قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2574|ئىنكاس: 30

ئۆي بېزەش توختىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20428
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 10:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ مېنىڭ باغداشقا رەسمى ئەزا بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى سوۋغام (ئىلگىرى زىيارەتچى ئەزا ئىدىم)، ھەمكارلىقتا ئىشلىنىدىغان ھەرقانداق ئىشتا ياخشى بىر توختامنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر، خۇددى «ھىسابلىق دوست ئايرىلماس» دىگەندەك. يېقىندا ئۆي بېزىتىش جەريانىدا ئۆلچەملىك توختام نۇسخىسى تاپالماي بەك ئاۋارە بولدۇم، ئاخىرى بۇ توختامنى توردىكى بىر قەدەر ياخشى توختاملاردىن يۇغۇرۇپ، ئۆزەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن رەتلىدىم. مېنىڭچە خېلى مۇكەممەل بولدى. كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ ئىشلىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.
ئۆي بېزەش توختىمى

بېزەتكۈچى (ئا تەرەپ):
بېزىگۈچى (ب تەرەپ):
ئا ب تەرەپلەر مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئا تەرەپ ئۆيىنى ب تەرەپكە بېزىتىشنى قارار قىلدى. بېزەشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلىرى ئاساسىدا بۇ توختام تۈزۈلدى.
1- ماددا: بېزەش ئەھۋالى
1، بېزىلىدىغان ئۆينىڭ ئادرىسى:
2، ئۆينىڭ كۆلىمى ㎡ 116، بېزىلىدىغان كۆلەم ㎡94 .
3، بېزەش مەزمۇنى: ئا تەرەپ مېھمانخانا، ياتاق ئۆيلەر، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنىڭ بېزەش لاھىيەسىنى ب تەرەپكە تەمىنلەيدۇ. (1- قوشۇمچە يازمىچە بېزەش لاھىيەسى ۋە رەسىم)
4، ھۆددىگەرلىك شەكلى: ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىش ۋە ماتىرىيالنى ھۆددىگە بېرىپ (包工包料) ئاچقۇچنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
5، بېزەش مۇددىتى: ب تەرەپ بېزەشنى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 25- كۈنى باشلاپ، 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ياغاچچىلىق ئىشىنى تۈگىتىدۇ؛ 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى سىرچىلىق ئىشىنى باشلاپ 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تاماملاپ ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئا تەرەپكە تاپشۇرىدۇ.
2- ماددا: ھۆددىگە بېرىش پۇلى
ئۆينى بېزەشنى ھۆددىگە بېرىش جەمئىي پۇلى 60000 (ئاتمىش مىڭ) سوم بولۇپ، خارەتنىڭ ئىش ھەققى، ياغاچ ماتىرىيالى سېتىۋېلىش ھەققى، ياغاچنى ئويغۇزۇش ھەققى، سىر سېتىۋېلىش ھەققى، سىرچى ئۇستىنىڭ ئىش ھەققى، مىخ، شىلىم ۋە باشقا كېرەكلىك ماتىرىياللارنىڭ پۇلىنى تەپسىلىي تىزىملىك تۇرغۇزۇلىدۇ. (2- قوشۇمچە)
3- ماددا: سۈپەت تەلىپى
1، بېزەشكە ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ماتىرىياللارنى ماركىسى، ئۆلچىمى، باھاسىغا ۋە ئا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تاللاپ سېتىۋالىدۇ.
2،  بېزەش جەريانىدا ب تەرەپ ئۆز خاھىشى بويىچە ئا تەرەپ تەمىنلىگەن بېزەش لايىھەسىنى ئۆزگەرتسە، ئۆزگەرتىشكە كەتكەن ماتىرىيال ۋە ئىش ھەققىنى ب تەرەپ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. ناۋادا بېزىش لايىھەسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ئۆزگەرتسە، ئۆزگەرتىشكە كېتىدىغان ئارتۇق ماتىرىيال ۋە ئىش ھەققىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بېكىتىپ، تولۇقلىما توختام تۈزۈلىدۇ.
3، ب تەرەپ ئىشلەتكەن ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بېزەش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى ب تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئا تەرەپمۇ ئۆزى سېتىۋالغان ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدىن كېلىپ چىققان سۈپەت مەسىلىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4- ماددا: ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش
1، ئا تەرەپ ب تەرەپ بىلەن بىللە سېتىۋېلىشقا كېلىشكەن ماتىرىياللاردىن سىرت، ب تەرەپ سېتىۋالىدىغان ماتىرىياللارنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باھا ۋە سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە سېتىۋېلىشى، سېتىۋالغان ھەر بىر تۈرلۈك ماتىرىيالنىڭ سېتىۋالغان دۇكان ئادرىسى، ماتىرىيال نامى، ماركىسى، باھاسى قاتارلىقلارنى تىزىملاپ ئا تەرەپكە كۆرسىتىشى كېرەك (3- قوشۇمچە). ب تەرەپ ھەرقانداق شارائىتتا ئا تەرەپنىڭ ماتىرىياللىرىنى ئا تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا كىشىلەرگە ئارىيەت بېرىشكە، بېرىۋېتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلمىش سادىر بولۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ياكى قۇرۇلۇش قەرەلىگە تەسىر يەتسە، ب تەرەپ ئا تەرەپكە ئىككى ھەسسە بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ.
2، ئا تەرەپ ئەگەر ب تەرەپ سېتىۋالغان ماتىرىيالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا، دەرھال بېزەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ۋە سۈپەتسىز ماتىرىيال ئىشلتىلگەن قىسمىنى ئېلىۋېتىپ سۈپەتلىك ماتىرىيال بىلەن قايتا بېزەيدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن بارلىق چىقىمنى ب تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىتمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەخىرقى قەرەلىگە قوشۇپ بېرىلمەيدۇ.  
3، بېزەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇددىتى   يىل بولۇپ، بېزىگۈچى مۇشۇ مۇددەت ئىچىدە كېلىپ چىققان سۈپەت مەسىلىگە مەسئۇل بولۇپ، رېمۇنت قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ.
5- ماددا: پۇل تۆلەش شەكلى
بېزەش باشلىنىشى بىلەنلا، ئا تەرەپ ب تەرەپكە ب تەرەپ سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك ماتىرىيال پۇلى ۋە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 20000 (يىگىرمە مىڭ) سوم بېرىدۇ. سىرچىلىق ئىشلىرى باشلانغاندا (2013- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى) ئا تەرەپ ب تەرەپكە يەنە 20000 (يىگىرمە مىڭ) سوم بېرىدۇ. قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئا تەرەپ ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالغان كۈنى (2013- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى) ئا تەرەپ ب تەرەپكە قالغان 20000 (يىگىرمە مىڭ) سومنى بېرىدۇ. ئەگەر ئا تەرەپ بېزەش ئىشىنىڭ مەلۇم قىسمىغا قارىتا رازى بولمىسا، ئۆينى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان كۈنى ئا تەرەپ 5000 (بەشمىڭ) سوم تۇتۇپ قېلىپ، ب تەرەپ ئىشنى ئوڭشاپ بەرگەندىن كېيىن بېرىدۇ.
6- ماددا: بېزەش قەرەلى
1، ئەگەر ب تەرەپ ئا تەرەپ بىلەن كېلىشمىگەن ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن بېزەش ئىشىنى مۇشۇ توختامنىڭ 1- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قەرەلدىن كېچىكتۈرسە، كېچىكتۈرگەن ھەر بىر كۈن ئۈچۈن، كېلىشكەن پۇل (60000 ئاتمىش مىڭ سوم) نىڭ %1 بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ئۈچۈن ئا تەرەپ تۇتۇپ قالىدۇ ۋە كېلىشكەن پۇل تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.
2، بېزەش داۋامىدا ئا ۋە ب ئىككى تەرەپ ماتىرىيال مەسىلىسىدە كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىش قەرەلىگە تەسىر يەتسە، ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك، زادى بولمىسا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، بېزەشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ئىككىلا تەرەپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
7- ماددا: باشقا ئىشلار
1، ئا تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1) ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئۆينى بېزەش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېزەش لاھىيەسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئا تەرەپ يەنە ئۆينىڭ سۇ، توك، پار، يېپىق يوللۇق تېلۋىزىيە، نۇركابىل سېخىمىسى ۋە ئۆزگەرتىش لاھىيەسىنى ب تەرەپكە تەمىنلىشى كېرەك.
2) بېزەش ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن، ئا تەرەپ ب تەرەپكە يۇقىرىقى قەرەل بويىچە كېلىشكەن پۇلنى بېرىشى كېرەك.
2، ب تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
1) ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن لايھە بويىچە بېزەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشى، ئۆي بېزەشكە چوقۇم سۈپەتلىك ماتىرىياللارنى ئىشلىتىشى، بېزەكچىلىكنى چوقۇم سۈپەتلىك قىلىشى، سۈپەتلىك سىرلىشى كېرەك.
2) ب تەرەپ ئا تەرەپ تەمىنلىگەن سۇ، توك، پار، يېپىق يوللۇق تېلۋىزىيە، نۇركابىل سېخىمىسىغا ئاساسەن، بېزەشتىن كېيىن بۇ ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشقا قولايلىق بولۇشىغا، ناۋادا بۇزۇلۇپ قالسا رىمۇنت قىلىشقا قولايلىق بولۇشىغا ھەم بېزەكلەرنىڭمۇ بۇزۇلماسلىقىغا ماس كېلىدىغان ھالدا بېزەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
3) بېزەش جەريانىدا بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى، ئوت ئاپىتى، يېقىلىپ چۈشۈش، يارىلىنىش ياكى باشقىلارنى يارىلاندۇرۇش ھادىسىلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بېزەش جەريانىدىكى بارلىق بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئا تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
8- ماددا: توختامنى بىكار قىلىش مەسئۇلىيىتى
توختام ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر قايسى تەرەپ توختامنى ئۆز مەيلىچە بىكار قىلسا، قارشى تەرەپكە مەزكۇر توختامدا كېلىشكەن ئومۇمى پۇل (60000 ئاتمىشمىڭ) سومنىڭ %5 ى بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدۇ، ھەمدە قارشى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنىنى ئىككى ھەسسە بويىچە تۆلەيدۇ.
9- ماددا: توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى
1، بۇ توختام ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ قول باسقان ھامان كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
2، بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ، ئا ۋە ب تەرەپ بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.

ئا تەرەپ (ئىمزا):

ب تەرەپ (ئىمزا):

ئىمزالانغان كۈن: 2013- يىلى   -ئاينىڭ    -كۈنى






1- قوشۇمچە يازمىچە بېزەش لاھىيەسى ۋە رەسىم




2- قوشۇمچە ئۆينى بېزەشنى ھۆددىگە بېرىش پۇلىنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى




3- قوشۇمچە ب تەرەپ سېتىۋالغان ماتىرىيال جەدۋىلى
ماتىرىيال ئىسمى
ماركىسى
باھاسى
دۇكان ئادرىسى
دۇكاندارنىڭ ئىمزاسى




































4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 508
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1698
توردىكى ۋاقتى: 664
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 11:15:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت ، چۈشۈرىۋالدىم .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

144

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20411
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 11:28:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلى يېزىلىپتۇ، ئا ، ب تەرەپ دىگەنلەرنى ئېنگىلىزچە چوڭ ھەرپ بىلەن يازسا بىر ئاز قولايلىق بولامۇ؟

10

تېما

8

دوست

4334

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 1234
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 11:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىرى چالا قاپتۇ  .       ئەگەر ‹ئا› تەرەپ كىلىشكەن ۋاقىتتا كىلىشكەن پۇلنى بىرىشنى كىچىكتۈرسە ‹ب› تەرەپ ئىشنى توختۇتۇپ قويۇشقا بولۇدۇ،توختۇتۇلغان ۋاقىت كىيىنكى مۇددەت ۋاقتىغا قوشۇلۇدۇ،ھەمدە (60000مىڭ سوم)نىڭ  ئۈچ پىرسەنتى بويىنچە كىچىكتۈرۈلگەن كۈنىگە قوشۇپ بىرىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

355

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   27.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ رەخمەت ، مەنمۇ يىقىندا ئوي بىزمەكچى ئىدىم، بۇ ماڭا تۇلىمۇ قىممىتى بار توختام بولدى .
‹ئا تەرەپ مېھمانخانا، ياتاق ئۆيلەر، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنىڭ بېزەش لاھىيەسىنى ب تەرەپكە تەمىنلەيدۇ. (1- قوشۇمچە يازمىچە بېزەش لاھىيەسى ۋە رەسىم)›  بولسا يازمىچە بىزەش لاھىيەسنى قانداق يازىدۇ ، رەسىمنى قانداق سىزىدۇ  دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ، مەن بۇ يىل 6-ئاينىڭ بىشىدىن باشلاپ ئوې بىزمەكچى ئىېدىم ، تازا بىشىم قىتۋاتىدۇ . بۇ جەھەتتە تەجىربىسى بار تورداشلارنىڭ يول كورسىتشىنى سەممى ئۇمۇت قىلىمەن .....

2

تېما

0

دوست

601

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9118
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختام بولىدىكەن،بىزنىڭ يىزىدا 30000سومغا كۆڭۆلدىكىدەك بىزىگىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

144

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20411
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 12:16:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا بەدەلمۇ تەڭ بولمايدۇ؟!

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20428
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 13:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qukkani يوللىغان ۋاقتى  2013-5-22 12:06
كوپ رەخمەت ، مەنمۇ يىقىندا ئوي بىزمەكچى ئىدىم، بۇ ماڭا  ...

بېزەش لاھىيەسى ھەر بىر ئېغىز بېزىلىدىغان ئۆيگە قارىتا تەلىپىڭىزنى، يەنى مىللىيچىمۇ، ئاسماق، ۋاسا جۈپ...، ئاشخانىنىڭ تورۇسىنى پ ۋ س بىلەن، ھاجەتخانىنىڭ تورۇسىنى ساڭ لوبان ياغاچ بىلەن... دىگەندەكلەرنى يازسىڭىز بولىدۇ، ياكى بۇلارنى يازماي، بىۋاستە دوستلىرىڭىزنىڭ ياكى تونۇش بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ ئۆيىدىكى سىزگە يارىغان لاھىيەنى سۈرەتكە تارتىپ تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ، رەسىمىنى قولدا سىزىشىڭىز ھاجەتسىز.

0

تېما

1

دوست

773

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17695
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 13:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6

تېما

1

دوست

908

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   81.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10539
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 163
توردىكى ۋاقتى: 101
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 13:23:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مەن بېزەكچى بولسام ئۆينىڭ پۇلىنى 3 كە بۆلۈپ يۈرمەي 2 گىلا بۆلۈپ ئالاتتىم. نېمىشقا دېسىڭىز سىز 100 كۇۋادرات مېتىرلىق ئۆينى بېزەش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتە ئاز دېگەندە پۇلنىڭ يېرىمىنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۆينىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش خىراجەتلىرىدىن قۇرۇلما ئۆزگەرتىش، چاقچۇق ، قۇم سېمونت توك يوللىرى پار قاتارلىق ئورۇنلارنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پۇلنىڭ 3 تەن بىر قىسمى ھېچنىمىگە دالدا بولمايدۇ. سىز ئۆينى بېزەپ 10 كۈن بولمايلا ئۆي ئىگىسىدىن پۇل سورىسىڭىز بەزى خېرىدارلار گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۆينىڭ بېزەك ھەققىنى ئىككىگىلا بۆلۈپ ئېلىش كېرەك. يەنى باشتا 70% نى ئاخىرىدا 30%نى (ئەگەر مەسىلە بولسا ئۆي ئىگىسى 30% پۇلدىن ئاز بىر قىسمىنى زاكالەت ئۈچۈن تۇتىۋالسا بولىدۇ.
توختامغۇ بەك ئىنچىكە تۈزۈلۈپتۇ، لېكىن بىزنىڭ مۇشۇ توختام بويىچە ئىش قىلىپ كېتىشىمىزگە كۆزۈم يەتمەيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )