قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1144|ئىنكاس: 4

بالىلارنىڭ دەرستە چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 19:16:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور مۇستاپا ئەبۇ سەئد
بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالماسلىق ۋە سىنىپ كۆچەلمەسلىك مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك ؟
   بالىنى پىسخىك جەھەتتىن جىددى قۇتقۇزۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بالىنىڭ جىسمانىي جاراھەتلىرى مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ساقىيىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھىي ۋە مەنىۋىي جاراھەتلىرى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. روھىي چۈشكۈنلۈك بالىنىڭ نۇرغۇن ئىشلاردا مەغلۇپ بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىمىزنىڭ دەسلەپكى روھىي ۋە مەنىۋىي جاراھەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قۇتقۇزۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.
    كۆپىنچە ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن قاقشايدۇ.
ۋە قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
   بالىلار ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى دەسلەپكى قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟
    تۆۋەندە بۇ ھەقتە 5 تۇرلۈك ھەل قىلىش چارىسىنى بايان قىلىمىز:
    بىرىنجى: ئۇنىڭ دېققىتىنى مەغلۇبىيەت ھەققىدە ئويلىنىشتىن بۇرىۋىېتىڭ.
     مەغلۇبىيەت ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ ئورنىغا، قانداق قىلغاندا مۇشۇ مەغلۇبىيەتنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىزدىنىڭ. ئۇنىڭدىن بۇ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ۋە قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ.
    بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ ئۇسۇلنى قوللانماي، بالىغا، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە سەن ئۆزەڭ سەۋەپچى، چۈنكى سەن دەرس تەكرار قىلمىغان، ئويۇنغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. تېلۋۇزۇرنىڭ ئالدىدىن قوپمىغان، دېسەك ئۇ چاغدا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىمىز.
بالىنىڭ دېققىتىنى بۇ غەم ئەندىشىدىن بۇرىۋېتىشكە ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىش كېرەك.
مۇنداق دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ:
بالام، سەن ئۆزەڭ دەپ باققىن قانداق قىلغاندا بۇ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن ؟
مەن بىلىمەن سەن چوقۇم بۇ ئىشىنى قىلالايسەن. كەل بالام، بىرلىكتە بۇنداق مەغلۇبىيەتنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن قانداق قىلساق بولىدۇ، بۇ ھەقتە بىرلىكتە ئىزدىنەيلى. دەپ بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا جانلاندۇرۇىشىمىز كېرەك.
     ئىككىنجى: ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. بۇ ئارتۇقچىلىقلار ئۇنىڭ ئۆزىدە ياكى ساۋاقداشلىرىدا بولسۇن ھەممىنى ئەسلىتىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بۇ مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرىشىغا يول كۆرسىتىپ بېرىمىز.
     بالام، سېنىڭ خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىقلىرىڭ بار، ساۋاقداشلىرىڭمۇ خېلى ئىقتىدارلىق، ئۇلار ساڭا ياردەم قىلىدۇ، دەپ بالىنى مەغلۇبيىتى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشتىن ساقلاپ غەلبە تەرەپكە ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ. بالام، سەن نەچچە قېتىم ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن ئىدىڭ، ئالدىنقى قېتىممۇ بەزى دەرسلەردە ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساڭمۇ كىيىن تىرىشىپ ئۆتۈپ كەتكەن. سەن بۇ قېتىم يەنە تىرىشساڭ چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيسەن، چۈنكى سېنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىڭ يۇقىرى. دەپ رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مانا بۇ دەسلەپكى قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى.
     ئۈچىنجى: بالىلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈش
     بالام سەن بۇ مۈشكىلاتتىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيسەن. مانا بۇ پىلان لايىھە، كەل، بىللە ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشەيلى ۋە كېلىشەيلى. ئالدى بىلەن ئىشنى ئائىلىدىن باشلايلى. قانداق ۋاستىلەرنى قوللانساق بىز چوقۇم غەلبە قىلالايمىز؟ بىز بۇنى بەلگىلىۋالايلى. مەسىلەن: كۈندىلىك پائالىيەت جەدۋىلى تۈزۈش، ساياھەتكە چىقىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، زىيارەت ۋە ئۇچرىشىشلارنى تەرتىپكە سېلىش ۋە باشقا پائالىيەتلەر. بىز بۇ ئىشلارنى پىلانلىق ۋاقتىدا قىلىشقا كېلىشەيلى. ئېمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىككە سەۋەب بولغان ئامىللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زىيارەتلەر سانىنى كېمەيتىمىز، باغچىغا پەقەت ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىلا بارىمىز. ۋاقىت جەدۋىلى تۈزىمىز. دەم ئېلىش كۈنلىرى پائالىيەتلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىمىز. سىرتقا ئاز چىقىمىز، دەپ كېلىشىم تۈزىمىز. كەل بالام بىز بۇ پىلان لايىھەسىنى بىرلىكتە تۈزەيلى. ئالدى بىلەن سەن ئويلىغانلىرىڭنى دېگىن. پىلان سەن دېگەندەك بولسۇن دەپ بالىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىز بىلدۈرىشىمىز لازىم. بالىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىلانلىرىنى بىر بىرلەپ خاتىرلەپ ماڭىمىز - دە ئاخىرىدا مۇكەممەل ھەممە ماقۇل كەلگەن بىر كېلىشىم تەييار بولىدۇ.
     ئىككىنجى قەدەمدە دوستلار بىلەن بولغان ئالاقە ھەققىدە كېلىشىم تۈزىمىز. چۈنكى ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى تىرىشچان ئۇلار بىلەن دەرس مۇزاكىرە قىلسا بالىنىڭ ئۆگىنىش ئىشلىرى ئاسان بولۇپ كېتىدۇ. شۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىلارنىڭ ئۆز - ئارا دەرس مۇزاكىرە قىلىشىنى ۋە ئۇلارغا سىرىتتىن كۆز - قۇلاق بولۇشنى تاپىلايمىز. ھەم بالىنىڭ ساۋاقداشلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويمىز.
     يەنە ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ مەلۇم نۇقتىلاردا كېلىشىمىز. ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىمىز. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار بالىنىڭ ئوقۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش بالىلارنىڭ تەربىيىسى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرى، پىكىر - تەكلىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش قىلىش لازىم. جەمىيەتنىڭ ئائىلە، مەكتەپ، مەسجىد ۋە تەربىيە مەركەزلىرى قاتارلىق تەربىيە ئورگانلىرى بالىلارنى تەربىيىلەشتە ھەمكارلىشىشى كېرەك. چۈنكى بۇلاردىن ھېچ بىرى باشقىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. يەنە ھەر خىل مەتبۇئات ۋاستىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ ئۇلاردىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پروگراممىلار بىلەن بىللە تەربىيە پروگراممىلىرىنىمۇ تارقىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.
     تۆتىنجى:مەغلۇبىيەتنى ھىممەتكە، ئىرادىگە ۋە غەلبىگە ئۆزگەرتىمىز.
     قانداق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن بالىنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆتۈرۈش كېرەك. شۇنداق . بالا يېقىلدى، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش كېرەك. سەن سېنىپ كۆچەلمىدىڭ قالدۇق دەپ ئەيىپلىمەستىن قانداق قىلغاندا قايتا قالدۇق بولۇپ قالماسلىقىنىڭ چارىسىنى قىلىش ۋە شۇنىڭ يولىنى كۆرسىتىش كېرەك.
     مەسىلەن: بالىڭىز بىلەن ئادەم كۆپ بازاردا كېتىۋاتقاندا بالىڭىز يېقىلىپ چۈشسە قانداق قىلىسىز؟ ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلىشڭىز مۇمكىن، بىرى، نېمىشقا ئاۋايلاپ ماڭمايسەن؟ سەن ئۆزەڭ يېقىلىپ چۈشكەندىن ئۆزەڭ تۇر، دەيسىز. نەتىجىدە ئۇنى باشقىلار دەسسەپ تاشلايدۇ. يەنە بىرى ھەر قانداق بىر ئاقىل ئىجابىي قارىشى بار ئادەم قىلىدىغان ئىش، دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزىسىز. جىددى قۇتقۇزىسىز.
شۇنىڭدەك باشقا ئىشلاردىمۇ ئۇنى دەرھال قۇتقۇزۇپ ، مەغلۇبىيىتىنى غەلبىگە ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىشىمىز لازىم.
     دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فىزىكا ئالىمى ئېنىشتىيىن مەكتەپتە فىزىكا دەرسىدە ئېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن. باشقىلار ئۇنى قالدۇق ۋە دۆت دەپ ئەيىپلىگەن. لىكىن ئۇ بۇنىڭغا تەن بەرمەي قاتتىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى زور كەشپىياتچى بولغان.
      چۈمۈلىنى مىسالغا ئالايلى: ئۇ شۇنداق تىرىشچان بولۇپ بىر ئىشتىن ھەرگىز يانمايدۇ. بىر تال بۇغداينى بىر جايدىن بىر سانتا بولسىمۇ يۆتكەشكە تىرىشىدۇ. نەچچە سائەت ۋاقىت كەتسىمۇ بوشاشمايدۇ. ھەر قېتىم كۆتۈرگەندە يەرگە چۈشۈپ كەتسە يەنە كۆتۈرىدۇ. يەنە چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنە كۆتۈرۈدۇ. زېرىكمەيدۇ. چۈمۈلىنىڭ قانۇنىدا تىرىشقىن يەنە تىرىشقىن قايتا - قايتا تىرىشىش ئۆگىنىشنىڭ يولىدۇر دەيدىغان پرنسىپ بار. بالىغا غەلبىنىڭ يوللىرىنى چۇشەندۇرۇش كېرەك. بالام، ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ھاياتىدا ئەڭ كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان كىشىلەر. سەن ھەرگىز ئۈمىتسىزلەنمە. ھەممە ئادەم مەغلۇبىيەتكە دۇچ كېلىدۇ. لىكىن مەغلۇپ بولغانلىققا تەن بەرمەسلىك لازىم دەيمىز.
بالا بىر پەندىن قالغان بولسا ئۇ پەننى قايتا ئوقۇغاندا ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئېمتىھاندىن ئۆتۈشى مۈمكىن.
     بەشىنجى:بالىنىڭ ئىېمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن خەۋېرىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا غەزەپلەنمەڭ، بەلكى تەبەسسۇم بىلەن بالىنىڭ كۆڭلىنى ياساڭ.
    سىزنىڭ تەبەسسۇمىڭىز بالا بىلەن ئوتتۇرىڭىزدىكى نۇرغۇن توسالغۇلارنى يوقىتىدۇ. غەزەپلەنسڭىز جاراھىتىگە تۇز سەپكەندەك بولۇپ ئۇنى تېخىمۇ روھىي چۈشكۈنلۈك بېسىۋالىدۇ.
     ئېمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن بالىنىڭ كۆڭلى بىئارام بولغاندا ئۇنىڭغا مۇلايىملىق ۋە ئاتىلىق مېھرى بىلەن تەسەللىي بېرىش كېرەك.
    بالىنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم ئۇنى قانداق قىلىپ كۈلدۈرۈشنى بىلىدۇ. ئامال قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بالا ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسە بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىغىلى بولىدۇ.

     مەنبە :http://bbs.merifet.net/read.php?tid=4089
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

0

تېما

0

دوست

35

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  677
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 23:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پايدىلانسام بولغۇدەك ، رەھمەت سىزگە .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 23:40:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق پىسخىكا بىلىمىكەن ،رەھمەت سىزگە

18

تېما

0

دوست

7435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1071
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 14:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ئادەتتە بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمىز، لېكىن يەنىلا مۇھەببەتكە تويۇندۇرغانغا يەتمەيدۇ.

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 15:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان مەزمۇنلار بىلەن قاراڭغۇلۇقتا قالغان دىللارنى يۇرۇتقىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )