- تىزىملاتقان
- 2012-12-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 435
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
67.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا freelife تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-19 11:35
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! باغداش ئەھلى !
« ئەخمەتجان قاسىمى سالچىلار بىلەن بىللە» نامىدىكى بۇ ئەسەرنى مەرھۇم تۇردى ئابدۇرىھىم ئەپەندى يازغان بولۇپ ، « تىكەس ناھىيە تارىخى ماتىرياللىرى » نىڭ 3 - سانىدا ئىلان قىلىنغان . ھەر قېتىم ئۆيۈمدىكى كىتاپ ئىشكاپىغا چاپلاغلىق سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مەيدىسىگە « ئازادلىق ئوردىنى » تاقىغان ، گۈللۈك دوپپا كىيگەن ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مېھرىبان چىرايىغا چەكسىز ھۆرمەت ، ئالەمچە سىغىنىش بىلەن نەزەر سالغىنىمدا بۇ سۆيۈملۈك رەھبىرىمىزنى چوڭقۇر سىغىنىش ئىلىكىدە ئەسلەيمەن ۋە ئەمدىلا چۈچۈك تىللىرى چىقىۋاتقان ئوغلۇم لۇتپۇللاغا « مانا بۇ بىزنىڭ رەھبىرىمىز » دەيمەن . مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى باقى ئالەمگە سەپەر قىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئاپتورنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ، مەزكۇر ئەسەرنى باغداش جامائىتىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . ئىنشائاللاھ ، ئاپتور ئۇ ئالەمدە تۇرۇپ ، ئۆز ئەمگەك مىۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنىڭ بەھرىمەن بولۇشىنى بىلسە روھى خۇش بولغاي .
ناننى ھالاللاپ يەيمىز
1949 - يىلى ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ تىكەس دەرياسى ۋادىسىدا توختىماي چىقىۋاتقان سوغۇق شامال ئادەمنىڭ يۈزىگە نەشتەردەك سانجىلاتتى . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي چېكىرتى ( موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەۋەسىدە ) دىكى سال باغلايدىغان يەرگە نەچچە يۈز ئادەم توپلانغانىدى .
بۇ توپ ئىچىدە ئات ، ئۆكۈزگە مىنىۋالغان ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، موڭغۇل چارۋىچىلار ، رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيگەن خوتۇن - قىزلار ، ئات - توپاققا مىنىۋالغان بالىلار بار ئىدى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نۇقتىغا - دۆڭ ئۈستىدىكى باقاخۇن سالچىنىڭ ئۆيى تەرەپكە كۆز تىكىپ تۇراتتى . « ئەنە چىقتى ! » دېدى كىمدۇر بىرى ھاياجان بىلەن : « ئەنە ، ئەخمەتجان قاسىمى كېلىۋاتىدۇ ! » دېدى يەنە بىرەيلەن ، بۇ چاغدا باقاخۇن سالچىنىڭ ئۆيىدىن ئون نەچچە ئادەم چىقىپ خەلق توپى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۈلرەڭ شىم - تۇجۇركا ، بېشىغا سادىر پالۋاننىڭكىدەك مالخاي ، پۇتىغا چېگرىن ئۆتۈك كىيگەن ئەخمەتجان قاسىمى يېنىدىكى بىر قانچە سالچى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇلارنى كۆرگەن خەلق دۈررىدە كېلىپ ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئورىۋالدى .-سالام ، جامائەت -،دېدى ئەخمەتجان قاسىمى ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ .
- سالام ئەخمەتجان !
- سالام رەھبىرىمىز ! !
ئەخمەتجان قاسىمى ئاقساقاللار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى . بىر ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى قولىغا ئېلىپ ئەركىلەتتى ۋە ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيدى .
- جېنىم بالام ، - دېدى چېچى ئاقارغان بىر موماي ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، - سىلىنى خۇدايىم بالا - قازادىن ساقلىسۇن ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسىلە بالام ، قايتىدىكەن ، دەپ ئاڭلاپ بىر كۆرىۋالغىلى كەلدىم ھەم ئاددىيلا بىر سوۋغا ئېلىپ كەلدىم . ئاز بولسىمۇ ئېلىۋالسىلا بالام . موماي قولىدىكى داستىرخاننى ئاچتى . داستىرخانغا 4 - 5 مايلىق توقاچ ئورالغان ئىدى .
- رەھمەت ئاپا ، بىھۇدە ئاۋارە بولۇپلا ، كۆڭۈللىرىگە رەھمەت ، بىراق ناننى ئالمايمەن . بۇ ناننى باللىرىڭىز يىسۇن ، - دېدى ئەخمەتجان قاسىمى .
- ياق ، بالام ، ئالمىسىلا زادى بولمايدۇ ، - دېدى موماي جىددى تۈردە ، - نان دېگەن سەپەردە ھەمراھ بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىمۇ مېنىڭ بالام ، - دېدى .
باقاخۇن سالچى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ ، « بۇ ئاپامنىڭ سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلىڭ . بۇمۇ خەلىقنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلى » دېدى سالدىن ئاستا چۈشۈپ .
- بولىدۇ . مەن بۇ ئاپامنىڭ سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلاي ، - دېدى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە موماينىڭ داستىرخېنىدىن بىر توقاچنى قولىغا ئالدى - دە ، دۆۋىلەپ قويۇلغان قارىغاي ياغىچىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ سۆزلەشكە باشلىدى :
- ماڭىدىغان ۋاقتىمىزنى شۇنچە مەخپى تۇتقان بولساقمۇ ، بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ ، سىلەرنى بىھۇدە ئاۋارە قىلىپتۇق ، سىلەرگە مىڭلارچە رەھمەت ! بىز خەلىقىمىزنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زۇلىمىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ۋە مۇشۇ نان ئۈچۈن ، - ئۇ قولىدىكى ناننى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ھاياجان بىلەن سۆزلەيتى .، - كۈرەش قىلىۋاتىمىز . بۇ كۈرەشتە نۇرغۇنلىغان پىدائى ئەزىمەتلەر قۇربان بەردى . بىز ئۇلارنىڭ ئەزىز جېنى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە بۈگۈنكى ئازادلىققا ئېرىشتۇق . لېكىن ، كۈرەش تېخى تۈگىمىدى . بۇنىڭدىن كېيىن باراۋەرلىك ، ئەركىنلىك ، خەلىقچىللىق ئۈچۈن ۋە خەلىقىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز . خەلق بەرگەن بۇ ناننى چوقۇم ھالاللاپ يەيمىز !
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆزى تۈگۈشى بىلەن تەڭ گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ۋە « ئۇررا ! » ئاۋازى تېكەس دەريا ۋادىسىنى لەرزىگە سالدى .
ئەخمەتجان قاسىمى قارىغاي ياغىچى ئۈستىدىن چۈشۈپ ، خەلق بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە سال توختىتىلغان يەرگە قاراپ ماڭدى . خەلقمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن سال تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
- قېنى ئەپەندىم ، ماۋۇ سالغا چىقىڭ .
دەريادا جەمئىى توققۇز سال باغلاقلىق ئىدى . ئەخمەتجان قاسىمى باقاخۇن سالچى كۆرسەتكەن 3 - سالغا چىقتى . باقاخۇن سالچىنىڭ ئوغلى مەھەممەت يەرگە قېقىلغان تۆمۈر قوزۇققا باغلانغان تال چىۋىقتىن ئېشىلگەن ئارغامچىنى يېشىۋەتكەندىن كېيىن سالغا سەكرەپ چىقتى . باقاخۇن سالچى ئالدى گۇجەڭ ( سال پالىقى ) نى كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى . مەھەممەت كەينى گۇجەڭنى تارتىشقا باشلىدى . سال ئاستا - ئاستا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندىن كېيىن تېز ئېقىندا ئىتتىك مېڭىپ كەتتى .
- خەير - خوش قېرىنداشلار ، ئامان بولۇڭلار !
- خەير - خوش ، سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز !
- ئاقيوللۇق بولۇڭ !
كۆپچىلىكنىڭ كۆزى ياش بىلەن نەمدەلگەنىدى . ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمىغا مانا مۇشۇنداق ئاقيول تىلىدى .
( داۋامىنى تىمام تەستىقلانسا داۋاملىق يوللايمەن ) |
|