- تىزىملاتقان
- 2013-5-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 222
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
0%
|
شىنجاڭدا سۇلتان سەئىدخان خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى ۋە جەمئىيەت ئەھۋەل
بىشى ئوتكەن ساندا
مانا شۇ چاغلاردا قەشقەرنى سوراپ تۇرغان خۇدايدات دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە تاشقى دۈشمەن تۆمۈرگە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن، دادىسى بولاچى بەگ تۇغلۇق تۆمۈرنى قانداق تېپىپ كېلىپ تەختكە چىقىرىپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۇرگەن بولسا، بۇمۇ 26 ياشقا كىرگەن خىزىر خوجىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تەختكە ئولتۇرغۇزدى، 1389 - يىلى خىزىر خوجا خان دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ چاغدا تۆمۈر تېخى ھۇجۇمنى توختاتمىغانىدى.
بارتولدنىڭ بايان قىلىشىچە، 1390 - يىلى ئاقساق تۆمۈر ناھايىتى نۇرغۇن كۇچ توپلاپ، شىنجاڭنى پۇتۇنلەي بېسىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەن. بارتولدنىڭ << تارىخى رەشىدى >> دىن پاكىت كەلتۇرۇپ ئىسپاتلىشىچە، مۇشۇ قېتىمقى ئېرتىش بويىدا بولغان جەڭدە قەمەرىددىن ئورمان ئىچىگە كىرىپ كېتىپ غايىپ بولغان. ئەمىر تۆمۈر كوراگان شۇنىڭدىن كېيىن غەرب تەرەپتىكى ئۇرۇشلار بىلەن مەشغۇل بولۇزپ خىزىر زخوجىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىۋېلىشىغا دەخلى قىلالمىدى.
1397 - يىلى خىزىر خوجا تۆمۈرگە ئۆز ئوغلى شەمئىي جاھاننى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئەمىرتۆمۈر كوراگان ئەلچىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى تەۋەككۇل ئاغانى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ ئارزۇسى قوبۇل قىلىنىدۇ. تەۋەككۇل ئاغا تۆمۈر ئوردىسىدا << كىچىك خانىم >> دېگەن ئۇنۋان بىلەن ئۆتىدۇ. خىزىر خوجا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان يىللاردا تۆمۈر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورمال داۋاملاشتۇرىدۇ.
خىزىر خوجا 1399 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. پەرغانە ھۆكۈمدارى ئۆمەر شەيىخنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر خىزىر خوجىنىڭ تۆت ئوغلى - شەمئىي جاھان، مۇھەممەت ئوغلان، شىرئەلى، شاھ جاھانلار ئوتتۇرىسىدا ھاكىمىيەت تالىشىپ بولغان جىدەلدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا بېسىپ كىرىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
<< ئەمىر تۆمۈر كوراگان جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش ئۇچۇن چوڭ ھازىرلىق قىلىدۇ. مۇشۇ مەقسەت بىلەن 1404 - يىلى مۇغۇلىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ تېخى يېشىغا توشمىغان نەۋرىسى ئۇلۇغبەك باشچى قىلىپ تاشكەنىت ۋىلايىتىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ بېرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننى بولسا پەرغانە ۋىلايىتىگە بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ >>.
ماۋرا ئۇننەھرنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇلۇغبەك موغۇلىستاننى ئىگىلەش ئۇچۇن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى ۋەيسىخاننىڭ 1434 - يىلى ئۆلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، قەشقەرگە ساتۇقخاننى ئەۋەتىدۇ. ئەمما ساتۇق قەشقەر خەلقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن موغۇل ئەمىرلىرى ۋەيسىخاننىڭ ئىككى ئوغلى ( تېخى يېشىغا توشمىغان ) ئېسەن بۇقا بىلەن يۇنۇسخاننى ھاكىمىيەتكە چىقىرىشتا ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ ئاخىر ئىسەن بۇقا تەرەپدارلىرى ئۇستۇن كېلىپ يېڭىپ چىقىدۇ. بۇ ئىشقا قول تىققان ئۇلۇغبەك ئادەملىرى يۇنۇسخاننى ماۋرا ئۇننەھرگە
ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. يۇنۇسخان مەشھۇر تۆمۈر تارىخچىسى شەرەپىددىن يەزىدى قولىدا يەزىدىدە 12 يىل تەربىيىلىنىپ، ئاندىن پېرىسىيىگە
ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ پېرىسىيىدە17، 18 يىل تەربىيىلىنىدۇ. بۇنى تۆمۈر ئەۋلادى يىراق سىتىراتېگىيە ئۇچۇن مەقسەتلىك ھالدا قىلغانىدى.
ئېسەن بۇقا 1456 - يىلىغا كەلگەندە تۆمۈر ئەۋلادلىرى ئۇچۇن ئەنسىز قوشنىسىغا ئايلاندى. ئېسەن بۇقا بىلەن سۇلتان ئەبۇسەئىد ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە قېتىم جەڭ بولۇپ ئۆتتى. ئاخىر سۇلتان ئەبۇسەئىد ئېسەن بۇقىنى تىنچىتىش ئۇچۇن پېرسىيىدىن يۇنۇسخاننى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا يارەدم بەردى ۋە ئىبراھىم قاتارلىق قوماندانلارننى قوشۇپ، قوراللاندۇرۇپ، ئېسەن بۇقىغا قارشى ماڭغۇزدى. لېكىن ئۇلار ئېسەن بۇقىدىن يېڭىلىپ پەرغانە بىلەن يەتتەسۇ ئارلىقىدىكى ئەبۇسەئىد يۇنۇسخانغا ئىنئام قىلغان يەتتە كەنت ( چىتى كەنت ) كە كېلىپ ئورونلاشتى.
ئېسەن بۇقا 1462 - يىلى خانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى.
|
|