شىنجاڭدا سۇلتان سەئىدخان خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى
ۋە جەمئىيەت ئەھۋەلى
1514 -يىلى تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 8 - ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان دوغلاد قەبىلىسىنىڭ 6 - ئەۋلاد باشلىقى ئابابەكرى دوغلادنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئىگىلىدى ۋە سەئىدىيە خانلىقىنى قۇردى ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستاننىڭ << چوڭ خانى >> دەپ ئېلان قىلدى: پايتەختى قەشقەر بولدى، ئۇزاق ئۆتمەي پايتەختىنى يەركەنگە يۆتكەپ، << يەركەن سەئىدىيە خانلىقى >> دەپ ئاتىدى.
1370 - يىللىرى ماۋرا ئوننەھرنى ئاساس قىلغان غەربىي ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن تۆمۈرىلەر خانلىقىنى چاغاتاي ھاكىمىيىتى دېگىلى بولمىغاندەك، شىنجاڭدا 1514 - يىلىدىن باشلانغان سەئىدىلەر خانلىقى ھاكىمىيىتىنىمۇ چاغاتاي ھاكىمىيىتى دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنى شىنجاڭنىڭ مىللىي ياكى يەرلىك ھاكىمىيىتى دېيىشكە بولىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى شىنجاڭ خەلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئۇيغۇرلارىدن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھاكىمىيەت شەكلىدىمۇ چاغاتاي - چىڭگىز ھاكىمىيەت شەكلىگە تامامەن ئوخشىمايدىغان مۇسۇلمان ھاكىمىيەت شەكلى تىكلىگەنىدى. سەئىدخان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 8 - ئەۋلادى بولۇپ، تامامەن ئۇيغۇرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسىگە تەئەللۇق بولۇپ كەتكەن ۋە ئىسلام ئېتىقادچىسىغا ئايلانغان ئادەم ئىدى.
14 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا كەلگەندە، چاغاتاي دۆلىتىنىڭ غەربىي تەرىپىدە - ماۋرا ئۇننەھر قىسمىدا تۈركىي ئەمىرلەرنىڭ يەنى مۇسۇلمانلار گۇرۇھىنىڭ تولۇق غەلبىگە ئېرىشكەنلىكى دۆلەتنىڭ شەرقىي تەرىپىدە - شىنجاڭ قىسمىدا موڭغۇل ئەمىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خانلىرىنى تەختكە چىقىرىش ئارزۇسىنى قوزغىدى. بۇ فېئودال پادىشاھلىق ئەنئەنىسى ئۆز رولىنى يوقاتمىغان دەۋرنىڭ تەلىپى ئىدى. ئىستىبىداتلىق ۋە تاكتىكىلىق خاراكتېرگە ئىگە بولغان بۇ دەۋر تەلىپىنى ئالدى بىلەن تارىختا 306 يىل ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن << ماڭلاي سۇيە >> ( ئەڭ ئالدنقى ۋىلايەت ) (1)، دوغلاد ( موڭغۇلچە << ئاقساق >> دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ ) ۋە تارىختا داڭلىق بولغان ئۇيغۇر ئەۋلادى بايدار خاننىڭ ئوغلى پولاتچى بەگ (2) قاتارلىقلار سېزىپ، ھەممىدىن بۇرۇن شىنجاڭدا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا، يەتتە سۇ، ئېلى ۋادىلىرىدا ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىدا ئەمەلگە ئاشۇردى. پولاتچى بەگ بەگلەرنىڭ بېگى دېگەن مەنىدە بولۇپ، شۇ چاغدا شىنجاڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگ ئىدى. شەرقتە تېزلىكتە بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەت تىكلىسە، غەرىبتىكى مۇسۇلمان خانلىرى بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئۇ چاغاتاي خانلىرىدىن بىرى بولغان توۋاخاننىڭ ئوغلى ئىمىل خوجىنى ( شەرق مۇسۇلمان تارىخچىلىرى ئىمام خوجا دەپ ئاتىشىدۇ ) بۇخارادىن ئېلىپ كېلىپ، چاغاتاي خانلىقى ۋە دوغلاد خانلىقىغا تەۋە چوڭ ئەمەلدار، ئاقساقاللارنى << ئالمالىق >> قا يىغىپ، تۈركىي خەلقلەر ئەنئەنىسى بويىچە ئىمىل خوجىنى ئاق كىگىزدە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا << بەيئەت >> قىلدى. نەتىجىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن ئېسەن بۇقاخان ئىككىنچى دېگەن ئۇنۋان بىلەن مەشھۇر بولغان ھۆكۈمرانغا ئايلاندى. ئەپسۇسكى ئۇ 1340 - يىلى دۇنيادىن ئۆتتى، شۇنىڭدن كېيىن شىنجاڭدا خانلىق تالىشىش كۆرىشى سەككىز يىل داۋام قىلدى. بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۇچۇن يەنە بولاچى بەگ 1348 - يىلى ئىمىل خوجىنىڭ ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرنى مۇزداۋان ئارقىلىق موڭغۇلىيىدىن ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا خان قىلىپ تىكلىدى، تۇغلۇق تۆمۈر بۇ چاغدا 18 ياشتا ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈر ھاكىمىيىتىنىڭ تۆتىنچى يىلى مەۋلانە ئەرشىدىن ئاتلىق ئىسلام ئالىمىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنى ھاكىمىيەت يۇرگۇزۇش ئۇچۇن زور قولايلىق ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە قىلدى.
تۇغلۇق تۆمۈر ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولاچى بەگنى بەگلىكلەرنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ئىنىلىرى قەمەرىددىن بەگ، شەمشىدىن بەگ ۋە شەيخ دۆلەت بەگلەرنى دۆلەت خىزمەتلىرىگە قويدى. تۇغلۇق تۆمۈر ئىستىداتلىق، باتۇر ئادەم ئىدى. ئۇ ئۆزىنڭ يۇقىرىقى ياردەمچىلىرىگە تايىنىپ، 1360 - يىللىرى غەرب ۋە شەرقنى بىرلىككە كەلتۇردى. بۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۈر دۆلىتىنىڭ چېگرىسى ئىچىگە قەدىمدىن تارتىپ مەدەنىيەت ئوچىغى بولۇپ كەلگەن ئېرتىش ۋە ئېمىلدىن تىيانشانغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيە كىرەتتى. بۇ جايلاردا كۆچمەن ئاھالىلەر ياشايتتى. بارتولدنىڭ كۆرسىتىشىچە، شىمالدىن جەنۇبقىچە، شەرقتىن غەربكىچە بولغان بۇ كەڭرى جايلارنى ئاتلىق يەتتە - ساككىز ئايدا ئاران مېڭىپ تۇگەتكىلى بولىدىكەن. بۇ چاغدا بالقاش كۆلى << كۆكچە دېڭىز >> دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ جوجى ئولۇسى بىلەن تۇغلۇق تۆمۈر دۆلىتىنىڭ چېگرىسى ئىدى.
بولاچى بەگ تۇغلۇق تۆمۈردىن بالدۇراق ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، تېخى يېشىغا تولمىغان ئوغلى خۇدايدات ئۇنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.
تۇغلۇق تۆمۈر 1362 - ، 1363 - يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ياش، مەغرۇر شاھزادە ئىلياس خوجا چىقتى. ئۇ ھەربىي جەھەتتە ياخشى تەلەم ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىياسىي - مەمۇرىي جەھەتتە دۆلەت باشقۇرۇش قابىليىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنىدى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان 1360 - يىلى ماۋرا ئۇننەھرنى تىنچلاندۇرۇغىلى بارغاندا، يىراقنى كۆزلەپ تۇغلۇق تۆمۈرخانغا ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇۋىلىپ، قاشقا دەريانىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۇزۇۋالغان ئەمىر تۆمۈر كورگان ( ئاسقاق تۆمۈر )، تۇغلۇق تۆمۈر خاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا ئىلياس خوجىنى ماۋرا ئوننەھردىن قوغلاپ چىقاردى. ئىلياس خوجا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، زور تەييارلىقلار بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى بىر قېتىم مەغلۇپ قىلدى، ئەمما ئۇ ۋاقىتلىق ھادىسە ئىدى، بۇ چاغلاردا ئەمىر تۆمۈر زور تىرىشچانلىق بىلەن كۈچ توپلاۋاتاتتى.
ئىلياس خوجا يۇقىرىقىدەك ئازراق غەلبىگە ئېرىشىش بىلەنلا تېخىمۇ مەغرۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ ئوردىدا سىياسىي ئىسلاھات يۇرگۇزۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ئادەملىرى - قەمەرىددىن بىلەن شەمشىدىننى ۋە دۆلەتنىڭ شاھ دوغلادلىرىنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. قەمەرىددىننىڭ ئورنىغا ناھايىتى ياش تەجىرىبىسىز خۇدايداتنى بەگلەر بېگى مەنسىپىگە چىقاردى.
ئىلياس خوجا بۇ قېتىمقى سىياسىي ئىسلاھاتتا دۆلەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي، مەمۇرىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن ئاساسلىق ئەربابلىرىنى ئىشتىن بوشىتىپ ، زور خەتەر يۇز بېرىش ئېھتىمالىنى پەيدا قىلدى. ئۇ بۇ قىلمىشى بىلەن بىرىنچىدىن، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچىراپ، خەلق نەزىرىدىن چۇشۇپ كەتكەن بولسا، ئىككىنچىدىن، تۇغلۇق تۆمۈر دۆلىتىنى بەرپا قىلىشتا ئاجايىپ كۇچ چىقارغان قەمەرىددىن باشلىق دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك غەزىبىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىلياس خوجا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا چىقارغان ئادەملەر ياش، تەجرىبىسىز بولغانلىقى ئۇچۇن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىدا كۈچلۈك زىدىيەت ئەۋج ئالدى. ئىلياس خوجا دۆلىتىدە پەيدا بولغان يۇقىرىقى ئىچكى، تاشقى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كېتىشى، ئىلياس خوجا ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتتى. نەتىجىدە قەمەرىددىن ھىجىرىيە 770 - يىلى ( مىلادى 1368 - يىلى ) ئىلياس خوجىنى يېڭىپ، 18 شاھزادىنى بىراقلا قەتل قىلدى. پەقەت خۇدايدات نارسىدە خىزىر خوجىنى قاچۇرۇۋېتىشكە مۇيەسسەر بولالىدى، قەمەرىددىن قاراشەھەردە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. 1369 - يىلى كۆرۇنۇشتە ئىچكى ئۇرۇش تۇگىگەندەك تۇراتتى. چۇنكى بۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى زور بىر سىياسىي كۇچ ئەمىر تۆمۈر كورگان مەيدانغا چىققانىدى. ئۇ 1369 - يىلى ماۋرا ئۇننەھر ئەمىرى ھۆسەيىننى يېڭىپ، پۇتۇن غەربىي تۈركىستان ۋە ئافغانىستانغىچە يېتىپ بېرىپ، 1370 - يىلى ئۆزىنى پۇتۇن ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇدا چىڭگىز خاندانلىقى - يۇەن سۇلالىسى يوقىتىلىپ، مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇۋاتاتتى. تۆمۈر جۇڭگو تېررىتورىيىسىدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، پۇتۇن جۇڭگونى بېسىۋېلىش پىلانىنى تۇزدى. بۇنىڭ ئۇچۇن ئالدى بىلەن قەمەرىددىن رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تۇغلۇق تۆمۈر دۆلىتىنى يۇتۇۋېلىش يولىغا كىردى. ئۇ 1370 - ، 1405 - يىللار ئارىلىقىدا شىنجاڭغا ناھايىتى زور كۆلەمدە بەش قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، قەمەرىددىننىڭ ۋە خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىقى نەتىجىسىدە شىنجاڭنى بېسىۋالالمىدى. ئەمما قەمەرىددىن زور مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەرگە دۇچ كەلدى.
ئاخىرى بار........
|