- تىزىملاتقان
- 2013-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 473
- نادىر
- 0
- يازما
- 32
ئۆسۈش
86.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nirvana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-24 11:47
-بۆلۈم يىمىرىلگەن ئۇيغۇر جەمىيتى ۋە ئۇيغۇر ئىڭى
ماقالىڭىزدە سىز زادى نېمە دېمەكچى ؟ ئۇيغۇرلار يىمىرىلىپ كەتتىمۇ ؟ سىزنىڭمۇ مېڭىڭىز يۇيۇلۇپتۇ، ئەگەر بىر ئۆينى چاقماقچى بولۇپ، ئۇدۇل بېرىپ ئۆيىڭىزنى چاقىمەن دېسە،قارشىلىققا ئۇچىرايدۇ. شۇڭا «چېقىلىدۇ'دىگەن خەتنى يېزىپ قويۇپ، ئاردىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن چاقىدۇ، ئۇ چاغدا قارشلىق بولمايدۇ، سىز دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئاتالمىش «يىمىرىلىش»دىگەندەك سۆزلەرنى قىلۋەرسىڭىز، تەبىئىيلا بىر ئىشلارغا ھېسيات بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلاردا، ھە ئۇيغۇر جەمئىيتى يىمىرىلىدۇ دىگەندەك ئۇچۇر كېلىدۇ، بۇنداق ناچار ئۇچۇرلار كىشىنىڭ پىسخىكىسىدا «قىزىل پىلنى ئويلىماڭ»ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بۇ مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلارنىڭ مەقستىگە ۋاستلىك يېتشىگە ياردەم قىلىپ قالغان بولىسىز .
ئېسىڭىزدە بارمىكىن ، ئە. ئوسمان كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئەلكۈيى تورىدا ئېلان قىلدى. ئاشۇ ئۇيغۇرزادە بىراۋنىڭ دىنى ئېتقادىغا ھۇجۇم قىلىپ كاپىرغا چىقارغاندا ، غەرب ئەللىرىدە بۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر كاللىسى قايمۇققان بىرى غازات ئېلىپ بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولسا، باشقىلارنىڭ قاتىللىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن جىنايەت بىلەن جازاغا تارتىلىدۇ. ئاخىرىدا ئە ئوسمان قايتىپ كېلىپ ،ئۆزنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بايان قىلىپ ، ئاندىن مۇنازىرىنى باشلىغان چاغدا،تېمنى كىم ئۆچۈرگۈزىۋەتتى، باشقا بىرى ئەمەس دەل ئۇيغۇرزادە ئۆچۈرگۈزدى .
مەنمۇ يالقۇن روزىنى ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرىم بار .ئەگەر يالقۇن روزى ئۆزىنىڭ پ.تۇرسۇننى كاپىرغا چىقارغانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىغىدەك جۈرئەت پەيدا بولغنىدا، ئىشنىمەن ، ئۇيغۇر ئېدىئولوگيىسدە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەش بولىدۇ.
ئۇيغۇرزادىمۇ تىرىشچان ياشلارنىڭ بىرى .ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى مېنىڭمۇ ئۈلگەم. لېكىن، ئۇنىڭ ئويلانماي ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە يەڭگىلتەكلىك مىجەزى بار .بۇنى يېڭىپ كېتەلىسلا ، ئۇيغۇرزادىن يەنە ئۈمىد بار .
مېنىڭ«نېرۋانا»دىگەن تور ئىسمىمنى كۆرگەن بىرى، مېنى بۇددىستقا چىقىرىپ ئۈلگۈرۈپ بولدى. بەلكىم بىلىپ تۇرۇشنىڭ لەززىتىنى، بىلمەي تۇرۇپ تىللاشىنىڭ لەززىتىگە تەڭ قىلمايدىغانلار مېنى يەنە تىللاشقا ئۈلگۈرۈپ بولىدۇ.يەنە «بەشموچى»لارمۇ بار. مەن تور دۇنياسىدا تورنى ئەقىليلىك نۇقتىسدا كۈزىتىۋاتىمەن، كىمنىڭ «ئىشتانغا چىقىرىش ئويۇنى»ئويناۋاتقانلىقىمۇ ماڭا ئايان. شۇڭا مېنىڭ كىم بولۇشۇم ،ئۇلار تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەمەس .
مېنىڭ كۆز قارىشىم، بىراۋنى كاپىرغا چىقىرىش توختىسا، بولمىسا قارىغۇلارچە لوگىكىغا تايىنىپ ھۆكۈم چىقرىدىغانلار بولۇپ بېرىدۇ.
ئەگەر بىر ئۇيغۇر كاپىر بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن قوبۇل قىلىپ،يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورناپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇچۇرلار دەل ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. ئۇ كاپىر بولسا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى، ئەتراپىدىكى باشقا كىشلەر دەل ئىسلام كىملىكىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئەجىبا ئۇنىڭ كاپىر بولۇشى، ئۇلارغا زىيانكەشلىك يەتكۈزەمدۇ ؟ مەنچە ئۇنداق قىلمايدۇ، چۈنكى «كوللىكتىپ يوشۇرۇن»ئاڭ دەپ بىرنەرسە بار . ئۇ بەلكىم ئاللاھ ھەققىدە باشقىلارغا قارىغاندا ئويلانغۇچى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنىڭ كىچىكىدىن قوبۇل قىلغان دىننى ئۇچۇرلار ئۇنى ئۆزنىڭ ئېتقادى ھەققىدە ئويلىنىشقا تەبىئيلا باشلاپ بارىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى ئۇنىڭ روھىيتىدىكى بىر مۇھىم قىسىم ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇ مۇھىم قىسىم يوقاپ كەتسە، ئۇ ئېدىيسىكى ئەشۇ كەم قالغان ۋە مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان نەرسە ئۈچۈن ئىزدەنمەمدۇ ؟!
بىراۋ كاپىر بولىمەن دەپ بولىدىغان ئاسان ئىش نەدە ؟ ئۇنىڭ ئويىدىكى قانچىلىغان قېتىم تەكرارلىنىپ ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا كىرىپ بولغان ئۇچۇرلارنى نەدە ئاسان يوقاتقىلى بولىدۇ. |
|