- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
ئۆسۈش
100%
|
شەھىرىمىزنىڭ<<قىزىل تاغ يولى>>دا6-يانۋاركەچتىن7-يانۋارسەھەرگىچە ئىككى قېتىم ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەن بولۇپ،بۇئىككى قېتىملىق ئوت ئاپىتى مەشتكى ئوتنى ئۆچۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭ بىرى مۈشۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
<<قىزىل تاغ يولى>>بازىرىدىكى لىيۇ ئائىلىسىنىڭ كۆكتات دۇكىنىغا كەتكەن ئوتتا كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن.دۇكان خوجايىنىنىڭ دېيشىچە،6-يانۋار كەچ سائەت8:30لاردا ئۇئۆتىدە تاماق يەۋاتقاندا،بىر تونۇشىنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇئۆيىگە ئانچە يىراق بولمىغان دۇكىنىغا بارغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئەسلىدە كۆكتاتلارنىڭ تولاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ لىيۇ لىيەنشىڭ مەشتىكى ئوتنى ئۆچۈرمىگەن. بىر دوستى سەپەرگە چىقىدىغان بولغاچقا مۈشۈكنى لىيۇ يەنشېڭگە قاراپ قويۇشقا بەرگەن. مۆشۈك مەشنى ئۆرۈۋەتكەچكە، ئوت كەتكەنىكەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئوت ئاپىتىدە 3000يۇەندىن كۆپرەك زىيان بولغان.
<<قىزىل تاغ يولى>>8-نومۇر ئەتراپىدىكى بىر گازىر دۇكىنىغا7-يانۋار سەھەر سائەت1:30لاردا ئوت كېتىپ،يېنىدىكى ئىككى دۇكانغىمۇ تۇتاشقان. ئىگىلىنىشچە دۇكاندار دۇكاننى تاقىغاندا مەشتىكى ئوتنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئوت كەتكەن بولۇپ، ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلگەچكە زىيان چوڭ بولمىغان.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تور يۈزىگە يوللۇغۇچى:باغداش تورى
ئەسكەرتىش:كۆچۈرسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىڭ،ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ |
|