- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19271
- نادىر
- 1
- يازما
- 805
ئۆسۈش
23.18%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-20 21:36
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ھۆكمىتىدىكى رەھبىرى يولداشلار ، ئاددى پۇقرا بولمىش مېنىڭ ئازغىنە تەكلىپىم بار ئىدى ،توغرا كۆرسەڭلەر قوبۇل قىلشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن . يېقىندىن بىرى ئۆزۈم ئۇچىرشىپ تۇرۇۋاتقان ئاشخانا ھەم بىرقىسىم جامائەت سورۇنلىرىدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكمىتىدىن چۈشۈرۈلگەن بىرپارچە ئۇقتۇرۇشقا بولغان جامائەت پىكىرى دىققىتىمنى تارتتى ، مانا ھازىر تور ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئۇختۇرۇشنى ئىزدەپ تېپىپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئۇختۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا <<ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆز ئالدىغا قاسساپچىلىق قىلىشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى>> نى تارقىتىپ، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا سويۇش، شەھەر رايونىدا شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىسىز ئۆيدە توخۇ، ئۆردەك، توشقان، قوي قاتارلىقلارنى بېقىشنى چەكلەشنى بەلگىلەندى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر رايونىدا ئۆز ئالدىغا قاسساپچىلىق قىلىشنى چەكلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ ئىجازەتنامە ئالمىغان ئەھۋالدا قوي-كالا سويۇش، سېتىش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرىمىدا رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوي-كالا سويۇش ئورۇنلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ، ئاممىغا ئۇقتۇرىدىكەن. ...... ئەمدى بۇ ئۇختۇرۇشنىڭ ئاساسى مەزمۇنىدا ، ھۆكمىتىمىزنىڭ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ،ئۆي ھايۋانلىرى ھەم ئۆي قۇشلىرىنى تەستىقسىز ئۆز ئالدىغا بېقىش ، سويۇش ،بىخەتەرلىك ئۆلچىمگە توشمىغان ياكى كىلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپ چىقىرىش ھەم سېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئويناپ ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ئىشەنچىلىك گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلشىغا ئاساس سالالايدۇدەپ قارايمەن . بۇ ئۇختۇرۇشتىكى قانۇن -نىزاملارنى ئىجرا قىلىشتىمۇ ،شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھەر دەرجە ھۆكىمەت ئاپراتلىرى بىلەن ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ بىردەك تىرىشچانلىقىدا تىزرەك ئەمىللىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن . ئەمدى دىمەكچى بولغۇنۇم ، بۇ ئۇختۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇردىكى بەلگىلمىگە تۈزتۈش كىرگۈزۈپ قويشىڭلارنى سورايمەن . مەن دىمەكچى بولغان مەزمۇن تۆۋەندىكىچە ؛مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرىمىدا رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوي-كالا سويۇش ئورۇنلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ، ئاممىغا ئۇقتۇرىدىكەن .... بۇنىڭدىكى سەۋەپ ، رايۇنىمىز شىنجاڭدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدىغان مۇسۇلمان ئاممىسى بىرقەدەر كۆپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى قائىدىسى ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بىرى داۋاملىشىپ كىلۋاتقان مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزدە ( رايۇنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ -ئادەتلىرى قانداق بۇنى ئانچە بۈلۈپ كەتمەيدىكەنمەن ) جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن رامىزان ئايلىرى ، روزا ھېيىت مەزگىلى ، بولۇپمۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېىت مەزگىلىدە قۇربانلىق ئاتىغان مالنى چوقۇم ئۆيدە سويۇپ ،ئۆشرە -زاكات ئايرىپ ،مەھەللىدىكى خولۇم -خوشنىلار بىلەن ئۆز ئارا ھېيىتلىشىپ ، قۇربانلىق مال گۆشىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ كەلگەن ئىدۇق ، شەھەرلەردە بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۋاتقان مال -چارۋا بېقىشقا شارائىتى يوق مۇسۇلمان قېرىنداشلارمۇ كىيىن دىگەندىمۇ 3كۈن ئاۋال قۇربانلىق مالنى سېتۋىلىپ چىرايلىق بىزەلگەن ئۆيلىرىنىڭ مەينەت بوپ كىتشىدىن ئىرىنمەي قۇربانلىق مالنى ئۆز قولى بىلەن بىر-نەچچە كۆن باققاندىن كىيىن ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈپ ،ئۇرۇق -تۇققان خزمەتداشلىرمىزنى ھېيتلىق مىھماندارچىلىققا چاقىرتىپ قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىدىن بەھىرلەنگەچ ئۆز -ئارا دۇئا تىلاۋەتتە بولشىىمىز ،چۈنكى قۇربانلىق ئاتالغان ماللارنى قانچىلىك قىممەت باھادا سېتۋالساقمۇ ئۆزىمىز ئازىراق ئەجىر قىلمىساق قوبۇل بولمايدۇ دەپ تونۇيمىز . بىزنىڭ دىنى قائىدىمىزدە بولسۇن ياكى مىللى ئۆرىپ -ئادەتلىرىمىزدە بولسۇن قۇربانلىق مالنى سىرىرتتا سۇيدۇردىغان ، ھەم بازاردىن تەييار گۆش ئەكىرىپ قۇربانلىق ئورنىدا ئىستىمال قىلدىغان ئىش يوق ئىدى ، بىزنىڭ بۇ ئەن -ئەنىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بىرى مەيلى ئىتقاد جەھەتتىن بولسۇن ياكى مىللى ئۆرىپ -ئادەتلىرىمىز جەھەتتىن بولسۇن قىلچە ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى . شۇنىڭ ئۆچۈن رايۇنىمىزدىكى مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنى ئىتقادى ،ھەم دىنغا ئىتقاد قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئۆرىپ -ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ، دۆۋلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نەچچە كۈنلۈك ھېيت -بايرام مەزگىلىدە بولسىمۇ ، ھەرقايسى چارۋا مال بازارلىرىغا بولغان نازارەتنى قاتتىق كۈچەيتىپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆي قۇشلىرى ھەم ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆز ئالدىغا سويۇپ يىيشىگە شارائىت يارتىپ بىرىلسە دىگەن ئۆمۈتتە قاملاشمىسىمۇ بۇ ئىلتىماسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى ھەر -بىر پۇخرانىڭ ، ھۆكىمەت خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى ،ھەم ھۆكىمەت خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىش مەجبۇريىتى بار . تەكلىبىم توغرا دەپ قارالسا يۇقۇردىكى ئۇختۇرۇش مەزمۇنلىرىغا تۈزتۈش كىرگۈزۈپ قويشىڭلارنى ، خاتا دەپ قارالسا چىرايلىق چۈشەندۈرۈش بىرشىڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن .
مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش:http://www.nur.cn/news/2013/05/120643.shtml
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا <<ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆز ئالدىغا قاسساپچىلىق قىلىشنى چەكلەش ئۇقتۇرۇشى>> نى تارقىتىپ، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا سويۇش، شەھەر رايونىدا شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىسىز ئۆيدە توخۇ، ئۆردەك، توشقان، قوي قاتارلىقلارنى بېقىشنى چەكلەشنى بەلگىلەندى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر رايونىدا ئۆز ئالدىغا قاسساپچىلىق قىلىشنى چەكلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسىنىڭ ئىجازەتنامە ئالمىغان ئەھۋالدا قوي-كالا سويۇش، سېتىش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيىت-بايرىمىدا رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوي-كالا سويۇش ئورۇنلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ، ئاممىغا ئۇقتۇرىدىكەن.
|
|