- تىزىملاتقان
- 2013-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2268
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
8.93%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mazargojam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 22:52
«ھايۋان» بالا،قاتىل دادا
داۋاملىق ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ،ئائىلىسىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىپلا يۈرۈيدىغان 27ياشلىق سەمىي 2012-يىلى 26-ئۆكتەبىر يەنە سىرىتتا ھاراق ئىچىپ غەرىق مەست ھالەتتە كەچ سائەت 10لاردا شايار ناھىيە يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنت 1-مەھەللىدىكى ئۆيىگە كەلدى.ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ھويلىدا تۇراتتى.سەمىي دەرۋازىنى ئۇرۇپ«ئاتا!»دەپ توۋلىدى.بۇ چاغدا سەمىينىڭ ئاتا-ئانىسى ئاللابۇرۇن ئۇخلاپ بولغانىدى.ئۇنىڭ خوتۇنى ئېرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى سەۋەپلىك يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكىلى ئىككى ئايچە بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭ ئاتىسى 69ياشلىق توختاخۇن ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورندىن قوپۇپ ھويلىغا چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپ،ئوغلىنىڭ يەنە مەست كەلگەنلىكىدىن خاپا بولۇپ،ئوغلىغا«كۈندە مەست كېلىسەن،بىزدىن تەپ تارتمايسەن،خولۇم-قوشنىلارنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزىمىز قالمىدى،ئاپاڭنىمۇ ئۇرۇپ ماڭالماس قىلىپ قويدۇڭ!»دەپ كايىپ ،باغ تەرەپكە تاھارەت قىلغىلى كىرىپ كەتتى.سەمىي ھويىدا تۇرۇپ ،ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇخلاۋاتقان قورامىغا يېتەي دەپ قالغان سىڭلىسىنى چاقىرىپ چىقىپ،«سەن مېنىڭ ئۆيۈمدە مېنىڭ بىلەن بىرگە يات »دەيدۇ.سىڭلىسى قوشۇلمىغاندا ئۇ سىڭلىسىنىڭ بىلىكىدىن ئۆزى ياتىدىغان ئۆي تەرەپكە سۆرەيدۇ.سىڭلىسى قورقۇپ،«ئاتا!»دەپ ۋارقىرايدۇ.ئاتىسى توختاخۇن باغ تەرەپتىن چىقىپ،«نىمە بولدى؟»دەپ سورىغاندا قىزى‹ئاكام«مېنىڭ قېشىمدا يات»دەيدۇ›دەپ جاۋاپ بېرىدۇ قورقۇپ يىغلامسىراپ.توختاخۇن غەزەپلىنىپ سەمىيگە؛«ساراڭمۇ سەن، بۇ قىز بالا تۇرسا،سەن مەستنىڭ قېشىدا ياتسا قانداق بولىدۇ؟»دەپ، قىزىنى ئۆيگە كىرگۈزۋەتكەندىن كېيىن ئوغلى سەمىينىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ؛«ھۇ ھايۋان گۇي،سېنى ساقچىخانىغا ئاپىرىمەن»دەپ سۆرەپ ،ئۆز-ئارا تارتىشىپ دەرۋازا تۈۋىگە كەلگەندە يىقىلىپ كېتىپ،سەمىي ئاتىسى توختاخۇننى بېسىۋالىدۇ ۋە قولىغا بىر دانە 40سانتامېتىرچە چوتنى ئېلىپ،جۇلدىسىنى ئاتىسىغا تەڭلەپ؛«ئۆلتۈرىۋېتىمەن!»دەيدۇ.بۇ ۋاقىتتا توختاخۇن يەرنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ،بىلەكتەك توملۇقتا ،50سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىردانە كالتەكنى قولىغا ئېلىپ، سەمىينىڭ بېشىغا كۈچەپ بىرنى ئۇرغاندا سەمىي يانغا يىقىلىدۇ.توختاخۇن ئورنىدىن تۇرۇپ، يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان سەمىينىڭ باش قىسمىغا كالتەك بىلەن يەنە بىرنى ئۇرىدۇ.بۇ ۋاقىتتا سەمىي؛«ئەمدى بولدى قىل!»دەيدۇ.توختاخۇن سەمىينىڭ گەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، كالتەك بىلەن يەنە باش قىسمىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچنى ئۇرىدۇ.سەمىي جىم يېتىپ قالىدۇ.توختاخۇن يەردە ياتقان سەمىينى ياقىسىن تۇتۇپ سۆرەپ ،ئۆزى يېتىپ-قوپىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تۆت چاسا سىمۇنت تاختىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ ،بېشىنى سىمۇنت تاختىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئوڭدامچە ياتقۇزۇپ قويىدۇ .بۇ ۋاقىتتا سەمىي بىر قېتىم«ۋايجان!»دەپ ۋارقىراپ جىم بولۇپ قالىدۇ.توختاخۇن يەنە ئاچچىقى بېسىلمىغان ھالدا سەمىينىڭ كۆكرەك قىسمىغا«ئۆلە گۇي،سەندەك ھايۋاننىڭ تىرىك قالغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى!»دەپ تۆتنى دەسسىۋېتىدۇ.دەل شۇ پەيتتە، توختاخۇننىڭ بىر قوشنىسىنىڭ تېلىفۇن قىلىشى ئارقىلىق بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىللىرى دەرۋازا ئالدىدا پەيدا بولىدۇ.ساقچىلارنى كۆرگەن توختاخۇن دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھويلىدىن چىقىپ ساقچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ،ئىككى قولىنى جۈپلەپ تۇرۇپ؛«مەن ئوغلۇم سەمىينى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتىم،ئەمدى مېنى تۇتۇڭلار»دەيدۇ.ساقچىلار توختاخۇننى تۇتىدۇ ۋە ئوغلى سەمىينى دەرھال ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىدۇ.لېكىن قۇتقۇزۇش ئۆنۈم بەرمەي، شۇ كۈنى كېچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،«ئۆلگۈچى سەمىي سىرىتقى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن شۈك بولۇپ ئۆلگەن»دېگەن باھالاش خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ.
جىنايەت گۇماندارى توختاخۇن 2012-يىلى 27-ئۆكتەبىر ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بۇيىچە توختۇتۇپ قويۇلدى.2012-يىلى 21-نويابىر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىندى.ناھىيەلىك ج.خ ئىدارىسى جىنايەت گۇماندارى توختاخۇننىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2013-يىلى 27-مارت (2013)30-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق،ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى.ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق بارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى.جاۋاپكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.دىلونىڭ سۈرۈك ۋاقتى 15كۈن ئۇزارتىپ بېرىلدى.2013يىل 9-ماي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلونى ئەستائىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئەيىپلەش يەكۈنى چىقاردى:دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق.جاۋاپكار توختاخۇننىڭ باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا قەستەن ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.جاۋاپكار جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋاپكار توختاخۇنغا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ232-ماددا ، 67-ماددا ۋە 20 ماددا2-تارنىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك .شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 172-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلەندى.بۇ ئەيىپلەشنامە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.
مۇخبىرنىڭ مۇلاھىزىسى:كونىلاردا«پەرزەنت كىچىكىدىن ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولمىسا،ئۇ بالا ئەمەس،بالا-قازا بولىدۇ»دەيدىغان گەپ بار.بۇ دىلودىكى ئۆلگۈچى سەمىي كىچىكىدىنلا جەمئىيەتتىكى يامان بالىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇراپ ،مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ قېچىپ كېتىپ ئېقىپ يۈرۈپ،خالىغاندا يۇرتقا كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن.ئاتا-ئانىسى ئۆيلەپ قويسىمۇ ،تىرىشىپ تۇرمۇشىنى قامدىماستىن جەمئىيەتتىكى ناچار ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ،ھاراق ئىچىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ،كۆپ قېتىم بازارلىق ساقچىخانىدىمۇ ياتقان.ساقچىلارنىڭ،ئاتا-ئانا،ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىمۇ كار قىلمىغان.مۇشۇ دىلو سادىر بولۇشتىن بىر ئاي بورۇن ئاتىسى سىرىتقى ۋىلايەتكە ئىشلەپ پۇل تاپقىلى كەتكەندە ئاپىسىنىڭ قېشىغا مەست كىرىپ«ماڭا پۇل بەر»دەپ جېدەل قىلغان.ئاپىسى پۇل يوقلىغىنى ئېيتقاندا ئاپىسىنى تېپىپ پۇتىنىڭ ئۇستىخىنىنى زەخمىلەندۈرۈپ مەڭالماس قىلىپ قويغان.ئاتىسى قايتىپ كېلىپ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، بۇ ئىشلارغا ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاندا ،ئوغلى تەپ تارتماستىن يەنە بۇ خىل ئەدەپسىزلىكنى سادىر قىلىپ،ئاتىسىغا چوت كۆتەردى.ئاتىسىمۇ ئاچچىقىنى باسالماي،ئاخىرى قاتىلغا ئايلىنىپ قالدى.ئاتىمۇ بالىغا كىچىكىدە ھەددىدىن زىيادە كۆيۈپ كەتمەي ئىلمىي تەربىيە بېرىپ ياخشى تەربىيەلىگەن بولسا ،بۇ ئوغۇلمۇ ئەقلىنى ئىشلىتىپ،ئاتا-ئانىسىنىڭ،ساقچىلارنىڭ تەربىيەسىنى ئاڭلاپ،ياخشى ئادەم بولۇپ ئۆزگۈرۈپ،ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ھالال مېھنەت بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا بۇنداق تىراگىدىيەمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى.مانا ئەمدى بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىسى زور ئۈمىت-ئارزو بىلەن تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئوغۇل ئۆز ئاتىسىنىڭ قولىدا ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى.ئائىلىنىڭ بىردىن-بىر تۈۋرىكى بولغان ئاتا بولسا تۈرمىدە قامىلىپ،سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتمەكتە.
ئەسكەرتىش:دىلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى
مەنبە:ئۆزۈم |
|