقىغا %7.8 لىك تولىمۇ ئېتىۋارلىق ئۆسۈمدە قەرز بېرىپ كېلىۋاتقانىدى، ئەمما ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى ئۆسۈم نىسبىتى %17 ئىدى. رىگان زوڭتۇڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى قامال قىلىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا غەربىي ياۋروپاغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر سىلەر ئۆسۈم نىسبىتىنى %17 كە كۆتۈرمىسەڭلار، ياۋروپا بانكىلىرى ئامېرىكا بانكىلىرى بىلەن سودا قىلسا بولمايدۇ دېدى. بۇ تەھدىت بەكمۇ چوڭ بولدى، ئامېرىكا بانكىلىرى بىلەن سودا قىلماسلىق قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ شۇنداق قىلىپ ياۋروپا باش ئەگدى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدىن ئالىدىغان قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %7.8 تىن بىر كېچىدىلا %17 كە ئۆزگەردى. شۇنداق قىلىپ 1982- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېسىلدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: بۇ ئەڭ ۋەھشىي. 1985- يىلى ئامېرىكا سەئۇدى پادىشاھىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: سىلەرنىڭ سەئۇدىنى كونترول قىلىشىڭلار ئەڭ قالاق باشقۇرۇش ئۇسۇلى، يەنى جەمەت مونوپوللۇقىدۇر. سىلەر ئەتراپىڭلاردىكى پادىشاھلىقلاردەك ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەي، سەئۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى ئويلىساڭلار، بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلىڭلار دېدى. سەئۇدى پادىشاھى جىددىيلىشىپ: بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا مۇھتاج، سىلەر بىزدىن نېمىنى كۈتىسىلەر؟ دىدى. ئامېرىكا سەئۇدىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇپ، 1985- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ھەر كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى 9 مىليون تۇڭغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تارىختا رېكورد يارىتىلدى. نېفىت باھاسى ئەينى ۋاقىتتىكى ھەر تۇڭى 35 دوللاردىن شىددەت بىلەن 12 دوللارغا چۈشتى. نېفىت باھاسى بىر چۈشۈپلا، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكسپورتى تېزلا زەربىگە ئۇچرىدى، ھەر يىلقى نېفىت ئېكسپورتى 10 مىليارد دوللار ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن 30 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللار ئازىيىپ، يەنە 20 مىليارد دوللار قىپ قالدى، بۇ ساننى ئەستە تۇتۇڭلار.
تۆتىنچى باسقۇچ: ئامېرىكا دوللارنىڭ قىممىتىنى %25 چۈشۈرۈشنى قارار قىلدى. سەئۇدىنىڭ نېفىت باھاسىدا تارتقان زىيىنىنى تولۇقلاپ بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بەيكىر ئىشتىن ئاۋال سەئۇدى تەرەپكە بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەئۇدى تەرەپ ئىلكىدىكى دوللارنى پاكىز سېتىۋىتىپ، 20 مىليارد دوللار پايدا ئالىدۇ. لېكىن دوللار كۇرسىنىڭ %25 چۈشۈشىنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ بۇ سۆۋىت تەرەپنىڭ ئېشىپ قالغان 20 مىليارد دوللار يىللىق كىرىمىنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىمۇ %25 ئازلايدۇ دېگەنلىك، توغرىمۇ؟ شۇنىڭ قىلىپ 15 مىليارد دوللارلا قالدى. ئاندىن كېيىنچۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا سۆۋىت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنىدى، ئامېرىكا ئافغانىستان قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيىسىگە ھەر خىل قوراللارنى تەمىنلەپ، سۆۋىتلىكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ھەر يىلىغا بەش مىليارد دوللار ھەربىي خىراجەت ئاجرىتىشقا مەجبۇر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 15 مىليارد دوللاردىن يەنە بەش مىليارد دوللار ئازىيىپ، پەقەت 10 مىليارد دوللارلا قالدى. تۈگەشتى! نېمىشقا تۈگەشتى دەيمىز؟ چۈنكى سۆۋىت ئىتتىپاقى ھەر يىلى 20 مىليارد دوللار خەجلەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىپ، سۆۋىت پۇقرالىرىنى بېقىشى، يەنە 10 مىليارد دوللار خەجلەپ، ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ئۇششاق زاپچاسلارنى سېتىۋىلىپ، بارلىق ھەربىي قىسىملارنى تەمىنلىشى كېرەك ئىدى. ھازىر پەقەت 10 مىليارد دوللارلا قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى – چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك دېگەنلەرنى سېتىۋالالمايدۇ، ئەڭ ئاخىرقى نېفىتقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىپ، جىددىي قۇتقۇزمىغان بولسا، سۆۋىتلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىدا 10 مىليارد دوللارنىڭ ھەممىسىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشقا ئىشلەتتى. شۇڭا سۆۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىۋاتقان چاغلاردا پۈتكۈل دۆلەتتە چىش پاستىسى، سوپۇن – پاراشوك تاپماق تەس بولدى، كىشىلەر قانداق كۈن ئۆتكۈزدى؟ بارلىق ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار ھەرىكەتكە كېلەلمىدى، نېمىشقا؟ ئۇششاق زاپچاسلار كەمچىل! شۇنىڭدىن كېيىنلا سۆۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇشقا باشلىدى! نېمىشقا؟ چۈنكى ئىقتىسادنىڭ %70 ى ھەربىي سانائەت بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يوق ئىدى! 1990- يىلى سۆۋىت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ GDP سىدا ھەربىي سانائەت دەرھاللا قىسقاردى، GDP بىر كېچىدىلا %70 ئازىيىپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى مىكسىكىنىڭكىگە تەڭلىشىپ قالدى. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا سۆۋىت دۆلىتىنىڭ گۇمران بولۇش جەريانى.
2. جۇڭگو ئىقتىسادىغا نېمە بولدى؟
ھازىر دۇنيا بويىچە پەقەت جۇڭگودىلا غەلىتە بىر ئەھۋال مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ مەبلەغ سېلىش بازىرىدا سوۋۇش – قىزىش ئالامەتلىرىنىڭ ئارىلاش كۆرۈلۈشى. سوۋۇش دېگەن نېمە؟ پاي چېكىنىڭ چۈشۈشى. ھېچقانداق دۆلەتنىڭ پاي بازىرى جۇڭگونىڭكىدەك بۇنداق ئۇدا تۆۋەنلەپ باقمىغان. 4- ئايدىن باشلاپ چۈشۈپ، تۈنۈگۈن 2313 نۇقتىغا، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. بۇ جەرياندا ئاساسەن ئۆرلەپ باقمىدى. باشقا بازارلارچۇ؟ ئۆي بازىرى، ماشىنا بازىرى، زىبۇ – زىننەت بازىرى، سەنئەت بۇيۇملىرى بازىرى ئىزچىل قىزىپ كېتىۋاتىدۇ. سوۋۇش – قىزىشنىڭ بۇنداق تەڭلا مەۋجۇت بولۇشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىز ھەممىمىز كېسەل بولۇپ باققان. ئاغرىپ قالغاندا قانداق سىزىم بولىدۇ؟ پېشانىمىزنى تۇتساق قىززىق، ئەمما ئۆزىمىز مۇزلاپ، تىترەپ تۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن يوتقاننى قېلىن يۆگەپ ياتىمىز. مانا بۇ كېسەللىك ئالامىتى. بىر دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش بازىرىدا سوۋۇش – قىزىش ئالامەتلىرىنىڭ ئارىلاش كۆرۈلۈشى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر كېسەل پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆردۈم، GDP نىڭ ئۆسۈشى %9.1، پۇل پاخاللىقى %6.2 ئىكەن. بىزنىڭ ھېسابلىشىمىزچە GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يالغان، پۇل پاخاللىقىمۇ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %16 بولۇشى كېرەك. بوپتۇ شۇ سانلارنى راست دەپمۇ تۇرايلى، GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى چىقىرىۋەتسەك، پارتىيىنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلىنىپ ھېسابلىساقمۇ، ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى %3 كە يەتمەيدۇ. بۇ سانلار بىلەن سىلەرنى كولدۇرلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مېنى موتورولا قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى مەن دىگەن مۇتەخەسىس. ئەگەر پۇل پاخاللىقى %16 بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئەمەلىي ئۆسۈش نىسبىتى مىنۇس يەتتە بولىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋال مانا مۇشۇنداق ئېغىر! نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى خۇددى قىزىتمىسى يۇقىرى، ئەمما پۈتۈن بەدىنى تىترەپ تۇرغان بىمارغا توختىماي قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى يىگۈزگەنگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىقلا سەكراتقا چۈشۈش بولىدۇ. چۈنكى سەن كېسەل داۋالاۋاتقىنىڭ يوق. مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەھۋال.
ئەمىسە دەپ بېقىڭلار، ھۆكۈمەت نېمىشقا ھەر دائىم قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىلا بېرىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ، بىلمەيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمىز، لېكىن ئۇلار تېخى ئەنسىرىمىدى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا مەن بۇنى مۆلچەرلىگەنىدىم. ھازىر ھەممىسى راست بولۇپ چىقتى. بىر جۈملە گەپنىمۇ خاتا قىلماپتىمەن، ھەممىسى ئىسپاتلاندى. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادى ئىنتايىن خەتەرلىك يار لىۋىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق دىيىشكە نېمە ئاساسىڭ بار دىيىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ گەپ قىلىدىغان ئادەم. ياساش كەسپىدىكى دىرىكتورلارنىڭ مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. بۇ كۆرسەتكۈچ 50 تىن يۇقىرى بولسا ئىقتىسادنىڭ نورمال ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، 50 تىن تۆۋەن بولسا كاساتلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو، ئامېرىكا، ياۋروپا ئۈچ گەۋدىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ كاساتلىشىشقا ماڭغىنى قايسى؟ سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، 7- ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا باشلامچى بولۇپ، پەسكە قاراپ ماڭدى. بۇنى سىلەر بىلمەيسىلەرغۇ دەيمەن. چۈنكى خەۋەر بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. ھەممىڭلار كاساتلاشقىنى جۇڭگو ئەمەس، ئامېرىكا دەيسىلەرغۇ دەيمەن. ئامېرىكىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەزەلدىن 60 تىن چۈشۈپ باقمىدى. بىز ئامېرىكا ئانداق بوپكەتتى، مانداق بوپكەتتى دەيمىز. چۈنكى ئامېرىكىنىڭ مېدىيالىرى پەقەت سەلبىي خەۋەرلەرنىلا تارقىتىدۇ، بىزنىڭ مېدىيالىرىمىز بولسا ئىجابىي خەۋەرلەرنىلا تارقىتىدۇ. مانا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقى.
7- ئايدىن باشلاپ جۇڭگودىكى ياساش كەسپى دىرىكتورلىرىنىڭ مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچى 50 تىن چۈشۈپ كېتىشكە باشلىدى. ھازىر پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونى قۇرۇغداۋاتىدۇ. شياڭگاڭدىكى بانكىلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 4 ھەسسە، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بانكىلارنىڭ 5 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل – مۇئامىلە بوران – چاپقۇنىنىڭ ئالامەتلىرى. جۇڭگونىڭ پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى 2013- يىلى يۈز بېرىدۇ. مەنمۇ بۇ نەرسىلەرنى سۆزلەشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. كۆپچىلىك ھەممىمىز جۇڭگولۇق، ھەر بىرىمىز دۆلەتنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشلار بۇ باسقۇچقا يەتكەندە قاتتىق ئېچىنماي تۇرالمايمەن. بىلەمسىلەر نېمىشقا؟ ھەر قېتىم مەن ھۆكۈمەتكە قانداق چاتاقلارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇردۇم. ئۇلار ئاڭلىمىدى. نېمىشقا؟ بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ھوقۇقنىڭ تەكەببۇرلۇقىدا ھەر قانداق قارشى پىكىرگە قۇلاق سالمايدۇ. سەن ئۇنىڭغا قوشۇلماي گەپ قىلساڭ، ماڭا قارشى چىقتى دەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر بىلەن دوست بولغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇلار ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ، كېلىپ دەرس ئاڭلىمايدۇ. سەن ئىقتىسادقا قانداق تاقابىل تۇرماقچى؟ شۇنداق ئاسان ئىش بارمىكەن؟ ياساش كەسپىنىڭ بۇ يىلقى مال سېتىۋىلىش كۆرسەتكۈچىنىڭ 50 تىن تۆۋەن بولۇشىغا قاراپلا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا مەسىلە بار دىگىلى بولامدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەن يەنە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بىللە يىغلايلى!
ئىقتىساد كۆزەتكۈچىسى گېزىتىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جياڭسۇ – جېجياڭ – شاڭخەي رايونىدىكى كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى 1/3گە يەتمىگەن، پلاستىك ماتېرىياللار سانائىتىنىڭ %50 كە، كاۋچۇك – رېزىنكە سانائىتىنىڭ %60 كە، پۇرچاق مېيى كەسپىنىڭ %30 كە يەتمىگەن. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىشلەپ چىققان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەينىڭ خۇرۇم شەھەرچىسىدىكى خۇرۇم پىششىقلايدىغان زاۋۇتلارنىڭ %60 ى ئىش توختاتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر بىر نەچچە رايوندا پات - پات توك ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتىدۇ. سىلەرچە ئىقتىساد گۈللىنىپ كېتىپ، توك يېتىشمەيۋاتامدىغاندۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى توك تارقىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. بىز ئىشلىگەن ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بايقىشىمىزچە، جۇڭگونىڭ ئومۇمىي گېنىراتورلار سىغىمچانلىقى 916 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. ئەمما نۆۋەتتە تارقىتىۋاتقان توك پەقەتلا %40. نېمىشقا؟ چۈنكى ئىقتىساد كاساتلاشقان، جىق توكقا ئېھتىياج يوق. نېمە ئۈچۈن يەنە توك توختاش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى توك تارقىتىشنى خالىمايۋاتىدۇ. تارقاتقانسىرى زىيان تارتىۋاتىدۇ. مانا بۇ گۈيجۇ، يۈننەن، سەنشى قاتارلىق جايلاردا توك ئۆكسۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبى. يەنە تۆمۈر رۇدىسىمۇ بار، 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى پورتلىرىدا بېسىلىپ قالغان تۆمۈر رۇدىسى 98 مىليون 900 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى قېتىملىق پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى مەزگىلىدىكى 70 مىليون 980 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ رەقەملەرنىڭ ھەممىسى ياساش كەسپىگە ئالاقىدار رەقەملەر، سىلەرگە دەۋەتتىم. جۇڭگو ئىقتىسادى ئاللىقاچان كاساتلاشتى، بۇ ۋىن جياباۋنىڭ يېقىندا نېمە ئۈچۈن توختىماي جېجياڭغا تەكشۈرۈشكە بارغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئۇ تېخى يېقىندىلا چۈشەندى، ئىشىنەمسىلەر؟ تېخى مۇشۇ ھەپتىدىلا چۈشەندى. بايا ئوقۇپ بەرگەن سانلىق مەلۇماتلار سەكراتقا چۈشكەنلىكنىڭ نەتىجىسى. ئەمدى سوراڭلار، جۇڭگو ئىقتىسادى قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ھىلىقىدەك قىزىش – سوۋۇش تەڭلا مەۋجۇت بولىدىغان ھادىسە كۆرۈلۈۋاتىدۇ؟ بۇ بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان دەرسنىڭ باش تېمىسى. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بۇ كېسەل ياساش كەسپى كرىزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ياساش كەسپىگە كېسەل تەككەنلىكتىن، توك تارقىتىش %40 كە يەتمەيۋاتىدۇ، يەنە بايىقىدەك بىر قاتار سەلبىي مەلۇماتلار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى دەرس ئادەتتىكى ئاشكارا نۇتۇق ئەمەس، بۈگۈن سىلەرگە ئوبدان ساۋاق بېرىپ قوياي دەيمەن. سىلەردىن سوراي، بىز نېمىشقا مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدۇق؟ تۆۋەندە سىلەرگە سىلەر ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان سەۋەب – نەتىجە نەزەرىيەسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، يەنە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلايمەن.
2010- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ GDP سىدا %70 نى ئىگىلەيدىغىنى پولات چىۋىق بىلەن سېمونت، يەنى سىلەر كۆرۈۋاتقان ھەر تۈرلۈك تۆمۈريول، ئايروپورت، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەنلەر. بۇ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتى. ئەمدى سىلەردىن سوراي، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 10 يىلغىچە پايدا يارىتالامدۇ؟ توغرا، يارىتالمايدۇ. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولامدۇ؟ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى بايلىق يارىتالمايدۇ. قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۇنى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەسەبىيلەرچە مانا مۇشۇنداق قۇرۇلۇشلارنى قىلدى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ پۇلى نەدىن كېلىدۇ؟ ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش قىلسا، تارقاتقان مائاش نەدىن كېلىدۇ؟ خام ماتېرىياللارنى قانداق ئىمپورت قىلىدۇ؟ سىلەرگە دەي، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياساش كەسپىدىكىلەردىن يىغىدىغان باجدىن كېلىدۇ، ياساش كەسپىدىكىلەر ياراتقان ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پرىۋوتتىن كېلىدۇ. سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ %70 GDP سى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان ھەربىي سانائەت بولۇپ، ھەر يىلىدىكى 30 مىليارد دوللارلىق نېفىت ئېكسپورتىدىن كىرگەن تاشقى پرىۋوتقا تايىناتتى. ئەمدى جۇڭگونىڭ %70 GDP سى ئوخشاشلا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان پولات چىۋىق ۋە سېمونت بولۇپ، جۇڭگودىكى ياساش كەسپىدىكىلەر تەمىنلىگەن باج ۋە تاشقى پرىۋوتقا تايىنىدىغان بولدى. ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار، سۆۋىت ئىتتىپاقىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن نېفىت ئېكسپورتىنى بىتچىت قىلىش كېرەك ئىدى، توغرىمۇ؟ ئەگەر ئامېرىكا جۇڭگونى ۋەيران قىلماقچى بولسا، قايسى بۆلىكىنى بىتچىت قىلىشى كېرەك؟ توغرا، ياساش كەسپىنى!
بۈگۈن نېمە ئۈچۈن قىزىش – سوۋۇش تەڭلا مەۋجۇت بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟ چۈنكى ياساش كەسپى كرىزىسى باشلاندى. كۆپچىلىك بۈگۈن بىللە يىغلايلى! ئەمەلىيەتتە مەن بۇ گەپنى ئاللىقاچان ھۆكۈمەتكە ئېيتتىم، ئۇلار ئاڭلىمىدى. نېمە ئامال؟ تارىخشۇناسلار سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرىنى قانداق خۇلاسىلىدى؟ سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. ئۇلار دېدىكى، سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى – سۆۋىت رەھبەرلىرىنىڭ قارا قورساقلىقىدۇر! نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ چۈنكى ئۇلار دۆلەت ئىقتىسادىنى چۈشەنمىگەن. ئەمدى قاراپ باقايلى، %70 GDP سى پولات چىۋىق ۋە سېمونت بولغان جۇڭگو ياساش كەسپىدىكىلەرگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەكتە. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە قانداق زەربە بەرگەنلىكىگە قارايلى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ئاللىقاچان غەلىبە قىلايلا دەپ قالدى. مەن بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمنى كۆرسەتتىم، ئالاقە يوللىرىمدىن پايدىلىنىپ، رەھبەرلەرگە ئېيتتىم، كىتاب يېزىپ، تەشۋىق قىلدىم. ياساش كەسپى جۇڭگونىڭ جان تومۇرى ئىدى. ئۇلار چۈشەنمىدى، ئامال يوق. ھازىرقى سىياسەتلەر ھە، ئاناڭنى ھەممىسى ياساش كەسپىگە زەربە بېرىۋاتىدۇ. سىلەر دۆلەت كارخانىلىرىدىن كەلگەنلەر كۈنۈڭلار ھەر ھالدا ياخشى، ماۋۇ پۇقراۋى كارخانىلاردىن كەلگەنلەرنىڭ ھالى خاراپ. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، تۆۋەندىكى سۆزلىرىمگە دىققەت قىلىڭلار. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن قانداق زەربە بەرگەنلىكىنى سۆزلەيمەن. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يىغلاڭلار!
بىرىنچى باسقۇچ: 30 يىل ئىلگىرىكى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش بىلەن باشلانغان. بۇ يەردە ئىزچىللىق توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە يېڭى بىر شۇجى ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بولمىسا سەۋىيىسىنى چىقارغاندەك بولمايدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىمۇ ئاۋال بار پۇلنى پاكىز خەجلىۋىتىپ ئاندىن بىر نەرسە دەي، مەندىن كېيىنكىسى نېمە بولسا بولمامدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن قاراپ بېقىڭلار، ئامېرىكا جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىللىقنى ساقلايدۇ. بىر ئىلمىي فانتازىيىلىك روماندا ھەر بىر زوڭتۇڭ تەختتىن چۈشكەندە بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك زوڭتۇڭغا تاپشۇرىدۇ دېيىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئىزچىللىقىدىن قارىغاندا بىزنىڭ بۇ گەپتىن گۇمانلىنىشقا ھەققىمىز يوق. بولۇپمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ئاجايىپ ئىزچىل! 30 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا بىرىنچى باسقۇچنى باشلاپ، خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ شوئار ئېسىڭلاردىمۇ؟ نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا ياساش كەسپىنى قىلىپ باققان بولساڭلار بۇنى بىلىسىلەر. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن نېمە؟ ئېسىڭلاردىمۇ؟ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ قىلىدىغىنى نېمە؟ ياساش! بىز ئاخىرى ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئار ئاستىدا بىز ياساش كەسپىنىڭ باشقا غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى ياۋروپا – ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈۋەتتۇق. توغرىدۇ؟ بۇلار 1- مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى؛ 2- ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار؛ 3- ئەشيا ئوبوروت يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوش قوللاپ ياۋروپا – ئامېرىكىغا بېرىۋىتىپ، ئۆزىمىز پەخىرلەنگەن ھالدا ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. بۇنىڭدا مەسىلە بارمۇ؟ مەسىلە چوڭ. چۈنكى كىم ياساش كەسپىنىڭ باشقا ئۈچ غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى كونترول قىلسا، شۇ ياساش كەسپىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلالايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياساش كەسپىنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشى ئىنتايىن جاپالىق. سىلەر ياساش كەسپىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلار بۇنى ئۇقىسىلەر. ياساش كەسپى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان گەپ، ئىنتايىن زىرىكىشلىك. مىڭ تەستە مەھسۇلاتنى چىقىرىپ قارىساڭ، باھادا سېنىڭ دىگىنىڭ ھېساب ئەمەس. بىر ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق! بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ سىنىڭ پايداڭ تەبىئىيلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، باشقا نەتىجە يوق. سىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئايفوننى مىسالغا ئالايلى، كۆپچىلىك ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، بىر دانە ئايفوندا ئالما شىركىتى 1- ھالقا (مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى) ۋە 3- ھالقا (ئەشيا ئوبوروت يولى) نى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا بىر دانە ئايفون ئالما شىركىتىگە 360 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. 2- ھالقا (ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار) نى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن قاتارلىقلار كونترول قىلىدۇ. بۇ 187 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ جۇڭگو قىلىۋاتقان ياساش كەسپىچۇ؟ فۇشىكاڭنى مىسالغا ئالساقمۇ بولىدۇ، سىلەر فۇشىكاڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىسىلەر، شۇنداققۇ؟ فۇشىكاڭ، گۇاڭدا، يىڭيېدا ئۈچى ئاساسەن ئالمىنىڭ ئايفون، ئايپەد، ئايمەك، ئايپاد دېگەندەك مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمىسە فۇشىكاڭ ئايفون ياساپ قانچە پۇل تېپىۋاتىدۇ؟ 6.54 دوللار! يەنى ئالمىنىڭ 1- ھالقا بىلەن 3- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 60 ھەسسە كۆپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭ 2- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 30 ھەسسە كۆپ. فۇشىكاڭ تاپقان 6.54 دوللاردىن بارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتسەك، پايدىسى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى. 2003- يىلىغا كەلگەندە ياساش كەسپىنىڭ يامان سۈپەتلىك رىقابىتى باشلىنىپ، پايدا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن سۇناينى مىسالغا ئالساق، بىر سۇناي ئاران بىر مو (خەلق پۇلى) پايدا قىلىدۇ. يەنە سىلەرنىڭ ئېغىر سانائەتمۇ بار. چىرۈي پىكاۋىنى مىسالغا ئالساق، ئاشۇنداق مۇرەككەپ ئىش تەرتىپلىرى بىلەن مىڭ تەستە بىر پىكاپنى ياساپ چىقساڭ، 132 يۈەن پايدا قىلىدۇ، توغرىمۇ؟ ۋىيچەي ماتورلىرىچۇ؟ بۇنى دىسەم سەكرەپ كېتىسىلەر. بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ماتورى ئاران 50 يۈەن پايدا قىلىدۇ. مۇشۇنداق ياساش كەسپىنىڭ سىلەرچە يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ شۇنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش قورالى سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا زەربە بەرگەنگە ئوخشىمايدۇ. بۇ باشقا بىر خىل ئۇرۇش، باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشى! بىرىنچى باسقۇچتىكى باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى.
ياساش كەسپىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقىمىز يوقكەن، ئۇنداقتا كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك كەسپلىرىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقىمىز بارمۇ؟ يەنىلا يوق، نېمىشقا؟ چۈنكى بىز بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى چۈشەنمەيمىز. بۈگۈن دۆلەت كارخانىلىرىدىن نۇرغۇن خادىملار كەپتۇ، بىز بۇ پۇرسەتتە كانچىلىق ئىشلىرىنىڭ پارىڭىنى قىلىشايلى. بىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىمىز چەتئەلدىن كان سېتىۋىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. ئالدىنقى قېتىم خۇنەندە سۆزلىگەندە، لىكسىيەدىن كېيىنكى تاماق ۋاقتىدا خۇالىڭ پولات زاۋۇتىنىڭ بىر نەچچە باشلىقلىرى يېنىمغا كېلىپ، بۇرۇنراق دېمەمتىڭىز، بىلگەن بولساق، ئاۋسترالىيە تۆمۈر كېنىنى سېتىۋالمايتتۇق دېيىشتى. مەن ئۇلارغا كۆپرەك ئۆگەنسەڭلار بىلەتتىڭلار، ئۆگەنمەيسىلەر ئەمەسمۇ دېدىم. ھەر قايسىڭلارنىڭ كونا مۇقامغا قايتا دەسسىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە يىپيېڭى پىكىر يولىنى ئېيتىپ بېرىمەن. گېپىمنى ئەستە تۇتۇڭلار، كاننى نەدىن سېتىۋىلىش مۇھىم ئەمەس، ئەمىسە نېمە مۇھىم؟ باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم.
جۇڭگو نېفىت شىركىتىنى مىسالغا ئالايلى، ئۇلار ئىراق نېفىتلىكىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئاچىدىغان بولدۇق دەپ پو ئاتتى. بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭلار باردۇ؟ ئويلاپ بېقىڭلار، ئىراقتەك مۇشۇنداق چوڭ دۆلەت، يەنە كېلىپ ئامېرىكا كونترول قىلىدىغان دۆلەت، نېفىت ئاچىدىغان ئىشنى جۇڭگو نېفىت شىركىتىگە شۇنداق ئاسان تۇتقۇزۇپ قويارمۇ؟ بېشىڭدا ئەمەس، قۇڭاڭدا ئويلىساڭمۇ بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسەن. "جۇڭگو نېفىتى" سەن پو ئاتقاندا پېقىر لاڭ شيەنپىڭنىڭ سىنى تەتقىق قىلىشىدىن قورقمىدىڭمۇ؟ دەرۋەقە تەتقىقاتىم ئاياقلىشىپ، تېلېۋىزوردا بىر كۆرسىتىلىۋىدى، ئۇلارنىڭ زۇۋانى ئۆچۈپ، قايتا پو ئاتماس بولدى. "جۇڭگو نېفىتى" نىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ "جۇڭگو نېفىتى" بىز ئىراقتىكى بىر نېفىتلىكنى مۇستەقىل ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۇق دېدى. ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ بىزنى قانداق ئويناتقانلىقىغا قارايلى. ئىراق ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، نېفىتلىكنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنىڭ ئىلگىرىكى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ھازىرقىسى ھاۋالە بىلەن ئىشلەپچىقىرىش. ئىراقنىڭ بارلىق نېفىتلىكلىرىنى ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتى كونترول قىلىدۇ. خېرىدار چاقىرىش دېگەنلىك – چەتئەل شىركىتى بارلىق مەبلەغ، تېخنىكا، خادىم، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزى چىقىرىپ، ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە ياردەملىشىپ نېفىت قازىدۇ، ئاندىن پەقەت شۇ شىركەتكىلا سېتىپ بېرىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچىسى "جۇڭگو نېفىتى" بىلەن ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى بىرلىكتە قويغان باھا بولۇپ، بىر تۇڭ نېفىتنى قېزىپ، قانچىلىك باھادا ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭلار. 3.99 دوللار! ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتى تېخى بۇ باھانىمۇ رەت قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى باھانى كىم قويدى؟ جۇڭگو نېفىت شىركىتى، بىر تۇڭى 2 دوللار! دېھقان ئىشلەمچىلەردىنمۇ ئېچىنىشلىق! تەننەرخىغىمۇ يەتمەيدۇ. بىزنىڭ پۇقرالار بېرىپ "جۇڭگو نېفىتى" گە تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ. سىلەر ئېغىر سانائەتنىڭ ئادەملىرى بىلىسىلەر. ئىراقتا بىر تۇڭ نېفىت قېزىشنىڭ تەننەرخى 4 دوللاردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما جۇڭگو نېفىت شىركىتى ئادەم كۈچى، ئۈسكۈنە، كاپىتال، كۆچمە مەبلەغ چىقىرىپ نېفىت قازغاندىن كېيىن، بىر تۇڭىنى 2 دوللاردىن ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىگە سېتىپ بېرىدۇ. چۈنكى سەندە باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىلىقلار بىزنى قانداق ئوينىتىشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئىراق جەنۇب نېفىت شىركىتىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، بىر تۇڭىنى 3 دوللاردىن ئېلىپ كېتىدۇ. ئاندىن 120 دوللار باھادا جۇڭگولۇقلارغا سېتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ "جۇڭگو نېفىتى" نىڭ ئۆز ئالدىغا نېفىت قېزىش ھوقۇقى! ئامېرىكىلىقلار نېفىت قېزىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا بېكىتىش ھوقۇقى. ئۇلار جەنۇب نېفىت شىركىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، باھا بېكىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
يەنە جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ ئۇلار بىز كانادانىڭ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالىدىغان بولدۇق دەپ پو ئاتتى. ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي، سىلەرچە كانادا ھۆكۈمىتى قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟ ئۇلار قارشى ئالىمىز دېدى. بىز چوقۇم ئەجەبلىنىمىز، دۆلەت بايلىقى ئەمەسمۇ، قانداقسىگە چەتئەل شىركىتىگە ساتقۇدەك؟ كۆپچىلىك، ئەمدى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلار بايلىقنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، كۆڭۈل بۆلىدىغىنى باھا بېكىتىش ھوقۇقى! مەن بۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، مەن سۆزلەشكە ئەڭ سالاھىيەتلىك ئادەم. كانادانىڭ قانۇنىدا بۇ ئۈچ كالىي كېنى دۆلەت ئىچىگە قارىتا چوقۇم باھا چۈشۈرۈپ رىقابەتلىشىشى، دۆلەت سىرتىغا قارىتا چوقۇم ھەر بىرى ئۈچتىن بىر قىسىم مەبلەغ چىقىرىپ، بىرلەشمە توشۇپ سېتىش شىركىتى - كامفورتىسنى قۇرۇپ بايلىقنى مونوپول قىلىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن. مەقسەت كانادا پۇقرالىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كالىينىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلىش. شۇڭا بۇ ئۈچ كالىي كېنى ساڭا ئايرىم ھالدا بىر نەرسە ساتالمايدۇ، چوقۇم بىرلەشمە توشۇپ سېتىش شىركىتى ئارقىلىق خەلقئارالىق باھادا ساتىدۇ. ئەمىسە كانادا ھۆكۈمىتى نېمىشقا بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ سېتىۋىلىشىغا يول قويىدۇ؟ چۈنكى كانادانىڭ قانۇنى بويىچە ئەگەر جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالسا، دۆلەت ئىچىگە قارىتا باھا چۈشۈرۈپ رىقابەتلىشىشى شەرت، شۇنىڭ بىلەن كانادا ھۆكۈمىتى تۆۋەن باھادا سېتىۋىلىپ، كامفورتىسقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاپىرىپ جۇڭگولۇقلارغا يۇقىرى باھادا ساتىدۇ. جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ئەڭ چوڭ پايچىك سالاھىيىتىدە كامفورتىسنى ئاسانلا كونترول قىلىۋالمايدۇ دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، 1985- يىلى كانادادا بىر تۈرلۈك رىقابەت كۈچى قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 5- ماددا 15- تارماققا ئاساسلانغاندا، ئەگەر جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ ئۈچ كالىي كېنىنى سېتىۋالسا، كامفورتىسنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق قىلمىشى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى 14 يىل كېسىلىدۇ، 200 مىليون كانادا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ. شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسى ھەر قانداق چەتئەل مەبلىغىنىڭ كالىي كانلىرىنى سېتىۋىلىپ، كامفورتىسنى كونترول قىلىش غەرەزلىرىنى قانۇنىي شەكىلدە توسۇۋەتكەن. جۇڭگو خېمىيە سانائەت گۇرۇھى بۇ كانلارنى سېتىۋالسا بىرلا ئىشنى قىلالايدۇ، ئۇ بولسىمۇ قېزىپ چىقارغان كالىينى تۆۋەن باھادا كانادا ھۆكۈمىتىگە سېتىپ بېرىش. سەن كامفورتىسقا ھەمتاۋاق بولالمايسەن، ئەڭ ئاخىرىدا كانادا ھۆكۈمىتى كامفورتىس شىركىتى ئارقىلىق يۇقىرى باھادا جۇڭگوغا ساتىدۇ. "جۇڭگو نېفىتى" بىلەن ئوپئوخشاش.
بۇلار ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق نېفىت ۋە كالىينى كونترول قىلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى. كان بايلىقلىرىنى سېتىۋالماقچى بولغانلار دۆلەت ئىچىدە ئوينىساڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئەمما چەتئەلدە ئوينىماقچى بولساڭلار، ئاقمايدۇ. تۆۋەندە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى چۈشەنمەسلىكنىڭ نەتىجىسىنى سىرەك داڭگالنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمەن. دىڭ شياۋپىڭ ئىلگىرى "ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بولسا، جۇڭگودا سىرەك داڭگال بار" دېگەن. بۇنىڭدا نېمە دېمەكچى بولغىنى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. لېكىن ئۇ يەنە بىر جۈملە گەپنى ئېيتمىغان، مەن ئۇنىڭ ئورنىدا دەپ قوياي، ئوتتۇرا شەرقمۇ نوچى، جۇڭگومۇ نوچى، ئەمما ھەر ئىككىلىسىدە يوق باھا بېكىتىش ھوقۇقى! سىرەك داڭگالنىڭ گېپىگە كېلەيلى. 1990- يىلى جۇڭگونىڭ سىرەك داڭگىلى يەر شارى سىرەك داڭگال زاپاس مىقدارىنىڭ %80 نى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %96 نى ئىگىلىگەن. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر مونوپولچى بولغاچقا، باھادا بىزنىڭكىلەرنىڭ ھېساب بولۇشى كېرەك ئىدى. گو تەيمىڭ ئايفون ياساپ، باھا بېكىتىش ھوقۇقى بولمىسا توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ، نېمىشقا؟ چۈنكى سەن مونوپولچى ئەمەس. فۇشىكاڭ قىلمىسا، گۇاڭدا قىلسىمۇ بولىدۇ، يىڭيېدا قىلسىمۇ بولىدۇ. ۋاھ دەپ كەتكۈدەك ئىش يوق. بىراق سىرەك داڭگالدىچۇ؟ يەنىلا بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس. ھەتتا سىرەك داڭگالنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنىمۇ ئامېرىكا، ياپونىيە كونترول قىلىدۇ! ئىندىينى مىسالغا ئالايلى. سىرەك داڭگال تەركىبىدە 17 خىل ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئىندىي شۇلارنىڭ بىرى. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئوقبېشى، يەنە سۇيۇق كرىستاللىق ئېكران دېگەندەكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. زاپاس مىقدارى ئاران 16000 توننا بولۇپ، ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارىدىن كۆپ ئاز. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، زاپاس مىقدارى ئالتۇننىڭكىدىن ئاز، ئىشلىتىلىشى ئالتۇننىڭكىدىن كۆپ بولغاندىكىن، ئالتۇندىن قىممەت بولۇشى كېرەك ئىدى. بىر توننا ئالتۇننى 50 مىليون دوللارغا ساتقىلى بولىدۇ. ئەمما بىر توننا ئىندىينى قانچە پۇلغا سېتىۋاتىمىز؟ ئاران 3 مىليون دوللارغا! ياپونلۇقلارنىڭ بىزنى قانچىلىك بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بىر توننىسى 3 مىليون دوللارلىق باھادا ئىندىينى ئېلىپ كېتىپ، پىششىقلاپ مەھسۇلات چىقىرىپ، ئون ھەسسە باھادا بىزگە سېتىۋاتىدۇ. بىر نەچچە يىلدىن بېرى پۈتۈن دۇنيادا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈۋاتىدۇ، ئەمما پەقەت بىر خىل بايلىقنىڭ باھاسى چۈشۈۋاتىدۇ. ئۇ نېمە؟ سىرەك داڭگال. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو سىرەك داڭگىلىنىڭ باھاسى 1990- يىلىدىكىنىڭ %64 گە چۈشۈپ قالدى، پەقەت مۇشۇ بىر خىل تەبىئىي بايلىقنىڭ باھاسىلا چۈشتى، قالغان ھەممىسى ئۆرلىدى. باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى چۈشەنمەيدىغان دۆلەتنىڭ سەۋىيىسى مۇشۇنچىلىك! نېمىشقا كونترول قىلىشنى كانادا، ئامېرىكىلاردىن ئۆگەنمەيسەن؟ ئىندىينىڭ تەمىنلەش مىقدارىنى كونترول قىلغىلى بولمامدۇ؟ سىلەرگە ئېيتاي، سودا مىنىستىرلىكى بۇنى قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى پەقەتلا نورما چېكىنى بېكىتىش. توقۇمىچىلىققىمۇ نورما بېكىتىدۇ، سىرەك داڭگالغىمۇ نورما بېكىتىدۇ، بېكىتىپ قويۇپ يەنە سېتىۋىرىدۇ! كانچىلىقىمىزنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنچىلىك، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئەھۋالى قانداقتۇ؟ مېنىڭ بىر نەچچە كارخانىچى ئوقۇغۇچىلىرىم مەندىن مۇئەللىم يېقىندا سانائەتنى قىلماق تەسلىشىپ كەتتى، ئازراق يەر ئېلىپ يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ باقايلى دەۋاتىمىز دەپ مەسلىھەت سورىغانىدى، مەن ئۇلارغا مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاپ بولۇپ قارار قىلىڭلار دېدىم. بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى كومپارتىيە كونترول قىلىدۇ. نېمىشقا؟ مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، يەنە بىر مۇنچە سەۋەبلەر بار. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى، توپ سېتىلىش باھاسى قاتارلىقلار كومپارتىيەنىڭ قولىدا. بۇنى بىز بىلگەن يەردە ياۋروپا – ئامېرىكىلىقلار بىلمەي قالارمۇ؟ شۇڭا ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىمىز دەپ كۈچىمەيدۇ. ئەمىسە ئۇلار نېمىنى كونترول قىلىدۇ؟ ئۇرۇق، ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى!
ئۇرۇقنى مىسالغا ئالساق، شەرقتىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ %50 كۆكتات ئۇرۇقى بىرلا ئامېرىكا شىركىتىدىن كېلىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىچۇ؟ جۇڭگونىڭ دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك دورىلارنىلا ئىشلىيەلەيدۇ، ئالىي دەرىجىلىك دورىلار پۈتۈنلەي ياۋروپا – ئامېرىكىنىڭ قولىدا. 2008- يىلى ئامېرىكا ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسىغا ئىشلىتىلىدىغان گلىفوزاتنىڭ بىر توننىسىنىڭ باھاسىنى 20 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈۋىدى، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن دېھقانچىلىق دورىسى زاۋۇتلىرى تاقىلىپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پۈتۈنلەي گىرمانىيە، ئامېرىكا شىركەتلىرى كونترول قىلىۋالدى. توغرىدۇ؟ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپ باققان بولساڭلار، بۇ گەپلەرنى بىلىسىلەر.
دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەش تەسمۇ؟ دورىنىڭ بوتۇلكىسىغا قارىساق، ئۈستىدە ھەر خىل تەركىبلەر پىرسەنتلىرىگىچە بار. بۇ خام ماتېرىياللارنى سېتىۋىلىشمۇ ئاسان. ئەمما قاش – كۆزىنى ياساپ، ئوخشاش رېتسىپ بويىچە ئىشلەپچىقارساق، بۇ دورىلار قۇرت ئۆلتۈرەلمەيدۇ. نېمىشقا؟ بۇ يەردە باسف شىركىتى يالغان ئېيتقىنى يوق، بەلكى پۈتكۈل دېھقانچىلىق دورىسى ياساش ھۈنىرىدە بىز ئۆلچەمگە يېتەلمەيۋاتىمىز. ماشىنىسازلىق كەسپىنى قىلىدىغان كارخانىچىلار ئەستە تۇتۇڭلار، جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى ماشىنىسازلىق كەسپىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى – ھۈنەردە ئۆلچەمگە يېتەلمەسلىكتۇر. بۇ ئەڭ تەس ئىش. ھۈنەردە ئۆلچەمگە يېتەلمەسلىك دېگەن نېمە؟ بىزدە ھۈنەر سەۋىيىسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېتەرلىك ئىش ھالقىلىرى ئېقىمى يوق، بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بۇ مەسىلە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممە كەسىپتىكىلەردە بار. ئەمما دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەيدىغانلاردا ھەتتا ئەڭ ئاددى باھا بېكىتىش ھوقۇقىمۇ يوق. مۇشۇنداق بېسىلىش ئاستىدا، جۇڭگو دېھقانچىلىق دورا بازىرى ئاساسەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتتى. 2008- يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر جۇڭگو تۇپرىقىدىكى دېھقانچىلىق دورا زاۋۇتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زىيان تارتتى. ھەممىسى تۆۋەن دەرىجىلىك دورىلار، ئامال يوق. ئەمىسە ئوغۇتچۇ؟ كالىي كېنىنى بايا سۆزلىدىم. كالىي كېنى كالىيلىق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خام ماتېرىيالى، يەنە ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن فوسفورلۇق ئوغۇتمۇ بار. بۇلارغا نېمە كېرەك؟ گۈڭگۈرت. ئامېرىكا بىزگە نېمە قىلدى؟ 2008- يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا ۋال كوچىسى گۈڭگۈرتنىڭ باھاسىنى شىددەت بىلەن ئۆستۈرۈپ، بىر توننىسىنى 6000 يۈەنگە چىقاردى. بىزنىڭ ئوغۇت زاۋۇتلىرىمىز يۇقىرى باھادا سېتىۋىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋال كوچىسى باھانى كونترول قىلىپ، بىر توننىسىنى 400 يۈەنگە چۈشۈردى. شۇ چاغدا جۇڭگودىكى نەچچە يۈز ئوغۇت زاۋۇتى تاقىلىپ، ئۇلارنى ياۋروپا – ئامېرىكىدىكى ئوغۇت زاۋۇتلىرى سېتىۋالدى. شۇڭا بۈگۈن جۇڭگودىكى فوسفورلۇق ئوغۇت، ئازوتلۇق ئوغۇت ۋە كالىيلىق ئوغۇتلار ئاساسىي جەھەتتىن شۇلارنىڭ قولىدا. باھادا شۇلارنىڭ دېگىنى ھېساپ. نېمىشقا پەقەت ئۇرۇق، ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ باھاسىنىلا كونترول قىلىدۇ؟ چۈنكى مۇشۇ باھا بېكىتىش ھوقۇقلىرى ئارقىلىقلا جۇڭگونىڭ سانائەت، كانچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى غايەت زور پايدىنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ كەتكىلى بولىدۇ. بۇ ھازىرقى زاماندىكى بىر مەيدان ئىس – تۈتەكسىز ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش داۋاملاشسا، جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغانسېرى، خەلق شۇنچە نامراتلىشىدۇ. يەنە نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو بەلكىم ئەڭ نامرات دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بىزنىڭ سانائەت، كانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ساھەلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسىدا باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق.
باھا بېكىتىش ھوقۇقى دېگەن بۇ ئۈچ خەت توغرىسىدا مەن بىر نەچچە كىتاب يازدىم، ھۆكۈمەتكە ئېيتتىم. شۇنىڭغا خۇشالمەن، بۇ يىلدىن باشلاپ باھا بېكىتىش ھوقۇقى دېگەن گەپ ھۆكۈمەتتىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ ئاغزىغا چىقتى. ئۇلار ئەمدى بىلدى. ئەمما ياۋروپا – ئامېرىكىلىقلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تەڭ قوپىدىغان سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن يىل كېتىدۇ. بۈگۈن ۋاقتىم چەكلىك، كانچىلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ گېپىنى جىق قىلىدىغانغا ۋاقىت يوق. بۈگۈنكى نىشانىم ياساش كەسپىنى ئەتراپلىق سۆزلەش. خوش، ئۇنداقتا بىزنىڭ ياساش كەسپىمىز باھا بېكىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاندىن كېيىن، 2003- يىلىدىن كېيىنكى يامان سۈپەتلىك رىقابەتلەر قوشۇلۇپ، پايدىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 2006- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە ئاخىرى تارىختىكى بىرىنچى قېتىملىق ياساش كەسپى كرىزىسى پارتلىدى. يەنى بىزنىڭ ياساش كەسپىنى ئاساس قىلغان كارخانىچىلىرىمىز داۋاملىق ئىشلەشنى خالىمىدى. شۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى مەبلەغلىرىنى ياساش كەسپىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۆي – مۈلۈك، پاي چېكى، ئۆي جاھازلىرى، پۇئېر چېيى دېگەندەكلەرگە سېلىپ، 2006- يىلىدىكى ماغزاپنى پەيدا قىلدى. بۇ ماغزاپ 2008- يىلى 6- ئايدا گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭلاردىكى ياساش كەسپىنىڭ 20~30% ۋەيران بولۇشىنىڭ بىشارىتى ئىدى. ۋاھالەنكى، بۇلتۇردىن باشلانغان ماغزاپ جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر كۈنلىرىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالىدۇ. ئالدىن ھۆكۈم قىلالايمىزكى، يىل ئاخىرىغىچە %40 ئىش توختايدۇ. ئۇنداقتا جۇڭگو ياساش كەسپى قانداق بولۇپ بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۈنگە قالدى؟ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ياساش كەسپىدىكىلەر باھا بېكىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى، ئاندىن بۇنىڭغا يامان سۈپەتلىك رىقابەت قوشۇلدى. ئەمما 2006- يىلدىن كېيىن ھۆكۈمەت بىر قاتار خاتا سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ياساش كەسپى كرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا 10- ئايدا، مۇشۇ يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدا ئېغىر مۇشتتىن بىرنى ئاتتى، تۈگىدى!
سائەت ئون يېرىم بوپ كېتىپتۇ، بىر سائەتتىن جىقراق سۆزلەپتۇق، 20 مىنۇت دەم ئالايلى. قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىككە ھۆكۈمەتنىڭ قانداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، ياساش كەسپىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىمەن. ئازراق دەم ئېلىپ ئاندىن سۆزلەيلى، كۆپچىلىككە رەھمەت.
ياساش كەسپى باھا بېكىتىش ھوقۇقىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، 2006- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشلانغان بىرىنچى قېتىملىق كرىزىس يۈز بەردى. بۇ كرىزىستا بىز كېسەل بولدۇق، كېسەل بولغىنىمىزنىڭ نەتىجىسى 2006- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان قىزىپ كېتىش ھادىسىسى بولدى. شۇ يىلدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئەھۋال ئېغىر دەرىجىدە يامانلاشتى. نېمىشقا؟ بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن چىقارغان بىر نەچچە سىياسەتلىرى، خاتا ھۆكۈملىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىگە قاراپ مەندە بىرلا خىل ھېسسىيات بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئېچىنىش! خوش، ئۇنداقتا بۇ سىياسەتلەرنىڭ خاتالىقى نەدە؟ ئەڭ چوڭ ئۈچ خاتالىقىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي، بۇ خاتالىقلار مەڭگۈلۈك پۇشايمان بولۇپ قالىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيمىز. 1. باجنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى؛ 2. مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ 3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ زور كۆلەمدە ئۆسۈشى.
ئاۋال بىرىنچىسىگە كېلەيلى، ھەر قايسى كارخانىچىلار، سىلەر ئالدىنقى يىلى قانچىلىك باج تاپشۇرغىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ بىز قولغا چۈشۈرگەن ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يىلى سىلەر تاپشۇرغان بىۋاسىتە باج بىلەن ۋاسىتىلىك باج جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ باجدىن ئىلگىرىكى پايدىسىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدىكەن. سىلەر ھەر بىرىڭلار قانچىلىك باج تاپشۇرىسىلەر؟ بىۋاسىتە باجغا ۋاسىتىلىك باجنى قوشقاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستىمال باجلىرىنى قوشقاندا، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى شەخسلەردىن ئالغان بېجى ئوتتۇرىچە تاپاۋەتنىڭ %51.6 گە يەتكەن. بۇ ئىككى رەقەمنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان. بۇ ئىككى رەقەم ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يۇقىرى باج يىغالايدىغان دۆلەت يوق، جۇڭگونىڭ 5000 يىللىق تارىخىدا بۇنداق يۇقىرى باج يىغقان سۇلالە يوق، ئەمما بىزنىڭ بۇ سۇلالىمىزدە يىغىلىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن بىر يەردە دەرس سۆزلىسەم، ئۇلارنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئۇچراپ قېلىپ، بىز شۇجىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە 9 ئاينىڭ ئىچىدە پۈتۈن يىللىق باج يىغىش نىشانىنى ئورۇنداپ بولدۇق دېدى. مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئايىمايلا، سىلەردەك مۇشۇنداق كادىرلار جۇڭگونى ئۈزۈل كېسىل ۋەيران قىلدىڭلار دېدىم. نېمىشقا؟ بۈگۈن سىلەرگە جاۋابىنى بېرەي. تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق كېلىپ چىقتى؟ تاۋباۋ ۋەقەسىنىڭ يېقىندىكى غەۋغالىرىنى يىغىشتۇرغىلى بولمىدى. سىلەرچە پەقەت مايۈن ھېلىقىدەك تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققى دېگەنلەرنى يىغىپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويغاندىمۇ؟ ئىش بۇنداق ئاددى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. سىلەرگە بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېيتىپ بېرەي، بۇلتۇر جۇڭگونىڭ تور سودىسى 523 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. 2009- يىلى 250 مىليارد ئىدى. يەنى بۇلتۇر بىر قاتلانغان. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا 350 مىلياردقا يېتىپ بولدى. بۇ يىل ئاخىرلىشىشتىن ئاۋال 800 مىلياردتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك بولىدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ جۇڭگونىڭ GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ تور سودىسى بۇلتۇر پۈتۈن دۇنيانىڭ %40 گە يەتتى. بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا تور سودىسىنىڭ %50 گە يېتىدۇ. GDP سى پۈتۈن دۇنيانىڭ %10 گە يەتمەيدىغان دۆلەت %50 تور سودىسىنى ياراتسا، سىلەرچە جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانمىدۇ؟ خاتالاشتىڭلار، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بەربات بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى. بۇنى بىلەمسىلەر؟
ھۆكۈمەت قولايلىق دۇكان، مىلىچمال دۇكىنى دېگەندەك كىچىك ماگىزىنلاردىن ئېغىر باج ئېلىۋاتىدۇ. ھېسابلاپ كۆرەيلى، 15 خىل باجنىڭ ئىچىدە كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكىگە ئوخشاش %5 تىجارەت بېجى، %17 قوشۇلما قىممەت بېجى، يەنە باشقا بىر قاتار باجلار بار. جۇڭگودىكى بۇ دۇكان ئاچقۇچى پۇقرالار ئەڭ بىچارە بىر توپ. ئۇلار بىر مىلىچمال دۇكىنى، كىچىك بىر تاللا بازىرى ئېچىشقىلا چىقىنالايدۇ. ئەمما دۇكان ئاچسا ھۆكۈمەت ئۇلارنى شىلىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر باج يىغىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ ھۆكۈمەت خەلق ئارىسىدىكى پارچە سېتىش بازىرىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلدى. كىچىك تاللا بازارلىرى، ئەپچىل دۇكانلاردىن ئېلىنىدىغان باج كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، كىمگە پايدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە كاررىفور، ۋالمارتلارغا پايدا بولىدۇ. نېمىشقا؟ ۋالمارتنىڭ دائىرىسى چوڭ، كۆلەم جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، مەسئۇل بوغالتىردىن بىرنى تېپىپ، باج كېمەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ. ئەمما كىچىك دۇكانلار بۇنداق قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭگو ئىنتايىن غەلىتە دۆلەت، تاللا بازىرى قانچە چوڭ بولسا، بېجى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى مالىيە خادىملىرى ئارقىلىق باجدىن قانۇنلۇق قاچالايدۇ. چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ تېخى باج ئېتىبارلىرى بار.
ئۇلار باھانى كونترول قىلىپ، پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىكىدىن سەل تۆۋەن چۈشۈرسىلا، يېقىن ئەتراپتىكى بارلىق كىچىك دۇكانلارنى شاللىۋىتەلەيدۇ. ئاندىن رايون خاراكتېرلىك مونوپوللۇق شەكىللىنىدۇ. مونوپوللۇقتىن كېيىن، بۇ ۋالمارت، كاررىفورلار مال تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ، مالنىڭ پۇلىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋىلىپ بەرمەيدۇ، مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، بايرامنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى مال پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ رايون خاراكتېرلىك مونوپولچىغا ئايلىنىپ بولغان. پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىلا بۇ ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز خېرىدار چاقىرىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈشنىلا بىلىدۇ، قۇرۇلۇش قىلىشنىلا بىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق. چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ بېيجىڭدىكى ۋۇمىي مال سېتىۋىلىش مەركىزىنى مىسالغا ئالايلى. تورغا چىقىپ باھا تەكشۈرۈپ شۇنى بايقىدۇقكى، ۋۇمىيدىكى ئالتە خىل ئۇششاق يىمەكلىكنىڭ باھاسى گۈزەل زىمىن (جىنشيۇ دادى) توپ تارقىتىش بازىرىدىكىدىن 2.85 ھەسسە يۇقىرى. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ ئۇلارنىڭ مونوپوللۇق شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بىر رايوندا چوڭ تاللا بازارلىرى قانچە كۆپ بولسا، پارچە سېتىش باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. پەقەت ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلارنى يوقاتسىلا، بۇ مۇقەررەر ئاقىۋەت بولىدۇ. چوڭ تاللا بازىرى قۇرۇلۇپ، رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، باھانى ئۆستۈرۈپ ئىستىمالچىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئاندىن مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قالىدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇلارغا بۇ ئىمتىيازنى كىم بەرگەن؟ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز.
شياڭگاڭدا قانداق؟ شياڭگاڭدا كىچىك دۇكانلار باجدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك كەچۈرۈم قىلىنغان. پەقەت ئىككىلا خىل باج بار. بىرى %0.1 لىك رويخەتكە ئېلىنغان كاپىتال بېجى، يەنە بىرى مەلۇم سوممىدىكى پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن تاپشۇرىدىغان %17 لىك پايدا بېجى. ئەمما راۋۇرۇس پايدا تاپالمىسا بۇ باجنى تاپشۇرمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن شياڭگاڭدا ھەممە يەردە كىچىك دۇكانلار بار. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ باج نۆل دىگۈدەك بولغانلىقتىن، پارچە سېتىش باھاسى خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ. كىچىك دۇكانلارنىڭ باھا رىقابەت تەھدىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، شياڭگاڭدا ئىلگىرى كاررىفور، ۋالمارتلار كىچىك دۇكانلارغا ئەگىشىپ باھا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ، قانچە چۈشۈرسە شۇنچە زىيان تارتقان. كىچىك دۇكانلارنىڭ رىقابىتى بولغانلىقتىن، مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. مال تەمىنلىگۈچىنى بوزەك قىلساڭ، ئۇلار ساڭا ئىشلىمەي، كىچىك دۇكانلارغا تەمىنلەيدۇ. ئوخشاشلا گەپ، نېمىدەپ كاررىفورغا ئىشلىگۈدەك؟ شۇڭلاشقا شياڭگاڭ پۈتكۈل جۇڭگودىكى چوڭ تاللا بازارلىرى مەۋجۇت بولالمىغان بىردىنبىر جاي. شياڭگاڭغا ساياھەتكە بېرىپ باققان بولساڭلار، دەپ بېقىڭلار، كاررىفورنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ۋالمارتنىچۇ؟ ياق. نېمىشقا؟ ھەممىسى يوقىتىلغان. قانداق قىلىپ؟ شياڭگاڭ رايونىنىڭ ھۆكۈمىتى تۆۋەن باج سىياسىتى ئارقىلىق كىچىك دۇكانلارنى يۆلەپ، چوڭ تاللا بازارلىرىنى شاللىۋەتكەن. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ پايدىسى بەك چوڭ!
بىرىنچىدىن، تۆۋەن باج سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە پارچە سېتىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئىستىمالچىلار نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ. مال تەمىنلىگۈچىلەرنى، ياساش كەسپىدىكىلەرنى بوزەك قىلمىسا، ئۇلار بۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى، قايتا مەبلەغ سېلىشنى، كۆپرەك ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مانا بۇ شياڭگاڭدىكى ئىستىمال بازىرىنىڭ شۇنچىۋالا گۈللەپ - ياشنىشىنىڭ سەۋەبى. چوڭ قۇرۇقلۇقتىچۇ؟ بىرەر شەھەرگە ۋالمارت كىرسە، ئەتراپىدىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ. ئاندىن يەنە بىر شەھەرگە كىرىدۇ، يەنە بىر مۇنچە دۇكانلار غايىب بولىدۇ. ئاخىرىدا رايون مونوپوللۇقىنى شەكىللەندۈرۈپ، باھانى ئۆستۈرۈپ، ئىستىمالچىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىدۇ، مالنىڭ كىرىش باھاسىغا بېسىم چۈشۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچىنى بوزەك قىلىدۇ. مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچىم شىنجىندا كاررىفورغا 380 مىڭ يۈەنلىك گۈرۈچ ئۆتكۈزۈپتۇ. ھىساب بوغىدىغان چاغدا، 380 مىڭ يۈەننى ئالالماي ئەكسىچە كاررىفورغا 8000 يۈەن قەرز بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقا؟ مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، تىجارەت ھەققى، قانداقتۇر فرانسىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەققى دېگەندەك ھەر خىل خىراجەتلەرنى تۇتۇپ، پۇل يەتمىگەن گەپ. خوش، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تاۋباۋ ۋەقەسى يۈز بەردى؟ چۈنكى پۇقرالارنىڭ چىقىش يولى قالمىدى. ئېغىر باجنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت كاررىفور، ۋالمارتلارلا مەۋجۇت بولۇش، كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىش بولدى. بۇ پۇقرالار تاۋباۋ تورىدا بىچارىلەرچە بىۋاسىتە سېتىشقا مەجبۇر بولدى. كۆپچىلىك چۈشەنگەنسىلەر؟ مانا بۇ جۇڭگو تور سودىسىنىڭ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ئاۋام پۇقرا كۈن ئۆتكۈزەلمەيۋاتىدۇ، نېمىشقا؟ باج بەك ئېغىر! شۇڭا تاۋباۋ بەك نوچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ مايۈننىڭ سەۋىيىسى يۇقىرىلىقىدىن ئەمەس، خاتالاشماڭلار. ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر باج سىياسىتى ئەسلىدە كىچىك دۇكانلارنى ئېچىشقا تېگىشلىك پۇقرالارنى تاۋباۋ بازىرىغا كىرمىسە بولمايدىغان ھالەتكە قىستىدى. ئۇلار توردا ئۆزلىرىنىڭ غورىگول مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، يوقنىڭ ئورنىدىكى پايدىسىنى تېپىپ، كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ تور سودىسى مۇشۇنداق ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ئەمىسە تاۋباۋ ۋەقەسى قانداق ئىش؟ ئۇ بولسىمۇ مايۈننىڭ ئاشۇ ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ تۆۋەن تەننەرختە تىجارەت قىلىش خىيالىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىدۇر. سەن بۇ تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھەققى دېگەننى بىردىنلا بۇنداق يۇقىرى قىلىۋەتسەڭ، كاپالەت سوممىسىنى 200 مىڭغا چىقىرىۋەتسەڭ، خەق قانداق جان باقىدۇ؟ سېنىڭ بۇ قىلىغىڭ بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر بېجىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ يەنە سوراي، بۇنداق قىلىشىڭنىڭ بىرەر نەزەرىيە ئاساسى بارمۇ؟ كىچىك سودىگەرلەر بىرلىشىپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، تاۋباۋ ئاخىرى بىر يىل كېچىكتۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشنى قارار قىلدى. بىر يىل كىچىكتۈرەلىگىنىڭ باشتىكى قارارىڭدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن چىسلانى خالىغانچە قارار قىلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالىغانلىقىڭدىن ئەينى چاغدا سېنىڭ بۇ سوممىنى خالىغانچە قارار قىلغانلىقىڭنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سەندە ھېچقانداق نەزەرىيە ئاساسى يوق. بولمىسا قانداقمۇ ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتالايسەن؟ گېپىمنى چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭ، يەنى كاپالەت سوممىسىنى بىر يىل كېچىكتۈرۈشۈڭ، ئالىدىغان ھەقنىڭ يېرىمىنى ئازايتىشىڭ باشتىكى قارارىڭغا تۈزۈلمىنىڭ يار يۆلەك بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. سەن ئۆزەڭچە تاۋباۋنى مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردۈم دەپ ئويلامسەن؟ خاتالاشتىڭ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساڭا ياردەم قىلىپ تاۋباۋنى ئۇتۇققا ئىگە قىلدى. شياڭگاڭدا بولغان بولسا، تاۋباۋ مەۋجۇت بولالامتى؟ مۇمكىن ئەمەس، نېمىشقا؟ ئۇششاق سودىگەرلەر ئىنتايىن كۆپ، باھا ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس. تاۋباۋغا ئەسلا ئېھتىياج يوق. شياڭگاڭدا مال باھاسى ئۇنداق پەرق قىلمىغاچقا، كىشىلەر ساپما كەشىنى كىيىپ، پەسكە چۈشۈپلا نەرسە – كېرەك سېتىۋالىدۇ. ماشىنىغا ئولتۇرۇپ چوڭ تاللا بازارلىرىغا بېرىپ سېتىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇڭا قاتناش ئەھۋالىمۇ ياخشى. ئەمەلىيەتتە قاتناش قىستاڭچىلىقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھازىر باجدىن قاچماي ياشىماق تەس، شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ باجدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى توغرا چۈشىنىمەن! (ئالقىش)
سىلەردىن سوراپ باقاي، يۇقىرى باج خىراجىتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارى كىم؟ يۇقىرى ئۆي باھاسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتدارى كىم؟ ھۆكۈمەت! مەن تەكشۈرگەن ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆي – مۈلۈك سودىسى 12 تۈرلۈك باج ۋە 50 تۈرلۈك ھەر خىل ھەقلەرگە چېتىلىدۇ. سىلەر دىققەت قىلمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بۇ 62 تۈرلۈك باج – خىراجەتلەر ئۆي باھاسىنىڭ %30 نى، يەنە يەر سېتىۋالغاندىكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى ئۆي باھاسىنىڭ %20 نى ئىگىلەپ، ئىككىسىنى قوشقاندا ئۆي باھاسىنىڭ %50 نى ھۆكۈمەت ئېلىپ كېتىدۇ. يۇقىرى ئۆي باھاسىدا ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى قۇرۇلۇش قىلغۇچىمۇ ئەمەس، ئۆي بازىرىنى قىزىتىۋاتقانلارمۇ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئالۋان – ياساقلىرى بولمىسا، ئۆي باھاسى ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ.
يەنە كۆكتاتنىڭ باھاسىمۇ بار. شاڭخەينى مىسالغا ئالساق، يىسىۋىلەكنىڭ بىر جىڭى 1.2 يۈەن. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شەندۇڭ، خېنەنلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى. بەسەيلەر ئېتىزدا چېچىلىپ ياتقان، بىر جىڭىنى بىر پۇڭدىن ئالىدىغان ئادەم يوق. ئەمىسە نېمىشقا شاڭخەيدە 1.2 يۈەندىن سېتىلىدۇ؟ يۇقىرى ئېقىندا بىر پۇڭ، تۆۋەن ئېقىندا 1.2 يۈەن. ئېھتىمال ئوتتۇرا ئېقىن قالايمىقان بولۇشى مۇمكىن ھە! قاراڭلار ھۆكۈمەتكە! ھۆكۈمەت بۇنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ھەر كۈنى يۇقىرى تۆۋەن ئېقىنلارنى ئۇلاپ، ئوتتۇرا ئېقىننى رەتلەش بىلەن ئالدىراش. ھۆكۈمەت ئادەملەرنى رەتلەشكە، ئوتتۇرا ئېقىننى رەتلەشكە ئامراق. سىلەرگە دەي، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى سەۋەب بولالمايدۇ. مەن سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرگەن. بىر جىڭ بەسەينى شەندۇڭ لياۋچىڭدىن بېيجىڭغا توشۇشنىڭ كىراسى سىلەرچە قانچە بولار؟ ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 12 پۇڭ بولىدۇ، دېمەك 1.2 يۈەننى چۈشەندۈرۈپ بولالمايسەن. ئەمىسە شاڭخەيدىكى كۆكتات باھاسى نېمىشقا شۇنچە يۇقىرى؟ بۇمۇ تاۋباۋ بىلەن، ئۆي – مۈلۈك بىلەن ئوخشاش. ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى باج سىياسىتىدىن بولىدۇ. مەن سىلەرگە ئەمەلىي مىسال كەلتۈرەي، بۇنى ئىلگىرى تېلېۋىزوردىمۇ سۆزلىگەن، مېنىڭ پروگراممامنى كۆرگەن بولساڭلار بىلىسىلەر. كېيىنچە بۇ پروگرامما ئۆزگەرتىۋىتىلدى، بىز بىر ئاي تاقىۋىتىلدۇق. شاڭخەينىڭ مەلۇم رايونىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى كاللەكبەسەي ئىشلەپچىقىرىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى بىرىنچى دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرىغا ساتىدۇ، ئۈچ مودىن. شۇ كۈنى جوپۇدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرىغا ساتىدۇ، يەتتە مودىن. يەنە شۇ كۈنى ئىستىمالچىلارغا ساتىدۇ 1.2 يۈەندىن. بىز نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردۇق. ئارىلىقنى ئۆلچىسەك، بىرىنچى توپ تارقىتىشتىن ئىككىنچى توپ تارقىتىشقىچە ئاندىن پارچە سېتىشقىچە بولغان پۈتكۈل ئارىلىق بىر كېلومېتىرلا كېلىدىكەن. شۇ كۈنى تاماملانغان سودىدا بىر كىلومېتىرنىڭ ئىچىدە كۆكتات باھاسى ئۈچ مودىن 1.2 يۈەنگە ئۆرلىگەن. ئۇنداقتا بۇ ئارىلىقتىكى توققۇز مو نەدىن كەلدى؟ نەق مەيدان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلدۇقكى، ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ باج - سېلىقلىرى ئىكەن. مەيدانغا كىرىش ھەققى، يايما ئورنى ھەققى، شەھەر باشقۇرۇش، سودا – سانائەت، سەھىيە باج – سېلىقلىرى قوشۇلۇپ، شاڭخەي پۇقرالىرى بىر جىڭ كۆكتاتقا توققۇز مونى ئارتۇق تۆلەيدىكەن. شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار 97 جايدىكى كۆكتات بازىرىنى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋىلىپ، بارلىق باج – سېلىقلارنى بىكار قىلغان. پەقەت سىمۋول خاراكتېرىدە بىر ئاز سۇ – توك پۇلى يىغىدۇ. نەتىجىدە شياڭگاڭدىكى كۆكتات بازىرىدا بىر جىڭ كاللەكبەسەينىڭ باھاسى شاڭخەيدىكىدىن توققۇز مو ئەرزان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاددىي. ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2- قانىلى "ئىقتىساد ھەققىدە يېرىم سائەت" پروگراممىسىدا "قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىنىڭ سەپەر خاتىرىسى" ناملىق ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن بىر نومۇرنى كۆرسەتتى. چۇڭچىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى شىئەنگە توشۇپ كېلىنىپ سېتىلغۇچە، ئۈچ چوڭ تاغنىڭ پۇقرالارنى بېسىپ، ھالىنى قويمىغانلىقى بايقىلىدۇ. بىرىنچى تاغ – يول ھەققى. جۇڭگودىكى يول ھەققىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلەمسىلەر؟ پۈتۈن دۇنيادا ھەق يىغىدىغان تاشيول 140 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، 100 مىڭ كىلومېتىرى جۇڭگودا. ئامېرىكىدەك باي دۆلەتتە بىر كىلومېتىر يولغا ئېلىنىدىغان ھەق 17 پۇڭ خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ نامرات دۆلىتىمىزدە بولسا 45 پۇڭ بولۇپ، ھەق يىغىدىغان مۇددىتىمۇ خېلى ئۇزۇن. ئامېرىكا – ياۋروپالاردا ھەق يىغىپ تەننەرخنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يول ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردىكى يول ھەققى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم پۇل تېپىش قورالى بولۇپ، ھېچقاچان توختاپ قالمايدۇ. گۇاڭدۇڭ خىيۈەن شەھىرىدىكى بىر ھەق ئېلىش ئورنى 756 يىللىق يول ھەققىنى يىغىپ بولغان. بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئىككىنچى تاغ – يېقىلغۇ ماي. يېقىلغۇ بېجىنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىسىلەر. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەر بەك قىزىق. خەينەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرىنچى بولۇپ، يېقىلغۇ بېجى يىغىپ، يول ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قارىسا يېڭى بىر باج تۈرى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ يېقىلغۇ بېجى يىغىشقا باشلىغان. يول ھەققىنىمۇ يىغىۋەرگەن. ئۈچىنچى تاغ – چوڭ تاللا بازارلىرى. كاررىفور، ۋالمارتلارنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشلىرىنى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئەمدى پەرەز قىلىپ باقايلى، مۇشۇ ئۈچ چوڭ تاغ قوشۇلۇپ، شىئەنگە ئېلىپ كېلىنگەن قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەپ كېتەر؟ مەركىزىي 2- قانالدا دىيىلىشىچە %95.
قىممەت ئۆي، قىممەت كۆكتات! مۇشۇنداق ئېغىر باج – سېلىقلاردا جۇڭگودىكى ياساش كەسپى قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟ يەنە قانداقتۇر تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش دېگەندەك ئاقماس گەپلەر بار. سىلەرگە دەي، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ياساش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھەر قانداق ئېھتىماللىقى ھازىر نۆلگە تەڭ بولۇپ بولدى. نېمىشقا؟ بۇنداق ئېغىر باج – سېلىق ئاستىدا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باج يىغىشى مىنۇس قىممەتلىك، پەقەت جۇڭگونىڭلا پلوس %28 بولدى. باشقا جەھەتلەردە بىرىنچى بولالمىسىمۇ، مۇشۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى.
2. كارخانىلار مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ مەن سۆز قىلىۋاتقان بۈگۈنگىچە، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى جەمئىي 12 قېتىم، ئۆسۈم نىسبىتىنى جەمئىي بەش قېتىم ئۆستۈردى. ئاخىرىدا قاراڭغۇ بازاردىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر پىرسەنتتىن بۈگۈنكى تۆت پىرسەنتكە چىقىرىۋەتتى. تۆت پىرسەنت ئۆسۈم تۆلەپ پۇل تاپقان ئادەمنى تەلەيلىك دەيمىز. شۇڭا بۈگۈنكى ئەڭ ياخشى كەسىپ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز كەسپى بولۇۋاتىدۇ. جۇڭگودىكى ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ قانچىلىك كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ 2008- يىلى ئوتتۇرا – كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىش نىسبىتى %3.7 ئىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى بۇلتۇر %0.6 كە چۈشۈپ قېلىپ ئاساسەن قەرز ئالالماس بولدى. بانكىلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارغا بەرگەن ئېنىقلىمىلارمۇ ئوخشاش ئەمەس. گۇاڭدا بانكىسىنى مىسالغا ئالساق، سېتىش سوممىسى 20 مىليوندىن يۇقىرى، دەسمايىسى بەش مىليوندىن يۇقىرى بولغانلار ئوتتۇرا – كىچىك كارخانا بولالايدۇ. بۇنىڭ ئاستىدىكىلەرچۇ؟ بۇلار مىكرو كارخانىلار، بۇ ئاتالغۇنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر ۋىن جياباۋ ئىشلىتىۋاتىدۇ. جۇڭگودا كرېدىت قەرزى ئالالمايۋاتقان مىكرو كارخانىلار قانچىلىك، بىلەمسىلەر؟ گۇاڭدۇڭ نەنخەينى مىسالغا ئالساق، جەمئىي 100 مىڭدەك ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار بار بولسىمۇ، گۇاڭدا بانكىسىنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشىدىغىنى ئۈچ مىڭغا يەتمەيدۇ. دېمەك %97 ى مىكرو كارخانا دېگەن گەپ. ئەمىسە بۇ مىكرو كارخانىلار قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممىسى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك ماكرولۇق كونتروللۇقى ئاستىدا، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار %4 لىك ئايلىق ئۆسۈمگە، %48 لىك يىللىق ئۆسۈمگە دۇچ كەلمەكتە. دەپ بېقىڭلار، ئۇلار قانداق كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقاندۇ؟
جۇڭگودا كەم دېگەندە %97 پۇقراۋى كارخانىلار يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە تايىنىدۇ. ئەمما ئۇلار جۇڭگونىڭ %85 بېجىنى تاپشۇرىدۇ، جۇڭگودىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنىنىڭ %80 تىنى تەمىنلەيدۇ. ئۇلار تاقىلىپ قالسا، سىلەر دۆلەت كارخانىلىرى بۇ يۈكنى كۆتۈرەلەمسىلەر؟ كۆتۈرەلمىسەڭلار قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ؟ مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ھەر قايسىڭلارغا ھاۋالە قىلاي. نۆۋەتتە %40 پۇقراۋى كارخانا يىل ئاخىرىغىچە تاقالغىلىۋاتىدۇ. ئەمىسە %40 باجنى كىم تاپشۇرىدۇ؟ %40 ئىش ئورنىنى قانداق قىلىمىز؟ مانا بۇ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى. مەبلەغ زەنجىرى مۇشۇنداق تارىيىپ ئۈزۈلگەن ئەھۋالدا، ياساش كەسپىنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرمىقى تەس. بۇ خىل ماكرولۇق تەڭشەش سەۋىيىسى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ. بەش يىلنىڭ ئالدىدا جۇ شياۋچۈەن (جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى) نى تەنقىد قىلسام، ئۇ مەن بىلەن تاكاللىشىپ: سەن چۈشىنەمسەن؟ - دېگەنىدى. مەن دەيمەنكى، مەن ئەلۋەتتە چۈشىنىمەن، بۇنىمۇ دىيىش كېتەمدۇ؟
سەن نېمىشقا بۇنداق ماكرولۇق تەڭشەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن. ئىلگىرى مەنمۇ چۈشەنمەيتتىم. ئامېرىكىغا بېرىپ ۋارتون سودا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغدا بىز پۇل – بانكا ئىلمى دەيدىغان بىر دەرسلىكنى ئوقۇدۇق. مەن ئۇ چاغدا 28 ياشتا ئىدىم. ئوقۇتقۇچىمىز ئاران 23 ياشتا بولۇپ، كاساپەت 20 يېشىدىلا دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ بولغانىكەن. سىنىپتا ئەڭ كىچىكى شۇ ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ دەرس باشلانغاندىلا مۇنداق بىر جۈملە گەپنى قىلغان: "كۆپچىلىك، سىلەر ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟" مەن ئۇ گەپلەرنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتالمايمەن. 23 ياشلىق شاكىچىكتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئۇ دەيدۇكى، ماكرولۇق تەڭشەش مەيلى ئۇ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بولسۇن ياكى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى ئۆستۈرۈش بولسۇن، ئىككى مەسىلىگە سەن مەڭگۈ ھۆكۈم قىلالمايسەن. بىرىنچىسى، ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى قانداق ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىلەلمەيسەن. ئىككىنچىسى، ئۈنۈمى قانچىلىك بولىدۇ، بۇنى بىلەلمەيسەن. بىزنىڭ ھېلىقى شاكىچىك ئوقۇتقۇچىمىز مۇشۇنداق ئۆگەتكەن. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى پەقەت كاللىسى ئازراق جايىدا بولسىلا ھەرگىزمۇ ماكرولۇق تەڭشەشنى ئالدىراپ قوزغاتمايدۇ. ئۆسۈم نىسبىتىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولمايدۇ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنىمۇ خالىغانچە تەڭشەشكە بولمايدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى، قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، بىلمەيسەن، ئۈنۈمى قانچىلىك بولىدۇ، بىلمەيسەن! مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر يىلنىڭياقى، ياۋروپانىڭ ئىككى يىلنىڭياقى ماكرولۇق تەڭشەش ئېلىپ بارمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى بايىقى ساۋاقلارنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەردىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇپ كەتتى. بىر قارا تەنلىك ساۋاقدىشىم بارىدى، كۆزۈمگە تازا سىغمايتتى. دەسلەپتە دائىم تاپشۇرۇقۇمنى كۆچۈرۈپ، مەندىن نەچچە قېتىم تىل ئىشتكەن. كاساپەت ھازىر مالاۋى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭتۇڭى بولدى. قىزىق يېرى ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئافرىقىدىكى مەلۇم جەمەتنىڭ ئاتامىنى بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى كۆرگەندە شىرنى كۆرگەندەك قورقىدىكەن. چۈنكى بۇ ئاتاماننىڭ بىر مەرتىۋە ھاسىسى بولۇپ، ھاسىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈكلەر شىرنىڭ قۇيرۇقىدىن ئېلىنغانىكەن. ھاسىنىڭ ئىچىدە بىر كاۋاكچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نېمە سېلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالامسىلەر؟ شىرنىڭ بوغۇزىدا بىر يۇمشاق سۆڭەك بولۇپ، خەنزۇچە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇلارنىڭ تىلىدا بۇنى دۇلۇ دەيدىكەن. شىر ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا جان تالىشىپ، ھېلىقى دۇلۇنى ياندۇرۇۋىتىدىكەن. ئاندىن پېرىخونلار ئۇنى تېپىپ كېلىپ، بايىقى مەرتىۋە ھاسىسىنىڭ ئىچىدىكى پەي توپ كاۋاكچىسىنىڭ ئىچىگە سالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئادەم بۇ ھاسىغا ئىگە بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇددى شىردىن ئەيمەنگەندەك ئەيمىنىدىكەن. مېنىڭ ساۋاقدىشىم ماڭا شۇنداق سۆزلەپ بەرگەن. ئەلۋەتتە بۇ قۇرۇق گەپلەر. ئەمما شۇنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت ئۆسۈم نىسبىتىنى خالىغانچە تەڭشەشكە پېتىنالمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپامۇ بىر ئىككى يىلنىڭياقى بىرەر قېتىم تەڭشەپ باقمىدى. بىز بولساق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى 12 قېتىم، ئۆسۈم نىسبىتىنى بەش قېتىم ئۆستۈردۇق. نېمىشقا؟ بىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئاكىلىرىمىز بۇنداق دەرسنى ئۆگىنىپ باقمىغان. سەن مۇشۇنداق كۆپ قېتىم تەڭشەۋەرسەڭ، 12 قېتىمدىن كېيىن ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە قانداق قىلىسەن؟ يەنە تەڭشەيسەن، شۇنداقمۇ؟ ئۆسۈم نىسبىتىنى بەش قېتىم تەڭشىدىڭ، بارلىق ئۈنۈملەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىپ قالسا قانداق قىلارمىز دېگەننى ئويلىمىدىڭمۇ؟ ماكرولۇق تەڭشەشلەرنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش ۋاقىتتا كۆرۈلدى دېگەنلىك ئىقتىساد پات ئارىدا گۇمران بولىدۇ دېگەنلىكتۇر، بۇنى بىلەمسىلەر؟ مانا بۈگۈن شۇنداق بولدى. بۈگۈنكى قاراڭغۇ بازاردىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئاللىقاچان %6 كە چىقىپ بولدى. ئۈنۈملەر بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەردى. ياساش كەسپى قانداق مەۋجۇت بولىدۇ؟ بىر سىياسەتنىڭ خاتالىقىنىڭ دەردىنى نەچچە ئەۋلات تارتىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟
3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ توختىماي ئۆسۈشى. ئەمدى جۇڭگودا ئەمگەك تەننەرخى تۆۋەن دېگەن گەپنى قىلماڭلار. بۇ خاتا، پەقەت بىزنىڭ مائاشىمىز تۆۋەن خالاس! جۇڭگودا ئەمگەك تەننەرخىنىڭ قانداق يۇقىرى بوپ كەتكىنىدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ بۇ يىل 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ئامېرىكا بوستۇن مەسلىھەت شىركىتى بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەمگەك تەننەرخى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا ياساش كەسپىدىكىلەر ئامېرىكا تۇپرىقىغا قايتىشنى قارار قىلغان. بىرىنچى بولۇپ قايتىپ كەتكىنى فورد بولۇپ، 12000 كىشىلىك خىزمەت ئورنى تاقىلىپ، ئامېرىكىغا يۆتكەلدى. بۇ دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2015- يىلى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، قايتىپ كەتكەن ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگوغا كىرگەن ياساش كەسپىدىكىلەردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئۇلار يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا سەككىز چوڭ كەسىپنىڭ ئامېرىكىغا قايتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. مەن بۇ ئىسىملارنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي، بۇ سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك. 1. توشۇش قوراللىرى؛ 2. ئېلېكترونلۇق ئەسۋاپ – ئۈسكۈنىلەر؛ 3. ئۆي جاھازلىرى؛ 4. پلاستىك ماتېرىياللار؛ 5. كاۋچۇك – رېزىنكە (ماشىنا چاقىمۇ بار)؛ 6. مېتال سانائىتى؛ 7. ماشىنىسازلىق سانائىتى؛ 8. كومپيۇتېر كەسپى. مانا مۇشۇلار 2015- يىلدىن ئاۋال تۇشمۇ – تۇشتىن ئامېرىكىغا يۆتكىلىدۇ. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2020- يىلىغا بارغۇچە ئامېرىكىغا يۆتكەلگەن يۇقىرىقى كەسىپلەر يۈز مىليون دوللاردىن كۆپرەك قىممەت يارىتىدىكەن ھەم ئۈچ مىليون 200 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى تەمىنلەيدىكەن. بۇلار نېمىشقا قايتىدۇ؟ چۈنكى ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ئۈنۈمى جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭكىدىن تۆت ھەسسىدىن يەتتە ھەسسىگە قەدەر يۇقىرى ئىكەن. مائاش توختىماي ئۆرلەش نەتىجىسىدە جۇڭگودىكى تۆت ئىشچى ياكى يەتتە ئىشچى ئالىدىغان مائاش ئامېرىكىدىكى بىر ئىشچىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگودىكى ئەمگەك تەننەرخى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇۋېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغان.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز نېمىلەرنى قىلدى؟ ئۇلارنىڭ "تۆھپىسى" ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش بولدى. 2008- يىلى 1- ئايدا ئەمگەك توختام قانۇنى ئېلان قىلىندى. باھالانماي، سىناق قىلىنماي تۇرۇپ ھاپىلا – شاپىلا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم ياساش كەسپى كارخانىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. يېقىندا ھۆكۈمەت يەنە گۇاڭدۇڭدىن باشلاپ مائاشنى كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتىدۇ. سىلەر برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ قانداق چېكىنگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ مۇشۇنداق مائاشنى كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. يەنى %20 ئىشچى كېلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسىلا، شىركەت تەرەپ دەرھال قوشۇلۇشى شەرت بولۇپ، قوشۇلمىسا نەق مەيداندا 200 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەيدۇ. دەل مۇشۇ سىياسەت برازىلىيە ئىقتىسادىنى چىكىندۈرۈۋەتتى. بۇ ئۆتكەن يىلقى ئىش. بۇ يىل بىزگە كەلدى. بىز غەربتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كىرگۈزدۇق. ئەمما يەنىلا غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. چۈنكى غەربتىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى مائاشنى بىر يىلدا بىرلا قېتىم كېلىشەلەيدۇ. شىركەت تەرەپ رەت قىلسا بولىدۇ، ئىشچىلار ئىش تاشلايدۇ. ئەمما بىزنىڭ بۇ يېڭىدىن يولغا قويغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىمىز بىر يىلدا 365 قېتىم تەلەپ سۇنسا بولىدۇ. دىرېكتورنىڭ يۈرىكى چوڭ بولۇپ، ھەر قېتىم رەت قىلىۋەرسە، بىر يىلدىكى رەت قىلىش تەننەرخى 73 مىليون يۈەن بولۇپ كېتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ باھا بەلگىلەش ھوقۇقىنى يوقاتقان جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ يامان سۈپەتلىك رىقابەت نەتىجىسىدە ئەسلىدىنلا تۆۋەنلەپ كەتكەن پايدىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويغان خاتا سىياسەتلىرى – 1. باج – سېلىقنىڭ زىيادە ئېغىر بولۇشى؛ 2. مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى؛ 3. ئەمگەك تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى – قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قېتىملىق كرىزىس پىشىپ يېتىلدى. دۆلەت ھازىر بۇنىڭغا جۇڭگو ياساش كەسپى مەبلەغ – تىجارەت مۇھىتىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە يامانلىشىشى دەپ ئات قويدى. ئەمدى ئويلاپ بېقىڭلار، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنى پىقىر لاڭ شيەنپىڭغا ئوخشاش ئۈچىنچى قاتاردىكى ئىقتىسادشۇناسمۇ چۈشەنگەن يەردە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما چۈشەنمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقىدا ئەمەس، بەلكى قول ئاستىغا ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىغىۋالغانلىقىدا. مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى ئۇنىڭ قول ئاستىدا مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ماڭا قارىغاندا كۆپ ئەقىللىق ئىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلاردىن ئەقىللىقلىرى ۋال كوچىسىغا بېرىپ پۇل تاپتى، زۇڭتۇڭغا ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى بولدى، سىياسىي ئورۇن تىكلىدى. دۆترەكلىرى بېرىپ پروفىسسور بولدى. مەن چۈشەنگەن نەرسىلەرنى ئەجەبا مېنىڭ ئاشۇ ئەقىللىق ساۋاقداشلىرىم چۈشەنمەسمۇ؟ مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىم چۈشەنمەسمۇ؟ ھېلىقى 23 ياشلىق ئوقۇتقۇچىم ھازىر مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇ چۈشەنمەي قالارمۇ؟ خارۋاردنى پۈتتۈرگەنلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا ئەلۋەتتە گەپ كەتمەيدۇ.
ئەگەر ئۇلارمۇ چۈشەنگەن بولسا، جۇڭگو ياساش كەسپى كرىزىسى ئاللىقاچان شەكىللەندى دېسەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار نېمىلەرنى قىلىشى مۇمكىن؟ ئەلۋەتتە ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلىدۇ. 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىملىق باھا ئۇرۇشىنى رەسمىي باشلىدى. بۇ ئۇرۇش ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچى باسقۇچ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىش؛ ئىككىنچى باسقۇچ، ئىمپورت خام ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى كونترول قىلىش. بىرىنچى باسقۇچ پرىۋوت نىسبىتى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ تەننەرخ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا مانا مۇشۇ پرىۋوت نىسبىتى ئۇرۇشى ۋە تەننەرخ ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق جۇڭگو ياساش كەسپىگە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بەردى.
ۋاھالەنكى، 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە نەق توققۇز ئاي ۋاقىت ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلىمەي، بىر دوللارغا 6.83 يۈەنلىك نىسبەتتە تۇرىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمىز پو ئېتىشقا چۈشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرالىغىنىمىز ئىكەن. ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلگۈڭلار بارمۇ؟ بۇ ھىكايىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلگىرىكى بەزى ئىشلارنى ئەسلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. 1985- يىلى ئامېرىكا دوللارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سۆۋىت ئىتتىپاقىغا زەربە بەرگەندە بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇپ، ياپونىيەگىمۇ ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قېتىملىق پرىۋوت ئۇرۇشى قوزغىغان. 1985- يىلدىن 1987- يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆسۈپ، ياپونىيە ياساش كەسپى قاخشاتقۇچ زەربىگە ئۇچرىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە تاشلىغان بىرىنچى بومبىسى ئىدى. ئۇنىڭ رولى ياپونىيە يىنىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىش بولدى. 87- يىلى 10- ئايدا ئامېرىكا ئىككىنچى بومبىنى تاشلاشنى قارار قىلدى. يەنى ياپونىيە بانكىلىرىنىڭ مەبلەغ قەرز ئۆسۈمىنى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا، %2.5 كە چۈشۈرگۈزدى. بۇ ئىككىنچى بومبىنىڭ قانچىلىك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بىرىنچى بومبا پارتلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ياساش كەسپى، بولۇپمۇ ئېكسپورت ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاچقا، بۇنداق تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ نېمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق. ياپونىيە ياساش كەسپىدىكىلەر تۇشمۇ – تۇشتىن بانكىغا قاتراپ، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بېرىپ نېمە قىلدى؟ ئەلۋەتتە بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر بىلەن ئوخشاشلا، بېرىپ ئۆي – زىمىن ۋە پاي چېكى بازىرىنى قىزىتتى. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ كۈتكىنى ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ياپونىيەنىڭ قورقۇنچلۇق مال - مۈلۈك ماغزىپى كېلىپ چىقتى. 1989- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى ياپونىيە پاي چېكى كۆرسەتكۈچى 39000 نۇقتىغا چىققان بولۇپ، توكيودىكى يەر باھاسى نەچچە ھەسسە قاتلىنىپ، ياپونىيە ئىقتىسادىدا قىزىپ كېتىش كۆرۈلگەنىدى. سەۋەبى ئوخشاشلا ياساش كەسپىدىكى كرىزىس بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ سەۋىيىسى ھازىرقى جۇڭگودىكى كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ سەۋىيىسىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى. ئەينى چاغدا ياپونىيەلىكلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان بىر جۈملە سۆز "ياپونىيەنىڭ GDP سى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى" دېگەن سۆز بولۇپ، قۇلاققا خۇشياقىدىغان بۇ سۆزنىڭ مەستخۇشلۇقىدا پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان كرىزىستىن بىخەۋەر ئىدى. كېلەركى ئېيى، يەنى 90- يىلى 1- ئايدا ئامېرىكا ئۈچىنچى بومبىنى تاشلىغاندا، مال – مۈلۈك كۆپۈكى يېرىلىپ، ياپونىيە 20 يىلغا سوزۇلغان كاساتچىلىققا پېتىپ كەتتى. تا بۈگۈنگە قەدەر تولۇق ئەسلىگە كەلگىنى يوق. بۈگۈن سىلەرگە بۇ ئىقتىسادىي بومبىلار توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشكە ۋاقىت چىقمايدۇ. ئەمما بىلىشىڭلار كېرەككى، بۇ بومبىلارنىڭ پىلتىسى – ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ ياپونىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش بولۇپ، ئەينى چاغدا ياپونىيەگە كىرىپ، ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان شىركەتنىڭ ئىسمى Goldman Sachs ئىدى. بۇ ئىسىمنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭلار! بۇ شىركەت ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ پېشكىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك مالىيە مىنىستىرلىرى Goldman Sachs نىڭ لېدىرى بولغانىدى.
ئەمدى جۇڭگوغا قايتىپ كېلەيلى، 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇلتۇر 6- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە نەق توققۇز ئاي ۋاقىت ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلىمىدى. ئۇ چاغدا ھۆكۈمەت مېنىڭ تېلېۋىزوردا سۆزلىشىمگە يول قويمىغان. ئەمدى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئامېرىكىغا چوڭ ئىككى سوۋغات بەرگەنلىكىدىن بولدى.
بىرىنچى سوۋغات، ھۆكۈمىتىمىز 4- ئاينىڭ 13- كۈنى ياپونىيەنى ۋەيران قىلغان پۇل – مۇئامىلە بومبىسىنىڭ پىلتىسىنى ئامېرىكىغا بېرىشكە ماقۇل بولدى، يەنى ۋال كوچىسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. بىرىنچى بولۇپ خېرىدار بولالىغىنى كىم، بىلەمسىلەر؟ Goldman Sachs! ھەر بىرىڭلار ئاشۇ كۈندىكى كېلىشىم ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدىڭلار ۋە تۆلەيسىلەر. سىلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىدا جايلىنىپ كېتىشىڭلارنىڭ سەۋەبى مانا شۇ، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.
ئىككىنچى سوۋغات، 5- ئاينىڭ 24- كۈنى ھۆكۈمىتىمىز 2020- يىلدىن ئىلگىرى قىممىتى بەش تىرىليون يۈەنگە يېتىدىغان يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەسى بازىرىنى ئامېرىكىغا بېرىشكە قوشۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 800 مىليارد يۈەنلىك يادرو ئىنىرگىيىسى بار. ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ، تۆتىنچى ئەۋلاد يادرو ئىنىرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو ئىنىرگىيىسى – AT1000 (Westinghouse) ئېلېكترىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىدىغان بولدى. ئالدىنقى قېتىم مەن بېيجىڭدا سۆزلىگەن چاغدا، جۇڭگو يادرو سانائەت گۇرۇھىنىڭ بىر نەچچە رەھبەرلىرى ئالدىمغا كېلىپ، قايغۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى: لاڭ مۇئەللىم، گەپلىرىڭىزنى چۈشەندۇق. ھۆكۈمەت بىزنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد يادرو ئىنىرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىشىمىزنى بەلگىلىگەن چاغدا، بىز چىڭخۇا داشۆدىكىلەر ياش تۆككەن، ھۆكۈمەتكە مەكتۇپ سۇنۇپ، بۇ تۈرنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ئېيتقان ئىدۇق. مانا بۈگۈن بۇ ئىشلارنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلدۇق.
ئامېرىكا بۇ ئىككى سوۋغاتنى ئالغاندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ توققۇز ئاي مۇقىم تۇرۇشىغا قوشۇلدى. 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئوباما ئۆز قولى بىلەن بىر پارچە خەت يېزىپ، 6- ئاينىڭ 27- كۈنى كانادادا ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدىكى باشقا 18 رەھبەرگە ئەۋەتتى. ئۇ ئەمەلىيەتتە مۇنداق يازدى: "ھەي، جۇڭگولۇقلارنىڭ تەمسىلى توغرىكەن، يىگەن ئېغىز ئۇيىلىدىكەن. بىز ئۇلاردىن ئىككى سوۋغا ئالغاندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستاشتىن خىجىل بولۇپ قالدۇق. سىلەر ئون سەككىزىڭلار خاپا بولماي بىزنىڭ ئورنىمىزدا قىستىشىپ بېرەمسىلەر؟" بۇ گەپلەر سىلەرگە قىزىق تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ئەمما مەن چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق. بۇ ھەقىقى بولغان ئىشلار. ئىككىنچى كۈنى، يەنى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى جۇ شياۋچۈەن (جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى) خەلق پۇلى پرىۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ ئېلاستىك بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەتىسى، يەنى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسۈشكە باشلىدى. 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، 6.83 تىن 6.77 گە ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالغان بولدى. ئەمما كۆپچىلىك، شۇنىڭ بىلەن ئىشلار تۈگەشتى! نېمىشقا؟ چۈنكى خەلق پۇلىنىڭ ئۆسۈشى باشلىنىپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن ھۆكۈمەتكە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئۆسسىلا توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئېيتتىم. ئەمما مەغلۇب بولدۇق. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى %3 لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. بۇ يىل (يەنى 2011- يىلى) 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە %5 لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ھازىر %7 لىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. توسۇپ قالغىلى بولمىدى. ئامېرىكىنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ %20! نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا ئىككى سوۋغات بېرىمىز؟ ئامال يوق! چۈنكى بىرىنچى مەيدان باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۈچ سىياسەتنىڭ خاتالىقى قوشۇلۇپ، بىزدىكى ياساش كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ پايدىسى %3 كە چۈشۈپ قالدى. 2009- يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا %3 كىمۇ يەتمىدى. ئەمدى سىلەردىن سوراپ باقاي، مۇشۇنداق تۆۋەن پايدا نىسبىتى ئاستىدا بىز خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قانچىلىك ئۆستۈرەلەيمىز؟ كۆپ بولسا %3 بولىدىغاندۇ؟ ئەمىسە ئامېرىكا نېمىشقا %20 ئۆستۈرۈڭلار دەيدۇ؟
بۇ يىل 10- ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. بۇ %75 پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستايدىغان بىر قانۇن لايىھىسىگە تۈرتكە بولدى. ئامېرىكىلىقلار ئىلگىرى بۇنداق ئىشنى قىلىپ باقمىغان. بىر دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىپ، يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇل پرىۋوت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى %20 ئۆسمىسە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئىككى يىل ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى %20 ئۆسىدۇ، بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىم ئىككى مەلىكىدىن زىيان تارتقاننىڭ ئۈستىگە يەنە قوشۇن چېكىندۈردۇق. بەرىبىر ئۆستۈرىدىغان ئىش بولغاندىكىن، سوۋغات بېرىشنىڭ ئورنى يوقتى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاشۇ تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ھەممىڭلار ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى نېمە دىيەلەيمىز؟ ھازىر ئامېرىكا دەيدۇكى، "بۇ لايىھە تېخى ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتمىدى، زۇڭتۇڭ تېخى ئىمزا قويمىدى. سىلەرنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭلارغا قاراپ، ئۆتكۈزۈش – ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلىمىز." خەق ئىشنى مانا مۇشۇنداق پۇختا قىلىۋاتىدۇ. بۇنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پۇت تېپىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى دەيمىز.
دەرۋەقە، كېيىنكى يېرىم يىلدا پاختا يىپنىڭ باھاسى بىر قاتلاندى. جياڭسۇ – جېجياڭ – شاڭخەي رايونىدىكى كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ بۇنچىۋالا پاسسىپ ھالەتتە بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇ. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە تۆمۈر رۇدىسى %60، كاۋچۇك – رېزىنكە %70، مىس %30، دادۇر %27، دېھقانچىلىق دورىلىرى %20 ئۆستى. ئىمپورت خام ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈپ، جۇڭگو ياساش كەسپىگە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بېرىۋاتىدۇ. پرىۋوت نىسبىتى ئۆسۈۋاتقان، ئىمپورت تەننەرخى ئۆرلەپ كېتىۋاتقان بېسىم ئاستىدا، جۇڭگو ياساش كەسپى ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمىدى. مەن سىلەر ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان ئوبيېكت – فۇشىكاڭ شىركىتىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلەي. فۇشىكاڭنىڭ خوجايىنى گو تەيمىڭنى بىر ئۇلۇغ كارخانىچى دېيىشكە بولىدۇ. 2008-، 2009- يىللىرى پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ئەڭ ئېغىرلاشقان چاغلاردا فۇشىكاڭنىڭ شياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنغان شىركىتى FIH يەنىلا 160 مىليون دوللار پايدا ياراتتى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما بۇلتۇر (2010) ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى مەيدان باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشىنىڭ زەربىسى ئاستىدا، پرىۋوت نىسبىتى ئۆرلەپ، ئىمپورت خام ماتېرىياللىرىنىڭ تەننەرخى ئۆسۈپ كەتكەن ئەھۋالدا، فۇشىكاڭ 218 مىليون دوللار زىيان تارتتى. 2008-، 2009- يىللىرى تاپقان پايدىسىنى بۇلتۇر بىر يىلدىلا سورۇۋەتتى. پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ فۇشىكاڭغا بولغان زەربىسى ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى مەيدان باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشىنىڭ زەربىسى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس بولۇپ قالدى. سىلەر "لاڭ مۇئەللىم، يېقىندا تۆمۈر رۇدىسىنىڭ باھاسى چۈشتىغۇ؟" دىيىشىڭلار مۇمكىن. توغرا، 180 دوللاردىن 140 دوللارغا چۈشتى. بۇ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق! بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئىمپورت خام ماتېرىياللىرى باھاسىنىڭ بۇنداق چوڭ كۆلەمدە ئۆرلەپ – چۈشۈپ تۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ جۇڭگو ياساش كەسپىدە ھازىر يېڭى بىر ھادىسە يۈز بېرىۋاتىدۇ، يەنى زاكاز ئېلىشقا پېتىنالماسلىق. نېمىشقا؟ چۈنكى تەننەرخنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. پرىۋوت نىسبىتى توختىماي ئۆرلەۋاتىدۇ، بۇ مۇقەررەر. يەنە ئىمپورت خام ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىدا ئاشۇنداق چوڭ تۇراقسىزلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ياساش كەسپىدىكىلەر زاكاز ئېلىشقا پېتىنالمايۋاتىدۇ. كۆپچىلىك چۈشىنىۋاتامسىلەر؟ بۈگۈنكى ياساش كەسپىنىڭ قىيىنچىلىقى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى زاكاز يېتىشمەسلىك ئەمەس، بەلكى زاكاز ئېلىشقا پېتىنالماسلىق. تەننەرخنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، زاكازنى ئېلىشقا ئامالسىز، ئالسىلا زىيان تارتىدۇ. تۆمۈر رۇدىسىنى يەنە چۈشىدۇ دەپ قالدىڭلارما؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق زاكاز ئالغىلى بولىدۇ؟ تەننەرخنى قانداق ھېسابلاش كېرەك؟ ئەگەر تۆمۈر رۇدىسى ئىزچىل ئۆسۈۋاتقان بولسا، سەن تەننەرخنى ھازىرقى باھا بويىچە مۆلچەرلەپ، خېرىدارغا باھا چىقىرىپ بېرىسەن. رۇدىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتسىغۇ سەن پايدا ئالىسەن. ئەگەر ئۆرلەپ كەتسىچۇ؟ يەنە زىيان، توغرىمۇ؟ تەننەرخنى مۆلچەر قىلغىلى بولمىغاچقا، زاكازنى ئالغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ ئېچىنىشلىق ئىش.
ياساش كەسپى - %70 GDP سى پولات چىۋىق ۋە سېمونت بولغان بۇ دۆلەتنىڭ قوۋۇرغىسى ئىدى. ئەمما بىرىنچى مەيدان باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يۈرگۈزگەن ئۈچ خاتا سىياسىتىگە يولۇقۇپ، ئاندىن يەنە ئىككىنچى مەيدان باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشىدا يېڭىلگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرى جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ مەبلەغ – تىجارەت مۇھىتى پۈتۈن سەپ بويىچە يامانلاشتى. مەن پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى دەۋاتقىنىم يوق، باشقا ئالىملارغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىمايمەن. خەلقئارادا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، جۇڭگو ئىقتىسادى يەنىلا چۆكىۋەرگەن بولاتتى. باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى يەنىلا يېتىپ كەلدى. زەربىسى نېمىشقا بۇنداق چوڭ بولىدۇ؟ چۈنكى جۇڭگو ئاللىقاچان ئىممۇنىتېت كۈچىدىن مەھرۇم بولغان. نېمىشقا؟ بۇنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىككى چوڭ خاتا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىرىنچىسى، قۇرۇلۇش قىلىپ GDP نى ئۆرلىتىش؛ ئىككىنچىسى، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش. بىزنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشى مۇشۇ، باشقا ئىشلارغا سەۋىيىسى يەتمەيدۇ.
ئەمدى بىردىن بىردىن سۆزلەيلى، قۇرۇلۇش قىلىپ GDP نى ئۆرلىتىش دېگەن نېمە؟ بۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەندەك چوڭ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش ئارقىلىق GDP غا رەقەم قوشۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر نەچچە يىلنىڭياقى جۇڭگو مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. GDP سى ھەر يىلى %10 ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. سىلەر پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ھەر يىلى %10 ياخشىلىنىۋاتىدۇ دەپ قالدىڭلارما؟ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى پولات چىۋىق بىلەن سېمونت ھەر يىلى %10 ئېشىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئامېرىكىنىڭ بۇنچىۋالا چوڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ كادىرلارنى باھالاشتا GDP نى كۆرسەتكۈچ قىلىشى پەقەت جۇڭگودىلا بار ئىش. بۇ GDP دېگەن نەرسىنى كىم كەشپ قىلغان؟ ئەلۋەتتە ئامېرىكا كەشپ قىلغان. ئامېرىكا، دۇنيا بانكىسى، ب د ت قاتارلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى باھالىغاندا ھەر دائىم GDP نى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كومپارتىيە ھۆكۈمىتىمىز GDP نى مۇھىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىۋىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قىلتىقىغا چۈشكەن.
2008- يىلى پولات چىۋىق ۋە سېمونت جۇڭگو GDP نىڭ %58 نى ئىگىلەيتتى. 2009- يىلى %65 كە چىقتى. بۇلتۇر (2010) %70 بولدى. ئىستىمال %27 كە چۈشۈپ، سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭكىگە تەڭلەشتى. بىر دۆلەتنىڭ ئىستىمالى %27 كە چۈشۈپ قالسا، قانداق قىلغۇلۇق؟ 2008- يىلى %35 ئىدى، ھەر ھالدا قۇتقازغىلى بولاتتى. ئەمدىچۇ؟
ئىككىنچىسى، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش: بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىمىز ئەسەبىيلەرچە خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزگەندە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېزىلىشى دېگەنلەرنى مەسىلە قاتارىدا كۆرمەيدۇ. ئالايلۇق، شۇنداق گۈزەل چىڭداۋ شەھىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك پارتىكوم شۇجىسى دۇ شىچىڭ دېگەن چوشقىنىڭ قاراپ تۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغانما قويۇپ بېرىدىغان بىر خىمىيە سانائەت زاۋۇتىنى جياۋجۇ قولتۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قانداق بولۇپ كەتتى؟ مۇشۇمۇ رەھبەرمۇ؟ خوش، بۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ ئەسەبىيلەرچە خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش نەتىجىسىدە جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى (ياكى كۆلىمى) ئۇچقاندەك كېڭىيىپ، GDP نىڭ %70 ىگە يەتتى. بىرىنچى قېتىملىق سىياسەت ئىستىمالنى %35 كە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئىككىنچى قېتىملىق سىياسەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى (ياكى كۆلىمىنى) %70 كە چىقىرىۋەتتى. ھازىر بىزدە %70 لىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى (ياكى كۆلىمى) بار. ئەمما پەقەت %35 نىلا ئىستىمال قىلالايمىز. ئىستىمال قىلالمايدىغان قالغان %35 نى قانداق قىلىمىز؟ توغرا، بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقى بولىدۇ. بۇ ئېغىر ئەھۋال. شۇڭا جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقى ئېغىر بولغان ئىقتىساد دەيمىز.
سىلەر "ئەمىسە جۇڭگو نېمىشقا ۋەيران بولۇپ كەتمەيدۇ" دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. چۈنكى بىز بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئېكسپورت قىلىۋىتىمىز. بىز ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىزنى ياۋروپا – ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىستىمالىغا ھەزىم قىلدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بۇنى چىرايلىق قىلىپ، "ئېكسپورت ئارقىلىق تاشقى پرىۋوت يارىتىش" دەۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ تاشقى پرىۋوت يارىتىش ئەمەس، بۇ دېگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوشۇقچىلىقى! جۇڭگونىڭ ئېكسپورتىنى ھەقىقىي تۈردە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنى ھەرگىزمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ھەر قايسىڭلار ئىشلەپچىقارغان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى ئەمەس. كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىپ يۈرمەڭلار. سىلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭلار ئازراقمۇ ياخشى ئەمەس، بۇ كۆڭلۈڭلارغا ئايان. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوشۇقچىلىقى ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئېكسپورت قىلالمايلا قالساق، جۇڭگو ئىقتىسادى شۇ ھامان ۋەيران بولىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئاجىز. ئەمىسە پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى بىزگە قانداق تەسىر قىلدى؟ بۇ قىززىق ئىش، بىزنىڭ ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىزنى ھەزىم قىلىۋاتقان چەتئەل ئىستىمالىنىڭ قانداق ئىستىمال ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بۇ ئاساسەن پۇل قەرز ئېلىشتىن كەلگەن ھالقىما (ئىلگىرى كەتكەن، ئالدىغا ئۆتۈۋالغان) ئىستىمال بولۇپ، كۆپۈك ئىستىمال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپۈك بولىدىكەن، ئۇ يېرىلىدۇ. قانداق ۋاقىتتا يېرىلىدۇ؟ پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى بولغاندا. يەنى 2008- يىلى 11- ئايدا يېرىلدى. بۇنىڭ ئالدىدا جۇڭگو ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 11- ئايغا كەلگەندە تۈنجى قېتىم مىنۇس %2.2 كە چۈشۈپ كەتتى. نېمىشقا؟ چۈنكى كۆپۈك ئىستىمال يېرىلدى، چەتئەللىكلەر ئىستىمال قىلمايدىغان بولدى. بۇ بىرىنچى قېتىملىق چۆكۈشنىڭ كېلىپ چىقىشى. بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى نەق %30 تىن مىنۇس %2.2 كە چۈشۈپ قالدى. مۇشۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى داۋالغۇش بىر ئاينىڭ ئىچىدە يۈز بەردى. كېلەركى يىلى (2009) ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى %16 كە چۈشتى. خەق بىز ئېكسپورت قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئالمايدىغان بولدى. ئەمىسە مۇشۇ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز (ياكى كۆلىمىمىز) نېمە بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئوشۇقچىلىققا ئايلىنىدۇ. دېمەك، پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىككى چوڭ خاتا سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككىنچى قېتىملىق پالاكەتچىلىكنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىۋەتتى، بۇ بىز ھازىر يۈزلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلە - ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقى!
بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ ئىككى چوڭ كرىزىسى تولۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. بىرىنچىسى، ئىلگىرى دەپ ئۆتكەندەك مەبلەغ – تىجارەت مۇھىتىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە يامانلىشىشى؛ ئىككىنچىسى، پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ئېلىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقى. 2006- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىمقىسى كۆپ ئېغىر. سىلەر قانداق قىلدىڭلار؟ ئەلۋەتتە 2006- يىلىدىكى كونا سەنەمگە قايتا دەسسىدىڭلار. قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى تاشلاپ، زور سوممىدىكى مەبلەغلەرنى ياساش كەسپىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتىڭلار. بۇ قېتىم بېرىپ ئۆي - مۈلۈك، پاي چېكى، ماشىنا، زىبۇ زىننەت، قەدىمىي سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ سودىسىنى قىزىتتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئىقتىسادىدا قىزىپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقتى. بۇنداق چاغدا بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز كېسەلگە قاراپ دورا بېرەلىگەن بولسىدى، جۇڭگودا يەنە ئۈمىد بار ئىدى. ئەمما ھۆكۈمىتىمىز بۇ قىزىپ كېتىش ھادىسىلىرىنى قانداق چۈشەندى؟ جۇڭگو ئىقتىسادى باشلامچىلىق بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ دېگەن گەپلەر ئېسىڭلاردىمۇ؟ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئانىسىنىڭ يېنىدا ئەسلىگە كەلتۈرەر! بىز كېسەل بولدۇق، رەھبەرلەر بۇ ئالامەتلەرنى توغرا ئوقۇيالمىدى. بىز دەل بۇ قېتىمقى پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى مەزگىلىدە كېسەل بولدۇق. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە داۋالاش كېرەك. مەسىلە كېسىلىمىزنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىش. قولاي بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەن بۇ نۇتقۇمدا جىگەر ياللۇغىنى مىسال قىلىمەن. ياللۇغ (炎) دېگەن بۇ خەت ئىككى پارچە ئوت (火) دىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭگو تىبابىتىدىكى مەنىسى جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتتى دېگەنلىك. ئوت ئۇلۇغ بوپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟ ئەلۋەتتە سۇ ياكى سوغۇقراق بىر نەرسىنى تېپىپ ئۆچۈرىمىز. جۇڭگو تىبابىتىدە بۇنىڭغا تەبىئىتى سوغۇق دورىلارنى بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىگەر ياللۇغىنى داۋالايمىز، شۇنداققۇ؟ ئەمما جۇڭگو تىبابىتىدە يەنە كېسەلنىڭ تېنى بەك ئاجىز بولسا، ئاۋال قۇۋۋەت تولۇقلاپ، كېسەل ماغدۇرىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن سوغۇقلۇق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. كېسەلنىڭ ماغدۇرى بولغاندىلا، ئاندىن بۇ دورىلارنى كۆتۈرەلەيدۇ. 2008- يىلى 11- ئايدىن 2009- يىلى 3- ئايغىچە ئىنتايىن مۇھىم بۇرۇلۇش مەزگىلى ئىدى. دەل شۇ چاغدا ھۆكۈمىتىمىز ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي خاتالىقتىن بىرنى سادىر قىلدى. يەنى ئارقا – ئارقىدىن "تۆت سوغۇقلۇق" تەدبىرىنى يۈرگۈزۈپ، ئوتنى ئۆچۈرمەكچى بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ قارارىدىكى "تۆت سوغۇقلۇق" نىڭ بىرىنچىسى، تۆت تىرىليونلۇق بازار قۇتقۇزۇش پىلانى؛ ئىككىنچىسى، ئون چوڭ كەسىپنى گۈللەندۈرۈش لايىھىسى؛ ئۈچىنچىسى، ماشىنا – ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا چۈشۈرۈش (قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىمۇ بار)؛ تۆتىنچىسى، بانكا ئىناۋەتلىك قەرزىنىڭ %60 لىك ئايلىنىش ئاساسىي قۇرۇلۇشى.
ئەينى چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىرى ئېسىڭلاردىمۇ؟ ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىپ، سەككىزنى كاپالەتلەندۈرۈش دېگەنلەر يادىڭلاردىمۇ؟ ئەمدى پېقىر لاڭ شيەنپىڭنىڭ ئىككىنچى مەشھۇر سۆزىنى ئەستە تۇتۇڭلار. ئۇ بولسىمۇ – "ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم يۈزەكى ھادىسىلەر ئاساسىدا قارار قىلىنىدۇ!" يەنى مەسىلىنى تېگىدىن ھەل قىلماي، نە قىچىشسا شۇ يەرنى تاتىلايدۇ. ئۇنداقتا بىز بۈگۈن ھادىسىلەردىن ماھىيەتنى كۆرۈشنى ئۆگىنەيلى.
بۇ "تۆت سوغۇقلۇق" نىڭ ماھىيەتلىك مەنىسى نېمە؟ ئېنىق ئاڭلىۋىلىڭلار. بۇ ئەتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقىغا بۈگۈنكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقىنى ھەزىم قىلدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن تۆت تىرىليون يۈەننى مىسال قىپ سۆزلەي. بۇ ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئالايلۇق، ئوتتۇرا – غەربىي رايونلاردىكى پۈتۈپ بولغان يوللاردا يېتەرلىك ماشىنىلار قاتناۋاتامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ماشىنا ماڭمايدىغان يول پۈتۈپ بولغاندىن كېيىنلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما يول سېلىنىۋاتقان چاغدا، پولات ماتېرىياللارغا، سېمونتقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا شۇ چاغدىكى پولات ماتېرىياللار بازىرىدىكى 200 مىليون توننىلىق ئوشۇقچىلىقنى، سېمونت بازىرىدىكى بىر مىليارد 100 مىليون توننىلىق ئوشۇقچىلىقنى ھەزىم قىلدۇرۇۋەتكىلى بولاتتى. لېكىن كۆپچىلىك، چاتاق نەدە بىلەمسىلەر؟ بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ بولغاندىن كېيىنلا جۇڭگو تۈگىشىدۇ! نېمىشقا؟ چۈنكى پۈتۈپ بولغان يوللاردا يېتەرلىك ماشىنىلار قاتنىمىغاچقا، ئۇلار شۇ ھامان ئوشۇقچىلىققا ئايلىنىدۇ. شۇنداقلا قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ بولغان بولغاچقا، پولات ماتېرىياللىرى ۋە سېمونتلارغا ئېھتىياج قالمايدۇ. ئاقىۋەتتە قانداق بولىدۇ؟ يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقىغا قايتىپ كېلىمىز. بىزدە پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت دېگەندەكلەرنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇرۇنقى ئوشۇقچىلىقى بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەندەك يېڭىدىن پەيدا بولغان ئوشۇقچىلىقلارمۇ قوشۇلۇپ، جۇڭگو ئاللىقاچان ئوشۇقچىلىقنىڭ چوڭ قارا ئۆڭكۈرىگە ئايلىنىپ كەتتى. مېنىڭ بۇ لىكسىيەلىرىمگە ئالدىنقى يىلنىڭ (2010) كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ جان كىرگىلى تۇردى. سەۋەبىنى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى ھەر قېتىم ۋېن جياباۋ زۇڭلى شەخسەن ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، سۆزلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى (كۈلكە). بۇ ئوشۇقچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرگە بىر قىسقا ئۇچۇرنى ئوقۇپ بېرەي. بۇ ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ 2009- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىن باشلاپ، تاكى ئالدىنقى يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە تىلغا ئېلىپ يۈرگەن، "تۆت سوغۇقلۇق" تەدبىرى پەيدا قىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى ئوشۇقچىلىققا ئائىت گەپلەر. ئاۋال دەپ قوياي، بۇ ۋېن جياباۋ ماڭا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر ئەمەس ھە! ئوقۇپ بېرەي، ئاڭلاڭلار. زۇڭلى دەيدۇكى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا پولات – تۆمۈر، سېمونت، ئەينەك، كۆمۈر خىمىيە، پولىي كرىستاللىق سىلىتسىي، شامال ئېلېكتىر، ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، كۆمۈر، كوكۇس، تۆمۈر قېتىشمىلىرى، كالتسىي كاربىد، رەڭلىك مىتاللار (مىس، قوغۇشۇن، سىنىكلارنىڭ تاۋلانمىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەنە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يىنىك سانائەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوشۇقچىلىق. ئەمدى سىلەرگە كەلدى، توقۇمىچىلىق، ئاليۇمىن، خۇرۇم، بوياش ۋە گۈل بېسىش، قەغەز ئىشلەش، خىمىيىۋى ئوغۇت، ھاراق، تېتىتقۇ، لىمون كىسلاتاسى، خىمىيىلىك تالا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ماشىنا، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئوشۇقچىلىق. قاراپ باقسام، كېچىلىك بەزمىخانىدىن باشقا ھەممىسى ئوشۇقچىلىقكەن (كۈلكە). نېمىشقا كېچىلىك بەزمىخانىلار ئوشۇقچىلىق بولمايدۇ؟ چۈنكى ھۆكۈمىتىمىزدە يىغىن ئاچمىسا، ناخشا ئېيتمىسا بولمايدىغان كۈچلۈك ئېھتىياج بار. بولۇپمۇ "يۇقىرىغا قاتراپ ئىلگىرىلىگەن" (تەھرىر ئىزاھاتى: بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەت تورلىرى ئارقىلىق مەركەزدىكى تارماقلار بىلەن ئارىلىشىپ، يەرلىك ئۈچۈن تۈر ئېلىپ، پۇل تەستىقلىتىش مەقسىدىگە يېتىشىنىڭ قىزىقارلىق ئاتىلىشى) چاغلاردا، بېيجىڭغا بېرىپ خامچوت قىلغان چاغلاردا كېچىلىك بەزمىخانىلار كەم بولسا بولمايدۇ.
كېچىلىك بەزمىخانىلاردىن باشقا كەسپلەردىكى ئوشۇقچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. داتلاشماس پولات %60، پولىي كرىستاللىق سىلىتسىي %80، ئېلېكترولىزلىق ئاليۇمىن %35، ئەڭ ئاز دېگەنلىرىمۇ %30 ئوشۇق بولغان. ئەمدى پەرەز قىلىپ باقايلى. جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوشۇقچىلىقى پەقەت %30 بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ھەر يىلى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى %3 تىن چۈشۈرسەك، 10 يىل چۆكۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر %1 تىن چۈشۈرسەك، 30 يىل چۆكۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق چۆكۈش بىرىنچى قېتىملىق چۆكۈشكە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بىرىنچى قېتىملىقى پۇل – مۇئامىلە كرىزىسىدىن باشلانغان. بىر ئاينىڭ ئىچىدىلا ئېكسپورت تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، يۈز بېرىشى ئىنتايىن تېز ۋە جىددىي بولغانىدى. ئىككىنچى قېتىملىق چۆكۈش "تۆت سوغۇقلۇق" تەدبىرىنىڭ خاتا قوللىنىلىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئوشۇقچىلىقنى پەيدا قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققاچقا، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. پەيدا بولغان ئوشۇقچىلىقنى ئون نەچچە يىلدىن ئوتتۇز – قىرىق يىلغىچە ئاران ھەزىم قىلىپ بولالىشىمىز مۇمكىن. بۇ قېتىملىق چۆكۈشنىڭ يېتىپ كېلىشى ناھايىتى ئاستا بولدى. ئەمما كەلگەندىن كېيىن، ئالدىراپ كەتمەيدۇ. ئۇ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر قايسىڭلارغا ھەمراھ بولۇپ، كېيىنكى ئۆمرۈڭلارنى توشقۇزىدۇ. جۇڭگو ئاللىقاچان ياپونىيەنىڭ 25 يىللىق كاساتچىلىقىنىڭ كونا ئىزىغا قايتا دەسسىدى. ياپونىيەدە نېمىشقا 20 نەچچە يىللىق كاساتچىلىق كۆرۈلىدۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ ئۆي – مۈلۈك بازىرى ۋە پاي بازىرىدا 1992- يىلىغىچە ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي پەيتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خۇددى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگە ئوخشاشلا بىر تۈرلۈك بازار قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، 136 تىرىليون يىنلىق مەبلەغ ئاجراتقان. ئۇلارمۇ بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگە ئوخشاشلا چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ۋاقتىڭلار بولسا ياپونىيەگە بېرىپ، توكيو شەھىرىنىڭ ئەتراپلىرىنى كۆرۈپ كەلسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە سەككىز لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك دۆلەت تاشيولى، ئۇنىڭ يېنىدا سەككىز لىنىيەلىك ئۆلكە يولى، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە سەككىز لىنىيەلىك ناھىيە يولى بولۇپ، بۇ پارالىل يوللار ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ سوزۇلغان. مەن دېڭىزغىچە بېرىپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ قاراپ باقتىم. پەقەت خاتىرە بۇيۇملارنى ساتىدىغان بىر دۇكاندىن باشقا ھېچنەرسە يوقكەن. دېمەك، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىدە يېتەرلىك ماشىنىلار قاتنىمىسا، شۇ ھامان ئوشۇقچىلىققا ئايلىنىدۇ. ياسىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پولات ماتېرىياللىرى، سېمونت دېگەنلەرگە ئېھتىياج قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كەسپ ئوشۇقچىلىققا پېتىپ قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياپونىيەدە بۈگۈنكى جۇڭگودىكىگە ئوخشاشلا بىر دۆۋە كونا ئوشۇقچىلىق (پولات، سېمونت) نىڭ ئۈستىدە يەنە بىر دۆۋە يېڭى ئوشۇقچىلىق (تاشيول، تۆمۈريول) مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ياپونلار بۇ ئوشۇقچىلىقنى ھەزىم قىلىشقا 20 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.
بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنىڭ ياپونىيە تارىخىنى ئۆگەنگۈدەك ۋاقتى يوق. شۇڭا قاراپ تۇرۇپ، ياپونلار دەسسىگەن پوققا قايتا دەسسىدۇق. ئۇلار ھەر ھالدا "سوغۇقلۇق" دىن بىرنىلا ئىشلەتكەن. لېكىن بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز "تۆت سوغۇقلۇق" تەدبىرى. ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەت بۇ تەدبىرلەرنى يولغا قويماقچى بولغاندا، پۈتۈن جۇڭگودا پەقەت مەن بىر لاڭ شيەنپىڭلا ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇردۇم. مەن ئۇلارغا تۆت تىرىليون يۈەننى مەبلەغ قىلىپ سالماسلىقنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگىمۇ ئون نەچچە تىرىليوننى يۈرۈشتۈرۈپ بەرمەسلىكنى، بەلكى بۇ پۇللارنى جۇڭگو ياساش كەسپىگە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە باج كەچۈرۈم قىلىشقا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئۇلار ئاڭلىمىدى. سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلدى. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ گېپىم بويىچە ئۇدا بەش يىل باج كەچۈرۈم قىلغان بولسا، قانداق بولاتتى؟ سىلەرگە ئېيتاي، جۇڭگو شەك – شۈبھىسىز دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان بولاتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى خاتا ئوقۇۋالدى. ئەمەلىيەتتە "جۇڭگو پۈتۈن دۇنياغا رەھبەرلىك قىلىدۇ" دېگەندەك شوئارلارنى كىم ئاۋۋال توۋلايدۇ؟ ئەلۋەتتە ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلار ئارقىلىق "جۇڭگو باش كۆتۈردى. قاراڭلار، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىرى سەرخىل!" دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز يۈز – ئابرويغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ، مەبلەغنى قورقماي سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز يۈزنىلا كېرەك قىلىدىغان، ئىچ – باغرىمىزنى كېرەك قىلمايدىغان دۆلەت. بۇلتۇر (2010) دۇنيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، ئامېرىكا يەرمەنكىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىمىز ئويلىدى: مىڭ تەستە بىر قېتىم يەرمەنكە ئۆتكۈزسەك، ئامېرىكا كەلمىسە يۈزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ؟ بىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، بۇنداق ئىشلار جايىدا بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئامال تېپىلدى. خەيئېردىكى جاڭ رۈيمىن پۇل چىقىرىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن بىر كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىقلار ھەر كۈنى تاراتقۇلاردا بىزنى ماختىغىلى تۇردى. "جۇڭگو پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە باشلامچىلىق قىلىدۇ" دېگەندەك شەرەپلىك گەپلەرنى ئاڭلىغانسېرى مەبلەغنى سېلىۋەردۇق. ئاخىرى چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %58 دىن %70 كە چىقتى. ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيا جامائەت پىكرىنى ئوينىتىۋاتقان چاغدا، جۇڭگونىڭ GDP سى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. بۇ ئەينى چاغدا ياپونلارنى مەست قىلغان گەپلەر ئىدى. ئامېرىكا جامائەت پىكرى ئارقىلىق جۇڭگونى ئېزىقتۇرۇپ، زور مىقداردىكى ئىجتىمائىي بايلىقلارنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى بولمىغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا سەرپ قىلغۇزدى. ئەمما بىزنىڭكىلەر بۇنى قەتئىي چۈشەنمىدى!
ھازىر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىستىمالىنىڭ GDP دا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %27 كە چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكىدىچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىستىمالى %70~80 كە يېتىدۇ. بىز پاتقاققا ياپونلار پاتقانچىلىك پاتساققۇ مەيلىتى، ئەمما ئىشنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغۇڭلار بارمۇ؟ تۆۋەندە سىلەرگە ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزىمەن. بۇلار مۇشۇ ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئېلان قىلىنغان. بۈگۈن مەن سۆزلىگەن نەرسىلەر تارىخنىڭ مۆھۈرىگە ئايلىنىپ، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ گەدىنىگە بېسىلىشى مۇمكىن. ئىلگىرى خاتا قىلىنغان ئىشلار چوڭ بىر مىللىي بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.
2010- يىلى ھۆكۈمىتىمىز 27.8 تىرىليون يۈەنلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاجراتتى. بۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىمۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىسى بىرلىكتە ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىدۇ. يەنى پولات چىۋىق ۋە سېمونت. ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق باج كىرىمى ئاران سەككىز تىرىليون. 27.8 تىرىليوندىن سەككىز تىرىليوننى ئىلىۋەتسەك، 19.8 تىرىليون بولىدۇ. تەخمىنەن 20 تىرىليون دەيلى. خوش، بۇ 20 تىرىليون پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە پۇل بېسىشتىن كېلىدۇ. ئەمما پۇل دېگەن خالىغانچە باسسا بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بانكا كرېدىتى ئارقىلىقلا پۇل بېسىشقا بولىدۇ. چۈشتىن ئاۋال سىلەرگە پۇقراۋى كارخانىلار ئالالىغان ئىناۋەتلىك قەرزنىڭ ئاران %0.6 ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئەمىسە قالغىنىنى كىم ئالدى؟ ئەلۋەتتە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئالدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرزىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قارايلى. بانكا نازارەت كومىتېتىدىكىلەر ئەڭ باشتا 16 تىرىليون يۈەن دەۋەتتى. ھۆكۈمەتتىكىلەر قارىسا ئىش چاتاق، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۆزگەرتتى. مەركىزىي بانكا قەرزنىڭ 14 تىرىليون ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قارىسا يەنىلا ئىش چاتاق. ئەڭ ئاخىرىدا ئىقتىسادىي تەپتىشلەر تۈزىتىپ، قەرز پەقەت 10 تىرىليون دېدى. مېنىڭ پارتىيەگە بولغان چۈشىنىشىمگە ئاساسلانغاندا، تۈنجى قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن دەپ سالغىنىغا ئىشىنىمەن. ئەمەلىيەتتە 16 تىرىليونمۇ سەل تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن. ئامېرىكا دەرىجە باھالاش شىركىتى – مۇدىي 7- ئايدا تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرزىنى 3.5 تىرىليون يۈەن ئاز ھېسابلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان 16 تىرىليونغا قوشساق، 19.5 تىرىليون بولىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ئالغان قەرزچۇ؟ ئۆزەڭلار ئېتىراپ قىلىڭلار، 16 تىرىليون، شۇنداققۇ؟ بۇلارنى قوشساق، تەخمىنەن 36 تىرىليونغا بارىدۇ. مانا بۇ جۇڭگونىڭ 2010- يىللىق GDP سى. ئەسلىدە جۇڭگونىڭ GDP سى مانا مۇشۇنداق يارىتىلىدۇ. جۇڭگودا پەقەت مەنلا شۇنداق ئېيتالايمەنكى، بۇ يىلدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولىدۇ! مەن نېمىشقا بۇنداق ئىشەنچ بىلەن دېيەلەيمەن؟ ئويلاپ بېقىڭلار، 36 تىرىليون قەرزنىڭ ئۆسۈمى قانچىلىك بولىدۇ؟ بىر يىلدا 2 تىرىليون! ئۆتكەن يىلى (2010) ھەر ھالدا 3.27 تىرىليونلۇق يەر - زىمىن ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنى ئىشلەتكىلى بولاتتى. بۇ يىلچۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي – مۈلۈك ساھەسىنى كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل كىرىم ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 600 مىلياردقا چۈشۈپ قالدى. دېمەك ئۆسۈمنىمۇ قايتۇرالمايدۇ. ئەمدى ھۆددە قىلىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە چوقۇم ۋەيران بولىدۇ! مانا بۇ سىلەرنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىرنى يىراق كۆرمەي، مېنىڭ نۇتقۇمنى ئاڭلىغىلى كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا دو تىكسەممۇ، سىلەر مەن بىلەن تىكىشىشكە جۈرئەت قىلالمايسىلەر. نېمىشقا؟ چۈنكى سەۋىيە ئوخشىمايدۇ (كۈلكە).
ئەلۋەتتە بىزدە يېتەرلىك ئاساسلار بار. سىلەر مېنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپامنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى بىلمەيسىلەر. ئەمدى ئاڭلاڭلار. ھۆكۈمىتىمىز جەمئىي 483 شەھەرگە قەرز تارقاتقان. ئاخىرىدا بىز ئۇنىڭ ئىچىدىكى %33 تىدە نەق پۇل ئېقىپ كېتىش، يەنى مىنۇس بارلىقىنى بايقىدۇق. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ ئۆسۈمنىمۇ، دىرىنىمۇ قايتۇرالمىدى دېگەنلىك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرزنى قايتۇرالمىسا قانداق بولىدۇ؟ "ئېگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كرىزىسى" پات يېقىندا پارتلايدۇ دېگەن گەپ. بىرىنچى بولۇپ پارتلىغىنى يۈننەن، 4- ئاينىڭ 26- كۈنى تۈنجى بولۇپ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى. ئەمدىچۇ؟ سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيلەر بىر – بىرلەپ خىلاپلىق قىلىشقا باشلايدۇ. شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، جياڭسۇ – جېجياڭلار ئارقا – ئارقىدىن يىقىلىدۇ. پۈتۈن جۇڭگودىكى بارلىق ئۆلكە – رايونلارنىڭ ھەممىسى قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇن، بىرسىمۇ ساق قالمايدۇ، ھېچقايسىسى قەرزنى قايتۇرالمايدۇ. ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر نەچچە شەھەر رايونلىرىنىڭ رايون باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاخشىدى. شاڭخەي مىنشىڭ رايونىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولۇپ، قەرز نىسبىتى %46 ئىكەن. رايون باشلىقى: بىز 15 مىليارد قەرز ئالغان، ھەر يىلى بىر مىلياردنى قايتۇرۇشىمىز كېرەك ئىدى، ھازىر قەرز قايتۇرالمايۋاتىمىز – دىدى. خۇڭكو رايونىنىڭ قەرز نىسبىتى %190 ئىكەن. فۇشىڭ رايونىنىڭ قەرز نىسبىتى %200 ئىكەن. ھېچقايسىسى قەرز قايتۇرالماپتۇ. مانا بۇ شاڭخەي! جېڭجۇدىكى مەلۇم رايوننىڭ پارتىكوم شۇجىسى مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم ئىدى. ئۇ ماڭا: لاڭ مۇئەللىم، بىزنىڭ رايونىمىز يىل ئاخىرىغا بارغاندا مائاشمۇ تارقىتالمايدۇ – دېدى. مەن ئەمىسە قانداق قىلىسىلەر دېسەم، ئۇ: قەرز ئالارمىز، داۋاملىق كۆز بويىمامدۇق. بەرىبىر كېلەر يىلى يۆتكىلىپ كېتىمەن، نېمە چاتىغىم – دېدى. شاڭخەيگە بېرىپ باققانلار خۇڭچياۋ رايونىنى بىلىسىلەر. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈگۈن قۇرۇلۇشى. سىلەرچە شۇنداق چوڭ قىلىۋىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئۇلار ئالغان قەرز 20 مىلياردقا يەتكەن. قەرزنى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا – شاڭخەي شىڭخۇڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئالغان. ئاخىرى بۇ يىل 6- ئايدا قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەش بانكىنىڭ بىرلەشمە كرېدىتىغا خىلاپلىق قىلىندى. شۇجى يەنە باشقا بەش بىچارە بانكىنى تېپىپ قوشۇۋالدى. بۇ ئۇلار دائىم قىلىدىغان ئىش. دەرتنى ئون بانكا تەڭ تارتىدىغان گەپ. مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ، كرىزىس بولسا قانداق قىلىسەن؟ بەش بانكا موللاق ئاتتى، ئامال يوق. يەنە بەشى بۇنىڭ كاساپىتىگە كەتسۇنمۇ؟ 20 مىليارد، شاڭخەينىڭ تۈگۈن قۇرۇلۇشى! بەش يىل ئۆتمىگىچە نەق پۇل كىرمەيدۇ. يەتتە يىل ئۆتمىگىچە ھەرگىز ئۆسۈم قايتۇرالمايدۇ. ئون يىل ئۆتمىگىچە پايدا يارىتىش مۇمكىن ئەمەس. قەرزنى قايتۇرمىسا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ۋەيران بولىدۇ.
ئۇنداقتا سىلەر ھەر كۈنى تاراتقۇلاردا نېمىلەرنى ئاڭلاۋاتىسىلەر؟ ئامېرىكا قەرز كرىزىسى. ئامېرىكىدا ئازراق كرىزىس بولۇۋىدى، بىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىز بەس – بەستە تالىشىپ خەۋەر قىلىۋاتىدۇ. يەنە ياۋروپا قەرز كرىزىسىمۇ بار. گرېتسىيەدىكى كرىزىسنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. ھۆكۈمىتىمىز تېخى گرېتسىيەگە ياردەم قىلىمىز دەۋاتىدۇ. كۆپچىلىك، سىلەرگە ئېيتاي، ھازىر جۇڭگودىكى ھەر بىر ئۆلكە – بىر گرېتسىيە! گرېتسىيەنىڭ قەرزى تېخى شاڭخەي خۇڭكو رايونىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. گرېتسىيەگە ياردەم قىلىمەن دېمەي، ئاۋال ئۆزەڭگە بىر ياردەم قىل (كۈلكە).
ئامېرىكا قەرز كرىزىسى ئامېرىكا پاي بازىرىدا پاي باھاسىنىڭ بىردىنلا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋروپادىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇنداقتا جۇڭگودىكى قەرز كرىزىسى پاي باھاسىنىڭ بىراقلا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ – يوق؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ. تۈنۈگۈن 2313 نۇقتىغا چۈشۈپ، 31 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن رېكورد يارىتىلدى. بۇ چۈشۈش قاچان باشلاندى؟ 4- ئاينىڭ ئاخىرى. جۇڭگو قەرز كرىزىسى قاچان باشلاندى؟ 4- ئاينىڭ ئاخىرى يۈننەندىن باشلاندى. بۈگۈن سىلەر جۇڭگودىكى بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەردىن بولۇپ قالدىڭلار. جۇڭگونىڭ پاي كۆرسەتكۈچى نېمىشقا 2313 نۇقتىغا چۈشۈپ كېتىدۇ؟ چۈنكى جۇڭگو قەرز كرىزىسى باشلاندى!
تۈگىدى


كىشىلىك ھايات ئا

2

تېما

1

دوست

824

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12075
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 148
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دىققەت قىلىنىۋاتقان .بىراق،تېگىگە يىتەلمەۋاتقان،سەۋەبى تاغدا تۇرسا باغدىن ئىزدەيدىغان تىڭرىقاش ،تەمتىرەش ئىچىدىكى يول باسارغا يول كومپاس بەرگەندەكلا ئىنتايىن  ياخشى تىمىنى يوللاپسىز.رەھمەت سىزگە!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8653
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 796
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ دىگەنلىرى راستەكلا قىلىدۇ .ھامان بېشىنى يەيتى

8

تېما

2

دوست

4608

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 1281
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:17:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېگى بار گەپلەركەن !!!!!

نارات

1

تېما

0

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھىيتىمۇ ياخشى يېزىلغان ئىلمى ماقالەكەن مەن بۇرۇن بىر قېتىم كۆرگەنمەن جوڭگونىڭ ياساش كەسپىدىكى بەزەن ئەمىلىيەت بۇ ماقالىدىكى  مۇلايىزى بىلەن ئوخشاش دىيىشكە بولىدۇ .ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قۇيىشى توغرا .تېما يوللۇغۇچى قېرىندىشىم ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.

0

تېما

3

دوست

3655

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16842
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1110
توردىكى ۋاقتى: 146
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 14:58:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرلار چوقۇم بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشى كېرەك...

1

تېما

1

دوست

4872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15719
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1374
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 15:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ...
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )