قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6945|ئىنكاس: 50

يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا 1960- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ ەققىدە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

9

دوست

1590

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 614
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 22:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-24 23:21  

يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا  1960 - يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپ ھەققىدە

ئەزىز ئەيسا (ئەلكۈن)


"تىل بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدىكى شەرتى ھېساپلانسا، يېزىق شۇ تىلنىڭ راۋاجلىنىش كاپالىتىدۇر"


سۆز بېشى


ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم تۈرداشلار، مەن يېقىندا باغدش تور سەھىپىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان "ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ " دېگەن تېمىدىكى سۇئال ۋە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى كۆردۇم. مەن شۇ ۋاقىتتا ئۇزەمدە بۇ ھەقتە كونا كىتاپلارنىڭ بارلىغىنى ئېسىمگە ئېلىپ، شۇ كىتاپلاردىكى مەزمۇنلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۇرۇشنى كوڭلۇمگە پۇكۇپ قويغان ئىدىم ئەمما بۇ ئىشنى قىلىش ئۆتكەنكى 2 - 3 ئايلاردىن بۇيان خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا نېسىپ بولمىدى. بۇ تەرپىنى سىلەرگىمۇ ئايان ئەلبەتتە - ھەمىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى  كوپ، ۋەزىپىمىز ئېغىر، بىر كىشلك خىزمەت ئالۋىڭىنى ئادا قىلىپ ئائىلىمىزنى باقمىساق بولمايدۇ، بالىللىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۇل بولمىسەك ھەم بولمايدۇ. خەلقىمىز كوڭۇل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگەقۇلاق  سالمىساق ھەم بولمايدۇ…."قىلمىساق بولمايدۇ..." لار  بىز ئۇچۇن كۆپ، ۋاقىت بىر- بىرىگە ئۇلاشماي  ئادىراشچانلىقتا ئۆتۇپ كېتىۋېرىدۇ…

ئارلىقتىن بىر مەزگىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەن بۇگۇن بۇ ھەقتىكى تېمىنى قاياتا كۆرگەندىن كېيىن قەتئىيلىك بىلەن قىممەتلىك 2 سائەت ۋاقتىمنى بۇ تېما ئۇستىدە سەرىپ قىلىشنى قارار قىلىپ، كىتاپخانەمدىن شۇ توغرىسىدىكى بىر كىتاپنى تېپىپ چىقتىم.

بۇ كىتاپ 1960- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىرقىلىنغان بولۇپ ئىسىمى "سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە ھەمكارلىغى ئۇچۇن كۈرەشەيلى". بۇ كىتاپنى مەن 1991- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدە ئوقۇش پۇتتۇرۇپ، خىزمەت تەقسىماتى كۈتۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كونا كۇتۇخانىسى ئارقىسىغا ئاق رەڭلىك 10 نەچچە قەۋەتلىك بىر ھەيۋەتلىك كۇتۇپخانا سېلىنىپ، ئىشقا كىرۇشتۇرۇلگەندىن كېيىن، بارلىق كىتاپالارنى شۇ كونا كۇتۇپخانىدىن بۇ يېڭى كۇتۇپخانىغا يۆتكىگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بارلىق "قىممىتى يوق كىتاپلار" دەپ قارالغان كىتاپلارنى 1 مۆچەندىن تۆكمە قىلىپ ساتقان. مەن شۇۋاقىتتا 1940- يىللىرى تاشكەنتتە بېسىلغان ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن تارتىپ 1980- يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە يېڭى يېزىقىدىكى كىتاپلاردىن بولۇپ، ئۆزەم قىممىتى بار دەپ قارىغان 100 نەچچە كىتاپنى تاللاپ سېتىۋالغانلىغىم ئېسىمدە. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىتاپلار مەن ئۇچۇن ئوقۇش پۇتتۇرۇشتىنمۇ كۆپىرەك بىر خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلغان، ئۆزەمنى بىر تېپىلماس بايلىققا ئىگە بولغاندەك ھېىس قىلغان ئىدىم.

مەن تۆۋەندە 1960- يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۇمەت رەئىسى ۋە جۇڭگۇ كوممنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تارمىقىنىڭ 2- سېكرىتارى بولۇپ خىزمەت قىلغان  سەيپىدىن ئەزىزنىڭ تەشەبۇسكارلىغى ۋە جۇڭگۇ ھۆكۇمەت باشلىقى جۇئېنلەينىڭ بىۋاستە كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئۆزگەرتىش توغرسىدا نەشىر قىلنغان كىتاپتىن قىسقىچە چۇشەنشە بەرمەكچىمەن.

مەزكۇر كىتاپتىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرلار 10- ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ 1000 يىللاردىن بۇيان قوللۇنۇپ كەلگەن ۋە بۇ يېزىق ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل نامايەندە ۋە جەۋەرلىرىنى ياراتقان ئۇيغۇرنىڭ ئاتا مىراس يېزىقىنىڭ قانداق بىر شارائىتتا، قانداق تەشەببۇسكارلىق، سەۋەپ ۋە تەشۋىقاتلار بىلەن 1960 - يىلىغا كەلگەندە خەن يېزىقىنىڭ فونتىكىلىق (پىن يىن) ئېلىپبەسىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ خەلقنىڭ رايىسىز مەجبۇر ئۆزگەرتىلگەنلىكى توغرسىدىكى   بولغان بىرتۇرلۇك تارىخىي ئارقا كۆرۇنۇشلۇك مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

1962- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بولغان 20 يىل داۋام قىلغان ئاتالمىش "مەينەت ئىنقىلاۋى" نىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ ئېلىپ بېرىلغان يېزىق ئوزگەرتىش ۋە يېزىقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كۈرۇشى  شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىنلا مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر خەلقى بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتى ئارقىلىق سۇننىي شەكىلدە ساۋاتسىز قالدۇرۇلدى، يۇز مىڭلارچە ئۇيغۇر ياشلىرى مەزكۇر يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاستە زىيانكەشلىگىگە ئۇچۇراپ قايتىدىن ساۋاتسىزلار قوشۇنىغا قوشۇلدى. پۇتۇن ئەۋلاد بويىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۆلچەرلىگۇسىز يوقتۇشلارنى ئېلىپ كەلدى. قىسقىسى بىر ئائىلىدە ئاتا بالىسىنىڭ يازغان خېتىنى تەرجىمانسىز  ئوقۇيالمايدىغان، بالا ئاتىسىنىڭ يازغان خېتىنى تەرجىمانسىز ئوقۇيالمايدىغان يېڭى تىپتىكى ساۋاتسىزلارنى يىتۇشتۇرگەن بۇ ئاتالمىش يېزىق ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ ئەلەملىك يارىسى خەلقىمىزنىڭ خاتىرىسىدىن تېخى كۆتۇرۇلمىدى. بۇ يېزىق ئۆزگەرتىش بالاسى تۇگىگەندىن كېيىنكى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقى قايتىدىن ئۆز ئەسلىگە كېلىش، گۇللۇنىش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا پەيىتتە "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ئىجات قىلىنىپ بوۋاقلاردىن باشلاپ خەن تىلى ئۆگۇنۇشكە مەجبۇرى قىلىندى ….

تارىخ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ ئۆتكەن كۇنلەردىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۇسىنى قانداق يارتىشىنى ئۆگۇتۇش مەقسىتىدە يېزىلغان بولىدۇ. جۇڭگۇنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك قانۇن - بەلگىلىمىللىرى بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىگىسى ھېساپلانغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل ۋە يېزىقى "يېزىق ئۆزگەرتىش" بالاسىدىن 20 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۇنكى كۈندە يەنە بىر قېتىم  - ماماتلىق قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئاي بۇ يىللاردا ئۆتكەنكى يېزىقىمىزنىڭ ئۆزگەرتىلىش تارىخىنى ئەسلەش، شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمايى ۋە سىياسى ۋەزىيەتلەرنى ئۆگۇنۇش، تەتقىق قىلىش بەدىلىگە كەلگۇسى ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىدا تولۇق قوللۇنۇلىشىدىكى قانۇنىي ئورنىنى قوغداش ۋە  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمايى ساھەلىردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇرۇش ۋە كەلگۇسى تەرەقىياتىغا قانداق بىر توغرا يول تېپىپ  چىقىش توغرسىد اچوڭقۇر ئويىلىنشىمىزغا ئېلىپ بارىدۇ ئەلبەتتە.  

ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ 1949- يىلىدىن كېيىنكى تەرەقىيات تارىخى ۋە كەلگۇسى تەقدىرى ئۇستىدە ئىزدىنىۋاتقانلار ئۇچۇن، بولۇپمۇ كەڭ ياشلىرىمىزغا ئاتا - ئانا ۋە بوۋىللىرىنىڭ بېشدىن ئۆتكۇزگەن ئەينى يىللاردىكى "مەدەنىيەت" يوقۇتۇش بالايى - ئاپەتلىك يىللاردا قانداق جىسمانىي، مانىۋىي  كۇلپەت ۋە كۈرەشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۇزگەنلىگىنى بىلدۇرۇشتىمۇ قىممەتلىك بىر تارىخ دەرسى بولالايدۇ دىگەن ئۈمۇتتىمەن.



كىتا توغرسىدا



كىتاپ ئىسىمى:


"سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل - يېزىقساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە ھەمكارلىغى ئۇچۇن كۈرەشەيلى".


كىتاپ ئىچىدىكى مەزمۇنلار :


بۇ كىتاپقا 1960- يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغان سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇللا زاكىروۋ (ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى: ئاپتونۇم رايولۇق ھۆكۇمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئسى ، تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ مۇدىرى)، ئەلقەم ئەختەم  (ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىپىسى: ئاپتونۇم رايونلۇق يېزىق ئۆزگەرتىش كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ) قاتارلىقلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۇرلىگى توغرسىدا يازغان ( يىغىنلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ) ۋە كىتاپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1959- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى بېسىلغان بىر پارچە باش ماقالىسى بېرىلگەن بولۇپ،  بۇ ماقالىلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىغى قەيىت قىلىنغان.

كىتاپ مۇندەرىجسى:


سەيپىدىن ئەزىزى:  سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپنىڭ تىل - يېزىق ساھەسىدىكى ئۇلۇغ غەلبىسى ئۇچۇن، مىلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىغى ۋە غەلبىسىى ئۇچۇن كۈرەشەيلى

ئابدۇللا زاكىروۋ:  يېزىق ئۆزگەرتىش ھەققىدە دوكلات

ئەلقەم ئەختەم:  يېڭى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى

شنجاڭ گېزىتىنىڭ 1959- يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى باش ماقالىسى:
ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىغىنى تۇپتىن ئۆزگەرتىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى  


كىتاپ ھەجىمى ۋە سانى: 147 بەتتىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، 5000 دانە بېسىلغان.
كىتاپ نۇمرى   MT9098.1  
كىتاپ باھاسى : 0.28 يۇئەن.
كىتاپنى نەشىر قىلغان ئورۇن ۋە ۋاقتى: شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇرۇمچى. 1960 - يىلى.



كىتاپتىكى مەزمۇنلاردىن قىسقىچە ئۈزۇندىلەر:



- "ئازادلىقتىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە  ماۋجۇشىنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە ئۇلۇغ خەنزۇ خەلقىنىڭ يېقىن ياردىمى ئارقىسىدا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە بولسۇن،  چوڭ تەرەقىياتلارغا ئىگە بولدى. بۇ چوڭ تەرەقىياتلا رمىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىق تەرەقىياتىنىمۇ ئالغا سۇردى"
-سەيپىدىن ئەزىزى. (2- بەت)

- " قوللۇنۇلۋاتقان يېزىقنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىغا مۇۋاپىق ئەمەسلىگى، ئۇنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆگۇنۇشكە قىيىنلىغى ھەممىگە مەلۇم..."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (2- بەت)

-"سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ۋە خەلق گوڭشېىلىرىنىڭ ئومۇلاشتۇرۇلۇشى نەتىنجىسىدىكى تەرەقىياتلار مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىغىنىڭمۇ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە. ئۇيغۇر، قازاق خەلقلىرىنىڭ  يېزىغى ئەندىكى يېڭى تەرەقىياتقا ماسلىشالماي قالدى. شۇڭا كونا يېزىقنى ئۆزگەرتىش، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇۋاپىق بولغان يېڭى يېزىقنى قوللۇنۇش خېلىدىن بىرى بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان مۇ ۋەزىپىلەردىن بىرى ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن مانا شۇ مۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىپ، يېڭى يېزىق لاھىيىسىنى، يەنى خەنزۇ تىلىنىڭ فونىتىكىلىق ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئۇيغۇر، قازاق يېڭى يېزىق لاھىيسىنى ئىشلەپ چىقتى."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (3- بەت)

- "بىزنىڭ مۇندىن كېيىنكى ۋەزىپىللىرىمىز  نىمە؟ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەشتىن بۇيان تەرەقىيات سۇرىتىمىز 10 يىل ئۆپچورىسىدە ئاساسىي سانائەت مەۇلاتلىرى بويىچە ئەنگلىيەگە يېتىشىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش…."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (3- بەت)

- "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىنى كۇچەيتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىپ كېتىش يولى بويلاپ تەرەققىي ئەتتۇرۇش ئۇچۇن تىل -يېزىق جەەتتىكى ئوز -ئارا يېقىنلىق ۋە ئورتاقلىقنى كۇچەيتىش مۇھىم شەرتتۇر… ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەقەت ئوز تىلى، ئەدەبىياتى بىلەنلا مەدەنىي - مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا يۇقۇرى تەرەقىياتقا ئەرىشەلمەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرشۇ ئەلدىكى كۆپ سانلىق ئىلغار مىللەتكە يولۇنۇشى، ئەگىشىشى كەرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەت كۆپ سانلىق ئىلغار مىللەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەنلا تەرەققىي قىلالايدۇ."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (3- بەت)

- "مىللەت كاپىتالىزىم دەۋرىدە يوقتىن بار بولغان بولسا، سوتسىيالىزىم دەۋرىدە يېڭى مەزمۇندىكى يېڭى مىللەتكە ئايلىنىدۇ، كوممۇنىزىمغا بارغاندا يوقۇلىدۇ."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (12- بەت)

- "جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ خەلقىغە بىرلىشىدۇ، خەنزۇ خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تىل - يېزىغى ھەممە ئۇچۇن ئورتاق خۇسۇسىيەت بولۇپ قالىدۇ. بۇ بولسا جەمىئيەت تەرەقىياتىنىڭ مۇقەررەر يۆلىنىشىدۇر."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (14- بەت)



- "ئاسمىلاتسىيە - بۇ ئەسلىدە بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر نەرسىگە قوشۇلۇپ كېتىشى دىگەن سۆز. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە بولسا، مىللەتلەرنىڭ چېتىلىپ، بىرلىشىپ، ئارلىشىپ كېتىشىگە ئېيتىلىدۇ. كاپىتالىستىك ئەللەردە چوڭ مىللەت ھۆكۇمىرانلىرىنىڭ كىچىك مىللەتلەرنى مەجبۇرى يوسۇندا ئاسمىلاتسىيە قىلىشى بار. بۇ مىللىي زۇلۇمنىڭ ئەڭ كۆرۇنەرلىك بەلگىسى. ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زادى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ مىللي خۇسۇسىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قەستەن چوڭ مىللەت بىلەن باراۋەر  ئىگە، ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولۇش  ھەم قابىلىيىتىگە ئىگە ئەمەس دەپ ھاقارەتلەيدۇ. شۇ مەقسىدىگە يېتىش ئۇچۇن ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئەكسىيەتچى نەزىريەلىرىنى تەشۋىق - تەرغىپ قىلىدۇ. مىللەتلەرنىڭ مىللي  - مىللي خۇسۇسىيەتلىرىنى مەجبۇرىيەت بىلەن يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ…"

-  سەيپىدىن ئەزىزى. (15 - 16- بەت)

- "مانا بۇ مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيەگە مەجبۇرى قىلىش ۋە تارىختىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۇمىرانلارنىڭ ئاسىمىلاتسىيەتۇرلىغى بولىدۇ ئەمما بۇنداق ئاسمىلاتسىيەتۇرلۇق ھەرقاچان،  ھەر يەردە مىللەتلەرنىڭ قەتئىي قارشىلىغىغا ئۇچۇراپ كەلدى. مىللەتلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىدە بۇنىڭغا قارشىلىق بار، بۇنداق ئاسمىلاتسىيە مىللىي ئىنقىلاپ تۇغدۇرغۇچى ئامىللارنىڭ بىرسى."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (16- بەت)



- "يەرلىك مىللەتچىلەر تىل مەسىلىسىدە مۇنۇ بىر نەچچە تۇرلۇك قارشىلىق بىلەن مەيدانغا چىقتى: ئۇنىڭ بىر خىلى خەنزۇ ئاتالغۇللىرىنى زادى ئالماسلىق. ئۇلار تىلنىڭ مىللىيلىغى يوقۇلۇپ كېتىدۇ، دەپ خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن دەرۋازىنى بېكىتىۋېلىش، خەنزۇ تىلىنى چەتكە قېقىش…."
-  سەيپىدىن ئەزىزى. (23- بەت)

- "جۇزۇڭلى كۆرسەتكەندەك: <<يېزىقنى ئۆزگەرتىش پۇتۇن خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر ئىش. ھۆكۇمەت بۇ ھەقتە  ئېھتىيات بىلەن ئىش ئېلىپ بارماقتا.>>"
-  ئابدۇللا زاكىروۋ. (81- بەت)

- "كونا يېزىقنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى يېزىق  قوللۇنۇش مۇددىتى:
بىز  ھەر جەھەتتىكى تەلەپ ۋە ئىمكانىيەتكە قاراپ، يېڭى يېزىق  سىناق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش مۇددىتىنى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە (1960- يىلىدىن 1962-يىلىنىڭ ياكى 1964- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە)  قىلىپ بەلگىلەشنى تەكلىپ قىلىمىز."
- ئابدۇللا زاكىروۋ. (82- بەت)

- " 1960 - 1961- ئوقۇش يىلىغا قوبۇل قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇر، قازاق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىللىرىغا يېڭى يېزىق بىلەن دەرىس ئۆتۇلۇدۇ."
-  ئابدۇللا زاكىروۋ. (85- بەت)

- "ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوز تىللىرىنى خەنزۇ تىلىدىن سۆز قوبۇل قىلىپ تولۇقلىشى ۋە بېيىتىشى ئۆبېكتىپ تەرەقىياتنىڭ مۇقەررەر ئومۇمى ئېقىمى."
-ئەلقەم ئەختەم.  (101- بەت)

- "تىل - يېزىق ساھەسىدە بۇرژۇئا تىلشۇناسلىق كۆز قارىشىدا بولغان بىر قىسىم زىيالىيلار خەنزۇ تىلىدىن مىللەتلەر تىللىرىغا سۆز قوبۇل قىلىشنى خالىماستىن ئۆز تىلىدىكى تۈپ سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى سۆز ئىجاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ."
-ئەلقەم ئەختەم.  (120- بەت)

- "ھەر قايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى سۆز - ئاتالغۇلارنى ھەر خىل قوللىنىپ كەلدى. مەسىلەن: بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا "ۋېيشىڭ"، ئۈرۈمچى شىنجاڭ گېزىتىدە "سۈنئىي ە"، قەشقەر گېزىتىدە "يەر يولدىشى"…."
-ئەلقەم ئەختەم.  (122- بەت)

- "بەزى كىشىلەر "مىللىي ئاسمىلاتسىيەگە قارشى تۇرۇش" نى بانا قىلىپ، خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئاساس قىلىشقا قارشى چىقتى. بۇ بۇرژۇئا مىللەتچىلىكىدۇر."
- شىنجاڭ گېزىتىنىڭ باش ماقالىسى  (144- بەت)




1960 يىللىرىدىكى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ مەسئۇللۇقى بىلەن  ئېلىپ بېرىلغان  يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا نەشر قىلىنغان كىتابتىن بىر قىسىم رەسىملىك كۆرۈنۈشلەر:






































25

تېما

9

دوست

8101

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  79
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1699
تۆھپە : 1314
توردىكى ۋاقتى: 967
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 23:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭىمۇ بىرى:«ئەينى چاغدا يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ماۋ زېدوڭ ئىدىيىسىنى ياخشى ئۆگۈنىش ئۈچۈن، چۈنكى نۇرغۇن خەنزۇچە سىياسىي ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر يېزىقىدا ئاتاشقا ئەپسىز بولۇپ قالغان، خەنزۇچە پىنيىن ئاساسىدا لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتسە شۇ سىياسىي ئاتالغۇلارنى ياخشىراق ئىپادىلىگىلى بولاتتى» دېگەن ئىدى.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

1

دوست

1066

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4475
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 320
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 23:57:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يىزىقنى ئۆزگەرتىمەن دىگۈچە ئاناڭلارنىڭ ئىمىنى ئۆزگەرتىڭلار دىگەن گىپى ئىسىمگە كىلىپ قالدى .  
  نۇرغۇن زىيالىيلار ھازىرقى يىزىق ، تىل مەسىلىسىگە ‹‹پادىشاھنىڭ يىڭى كىيىمى ›› دىگەندەك پوزىتسىيدە بولىۋاتىدۇ ،  بۇ كۈنلەر قاچاندىمۇ ئۆتۈپ كىتەر،ئاللاھ بۇيرىسا  بىزنىڭ باللىرىمىز ، نەۋرىلىرىمىز بولسىمۇ  ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىپ ياشىشى كىرەك !

25

تېما

2

دوست

1793

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 00:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ 1972-يىلى بېسىلغان ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ ئىملا لۇغىتىدىن بىرى بار، يۇپ يېڭى كىتاب.

25

تېما

2

دوست

1793

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 00:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ زاماندىكى چوڭاملىرىمىزنىڭ كاللىسى ئالامەت ئىشلەيدىكەندۇق-دە.

1

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20678
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 00:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز ئاجايىپ سىستىمىلىق، مەزمۇن تولۇق، تەھلىلىىڭىز ئورۇنلۇقكەن، ياخشى تىمىلىرىڭىز بولسا دۋامىلىق يوللاپ تۇراسىز.

2

تېما

0

دوست

86

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20496
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 00:39:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ياخشىسى   ئىنكاس كۈرەي    سوزلىمسەك  دەت تۇلا   سوزلىسەك قالپاق

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19556
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 01:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما قارشىمنىڭ توغرلىقنى ئسپاتلغاندەك قېلدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )