بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-23 20:11
بايدېن ئەمدى جۇڭگونى سېسىتتى
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋېن پىرزېنتى بايدېن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى پېنسلۋانىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە «جۇڭگو باشقىچە تەپەككۇر قىلغىلى بولمايدىغان ھەم ئەركىن نەپەس ئالغىلى بولمايدىغان دۆلەت » دېگەن. بايدېننىڭ بۇ سۆزى شۇ مەيداندىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.خوڭكوڭ « جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ 22-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مەزكۇر مەكتەپتىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىر پارچە خەت يېزىپ ، بايدېندىن ئوچۇق ئاشكارە ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان. 22-مايغا قەدەر 343ئادەم خەتكە ئىمزا قويغان. خەت ئاۋال پېنسلۋانىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىغا ئاندىن بايدېننىڭ ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈلگەن.
بايدېننىڭ ئەزەلدىنلا « زۇۋاندار» لىقى بىلەن داڭق چىقارغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەنگىلىيە « مۇھاپىزەت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، « بايدېننىڭ 13-مايدىكى نۇتقى ھازىرغا قەدەر يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن ئەڭ قىزىقارلىق نۇتۇق ھېساپلىنىدىكەن». بايدېن نۇتقىنىڭ « جۇڭگولۇقلار بىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىمىزنى تېتىپ كۆرۈشى كېرەك» دېگەن بۆلىكى ھەققىدە توختالغاندا : « جۇڭگودا مەسىلىلەر تاغدەك دۆۋىلەنگەن، بىزدە بار نۇرغۇن نەرسىلىلەر ئۇلاردا يوق. مەسىلەن : ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئادىل بولغان قانۇن سىستېمىسى ، ھاياتى كۈچكە تولغان خەۋىپلىك كاپىتال بازىرى ھەمدە تەپەككۇردە يېڭىلىق يارىتىش دېگەندەك. مانا بۇلاردىكى ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى باشقىچە تەپەككۇر قىلىش ئقتىدارىدۇر. سەن بىر دۆلەتتە تۇرۇپ باشقىچە تەپەككۇر قىلالمىساڭ، ئەركىن نەپەس ئالالمىساڭ ئۇ ھالدا سەن شۇ دۆلەتتە كونىراپ قېتىپ كەتكەن تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى كونا ئۇقۇملارغا جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆزۈڭدە ھازىرلمىغان بولىسەن . چۈنكى ، ئۆزگىرىش قېتىپ كەتكەن كونا ئۇقۇملارغا جەڭ ئېلان قىلىشتىن كېلىدۇ.» بايدېن نۇتقىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا 2011-يىلى 8-ئايدا جۇڭگوغا قىلغان 10كۈنلۈك زىيارىتىدىن مىسال كەلتۈرۈپ ، جۇڭگونى ئىككى قېتىم چىشلەپ تارىتقان.
خوڭكوڭ « جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پېنسلۋانىيە ئۇنۋېرسىتېتى ۋارتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى جاڭ فامىلىلىك جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى مۇنداق دېگەن: « مەن بايدېننىڭ مۇۋاپىق بولمىغان بۇ باھاسى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن. چۈنكى ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا 100لىگەن جۇڭگولۇققا قارىتىپ تۇرۇپ شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. بۇ مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق كەچمىش. ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقمۇ نېمىدەپ سېياسىيلاشتۇرىلىدۇ؟». جاڭنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن بايدېنغا بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ ، جاڭ شۇ خېتىدە « مېنىڭ ئەجداتلىرىمنىڭ كونىراپ قېتىپ كەتكەن تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى كونا ئۇقۇملارغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋاقتى سېنىڭ ئەجدادلىرىڭنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا كەلگەن ۋاقتىدىن بۇرۇن » دەپ رەددىيە بەرگەن. جاڭ يەنە بايدېننىڭ بۇ خىل باھاسىنى ئاشۇرىۋەتكەنلىك دەپ قاراپ مۇنداق دېگەن : « تۆت يىللىق جاپا-مۇشەققەتلىك ئوقۇشتىن كېيىنكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا بىرسى تۇيۇقسىز سىزگە مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ سىزنى ۋە دۆلىتىڭىزنى سېسىتسا سىزمۇ قانداقراق ھېسسىياتتا بولارسىزكىن؟».
بايدېن ئىشخانىسى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. « جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بايدېن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ تەنقىتكە ئۇچرىغان. ئۇ رۇسىيىدە زىيارەتتە بولغاندا « رۇسسىيە تۈگەشكەن دۆلەت » دېگەن.
http://news.ifeng.com/world/detail_2013_05/23/25611929_0.shtml |