- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 9201
- نادىر
- 28
- يازما
- 200
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، باغداش تورىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى :
بۈگۈن بىز تور بېكەت يۈزىدە كەڭ تورداشلارغا بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۇقتۇرۇش قىلماقچى:
1. شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەققىدە
باغداش تور بېكىتى كەڭ تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى نەتىجىسىدە كۈندىن -كۈنگە تەرەققى قىلىپ تورداشلارغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىپ كەلدى . بىز تور بېكەتنى تېخىمۇ كۆلەملەشكەن قىلىش شۇنداقلا يەنە بىر قانچە ساھالەر بويىچە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4 - كۈنى سودا -سانائەت ئىدارىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ رەسمىي <شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن -تېخنىكا چەكلىك شىركىتى>نى قۇرۇپ چىقتۇق .
شىركەت ئومۇمىي ئەھۋالى ، تەرەققىيات يولى قاتارلىق تەپسىلاتلار ئايرىم تەپسىلىي خەۋەر قىلىندۇ .
شىركىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىن ھەمكارلاشقۇچى ۋەمەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ .
شىركەت ئادىرسى : ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى داۋەن خېڭچاڭ گۈللىكى 55-بىنا 3-ئىشىك 14-قەۋەت 1-نومۇر
2.تور بېكەت باشقۇرۇش نىزامى ۋە باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى :
تور بېكەتنىڭ كۆرۈلىشى بۇ يىل 1-ئايدىن ھازىرغىچە تىك سىزىق بويىچە ئۆرلەپ ،كۆرۈلىشى ھەسسىلەپ ئاشماقتا . تىزىملاتقان ئەزالار ۋە يوللىندىغان تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئاچماقتا ، تور بېكىتمىز قانۇنغا رىئايە قىلغان ئاساستا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك يول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ ، ئەلۋەتتە خەلق ساداسىنى ئاڭلىتىش ، پارتىينىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز . بۇندىن كېيىن بېكىتىمىز تورداشلارنىڭ قانۇن - تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشنى ، تورداشلارنىڭ ئىنكاس ۋە تېما يوللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز .
قانۇنغا خىلاپ ئىنكاس ۋە تېمىلارنى قەتئىي يوللىماسلىقنى ئۈمىد قىلمىز . باغداشنى قوللاڭ ، باغداشنى ئاسراڭ ، بىزنى قوللىسىڭىز بىز سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تور مۇھىتى ھازىرلاشقا تىرىشىمىز !
باغداش مۇنبىرىگە 10 نەپەر باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىندۇ .
شەرتى : بىلىم سەۋىيىسى ، قانۇن ئېڭى يوقىرى ، باغداشنى تورىنى ياقتۇرىدىغان ، بەلگىلىك كومپىيوتور سەۋىيىسى ھازىرلىغان ، كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتى 3سائەتتىن 5 سائەتكىچە بولغان بولىشى كېرەك .
شەرتى توشىدىغان ۋە باشقۇرغۇچى بولۇپ باغداشنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەنلەرگە نۆۋەتتە مائاش بېرىلمەيدۇ . ئايدا ياكى پەسىلدە تۈرلۈك بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ .(كەلگۈسىدە مائاش بېرىش ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن )
خالايدىغان تورداشلارنىڭ ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە سۆز قالدۇرۇڭ ياكى كوت-كوت ئارقىلىق ئالاقىلىشڭ .
چ چ ۋە ئۈندىدار نومۇرى : 137183568 ، قوشقاندا سەۋەبىنى ئەسكەرتىڭ .
3. مۇنبەر بەلگىلمىسى :
1.شىركەت خىزمەتكە چۈشكەن ۋاقىت يەنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دىن چۈشتىن كېيىن 5:30 غىچە مۇنبەر نورمال خىزمەت قىلىندۇ . ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك تەستىق ئارقىلىق چىقىدۇ. (ئەگەر باشقۇرغۇچىلار بار ئەھۋالدا نورمال چىقىدۇ )ھەم ھەر بىر ئىنكاس ۋە تېما باشقۇرغۇچىلار قاتتىق كۆزىتىدۇ .
2. مۇنبىرىمىز قانۇنغا خىلاپ مەزمون بايقالسا دەرھال ئۆچۈرۈلۈپ شۇ ئەزاغا نىسپەتەن چەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
تور بېكىتىمىزنى قوللاڭ ، تور بېكىتىمىزنى ئاسراڭ ،
بىزنىڭ شوئارىمىز: مۇكەممەللىك مەۋجۈت ئەمەس لېكىن بىز تىرىشىمىز !
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
باغداش مۇنبىرى
|
|