- تىزىملاتقان
- 2013-5-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 251
- نادىر
- 0
- يازما
- 23
ئۆسۈش
83.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا watan-qvxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-23 16:02
بويسۇندۇرۇش
يىگىت: سۆيۈملۈك قىزچاق، سىز شۇ قەدەر گۈزەل، چىرايلىق، مەن سىزنى بىر ئۆمۈر سۆيىمەن. شۇڭا سىزنى دەپ تولىمۇ يىراقلاردىن كەلدىم، توي قىلىشىمغا قوشۇلسىڭىزلا مەن بىر ئۆمۈر سىزگە قۇل بولۇپ ئۆتۈشكىمۇ رازى.
قىز : بولمايدۇ، ئىككىمىزنىڭ يولىمىز بىر ئەمەس.
يىگىت: ئۇنداقتا سىزنىڭ يولىڭىز تىكەنلىك بولسىمۇ شۇ يولدا سىزبىلەن مەڭگۈ يالاڭئايياق مېڭىشقا رازىمەن.
قىز: بولمايدۇ، مېنىڭ دەردىم تولا، تارتىپ بولالمايسىز....
يىگىت: مەن بىر ئۆمۈر سۈيىڭىزدە ئېقىپ ئوتىڭىزدا كۆيۈشكە تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
قىز : ئۇنداق قىلالماسسىزمىكىن.
يىگىت:جان پىدالىقىم بىلەن شۇنداق قىلىشقا قەسەم قىلىپ بىېرەي..................
قىز: مەن خوشنىمىزنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان،سىز بىلەن توي قىلسام ئۇنىڭغا قارىيالماسمەنمىكىن، ئۇنىڭ ئاچچىغى سەل يامان.ياۋايىرەك، قورقىدىكەنمەن.
يىگىت : خاتىرجەم بولۇڭ، مەندە ئۇنىڭ چارىسى بار، چاندۇرماي ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇشۇپ، ساياھەتكە تەكىلىپ قىلىپ، يېرىم يولدا ماشىنىسىنى تاغقا سوقۇپ كۆزدىن يوقىتىمەن.
قىز: ئۇنداقتا مەيلى ئەمسە، سىز بەك ئەقىللىق ھەم ياخشىكەنسىز.
1 يىلدىن كېيىن
ئايال : ئەركىشى، مىجەزىم يوق، دورا ئەكىرىپ بەرسىڭىز.
ئەر : سېنىڭ مىجەزىڭ بولمىسا مېنىڭمۇ ۋاقتىم يوق. پۇل بېرەي بىر ئامال قىلىپ ئۆزەڭ ئەكىرىپ يە.
2يىلدىن كېيىن
ئايال : دادىسى، بالىنىڭ تېنى قىززىپ قاپتۇ، دوختۇرغا ئاپىرىپ كەلسەك.
ئەر : بالىنى مەن ئاغرىتىپ قويۇوتىمەنما؟ ئۆزەڭ ياخشى باقالماي يەنە ماڭا داتلامسەن، ھۇ كالۋا.
3 يىلدىن كېيىن
ئايال : دادىسى،ئەمدى ئويۇن تاماشىنى سەل تاشلاپ ئائىلىگە ئانچە مۇنچە كۆڭۈل بۆلسىڭىز.
ئەر : نىمە دەيسەن پاسكىنا، ئەمدى قانداق قىلىپ بەرسەم بولىدۇ، مەن دېگەن ئەر كىشى، مەن ساڭا ئەمەس سەن ماڭا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك. ئارتۇق گەپ قىلماي جىم ئولتۇر.
4يىلدىن كېيىن
ئەر: ماڭ،بېرىپ ماڭا ھاراق تاماكا ئەپ كەل.
ئايال: مەن ھازىر ناماز ئوقۇپ چىقتىم،مېنى گۇناھقا شىرىك قىلماڭ.
ئەر: كىم سېنى مەندىن سورىماي ئىبادەت قىل دېدى، بىلىپ قوي سېنىڭ ئىگەڭمۇ مەن، خۇدايىڭمۇ مەن، مەن بولمىسام سەنمۇ بولمايتىڭ،مەندىن سورىماي ھەرقانداق ئىش قىلىشىڭغا رۇخسەت يوق.
5يىلدىن كېيىن
ئەر: ئۆينى پاكىزە تازىلا،ياخشى تاماق قىل، كەچتە سۆيگىنىم كېلىدۇ.
ئايال: نىمە؟ مەنچۇ؟ ئەجەبا مېنى ئەمدى مۇشۇنداقلا تاشلىۋېتەمسىز؟ مېنى بۇنچە ئازابلىماڭ.
ئەر : كىم سېنى تاشلىۋېتىمەن دەپتۇ، ئۆيگە يەنە خىزمەتچى كىرەك.
6يىلدىن كېيىن
ئەر: سەن قوتاننى رەتلەپ، ئۆزەڭگە ياتالغۇ قىلىپ ۋاقتىنچە شۇيەردە تۇرۇپ تۇر، يىراقتىكى قېرىنداشلىرىم قىيىنچىلىقتا قاپتۇ، بىزنىڭكىدە پاناھلىنىپ تۇرۇپ تۇرسۇن.
ئايال: ياق، بۇ ئۆي ئاتامدىن قالغان ، قېرىنداشلىرىڭىزغا باشقا جەھەتتىن ياردەم بېرەيلى. ئۆيىمىز تارچىلىق قىلىپ قلىدۇ.
ئەر: (ئايالنى قاتتىق دۇمبالىغاندىن كېيىن)، نىمە ئىتتىپاقسىزلىق قىلماقچىمۇ سەن، تارچىلىق قىلسا ئۆيدىن سەن چىق.بۇ ئۆي سېنىڭ بولغان بىلەن، بۇ دۇنيا بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ.
20 يىلدىن كېيىن
ئايال: بەرگەندىمەن نىمىشقا كۆڭۈل،
ۋىجدانسىزغا بۇ پاك قەلبىمنى............
........................................................
........................................................
قىز: ئانا ، نىمە ناخشىغا غىڭشىۋاتىسىز، نىمە بولدىڭىز؟ پەرىشان كۆرىنىسىزغۇ؟
ئايال: ھىچ نىمە. داداڭ ئەجەپ قىلىپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، بۇرۇنقى ۋەدىلىرىنى بىرسىمۇ يوق.
قىز: نىمە داۋاتىسىز ئانا، دادامدەك ياخشى ئادەم دۇنيادا يوق، قاراڭ،يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، تېلىۋىزور ، د ۋ د ئېلىپ بەردى، مىللىتىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتىۋاتقان، بەخىت يارىتىۋاتقان چولپانلارنىڭ، قۇياشلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىدىن كۈندە ھوزۇرلىنالايمىز.ئاچ قالمىدۇق، يالىڭاچ قالمىدۇق،نىمە كىيسەك،يىسەك گەپ قىلمايدىغۇ.قاراڭ قوشنىمىزغا، ھېلى تار كىيىم كېيىپسەن، ھېلى ناماز ئوقۇماپسەن،ھېلى خەقنى دوراپ يۈرىۋاپسە، ھېلى كىچىك تۇرۇپ مۇھاببەتلىشىۋاپسەن دەپ تىللاپ دەشنام قىلىپ، ئەركىنلىكىنى چەكلەپ باشقۇرۇپ كېتىشلىرىنى.شۇمۇ تۇرمۇش بولدىمۇ. ھازىر دېگەن قايسى دەۋىر،سىز دادامدىن ئاغرىنماڭ. دادام بەك ياخشى....................
ئەر : (گەپنى چالا بۇلا ئاڭلاپ سىرتىن كىرگەچ) : ياخشى قىزىم، سىزدىن تولىمۇ رازى بولدۇم، ئانىڭىز قېرىغانچە شۇنداق تۇز كور پەلىپەتىش بولۇپ قالغىلى تۇردى، بۇرۇنقى بىرنىمىلىرىنى قالغاندەك قىلىدۇ، رەسۋالىشىپ، سىز ئۇنىڭدىن دورىماڭ، مەڭ بۇ پۇللارنى ئېلىپ ئۆزىڭىز خالىغان كىيىملەرنى، نەرسىلەرنى ئېلىڭ.كىشىلەر مەندەك ياخشى دادىڭىزنىڭ بارلىقىنى ،سىزگە،ئائىلىمىزگە شۇ قەدەر كۆيۈنىدىغىنىنى بىلىپ قالسۇن.
ئايال: ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە............................
ھېكمەت-ئۇيغۇر
|
|